ھازىرقى بالىلار كارامەت (10)

يوللىغۇچى : Hechkim يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-08 20:47:34

سەن تېخى چۈشەنمەيسەنزەينەب:خېتىڭنى ئوقۇپ ھەم كۈلدۈم، ھەم بىئارام بولدۇم، ساۋاقدىشىڭ ھېكمەتكە ئىنتايىن ئېچىندىم. بىچارە قىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيمەن. ھېكمەتنىڭ ئاپىسى بىلە...



     

     
    سەن تېخى چۈشەنمەيسەن
     
     
     
    زەينەب:
     
    خېتىڭنى ئوقۇپ ھەم كۈلدۈم، ھەم بىئارام بولدۇم، ساۋاقدىشىڭ ھېكمەتكە ئىنتايىن ئېچىندىم. بىچارە قىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيمەن. ھېكمەتنىڭ ئاپىسى بىلەن دادىسىنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق ھالغا كەلگەنلىكىنى بىلسەڭ، ماڭا خەت يازارسەن.
     
    قىز ياكى ئوغۇل تۇغۇشنىڭ تەلەيدىن بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى زادى ئويلىماپتىكەنمەن. بۇ سوئالنى دادامدىن سورىدىم. ئۇلار ماڭا ئۇزۇن سۆزلەپ چۈشەندۈردى. خۇلاسە مۇنداق: ئىنسان پەقەت ئەر ۋە ئايال بىلەن بىر پۈتۈن گەۋدە بولىدۇ.
    - ناھايىتى ياخشى ئېيتتىڭ، دادا، ئايال بولۇشنى خالايتتىڭمۇ؟- دەپ سورىدىم مەن دادامدىن.
    دادام بىردىن ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ:
    - بۇ قانداق دېگەن ئەخلاقسىزلىق؟- دېدى سەل ئاچچىقلاپ.
     
    ئۇ گويا شۇنداق بىر ئېھتىماللىق باردەك، بۇ سوئالىمغا خاپا بولۇپ كەتتى.
     
    لېكىن، بۇ سوئالنى ئاپامدىن سورىغىنىمدا، ئۇ:
    - ئەر كىشى بولۇپ قالسامچۇ!- دېدى ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ.
     
    تۈنۈگۈن مۇئەللىمىمىز بىزنى مۇزېيغا ئېلىپ بارغانىدى. قايتىپ كېلىۋېتىپ بۇ سوئالنى ئۇنىڭدىن سورىدىم، مۇئەللىم كۈلۈپ تۇرۇپ:
    - بۇ گەپ قانداقچە ئەقلىڭگە كېلىپ قالدى؟- دېدى.
    مەن ئۇنىڭغا سېنىڭ خېتىڭدە يازغانلىرىڭنى قىسقىچە ئېيتىپ بەردىم.
    - بۇ سىلەر دېمەتلىكلەر سۆزلىشىدىغان ئىشلار ئەمەس،- دېدى مۇئەللىم.
     
    بۇ جاۋاب ئىچىمنى بەكلا پۇشۇردى. ئۇلار بىزنى ھېچ نەرسىنى چۈشەنمەيدۇ دەپ ئويلايدىغان ئوخشايدۇ.
     
    بىر كۈنى ئىنىم دادامدىن بىر ئىشنى سورىغانىدى، دادام:
    - سەن تېخى چۈشەنمەيسەن. چوڭ بولغاندا سورا،- دېدى.
    - مۇمكىن بولسا سەن چۈشەندۈرۈپ قويغىن، مەن ئۇنچىلىك دۆت بالىلاردىن ئەمەس،- دېدى ئىنىم دەرھاللا.
    دادام ئىنىمنىڭ بۇ گېپىنى ھازىرغىچە كۈلۈپ دەپ بېرىدۇ.
     
    نېمە ئۈچۈن ئۇلار بىزگە چۈشەندۈرۈپ قويماي، چۈشەنمەيسىلەر، دەپ گەپنى ئۈزۈۋېتىدۇ؟
     
    قارا، ئۆتكەندە قانداق ئىشلار بولغانلىقىنى سۆزلەپ بېرەي: ئاپام ئىنىمنى ئېلىپ بىر قوشنىمىزنىڭكىگە كىرىپتۇ. ئۇ يەردە قوشنا ئاياللار جەم بولۇپ قاپتىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر ھامىلىدار ئايال بار ئىكەن. لېكىن، ئۇ تۇغۇشنى خالىمايدىكەن. ئۇلار مانا شۇ ئىش ئۈستىدە پاراڭلىشىپ، ئۇ ئايالغا قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپتۇ. شۇ چاغدا ئىنىم ئاياللارنىڭ گەپ-سۆزلىرىگە قۇلاق سالماي، ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىدا ئۆزى يالغۇز ئويناۋېتىپتىكەن. بىر چاغدا ئاياللاردىن بىرى: "كىچىك بالىنىڭ يېنىدا بۇنداق گەپلەرنى قىلىشمايلى" دەپتۇ. يەنە بىر ئايال: "ۋىيەي، ئۇ تېخى نېمىنى بىلەتتى!" دەپتۇ. بۇ گەپتىن ئاچچىقى كەلگەن ئىنىم "مانا ئەمىسە" دېگەندەك، ئاياللارنىڭ قىلىشقان پاراڭلارنى پۈتۈن دىققىتى بىلەن بېرىلىپ ئاڭلاپتۇ. ئاياللار ئۆزلىرىچە بىر-بىرىگە: "بالا ئاڭلاپ قالىدۇ"، "تېخى كىچىك، ئەقلى يەتمەيدۇ..." دېيىشىپتۇ.
     
    ئىنىم ئۇلارنىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن پۇرسەت كۈتۈپ يۈرۈپتۇ.
     
    بىر كۈنى كېچىسى قوشنىلار بىزنىڭكىگە كىرگەنىدى، ئىنىم ئۇشتۇمتۇت قورسىقى يوغان بىر ئايالدىن:
    - ھامما، ھامىلىدار ئوخشىمامسىز؟- دەپ سورىماسمۇ!
    باشتا ئۆي ئىچى جىممىدە بولۇپ كەتتى، ئاندىن ھەممەيلەن پاراققىدە كۈلۈشتى.
    - شۇنداق، بالام،- دېدى ئۇ ئايال.
    - بالا تۇغامسىز؟- دەپ سورىدى ئىنىم يەنە.
     
    ئاپام بىلەن دادام بىر-بىرىگە قاراشتى. ئىنىم "چۈشەنمەيدۇ" دەپ سەل چاغلاپ يېنىدا قىلىشقان گەپ-سۆزلەرنى چۈشەنگەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن:
    - بىر ھاممام بار، ئۇمۇ ھامىلىدار، لېكىن ئۇ تۇغۇشنى خالىمايدىكەن،- دېدى، ئارقىدىنلا ئاپامدىن سورىدى،- شۇنداق ئەمەسمۇ، ئاپا؟
    ئاپام ھۈپپىدە قىزىرىپ كەتتى. ئەرلەر ئاپامنى ئوڭايسىز ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن گەپنى باشقا ياققا بۇراشتى. لېكىن، ئىنىم ئاياللاردىن ئاڭلىۋالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلەرمەنلەرچە ئېيتقىلى تۇردى.
    - بولدى ئەمدى، ئاغزىڭنى يۇم!- دېدى ئاپام ئاچچىقلاپ.
     
    لېكىن، ئىنىم گەپتىن توختايدىغاندەك ئەمەس. مېھمانلار ئەدەپ يۈزىسىدىن كۈلۈمسىرەپ جىم تۇرۇشتى. ئاخىر ئاپام ئۇنى قولىدىن سۆرەپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى. ئىنىم بولسا يىغلاپ تۇرۇپ گېپىنى قىلىۋەردى:
    - ھە، نېمە... چۈشەنمەيدۇ دەۋاتاتتىڭلارغۇ... ھەممىسىنى چۈشەندىم، چەشەنمەمدىكەنمەن؟- ئۇ ۋارقىراپ ئۆينى بېشىغا كىيدى.
     
    ئىچكىرىدىكى ئۆيدە ئىنىمنىڭ ئاۋازى بېسىلغاندا، ئاپام قايتىپ چىقتى.
     
    ھامىلىدار ئايالنىڭ ئېرى:
    - بۇ زاماننىڭ بالىلىرى يامان، ھەممىگە ئەقلى يېتىدۇ،- دېدى.
     
    مەن ئاستاغىنە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم. راستىنى ئېيتقاندا، ئىنىمنىڭ ئاغزىغا كەلگىنىنى دېگىنىگە خۇش بولدۇم.
     
    بىزنىڭ مۇئەللىم ئىچىمدە ئويلىغانلىرىمنى بىلىۋالغاندەك:
    - جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن ئەر-ئاياللار باراۋەر بولدى، ئەر بىلەن ئايال ئارىسىدا ھېچقانداق پەرق قالمىدى،- دېدى.
    "ھېچقانداق پەرق قالمىدى" دېگەن گەپ ياشارنىڭ غۇرۇرىغا تەگدى. ئۇ:
    - ھېچقانداق پەرق يوقمۇ، مۇئەللىم؟- دەپ سورىدى جىددى تەرزدە.
    - يوق.
    - كىچىككىنە پەرقمۇ يوقمۇ؟
    - يوق!- دېدى مۇئەللىم قوپاللىق بىلەن.
    - شۇنداق، لېكىن، مۇئەللىم،- دېدى ياشار ئۆزىنى بېسىۋېلىپ،- "ئاياللار ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش جەمئىيىتى" بار، ئۇنداقتا ئەرلەرمۇ ئاشۇنداق جەمئىيەتتىن بىرنى قۇرماپتىغۇ؟ ئاپام ئاياللار ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش جەمئىيىتىگە ئەزا...
    نەشە ياشارنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ، ھېچ مۇناسىۋەتسىز بىر ئىشنى دېدى:
    - ھايۋانلارنى قوغداش جەمئىيىتىمۇ بار...
     
    كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئۆيدە ئولتۇراتتۇق، دادام گېزىت ئوقۇۋاتاتتى. نېمىشقىدۇر، ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، كۆزۈم گېزىتتىكى بىر قاۋاقخانىنىڭ ئېلانىغا چۈشۈپ قالدى. ئېلانغا قاۋاقخانىدىكى ئۈلپەتچى مۇلازىم قىزلارنىڭ يېرىم يالىڭاچ سۈرەتلىرى بېرىلگەنىدى.
    - دادا، ئەرلەر نېمىشقا ئۈلپەتچىلىك مۇلازىمىتى قىلمايدۇ؟- دەپ سورىدىم.
    دادام گېزىتنى پەسكە چۈشۈرۈپ، ماڭا بىر ھازا تىكىلىپ قارىغاندىن كېيىن:
    - سەن مېنى ئەخمەق قىلىۋاتامسەن نېمە؟ ئەرلەر ئۈلپەتچىلىك مۇلازىمىتى قىلسا بولاتتىمۇ؟- دېدى زەردە بىلەن.
    - بۈگۈن مۇئەللىمىمىز، ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرىسىدا پەرق يوق، دېدى. پەرق بولمىسا، ئەرلەرمۇ نېمە ئۈچۈن ئۈلپەتچىلىك مۇلازىمىتى قىلمايدۇ؟
    - ئەر دېگەن ئەر، ئايال دېگەن ئايال... ئەلۋەتتە، ئۇلار ئارىسىدا پەرق بار،- دېدى دادام.
    ئاپام يىڭنە ئىشىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ:
    - چوڭ پەرق بار،- دېدى،- مەسىلەن، ئەرلەر كېچىچە سىرتتا تاماشا قىلىپ يۈرۈۋېرىدۇ، لېكىن، ئاياللار ئۆزى يالغۇز تۈن يېرىمىدا كوچىغا چىقسا ئەيب بولىدۇ... نېمىشقا شۇنداق؟
     
    مېنىڭ بۇ سوئالىم بىلەن تەڭ دادام بىلەن ئاپام مۇنازىرىلىشىشكە باشلىدى. سوئالىم ھەممەيلەننىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرۇۋەتكەنىدى. مەن شۇنداق ئويلايمەن، ئايالنىڭ ئايال سۈپىتىدە، ئەرنىڭمۇ ئەر سۈپىتىدە ئايرىم-ئايرىم بەخت-تەلەيلىرى بار. تارىختا نۇرغۇن مەشھۇر ئاياللار ئۆتكەن. ئەجەبا، ئۇلاردىن: "ئەر بولۇشنى خالامسىز؟" دەپ سورالسا، ئۇلار ئەر بولۇشنى خالايتتىمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئەر بولۇشنى خالايدىغانلىقىغا زادى ئىشەنمەيمەن. ئەر بولايلى، ئايال بولايلى، ئۆز-ئۆزىمىزدىن رازى بولساق، تەلەي دېگەن شۇ.
     
    ساڭا چىن قەلبىمدىن مۇۋەپپەقىيەت تىلەپ:
     
     
    ئەخمەت تارباي
    1963-يىلى 14-دېكابىر، ئىستانبۇل
     
     
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.