قارا كىتاب (ئورخان پامۇك)

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-03 12:31:39

قارا كىتاب ئورخان پامۇكئورخان پامۇك رومانى ‹قارا كىتاب›ما رۇي رەنتۈركىيەنىڭ ئىستانبول شەھىرى ئورخان پامۇكنىڭ ‹قارا كىتاب› رومانىنىڭ باش قەھرىمانى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى مەيدانغا چىقى...

     

     

    قارا        كىتاب

       ئورخان پامۇك 

     

    ئورخان پامۇك رومانى ‹قارا كىتاب›

    ما رۇي رەن

       تۈركىيەنىڭ ئىستانبول شەھىرى ئورخان پامۇكنىڭ ‹قارا كىتاب› رومانىنىڭ باش قەھرىمانى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى مەيدانغا چىقىدىغان قەھرىمانلار بولسا غالىب، ئۇنىڭ ئايالى رۇيا ۋە رۇيانىڭ ئاتا بىر، ئانا باشقا ئىنىسى ھېلال. روماندا بۇ ئۈچ پېرسوناژدىن باشقا يەنە ئىستامبولنىڭ نۇرغۇن ئاھالىلىرى ۋە شۇنداقلا تۈركىيە تارىخىدىكى مۇھىم بولغان راست-يالغان شەخسلەرمۇ ئىلگىرى-كېيىن مەيدانغا چىقىدۇ.

     ‹قارا كىتاب›نىڭ تۈزۈلۈشى ناھايتتى ئاددىي. ياش ئادوۋكات غالىب ئۆزىنىڭ چىرايلىق ئايالى رۇيانىڭ ئۆزىدىن تۇيۇقسىز ئايرىلىپ غايىب بولغانلىقىنى بايقايدۇ. رۇيانىڭ ئاتا بىر، ئانا باشقا ئىنىسى، گېزىتخانىنىڭ داڭلىق مەخسۇس سەھىپە يازغۇچىسى ھېلالمۇ بىرلا ۋاقىتتا يوقاپ كېتىدۇ. رەشىك ئوتىدىكى بۇ ئەر قەھرىتان سوغۇقلاردا، توپتوغرا بىر ھەپتە ئستابولنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىدا موكىدەك يۈگرەپ يۈرۈپ بۇ ئىككىيلەننىڭ دېرىكىنى قىلىدۇ. مۇشۇنداق توختىماي ئىزدەش جەريانىدا، غالىب ھېلالنىڭ نەچچە ئون يىلنىڭ ياقى ئېلان قىلىۋاتقان مەخسۇس سەھىپىسى ئارقىلىق، ھېلالنىڭ ئېڭىدا قۇرۇپ چىققان، ھازىرقى ئەمەلىي مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىستامبولدىنمۇ ھەقىقىي، چىن بولغان ئىستامبول شەھىرىنى كۆرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن غالىب ھەركۈنى ھېلالنىڭ مەخسۇس سەھىپىسىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن ئايالى بىلەن ھېلالنىڭ تۇيۇقسىز غايىپ بولۇشىنىڭ بىرەر يىپ ئۇچىنى ئىزدەيدۇ. ئۇ قەدىمكى قۇرئە سېلىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، سېھىرگە تولغان بۇ ھەرپلەرنى شۇنداقلا بۇ ھەرپلەرنىڭ شەھەر ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يۈزلىرىگە سالغان بەلگە-ئالامەتلىرىنى تېپىپ چىقىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئورخان پامۇك ‹قارا كىتاب› ناملىق كىتابىدا، قەدىمكى پانىئىلاھچىلىق مەزھىپىنىڭ تەلىماتىدىن پايدىلىنىپ، تۈركىيىدە ناھايتى قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى.

        ئورخان ‹قارا كىتاب›تا، ئىككى پېرسوناژ ئارقىلىق بىر خىل يۈكسەك ئارزۇ- تىلەكنى بايان قىلغان. بۇ ئىككى پېرسوناژ- ‹ئۇ› (غالىب) بىلەن ‹مەن› (ھېلال) بولۇپ، ھەر بابتا ئالمىشىپ ئوتتۇرىغا چىققان. ‹ئۇ›نىڭ مەقسىتى بولسا، مۇكەممەل بولغان شەرتسىز ھالدىكى ‹ئۆزىنى  بىلىش›.

       مۇشۇ مەقسەتكە يېتىش جەريانىدا، ‹ئۇ› ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرى ۋە ئارزۇسىغا تايىنىدۇ، يەنە شۇنداقلا ‹مەن›نىڭ تۈركىيەگە، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئەسىردىكى پانىئىلاھچىلىق بىلەن ئوسمان تارىخىغا بولغان بىلىشىگە تايىنىدۇ.

     ‹قارا كىتاب›تىكى ‹ئۇ› بىلەن ‹مەن›نىڭ ھەر ئىككىلىسىلا قۇلاق، كۆز ۋە قەلبى ناھايتتى ئۆتكۈر شەخسلەر، ئۇلار ھەر ئىككىلىسى ئادەتتىكى دەھرىي، يەنى دىندىن خالىي ئادەملەر قۇبۇل قىلالمايدىغان چىنلىقلانى قۇبۇل قىلالايدۇ، ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن سىرلىق چىنلىقتىن ھوزۇرلىنالايدۇ. مۇشۇنداق ئىنتىلىش جەريانىدا، ئەسلىدە دۈشمەن ياكى رەقىب بولغان شەخىسلار، بارغانسېرى ئۆز-ئارا ئوخشىشىپ، بارغانسېرى ئاسىمىلاتسىيىلىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىرگەۋدە بولۇپ كېتىدۇ.

       ئورخان پامۇكنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى ئۇ ھېكايە ئېيتىشقا ناھايتتى ئۇستا. روماندىكى باش قەھرىمان ئۆز-ئارا قارىمۇ-قارشى بولغان ئىككى خىل ئۇقۇمنى تەشەببۇس قىلىدۇ: ‹‹ھېچكىم ئۆزى بولالمايدۇ››، ‹‹كىملا بولمىسۇن باشقىلار بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ››، ‹‹بىراۋلارنىڭ ھاياتى باشقىلارنىڭ چۈشىدە بولىدۇ››. ئەمما ھەر كىمنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى دەل ئۆزىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى يوقىتىش بولىدۇ. روماننىڭ ئارقىدىن سانىغاندىكى ئىككىنچى بابى-‹‹شاھزادىنىڭ چۈشى››دە، بۇ قارشى نىسبەتلىك ئىككى خىل ئۇقۇم ئاخىرى سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتىگە ئايلىنىدۇ: پەقەت غەلبىلىك ھالدا بارلىق ‹ئۇ›لار بىلەن بىر نىيەت بىر گەۋدىلىك ئادەم بولغاندىلا، ئاندىن ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تونۇش دەرىجىسىگە يېتەلەيدۇ.

       كىتابتا قاراڭغۇلۇق بىلەن قار مەنزىرىسى ئىستامبولنىڭ ‹ئازاب›ىنى ئاشۇرغان. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، غالىب، ئورخاننىڭ باشقا رومانلىرىدىكى باش پېرسوناژلارغا ئوخشاش ئاسانلا ئازاب دېڭىزىغا شۇڭغىمايدۇ. بەلكىم ئۇنىڭ قەلبىگە كۈندەشلىك، رەشىكلىك ئوتى تولۇپ تۇرغاچقا، ئازابلىنىشقا ئورۇن قالمىغان بولۇشى مۇمكىن.

      غالىبنىڭ ئايالى رۇيا كارىۋاتتا يېتىپ رازۋېتكا رومانى ئوقۇيدۇ، بەلكىم مۇشۇ خىلدىكى رومانلارنى كۆپ كۆرگەچكە، ئۇ ئاللىبۇرۇنلا قاتىلنىڭ كىملىكنى بىلىپ بولغان بولىدۇ. ‹‹قارا كىتاب›› بەلكىم بىر رازۋېتكا خاراكتېرىدىكى رومان بولىشى، بىر قاتىللىق ۋەقەسى بار، ئەمما ئاپتور قاتىلنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرمىگەن رومان بولىشى شۇنداقلا كەسىپ ئەھلى بولغان ئاپتور كەڭ ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىنىڭ ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش قابىلىيىتىگە تايىنىپ، قاتىلنى بايقىشىمىزغا ئورۇن قويغان رومان بولىشى مۇمكىن.

     

    بىرىنچى بۆلۈم

     

    بىرىنچى باب: غالىبنىڭ رۇيانى تۇنجى ئۇچرىتىشى

     

    ئاپتوگراف قوللانمىغىن، ئۇ پەقەت ئەسەرنىڭ سىرلىقلىقىنى يوقىتىدۇ، خالاس!

                                       - ئادلې

    گەرچە سىرلىقلىقىنى يوقاتتى دېيىلسىمۇ، سىرلىقلىقنىڭ ئاتالمىش ئالدىن كۆرەرلىكىنى يوقىتىدۇ!

                                - باخىت

     

     رۇيا ئىللىق كېچە قوينىدا ئۈستىگە كۆك چاقماقلىق نېپىز پاختا يوتقان ياپقىنىچە دۈم يېتىپ شېرىن ئۇخلاۋاتاتتى. پاختىلىق يوتقان ئېگىز-پەس ھالدا كارىۋاتقا تەكشىسىز يېيىلىپ، خىرە تاغ جىلغىلىرى ۋە كۆك رەڭلىك ئەۋرىشىم دۆڭلۈكلەرنى ھاسىل قىلغانىدى. قىش سەھىرىنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى: ئارىلاپ ئۆتكەن چاقلىق ھارۋا ۋە كونا كوچا ئاپتوبوسلىرىنىڭ ئاۋازى؛ پىرەنىكچى ئۇستام بىلەن پۇرچاق سۈتى ساتىدىغان ئۇستام ئۆزىنىڭ مىستىن ياسالغان تۇڭلىرىنى كوچىغا قارىتىپ كۈچىنىڭ بارىچە ئۇرۇشلىرى؛ يولۇچىلار بېكىتىدىكى كىشىلەرنىڭ قۇلاقنى يارغۇدەك ئىسقىرتقان ئاۋازلىرى ھۇجرا ئۆيلەرنى تېشىپ ئۆتەتتى. قىشنىڭ قارامتۇل كۈلرەڭدىكى سۈبھى تاڭ نۇرلىرى ھۇجرا ئۆينىڭ قېنىق كۆڭ رەڭلىك پەردىلىرىنى تېشىپ كىرەتتى. غالىب يېڭىلا ئۇيقۇدىن ئاچقان كۆزلىرى بىلەن ئايالىنىڭ يوتقاندىن چىقىپ تۇرغان يۈزىگە سىنچىلاپ قارىدى: رۇيانىڭ ئېڭىكىنىڭ ئاستى تەرىپى مامۇق ياستۇققا پېتىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ سەل ئېگىلگەن قاشلىرى چۈشەكەۋاتقاندەك سىرلىق يىمىرىلىپ، غالىبنى مۇشۇ مىنۇتنىڭ ئۆزىدە ئايالىنىڭ ئېڭىدا قانداق گۈزەل ئىشنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىشكە ئالدىرىتاتتى. ‹‹خاتىرە››نى، ھېلال بىر قېتىم ئۆزىنىڭ مەھسۇس سەھىپىسىدە ‹‹بىر گۈللۈگ›› دېگەن ئىدى. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا غالىب شۇنداق ئويلىغانىدى: رۇيانىڭ گۈللۈگى، چۈشنىڭ گۈللۈگى. ئويلىما، ئويلىما! ئەمدى يەنە ئويلىساڭ، كۈندەشلىكىڭ تېخىمۇ ئاشىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، غالىب بىر ياقتىن ئايالىنىڭ قېشىنى سىنچىلاپ قارىغاچ، بىر ياقتىن تاقەتسىزلەرچە يەنە ئويلىنىشقا باشلىدى.

      ئۇ رۇيانىڭ تېنىچ ئۇيقۇسىدىكى شۇ تەركىدۇنيا گۈللۈگىگە كىرىشنى، ئىچىدىكى ھەربىر تال سۆگەت، تىكەنلىك ئاكاتسىيە ۋە ئەتىرگۈلنى ئىنچىكە كۆزىتىشنى، ياكى قانداقتۇر چىرايلار بىلەن ئوڭايسىزلارچە توقۇنۇشۇپ قېلىشنى ئويلىدى؛

    • سىزمۇ بۇ يەردىمۇ؟
    • ھىم، ئۇنداقتا، ياخشىمۇسىز؟

    بۇيەردە ئۇ ئالدىن پەرەز قىلىۋالغىنىدەك كۆڭۈلسىز ئەسلىمىدىن باشقا قىزىقىش بىلەن ئازابمۇ بار ئىدى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇ ئۆزىنىڭ پەرىزىدىن سىرت بەزى ئەرلەرنىڭ سىمالىرىنىمۇ بايقىدى:

    • سەت بولدى، بۇرادەر، ئەمما سىز زادى قاچان، قەيەردە مېنىڭ ئايالىمنى ئۇچراتقان ئىدىڭىز؟
    •  قانداق، ئۈچ يىل ئىلگىرى سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە؛ ئالاۋىددىننىڭ دۇكىنىدىن ئالغان چەت ئەل ژورنىلىدىكى رەسىملەر ئارىسىدا؛ سىلەر ئىككىڭلار بىللە ئوقۇغان مەكتەپتە؛ ئىككىڭلار قول تۇتۇشۇپ تۇرغان كىنوخانىنىڭ دەم ئېلىش زالىدا......

     ياق، ياق، بەلكىم رۇيانىڭ كاللىسى بۇنچە قىستاڭ، بۇنچە رەھىمسىز ئەمەستۇر. بەلكىم، ئۇنىڭ شۇ خىرە خاتىرە گۈللۈگىدە، بىردىنبىر ئاپتاپ چۈشۈپ تۇرىدىغان شۇ بۇلۇڭىدا، رۇيا بىلەن غالىب ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا قىيىق ھەيدەشكە ماڭماقچى بولۇپ تۇرۇشقاندۇر.

       رۇيا بىر ئائىلىلىكلەر ئىستامبولغا كۆچۈپ كېلىپ بىر نەچچە ئايدىن كېيىن، غالىب بىلەن رۇيا ئىككىلىسى قۇلاق ئالدى بېزى كېسىلى بىلەن ياللۇغلىنىپ قالدى. ئۇ ۋاقىتلاردا، غالىبنىڭ ئاپىسى بىلەن رۇيانىڭ گۈزەل ئاپىسى سۇزان ھامما، غالىب بىلەن رۇيانى ئايرىم ياكى بىللە كوچا ئاپتوبۇسى بىلەن تاش ياتقۇزۇلغان يوللاردا چايقىلىپ مېڭىپ، بېبىك ياكى تالبىيىگەقېيىققا ھەيدەشكە ئەكىلەتتى. ئۇ يىللاردا، ئەڭ قورقۇنچلۇقى مىكروپ-باكتىرىيە، ھەرگىزمۇ دورا ئەمەس ئىدى. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بوسپورۇس بۇغۇزىنىڭ ساپ ھاۋاسى قۇلاق ئالدى بېزى ياللۇغىنى داۋالىيالايدۇ، دەپ قارايتتى. سەھەر، سۇ يۈزى تېنىچ، ئاق رەڭلىك قولۋاق، قولۋاقنى دائىملا شۇ بىر مېھماندوست كېمىچى ھەيدەيتتى. ئىككى ئانا دائىم كېمىنىڭ قۇيرۇق تەرىپىدە، رۇيا بىلەن غالىب پالاقنىڭ ئۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ ھېلى ئېگىز ھېلى تۆۋەن بولۇۋاتقان كېمىچىنى دالدا قىلىپ، كېمىنىڭ بېشىدا مۆرىدىشىپ ئولتۇراتتى. ئۇلار ئورۇقلاپ كەتكەن ئىنچىكە ئۇزۇن پاچاقلىرىنى سۇغا چىلايتتى. دېڭىز سۈيى ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنىڭ ئاستىدىن-دېڭىز ئوتلىرىنى، دېزىل مېيى موتورلىرىدىن ئاققان مايدىن قايتقان نۇرلاردىن ھاسىل بولغان ھەسەن - ھۈسەنلەرنى، تىنىق يىرىك شېغىللارنى، يەنە نەچچە پارچە ئېنىق ئوقۇغىلى بولىدىغان گېزىتلەرنى ئاستا-ئستا ئېقىتىپ ئۆتەتتى، ئۇلار بۇ گېزىتلەردىن ھېلالنىڭ مەخسۇس سەھىپىسىنى ئىزدىشەتتى.

      غالىب رۇيانى قۇلاق ئالدى بېزى ياللۇغى بولۇپ قېلىشتىن بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى تۇنجى ئۇچراتقانىدى، ئۇ چاغدا غالىب تاماق ئۈستىلىنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان كىچىك ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، ساتىراچقا چاچ ئالغۇزىۋاتاتتى. ئۇ مەزگىللەردە، دوگلاسچە ساقال قويۇۋالغان ئېگىز بويلۇق بۇ ساتىراچ، ھەر ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى ئۆيگە كېلىپ بوۋىسىنىڭ چېچىنى ئېلىپ قوياتتى. ئۇ چاغلاردا، ئەرەبلىكنىڭ دۇكىنى بىلەن ئالادىننىڭ دۇكىنى ئالدىدا تۇرۇپ قەھۋە ئالىدىغانلارنىڭ ئۆچرىتى ھازىرقىدىن خېلىلا ئۇزۇن ئىدى، نېلون رەختلەر يەنىلا شۇ چار بازارچىلاردىن تېپىلاتتى، سىپارك ماركىلىق ماشىنىلار بولسا يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك شىددەت بىلەن پۈتۈن ئىستامبول كوچىلىرىنى قاپلىغانىدى. ئۇ ۋاقىتتا غالىب ئاللىبۇرۇن باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىپ، ھېلالنىڭ ‹‹سېلىم كەچمەس›› تەخەللۇسى بىلەن يازىدىغان، ‹‹مىللەتلەر كۈندىلىك گېزىتى››نىڭ ئىككىنچى بېتىغا بېسىلىدىغان، ھەپتىدە بەش قېتىم چىقىدىغان  مەخسۇس سەھىپىسىنى ئوقۇيالايدىغان بولغانىدى. ئەمەلىيەتتە غالىب خەت يېزىش-ئوقۇشنى ئەمدىلەتىن ئۆگەنگىنى يوق. مومىسى ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇنلا خەت تونۇتۇپ بولغانىدى. ئۇلار دائىم ئۈستەلنىڭ بىر بۇرجىكىدە ئولتۇراتتى، مومىسىنىڭ ئاغزىدىن ‹‹باف›› ماركىلىق تاماكا زادىلا چۈشمەيتتى، مومىسىنىڭ تاماكىنى كۈچەپ شورىشى كەينىدىنلا ئىس-تۈتەكنى كۈچەپ پۈۋلىشى نەۋرىسىنىڭ كۆزىدىن ياش چىقىرىۋېتەتتى. مومىسى بوغۇق ئاۋازى بىلەن ھەرپلەرنىڭ بىرىكىشىدىكى سىرلارنى يېشىپ بېرەتتى، تاماكىنىڭ كۆكۈش ئىس-تۈتىكى ھەرپلەرنى قوشۇپ ئوقۇش  كىتابىدىكى ئەسلىدىنلا غەيرىي ئاتنى تېخىمۇ كۆك، تېخىمۇ جانلىق قىلىپ كۆرسىتىۋېتەتتى. بۇ ئاتنىڭ ئاستى تەرىپى ‹ئات›نى كۆرسىتەتتى ، ئۇنىڭ گەۋدىسى سۇ توشۇغۇچى ياكى ئەسكى-تۈسكى توشۇيدىغان ھېلىقى ئادەمنىڭ ئادەتتىكى ئېتىدىن خېلىلا چوڭ ئىدى. غالىب بۇرۇنمۇ دائىم كىتابتىكى مۇشۇ ساغلام ئاتنىڭ ئۈستىگە سېھىرلىك سۇنى تۆكۈپ، ئۇنى تىرىلدۈرۈشنى ئارزۇ قىلاتتى. لېكىن غالىب مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن مەكتەپ ئۇنىڭ بىۋاستە ئىككىنچى يىللىققا ئاتلاپ ئوقۇشىغا قوشۇلماي، ئۇنى بىرىنچى يىللىقتىىن باشلاپ ھېلىقى ئات سىزىلغان ھەرپلەردىن سۆز ياساش كىتابىدىن باشلاپ ئوقۇشقا ئورۇنلاشتۇردى، غالىب شۇندىلا ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئارزۇسىنىڭ بىر ئەخمەقلەرچە خام خىيال ئىكەنلىكىنى بىلگەنىدى.

    مۇبادا بوۋىسى راستىنلا ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىشىكتىن چىقىپ سېھىرلىك سۇنى تېپىپ، ئۇنى ئانار رەڭلىك شىشىنىڭ ئىچىگە قۇيۇپ ئەكىلەلىگەن بولسا، ئۇ چاغدا غالىب بۇ سېھىرلىك سۇنى باشقا رەسىملەرنىڭ مەسلەن، ئۈستىنى توپا-چاڭ قاپلاپ كەتكەن، ئىچىنى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى بېرلىنچە ئايروپىلان، ماشىنا، لايغا مىلەنگەن جەسەتلەر قاپلاپ كەتكەن فىرانسوزچە ‹‹ئەينەن سۈرەتلىك ژورنال››غا، ياكى مېررى تاغىسى پارىژ، ئالجىردىن ئەۋەتكەن ئاتكىرىتكىغا، ۋە ياكى ۋاسېف ‹‹يەتتە ئىقلىم››دىن كېسىۋالغان ئۇزۇن بىلەكلىك شىمپانزىنىڭ بالىسىنى ئېمىتىۋاتقان رەسىمىگە ۋە ھېلالنىڭ گېزىتلەردىن كېسىۋالغان ھەرخىل غەلىتە ئادەم چىرايلىرىغا ئۈستىگە قۇيغان بولاتتى. ئەمما بوۋىسى شۇنىڭدىن كېيىن پەقەتلا سىرتقا چىقمىدى، ھەتتا ساتىراچخانىغىمۇ بارماي، ئەتىدىن-كەچكىچە ئۆيدىلا ئولتۇرىدىغان بولدى. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، بوۋىسى ھەركۈنى ئەتىگەندە يەنىلا شۇنداق رەتلىك كىيىنىۋالاتتى، خۇددى بۇرۇنقى ۋاقىتلىرىدىكىدەك سىرتقا چىقىپ دۇكانغا بارىدىغاندەكلا. چوڭ قايرىلما ياقىلىق، رەڭگى بوۋىسىنىڭ يەكشەنبە كۈنىدىكى ئادەمنىڭ يۈزىگە سانجىلىدىغان ساقىلىدەك كۈلرەڭ كونا ئەنگىلىيە پەلتوسى، بۇرۇلكىسى، تاسمىسى يەنە تېخى دادىسى ‹‹ئەمەلدارلىق گالىستۇگى›› دەپ ئاتىۋالغان ئىنچىكە گالىستۈك. ئاپىسى دائىم بۇ گالىستۈك دېگەن سۆزنى فىرانسوزچە دەيتتى: ئاپىسى يۇقىرى تەبىقىلىك ئائىلىدە تۇغۇلغانىدى. كەينىدىنلا دادىسى بىلەن ئاپىسى، خۇددى رېمونت قىلىنمىغىنىغا پالانچى يىل بولغان، ئۆرۈلۈپ چۈشەيلا دەپ قالغان ياغاچ ئۆينىڭ گېپىنى قىلىۋاتقاندەك بوۋىسىنى مۇھاكىمە قىلىشقا چۈشۈپ كېتەتتى، مۇشۇنداق سۆزلىشىۋېتىپلا بوۋىسىنىمۇ ئۇنتۇپ قالاتتى، بەزىدە ھەتتا ئۆز-ئارا ۋارقىرىشىپمۇ قالاتتى، بۇنداق چاغلاردا ئۇلار غالىبقا قاراپ:

    • سەن ئۈستىگە چىقىپ ئويناپ تۇر،
    • مەن لېفىتقا ئولتۇرسام بولامدۇ؟
    • ئۇنى ھەرگىز يالغۇز لېفىتقا چىقارماڭ!
    • سەن ھەرگىز ئۆزۈڭ يالغۇز لېفىتقا چىقساڭ بولمايدۇ!
    • مەن ۋاسېف بىلەن ئوينىسام بولامدۇ؟
    • ياق، بولمايدۇ! ئۇ ئەقلىدىن ئېزىپ، غالجىرلىشىدۇ!

    ئەمەلىيەتتە ئۇ ئەقلىدىن پەقەتلا ئېزىپ، ئۇنداق غالجىرلاشمايدۇ. گەرچە ۋاسېف ھەم قارغۇ، ھەم گاچا بولسىمۇ، ئۇ مېنىڭ ئۇنى مەسخىرە قىلمايدىغانلىقىمنى، پەقەت ئۇنىڭ بىلەن ‹‹مەخپىي تونېل›› ئوينايدىغانلىقىمنى بىلەتتى.  بۇ ئۇيۇننىڭ ئويناش ئۇسۇلى يەردە دۈم يېتىپ كارىۋات ئاستىدىن ئۆمىلەپ ئۆتۈش ئىدى، مەن مۈشۈكتەك ئېھتىياتچانلىق بىلەن خۇددى ھەربىيلەرگە ئوخشاش ئۆزەم قازغان تونېلدىن ئۆمىلەپ ئۆتۈپ، دۈشمەنلەرنىڭ ئاكوپىغا باراتتىم. ئەمما باشقىلارنىڭ ھەممىسى، پەقەت كېيىن كېلىپ ماڭا يېتىشىۋالغان رۇيادىن باشقا ھەممىسى بۇنىڭ زادى قانداق ئويۇن  ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيتتى. بەزىدە مەن يەنە ۋاسېف بىلەن دېرىزىنىڭ يېنىدە تۇرۇۋېلىپ تىرامۋاي رېلىسىغا قارايتتۇق. بۇ سېمونتتىن ياسالغان بىنانىڭ سېمونت بالكونىنىڭ بىر دېرىزىسى مەسچىت تەرەپكە قارايتتى، ئۇ دۇنيانىڭ چېكى ئىدى. يەنە بىر دېرىزىسى قىزلار مەكتىپىنىڭ دېرىزىسىگە قارايتتى، بۇمۇ دۇنيانىڭ يەنە بىر چېكى ئىدى. ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ساقچى ئىدارىسى، بىر تۈپ يوغان كاشتان دەرىخى، كوچا دوقمۇشلىرى ۋە سودىسى ناھايتتى گۈللەنگەن ئالادىننىڭ دۇكىنى ئىدى. بىز دۇكانغا ئايىغى ئۈزۈلمەي كىرىپ-چىقىپ يۈرگەن خېرىدارلاغا قاراپ تۇرغاچ ئۆز-ئارا ماشىنىلارنى ساناپ تونۇشتۇراتتۇق. نەتىجىدە، ۋاسېف دائىملا ھەددىدىن ئارتۇق ھاياجانلىنىپ كېتىش سەۋەبلىك قورقۇنچلۇق نەرە تارتاتتى، خۇددى ۋەھشىي يالماۋۇز بىلەن ئېلىشىپ چۈشەكىگەندەك ئاۋاز چىقىرىپ مېنى قورقۇتىۋېتەتتى. بۇ ۋاقىتتا، بىزنىڭ كەينىمىزدىلا-بوۋام مەشۈت تۇتقۇچلۇق ئورۇندۇقىدا، مومام بولسا ئۇنىڭ قارشى تەرىپىدە ئولتۇرۇپ، خۇددى ئىس چىقىۋاتقان  ئىككى تۇرخۇندەك ئىس چىقىرىشىپ تاماكا چېكەتتى. مەن بوۋامنىڭ گېپىگە ئازراقمۇ ئېرەن قىلمايۋاتقان مومامغا خۇلاسە چىقارغان تەلەپپۇزدا:

    • ۋاسېف غالىبنى يەنە قورقۇتۇپ يۈرىگىنى ئالدى-دە!-دېگىنىنى ئاڭلايتتىم. ئارقىدىنلا ئۇ ئادەت خاراكتېرلىك ھالدا يالغاندىن ناھايتتى قىزىققان ھالدا مەندىن:
    • قانداق؟ قانچىلىك ماشىنىنى سانىيالىدىڭلار؟-دەپ سورايتتى، ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى مېنىڭ ناھايتتى ئىنچىكىلىك بىلەن زادى نەچچىلىك دوگې، پارك، دېسونې ۋە يېڭى سىپاركنى ساناپ چىققانلىقىمنى ئەستايىدىل ئاڭلىمايتتى.

     

     

     بۇ سەھىپىدە ئورخان پامۇكنىڭ ‹قارا كىتاب› ناملىق رومانى ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنىپ يوللىنىدۇ، كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.