سۈكۈنات(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-25 23:34:29

سۈكۈناتئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن سۈكۈنات-ئۇ سۈكۈت قىلىش ئەمەس ! سۈكۈت قىلىش -يولسىزلىققا شېرىكچىلىك ۋە ئۇنىڭغا قارشى كۈرەشتە جۈرئەتسىزلىكتە ئىپادىلىنىدىغان ۋىجدانسىزلىق ئىپادىلىرىدىن بىرى ئى...

    سۈكۈنات
    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن


            سۈكۈنات-ئۇ سۈكۈت قىلىش ئەمەس !
            سۈكۈت قىلىش -يولسىزلىققا شېرىكچىلىك ۋە ئۇنىڭغا قارشى كۈرەشتە جۈرئەتسىزلىكتە ئىپادىلىنىدىغان ۋىجدانسىزلىق  ئىپادىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى ھەممىگە روشەن.
    سۈكۈنات-ئۇ تاقەت جۈملىسىدىكى ئەقلى ھادىسە،  ئېنىقراق ئېيىتقاندا سۈكۈنات -تەپەككۇر ئۆر كىشىدە شەكىللەنگەن،  ئىرادە ئارقىلىق تورمۇزلانغان بىر مەزگىللىك ئالاھىدە روھى كەچۈرمىشتىن ئىبارەت.
             سۈكۈنات مىللەت ئۈچۈنمۇ،  شەخىس ۋە دۆلەت ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە قىممەتلىك تەپەككۇر ۋە تەدبىر پەيتى بۇلۇپ،  ئۇ مول مېۋىلىرى،  ھېكمەتلىك بېشارەتلىرى،  تەجرىبە-ساۋاقلىرى بىلەن خاتىرلەنگەن.
             سۈكۈنات تۈرلىرى ۋە سۈكۈنات سەمەرىلىرى ھەرخىل.  لۇشۈ ھەم ئىچ ئاغرىتىپ ھەم نەپرەتلىنىپ كەلگەن ئىجتىمائى ئوبىيكىتلىرىنى « ئاكىيۇ » ئوبرازىغا مۇجەسسەملەش ئالدىدا سۈكۈنات ئازابىدا پىكىر ئۆركەشلىرىنى باشتىن كۈچۈرگەن.
    ئابدۇقادىر داموللام چەتئەلدىن ئۇقۇشنى تاماملاپ ئۆز يۇرتىغا قايىتقاندا،  مىللى زۇلۇم ۋە جاھالەت تۇمانلىرى ئۈستىگە قۇشۇلغان ئەجنەبى جاھانگىرلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ مىللى تونىغا ئورۇنىۋالغان مالايلارغا قارشى ۋولقاندەك پارتلاپ چىقىش ئالدى-كەينىدە كۆپ قېتىم سۈكۈنات خىلۋىتىگە چۆككەن.
             « مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » نۇقۇل تەلۋە دەبدەبىلەر بىلەن تېتىقسىز ۋايساشلار مەزگىلى بولغىنى يوق.  ئۇ،  ئۆز نۆۋىتىدە جۇڭگو تارىخدىكى ئۇلۇغ سۈكۈنات دەۋرى ھەم بولدى.  جۇڭگودىكى ئىلغار كىشىلەر كۆپ جەھەتلىمە،  مول بىلىش،  چۈشىنىش،  پەرق ئېتىش،  ئويغىنىش،  ئىزدىنىش،  پىكىر تەلقىنلىرى بىلەن يىڭى دەۋىر تەسەۋۋۇرنىڭ كارتىنىسىنى سىزىشتى.
                سۈكۈنات-شەخسنىڭ ئۆز ئىرادىسىدىن ھالقىپ كەتكەن تەبىئى ياكى ئىجتىمائى كۈچلەر ئالدىدىكى ئىنسانى تەپەككۇرىدىمۇ،  شۇنىڭدەك ئۆز-ئۆزىنى تىزگىنلىگەن ئاڭلىق ئىرادە ئاستىدىكى قايتا ئويلىنىشتىمۇ،  جۈملىدىن جەمىئەتتىكى ھەرخىل يالغان ياۋىداق،  بوھتان ياكى بىر مەزگىل چۈشەنمەسلىكتەك روھى بۇرۇقتۇرمىلققا ئۇچرىغاندىمۇ يۈز بېرىدۇ.
    نەتىجىدە،  تەبىئى ياكى ئىجتىمائى كۈچلەر مۈشكۈلاتلىرىدىن غەلبە قىلىش ئۈچۈن ئۆز ئوبىكىتلىرىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى كونكىرىت مۇھاكىمە قىلىدۇ.  ئۆز پائالىيىتىنى ئوپراتسىيە قىلىپ ئەۋزەل پائالىيەت ئۇسۇللىرىنى ئويلىنىدۇ. بۆھتان ۋە چۈشەنمەسلىكلەرنى جەمىئەتشۇناسلىق،  سىنىپى كۈچلەر سېلىشتۇرمىسى ۋە كىشىلەردە ھەقىقى ئەھۋالنى بىلىش شەكىللەنگۈچە سۈكۈنات يوللىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
               سۈكۈنات -ئۈزىگە قارىتا ئالغاندا،  ئۈزىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى،  تارىخ-ئۆتمۈشى،  ۋىجدان مەجبۇرىيىتى،  ئىرادە-جاسارىتى،  ئۇتۇق -سەۋەنلىكلىرى ئۈستىدىكى ئەقلى ئويلىنىش شەكلىدىمۇ غايەت قىممەتلىك كامالەت شەرتىدىن ئىبارەت.
              مۇنداق سۈكۈنات خۇددى ئايروپىلاننىڭ ئايروپورتقا قۇنۇش سىياقىدىكى « قايتا ئويلىنىشى » ( ئۆز مەجبۇرىيەتلىرى،  ۋىجدان ئىجراسى،  قەتئىيلىكى،  تەدبىر پاكلىقى ۋە تەدبىر ئاقىلانىلىكى ) ۋە قايتا بايقىشى ( ئۆز خەلقى ۋە پۈتكۈل كىشىلىك جەمىئەتنىڭ سەۋىيىسى ۋە ئالاقە قۇرۇلمىلىرىنىڭ ھازىرقى رېئال ھالىتى ) بۇلۇپ كىتابتىن ئالالمىغان دانىشمەنلىك سەمەرىلىرىگە مۇيەسسەر قىلىدۇ.  سۈكۈنات قىلىشنى بىلىش چوڭ بەخت ۋە كاتتا ئىقتىدار بۇلۇپ،  بۇ ئومۇمەن ھايۋانلاردا بۇلۇشى مۇمكىن بولمىغان ئىنسانى خاسىيەت ۋە كامالەت ھېسابلىنىدۇ.
              بۇنداق سۈكۈناتنىڭ شۇئارى « مېنى ئاسارەتكە سالغان نەرسە ئۆز ئەقلىم،  تەپەككۇرۇم،  روھىمدىكى كىشەنلەر » دىگەن بولمىقى لازىم.
               سۈكۈنات باشقىلارغا قارىتا ئۇلارنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى،  چىن-ساختىلىقىنى،  جىددى-يەڭگىلتەكلىكىنى بايقاشتا تىپىك كۈزىتىش ۋە ئويلىنىۋېلىش مومېنتىدىن ئىبارەت.

              ئۇ ساختا قەھرىمانلارنى ۋە ۋاپاسىز دوسىتلارنى پۇرسەتپەرەسلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇرراق ئېچىپ بېرىدۇ.
    سۈكۈنات-ئۆز مىللىتىنىڭ،  ھەتتا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ شۇ بىر دەۋىردىكى سىۋىلزاتسىيە قۇرۇلمىسى ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى،  ئۇنىڭ ئۇتۇق ۋە زەئىپلىكلىرىنى ئەستايىدىل ئويلنىشتىمۇ مۇھىم تەپەككۇر شەكلىدىن ئىبارەت.  ۋەھالەنكى،  « تەپەككۇر قىلىدىغان » مىللەتنى يىتىشتۈرۈش بارلىق ھەقىقى تەلىم -تەربىينىڭ ئەڭ ئالى مەقسىتى ھېسابلىنىدۇ.  « ئۆز-ئۆزىگە ماختىنىپ يۈرگەن» مىللەت بىلەن  «تەپەككۇر قىلىدىغان» مىللەت بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان تارىخى ئىستىقبالغا يۈزلەنگەن مىللەتتۇر،خالاس.
              سۈكۈنات-شەخسىنىڭ ھاياتىدا كۆپ قېتىم دۇچ كىلىدىغان روھى ھالەت بۇلۇپ،  ئۇ ئۆز مەزمۇنى،  پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ساپاسى يەكۈن ۋە تەدبىرلىرىنىڭ ئاقىلانىلىكى بىلەن بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىدۇ.
              سۈكۈنات-ئۈمىدۋار،  يىراق كۈرەر،  قەيسەر قەلىبنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئاڭقىرىش،  ئۆز-ئۆزىنى كۈچەيتىش ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇش يۇلىدىكى «مىراج »ى دۇر. بۇ « مىراج » دا ئۇرېئاللىق بىلەن تۇيۇنغان تەپەككۇر بىلەن ئۇچرىشىدۇ ! ئەگەر قورقۇش كەلسە تەلۋىلەرچە لاپخورلۇق قىلىۋاتقان دۈشمەندىن ئەمەس،  زەئىپلەرچە سۈكۈنات قىلىۋاتقان رەقىبتىن قورقۇش لازىم.

    [abduhelil تەستىقلىدى . 2010-8-11 3:49:45]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.