ھازىرقى بالىلار كارامەت (24)

يوللىغۇچى : Hechkim يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-22 23:41:28

نېمىدىگەن سەتچىلىك!قەدىرلىك ساۋاقدىشىم ئەخمەت:ئەۋەتكەن سۈرىتىڭگە قانچىلىك خۇشال بولغىنىمنى ئىزھار قىلىشقا تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ. كونا ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سۈرەتتە بار ئىكەن. سېنى...



     

     
    نېمىدىگەن سەتچىلىك!
     
     
    قەدىرلىك ساۋاقدىشىم ئەخمەت:
     
    ئەۋەتكەن سۈرىتىڭگە قانچىلىك خۇشال بولغىنىمنى ئىزھار قىلىشقا تىلىم ئاجىزلىق قىلىدۇ. كونا ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سۈرەتتە بار ئىكەن. سېنىڭ يېنىڭدا تۇرغان مىنە بولسا كېرەك، ئۇنى ھۈسەين توسۇۋاپتىكەن، ئارانلا تونۇدۇم. ياشارمۇ چىنگىزنىڭ كەينىدە تۇرۇپ قاپتۇ. نەشە يەنە ھەر ۋاقىتتىكىدەك ئەڭ ئالدىدا تۇرۇپتۇ. بۇ سۈرەتنى ئەۋەتىپ مېنىڭ شۇنداق خۇشال قىلدىڭكى... بىراق، سۈرەتتە دېمىرنى تاپالمىدىم، ئۇ يوق بولسا كېرەك. مۇئەللىمىڭلار ياشىنىپ قالغان كىشى ئوخشايدۇ.
     
    مەنمۇ ساڭا ئىنىم بىلەن بىللە چۈشكەن سۈرىتىمىزنى ئەۋەتتىم. ئۇنى بىر قوشنىمىزنىڭ بالىسى ئۆز ئاپپاراتىدا تارتقان.
     
    بۇ ھەپتە بېشىمغا نېمە ئىشلار كەلگەنلىكىنى ئۇقۇپ قال. يەنە قاراپ تۇرۇپ ئىمتىھاندا كۆچۈرتكۈچى دېگەن نامنى ئالدىم. بۇنى قاراپ تۇرۇپ دېگىلىمۇ بولمايدۇ...
     
    مۇئەللىمىمىز ئەڭ يامان كۆرىدىغان نەرسە ئىمتىھاندا كۆچۈرۈش ئىدى. ئۇ بىزگە پات-پات ئىمتىھاندا كۆچۈرۈشنىڭ يامانلىقىنى ئېيتىپ: «ئىمتىھاندا كۆچۈرۈش تىرىشچان ساۋاقدىشىڭىزنىڭ ھەققىنى ئوغرىلىغانلىق»، «ئىمتىھاندا كۆچۈرۈش ئەقىللىق ئىش ئەمەس، ھىيلىگەرلىك» دەيتتى.
     
    بۇ ھەقتە دادامنىڭ چۈشەنچىسىمۇ شۇنداق. ئۇمۇ: «ئىمتىھاندا كۆچۈرۈش ناھايىتى سەت، ناھايىتى ئەيىب ئىش. ئۇ باشقا بىرىنى ئەمەس، ئۆز-ئۆزىنى ئالدىغانلىق» دەيتتى.
     
    دادام بىلەن ئىككى ساۋاقدىشىمۇ بىر يەردە بولسىلا مەكتەپ خاتىرىلىرىنى ئەسلىشىدۇ. بوۋام بىزنىڭ ئۆيدە بولغان بىر كېچە دادامنىڭ ساۋاقداشلىرىمۇ كىرگەنىدى. ئۇلار يەنە مەكتەپ خاتىرىلىرىدىن سۆز ئېچىشتى. نۇرتەن ئىسىملىك سېمىز قىزنىڭ دادىسى:
    - ئېسىڭلاردا بارمۇ، ھېلىقى ماتېماتىكىچى كەلتوش سەبرى بەگنىڭ چاپىنىنىڭ كەينىگە ئىمتىھاندا كۆچۈرىدىغان قەغەزنى ئېسىپ قويغانىدۇق-ھە...- دېدى.
    - ئاندىن قانداق بولدى، ئېيتىڭا!- دېدى نۇرتەننىڭ ئاپىسى.
    - ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، كەلتوش دېيىلىدىغان سەبرى بەگ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئالگېبرا ئوقۇتقۇچىمىز ئىدى. ئۇ ئىمتىھانلاردا بالىلارنى ھېچقاياققا قاراتماسلىقى بىلەن ماختىنىپ: «قېنى، يامان بولساڭلار كۆچۈرۈپ بېقىڭلارچۇ، مەن كۆرۈپ باقاي!» دەپ ئاگاھلاندۇراتتى. بىزمۇ ئۇنىڭدىن ناھايىتى قورقاتتۇق. ئۇ سوئاللارنى ئىمتىھان قەغىزىگە يازدۇرۇپ بولۇپلا، سىنىپتا ئۇياقتىن-بۇياققا قاتراپ يۈرەتتى. ساۋاقداشلاردىن بىرى...
    - مارسىق نەجدەتقۇ دەيمەن؟- دەپ سۆز قىستۇردى دادام.
    - ھەئە، مارسىق نەجدەت. ھازىر ئۇ باش كونسۇل! ئۇ سەبرىنىڭ چاپىنىنىڭ كەينىگە مەسىلىلەرنىڭ يېشىلىشى يېزىلغان كوپىيە قەغەزنى ئېسىپ قويغانىدى. بالىلار سەبرى بەگنىڭ چاپىنىنىڭ كەينىگە ئېسىلغان قەغەزگە قاراپ يېزىشاتتى. لېكىن، سەبرى بەگ بىر يەردە تۇرماي داۋاملىق مېڭىپ يۈرگەنلىكى ئۈچۈن، كوپىيە قەغىزىگە قاراپ جاۋابنىڭ ھەممىسىنى يېزىش تەس ئىدى. بالىلاردىن بىرى مۇئەللىمدىن بىر نەرسىلەرنى سوراپ، ئۇنى گەپكە تۇتۇپ تۇراتتى، يەنە بىرى كۆچۈرۈۋالاتتى. مەن زادى كۆچۈرەلمىدىم. ئاخىر بولماي خۇددى كۆچۈرگەندەك قىلىپ، سەبرى بەگنى گۇمانلاندۇردۇم. شۇنىڭ بىلەن مېنى كۆچۈرمىسۇن دەپ ئالدىمغا كېلىپ پارتامغا يۆلىنىپ تۇرۇۋالغانىدى، تازا كۆچۈردۈم.
     
    جاۋابلارنى يېزىپ بولغانلار سىنىپتىن چىقتى، يېزىپ بولالمىغانلار قوڭغۇراق ئاۋازى بىلەن تەڭ قەغەزلىرىنى تاپشۇرۇپ چىقىپ كېتىشتى. شۇ چاغدىلا ئېسىمىزگە كەپتۇ، سەبرى بەگنىڭ چاپىنىنىڭ پېشىگە ئېسىلغان كوپىيە قەغىزىنى ئېلىۋېتىشنى ئۇنتۇپ قاپتۇق. ئىمتىھان قەغەزلىرىنى يىغىۋالغان سەبرى بەگ چاپىنىدىكى كوپىيە قەغىزىنى پۇلاڭلىتىپ ئوقۇتقۇچىلار بۆلۈمىگە كىرىپ كېتىپتۇ.
     
    سەبرى بەگ بۇ ئىشنى كىمنىڭ قىلغانلىقىنى بىلەلمەپتۇ، ناھايىتى رايىش ئوقۇتقۇچى ئىكەن، ئوقۇغۇچىلار يېلىنىپ تۇرۇۋالغاندىن كېين ھەممىسىنى ئەپۇ قىلىپ، يېڭىۋاشتىن ئىمتىھان ئالدى.
     
    دادامنىڭ يەنە بىر ساۋاقدىشى:
    - تېخى ئوسمان قاسساپقا قىلغانلىرىمىزنى دېمەمسىلەر،- دېدى.
     
    ئۇ ئوسمان قاسساپ دەيدىغان تارىخ مۇئەللىمىگە قىلغانلىرىنى ئېيتتى. بۇ مۇئەللىم ئىمتىھاندا ئورۇندۇقتا مىدىرلىماي ئولتۇرىدىكەن، لېكىن كۆزلىرى پروژېكتوردەك ئوقۇغۇچىلاردا ئىكەن. بىر ئىمتىھاندا ئالدىنقى پارتىلاردا ئولتۇرىدىغانلارنىڭ ھېچقايسىسى ياخشى نومۇر ئالالماپتۇ، لېكىن باشقا بالىلارنىڭ ھەممىسى ياخشى نومۇر ئېلىشىپتۇ. چۈنكى، ئۇ بالىلار ئالدىدىكى پارتىدا ئولتۇرغان ساۋاقداشلىرىنىڭ دۈمبىسىگە تارىخ كىتابىنى ئېچىپ قويۇپ، مۇئەللىمنىڭ كۆز ئالدىدا كۆچۈرۈپتۇ.
     
    ساۋاقداشلىرىنىڭ كەينىدە قالمايدىغان دادام:
    - ئوقۇغۇچىلىرىغا نۆل قويىدىغان نافىزنىڭ ئىمتىھانىدا بولغان ئىشلار ئېسىڭلاردىمۇ؟- دېدى.
    - ھېلىقى چىۋىنغا باغلىغان قەغەزنى دەمسەن؟ ئۇ كىمنىڭ ئېسىدىن چىقسۇن.
     
    نۆلچى نافىز دەيدىغان خىمىيە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ كۆزى بىر مېتىر يىراقلىقتىكى نەرسىنى ئاران كۆرىدىكەن. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قويىدىغان نومۇرىمۇ ناھايىتى تۆۋەن ئىكەن. ئىمتىھانغا كىرىشتىن ئاۋۋال بالىلاردىن بىرى يوغان چىۋىندىن بەش-ئوننى تۇتۇپ سەرەڭگە قېپىغا سېلىۋاپتۇ. ئىمتىھان باشلانغاندا، سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى نېپىز قەغەزلەرگە يېزىپ، بۇ قەغەزلەرنى چىۋىنلارنىڭ پۇتلىرىغا ئىنچىكە يىپ بىلەن باغلاپ قويۇپتۇ، ئاندىن چىۋىنلارنى قويۇپ بېرىپتۇ. چىۋىنلار پۇتلىرى ئېغىر بولغاچقا ئۇچۇپ كېتەلمەي، بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە قونىدىكەن. شۇنداق قىلىپ ھەممەيلەن كۆچۈرۈۋالىدىكەن. چۈنكى، پۇتىدا ئېغىرلىق بولغان چىۋىننى تۇتۇۋېلىش ئاسان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار قەغەزدىن كۆچۈرۈۋېلىپلا چىۋىننى قويۇۋېتىدىكەن. بىردىن ئىشىك ئېچىلىپ مۇدىر سىنىپقا كىرگەندە، پۇتىدا يىپ بولغان چىۋىنلاردىن بىرى دەل مۇدىرنىڭ كۆز ئالدىدا ئىككى ئايلانغاندىن كېيىن شۇڭغۇپ بېرىپ مۇدىرنىڭ يالىڭاچ بېشىغا قونۇپتۇ.
    - سىلەرنى قانداق قىلدى، دادا؟- دەپ سورىدى مەتىن.
    - بىر ساۋاقدىشىمىزنى مەكتەپتىن قوغلىۋېتىشكە تاس قالغانىدى، ئاران قۇتۇلۇپ قالدى،- دېدى دادام.
    نۇرتەننىڭ دادىسى:
    - ئۇ ساۋاقدىشىمىز ھازىر پروفېسسور،- دېدى.
     
    دادامنىڭ ساۋاقداشلىرىدىن بىرى بوۋامدىن:
    - چوڭ دادا، سىزمۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىڭىزدا ئىمتىھانلاردا كۆچۈرەتتىڭىزمۇ؟- دەپ سورىدى.
    - مەكتەپ ھاياتىدا ئىمتىھانلاردا كۆچۈرمەيدىغان بالا بولسۇنمۇ...- دېدى بوۋام جاۋاب بېرىپ.
     
    ئۇلار خىمىيىدىن ئېغىزچە ئىمتىھانغا ھەر قېتىمدا ئۈچتىن ئوقۇغۇچى كىرىدىكەن. بوۋام ئىمتىھان مەيدانىغا ئىككى ساۋاقدىشى بىلەن بىللە كىرىپ كەينىدە ئولتۇرۇپتۇ. ئالدىدىكى ساۋاقدىشى سىنىپنىڭ ئەڭ ھورۇنى ئىكەن، ئوقۇتقۇچى نېمىنىلا سورىسا، ئاۋازىنى چىقارماي بوينىنى قىسىپ تۇرىدىكەن.
     
    خىمىيە مۇئەللىمى قىز ئىكەن. ئۇ: «ھېچ نەرسە بىلمەمسەن، ئوغلۇم؟» دېگەندىن كېيىن، بىر سوئال ئورنىدا ئۈستەلدىكى كوزىنى كۆرسىتىپ: «بۇنىڭ ئىچىدە نېمە بار؟» دەپ سوراپتۇ. ھېلىقى ئوقۇغۇچى گاچىدەك يەنە زۇۋان سۈرمەي تۇرغانىكەن، كەينىدىكى بالا: «ئات، ئات... ئاتتەك بىر نەرسە» دەپ پىچىرلاپتۇ.
    - كوزىدا نېمە بار، ئوغلۇم؟
    - ئات بار، ئەپەندىم...- دەپتۇ بالا.
     
    ئۇ كېچە بولۇنغان گەپ-سۆزلەرگە شۇنداق قىزىقتىمكى... ئەتىسى مۇئەللىمىمىز مەكتەپ مەيدانىدا بىز بىلەن ۋالىبول ئوينىدى. كېيىن ھەممەيلەن بىللە چىملىقتا ئولتۇرغانىدۇق، بىر پۇرسەتنى تېپىپ سورىدىم:
    - مۇئەللىم، سىز ئوقۇۋاتقان چاغلىرىڭىزدا ئىمتىھانلاردا كۆچۈرۈپ باققانمىدىڭىز؟
    مۇئەللىم ئاران تۇرغاندەك:
    - كۆچۈرگەن،- دېدى، ئاندىن، قوشۇمچە قىلدى،- لېكىن پۈتۈن سىنىپ بويىچە كۆچۈرەتتۇق. ئىمتىھان سوئاللىرىغا ھەممىدىن بالدۇر جاۋاب بېرىپ چىقىپ كەتكەن بىر تىرىشچان ساۋاقدىشىمىز سوئاللارنىڭ جاۋابلىرىنى يوغان بىر كاردون قەغەزگە يېزىپ، ئۇنى ئۇزۇن بىر ئىنچىكە تاياققا باغلاپ، باغچىقا قارايدىغان دېرىزىگە ئۇزىتاتتى. بىزمۇ دېرىزىگە قاراپ كۆچۈرەتتۇق.
     
    ئەتىسى مۇئەللىم تۇرمۇش ساۋاتلىرى دەرسىدىن دەرس سورىدى.
     
    ئوڭ يېنىمدا تۈركان ئولتۇراتتى، سول يېنىمدىكى پارتىدا مۇرات بار ئىدى. مەن ساڭا مۇرات توغرۇلۇق بۇرۇنقى خەتلىرىمنىڭ بىرىدە يازغانىدىم. مۇئەللىم: «مۇرات، ئورنۇڭدىن تۇر!» دېگەندە، ئۇ: «مەنمۇ؟»، «مەندىنمۇ؟» دەپ سوراپ تۇرىدىغان بالا. مۇرات بىزنىڭ سىنىپقا ئۆتكەن يىلى كىرگەن، ساۋاقداشلىرى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتاتتى. ئۆزى ھورۇن ئەمەس، بىراق كاللىسىغا دەرس كىرمەيتتى. لېكىن، ياخشى بالا ئىدى...
     
    تۈركانمۇ ئۇ كۈنى نېمىشقىدۇر دەرس تەكرارلىماپتىكەن. ئىككىلىسى ماڭا كۆچۈرۈۋالايلى، دەپ يالۋۇردى.
    - جاۋابلارنى يېزىپ بېرەلمەيمەن، بالىلار، لېكىن ئېيتىپ بېرىشىم مۇمكىن...- دېدىم مەن.
     
    مۇئەللىم سوئاللارنى يازغۇزدى:
    «بالىلارنى كېسەللىكلەردىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟»
    «بالىلار كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاساسلىقى قانداق قىلىش كېرەك؟»
    «ئويۇن ۋە ئويۇنچۇقلارنىڭ پايدىسى نېمە؟»
    «تاياق ئادەمنى تەربىيىلەمدۇ؟»
     
    ئالدىنقى كېچە ۋە ئەتىگەنلىكى بۇ دەرسلەرنى تەكرار قىلغانلىقىم ئۈچۈن، بۇ بابلارنىڭ كىتابنىڭ قايسى بېتىدە ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» كىتابى تۈركاننىڭ ئالدىدا تۇراتتى. ھەم تۈركانغا، ھەم مۇراتقا:
    - كىتابنىڭ ئەللىكىنچى بېتىنى ئېچىڭلار... ئەللىك، ئەللىك بىر، ئەللىك ئىككىنچى بەتلەر،- دەپ پىچىرلىدىم.
     
    مەن جاۋابلارنى يېزىشقا باشلىدىم. سول يېنىمدىكى مۇرات:
    - سەن مېنى ئالداۋاتىسەنغۇ دەيمەن؟- دېدى.
    - قانداقچە؟- دەپ پىچىرلىدىم.
    - ئەللىكىنچى بەتتە ساغرا سۆڭىكى بار.
    - قالغان بەتلەرنى ئاچ!
    - ئاچتىم، مۇسكۇللار بار، ئۇنىڭدىن كېيىن سۇنۇق بار.
    ئاندىن پارتا تېگىگە يوشۇرۇلغان كىتابقا قارىدىم. ئۇ قولىغا «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» كىتابى دەپ، «تەبىئەت بىلىملىرى» كىتابىنى ئېلىۋاپتىكەن.
    - ئۇ كىتاب ئەمەس، «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» كىتابىنى ئاچ!- دەپ پىچىرلىدىم.
     
    مۇرات «تۇرمۇش ساۋاتلىرى» كىتابىنى ئېچىپ، ئۇنىڭغا قاراپ شارىلداپ يېزىشقا باشلىدى. تۈركان بىلەن مۇرات مەندىن بۇرۇن ئىمتىھان قەغەزلىرىنى تاپشۇرۇپ چىقىپ كېتىشتى. ئۇلارنىڭ كەينىدىن مەنمۇ چىقتىم. مۇرات قورۇدا ماڭا:
    - مېنىڭ كىتابىمدا ئەللىكىنچى بەت يوق ئىدى،- دېدى.
    - نېمىشقا بولمىسۇن، بار،- دېدىم مەن.
    - ئەزبىرايى يوق! قىرىق سەككىزىنچى بەتتىن ئاتمىش بەشىنچى بەتكىچە يوق،- دېدى ئۇ.
     
    ئۇ سىنىپقا كىرىپ كىتابىنى ئېلىپ چىقتى. قارىسام، كىتابىدا مۇئەللىم سورىغان سوئاللار بار ۋاراقلار يوق. بۇنىڭ ئورنىغا كىتابتا ئوتتۇز ئۈچىنچى بەتتىن قىرىق سەككىزىنچى بەتكىچە بولغان بەت نومۇرلىرى ئىككى تەكرارلىنىپ، خاتا تۈپلىنىپ قاپتىكەن.
    - ئەمىسە، قانداق قىلدىڭ، مۇرات؟- سورىدىم مەن.
    - قىرىق سەككىزىنچى بەتتىن كېيىنكى بەتتە نېمە بولسا شۇلارنى كۆچۈرۈپ قويدۇم.
     
    مۇئەللىمىمىز يازمىچە ئىمتىھاندا ئالغان نومۇرلىرىمىزنى ئوقۇپ بەرگەنىدى، تۈركان ئىككىمىز ئەلا باھا ئاپتۇق.
    - ئەمدى سىلەرگە ساۋاقدىشىڭلار مۇراتنىڭ يازغان جاۋابلىرىنى ئوقۇپ بېرەي، ياخشى ئاڭلاڭلار!- دېدى مۇئەللىم،- بىرىنچى سوئال: «بالىلارنى كېسەللىكلەردىن ساقلاش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟» ئەمدى مۇراتنىڭ جاۋابىنى ئوقۇيمەن: «تېخىمۇ چىداملىق بولۇشى، پاكىزە ۋە چىرايلىق تۇرۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى تازا تۇتۇش، كىر بولۇپ كەتكەندە تازىلاپ تۇرۇش ۋە پات-پات دەزماللاپ تۇرۇش كېرەك.»
     
    سىنىپتا قاقاقلىغان كۈلكە كۆتۈرۈلدى. مۇئەللىم:
    - تىنچ!- دەپ ۋارقىرىغاندىن كېيىن،- ئەمدى ئىككىنچى سوئالنى ئوقۇيمەن،- دېدى،- «بالىلار كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاساسلىقى قانداق قىلىش كېرەك؟» مۇراتنىڭ جاۋابى: «پات-پات چوتكىلاپ تۇرۇش كېرەك. توپا-چاڭلارنى تازىلىغاندىن كېيىن كىيىم ئاسقۇچقا ئېسىپ قويۇش كېرەك. كىيىش مەزگىلى ئۆتكەندىن كېيىن بوقچىلاپ ساندۇققا سېلىپ قويۇش لازىم. بەك كىرلەپ كەتكەن بولسا، ئىسسىق سۇدا سوپۇنلاپ يۇيۇپ، تانا ياكى سىملارغا يېيىپ قۇرۇتۇش كېرەك.»
     
    بالىلار كۈلۈشتىن ئۆزىنى توختىتالماي، پارتىلارنىڭ تېگىگە دومىلاپ كېتىشكەنىدى.
     
    ساۋاقداشلىرىنىڭ مەسخىرىلىرى ۋە كۈلۈشلىرىدىن ئىنتايىن خىجالەت بولغان مۇرات يىغلاپ ئورنىدىن تۇرۇپ:
    - بىراق، مۇئەللىم، مەن ئۇلارنى كىتابقا قاراپ يازغانىدىم،- دېدى.
    - چۈشەندىم، كۆچۈرۈپسەن،- دېدى مۇئەللىم،- بىراق، «بالا بېقىش»نىڭ ئورنىغا «كىيىم-كېچەكنى ئاسراش»نى يېزىپسەن.
    - ماڭا زەينەپ دەپ بەرگەن، مۇئەللىم.
    - ھە...- دېدى مۇئەللىم ماڭا قاراپ،- كۆچۈرتكىنىڭنى ئاز دەپ، خاتا كۆچۈرتۈپسەن-دە...
    ئەمدى ئىنكار قىلىدىغان يېرى قالمىغانىدى.
    - خاتا كۆچۈرتمىدىم، مۇئەللىم، مەن پەقەت سوئاللارنىڭ كىتابنىڭ قايسى بېتىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدىم.
     
    مۇئەللىم مۇراتنىڭ كىتابىنى ئېلىپ قارىغاندا، خاتانىڭ نەدىن كەلگەنلىكى ئايدىڭلاشتى. مۇئەللىم:
    - بۇ ئەھۋالنى ئاپاڭغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشقا مەجبۇرمەن،- دېدى.
     
    مۇئەللىم ئاپامنى مەكتەپكە چاقىرتىپ گۇناھىمنى ئۇقتۇردى. ئۇ كېچە ئۆيدە ئاپام بىلەن دادامنىڭ ماڭا قىلمىغان گېپى قالمىدى.
    - ناھايىتى سەت ئىش بوپتۇ، قىزىم...- دېدى دادام.
     
    ھېلىمۇ ياخشى ئۇ كېچە بوۋام ئۆيدە يوق.
    - قويۇۋېتىڭلار قىزنى، خۇدا ھەققىدە،- دەپ ئۇلارغا ۋارقىرىدى دادام،- نېمە بوپتۇ؟ ئۆزى كۆچۈرمەي، باشقىلارغا كۆچۈرتۈپتىغۇ...
    - ھەر ئىككىلىسى بىر گەپ ئەمەسمۇ؟- دېدى ئاپام.
    - قېنى قايسىڭلار ئىمتىھاندا كۆچۈرمىگەن؟
    - لېكىن ئۇلار تۇتۇلۇپ قالماپتۇ،- دېدى مەتىن.
     
    بولارى بولدى، تارتماسقا چارە يوق... لېكىن ئىنتايىن جنىم سىقىلدى. مېنى ھەممىدىن كۆپرەك زېرىكتۈرگىنى مەتىن ئىدى. ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسىلا، ئۇ: «نېمىدىگەن سەتچىلىك، نېمىدىگەن ئەيىب ئىش... ئىمتىھاندا كۆچۈرتۈپمۇ تۇتۇلۇپ قالغان بارمۇ؟ نېمىدىگەن سەتچىلىك» دەپ مېنى مەسخىرە قىلىدۇ.
     
    خەت-خەۋەرلىرىڭنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىمەن. ئۇزۇن-ئۇزۇن ياز، بولامدۇ؟
     
    خەير-خوش، ساڭا مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەيمەن.
     
     
    زەينەب يالقىر
    1964-يىلى 26-فېۋرال، ئەنقەرە
     
     
     
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.