ئىگەرلىك ئات-خاتىمە(تۈگىدى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-12 07:25:44

ئىگەرلىك ئات(تارىخىي پوۋېست)ئابدۇللاھ تالىپخاتىمەبۇ تارىخىي پوۋېستتا تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلەر؛ زامان، ماكان ۋە شەخسلەر ھەققىدىكى بايانلارنىڭ ھەممىسى رېئال تارىخنىڭ ئەينەن ۋە ھەقىقىي خاتىرىسى.پو...



    ئىگەرلىك ئات(تارىخىي پوۋېست)
    ئابدۇللاھ تالىپ

    خاتىمە



     

     

    بۇ تارىخىي پوۋېستتا تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلەر؛ زامان، ماكان ۋە شەخسلەر ھەققىدىكى بايانلارنىڭ ھەممىسى رېئال تارىخنىڭ ئەينەن ۋە ھەقىقىي خاتىرىسى.

    پوۋېستنىڭ باش قەھرىمانى قوچقار پالۋان (1910 - 1937) ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30- يىللىرى تەڭرىتاغنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدا پارتلىغان فېئودالىزم ۋە مىلىتارىزمغا قارشى قوزغىلاڭنىڭ باتۇر جەڭچىسى سۈپىتىدە تەكلىماكان ئەتراپىدىكى بارلىق شەھەر-يېزىلارغىچە تونۇلۇپ كەتكەن قەھرىمان رېئال شەخس.

    ئۇ كىچىكىدىنلا ئانىسىدىن ئايرىلىپ يېتىم ۋە سەرگەردان تۇرمۇش كەچۈرگەن، كىشىلەرگە ياللىنىپ ئىشلىگەن، ئادالەتنى ياقلاش جاسارىتى تۈپەيلى قارىلىنىپ تۈرمىدە ياتقان، ھەر خىل مۈشكۈلاتلارنى يېڭىپ مەدرىسىگە كىرىپ ئوقۇپ، مەرىپەتلىك بولۇپ يېتىلگەن.

    ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا پاك روھ ۋە ساغلام بەدەن، جۈملىدىن پەزىلەت، مەرىپەت ۋە ھەققانىيەت ئامىللىرى بىرلەشكىنى ئۈچۈن، خەلق قوزغىلىڭىغا قاتنىشىشتا ئۇنىڭ قەيسەرلىك ۋە چىداملىق خاراكتېرى، مەنسەپكە ۋە مال-دۇنياغا قىزىقماسلىق روھى، يامانغا خۇشامەت قىلمايدىغان، ئاجىزغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ئالىيجاناب پەزىلىتى بارلىق پىدائىي يىگىتلەر ئىچىدە ئەخلاق مىزانى بولۇپ قالغانىدى. ئەمدىلا يىگىرمە ئالتە ياشقا كىرگەن قوچقار پالۋان (ئابدۇنىياز كامال) نىڭ دېۋىزىيە كوماندىرى بولۇپ قېلىشى يۇقىرىدىن بېرىلگەن مەنسەپ بولماستىن، ئەكسىچە پۈتۈن پىدائىي يىگىتلەر ئاممىسى سايلىمىنىڭ مەھسۇلاتى ئىدى.

    ئۇنىڭ زوراۋان كۈچلەرگە تەن بەرمەس روھى ھەتتا شېڭ شىسەي  دەك چەت ئەلدىكى ھەربىي ئالىي مەكتەپنى تۈگەتكەن ھاجى  تەرىپىدىن شېڭ دۇبەنگە ئەل بولۇش توغرىسىدا يېزىلغان خەتلەرگە ھەرگىز مۇرەسسە قىلمىغانىدى. بۇنىڭ سىرتىدا، ئۇ ئەجنەبىيلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا ئىزچىل قارشى كۈرەش قىلغان ۋەتەنپەرۋەر جەڭچى ئىدى.

    ئابدۇنىياز كامال ئىلىم-مەرىپەتنى، ئالىم-ئۆلىمالارنى ھۆرمەت قىلاتتى. ئۇلارغا ئازار يەتكۈزگۈچىلەردىن قاتتىق نەپرەتلىنەتتى. يۇرتىمىزنىڭ تارىخى-تەزكىرىلىرىدە ئۇنىڭدەك قەيسەر شەخس كەم ئۇچرايدۇ ۋە شۇ كەبى ئەجدادلارنى تەتقىق قىلىدىغان ئوقۇمۇشلۇق ئەۋلادلارمۇ ئاز ئۇچرايدۇ. بۇ ھال نادانلىقتىن كېلىۋاتقان شورلۇق.

    نېگىر يازغۇچىسى ئالىكس ھارى ئۆزىنىڭ «يىلتىز» ناملىق مەشھۇر رومانىدا «ئادەم بولساڭ ئەجدادىڭنى ئىزدە» دېگەنىدى. «ئېگەرلىك ئات» پوۋېسىتنىڭمۇ ئاشۇ روھىنىڭ بىر نامايەندىسى بولۇپ قېلىشىغا ئىشىنىمەن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.