خۇدا ۋە يېڭى فىزىكا 13

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-10 18:18:41

بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادا نۇرغۇن نەرسىلەر بار، ئۇلار ھەم سىرلىق ئەمەس، ھەم نوقۇل ھالدا فىزىكىلىق «خىش»لاردىن تەشكىل تاپمىغان. سىز ئادەمنىڭ ئاۋازىغا ئىشىنەمسىز؟ چاچ ئېلىش قانداق ئىش؟ م...



     

    بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادا نۇرغۇن نەرسىلەر بار، ئۇلار ھەم سىرلىق ئەمەس، ھەم نوقۇل ھالدا فىزىكىلىق «خىش»لاردىن تەشكىل تاپمىغان. سىز ئادەمنىڭ ئاۋازىغا ئىشىنەمسىز؟ چاچ ئېلىش قانداق ئىش؟ مۇشۇنداق ئىش بولامدۇ؟ ئۇلار نېمىلەر؟ فىزىكا ئالىملىرىنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، تۆشۈك دېگەن نېمە؟ بۇ يەردە دېيىلىۋاتقىنى كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان قارا ئۆڭكۈر ئەمەس، بەلكى بىر پارچە پىشلاقتىكى تۆشۈكتىن ئىبارەت. بۇ تۆشۈك تەبىئىي نەرسىمۇ؟ سىنفونىيە دېگەن نېمە؟ «يۇلتۇزلۇق بايراق» دېگەن بۇناخشا ۋاقىت-بوشلۇقنىڭ قايسى يېرىدە؟ بۇ ناخشا دۆلەت مەجلىسى كۇتۇپخانىسىدىكى ھېلىقى قەغەردىكى بەزى سىياھ ئىزىدىن ئىبارەتمۇ؟ ئۇ قەغەز كۆيدۈرۋېتىلسە، ئامېرىكىنىڭ بۇ دۆلەت شېئىرى يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. لاتىن تىلى يەنىلا مەۋجۇت، لېكىن ئۇ تىرىك تىل ئەمەس. فىرانسىيە ئۆڭكۈر ئادەملىرىنىڭ تىلى ئاللىقاچان يوقالدى. قارتىدىن ئىبارەت بۇ خىل ئويۇننىڭ بارلىققا كەلگىنىگە تېخى 100 يىلمۇ بولمىدى. ئۇ قانداق نەرسە؟ ھايۋان ئەمەس، ئۆسۈملۈك ئەمەس، مېنىرال ماددىمۇ ئەمەس.

    بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ماسسىغا ئىگە جىسىم ئەمەس ياكى بىر خىل خىمىيىلىك بىرىكمىمۇ ئەمەس، لېكىن ئۇلار يەنە نوقۇل ئاستراكت نەرسىمۇ ئەمەس، ئۇلار خۇددى ئىرراتسىئونال سان ∏غا ئوخشاش بولۇپ، ئۆزگىرىدۇ، بوشلۇق ۋە ۋاقىت ئىچىدىن ئۇلارنىڭ ئورنىنى تاپقىلى بولمايدۇ. بۇ نەرسىلەرنىڭ بارلىققا كەلگەن يېرى ۋە تارىخى بار. ئۇلار ئۆزگەرسە، قانداقلىكى ئىش يۈز بەرسە بولۇۋېرىدۇ. ئۇلار بىرخىل تۈر، بىرخىل كېسەللىك ياكى بىرخىل يۇقۇملۇق كېسەللىكتەك، ھەممىلا جايدا ھەرىكەت قىلسا بولىدۇ. بىز ھەرگىزمۇ كىشىلەر ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان سەرقانداق نەرسىنى بوشلۇق ۋە ۋاقىت ئىچىدە ھەممىلا جايدا ھەرىكەت قىلىدىغان زەررىچىلەر توپى دەپ قاراشقا بولىدۇ، دەپ قارىساق بولمايدۇ.

    (قىسقارتىلدى)

     

    كۆپ ساندىكى كومپيۇتېر پروگراممىسى تۈزگۈچى خادىملار ھەقلىق رەۋىشتە، قاتتىق دېتال قاتلىمى بىلەن يۇمشاق دېتال قاتلىمىنىڭ سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىنىڭ سېلىشتۇرۇشچانلىقى يوق دەپ قارايدۇ. ئۇلار بىردەك ھالدا: «كومپيۇتېر بەزىبىر توك يوللىرىدىن تەشكىل تاپقان، ئۇنىڭنېمە ئىشلارنى قىلالىشى ئېلېكتر ئىلمى قانۇنى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن بولىدۇ. ئۇنىڭ چىقىرىدىغىنى، ئىشتىن بۇرۇن بەلگىلەپ قويۇلغان توك يوكىدا ماڭغانلىقىنىڭ تەبىئىي نەتىجىسىدىن ئىبارەت» دېيىشىدۇ. بۇ گەپلەرنى دەپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلار كومپيۇتېردا تەڭلىمە يېشىش، سېلىشتۇرۇش، تەدبىر بەلگىلەش، ئۇچۇر جەريانىغا ئاساسن خۇلاسە چىقىرىش ھەققىدە سۆزلىشىدۇ. بۇنداق بولغاندا، بىز ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل قاتلامدىكى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىگە، يەنى قاتتىق دېتال بىلەن يۇلشاق دېتالنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئىگە بولىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىزنىڭ يۇمشاق دېتالنىڭ قاتتىق دېتالغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرىشىمىزنىڭمۇ ھاجىتى يوق. روھنىڭ تەنگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ قەدىمىي گەپمۇ ئۇقۇم قاتلىمىنىڭ ئارىلاشتۇرۇۋېتىلىشىدىن كېلىپ چىققان دەپ قاراشقا بولىدۇ. بىز ئەزەلدىن «كومپيۇتىر پروگراممىسى قانداق قىلىپ كومپيۇتېر توك يولىغا تەڭلىمە يەشتۈرىدۇ؟» دېگەندەك سۇئاللارنى سورىمايمىز. ئوخشاشلا، بىزنىڭ «ئىدىيە قانداق قىلىپ نېۋرونلارنى ئىزقا سېلىپ تەن ئىنكاسى پەيدا قىلىدۇ؟» دەپ سورىشىمىزنىڭمۇ ھاجىتى يوق.

    فۇنكىسىئونالىزم دىنغا نىسبەتەن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

    فۇنكسىئونالىزم گويا ئىككى بىسلىق خەنجەرگە ئوخشايدۇ. بىر تەرەپتىن، فۇنكسىئونالىزم روھنىڭ ئىنسانلارغىلا خاس ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، ماشىنىمۇ پىكىر يۈرگۈزەلەيدۇ، ئۇنىڭدىمۇ تۇيغۇ بولىدۇ، ھېچبولمىغاندا پرىنسىپ جەھەتتە شۇنداق بولىدۇ دەپ جار سالىدۇ. ئەمما ئەنئەنىۋى قاراش بولسا خۇدا روھنى ئادەمگە ئاتا قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، فۇنكسىئونالىزمنىڭ ئەنئەنىۋى دىنىي قاراش بىلەن سىغىشالىشى تەس، يەنى بىر تەرەپتىن، فۇنكىسىئونالىزم روھنى ئادەمنىڭ تېنىدىن ئىبارەت بۇ تۈرمىدىن ئازاد قىلىپ، بۇ ئارقىلىق ،مەڭگۈلۈك ھايات مەسىلىسىنى ھەل بولمايدىغان قاتارغا چىقىرىۋەتتى.

    فۇنكسىئونالىزم روھ توغرىسىدىكى كۆپ قىسىم ئەنئەنىۋى مەسىلىلەرنى بىر يولىلا ھەل قىلىپ بەردى. روھ قانداق ماتېرىيالدىن تەشكىل تاپقان؟ بۇنداق سۇئال ئەھمىيەتسىز بولۇپ، ئۇنىڭ ئەھمىيەتسىزلىكى پۇقرالىق ھوقۇقى ياكى چارشەنبە قانداق ماتېرىيالدىن تەشكىل تاپقان دەپ سوراش بىلەن ئوخشاش. روھ بىر پۈتۈنلۈك ئۇقۇمى بولۇپ، ئۇ ھەرگىز بىرەر ماتېرىيالدىن تەشكىل تاپقان دەپ سوراش بىلەن ئوخشاش. روھ بىر پۈتۈنلۈك ئۇقۇمى بولۇپ، ئۇ ھەرگىز بىرەر ماتېرىيالىدىن تەشكىل تاپمىغان.

    روھ قەيەردە؟ ئۇ ھېچيەردە ئەمەس. روھنى بىرەر ئورۇندا دەپ قاراش خۇددى رەقەم 7نىڭ قايسى ئورۇندا ئىكەنلىكىنى ياكى بېتخوۋىننىڭ سېمفونىيىسىنىڭ قايسى ئورۇندا ئىكەنلىكىنى تېپىپ چىقماقچى بولغانلىق بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئوخشاشلا چۈشىنىش جەھەتتىكى خاتالىقتۇر. روھ، رەقەم دېگەندەك ئۇقۇملارنى بوشلۇقتىن تاپقىلى بولمايدۇ.

    ۋاقىتنىڭ روھ بىلەن مۇناسىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ مەلۇم بىرخىل نەرسە پەقەت ۋاقىت ئىچىدىلا مەۋجۇت بولىدىغان، ئەمما بوشلۇقتا مەۋجۇت بولمايدىغان مۇشۇنداق ئىش بارمۇ؟

    بۇ مەسىلىنىڭ تېگىگە يېتىش تېخىمۇ قىيىن. بىز دائىم ئىشسىزلىق نىسبىتى ئۆرلىدى، مودىدا ئۆزگىرىش بولدى دەيمىز، بۇنىڭ مەنىسى بۇ شەيئىلەر ۋاقىتقا بېقىنىدۇ، لېكىن ئۇلارنى مەلۇم بىر ئورۇنغا مۇقىملاشتۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇلار مۇشۇ سەۋەبتىنلا ئەھمىيەتلىك بولۇپ قالمايدۇ، دېگەنلىكتۇر. ئوخشاشلا، تامامەن شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، روھ ۋاقىتقا بېقىنىدۇ، ئەمما ئۇنى بوشلۇق ئىچىدىن تاپقىلى بولمايدۇ.

    شۇڭا بىز روھ چوڭ ماڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ پائالىيىتىدىن ئىبارەت دەيدىغان قاراش خاتا دەيمىز. چۈنكى بۇ خىل قاراشتا بولۇش ئەسلىگە قايتۇرۇش نەزەرىيىسىنىڭ پاتقىقىغا پېتىپ قالغانلىق بولىدۇ. بىراق، روھ مەۋجۇت بولۇشتا ھەقىقەتەن چوڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ پائالىيىتىگە تايىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، يەنە مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ: تەندىن ئايرىلغان روھ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالامدۇ؟ بۇنىڭغا مۇنداق بىر ئوخشىتىشنى مىسال  كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. بىر رومان ھەرپ ۋە سۆزلەردىن تەركىب تاپىدۇ، ئەمما روماننى پۈتۈنلەي ئاۋاز شەكلىدە ماگنىتلىق لېنتىغا ئېلىپ ساقلاپ قويغىلى ياكى شىفىرغا ئايلاندۇرۇپ تېشىش ماشىنىسىى ئارقىلىق كارتىغا چۈشۈرۈپ قويغىلى بولىدۇ. چوڭ مېڭە ئۆلگەندىن كېيىن، روھ باشقا بىر مېخانىزم ياكى سىستېمىغا يۆتكىلىپ، داۋاملىق تىرىك تۇرالامدۇ؟ ئېنىقكى، بۇ پرىنسىپ جەھەتتە مۇمكىن.

    لېكىن كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۆلگەندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ پۈتكۈل مىجەز-خاراكتېرىنىڭ داۋاملىق ساقلىنىپ تۇرۇش-تۇرماسلىقىدىن غەم يەپ يۈرمەيدۇ. چۈنكى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز خېلى زور دەرىجىدە بەدىنىمىزنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئىقتىدارى بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ. مەسىلەن: جىنسىي پائالىيەتنى ئالساق، ئەگەر بەدەننىڭ ياكى نەسىل قالدۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى بولمىسا، ئۇ  كۈلكىلىك ۋە بىمەنە بولىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ مىجەز-خاراكتېرىدىكى پاسسىپ تەرەپلەر، مەسىلەن، ئاچكۆزلۈك، ھەسەتخورلۇق، ئۆچمەنلىك قاتارلىقلارنىڭ ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن داۋاملىق ساقلىنىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئەگەر ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن روھنىڭ يادروسى داۋاملىق تىرىك تۇرىدىغان بولسام، ئۇنىڭ ئېنىق تەن ئامىلى ھەمدە ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى چىقىرىپ تاشلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن بۇنداق قىلغاندا، روھتىن يەنە نېمىلەر قېپقالىدۇ؟ ئادەمنىڭ ئۆزى قانداق بولىدۇ؟

    (داۋامى بار)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر خۇدا يېڭى فىزىكا _