خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى3(يۈ لاۋسى بالا ئوقۇتماقتا)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-13 09:41:15

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى3 (بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە)نۇرمۇھەممەت ت

    خوتەندىكى يۈ جەمەتىنىڭ كېيىنكى كەچمىشلىرى3 (بىئوگرافىك ئەدەبىي خاتىرە)
    نۇرمۇھەممەت توختى

     

     يۈ لاۋسى بالا ئوقۇتماقتا

     

       يۈ لاۋسى يىراق خۇنەندىن كېلىپ چېگرا رايوندىكى خوتەندە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا كىرىشتى. ئوقۇتقۇچىلىق دېگەن ئىسسىق-سوغۇققا، شامال-جۇدۇنغا، جاپا-مۇشەققەتكە دۇچ كەلمەيدىغان كەسىپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا ئاۋارىچىلىقلىرى بار ئىدى. بولۇپمۇ يات تىللىق بالىلارنى ئوقۇتۇش ئاسان ئەمەس ئىدى، يۈ لاۋسى دۇچ كەلگەن بىرىنچى مەسىلە، ئاشۇ ھەرقايسى مىڭلىكلەر ئەۋەتكەن بالىلارنىڭ ئىسمىنى ئاتاشنىڭ تەسلىكى بولدى، ھۇرۇن خوتۇننىڭ پايتىمىسىدەك ھەم ئۇزۇن، ھەم يات تاۋۇشلار ئارىلاشقان ئاشۇ ئىسىملارغا يۈ لاۋسىنىڭ تىلى زادىلا قولاشمايتتى. يۈ لاۋسى بۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇلارغا يېڭىدىن ئىسىم قويۇپ چىقتى. «سېرىغىز»دىن كەلگەن نۇرمۇھەممەتكە «خې دۇڭباڭ» دەپ؛ «شورباغ»دىن كەلگەن مىرزەخمەتكە «مېيجى»دەپ؛ «شاڭ توساللا»دىن كەلگەن ئابابەكرىگە «سالەيپو» دەپ ئىسىم قويۇپ قويدى. باشقىلارغىمۇ شۇنداق ئىسىم قويدى، ئۈچ ياكى ئىككى بوغۇملۇق ئىسىملارنى ئاتاش كۆپ ئاسان ئىدى. شۇنداق قىلىپ يۈ لاۋسىنىڭ بىرىنچى قىيىنچىلىقى ھەل بولدى. ئىككىنچى مەسىلە ئاشۇ بالىلارنىڭ كۆزگە سىغماسلىقى ئىدى. ھەقىقەتەنمۇ ئۇلار كۆزگە سىغمىغۇدەك سەت ۋە كېلەڭسىز كىيىملەرنى كىيىپ يۈرەتتى، بېشىدىكى سالۋا تەلپەكنىڭ تۈكلىرى شىرنىڭ يايلىسىدەك چۇۋۇلۇپ تۇراتتى. خام-ماتادىن تىكىلگەن خالتا كۆڭلىكى ئوشۇقىغىچە سۆرىلىپ تۇراتتى، پۇتلىرى يالاڭ ئاياغ ئىدى. بۇلارنىڭ نەرىمۇ ئوقۇغۇچىغا ئوخشىسۇن؟ يۈ لاۋسى ئەھۋالنى چىڭ دارىنغا مەلۇم قىلدى، چىڭ دارىن بىر يارلىق چۈشۈرۈۋىدى، ھەرقايسى مىڭلىكلەر دەرھال بالىلارنىڭ يېڭى كىيىمى ئۈچۈن تەڭگە-يامبۇلارنى ئېلىپ كەلدى. ھايال ئۆتمەيلا بالىلارنىڭ ئۈستىگە شۇ كۈنلەردە مودا بولۇۋاتقان سۈن جۇڭسەنچە كالتا چاپان، ئوشۇقىغىچە يېپىپ تۇرىدىغان زامانىۋى شىم چىقتى، پۇتلىرىغا قارا لاتا خەي ھۆسن قوشتى، تەلپەك-دوپپىلىرى بولسا ئېلىپ تاشلاندى. ئاشۇ كۈنلەرگىچە تېخى چىڭ دارىنمۇ، يۈ لاۋسىمۇ، ھەتتا ئەپرۇزى گۇڭ خوجىمۇ ئۇزۇن چاچلىرىنى كەسمىگەن بولسىمۇ، لېكىن يۈ لاۋسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى قىرقىم چاچلىق بالىلارغا ئايلاندى. ئۇلارنىڭ كۆرۈنۈشى ئاشۇ يىللاردىكى ئىنقىلابچىلارنىڭ كۆرۈنۈشىگە، لۇشۈننىڭ ھېكايىسىدىكى AQ نى ئويغاتماي كەتكەن ئىنقىلابچىلارنىڭ كۆرۈنۈشىگە بەئەينى ئوخشايتتى.
       يۈ لاۋسى دۇچ كەلگەن ئۈچىنچى مەسىلە تىل مەسىلىسى ئىدى. باشقا مىللەتتىن بولغان ئاشۇ بالىلار يۈ لاۋسىنىڭ تىلىنى، يۈ لاۋسى بولسا ئۇلارنىڭ تىلىنى ئۇقمايتتى، ئۇلار يۈ لاۋسىنىڭ ئالدىدا چۈشىنىكسىز تاۋۇشلارنى چىقىرىپ گۇدۇڭشىۋاتقان گاچىغا ئوخشايتتى. مەقسەت ئاشۇ گاچىلارغا تىل ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ تىلىنى چىقىرىش ئىدى. يەنە ئوقۇيالايدىغان، يازالايدىغان قىلىشمۇ بار ئىدى، يۈ لاۋسى ئىشقا كىرىشتى، بۇ تولىمۇ مۇرەككەپ ۋە جاپالىق بىر جەريان ئىدى.
       بىر بالىنىڭ تىلى چىقىش ئۈچۈن قانچە ۋاقىت كېتىدۇ؟ بالا تۇغۇلغان كۈندىن باشلاپلا ئاتا-ئانا ئۇنىڭغا تىل ئۆگىتىشكە باشلايدۇ. «دادا» دە، «ئانا» دە، ئۇنى دە، بۇنى دە دەپ قۇلاقلىرىغا قۇيۇشقا باشلايدۇ. ئۈزلۈكسىز ئۆگىتىش نەتىجىسىدە ئىككى ياشقا كىرگەندە بالا تۇنجى ئاددىي سۆزلەرنى ئېيتالايدىغان بولىدۇ. ئالتە-يەتتە ياشلارغا كىرگەندە ئۆز مەقسىتىنى بىلدۈرەلەيدىغان بولىدۇ. بالىنىڭ شۇ ھالىتىنى، ئاشۇ تىلىنى تولۇق ئۆگىنىپ بولدى دېگىلى بولارمۇ؟ ياق، ياق، تولۇق ئۆگىنىپ بولۇش ئۈچۈن يەنە ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت، ناھايىتى جاپالىق ئۆگىنىش جەريانى كېرەك. يۈ لاۋسى ھازىر ئۆزىنىڭ تىلسىز ئوقۇغۇچىلىرى ئالدىدا ئەنە شۇ تىنىمسىز ئۆگىتىدىغان ئاتا_ ئانا رولىنى ئويناۋاتاتتى. ئەمما، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى يېڭى تۇغۇلغان بالا ئەمەس، ئون ياشلاردىن ئاشقان ئۆسمۈرلەر ئىدى، ئۇلارغا ئەسلىي ئۆگەنگەن، چىقىپ بولغان زۇۋانلىرى توسقۇنلۇق قىلىپ تۇراتتى. يەنە ھەركۈنى ئىككى سائەت سەيدۇللا ھاجىم دېگەن ئاخۇن ئوقۇتىدىغان دىنىي دەرسمۇ توسقۇنلۇق قىلىپ تۇراتتى. ئاشۇ ئانا تىل ۋە دىنىي دەرس يۈ لاۋسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى باشقا بىر يۆنىلىشكە سۆرەپ ماڭاتتى. يۈ لاۋسى بولسا ئۇلارنىڭ زۇۋانىنى يېڭى تىلدا چىقىرىشقا تىرىشاتتى. يۈ لاۋسى ئاشۇ چاغلاردا ھازىرقى زاماندىكىدىن سەل ئۆزگىچىرەك ئۇسۇل قوللاندى. ئۇ يېڭى تىلنى ئىپادىلەيدىغان تۆت چاسا خەتلەرنى ئۆگىتىشتىن باشلىدى. خەتلەرنى قانداق يېزىشنى، قانداق ئوقۇشنى ئۆگەتتى. مەنىسىنى ئۆگەتمىدى، مەنىسىنى ئۆگىتىشكە ئامالمۇ يوق ئىدى. ئۇ ھەركۈنى ئون سائەتلەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بىللە بولاتتى، دەرس ئۆتەتتى. ياتاقلىرىغا كىرىپ تازىلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرەتتى. تاماق ئەھۋالىنى تەكشۈرەتتى، بالىلارغا قولىدىن كېلىشىچە غەمخورلۇق قىلاتتى، ئەلۋەتتە تەلەپنىمۇ ناھايىتى قاتتىق قوياتتى، شۇ زاماندىكى ئادەت بويىچە تەن جازاسىمۇ بار ئىدى. تۆت چاسا خەتلەرنى يېزىشنى، ئوقۇشنى ياخشى ئۆگىنەلمىگەنلەرنىڭ ئالىقانلىرى ئۈچ قىرلىق ئەدەپ تايىقى بىلەن كۆرۈشۈپمۇ قالاتتى. بىر يىل ئۆتتى، يۈ لاۋسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تۆت چاسا خەتلەردىن بىرەر مىڭنى يازالايدىغان، بىمالال ئوقۇيالايدىغان بولدى. ئەلۋەتتە ئاشۇ خەت-سۆزلەردىن تۈزۈلگەن جۈملىلەرنىمۇ يادلاشتى، ئاستا-ئاستا ئاشۇ ئۆگەنگەنلىرىنىڭ مەنىسىنىمۇ ھېس قىلىدىغان بولدى، بەزىلىرى تېخى ئانچە-مۇنچە سۆزلەپمۇ قوياتتى، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش-ئۆزلەشتۈرۈش سۈرئىتى بەكلا ئاستا ئىدى. يۈ لاۋسىنى رازى قىلالمايتتى. ئەمما، يۈ لاۋسى ئۆز كۆڭلىگە يارىغۇدەك سۈرئەتنى ئوغلى يۈ شۇنچىڭ بەگزادىدە كۆردى. بەگزادە ھېچكىم ئۆگەتمىسىمۇ ئاشۇ خەقنىڭ تىلىدا سۆزلەيدىغان بولۇپ كەتكەنىدى. بۇ شەكسىزكى، كىچىك بەگزادىنىڭ كۈن بويى دادىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئەگىشىپ يۈرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى ئىدى. ئوقۇغۇچىلار «ئىگىسىگە خۇشامەت قىلماقچى بولساڭ، ئىتىغا سۆڭەك تاشلا» دېگەن تەمسىلنىڭ روھى بويىچە كىچىك بەگزادىنى بەكلا ئەتىۋارلايتتى. بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرگۈدەك قىلىشاتتى، بازارغا چىققان، سۇغا چۆمۈلۈشكە بارغان، ئۈجمە يېگىلى بارغان يەرلەرگە ئۇنى كۆتۈرۈپ بىللە ئاپىرىشاتتى. ئۇنىڭغا توختىماي نېمىلەرنىدۇر سۆزلەيتتى. بەگزادە مانا شۇ جەرياندا بۇ يات مىللەتنىڭ زۇۋانىدا سۆزلەشنى ئۆگىنىپ كەتكەنىدى. بىز بۇنى «كىچىك ۋاقىت تىل ئۆگىنىشنىڭ ئالتۇن پەيتى» دەپ چۈشەندۈرۈشىمىزمۇ مۇمكىن، ۋەھالەنكى بۇ يەردە كىچىك بەگزادىنىڭ زېرەكلىكى بەكرەك رول ئوينىغانىدى.
       يۈ لاۋسى ئوغلىنىڭ يات تىلدا سۆزلەيدىغان بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ بىردىنلا ھەيران بولۇپ قالدى، نېمە دېيىشىنىمۇ بىلەلمىدى. ئەمما، يۈ لاۋسىنىڭ پۈتۈن ئۈمىد_ ئارزۇلىرى مۇشۇ بالىدا ئىدى، مۇشۇ ھاياتلىق يىلتىزىنىڭ بىخلىنىشىنى، كۆكلىشىنى، باراقسان بولۇپ مېۋىلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى، ھەممە ئاتا_ ئانىلار شۇنداققۇ. ئۇلار ئۆزى يېتەلمىگەن پەللىلەرگە ئوغلىنىڭ يېتىشىنى، ئۆزى ئېرىشەلمىگەن نۇسرەتلەرگە ئوغلىنىڭ ئېرىشىشىنى، ئۆزى ئىشقا ئاشۇرالمىغان ئارمانلارنى ئوغلىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. يۈ لاۋسىمۇ شۇنداق ئىدى. ئوغلىغا ھەرقېتىم نەزەر سالغىنىدا قەلبىدە شېرىن ئارزۇ-ئۈمىدلەر دولقۇنلاپ كېتەتتى. يۈ لاۋسى مۇشۇ ئەقىللىق ئوغلىنى تەربىيىلەپ ياراملىق ئادەم قىلماقچى، مۇشۇ بەگزادىنىڭ «تۆت كىتاب»، «بەش دەستۇر»، «24 تارىخ»نى ئوقۇشىنى، كۇڭزى-مېڭزىلار ياراتقان يولدىن ئاغماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتى.
       شۇنداق قىلىپ ئايلارنىڭ كەينىدىن ئايلار، يىللارنىڭ كەينىدىن يىللار ئۆتۈپ كەتتى. لى مېيزى ئاغىچا مۇشۇ ياقا يۇرتتا يەنە بىر قىز تۇغدى. يۈ لاۋسى ئىككى بالىلىق بولدى. شۇ يىللار جەريانىدا يۈ لاۋسى يەنە چىڭ دارىننىڭ توپىلاڭچى راخمان گۇگۇتنى ئاتقا سۆرىتىپ پارە-پارە قىلىپ تاشلىغانلىقىغا؛ راخمان گۇگۇتنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن 14 كىشىگە جازا بەرگەنلىكىگە؛ داۋۇت داموللامنىڭ پارىسىنى قوبۇل قىلىپ، سۇلايمان ئەلەم ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقان مەسچىت-مەدرىسىنى ئۇنىڭغا بۇيرۇپ بەرگەنلىكىگە، ئېسىل موللا-مۆتىۋەرلەرنى بىلىمسىزلىككە چىقىرىپ، ئۆزىگە پارا بەرگەنلەرنى مۇدەررىسلىككە قويغانلىقىغا؛ «زاۋا»لىق ئىسمايىلخان خوجا بىلەن «دۇۋا»لىق پولات ھاجى ئارىسىدىكى يايلاق ماجىراسىنى سوراپ، يايلاقنىڭ قىممىتىدىنمۇ كۆپرەك دەۋا ھەققى ئۈندۈرۈۋالغانلىقىغا؛ «لاسكۇي»دا، «زاۋا»دا تۈگمەن ماڭدۇرۇپ ئىجارىگە سېتىپ يۈرگەنلىكىگە؛ گىلەم ۋە شايى-دۇردۇن كارخانىسىنى ماڭدۇرۇپ كىشىلەرنى ھەقسىز ئىشلەتكەنلىكىگە؛ ھەر يىلى ئۆزىنىڭ، تەتىيىنىڭ، بالا-چاقىلىرىنىڭ، ھەتتا يىراق خۇنەندە قالغان ئاتا-ئانىسىنىڭ مەۋلۇت كۈنىگە باغاق تارقىتىپ، مېھمان چاقىرىپ، سوۋغات يىغىۋالغانلىقىغا؛ «تايتاق»لىق مايسىخان دېگەن قىزنى توقاللىققا ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن «تايتاق» قا بازار بىنا قىلىپ، مەسچىت سالدۇرۇپ، بازار قىزىتىپ بەرگەنلىكىگە شاھىت بولدى. يۈ لاۋسى چىڭ دارىننىڭ يۇرت سوراش ئەھكاملىرىنى بۇزۇپ تاپتىن چىقىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئىسيان كۆتۈرگەن، يۇرتنىڭ ئامانلىقىنى بۇزغانلارنى جازالىسىمۇ مەيلى، بۇنى چوقۇم شۇنداق قىلىش كېرەك، ئەمما ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئاۋامنى قاقتى-سوقتى قىلغىنى نېمىسى، ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرى ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلسا قانداق قىلغۇلۇق؟ يۈ لاۋسىنىڭ قارىشىچە، يۇرتنى بۇنداق سورىسا بولمايتتى، ئەزەلدىن داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان يۇرت سوراش ئەھكاملىرى بۇنداق قىلمىشلارنى چەكلەيتتى، ئادالەت، توغرا _دۇرۇسلۇق، ئاۋامغا كۆيۈنۈش، ئاۋامنى يېتەكلەش، ئاجىز-ئورۇقلارغا يانتاياق بولۇش، يۇرت سوراش مىزانى بولۇشى كېرەك ئىدى. بۇنىڭ ئەكسىچە بولسا جاھان ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كېتەتتى، ئاۋامنى چاپاننى تەتۈر كىيىشكە مەجبۇر قىلاتتى. ئاشۇ شىنخەي يىلى شۇنداق بولمىدىمۇ؟ يەرلىك ئامبال-تۆرىلەرنىڭ پارىخورلۇققا بېرىلىشى خاننى يىقىلىشقا ئېلىپ بارمىدىمۇ؟ ئەمدى مانا مۇنۇ چىڭ دارىن يەنە ئاشۇ يولدا كېتىۋاتسا، بۇنىڭغا قاراپ تۇرۇشقا بولمايتتى. يۈ لاۋسى چىڭ دارىنغا بىرقانچە قېتىم نەسىھەت قىلدى. ئۇنىڭ بىلەن يۈزمۇيۈز تۇرۇپ زاكونلاشتى، ھەتتا ئەيىبلىدى. ۋەھالەنكى، چىڭ دارىن ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭچە بولغاندا، بۇنچىلىك نەرسىلەرگە ئېرىشىشنى دېمىسە، يىراق چېگراغا كېلىپ جاپا تارتىپ يۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى يوق بولۇپ چىقاتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى باش تۇتۇق ياڭ زىڭشىن تۆۋەندە جاپا تارتىۋاتقان ئەمەلدارلىرىنىڭ ساندۇقلىرىنى تولدۇرۇۋېلىشىغا قارشى ئەمەس ئىكەن. كۆرسە كۆرمەسكە، ئاڭلىسا ئاڭلىماسقا سالىدىكەن، ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان يۇرتنى تىنچ-ئامان تۇتۇپ تۇرالىسىلا باشقا ئىشلىرىنى ئانچە سۈرۈشتە قىلىپ كەتمەيدىكەن، ئەمدى مانا مۇنۇ يۈ يىڭخەن خەلپەتكە نېمە دەز كەتتى؟ ئالسام ئۇنىڭكىنى ئالدىممۇ؟ چىڭ دارىن مانا مۇشۇنداق ئويلايتتى. ئۇ چاتاقچى يۈ يىڭخەن خەلپەتنى ئۆزىدىن، ئامباللىقنىڭ ئىشلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇش زۆرۈرلۈكىنى ئاستا_ ئاستا ھېس قىلدى. ئۇ بەزىدە تەدبىر قوللىنىپ چاتاقچى موللىنى ئامباللىق چېگرىسىدىن قوغلاپ چىقىرىشنىمۇ، زىندانغا تاشلاشنىمۇ ئويلاپ قالاتتى. لېكىن، يۇرتداشلىقنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولدى قىلاتتى. ئۇنىڭ بولدى قىلىشى، كۆپرەك ئىشنىڭ چوڭىيىپ كەتمەسلىكىنى نەزەردە تۇتقانلىقىدىن بولاتتى.
       چىڭ دارىن بىلەن يۈ لاۋسىنىڭ ئارىسىدىكى دەز بارغانسېرى چوڭىيىپ بارماقتا ئىدى. يۈ يىڭخەن لاۋسى چىڭ دارىننىڭ قىلمىشلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈشىدىن ئەنسىرىسە، چىڭ دارىن «ئۆزۈم تاپقان بالاغا، نەگە باراي دەۋاغا» دېگەندەك تەڭقىسلىقتا قالغانىدى. ئىككىسى ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ قانچىلىك داۋاملىشىدىغانلىقىغا، نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا كۆزى يەتمەيتتى. ۋەھالەنكى، ئىشنى يەنىلا ۋاقىت ئوڭشىدى. شۇ كۈنلەردە چىڭ دارىن تۇيۇقسىز ئامباللىقتىن قالدۇرۇلۇپ ئۈرۈمچىگە چاقىرتىلدى. چىڭ دارىننىڭ كۆچۈشىگە 30 ھارۋىمۇ يېتىشمەي قالدى. يىغقان قاشتېشىلا ئىككى ھارۋا چىقاتتى، بايلىقنى تاپىدىغان چاغدا ئەنسىرىمىگەن بىلەن، يۆتكەيدىغان چاغدا سەل ئەنسىرەپ قالدى، شۇنچە مال-دۇنيانى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كىرىپ كەلسە، تۇتۇق مەھكىمىسىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ كۆزى قىزىرىشى، گەپ تېپىشى، ھەتتا ياڭ زىڭشىننى مۇسادىرە قىلىۋېلىشقا كۈشكۈرتۈشى تۇرغان گەپ ئىدى. شۇڭا، ئۇ ئازلا ئېرىغ مال (ئالتۇن) نى ئېلىپ، قالغان مال-دۇنياسىنى ئىشەنچلىك ئادىمى تۇرسۇنبەگ تۇڭچىنىڭ ئۆيىدە قالدۇرۇپ كەتتى. تارىخچى مۇھەممەت ئابدۇللا بەگ ھاجىمنىڭ يازمىسىدا قەيت قىلىنىشىچە، تۇرسۇنبەگ تۇڭچى چىڭ دارىننىڭ مال-دۇنياسىنى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئۈچ-تۆت يىلدا ئاران ئەۋەتىپ بولغانمىش...
       چىڭ دارىن كەتتى، يۈ لاۋسى قالدى، ئۇلار ئارىسىدىكى دەتالاشمۇ شۇنىڭ بىلەن پەسكويغا چۈشكەن بولدى، ئەمدى يۈ لاۋسى خاتىرجەم ئىشلەۋەرسە، ئوقۇغۇچىلىرىنى ئوقۇتۇۋەرسە بولاتتى، ئەمما شۇ كۈنلەردە نېمىشقىدۇر يۈ لاۋسىنىڭ قەلبىدە ئانا يۇرت ئىشقى ئۇلغىيىپ قالدى. يېقىندىكى يورۇڭقاش دەرياسىنىڭ كەلكۈنىدەك، يىراقتىكى شاڭجياڭ دەرياسىنىڭ دولقۇنلىرىدەك ئۇلغىيىپ كەتتى، ئولتۇرسا-قوپسا چاڭشانىڭ كۆجۈم كوچىلىرى، شاڭجياڭ بويىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەر، ئۇرۇق-تۇغقان، ئەل-ئاغىنىلەر كۆزىگە كۆرۈنۈپلا تۇراتتى، ئۇخلىسا چۈشىدىمۇ شۇلارنى كۆرەتتى، ئۇنىڭ قەلبىدە «ئانا يۇرتقا قايتساممىكىن» دېگەن بىر ئارزۇ غۇۋا چېقىنداپ ئۆتۈشكە باشلىدى. ئۇ تۇيۇقسىز جان ئۈزدى. ئاران ئۈچ كۈن يېتىپلا بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشتى، مول بىلىملىك، ئاق كۆڭۈل، تىرىشچان، چىقىشقاق يۈ لاۋسى ئاخىرەتكە كېتىپ قالدى. ئۇ ئەڭ ئاخىرقى نەپىسىدە، يېقىندا پەيدا بولغان ئارزۇلىرىغا خىلاپ ھالدا، ئايالى لى مېيزى ئاغىچا بىلەن ئەمدىلا يەتتە ياشقا كىرگەن ئوغلى يۈ شۇنچىڭغا «چېگرا رايوندا ئاخىرغىچە پۇت تىرەپ تۇرۇش» توغرىسىدا ۋەسىيەت قىلدى. «چاڭشاغا قايتىمەن دېمەڭلار، ئاخىرغىچە مۇشۇ يەردە چىڭ تۇرۇڭلار» دېدى ئۇ ئۈزۈپ-ئۈزۈپ سۆزلەپ. ئۇنىڭ نەپىسى يېتىشمەيۋاتاتتى، ئاخىرقى نەپەسلىرىنى ئېلىۋاتاتتى، ئاشۇ گەپتىن كېيىن ئۇنىڭ كۆزلىرى مەڭگۈلۈككە يۇمۇلدى. بۇ 1922-يىلى ، يەنى مىنگونىڭ 11-يىلى كۈز ئايلىرىدىكى ئىش ئىدى.
       بىزگە يېتىپ كەلگەن تارىخىي ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خۇنەن چاڭشالىق يۈ يىڭخەن خەلپەتنىڭ جەسىتى سېلىنغان ياغاچ ساندۇق بۈگۈنكى خوتەن شەھەرلىك «گۈلباغ سودا بازىرى»نىڭ شىمالىدىكى، ئۆز ۋاقتىدا «سىتاڭمياۋ بۇتخانىسى» غا جايلاشقان قەبرىستانلىققا كۆمۈلگىنى مەلۇم، تۇغۇلۇش ۋە ئۆلۈش قازايى-قەدەر تەۋە ئىش بولۇپ، كىمنىڭ قەيەردە تۇغۇلۇشى ۋە قەيەرگە دەپنە قىلىنىشى، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقىدىكى ئىش ئەمەس.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.