قار كۆزەينەكلىك قىز

يوللىغۇچى : mehrigul يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-21 16:20:18

قارا كۆزەينەكلىك قىز ئىھسان ئابدۇقۇددۇس(مىسىر) راخمان مامۇت تەرجىمىسى 1ئالىيجانابلىق، ساپ نىيەتلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك، باتۇرلۇق، سادىقلىق، پاكلىق. . . تۇرمۇشنىڭ مىزانى، ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئۈلگىسىمۇ...



      

                     قارا كۆزەينەكلىك قىز  

                    ئىھسان ئابدۇقۇددۇس(مىسىر)

                     راخمان مامۇت تەرجىمىسى 

                              1

    ئالىيجانابلىق، ساپ نىيەتلىك،  ۋەتەنپەرۋەرلىك،   باتۇرلۇق، سادىقلىق،  پاكلىق. . . تۇرمۇشنىڭ مىزانى،  ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئۈلگىسىمۇ؟

    ئۇنىڭغا ھەممە ئادەم ئەمەل قىلىشى كېرەكمۇ؟

    ياق!ئادەملەر ئۇنى پەقەت ئېھتىياجى چۈشكەندىلا ئىشلىتىدۇ،  باشقا چاغدا ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ.

    نېمە ئۈچۈن كەمبەغەللەرنىڭ خوتۇنى ئېسلزادىلەرنىڭ خوتۇنلىرىغا قارىغاندا ئېرىگە سادىق كېلىدۇ؟

    بۇ ئۇلارنىڭ تۇغما پاكلىقىدىن ئەمەس،  ئۇلار مىڭ بىر جاپا بىلەن بەرپا قىلغان ئائىلىسىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئېرى بىلەن ھەمنەپەس ياشايدۇ.  ئېسلزادە خېنىملارنىڭ پۇلى بولغاچقا،  ئەرلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقمايدۇ.

    نېمە ئۈچۈن كەمبەغەللەر بايلارغا قارىغاندا ئىنسانىي ئەدەب-ئەخلاقنىڭ قەدىر-قىممىتىنى بىلىدۇ؟

    ئاجىز دۆلەتلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا،  ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن ئەركىنلىك پەقەت چەت ئەل قوشۇنلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىدىن چىقىپ كەتكەنلىكى بىلەن چەكلىنىدۇ،  كۈچلۈك دۆلەتلەردە بولسا،  ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن ئەركىنلىك مۇستەملىكە ۋە تاجاۋۇز قىلىش بىلەن ئۆلچىنىدۇ.  مىسىر خەلقى ئەنگىلىيە قوشۇنلىرىنىڭ چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغاندا،  ئەنگىلىيلىك بەزى ئادەملەر مىسىرنى بېسىپ ياتقىنىغا تەنتەنە قىلىشقان.

    مانا بۇ رېئاللىق،  ئاشكارە رېئاللىق.

    قارىغاندا،  ئالىيجاناب پىرىنسىپلار ئاجىزلارنىڭ ئۆزلىرىنى يۆلەپ تۇرىدىغان ھاسىسى ئىكەن،  كۈچلۈكلەرنىڭ ئۇنىڭغا ھاجىتى چۈشمەيدۇ،  ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كۈچىگە تايىنىدۇ.

    ئۇ يۇمشاق سافادا ئوچاقتىكى ئوتقا قاراپ ئولتۇرۇپ،  كىشلىك ھاياتنىڭ ئۇزۇن مۇساپىسىدە يەكۈنلىگەن يەكۈنلىرى ئۈستىدە ئويلىنىۋاتاتتى،  شۇ يەكۈنلىرى ئۈچۈن ئۆزىگىمۇ تەمەننا قوياتتى.

    راست ئەمەسمۇ،  يەتتە يىلنىڭ ئالدىدىكى چاغلار بولغان بولسا ئۇ مۇشۇنداق ھەشەمەتلىك سارايلاردا ئولتۇرالامتى؟ پاراغەتنىڭ پەيزىنى سۈرەلەمتى؟

    يەتتە يىل  يىل ئىلگىرى ئۇنىڭ تۇرمۇشى پۈتۈنلەي باشقىچە ئىدى.  ئۇ چاغلاردا ئۇ سېپى ئۆزىدىن «ياڭتۆش» ياكى «قارا نامرات»ئىدى،  كۆپ بولسا «تالانتلىق رەسسام "دەپ ئاتىلاتتى.  ئۇ پەي قەلەمنى قورال قىلىپ،  ئۆزى ئۈچۈن "تەلەپچان ۋە قورقماس» دېگەن ئاتاق قازاندى.  «تەلەپچان» دېگىنى ئۇنىڭ ئۆزىگە،  «قورقماس» دېگىنى جەمئىيەتكە،  قانۇنغا،  ھۆكۈمەتكە ۋە ئەنئەنىگە يۈرەكلىك ھالدا تاقابىل تۇرالىغانلىقىغا قارىتىلغاندى.

    ئۇ ئىلگىرى ئالىيجاناب پىرىنسىپلارغا قاتتىق ئىشىنەتتى ۋە بۇ پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلغانلىقى ھەرگىزمۇ مەلۇم بىر شەخسنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن،  دەپ قارىمايتتى.  يۈكسەك ئەخلاق-پەزىلەتلەرگە،  خۇداغا بولغان ساداقىتىگە ئوخشاش ساداقەت بىلەن ئېتقاد قىلاتتى،  ئۇنىڭدىن  ھەرگىزمۇ گۇمانلانمايتتى.

    ئۇ چاغلاردا ئۇ سەمىمىي،  ساپدىل،  جۇشقۇن،  جۈرئەتلىك ياش ئىدى،  ھەر قانداق ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلاتتى،  بولۇپمۇ قىزلار بىلەن مۇھەببەتلەشكەن چاغلاردا،  مۇھەببەت دېڭىزغا بېشىچىلاپ  كىرىپ كېتەتتى.

    ئۇ مۇھەببەتسىز ئۆتىدىغان تۇرمۇشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇرىغا سىغدۇرالمايتتى.

    مۇھەببەت ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ ئۇسسۇزلىقىنى قاندۇرىدىغان شەبنەم،  شېرىن مەي ھازىرلاپ بېرىدىغان گۈل بەرگىسى ئىدى.  مەي ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭىپ نېرۋىلىرىنى مەست قىلغاندا،  پۇتىغا سانجىلغان تىكەننىمۇ سەزمەي ماڭاتتى.  مۇھەببەت ئۇنىڭغا كۈچ بېرىپ ئۇنى خەتەردىن قورقماي ئىلگىرلەيدىغان باتۇر قىلدى،  كۆكرىكىگە تېگىپ تۇرىدىغان تىنىمسىز يۇمشاق كۆكرەكلەر،  ۋۇجۇدىنى ھاياجانغا سېلىپ يوپۇرماقتەك تىترەتكەن ئاجايىپ نازلىنشلار تۇرمۇشىغا ئەڭ شېرىن لەززەت بىغىشلايتتى.

    بەزىدە ئۇ شۇنچە كۆپ قىزلارغا ئىشقىنى باغلاپ،  بىرىدە بولسىمۇ مۇۋەپىقىيەت قازىنالمىغانلىقىغا ھەيران بولاتتى.  قايسىلا قىزغا ئىشقى چۈشسۇن.  ئۇنىڭغا شۇنچىلىك پاك، سەمىمىي نىيىتى بىلەن بېرىلەتتى،  مۇھەببەتنىڭ ئازابى بىلەن شاتلىقىنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھېس قىلالايتتى، ئەمما ئاخىرىدا ئۇنىڭ مۇھەببىتى دائىم دېگۈدەك خاپىلىق بىلەن تۈگەيتتى.

    ئۇ نۇرغۇن ئويلىنىپ،  يالقۇنجاب تۇرىدىغان يۈرىكىنىڭ نېمە ئۈچۈن سەزگۈر،  ئۆزگىرىشچان بولۇپ قالغانلىقىنى بالا ۋاقتىدىكى ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشىدىن باشقا ھېچقانداق نەرسە بىلەن دەللىلەپ بېرەلمىدى.

    ئۇ بالا ۋاقتىدا مېھرىبانلىقتىن  مەھرۇم ئىدى،  ئاننىڭ ئىللىق باغرىغا بېشنى قويۇش ئۇنىڭغا برەر قېتىممۇ نېسىپ بولۇپ باقمىدى.  ئېچىنىشلىق سەرگەردانلىق ھايات ئۇنىڭ گۆدەك قەلبىگە چوڭقۇر يېرىقلارنى قالدۇرغانىدى.  كېيىن ئۇ چوڭ بولۇپ،  شۇ يېرىقلارنى تولدۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن ئامال چارىلەرنى قىلدى،  بالا چاغلىرىدا ئېرىشەلمىگەن نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن،   ئۇچىرىغان بىر ئايالدىن تەلۋىلەرچە مېھرىبانلىق ئىزدىدى.

    كېيىن ئۇ سوچىت دېگەن قىز بىلەن ئۇچىرىشىپ قالدى.

       بۇ قېتىم ئۇ مۇھەببەت شارابىنى ئېچىلىپ تۇرغان خۇشبۇي گۈلدىن ئەمەس،  گرانت تاشتىن سىقىرىپ چىقىرىپ ئىچتى.

        قىز گۈزەل ھەيكەلنىڭ ئۆزى ئىدى،  قىلىقلىرى ئادەمنى سەسكۈندۈرسىمۇ،  ئۇ ئۇنى جېنىدىن ئەزىز كۆرەتتى.

      ئۇ مۇھەببەت يالقۇنى ئىچىدە ئۆرتىنەتتى،  يالقۇن ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلاتتى،  قىز بولسا مىسالى  قارا قىشتىكى مۇز بولۇپ،  ئۇنىڭدا نە قىزغىنلىق،  نە رەھىم –شەپقەت دېگەن نەرسە يوق ئىدى.

      ئىككىسى گويا ئىككى دۇنيادىن كەلگەندەك بىر-بىرىگە زادىلا ئوخشىمايتتى.

     ئۇنىڭ ئېتقاد مىزانى،  ھارماي ئىزدىنىدىغان يۈكسەك غايىسى بارا ئىدى،  قىزدا بولدا ئۇنداق مىزان،  ئۇنداق غايىلەردىن ئەسەرمۇ يوق،  ھەتتا ئۇ دۇنيانىڭ شۇنداق مىزان ۋە غايىلەرگە موھتاج ئىكەنلىكىگىمۇ ئىشەنمەيتتى.

       ئۇنىڭ خاراكتىرى ئۆزگىچە بولۇپ،  ئۇ بولمىسىمۇ ئادەم ئۆزىنى خۇددى ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى.  قىز ئۇنىڭ خاراكتىرىگە ئىگە ئەمەس ئىدى،  بار بولسىمۇ يوقتەك ھېس تۇراتتى.  كىشىلەر قىزنىڭ مىللىتى ۋە سالاھىيىتىنى بىلمەيتتى.  مىسىردا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن تۇرۇقلۇق مىسىر گراژدانى ئەمەس ئىدى: جەمەتى سۈرىيىدە بولسىمۇ سۈرىيىلىكلەر بىلەن بېرىش –كېلىشى يوق ئىدى: فرانسىيىلىك بولمىسىمۇ،  فرانسىيە گراژدانى ھېسابلىناتتى؛ئۆزىنى مىسىرلىقتەك ھېس قىلمىسىمۇ،  مىسىرلىقلار ئىشەنگەن نەرسىنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنەتتى.  ئۆزىنىڭ فرانسىيەگە مەنسۇب ئەمەسلىكىنى ھېس قىلسىمۇ،  ئۆزىنى فرانسىيە گراژدانىدەك مەغرۇر تۇتاتتى.

      قىزنىڭ تىلىمۇ ئارلاش ئىدى،  ئەرەبچىگە فرانسۇز تەلەپپۇزىنى،  فرانسۇزچىغا ئەرەب  تەلەپپۇزىنى ئارلاشتۇرۇپ سۆزلەيتتى.  ئنگىلىزچىنى بولسا كىنولاردىن ئۆگىنىۋالغىنى بويىچە ئامېرىكا ئاھاڭىدا تەلەپپۇز قىلاتتى،  قىزنىڭ مىللىتى،  ۋەتىنى ۋە تىرشىدىغان نىشانى يوق ئىدى.  دۇنيادىكى ھەرقانداق نەرسە ئۇنىڭ مۇز يۈرىكىنى ئېرىتەلمەيتتى.  ئۇ خۇددى يوقاپ كەتكەن جىسىمسىز،  شەكىلسىز بىر نەرسىگە،  دېڭىزدا بىر يوقاپ،  بىر پەيدا بولىدىغان كۆپۈككە،  قەدىر-قىممەتسىز،  دۇنيادىن ئىزى ئۆچكەن ئەرزىمەس نەرسىلەرگە ئوخشايتتى.

    ئۇنىڭ ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكى كۈندۈزىمۇ-كېچىسىمۇ كۆزىدىن ئالمايدىغان قارا كۆزەينىكىدە ئىدى.

    رەسسام ئۇ قىزنى تۇنجى كۆرگەندە،  بىرىنجى بولۇپ ئۇنىڭ قارا كۆزەينىكى بىلەن تولغان كۆكسى ئۈستىگە چۈشۈپ تۇرغان ئالتۇن كرستىگە كۆزى چۈشكەنىدى.  يالتىراپ تۇرغان ئۇ ئالتۇن كرست كىيىمنىڭ قاتلاقلىرى ئىچىدە خۇددى ئىگىسى بىلەن ئەتراپتىكى ئادەملەردىن ئىزا تارتىۋاتقاندەك بىر كۆرۈنۈپ،  بىر كۆرۈنمەي تۇراتتى.

    ئۇ قىزنى تۇنجى قېتىم نەدە كۆرگەن؟

    بۇ ئۇنىڭ ئېنىق ئېسىدە: 1943-يىلى 5-ئىيۇن،  ئىسكەندىرىيىدىكى «لومان» تۈن كۇلۇبىدا.

    شۇ چاغدا ئۇ قىزنى كەمسىتكەن،  ئۇنىڭدىن يۇقىرى  تەبىقىدىكىلەردىن يىرگەنگەندەك يىرگەنگەنىدى.  ئادەم بۇ تەبىقىگە مەنسۇپ بولمىغان چاغدا،  ئۇنىڭغا ھامان دۈشمەنلىك نەزەر بىلەن قارايدۇ.

        قىز ئۆزىنىڭ ئەڭ گۈزەل چاغلىرىنى قاقاقلاپ كۈلۈشلەر،  تىنماي ئىچىشلەر بىلەن ئۆتكۈزەتتى.  قولىدا قەدەھ،  ئۈستەللەرنى ئارىلاپ،  ئەرلەرنى ئۆزىگە رام قىلىشقا ئۇرۇناتتى.  ئەرلەر ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرىغا ئادەتلىنىپ كەتكەندەك،  سوغۇق كۈلكىلىرى بىلەن جاۋاب بېرەتتى.

      رەسسامنىڭ كۆزى ئۇنىڭ كۆزىدىكى قارا كۆزەينەك بىلەن بوينىدىكى ئالتۇن كىرىستقىلا قادىلىپ قالغانىدى،  قىزنىڭ خۇددى ئەتىر گۈللەرنىڭ خۇش پۇرىقىنىلا پۇراشقا يارىتىلغاندەك چىرايلىق بۇرنى،  ئاق يۈزىنى تېخىمۇ يارقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن رەسسام پەۋقۇلئاددە قەلەملىرى بىلەن سىزغاندەك توم قارا قاشلىرى،  بىركىملەرنىڭ كېلىپ سۆيۈشىنى كۈتۈۋاتقاندەك لالەرەڭ لەۋلىرى ۋە شۇ لەۋلەرگە يېتىپ بارىدىغان يول نىشانىغا ئوخشاپ تۇرغان ئۈچ تال مېڭى ئۇنىڭ كۆزلىرىگە كۆرۈنمەيتتى.

      راست،  ئۇ قىزدىكى بۇ نەرسىلەرنى ئۇ كۆرمىدى،  ياكى چىن مەناسى بىلەن ھېس  قىلالمىدى،   كاللىسىدا پەقەت قارا كۆزەينەك بىلەن ئالتۇن كىرىستلا بار ئىدى.

      رەسسام بىر نەچچە كۈنگىچە تۈزۈك ئۇخلىيالمىدى،  مەيلى ئۇخلىغاندا ياكى ئويغاق ۋاقتىدا بولسۇن،  قارا كۆزەينەك بىلەن پارقىراپ تۇرغان ئالتۇن كىرىست ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن نېرى  كەتمەيتتى،  نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئۇ ئۆزىمۇ بىلمەيتتى،  بەزىدە ئۇ قارا كۆزەينەك بىلەن ئالتۇن كىرىستنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىزدەشكە ئۇرۇنۇپ،  ئۇ ئىككىسىنى بىر پارچە رەسىمگە كىرگۈزۈپ سىزىپ باقسام،  ئۇ قانداق بىر ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرەر دەپ ئويلايتتى.

      ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ نەزىرىدە،  كىرىست ئادالەتنىڭ،  قارا كۆزەينەك زۇلمەتنىڭ سىمۋولى،  شۇنداق ئىكەن،  ئۇ ئىككىسىنى بىر يەرگە قويۇشقا بولامدۇ؟

       قارا كۆزەينەك ئادەمدە بىئارام بولۇشتەك بىر خىل سىرلىق تۇيغۇ پەيدا قىلىشى مۇمكىن،  ئەمما كىرىست ئۇنداق ئەمەس،  ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەممە ئادەمگە ئاشكارا،  بۇنداق ئەھۋالدا ئۇ ئىككىسىنى بىر قاتاردا قويغىلى بولامدۇ؟

      رەسسام قىزنى كۆرۈش ئارزۇسىدا ئۇ كۆپ بارىدىغان جايلارغا باراتتى،  بىراق ئۇنى كۆرگەن ھامان غەزىپى تېشىپ،  ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي،  ئۇنى پۇخادىن چىققۇچە كاچاتلىغۇسى كېلىپ كېتەتتى،  قىز بولسا ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي،  ئەرلەرنىڭ ئەتراپىدا بۇرۇنقىدەك قاقاقلاپ كۈلۈپ،  ھارىقىنى ئىچىپ،  ئۇلارنى ھەدەپ ئۆزىگە رام قىلىشقا ئۇرۇناتتى.

      كېيىن،  رەسسام ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىپ،  قايسى ئەر بىلەن قەيەردە ئۇچرىشىدىغانلىقىغا سەپسالىدىغان بولدى،  ئۇنىڭ كەينىدىن،  ئۇ نەگە بارسا شۇ يەرگە باردى،  ھەممە ئىشلىرىنى يوشۇرۇن كۈزەتتى،  قىز بولسا ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرىنى زادىلا سەزمەيتتى،  رەسسام قىزنىڭ كۆزىدىكى كۆزەينەك بىلەن بوينىدىكى نومۇسچان قىزلاردەك بىردەم-بىردەم كىيىمىنىڭ قاتلاقلىرى ئىچىگە كىرىۋالىدىغان ئالتۇن كىرىستتىن،  باشقا ھېچقانداق ئىشنى بىلەلمىدى.

      بىر كۈنى،  رەسسام بىر دۆلەتنىڭ چەت ئەل كونسۇلخانىسى ئۇيۇشتۇرغان ھاراق زىياپىتىگە تەكلىپ قىلىندى،  ئۇ بۇنداق ئىشلاردىن بىزار ئىدى،  بۇ خىل سورۇنلارنى ساختىلىق بىلەن تولغان،  ئۇ يەرلەردە دۈشمىنىڭگە قاراپ كۈلۈشكە مەجبۇر بولىسەن،  دەپ ئويلايتتى،  بۇرۇن ئۇ ئاشۇنداق سورۇنلارغا كۆپ قېتىم تەكلىپ قىلىنغان،  ئەمما بىرىگىمۇ بارمىغانىدى،  ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەت قىلىپ ئەمەس،  ئۇنىڭ رەسىمىدىن قورقۇپ چاقىرىدىغانلىقى ئۇنىڭغا مەلۇم ئىدى،  ئۇلار رەسسامنىڭ ھېچنىمىدىن قورقمايدىغانلىقىنى،  رەسىم ئارقىلىق ئۆزىلىرىنىڭ ئەپتى-بەشرىسىنى ئېچىپ تاشلايدىغانلىقىنى بىلىشەتتى،  شۇڭا ئۇلار ئۇنى ياخشى كۆرۈپمۇ كەتمەيتتى ھەم ئۇنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇشتىنمۇ قورقاتتى،  رەسسام بولسا ئۇلارنى قورقۇتۇشقا رازىكى،  ئۇلارنىڭ خۇشامەتلىرىگە ئالدانمايتتى،  خۇشامەت بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئالىمەن دېگەندىن كۆرە،  قورقۇتۇپ جېنىنى ئېلىش كېرەك،  ئەلۋەتتە.

      ئەمما بۇ قېتىم ئۇ ئۇلارنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى.

       ئۇنىڭ ئۇ يەرگە بېرىشى قىزنى كۆرۈش ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىش ئۈچۈن ئىدى،  ئۇ ئاخىر مەقسىتىگە يەتتى.

      ساھىبخان مېھمانلارنى بىر-بىرىگە تونۇشتۇرغاندا،  خۇددى قىزنىڭ ئىسمىنى دۇنيادىكى ھەممە ئادەم بىلىدىغاندەك،  تەبىئىي ھالدىلا <سوچت> دەپ ئاتىدى.

      ساھىبخان رەسسامنى تونۇشتۇرۇپ ئىسمىنى ئاتىغاندا،  قىز ھەيران بولۇپ توۋلاپ كەتتى:

      -ئەلگە مەشھۇر رەسسام ئىكەنسىزدە،  مەن تېخى سىزنى ساقىلى ئۇزۇن،  قورقۇنچلۇق بىر بوۋايمىكىن دەپتىكەنمەن.

      رەسسام ئۇنىڭغا جاۋابەن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى،  چۈنكى ئۇ ئۆزىنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن ئادەملەرنىڭ دائىم مۇشۇنداق دەيدىغانلىقىنى تولا ئاڭلاپ ئۆگىنىپ كەتكەنىدى.  ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇشتىن ئىلگىرى رەسسام ئۇنى دائىم كەمسىتىپ كەلگەنىدى،  ئەمما ھازىر ئۇنداق قىلىشقا پېتىنالمىدى،  بۈگۈن ئۇ قىزنىڭ ۋۇجۇدىدا قارا كۆزەينەك بىلەن ئالتۇن كىرىستتىن باشقا ئىلىپتەك چىرايلىق بۇرنىنى،  قەلەمدەك قاشلىرىنى،  يول نىشانىغا ئوخشاپ تۇرىدىغان قاپقارا مەڭلىرىنى،  لالىرەڭ نېپىز لەۋلىرىنى كۆردى.

      قىز ئۇرۇش تۈگىگەندىن كېيىن،  ياۋرۇپاغا ساياھەتكە بارىدىغانلىقى توغرىسىدا تۇتامى يوق پاراڭلارغا چۈشۈپ كەتتى،  رەسسام ئارىلاشمىسا بولمايدىغان گەپلەرگە ئارىلىشىپ قويۇپ،  قالغان چاغلاردا جىىمجىت ئولتۇردى،  قىز ئاخىر ئۇنىڭغا دىققىتىنى ئاغدۇرۇپ،  ئۇنىڭدىن:

      -ئۇرۇش تۈگىگەندە،  نەگە ساياھەتكە بېرىشنى ئويلاۋاتىسىز؟-دەپ سورىدى.

      -مەن ئەزەلدىن ساياھەتكە چىقىپ باقمىغان، -دەپ جاۋاب بەردى رەسسام قىسقىلا قىلىپ.

      -نېمىشقا؟ ياۋرۇپادىكى مەشھۇر جايلارغا بېرىشنى ياخشى كۆرمەمسىز؟

      -مەن ياۋرۇپاغا بېرىپ باقمىغان،  ئۇ يەرگە بارغۇدەك پۇلۇممۇ يوق  مەندە بارى شۆھرەت.

      قىز ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىمىغاندەك ئۇنىڭ بۇ گېپىگە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىدى،  ئۇنىڭدا يا بۇنىڭدىن بىزار بولغاندەك،  يا ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىدىغان ئىپادە يوق ئىدى،  ئۇ پەتنۇستتا ھاراق كۆتۈرۈپ يۈرگەن خىزمەتكارنىڭ پەتنۇسىدىن بىر قەدەھ ھاراق ئېلىپ رەسسامغا تۇتتى:

      -ئەمسە بۇ ھاراقنى ئىچىڭ،  بۇنىڭغا پۇل ئالمايدۇ.

      قىز ھاراقنى ئۇنىڭغا بېرىش ئۈچۈن بۇرۇلغاندا،  تونۇش قارا كۆزەينەك بىلەن ئالتۇن كىرىست رەسسامنىڭ كۆزىگە يەنە تاشلاندى،  بۇ ئىككى نەرسىنىڭ ئارىسىدا يەنە كۈلۈپ تۇرغان چىرايمۇ بار ئىدى.

      رەسسام ئۇنىڭ زاڭلىق ھەم چۆكۈرۈش ئىپادىلىنىپ تۇرغان بۇ سۆزىدىن ھاقارەت ھېس قىلىپ،  ئۇ سۇنغا رومكىنى يەرگە ئېتىپ كۇكۇم-تالقان قىلىۋەتكۈسى،  قارا كۆزەينەك بىلەن كىرىستنى يۇلۇپ ئېلىپ دەسسىۋەتكۈسى،  كۈلگەندە سەدەپتەك پارقىراپ تۇرىدىغان چىشلارنى بىر-بىرلەپ يۇلۇۋەتكۈسى كېپكەتتى،  ئەمما ئۇ ئۆزىنى تۇتۇپ،  يۇقىرىدىكى ئىشنىڭ بىرىنىمۇ قىلمىدى،  ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن ئالىيىپ،  ئۆزىگە سۇنۇلغان رومكىغا نەزىرىنىمۇ سالماي باشقا ياققا قارىۋالدى.

      ئۇ كەينىگە ئۆرۈلۈپ قارىغاندا قىز كۆرۈنمىدى،  ئۇلارنىڭ ئورتاق دوستىمۇ غايىپ بولغانىدى.

    بىر كۈنى رەسسامنىڭ بىر ئاغىنىسى ئۇنى كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلدى،  ئۇ ئادەتتە خەق بىلەن بېرىش-كېلىش قىلمايتتى،  ئۇ ئاغىنىسىنىمۇ تازا ياخشى كۆرۈپ كەتمەيتتى،  چۈنكى ئۇ ئاغىنىسى ماددىي مەنپەئەتنى دەپ ياشايدىغانلار تىپىدىن ئىدى،  راھەت-پاراغەت قوغلىشاتتى،  ئۇنداق ئادەملەر ئاتا-بوۋىسىدىن قالغان دۇنيانى يەپ-ئىچىپ ياشايتتى.  بىر تەرەپتىن پۇلنى سۇدەك خەجلىسە،  يەنە بىر تەرەپتىن پىخسىقلىق قىلىپ بىر تىيىننىڭ ئۈستىدە تىك تۇراتتى.  ئۇلار ئاغىنىنى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن تۇتاتتى،  ئۇلار شۇ مەقسەتتە پۇل خەجلەيتتى.

      شۇنداق بولسىمۇ،  رەسسام ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان ئۇ ئاغىنىسىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى.

      رەسسام ئۇ يەردە ھېلىقى قىزنى ئۇچراتقىنىغا قىلچە ئەجەپلەنمىدى،  بۇ يەردە ئۇ ئىككىسى،  ئىككىسىنىڭ يېقىن دوستلىرى ۋە يەنە بىر قىز بار ئىدى،  رەسسام بۇنىڭغىمۇ ھەيران بولمىدى.

      قىز ئۇنى كۆرۈپ،  خۇددى يېقىن دوستىنى كۆرگەندەك ئۇنىڭدىن:

    • نەدە يۈردىڭىز؟ نېمىشقا سىزنى بىر قېتىمممۇ كۆرمەيمەن؟ نېمە ئۈچۈن مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرمايسىز؟-دەپ سوراپ كەتتى.

    ئۇ خۇددى ئۇنىڭ ھەممە ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇشقا تېگىشلىكتەك،  بۇ سۇئالنى ناھايىتى ئىختىيارى ۋە بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا سورىدى.

      قىز يەنە ھاراق ئىچىشكە باشلىدى.  رومكىدىكى ھاراقنى بىر تېمىمنىمۇ قالدۇرماي ئىچەتتتى،  قولىدىن رومكا چۈشمەيتتى،  شۇنچە كۆپ ئىچسىمۇ زادىلا مەست بولمايتتى.

      ئۇ يەنە ئۈستەلدىكى يېمەكلىكلەرنى ناھايىتى ئىنچىكلىك بىلەن تاللاپ يېيىشكە باشلىدى.  رومكىدىكى ھاراقنى بىر تېمىمنىمۇ قالدۇرماي ئىچەتتى،  قولىدىن رومكا چۈشمەيتتى،  ھەر قانچە ئىچسىمۇ زادىلا مەست بولمايتتى.

      ئۇ يەنە ئۈستەلدىكى يېمىكلىكلەرنى ناھاليىتى ئىنچىكىلىك بىلەن تاللاپ يېيىشكە باشلىدى.  ئەتراپىدا ئادەم يوقتەك قىلچە تارتىنماي ئالاتتى،  توختىماي يەۋاتقان بولسىمۇ،  قورسىقى تويغاندەك قىلمايتتى.  ئاھ خۇدا،  ئۇنىڭ بۇنداق تاماق يېيىشىنى ھەرگىز راۋا كۆرمىگىن،  رەسسام نەپسى يامان ئاياللارغا،  بولۇپممۇ ئالدىغا كەلگەننى بۇلاپ-تالاپ يەيدىغان ئاياللارغا ئۆچ ئىدى،  ئاياللار،  بۇ دۇنيانىڭ نەرسىلىرىنى يېمەيدىغان پەرىشتىلەردەك بولۇشى كېرەك،  دەپ ئويلايتتى،  ئاياللارنىڭ ئەرلىرى بىلەن ئولتۇرۇپ غىزالىنىشىنى ياقتۇرمايتتى،  ئەرلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يېمەسلىك ئاياللارنىڭ قەدىر-قىممىتىنى يوقىتىدۇ ئەمەس،  ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئەرلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشتىن ساقلاپ قالىدۇ.  ئۇلارنىڭ سۆيۈش ئۈچۈن يارىتىلغان قىپقىزىل لەۋلىرى،  كۈلۈش ئۈچۈن يارىتىلغان ياقۇتتەك چىشلىرى ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ئوت يەۋاتقان ياكى كۆشەۋاتقان ھايۋاننىڭكىدەك ئېچىلىپ تۇرمىسۇن،  دەپ قارايتتى.

      لېكىن ئۇ بۈگۈن ئۇ قىزنىڭ ئالدىدىكى نەرسىلەرنى بۇلاپ-تالاپ يەۋاتقان بۇ ھالىتىدىن يىرگەنمىدى،  ئازراق خاپا بولدى،  خالاس.  ئۇ،  قىزنىڭ گۈزەل جامالى ۋە ئۆزى سىزماقچى بولغان رەسىمگە چۈشىدىغان پەرىشتىدەك پاك ئوبرازىغا نۇقسان يەتمەسلىكى ئۈچۈن، قىزغا،  تاماققا ئۆزىڭىزنى ئۇنچىلا ئۇرۇپ كەتمەڭ،  دېگەن مەنىدە شەرەتمۇ قىلىپ قويدى،  لېكىن قىز ئۇنىڭ مەقسىتىنى چۈشەنمەي،  ساراڭ بولسا كېرەك،  دەپ ئويلاپ ئۇنىڭغا ئالىيىپ قويدى.

      ئۈستەل ئەتراپىدا بولۇۋاتقان پاراڭلار شۇنچىلىك تېتىقسىز ئىدى.  رەسسام پاراڭ قىلىشنىمۇ،  خەقلەرگە ئوخشاش ئادەم كۈلدۈرۈش ئۈچۈن تولا سۆزلەنگەن چەت ئەل يۇمۇرلىرىنىمۇ قىزىقارلىق قىلىپ سۆزلەشنىمۇ بىلمەيتتى،  قىز بولسا قىزىق پاراڭلارغا ئۇستا بولۇپ،  تولىمۇ كۈلكىلىك سۆزلەيتتى،  سۆزلەۋېتىپ قاتتىق كۈلەتتى،  ھەتتا كۈلكىسىنىڭ قاتتىقلىقىدىن دەم ئالالماي قالاتتى،  رەسسام ئاخىر بولالماي،  ھاراقنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزىگە ئازراق مەدەت تېپىپ،  قىز بىلەن بىللە كۈلۈش،  قاملاشمىسىمۇ گەپ قىلىش،  شۇ يول بىلەن قىزنىڭ ساختا روھىي ھالىتىنى كەمسىتىدىغان كەيپىياتنى ئۆزىدىن يوق قىلىش قارارىغا كەلدى،  شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۈگۈن ئاخشامدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ ھايات مىزانىغا خائىنلىق قىلىشقا باشلىغانلىقىنى،  سوغۇق ۋە قاتتىق مىجەزىنىڭ ئۆزگىرىشكە يۈزلەنگەنلىكىنى ھېس قىلدى.

       ئۇنىڭدا يەنە قانداقتۇر بىر نەرسە قىز بىلەن ئىككىسىنى مەجبۇرىي بىرلەشتۈرۈۋاتقاندەك،  كۆزگە كۆرۈنمەس بىر قول ئۇنى قىز تەرەپكە قاتتىق ئىتتىرىۋاتقاندەك تۇيغۇمۇ پەيدا بولۇۋاتاتتى،  قىز ئۇنىڭ غەزىپى ۋە نەپرىتىنى قوزغاش بىلەن بىللە،  ئۇنىڭدا يەنە كۆيۈنۈش ۋە مۇھەببەتمۇ قوزغاۋاتاتتى،  يۈرىكىنى ھاياجان بىلەن لەرزىگە سېلىۋاتاتتى.

      ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ قىزنى تانسىغا تارتتى.  ئۇنىڭ قولى قىزنىڭ يۇمشاق بەدىنىگە تەگكەندە،  قىز ئۇنى سەزمىگەندەك قىلدى.  ئۇ مەڭزىنى قىزنىڭ مەڭزىگە تەگكۈزگەندە،  قىز ھېچ ئىش بولمىغاندەك،  ئۆزىنى قاچۇرمىدى،  ياكى ئىزا تارتىپمۇ قويمىدى،  ئۇنىڭ تىنىقى قىزنىڭ قۇلىقىغا ئۇرۇلغاندا،  قىز شۈركىنىپمۇ قويمىدى،  يۈزىمۇ قىزارمىدى. . .  قىز خۇددى قاتتىق ھەم چىرايلىق بىر تاشقا ئوخشاش ناھايىتى سۆرۈن ئىدى،  رەسسام خۇددى بىر پارچە تاشنى ئىككى قوللاپ تۇتۇپ پىرقىرىتىۋاتقاندەك ئوينايتتى،  قىز بولسا سېزىمى يوق تاشقا ئوخشاش ئۆزىنى مەيلىگە تاشلىۋەتكەنىدى.

      ئولتۇرۇش ئاخىرلاشتى،  كوچىغا چىققاندا رەسسام قىز بىلەن قانداق خوشلىشىش،  ئۇنىڭ بىلەن  ئەمدى قانداق ئۇچرىشىش توغرۇلۇق قىلىدىغان گېپىنى ئويلاپ ئولتۇراتتى،  قىز تارتىنمايلا ئۇنى قولتۇقلىۋالدى ۋە كونا تونۇشلاردەك:

      -ماشىنىڭىز قەيەردە؟-دەپ سورىدى.

      رەسسام ئۆزىنىڭ كەمبەغەللىكىنى،  ماشىنىسىنىڭ يوقلۇقىنى ئۇنىڭ سەمىگە سېلىپ،  ئاندىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر تاكسىنى توختاتتى.

      قىز ئۆزى بىلەن بىللە چىققان دوستى ۋە ئۇنىڭ يىگىتىگە قولىنى پۇلاڭلىتىپ قويۇپ ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇردى.

      -ماشىنىنى نەگە ھەيدىسۇن؟-دەپ سورىدى رەسسام قىزدىن.

      -نەگىلا بولسا بولىدۇ، -دېدى قىز جاۋاب بىلەن.

      رەسسام شوپۇرغا ئۆزىنىڭ ئادرىسىنى ئېيتىپ بەردى.  ئۇ قىزدىن قارشىلىق،  ئاچچىقلىنىش،  ھەتتا ۋارقىراپ-جارقىراشلارنى كۈتكەنىدى،  چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ تۇنجى قېتىم بىللە مېڭىشى-دە.  ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ قىزلىرى ياكى ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ ئۆگىنىپ كەتكەن يۇقىرى تەبىقىگە مەنسۇپ قىزلار،  بىر يىگىت بىلەن تۇنجى تونۇشۇپلا ئۇنىڭ ئۆيىگە بارمايدۇ.  ئۇ قىز ئۇنداق قىلمىدى،  قارشىلىقمۇ بىلدۈرمىدى،  خاپىمۇ بولمىدى،  ۋارقىراپمۇ كەتمىدى،  تاشقا ئوخشاش زۇۋان سۈرمەي ئولتۇرىۋەردى.

      ئۇلار رەسسامنىڭ ئۆيىگە يېتىپمۇ كەلدى،  بۇ،  نامرات سەنئەتكارنىڭ كۆلبىسى ئىدى.  ئۆينىڭ ھەممىلا يېرى رەسىمگە توشقان،  مىسىرنىڭ خەلق سەنئىتىگە دائىر ئەرزان باھالىق كىتابلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى.

      بۇ يەرگە كەلگەن قىزلار بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىچىدىن ئۆزىگە ياقىدىغان نەرسىلەرنى ئىزدەيتتى،  ياكى ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇش ئۈچۈن قىزىق گەپلەرنى قىلىشاتتى،  لېكىن بۇ قىز ئۇنداق نەرسىلەرنى ئىزدىمىدى،  ياكى قىزىق پاراڭلارنىمۇ قىلمىدى،  ئىشىكتىن كىرىپلا كۆزەينىكىنى ئېلىۋېتىپ ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ تۇردى.

      رەسسام شۇندىلا ئۇنىڭ كۆزىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەيدىغانلىقىنى بايقىدى.  دېمەك،  ئۇ قارا كۆزەينەكنى ئېسىلزادىلەرگە ئوخشاش مودا ئۈچۈن ئەمەس،  كۆزىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن تاقىغانىكەن.

      رەسسام ئۇنىڭ كۆزىنىڭ رەڭگىنى ئەمدى ئېنىق كۆردى،  كۆزى قوڭۇر رەڭدە ئىكەن.  ئۇنىڭ كۆزلىرى تەشنالىقتا يالتىراپ تۇراتتى،  رەسسامنىڭ نەزىرىدە بۇ كۆزنىڭ ھازىرقى ھالىتى بايام ئۈستەلدىكى يېمەكلىكلەرنى بۇلاپ-تالاپ يېگەن چاغدىكى ھالىتىگە پۈتۈنلەي ئوخشايتتى.

      رەسسام ئوڭايسىزلىنىپ،  ئۇنىڭ گەپ قىلىشنى ياكى بىرەر ئېغىز گېپىنى ئاڭلاشنى ئويلىدى ھەتتا ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ تارىخىنى سۆزلەپ بېرىشنىمۇ،  ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلاشنىمۇ ئويلاپ كەتتى،  لېكىن قىز گەپ قىلماي ئۇنىڭغا يېقىنلاشتى،  لەۋلىرى مىدىرلاپ،  تىنىقلىرى ئىتتىكلەشكە،  كۆزلىرى ئۆتكۈرلىشىپ رەسسامنىڭ ۋۇجۇدىنى كۆيدۈرۈشكە باشلىدى.  ئاخىر ئۇ ئۆزىنى رەسسامغا ئاتتى،  لەۋلىرىنى ئۇنىڭ لەۋلىرىگە باستى.  چىشلارمۇ بىر-بىرىگە تېگىپ كەتتى،  قوللىرى رەسسامنى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان يۇمشاق مەيدىسىگە تارتتى.

      رەسسام دەم ئالالماي قالدى،  نەپسى بىردىن ئىتتىكلەپ كەتتى،  پۇت-قولى كۈيۈشۈپ قالغاندەك بولۇپ مىدىرلىتالماي قالدى،  ئۇ قىزنىڭ قوللىرىدىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇناتتى،  قىز بولسا خۇددى چىشى بۆرىدەك ئۇنىڭغا مەھكەم چاپلىشىۋېلىپ قويۇپ بەرمەيتتى.  ئۇنىڭ كۆزلىرى تېخىمۇ ئىتتىكلەپ كەتتى،  چاچلىرى چۇۋۇلۇپ يۈزلىرىنى يېپىۋالدى،  مەيدىسى تېز-تېز كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى،  بىرچاغدا ئۇ تۇيۇقسىز ئۈستىدىكى كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ،  قىپيالىڭاچ بولدى.  بوينىدىكى ئالتۇن كىرىستتىن باشقا ھېچنىمە قالمىدى،  ئالتۇن كىرىست نومۇسقا چىدىماي قېچىپ كەتمەكچى بولغاندەك،  مەيدىسى ئۈستىدە چايقىلىپ تۇراتتى.

      رەسسام ئۇنىڭ ئاپئاق،  يۇمران بەدىنىگە،  قىزلارغا خاس گۈزەللىكىگە قاراپ قېتىپلا قالدى،  قىز ئۇنى يەنە قۇچاقلىۋالدى،  ئۇنىڭ ئۆتكۈر تىرناقلىرى رەسسامنىڭ بەدىنىگە پېتىپ چىدىغۇسىز ئاغرىتاتتى،  ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى ھەم دوزاخ ئازابىغا ئوخشاش بۇ ئازاپتىن قانداق قۇتۇلۇشىنى بىلمەيتتى.

      رەسسام ھېچقانداق ھەرىكەت قىلماي،  ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ جىمجىت تۇراتتى،  ھېسيات،  سېزىم دېگەن نەرسە يوقەتكلا ئىدى،  يېڭى تۇغۇلغان قوزىغا ئوخشاش،  ئازاپ ۋە قىيناشلارغا غىڭ قىلمايتتى،  شۇ تۇرقىدا ئۇ گويا بىر باغلام ئوت ئىدى،  ئۇنىڭ تىرناقلىرى،  چىشلىرى بىلەن چايناپ،  تېتىپ تاشلاشلىرىغا قىلچە قارشىلىق قىلمايتتى.

      رەسسامدا سېزىم ۋە قارشىلىق دېگەن نەرسە يوق ئىدى. . .

      بۇ ئىش شۇنچىلىك تۇيۇقسىز بولدى.  ئىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ شەپىسى ياكى تەييارلىقى يوق،  بوراندەك تۇيۇقسىز بولغاچقا،  ھەر قانداق ئادەم تەمتىرىمەي قالمايدۇ، ئەلۋەتتە.

      قىز ئارزۇسىغا يەتكەندىن كېيىن،  رەسسامنى قويۇۋېتىپ كۆزەينىكىنى تاقىۋالدى،  كىيىملىرىنىمۇ كىيىۋالدى،  بوينىدىكى بىچارە كىرىست تېخىچە ئۇنىڭ مەيدىسىدە چايقىلىپ تۇراتتى،  قىز بايىقى سۆرۈن تاش قىياپىتىگە ياندى.

      رەسسام گەپ قىلمايتتى،  قىزمۇ زۇۋان سۈرمەيتتى.

      مەرۋايىتتەك بىر تامچە ياش قىزنىڭ كۆزلىرى ئىچىدىن سىرغىپ چىقىپ چىرايلىق مەڭزىنى بويلاپ ئاستا ئېقىشقا باشلىدى.

      ئۇ كېسەل ئىدى.

      ئۇنىڭ راستىنلا كېسىلى بار ئىدى.

      مىجەزىدىكى سۆرۈنلۈك،  شاللاقلىق، ھايۋانغا ئوخشاش جىنسىي تەلەپ ۋە ئىنساننىي غورۇرنىڭ كەملىكى ئۇنىڭ نورمال ئادەم ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىمامدۇ؟

      ئادەم بىلەن ھايۋان ئوتتۇرىسىدكى پەرق ئاڭلىق ھەرىكەت بىلەن ئاڭسىز ھەرىكەت پەرقىدە پەرقىدە ئىپادىلىنىدۇ.

      بىر ئادەمدە ئاڭ ۋە كاللا بولمىسا،  ئۆز ھەرىكىتىنى ھېس قىلالايدىغان سېزىم ئىقتىدارى كەم بولسا،  بۇنداق ئادەمنى ھايۋان دېگىلى بولمىسىمۇ،  كېسەل دېيىشكە تامامەن بولاتتى.

      رەسسام قىزنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى بىلگەندىن كېيىن،  ئۇنىڭ قەلب جاراھىتىنىمۇ چۈشىنىشكە باشلىدى.  قىز كىچىك ۋاقتىدا <ئەركەكزەدەك> بولۇپ،  سىرتقى قىياپىتىدىن قىز بالىلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى،  سېمىز،  ساغلام ئىدى.  يۈزى بەئەينى توپنىڭ ئۆزى ئىدى.  بۇ يۈزنى چىرايلىق ھالەتتە كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش تەس ئىدى،  ئۇنىڭ ئۈستىگە سەپكۈن بېسىپ كەتكەن بولۇپ،  غەلۋىرگىلا ئوخشايتتى،  بوينى يوغان ھەم قىسقا ئىدى.

      ئۇنى شۇ چاغدا كۆرگەن بولسىڭىز ھازىر تونۇماي قالاتتىڭىز،  ھازىر ئۇ زىلۋالىشىپ يىگىتلەرنىڭ زوقىنى تارتقۇدەك بولۇپ قالغانىدى.  ياشلىق ئۇنىڭ چىرايىغا ئۆزگىچە رەڭ بەرگەن،  ئىككى مەڭزى ئالمىدەك قىزارغانىدى.  بۇرنى ئېگىزمۇ ئەمەس، پەسمۇ ئەمەس،  ئۆزىگە شۇنداق ياراشقانىدى.  قىزىل گۈلنىڭ بەرگىسىگە ئوخشايدىغان چىرايلىق لەۋلىرى سۆيۈشنى كۈتۈپ تۇرغاندەك بىلىنەر-بىلىنمەس تىتىرەپ تۇراتتى.  يۈزىدىكى سەپكۈنلەرمۇ يوقالغان،  ئۇنىڭ ئورنىدا پەقەت لەۋلىرىگە بارىدىغان يولنى كۆرسىتىپ تۇرغاندەك بىلىنىدىغان ئۈچ تال قارا مەڭ پەيدا بولغانىدى.

      ئۇنىڭ تۆت ئاكا-ئىنىسى بار ئىدى.  ئۇلار ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ بىر ئەزاسى دەپ بىلەتتى،  ئۇمۇ ئۆزىنى شۇنداق ئويلايتتى،  ئاكا-ئىنىلىرى ياكى ئائىلىسىدىكى باشقىلار ئاكا-ئىنىلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىغا جىنسىي پەرق چىگرىسىنى سىزىپ بەرمىگەنىدى.  ئۇ ئۇلار بىلەن ئوخشاش ئويۇنلارنى ئوينايتتى،  بىللە ھېكايە ئېيتىشاتتى،  ئوخشاش كىيىم كىيەتتى،  ھەتتا بىللە يۇيۇناتتى.  ئاكا-ئىنىلىرىنىڭ دوستلىرى بىلەنمۇ شۇنداق ئىدى.  بالىلار يۈگۈرۈشۈپ ئويناپ تەرلەپ كەتكەندە،  كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ،  قىپيالىڭاچ مۇنچىغا چۈشۈشەتتى.  ئۇمۇ يالىڭاچ بولۇپ،  ئۇلار بىلەن مۇنچىدا يۇيۇنۇۋېرەتتى.  خۇددى خۇدا ئۇنى ئەركەكلەرنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەيدىغان قىلىپ ياراتقاندەك،  ئون بىر ياشلىق قىزنىڭ يالىڭاچ بەدىنىگە ئوغۇل بالىلار نەزىرىنىمۇ سېلىپ قويمايتتى.  بۇنداق ئىشلار ئۇنىڭغا ئادەت بولۇپ كەتكەچكىمۇ،  ئۇ يا قورۇنمايتتى،  يا ئىزا تارتمايتتى.  مەن بىر قىز بالا.  ئەلۋەتتە ئاكا-ئىنىلىرىمدىن،  ئوغۇل دوستلىرىمدىن يىراق ئالاھىدە مۇھىت ئىچىدە ياشاي،  دەپمۇ ئويلىمايتتى،  ئەتراپىمدا نېمە ئۈچۈن قىزلار يوق،  دېگەن خىيالنىمۇ قىلمايتتى.  مۇنداقچە ئېيتقاندا،  ئۇ تېخى تېنىگە سۇ يۈگۈرمىگەن قىز بولغاچقا،  ئوغۇل بالىلارنىڭ نەرىگە قاراپ،  نەرىگە قارىماسلىقنى،  ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ قەيىرىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى.

      ئۇ ئەنە شۇنداق تېنىدە غىدىقلىنىش يوق ھالەتتە ياشايتتى،  قىپيالىڭاچ ھالەتتە ئوغۇل بالىلارنىڭ ئالدىدا تۇرغاندا ئۆزىدە قىلچە قورۇنۇش ھېس قىلمايتتى،  يالىڭاچ ئوغۇل بالىلارنى كۆرۈپ تۇرغاندىمۇ ھېچقانداق بىر غىدىقلىنىش سەزمەيتتى.

      ۋاقىت ئوقتەك ئۆتۈپ،  ھەش-پەش دېگۈچە ئۇ ئونبەش-ئون ئالتە ياشلىق قىز بولۇپ قالدى.  قىزلىق ھېسيات ئۇنىڭ تومۇر-تومۇرلىرىدا ئېقىشقا باشلىدى.  بۇ تەبىئىي تۇيغۇ ئالدىدا ھەر قانداق قىز ئاجىز كېلىدۇ.  ئۇلار شۇ تۇيغۇ بىلەن جىددىي ۋە شىددەت بىلەن ئېلىشىپ ئۇنى يېڭەلىسە،  ئاندىن خۇدا ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان ئەرلەر بىلەن جۈپلىشىش كۈنىگە يېتىپ بارالايدۇ.  بىراق بىزنىڭ بۇ قىزىمىز ئۇ خىل تۇيغۇنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيتتى.  يا ئەتراپىدىكىلەر ئۇنىڭغا بۇ سىرنى يېشىپ بەرمىدى.  شۇنداقتىمۇ ئۇ ئوغۇل بالىلار بىلەن قىزلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن سىرلىق پىچىرلىشىۋاتقانلىرىنى،  يەرتېگىدىن بىر-بىرىگە قارىشىۋاتقانلىرىنى،  ھەتتا باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن قورققاندەك چاقماق تېزلىكىدە سۆيۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالاتتى.

      ئۇ ئەمدى ئۆزىگە ئۆزى،  نېمىشقا ئوغۇل بالىلار مېنىڭ قۇلىقىمغا كېلىپ پىچىرلىمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ماڭا كۆزلىرىنى قىسىشمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن مەنمۇ شۇنداق سىرلىق ۋە قوپال سۆيۈشۈشلەردىن بەھرىمەن بولالمايمەن؟ دەپ سۇئال قويىدىغان بوپقالدى.

      شۇنىڭ بىلەن ئۇ تانسا ئويناشنى ياخشى كۆرمىسىمۇ،  تانسا بىلمىسىمۇ تانسىلارغا بارىدىغان بولدى.  تانسا ئوينىغاندا خۇددى پاراتتا كېتىۋاتقان ئەسكەردەك پۇتلىرىنى يەرگە چىڭ-چىڭ دەسسەپ ئوينايتتى.

      دەسلەپتە ئۇ تانسا مەيدانىدا يىگىتلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ پاراڭ سېلىشسا،  ھاراق ئىچىشسە،  چوڭ ئىش قىلغاندەك شۇنىڭغا رازى بولۇپ ئولتۇراتتى.  لېكىن كېيىن ئۇنداق بولمىدى.  مۇزىكا چېلىنىشى بىلەن ئەتراپىدىكى يىگىتلەر ئۇنى يالغۇز قالدۇرۇپ باشقا قىزلارنى تارتىپ ئوينىشاتتى.  ئارىلاپ تانسا ئوينايدىغان قىز تاپالمىغان يىگىتلەر ئۇنىمۇ تانسىغا تارتىپ قوياتتى،  ئەمما ئۇلار ئۇنىڭغا قىزغىن بولمايتتى.  قۇلاقلىرىغا پىچىرلىمايتتى،  ئوتلۇق نەزەرلىرى بىلەن تىكىلمەيتتى.

      ئەھۋال تەرەققىي قىلىپ،  ئۇ دوستلىرىغا سەپسالىدىغان،  ئۇلارنىڭ قانداق ياسىنىدىغانلىقىغا،  قانداق كىيىملەرنى كىيىدىغانلىقىغا،  لەۋلىرىگە نېمىلەرنى سۈرتىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىدىغان،  ئۇلارنى دوراپ ئەينەكنىڭ ئالدىدىن كەتمەيدىغان بولدى،  شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ تولىمۇ سەت ئىكەنلىكىنى،  تۇنجى قېتىم ھېس قىلىپ،  گۆشلۈك يۈزىدىن،  يۈزىنى بېسىپ كەتكەن سەپكۈندىن،  كۆتەككە ئوخشاش بەدىنىدىن بىزار بولىدىغان بوپقالدى.  بىر كۈنى ئۇ دوستلىرىغا ئوخشاش ياسانغۇسى كېلىپ،  ئىزا تارتىپ مىڭ تەستە ياسانغانىدى.  چاپىقىنى ئالىمەن دەپ چىرتاق قىلىپ قويغاندەك،  ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك سەتلىشىپ كەتتى.

      چىرايىدىكى كەم-كۈتىلەر ئۇنى تېخىمۇ قاتتىق ئازاپلاشقا باشلىدى،  شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىدىكى بۇ ئىللەتلەرنى يېپىش ئۈچۈن بەدىنى ساغلام بولۇشتەك مۇشۇ ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ،  تەنتەربىيىگە قاتتىق بېرىلىش قارارىغا كەلدى،  ئاخىر چويلا توپتا، مۇز تېيىلىشتا،  سۇ ئۈزۈشتە،  تىك-تاك توپتا چىمپىيۇن بولدى،  تەنتەربىيە مۇسابىقىسى بارلىقىنى ئاڭلىسىلا،  بىرىنچىلىكنى ئېلىش ئۈچۈن ئەتىگەندىن تا كەچكىچە تەنتەربىيە مەيدانىدا قاتتىق مەشىق قىلاتتى.  مۇسابىقىگە چۈشكەندە قىلچە بوش كەلمەي قاتتىق ئېلىشاتتى،  تەنتەربىيىنىڭ شۇ تۈرى بويىچە چىمپىيۇنلۇقنى ھېچقانداق قىزغا بەرمەي،  يىگىتلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشەتتى.  ئۇنىڭ پۈتۈن ئوي-خىيالى يىگىتلەرنىڭ كۆزىگە چۈشۈش،  ماختاشلىرىغا،  چاۋاكلىرىغا،  ھۇررالىرىغا سازاۋەر بولۇشتا ئىدى.  بۇ  ئارزۇيى مۇكاپات بۇيۇملىرىغا ئېرىشىش ئارزۇيىدىنمۇ كۈچلۈك ئىدى،  شۇ ئارزۇسىغا يەتكەن چاغلاردا،  باشقا قىزلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى،  ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ھەۋىسى كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئىنتايىن خۇشال بولاتتى ۋە چىرايىنىڭ كۆرۈمسىزلىكىنى،  باشقا قىزلارنىڭ يىگىتلەرنىڭ قىزغىن مۇھەببىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرگەندە قوزغايدىغان ئىچ تارلىقلىرىنى ئۇنتۇپ قالاتتى.

      كېيىن ئۇ بىر يىگىت بىلەن بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ قالدى.

      ئۇ ئون سەككىز ياشقا كىرگەن ئىتالىيىلىك يىگىت ئىدى،  دادىسىنىڭ ئىسكەندىرىيىدە كۆكتات دۇكىنى بار ئىدى.

      ئۇلار تانسىخانىدا تونۇشۇپ قالدى،  يىگىت ئۇنىڭ ھېچنىمىسىگە قىزىقمايتتى.  قىزىقىدىغىنى قىزنىڭ ئەل ئىچىدىكى داڭقى بار جەمەتى ۋە پۇك-مۇئامىلە سورۇنلىرىدا چوڭ تىجارەت بىلەن شۇغۇللىندىغان پۇلدار دادىسى ئىدى.  يىگىت شۇ سەۋەب بىلەن قىزغا يېقىنلاشقانىدى.  ئۇ بۇ كاتتا سودىگەرنىڭ قىزى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق ئۈچۈن،  ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەدەپ بىلەن تانسىغا تارتتى.

      بىر يىگىتنىڭ ئۇنى شۇنچە قىزنى قارىتىپ قويۇپ ئالاھىدە تانسىغا تارتىشى بىرىنچى قېتىملىق ئىش ئىدى،  ئۇ بۇ يىگىتنىڭ ئۆزىنى خۇشياقماي ئەمەس،  چىن كۆڭلىدىن تۇتۇپ ئويناۋاتقانلىقىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلدى،  ئۇنىڭ نېمە مەقسەتتە ئۆزىگە شۇنچە قىزغىنلىق بىلدۈرىدىغانلىقى ئۇنىڭغا قاراڭغۇ،  ئەلۋەتتە.

      ئۇ يەنە ئۆزىگە چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن تىكىلىپ تۇرغان بۇ كۆزلەرنىڭ نېمىگە شۇنچە تەشنا ئىكەنلىكىنى،  ئۆزىنىڭ قانداق بولۇپ ئۇنىڭغا ياراپ قالغانلىقىنى بىلمىسىمۇ،  بۇنداق تەلمۈرۈشلەرنى تۇنجى رەت كۆرۈۋاتقاچقا،  قاتتىق ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتاتتى.

      ئۇ يەنە يۈرەكنى ھاياجانغا سالىدىغان شېرىن پىچىرلاشلارنىڭ،  يۈزىگە تېگىۋاتقان ئوتلۇق نەپەسلەرنىڭ تېگىگە يېتەلمەيۋاتقان بولسىمۇ،  بىر يىگتىنىڭ مەڭزىنى مەڭزىگە يېقىۋاتقانلىقىنى تۇنجخ قېتىم ھېس قىلىپ،  قۇلىقىغا پىچىرلاۋاتقان شېرىن سۆزلەرنى تۇنجى قېتىم ئاڭلاپ،  ئۇنىڭدىن مەست بولۇپ كېتىۋاتاتتى.

      ئىككىسى قىن-قىنىغا پاتماي بىر كېچە تانسا ئوينىدى.  ئۇنىڭ قەلبىدە ئاياللاردا بولىدىغان بىر خىل مەغرۇرلۇق پەيدا بولدى،  ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ھېس-تۇيغۇ يوق ئىدى،  ئاھ،  ئۇمۇ ئۆزىنى سېغىنىدىغان،  ئۆزىگە كۆيۈنىدىغان بىر ئەرگە ئىگە بولدى،  شۇندىن بېرى ئۇنىڭ ھېچنىمىسى كەم ئەمەس،  ئەمدى ئۇ باشقا قىزلار بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرالايدۇ،  ئۇنى ھېچكىم سەت دېيەلمەيدۇ،  كۆزگە ئىلمايدىغان ئادەممۇ بولمايدۇ،  ئەمدى ئۇ <ئەركەكزەدەك> ئەمەس.

      يىگىت ئۇنىڭغا بىر يەردە ئۇچرىشىشنى ئېيتقاندا،  ئۇ خۇشال بولۇپ سەكرەپ كەتكىلى تاسلا قالدى،  بۇرۇنمۇ ئۇ نۇرغۇن يىگىتلەر بىلەن بىر يەردە بولغان.  ئەمما ئۇ ئۇچرىشىشلار چويلا توپ،  تىك-تاك توپ مەيدانلىرىدىلا بولاتتى،  بۈگۈنكىسى ئۇ چاغدىكىگە ئوخشىمايدۇ،  بۇ يىگىت ئۇنىڭ بىلەن چويلا توپ ياكى تىك-تاك توپ ئوينىماقچى ئەمەس،  بەلكى يالغۇز يەردە ئۇچراشماقچى،  ئۇ ئۇ يىگىتنىڭ ئۆزىگە نېمىلەرنى دەيدىغانلىقىنى،  نېمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

      بۇ ئۇنىڭ ئۆمرىدە يىگىتلەر بىلەن تۇنجى قېتىم يالغۇز ئۇچرىشىشى.

      ئەمەلىيەتتە بۇ بىر ئاددىيلا ئىش.

      يىگىت ئۇنى ئۆيىگە باشلاپ باردى،  ئىككىسى ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ ناچار ھاراقتىن بىر نەچچە رومكا ئىچىشتى،  ئاندىن يىگىت ئۇنى قۇچاقلاپ خېلىغىچە سۆيدى،  كېيىن چىراغنى ئۆچۈرۈشتى. . .

      شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنىڭ خوتۇنىغا ئايلىنىپ قالدى.

      ئۇ ئۆزىنىڭ قانداق يامان ئىش قىلغانلىقىنى،  ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسىدىن قانداق ئايرىلىپ قالغانلىقىنى سەزمىدى،  بۇنى قىز-يىگىتلەر ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان ئىش،  مۇھەببەت دېگەن شۇنداق بولىدۇ،  دەپلا بىلدى.  ئۇنداق بولمىسا ھەقىقىي مۇھەببەت دېگەن قانداق بولىدۇ؟

      بۇ مەسلىنى ھېچكىم ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەرمىگەن،  ئۇنىڭ ئۇ ئىش توغرۇلۇق بىلىدىغىنى پەقەت تەنتەربىيە مەيدانلىرىدا،  كىنولاردا قىز-يىگىتلەرنىڭ بىر-بىرىنىڭ ئۇ يەر-بۇ يېرىنى تۇتۇپ قويغانلىقى،  كىتابلاردا ئوقۇغان،  ئەمما ئۆزى زادىلا چۈشەنمەيدىغان ئىشىق-مۇھەببەت سۆزلىرى ئىدى.

      ئۇنىڭغا ھېچقانداق بىر ئادەم بىر يىگىت بىلەن تونۇشۇپ ئۇنىڭ ئۆيىگە بارسا،  ھاراق ئىچكەندىن كېيىن يىگىت ئۇنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ ئارقىدىن چىراغنى ئۆچۈرۈۋەتسە نېمە ئەھۋال يۈز بېرىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرمىگەنىدى.

      ئۇنىڭغا يەنە يۈز بەرگەن ئاشۇنداق ئىشلارنىڭ ياخشى ياكى يامان ئىش ئىكەنلىكىنى،  بىر قېتىم بولغاندىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم بارسا بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى ھېچكىم ئېيتىپ باقمىغان.

      ئۇ ئۆزىنىڭ قىزلىقىنىڭ قىممىتىنى،  ئۇنى قانداق ئاسراش كېرەكلىكىنى،  قادناق ئىشلارنى قىلسا بولىدىغانلىقىنى،  قانداق ئىشلارنى قىلسا بولمايدىغانلىقىنى بىلمەيتتى.

      ئۇنىڭ سۈرىيىلىك ئىنىكئانىسى ئۇنىڭغا ئۇنداق ئىشلارنى سۆزلەپ بەرمىگەن،  ئاپىسىمۇ قىز بالىنىڭ ئۆز ئىپپىتىنى قانداق ساقلىشى كېرەكلىكىنى ئۇنىڭ قۇلىقىغا قويمىغانىدى،  ئۇنىڭ ئاكا-ئىنىلىرى بىلەن ئوغۇل دوستلىرى ئۇنىڭ بەدىنىنى چويلاپ توپنىڭ پالىقىغا،  كانكا باغلىۋالغان ئىككى پۇتقا ئوخشاش ئادەتتىكى نەرسە دەپ بىلگەچكە،  بۇ بىر قىز بالىنىڭ بەدىنىغۇ دەيدىغان خىيال ئۇلاردا بولمىغاچقا،  ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ئۆزىنىڭ بەدىنىگە ئەتىۋارلىغۇچىلىكى يوق ئادەتتىكى نەرسىدەك قاراپ كەلگەن.

      ئۇ ئاللانىڭ ئالدىدىمۇ،  ئىنسانلارنىڭ ئالدىدىمۇ گۇناھسىز،  پاك ئادەم.

      ئۇ بۆرىگە يەم بولغان نادان قوزا،  چىرىك سىنىپنىڭ قۇربانى،  تۇرمۇشقا يۈزە قارايدىغان بىخۇد دادىسىنىڭ،  ئۇنى ئوغۇل بالىلارنىڭ ئارىسىغا تاشلىۋەتكەن نادان ئانىسىنىڭ،  ئەخمەق قېرىنداشلىرىنىڭ قۇربانى.  ئۇنىڭ قىزلىق تۇرمۇشى،  قىزلىق خۇلق-مىجەزى،  ئوغۇل بالىلارغا ئوخشىمايدىغان بارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بوغۇپ تاشلىنىپ،  نەتىجىدە ئۇ ئاياللىق ماھىيىتى ۋە قارشىلىق كۈچىدىن تامامەن ئايرىلىپ قالغان.

      شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ ئاللىبۇرۇن قۇربان قىلىنىپ كەتكەنلىكىنى سەزمەيتتى،  يەنە تېخى ھاماقەتلەرچە ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى قىز-يىگىتلەر ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان ئىشلاردىن ھالقىپ كەتمىدى،  دەپ بىلەتتى.

      ئۇلار ئۇچراشقان كۈننىڭ ئەتىسى،  ئۇ سۇ ئۈزۈشنىڭ چىمپىيونلۇق تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقچى ئىدى.  تەنتەربىيە كۇلۇبى ئۇنىڭ مۇسابىقىسىدە بارلىق رەقىبلىرىنى يېڭىپ چىمپىيون بولۇشىنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلغانىدى.

      ئەمما ئۇ مۇسابىقىدە ھېچنىمىگە ئېرىشەلمىدى.

      سۇغا كىرىشى بىلەنلا پۈتۈن بەدىنى بوشىشىپ،  پۇت-قوللىرىدا جان يوق،  بىر غۇلاچمۇ ئىلگىرىلىيەلمىدى،  ئەمدى ئۇ تاماشىبىنلارنىڭ تەنتەنىلىرىگە مۇھتاج ئەمەس،  ئۇنى بىرلا يىگىت ماختىسا بولدى،  باشقا قىزلار ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كېتىپ چىمپىيونلۇقنى ئېلىۋالسىمۇ پەرۋايى پەلەك،  ئۇنىڭغا ئىتالىيىلىك يىگىت بولسىلا كۇپايە.

      ئۇنىڭ تەنتەربىيىدىكى چىمپىيونلۇق ھاياتى ئاخىرلىشىپ،  ئازغان قوزىدەك يېڭى ھاياتى باشلاندى.

      ئۇ بۇ ئىتالىيىلىك يىگىت بىلەن ئىككى يىلغىچە ئاپاق-چاپاق ئۆتتى.

      ئۇ پراگماتىزىمغا ئېتىقاد قىلىدىغان ساياق بىر يىگىت ئىدى،  ئەمما ئۇنىڭغا پەلسەپە مىزانى بويىچە ئېتىقاد قىلمايتتى.  ئۇنى پەقەت ۋاستە ئورنىدىلا ئىشلىتەتتى،  ئۇ ھەرقانداق ئادەمگە ئىشەنمەيتتى،  ھەممە ئىشتا مېنىڭ دېگىنىم ھېساب،  دەپ ئويلايتتى،  ئەركىنلىكنى،  خالىغاننى قىلىش،  دەپ بىلەتتى.  ئىنتىزامنى،  دىننىڭ چەكلىمىسىنى،  نومۇس ۋە ۋىجداننى بىلمەيتتى،  ئۇنىڭ ئېتىقاد قىلىدىغىنى شۇ ئىدى.

      ئۇ يىگىت ئۆز كاللسىدىكى ئۇ نەرسىلەرنى قىزنىڭ كاللىسىغىمۇ قۇيۇپ،  ئۇنىمۇ ئۇ نەرسىلەرگە ئېتىقاد قىلدىغان،  ئىشىنىدىغان قىلىۋەتتى.  ئەمەلىيەتتە،  ئېتىقاد ئۇ قىز ئۈچۈن ئانچە مۇھىممۇ نەرسە ئەمەس ئىدى،  ئاشىقى نېمىنى ئويلىسا شۇنى ئويلىسا،  نېمە قىلسا شۇنى قىلسا،  ئۇنىڭ غالجىرلىقى بىلەن ئۆزۈمچىلىكىنىڭ كەينىدىن تاپ بېسىپ ئەگەشسىلا بولاتتى.

      ئۇ قىز بۇ يىگىتنىڭ ۋۇجۇدىدىن ھاياتنى كەيپ-ساپا ۋە ھاۋايى-ھەۋەستىن باشقا نەرسە ئەمەس دەپ بىلدى،  يىگىت قىزنى ئاددىي قاۋاقخانىلارغا باشلاپ بېرىپ ئەڭ ناچار ھاراقلارنى ئىچۈرەتتى.  ئاندىن قىمارخانىلارغا باشلاپ كىرىپ،  ئۇنىڭغا قارىتىپ تۇرۇپ قىمار ئوينايتتى،  كېيىن ئۆيىگە باشلاپ بېرىپ قوينىغا سېلىپ ياتاتتى.

      بۇ ئىشلاردا ئۇ يىگىتكە قارىغۇلارچە ئەگەشتى،  ھاراق،  يەپ-ئىچىش،  ئۆز تېنى ئارقىلىق ئۇنىڭ نەپسىنى قاندۇرۇشتىن باشقىنى بىلمىدى.  يىگىت ئۇنىڭغا نېمە ئۈچۈن ھاراق ئىچىدىغانلىقلىرىنى،  تانسا ئوينىغاندا چېلىنىدىغان مۇزىكىلارنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بارلىقىنى،  تەنلىرىنىڭ بىرلىشىش نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى زادىلا چۈشەندۈرمىدى.  ئۇلارنىڭ ھاياتى توختىماي غىچىرلاپ ئايلىنىپ تۇرۇۋاتقان ماشىنىغا ياكى ئۈچيۈز ئاتمىش كۈن بىر قېلىپتا ياشايدىغان ئاڭسىز ھايۋاننىڭ كۈنىگە ئوخشاش ئۆتۈۋاتاتتى.

     قىزنىڭ تېنى بارغانسىرى يىگىتتىن ئايرىلالمايدىغان بولدى. جىنسىي تەلەپ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاش بىلەن سۇدەك بولمىسا بولمايدىغان بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى. يىگىت ئۇنىڭ ئۇ تەلپىنى قاندۇرۇپ تۇرمايدىغان بولسا ئۇزۇن كېچىلەرنى قانداق ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى.

     بىچارە قىزنىڭ تېنى ئۇ يىگىتنىڭ قولىدا قاتتىق ئازاب چېكەتتى، ئەمما قىز ئۇنى ھېس قىلمايتتى. يىگىت ئۆزگىرىشچان روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغانىدى، تىببىي ئىلىمدە بۇ كېسەلنى "غالجىرلىق كېسىلى"دەپ ئاتايتتى. ئىككىسى يالغۇز تۇرغان چاغلاردا يىگىتنىڭ كېسىلى قوزغىلىپ قالىدىغان بولسا، قىزنىڭ كىيىملىرىنى يىرتىپ ئۇنى ھارغۇچە قىينايتتى، ئاندىن ئۇنىڭ تەستەكلىرىگە قاتتىق ئۇراتتى، چىمدايتتى، بەدەنلىرىنى چىشلەيتتى. بۇ خىل قىيناش قىزنىڭ بەدىنى كۆكىرىپ، قاناپ كۆز بىلەن كۆرگىسىز بولۇپ كەتكەندە ئاندىن توختايتتى. بۇنداق چاغلاردا ئۇنىڭ كۆزلىرى نېرۋىسى پۈتۈنلەي بۇزۇلغان ئادەمنىڭ كۆزلىرىدەك قورقۇنچلۇق پارقىراپ كېتەتتى، ھېرىپ ماغدۇرسىزلىنىپ كەتكەندىن كېيىن، بېشىنى قىزنىڭ مەيدىسىگە جىمجىت قويۇپ ياتاتتى.

      قىز ئۇنىڭ ئاشۇنداق كېسىلى بارلىقىنى بىلمەيتتى، ئۇنىڭ قىلىقلىرى ھەممە يىگىتلەردە بار، ھەر قانداق بىر قىز ئۆز سۆيگىنىنىڭ شۇنداق قىيناشلىرىغا ئۇچرايدۇ، دەپ بىلەتتى. شۇڭا ئۇ قىيناشلارغا كۆنۈك ئىدى، ئادەتتە بولىدىغان ئىش دەپ ئويلاپ بەرداشلىق بېرەتتى. بارا-بارا ئۇنىڭ ھېسىياتى شۇنداق تاياق، چىمداش، چىشلەردىن كېيىن ئويغىنىدىغان بولدى. ئۇنىڭغا مۇھەبىتىنى بىلدۈرمەكچى بولغان ئادەم ئۇنىڭ مەڭزىلىرىنى يۇمشاق سىيلىسا ئۇ ئۇنىڭغا قانائەت قىلمايدۇ، چوقۇم كاچاتلىرىغا سېلىشى كېرەك:لەۋلىرى بىلەن لەۋلىرىگە سۆيسە رازى بولمايدۇ، چوقۇم چىشلىرى بىلەن قاتتىق چىشلىشى كېرەك؛بېشىنى مېھرىبانلىق بىلەن سىيلىسا تېخىمۇ مۇرادىغا يەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇنى ئۇرۇش، سۆرەشتۈرۈش، يەرگە بېسىش كېرەك.

    ئەنە شۇنداق ئىشلار تۈپەيلىدىن ئۇ باغرى تاش، دۆت، نادان ۋە شاللاق قىزغا ئايلىنىپ كەتكەن، تويماس ھايۋانىي ھەۋەسمۇ شۇنىڭدىن كېيىن پەيدا بولغان. 

    ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭدىكى بۇنچە چوڭ ئۆزگىرىشىنى كۆرۈپ قاتتىق چۆچۈدى ھەم نېمە قىلىشلىرىنى بىلمەي قالدى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھازىرقى زامان تەربىيە مىزانلىرىغا ئىشىنىدىغان دادىسى، ئاپىسى، ۋە قېرىنداشلىرى شۇنچە تىرشچانلىق كۆرسىتىپمۇ ئۇنى ئۇ ئىتالىيىلىك ياشنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقالمىدى، ئۇلارنىڭ قالايمىقان مۇناسىۋىتىنىمۇ توسۇپ قالالمىدى. تەربىيە ئارقىلىق قىزغا تۇرمۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلدۈرۈش ئەمدى پۈتۈنلەي مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

    ئۇ ئۆزگىرىش بۇ ياقتا تۇرسۇن، تۇغقانلىرىدىنمۇ ۋاز كېچىپ كېتىۋاتاتتى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىشىغا ھېچكىم باش قاتۇرمايدىغان بولدى.

    ئۇ كېچە-كېچە شۇ يىگىت بىلەن بىرگە بولاتتى، ئۆيگە تاڭ ئاتقاندا قايتىپ كېلەتتى، بەزىدە ھەتتا بىر نەچچە كۈنگىچە قايتىپمۇ كەلمەيتتى. ئۇنىڭ نەگە بېرىپ نەدە تۇرغانلىقىنى سۈرۈشتۈردىغان ئادەممۇ يوق ئىدى.

    كېيىن ئۇ ئۆيدىكىلەردىن پۇل سوراشقا باشلىغاندا، ئۇلار ئۇنىڭغا يەنە جىددىي قاراشقا باشلىدى، ئۇنىڭ تەلەپ قىلغان پۇلى ئاز ئەمەس ئىدى.

    ئۇ بۇ پۇلنى ئۇ يىگىتنىڭ ئىچكەن ھارىقىغا، قىمار ئويناپ بوغۇلغان قەرزىگە، ئىككىسى ياتقان مېھمانخانىلارنىڭ ياتاق ھەققىگە تۆلەيتتى. ئەگەر قىز قۇرۇق قول كېلىدىغان بولسا، يىگىت ئۇنىڭ بىلەن ھەرگىز بىللە ياتمايتتى، ئۇ بۇنى بىلەتتى، يىگىت ئۇنى تاشلىۋېتىپ قىمار ئوينىيالايدىغان، ھاراق ئىچەلەيدىغان، ئۆزىگە پۇل خەجلەتمەيدىغان بىرەرىنى تېپىۋېلىشمۇ مۇمكىن ئىدى. شۇڭا قىز ھەدەپ ئاتا-ئانىسىدىن پۇل سورايتتى، پۇلغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن قاتتىق –يۇمشاق چارىلەرنى قوللىنىپ، بەزىدە يىغلاپ يالۋۇراتتى، بەزىدە ۋارقىراپ-جارقىراپ ئۆينى بېشىغا كىيەتتى. ئۇلار پۇل بەرمىسە، پۇل، ئالتۇن جابدۇق، چىنە –قاچىلارنى ئوغىرلايتتى، ھەتتا ئىنكانىسىنىڭ پۇلىنى ئوغىرلاشتىنمۇ يانمايتتى.

     ئۇ بۇنىڭ ئوغرىلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتتى،  ئۆينىڭ ھەرقانداق نەرسىسىنى ئېلىشقا ھەققىم بار دەپ قارايتتى. بۇ ئۇنىڭغا كىچىكىدىن ئادەملەرگە سەممىي مۇئامىلىدە بولۇشنى ئۆگەتمىگەنلىكىتىن بولۇۋاتقان ئىش ئىدى، ئەمدى ئۆگىتىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. ئۇئائىلىسىدىن، ساقچىدىن قورقمايتتى، قانۇننىڭ نېملىكىنى بىلمەيتتى، ئۇنىڭدىن قورقۇپمۇ كەتمەيتتى. دادىسى سودا-سېتقتا باشقىلارنىپ پۇلىنى قاقتا-سوقتا قىلىشىنى ھەقلىق دەپ قارىغانغا ئوخشاش، ئۇمۇ ئۆزىنى ئۆيدىن پۇل ۋە ئالتۇن جابدۇقلارنى ئېلىشقا تامامەن ھەقلىقمەن، دەپ قارايتتى. ئاپىسىمۇ دادىسىنىڭ پۇلى بىلەن ئاشنىسىنىڭ كۆڭلىنى ئالاتتى، ئۇمۇ ئۆزىنى شۇنداق قىلىشقا ھەقلىق سانايتتى. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ ئۇنى ئەيىبلىشىگە نېمە ئاساسىي بار؟ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئۆزلىرى ياشاۋاتقان بۇ جەمئىيەتنى ئەيىبلىمەيدۇ؟يەنە نېمە ئۈچۈن ئادەملەرگە لازىم بولغاندا ئىشلىنىدىغان، لازىم بولمىغاندا، ياكى ئۇلارنىڭ ئارزۇلىرىغا خىلاپ كەلگەندە ئۇنتۇپ قالغان بولىۋالىدىغان مىزان ۋە يۈكسەك غايىلەرنى ئەيىبلىمەيدۇ؟

      قىزنىڭ پۇل مەنبەسە ئۇزۇنغا قالماي تاقىلىپ قالدى:ئۆيدىكىلىرى ئۆزلىرىگە مەھكەم ئىگە بولۇپ ھەممە يەرنى ئۇ قول سالالماس دەرىجىدە چىڭ قۇلۇپلىۋالىدىغان بولدى.

     شۇنىڭ بىلەن ئۇ باشقىچە يول تۇتۇشقا مەجبۇر بولۇپ، چوڭ-چوڭ ماگزىنلاردىن دادىسىنىڭ نامىغا يازغۇزۇپ بىر نەرسىلەرنى سېتىۋالىدىغان، ئاندىن ئۇ نەرسىلەرنى مەخسۇس زاڭ مال ساتىدىغان دۇكانلارغا ئاپىرىپ ساتىدىغان بولدى.

      ئىتالىيلىك ئۇ يىگىت ئۇ نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش، سېتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى. بىراق، ئۇزۇنغا بارماي قىزنىڭ دادىسى ئۇلارنىڭ پۇل تاپىدىغان بۇ يولىنىمۇ ئېتىپ تاشلاپ، ئۇ مال سېتىۋالىدىغان بارلىق ماگزىنلارغا قىزى سېتىۋالغان ھەر قانداق نەرسىلەرگە پۇل تۆلىمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

    قىز ئاخىر ئامال قىلالماي، باشقا يول تۇتۇپ، كىيىم تىكىش كارخانىسىغا ئىشقا كىردى. ئۇ بۇرۇن ئاپىسى بىلەن بۇ كارخانىغا كۆپ كېلەتتى.

      ئۇ ئىزش تاپقاندىن كېيىنمۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە تۇرۇۋەردى.

      ھەش-پەش دېگۈچە بىر نەچچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى. قىز پۇل تېپىش ئۈچۈن ئەتىگەن چىقىپ كېتىپ كەچ قايتىپ كېلەتتى، يىگىتى بولسا كەچكىچە قاۋاقخانىلاردا، قىمارخانىلاردا لاغايلاپ يۈرەتتى، كەچتە قايتىپ كېلىپ، قالغان ۋاقتىنى قىزنىڭ قوينىدا ئۆتكۈزەتتى.

    قىز بۇ مەزگىل ئىچىدە ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىگە دىققەتمۇ قىلمىدى. دەھشەتلىك قىيناشلار، زىيادە چارچاشلار ۋە ھەددىن ئارتۇق جىنسىي مۇناسىۋەتلەر ئۇنىڭ بەدەن شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ئورۇقلىتىۋەتتى. ئەمدى ئۇ قەدىكى رىم ھەيكەللىرىگە ئوخشاپ قالغانىدى، يۈزىدىكى ئارتۇقچە گۆشلەر تارتىلىپ، يۈزىدىكى كۈپتى گۈزەللىك خۇداسىنىڭ يۈزىنىڭ قىياپىتىگە كىرىپ قالغانىدى.

     ئۇ ئۆزىنىڭ شۇنداق چىرايلىق قىياپەتكە كىرگەنلىكىدىن، كىشلەرنىڭ ئۆزىگە ھەۋەس بىلەن نەزەر سالىدىغان، تەلپۈنىدىغان، ئىسمىنى ئاتاپ چاقىردىغان بولۇپ قالغانلىقىدىن تېخىچە خەۋەرسىز ئىدى. ئىتالىيلىك ئۇ يىگىتنى تاشلاپ، ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى، ئۇنىڭدىنمۇ ئالىيجاناب، ئۇنىڭدىنمۇ ئۇز يىگىتنى تېپىشقا تامامەن ھەقلىق ئىكەنلىكىنىمۇ ھېس قىلالمايتتى.

    ئۇنىڭ پىكىر –خىيالى شاللاقلىقنىڭ ئاقىۋىتى بىلەن ئاجىزلاپ كەتكەن كۆزىدە ئىدى. دوختۇرغا بېرىپ كۆرۈنۈپ، دوختۇرنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن كۆزگە پايدىسى بار قارا كۆزەينەك تاقايدىغان بولدى.

    ئۇشتۇمتۇت، ئىتالىيلىك يىگىت ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن بىراقلا يوقالدى.

    ئۇنىڭ يوقىلىشى ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا قىز بىلەن تونۇشۇپلا ئۇنى تانسىغا تارتقىنىغا ئوخشاش تۇيۇقسىز بولدى.

    يىگىت پارژغا كەتكەنىدى، ئۇ ئاسمىنى كەڭرى ئۇ جاھاندا پۇتى تايغان، بېشى قايغان يەرلەردە ئىختىيارى يۈرەلەيتتى. ئۇ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشمىدى، توغرىسىنى ئېيتقاندا، ئۆزى بۇزغان، ئادەم قىياپىتىدىن چىقىرىپ ھايۋان ھالىتىگە كەلتۈرۈپ قويغان ئۇ گۋدىگە بىر ئېغىزمۇ خوش ئېتمىدى. قىسىقىسى، ئۇ ئۆزىگە ئاۋارىچىلىق تېپىشنى خالىمىدى.

    قىز ئۇنىڭ خوشلاشماي كېتىپ قالغانلىقىنى بىلگەندە ساراڭ بولۇپ قالغىلى تاسلا قالېدى. ئۇ يىگىتتىن ئايرىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئەكىسىچە نەپسىنى قاندۇرۇپ تۇرىدىغان "كەچلىك غىزا"دىن، ھەر كۈنى كەچتە ھاجىتىدىن چىقىپ تۇرىدىغان ئادەمدىن قۇرۇق قالغانلىقى ئۈچۈن شۇ ھالەتكە چۈشۈپ قالغانىدى.

    ئۇ يىگىت ئۇنىڭ ئۈچۈن جىنسىي جەھەتتىكى "كەچلىك غىزاسى"ئىدى، ئۇنىڭ پەقەت ۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجىنىلا قاندۇراتتى، ھايۋانىي نەپسىنى باساتتى.

    شۇنىڭدىن  كېيىن ئۇ ئۆزىگە كېرەكلىك "كەچكى غىزا "ئىزدەشكە باشلىدى. ئەمدە ئۇ ھەر كۈنى كەچتە يېڭى-يېڭى غىزالار بىلەن غىزالىنىپ تۇراتتى، يېڭى-يېڭى ئويۇنلارنى ئوينايتتى.

    بۇ ئىشلار ئۇنىڭ چىرايى كىشىنى مەپتۇن قىلارلىق دەرىجىدە ئۆزگەرگەندىن كېيىن تېخىمۇ ئاسانغا چۈشىدىغان بولدى. ئۇ ھەر كۈنى يۇقىرى تەبىقىدىكىلەرنىڭ چاكىنا سورۇنلىرىغا، خىلمۇ-خىل چۇراغلار يېنىپ تۇرىدىغان كېچىلىك كاتتا ئولتۇرۇشلارغا باراتتى، يېرىم كېچىلەرگىچە ئوينايتتى. بولۇشىچى ھاراق ئىچەتتى، ئاندىن كۆڭلىگە ياققان بىرەر يىگىتنى باشلاپ نەپسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن چىقىپ كېتەتتى.

     ئۇ بۇ ياشلارنىڭ ئىچىدە ھېچقايسىسى بىلەن بىر كېچىدىن ئارتۇق بىللە بولۇشنى ئويلىمايتتى، ئۇ تاشلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق بىللە بولۇش ئارزۇسىدا بولمايتتى. ئۇ ھەر قانداق ئادەمگە ئۆزىنىڭ تېنىدىن ئارتۇق نەرسىنى بەرمەيتتى، خەقتىنمۇ نشۇنىڭدىن باشقىنى ئالمايتتى، دۇنيادا الىدىغان نەرسىنىڭ بولىدىغانلىقىغىمۇ ئىشەنمەيتتى، بۇ توغرۇلۇق كاللا قاتۇرۇپ ئويلىنپمۇ باقمايتتى. مۇھەببەتنىڭ نېملىكىنى ئەسلا بىلمەيتتى، ئۇنىڭ ھاۋايى-ھەۋەستىنمۇ يۈكسەك ھېسىيات، بىر خىل روھ، بىر خىل ئىشىق، بىر خىل كۈچلۈك سېغىنىش، ھايۋاننىڭ ئەمەس، ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئىپادىلىنىشى ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيتتى، بۇ توغرۇلۇق قىلچە ساۋاتى يوق ئىدى.

    ئۇ ئەرلەرنى خالىغانچە سۆيەتتى، ئەرلەرمۇ ئۇنى جاۋابەن شۇنداق سۆيەتتى، ئەمما ھېچقايسىسى ئۇنىڭ روھىدىكى جاراھەتنى ساقايتىشنى ئويلىمايتتى، يېڭىچە ھايات كەچۈرۈشكىمۇ ياردەم بەرمەيتتى، ئۇنى تاماقتىن كېيىن، يېگەن تامقىنى سىڭدۈردىغان چاي، ھەممە ئادەم ئوينايدىغان ئويۇنچۇق قاتارىدا كۆرەتتى. ئۇلار ئۇنىڭ نكېسەللىك روھىي ھالىتىنى، جىنسىي تەلپىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى بىلگەچكە، بىر ئامال قىلىپ ئۇنى ئەخمەق قىلىشنىڭ كويىدا بولاتتى، ياكىئۇ تۈغنۈگۈن ئاخشام پالانچى بىلەن، ئۆتكەن كشنى پۇكۇنچى بىلەن بىللە يېتىپتىكەن، مۇندا-مۇندا ئىشلار بولۇپتۇ، دەپ ئۇنىڭ كەينىدىن گەپ قىلىشاتتى.

    ئۇلاردىن ھېچكىم ئۇنى نام-ئەمەلى بار، زەردار ئائىلىدىن كېلىپ چىققان، ئا-نومۇسنى بىلىدىغان، چىراي دېسە چىرايى بار قىز دەپ بىلمەيتتى، ئۆزلىرىگە يېقىنمۇ تۇتمايتتى، بىرەرى ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغۇدەك بولسا، ئۇ ئادەم ئۆزىنى بۇ ئىشىق تورىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا بار كۈچى بىلەن تىرىشاتتى، بولمىسا خەقلەرنىڭ مەسخرسىگە، كۈلكىسىگە قالاتتى. چۈنكى ئۇ ناھايىتى نۇرغۇن ئادەم بىلەن بىللە ياتقان بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولسا قانداق بولىدىغانلىقىنى، شۇ ئىشتىن باشقا ھەرقانداق تاتلىق ھېس –تۇيغۇلارنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى.

    ئۇ ئادەتتىكى تاۋارغا ئايلىنىپ قالدى.

    ئۇ جەمئىيەت ئېتراپ قىلىشقا، غەمخورلۇق قىلىشقا تېگىشلىك تاۋار ئىدى.

    باھا چاپلانمىغان تاۋار ئىدى.

     ئۇ ئۆزى ئېرىشكەن كېچىلەرگە باھا قويمايتتى، ئەرلەرمۇ ئۇ ئىتالىيلىك يىگىتنىڭ تەتۈرسىچە ئۇنىڭدىن ھەق تەلەپ قىلمايتتى. ئەمدى ئۇنىڭغا پۇل تۆلەپ مەقسىتىگە يېتىش ھاجەتسىز بولغاچقا، خىزمىتىنى تاشلاپ، يەنە ئۆيىگە قايتىپ بېرىۋالدى. ئۇنىڭ سۈرىيلىك ئىنكانىسى تولغان كۆكسىى ئۈستىدە، خۇددىي يىگىتلەردىن نومۇس قىلغان قىزلارغا ئوخشاش، بىردە كۆرۈنۈپ، بىردە كۆرۈنمەي پۇلاڭلاپ تۇرىدىغان بولدى. ئىنكانىسى ئۇنىڭغا ئۇ كرېستنى يامانلارنىڭ كۆزىدىن يىراق بولسۇن، خۇدا ئۇنى يامانلاردىن ساقلىسۇن، دېگەن مەقسەتتە بەرگەنىدى. ئەمما ئۇ كرېست ئۇنىڭ بويىنىدا نۇرغۇن رەنجىش، نۇرغۇن ئازابلارنى تارتىپ، ئاخىر ئىگىسىنى ھەققىي بىر ئەركەككە تونۇشتۇردى. سەنئەت تالانتى بار، جىگەرلىك بۇ يىگىت ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياشاپ، ئۇنىڭ جاراھىتىنى ساقايتىشنى، بەدىنىدىكى پاسكىنچىلىقلارنى تازىلاشنى، گۈزەل قەلبىنى ئويغىتىشنى، ئەقلىنى ئۇرغۇتۇشنى، رروھىنى پاكلاشتۇرۇشنى نىيەت قىلدى.

                           3

    رەسسامنىڭ بۇ چىرايلىق ھايۋاننى ياخشى كۆرۈشى مۇمكىنمۇ؟ھەممىگە پەرۋاسىز قارايدىغان بۇ رەھىمسىز غەلىتە مەخلۇقنىمۇ سۆيەرمۇ؟

    قىز بۇ رەسسام يىگىتنى تۇنجى كېچىگە مەجبۇريى سۆرەپ كىردى. رەسسام ئۇنىڭدىن نەپرەتلەندى. رەسسامدا ئۇنىڭدىن لەززەتلىنەيچۇ دەيدىغان خىيال يوق ئىدى، ئەمما قىز ئۇنىڭغا ئۆزىنى تولىمۇ ئەرزان سېتىپ، خۇددى قاتتىق سىلكىنىشتىن ئۇشتۇمتۇت يىقىلغان چىرايلىق ھەيكەلگە ئوخشاش، ئۆزىنى بىردىنلا ئۇنىڭ قۇچقىغا ئاتتى.

    رەسسامغا لازىمى، ئاستا-ئاستا بىر-بىرىنى چۈشىنىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىش، ئىككى يۈرەك بىر-بىرىگە تەلپۈنگەندە، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن سۆيۈشۈش، ئۇنىڭ تېنىگە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى، يۈرىكىگە ئىگە بولۇش ئىدى.

    لېكىن رەسسام بۇلارنىڭ ھېچقايسىغا ئېرشەلمىدى.

    ئۇنىڭ كۆرگىنى كېلمەن قىز ئىدى. قىزنىڭ ئىچى سىرتىغا قارىغاندا تولىمۇ ئاجىز ئىدى. قىز قوينىغا مەجبۇرىي تارتىلغان كېچىسى، ئۇ ئۇنىڭ كۆزلىرىدە بىرخىل مەيۈسلىكنى كۆردى، بۇ، قاتتىق چاڭقىغان بىگۇناھ بىر نارسىدە قىزنىڭ چىرايىدىكى مەيۈسلۈك ئىدى.

    بۇنداق بىر بىگۇناھ بىچارە قىزدىن يىرگەنمەسلىك كېرەك، ئۇ مېھرىبانلىققا موھتاج.

    ئەتىسى، رەسسام ئۇ قىزنى ئىزدەپ باردى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن كېچىچە ئۇخلىمىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. قىز ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ياخشى كۆرىدىغان تاماقنى كۆرگەن ئاچ بالىغا ئوخشاش كۈلۈپ قويدى.

    قىز تۈنۈگۈن ئاخشام بولغان ئىشتىن خىجىل بولغاندەك قىياپەتتە ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭدا يىگىت بىلەن قول  كۆرۈشكەندە بىئارام بولىدىغان، قۇلاقلىرىغىچە قىزىرىپ كېتىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈنمىدى. خۇددى تۈنۈگۈن ئاخشام ئۇنىڭ ئالدىدا يالىڭاچ تۇرمىغاندەك، تىرناقلىرىنى ئۇنىڭ بوينىغا پاتۇرۇپ ئىز قالدۇرۇپ قويمىغاندەك، چىشلىرى بىلەن ئۇنىڭ لەۋلىرىگە ئۆرلەپ تۇرغان ھېسىياتىنىڭ چڭقۇر ئىزلىرىنى سېلىپ قويمىغاندەك خاتىرجەم ۋە سوغۇققان تۇراتتى.

      رەسسام بولسا قورۇنۇپ كېتىۋاتاتتى. شۇنداق تۇرۇپ ئۇ يەنە نېمە ئۈچۈن قىزنى ئىزدەپ كېلىدۇ؟ئۇنىڭغا نېمە دېمەكچى؟قىز ئۇنىڭ ھېچقانداق گېپىنى ئاڭلىمايدۇ، ئۇنىڭ رەسسامنى ئۆزىنىڭ تۇرالغۇ جايىغا يەنە باشلىماقتىن باشقا ئارزۇسى يوق.

       رەسسام بولسا باشقىچە ئىش قىلماقچى ئىدى، بۇنى ئۇ بۇرۇنلا ئويلىغانىدى.

     شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىزنى كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلدى.

     -نەگە بارىمىز؟-دەپ سورىدى قىز.

     -يىراقراق يەردىكى تىنچراق بىر يەرگە، مەسلەن "ماكس"رېستۇرانىغا.

     -ياق "ماكس"قا بارمايمەن، بېلىق بىلەن خوشۇم يوق.

    -مېنىڭ مەقسىتىم، يىراق ھەم ھېچكىم دەخلى قىلمايدىغان بىر يەرگە بېرىپ سىز  بىلەن بىردەم –يېرىمدەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇش.

     -ئالىي تاماقلىرى بار بىر يەرگە بارساق قانداق؟

     -ئۇنداق بولسا سىز ئالىي تاماق بىلەن ئىككىمىزدىن بىرنى تاللىۋېلىڭ.

     -مەن ئالدى بىلەن ئالىي تاماق بىلەن غىزالىنىپ بولۇپ ئاندىن سىز بىلەن بىللە بولىمەن.

     -سىز قاچانلا بولمىسۇنماڭا ۋە مېنىڭ يۈرىكىمگە ئىگە بولالايسىز.

    -ياق، ماڭا لازىمى سىزنىڭ لەۋلىرىڭىز بىلەن. . .

    ئۇ گەپنى شۇنداق بىمالال، شۇنداق ئوچۇق ئاشكارە قىلاتتى، مەقسىتىنى چىرايلىق گەپلەر بىلەن پەدەزلەيتتى. ئۇ راستىنلاكەچتە راسا ئوبدان غىزالىنىپ، ئاندىن كەچنى ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزمەكچى ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقىنىمۇ ئويلىمايتتى.

       ئۇ رەسسامغا يېقىن كەلدى. بۇ چاغدا قاراڭغۇ چۈشۈپ قالغانىدى، ئۇ كۆزىدىكى كۆزەينىكىنى ئېلىۋەتتى. كۆزلىرى ئاچكۆزلۈك بىلەن رەسسامنىڭ لەۋلىرىگە تىكىلدى، قوللىرى رەسسامنىڭ بوينىنى چىڭ قاماللاپ، لەۋلەر ببىر-بىرلەپ جۈپلەشتى، رەسسامنىڭ لەۋلىرىگە چىشلار ئاستا-ئاستا پېتىشقا باشلىدى.

      رەسسام دەم ئالالماي قالدى.  بىراق ئۇ قىزغا تۈنۈگۈنكىدەك تەسلىم بولشاي، ئۇنى قوپاللىق بىلەن ئىتتىرۋېتىپ:

    -بەس! دەپ ۋارقىرىدى.

    -نېمە بولدى؟مېنى سۆيگۈڭىز يوقمۇ؟

    رەسسام تېز-تېز تىناتتى. ئۇ ئۆزىنى سەل بېسىۋالغاندىن كېيىن، چوڭقۇر مېھرى بىلەن:

    -مەن سىزنىڭ لەۋلىرىڭىزنى مەڭگۈ سۆيۈپ ياشىسام دەيمەن، ئەمما سىز مېنى پەقەتلا چۈشەنمەيسىز، -دېدى.

    -مەن ھازىر سىزنى چۈشىنىشنى خالىمايمەن، مېنى سۆيسىڭىزلا بولدى!مېنى سۆيۈڭ!

    رەسسام ئۇنىڭغا ئۇزاق قاراپ كەتتى. ئۇنىڭ ھېكقى نومۇسسىز ئەر قىيناپ نۇرىنى قويمىغان كۆزلىرى خۇددى يىرىقتىن ئاڭلانغان مۇڭلۇق كۈيگە ئوخشاش رەسسامنىڭ يۈرىكىنى ئېزىۋەتتى.

    رەسسام خۇددى مېھراپقا قاراپ سەجدە قىلۋاتقان ئادەمگە ئوخشاش ئېگىلىپ قىزنىڭ لەۋلىرىگە يېقىن كەلدى، ئاندىن ئۇ لەۋلەرنى قېنىپ سۆيدى. بېشىنى كۆتۈرۈپ، قىزنىڭ ھايۋانىي ھەۋەس ئۆرتەپ تۇرغان كۆزلىرىەە تىكىلگەندە، قىز:

    -نېمە بولدىڭىز؟نېمىشقا مېنى يەنە سۆيمەيسىز؟-دەپ توۋلاپ كەتتى.

    -سۆيۈپ بولدۇم.

    -مېنى قاچان سۆيدىڭىز؟شۇمۇ سۆيگەن بولامدۇ؟

    -مەن سىزنىڭ روھىڭىز بىلەن ئۇچىرىشىشنى، قەلبلىرىمىزنىڭ بىر –بىرىگە تەلپۈنۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    -روھ بىلەن قەلىبلەر مېنىڭ لەۋلىرىمنى ئىدارە قىلالامدۇ؟مېنىڭ ماۋۇ يېرىم، -ئۇ لەۋلىرىنى كۆرسەتتى، - سىزگە تەلپۈنىدۇ.

    -قاراڭ، لەۋلىرىڭىز سۆيۈشۈشنىڭ كۆپ بولۇپ كەتكىنىدىن تىترەپ كېتىۋاتىدۇ.

    -تولا بىلجىرلىماڭچىمەن پەلسەپەدىن بىزار. قېنى بولۇڭ مېنى ياخشىلاپ سۆيۈپ قويۇڭ!

    -سىز مېنى سۆي دېمەيۋاتىسىز، يەۋەت دەۋاتىسىز!بۇ مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ.

    -ئەمسە كېلىڭ، مەن سىزنى يەيمەن، مەن تېخى كەچلىك تاماق يېگىنىم يوق.

    رەسسام ئۇنىڭغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلمىدى. قىز ساددىلىقتا بەئەينى تەلۋە ئىدى.

    ياق. بۇ ئۇنىڭ ساددىلىقى ئەمەس، ئۇنىڭ نومۇسسىزلىقى.

    ئۇنى نېمە ئۈچۈن رەھىمسىزلىك بىلەن نومۇسسىز، دەپ تىللاش كېررررەك؟ھەممە ئاياللاردا ئۇنىڭغا ئوخشاش ئىستەك ۋە تەلەپ بولىدىغۇ؟ئۇلار ئۇ ئىستەق ۋە تەلەپلىرىنى نىقاب ئىچىدە يوشۇرۇن ئېلىپ بارىدۇ، ئۇلارنىڭ پەرقى پەقەت شۇلا. ئۇنداق نىقاب تېخى كىشلەرنى بەكرەك قىزىقتۇرىدۇ، ئۇلارمۇ مەقسىتىگە ئاسانلا يېتىدۇ.

      ئۇ يالغۇز كېسەللا ئەمەس، نادان قىز ئىدى. بىرەر ئايال ئۇنىڭغا جىنىسىي تەلىپ كۆچەيگەندە ئۆزىنى قانداق تۇتۇۋېلىشنى، ئاجىز كەپقالغاندا قانداق قارشىلىق كۆرسىتىشنى، ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەندە قانداق قىلىپ ناز كەرەشمىلىك بولۇشىنى، ئېلىشقاندا قانداق ياش تۆكۈشنى، قانداق قىلسا ئۆزىنى ئۇستا نىقابلىيالايدىغانلىقىنى، قانداق قىلغاندا ئۆزىنىڭ جگزبىدار تاشقى قىياپىتى ببىلەن ئەرلەرنى يەڭگىللىك بىلەن قول سوزالمايدىغان قىلىپ ئۆزىگە ئەسىر قىلالايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ مەپتۇنلۇقىنى چەكتىن ئاشۇرۋەتمەي، شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئىختىيارىغا بېرىلىشنى ئۆگەتكەن بولسا تولىمۇ ئوبدان بولاتتى.

      قىز رەسسامنى قولغا كۆەلتۈرۈش ئارزۇسىدا ئوت بولۇپ ياناتتى. بۇ ئارزۇ خۇددى تەلۋىلىكى تۇتقان يىرتقۇچ ھايۋاندەك شۇنچىلىك  كۈچلۈك شۇنچىلىك غالجىرانە ئىدى.

      قانچىلىك قىزلار ئەرلەرگە ئۇنىڭغا ئوخشاش شۇنداق كۆچلۈك، شۇنداق غالجىرلىق بىلەن ئىنتىلدىغاندۇ؟ئۇلار چوقۇم مىڭلاپ-ئونمىڭلاپ. ئەمما ئىچىدە پەقەت مۇشۇ قىزلا ئالدى-كەينىنى ئويلىمايدۇ، پەقەت مۇشۇ قىزلا ئۆزىنى ساددىلىق بىلەن ئەنە شۇنداق ئاسانلا ئۆزىنى ئاشكارلىۋېتىدۇ، ئۆزىنى تىزگىنلىيەلمەيدۇ، ئارزۇ، ئىستەكلىرىنى قىلچە يوشۇرماي ئېيتىۋېرىدۇ.

    ئەمسە رەسسامچۇ؟نېمە ئۈچۈن ئۇمۇ بىېر يىرتقۇچ ھايۋانغا ئوخشاش پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن لەززەت قوغلاشقان ئۇ تەننى مۇرادىغا يەتكۈزمەيدۇ.

    ئادەم ھايۋانغا تەۋە نەرسە. ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ھايۋان. شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمە . ۈچۈن رەسسام ئۆز نەسلىدىن يۈز ئۆرۈپ ئۇ قىزغا باشقىچە نەزەردە قارايدۇ؟نېمە ئۈچۈن ئۇ ئاۋۋال ئۇنىڭ بىلەن قەلىبداش، پىكىرداش بولۇپ، ئاندىن ئۇنىڭ تېنىغا يېقىنلىشىشنى نىيەت قىلدۇ؟

      رەسساممۇ بىر كېسە، ۋۇجۇدىغا . ىدىتە ۋە ئاڭ دېگەن نەرسە چاپلاشقان كېسەل. ئۇ ئالدى بىلەن . ئۇنى ئىدىيە جەھەتتىن ياخشى كۆرۈشى كېرەك، شۇندىلا ئۇنىڭ قان بىلەن گۆشتىن تۈزۈلگەن تېنىنى ياخشى كۆرىدۇ:ئۇ ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئېڭىنى، ئاندىن تېنىنى ياخشى كۆرۈشى كېرەك:ئۇ ئۇنى بىر ھېكايە، ئۇنىڭ بىلەن قىش-يازلارنى بىللە ئۆتكۈزسىمۇ زېركىشلىك ھېس قىلمايدىغان ھېكايە قاتارىدا ياخشى كۆرۈشى شەرت.

      ئۇلار ئىككىسىلا كېسەل چاپلاشقانلار. قىزنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىنى قوزغاشقا بولغان تەلىپى نورمال ئادەملەرنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەن، رەسسامنىڭ ئىدىيە-ئاڭ ئۈستىدە ئىزدىنىشى نورمال ئادەملەرنىڭ ئېتقادىنى بېسىپ چۈشكەن.

    قانداق قىلغاندا قىزنى ئىدىيە-ئاڭدا رەسسامنىڭ يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرگىلى بولىدۇ؟ياكى قىزنىڭ تىلپىنى تۆۋەنلىتىش كېرەكمۇ؟يا بولمىسا ھەر ئىككىسى ئكزىنىڭ مەقەسىدىن چىقىپ، بىر-بىرى بىلەن يولدا ئۇچرىشىشلىرى لازىممۇ؟

    رەسسام بۇ مەسلىدە نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلمەيتتى.

      ئەمما ئۇ قىزنىڭ ئۆزىگە ئېھتىياجىلىق ئىكەنلىكىنى، شۇ ئارقىلىق ئىدىيە جەھەتتىن ئىزدىنىش ئارزۇسىغا يېتەلەيدىغانلىقىنى بىلەتتى:ئۇ يەنە ئۇنىڭ نەپسىنى قاندۇرۇپ تۇرۇشقا لازىم ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، ئۇ ئىككىسى ئەتىسى كىچتە يەنە ئۇچراشتى.

    بۇ قېتىم رەسسام قىزنى"يىراق ۋە خىلۋەت"جايغا ئېلىپ بارماي، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ دائىم بارىدىغان تۈن كۇلۇبىغا باردى. ئۇ يەرگە قىزنىڭ بارلىق ئەر دوستلىرى ۋە يۇقىرى تەبىقىگە مەنسۇپ خىلمۇ-خىل ئادەملەر توپلاشقانىدى.

      ئۇلار رەسسامنى تونۇيتتى، ھەم قىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىمۇ بىلەتتى. ئۇلار ئۇنىڭغا يول قويۇشقا مەجبۇر ئىدى. چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭدىن، ئۇنىڭ قەلمىدىن، ئۇنىڭ ئۆزلىرىنىڭ خىلمۇ خىل ھەجۋى رەسىملىرىنى سىزىشىدىن قوتقاتتى. ئۇلار بىر ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇرغاندا، بىر جۈپ ئەر-ئايال ئۈستەلنىڭ يېنىدىن ئۆتۈ پ كېتىۋېتىپ ئۇلاردىن ئەھۋال سورىدى.

    ئۇلار ئو نەچچە ياش قىز –يىگتنىڭ ئارىسىدا قالدى.

    ئۇلارنىڭ ھەممىسى مىسىر تەۋەلىكىگە ئۆتكەن بايلارنىڭ باللىرى ئىدى.

      رەسسام مىسىر تەۋەلىكىگە ئۆتكەن بۇ كەلگىندىلەر بىلەن تونۇشۇشنى ياخشى كۆرمەيتتى. بڭنداق بولۇشى ئۇنىڭ ئىېقىيچىلىق خاھىشىنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇ ئادەملەرنىڭ پۈتكۈل مىسىر جەمئىيىتىدىكى نابابلىقلارغا سەۋەبچى بولىۋاتقانلىقىدىن ئىدى.

      مىسىر جەمئىيىتى پاك جەمئىيەت ئەمەس، خىلمۇ خىل ئادەملەردىن تەشكىللەنگەن مۇرەككەپ جەمئىيەت. بۇ ئادەملەر ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە، ئەنئەنىگە ئىگە مۇكەممەل بىر مىللەتمۇ ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركلەر، شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزلىقلار، ئەرەبلەر، شىمالىي ئافرىقىلىقلار. . . بار. ئۇلارنىڭ مىسىردا ياشاۋاتقىنىغا نەچچە ئون يىل بولغان، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئەجدادى ئىككى-ئۈچ يۈز يىلدىن بېرى مۇشۇ زېمىندا ياشاپ كېلۋاتقان بولىسىمۇ، ئۇلار تېخى ھەققىي مىسىرلىققا ئايلانغىنى يوق، مىسىرلىقلار بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، بىرلىككە كەلگەن بىر جەمئىيەتنى، بىر مىللەتنى شەكىللەندۈرگىنىمۇ يوق.

      ئۇلار ئارىسدىكى ھەر بىر ئادەم ئۆز جەمەتىنىڭ نام –ئابرويى، ئالاھىدە سالاھىيەتلىرى، چەت ئەللىك ئىكەنلىكلىرى بىلەن ماختىنىدۇ. گەرچە چەت ئەللىك ئۇلارنى ئېتراپ قىلمىسىمۇ، ئۇلار ئوخشاشلا ماختىنىۋېرىدۇ. ئۆزلىرىنى تاماق، كىيىم-كېچەك، تۇرالغۇ جايلار بىلەن تەمىنلىگەن، ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇشىنى مول قىلغان مىسىرنى بولسا تىلغا ئېلىپمۇ قويمايدۇ.

      مىسىرلىقلار ئىچىدە ھېسىيات پەرقىنىڭ مەۋقۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى، مىسىردىكى مىللەتلەرنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشىدىكى، مىسىر ھەر نۆۋەت چەت ئەل ھۆكۈمرانلىرىنىڭ قولىغا قالغان چاغلاردا خەلقىنىڭ بېشىغا بالايىئاپەت ياغىدىغانلىقىدىكى سەۋەب ئەنە شۇنىڭدا.

      مىسىر تەۋەلىكىدىكى ئۇ زەردارلار مىسىرغا سادىق ئەمەس، ئۇلار پەقەت مال-دۇنياسىنى ساقلاپ قېلىش، ھەر بىر مىسىرلىققا بېرىلدىغان قانۇنىي ھوقۇققا ئېرىشىش ئۈچۈنلا مىسىر تەۋەلىكىگە ئۆتكەن.

      ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قايسىبىر ئادەم فرانسىيە ياكى ئەنگىليە تەۋەلىكىگە ئۆتىدىغان بولسا، ئوخشاشلائۇ دۆلەتلەرگەىمۇ سادىق بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ فرانسىيلىك ياكى ئەنگىيلىك ئىكەنلىكىنى ئىشەنمەيدۇ، ئۇلارغا لازىمى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ مۇھاپىزىتى.

      شۇڭلاشقا، ئۇلار ۋەتىنىدىن، ۋەتىنىگە بولان مڭھەببىتى ۋە ھېسىياتىدىن ئايرىلغاندا، سالاھىيىتىندىنمۇ تەڭ ئايرىلىدۇ.

      ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئوي-خىيالى ئۆزلىرىنىڭ ئامانلىقى بىلەن مال-مۈلكىگە بېرىلگەن. ئۇلار تۇرۇۋاتقان ھەر قانداق زېمىن ئۇلارغا ئەھمىيەتسىز، ئۇ يەرلەرنى بايلىق يىغىدىغان كان دەپلا بىلىدۇ، خالاس.

      رەسسام ئەتراپتىكى ئۇ ئاددەملەرگە سەپسېلىپ چىقتى، ئاندىن قىزغا نەزەرىنى تاشلاپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە قارىغاندا ئۇلارغا بەكرەك يېقىنلىقىنى سەزدى.

      ئۇ ئۇ يەرددە ئولتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ فرانسۇزچە، بىردەم ئىنگىلىزچە سۆزلىشىۋاتقانلىقىغا جىمجىت قاراپ ئولتۇردى. ئۇلارنىڭ تولا تەكرارلىنىپ تەمى قالمىغان بىئەپ چاقچاق-ھەزىللىرى ئۇنىڭ قۇلقىغا مۇشت ئۇرغاندەك ئاڭلىناتتى. ئۇنىڭ ئۇلارنىڭ گەپلىرىگە ئارلىشىپ، ئۆزىنىڭ ئۇلارغا قارىغاندا ئەدەبلىك ئىكەنكىنى كۆرىسىتىپ قويغۇسى كېلەتتى، لېكىن ئۇنىڭغا چامى يەتمەيتتى.

    ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزىنى ئامېرىكىلىق، بەزىلىرى فرانسىيىلىك، ئەنگىلىيىك قىلىپ كۆرسىتىشكە باشلىغاندا، رەسسامدا بىردىنلا ئۇلارغا قارىتا يىرگىنىش پەيدا بولدى.

      مىسىر تەۋەلىكىگە ئۆتكەن بايلاردىن تەركىب تاپقان بۇ قاتلام ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى يات ئەللىك دېگەن نام بىلەن ھەل بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن دائىم ئەيىبلىنىپمۇ تۇرىدۇ. ئۇلار مىللىي سالاھىيىتىنىلا ئەمەس، سۆزلىشىش، ھەزىل، مۇستەقىل قاراش ۋە ئۆزگىچە خاراكتېر قاتارلىق جەھەتلەردە ئىجادچانلىقنى يوقىتىپ، باشقىلارنى ئۆلۈك ھالدا دورايدىغان ئادەملەرگە ئايلىنىپ قالغان. ئۇلارنىڭ ھېسىيات بۇلاقلىرى قۇرۇغان، شۇڭا ئۇلار ھاياجانلانمايدۇ، ئوت ئۇچقۇنلىرىنى چاچرىتالمايدۇ.

      رەسسام ئۇقىزنىڭ دىققىتىنى ئۇلاردىن ۋە ئۇنىڭ ئاغزى بىلەن ئۈستەل ئارىلىقىدا توختىماي چېپىپ تۇرغان قەدەھلەردىن چالغىتىش ئۈچۈن، يانچۇقىدىن كىچىك بىر خفتىرە دەپتەرنى ئېلىپ ئۇنىڭغا بىر نەچچە ئېغىز گەپ يېزىپ ئۇنىڭغا سۇندى. ئۇ دەپتەرنى قولىغا ئېلىپ ئۇنىڭدىكى گەپلەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. ئۇ بۇنى يېڭىدىن كەشىپ قىلىنغان "خەت ئويۇنى"ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قالغانىدى.

      رەسسام:"سىزنىڭ لەۋلىرىڭىزنىڭ رومكامنى توختىماي سۆيۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا تارلىقىم كېلىۋاتىدۇ. "دەپ يازغانىدى.

     قىز: "بۇ رومكا مېنىڭ گېپىمنى سىزنىڭ لەۋلىرىڭىزگە قارىغاندا ئوبدان ئاڭلايدۇ. " دەپ جاۋاب بەردى.

      رەسسام:"سىز بىلەن يالغۇز بىرگە بولۇشنى ئويلايمەن"دەپ يازدى.

      قىز :"مەن تېخى سىزنى ئۆزۈمگە مۇناسىپ كۆرمىدىم" دەپ جاۋاب بەردى،

       رەسسام:"سىزنى ياخشى كۆرۈشۈمگە رۇخسەت قىلىڭ"دەپ يازدى.

       قىز:"قاچان؟، قەيەردە؟" دەپ يازدى.

      رەسسام:"سىزنى ھەممە ۋاقىت، ھەممە يەردە ياخشى كۆرىمەن" دەپ يازدى.

     قىز: "قارىغاندا سىز ئۇ دەرىجىدە قۇۋۋەتلىك ئەمەستەك قىلسىز" دەپ جاۋاب بەردى.

      ياش بىر يىگىت قىزنى تانسىغا تارتىپ، ئىككىسىنىڭ خەت بىلەن قىلىشىۋاتقان سۆھبىتىنى ئۈزۈپ قويدى. قىز ئۇ يىگىت بىلەن تانسا ئويناۋېتىپ، ئۆزىنىڭ ئاخىرقى جاۋاببى ئۈچۈن كۈلەتتى.

      ئۇ تانسىغا قوپۇۋېتىپ رەسسامغا بىر ئېغىز گەپ قىلىپ قويمىدى، ھېچبولمىغاندا ئۇنىڭغا قايرىلىپ بىر قاراپ،  ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورايدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈرۈپ قويمىدى، ئەكىسچە ئۇنىڭغا كەينىنى قىلىپ،  بىللە ئويناۋاتقان يىگىتنىڭ قوينىغا كىرىپ كەتتى.

    رەسسام كۆزلىرىنى ئۇنىڭدىن بىردەممۇ ئۈزمىدى.  ئۇ يىگىت ئۇنى تېخىمۇ قۇچاقلاپ،  ئۇنىڭ يالىڭاچ مۈرىسىنى سىلايتتى،  مەڭزىنى مەڭزىگە ياقاتتى،  ئاپئاق بوينىدىن سۆيەتتى.  رەسسام ئۇنىڭ بۇ ئىشلارغا پەرۋاسىز قارايدىغانلىقىنى بىلەتتى.  ئۇ ئىلگىركىگە ئوخشاشلا سوغۇق ۋە ھېسىياتتا گال ئىدى. ئەمما ئۇ ياش يىگىت ئۇنىڭدەك گال ئەمەس، چوقۇم ئۆزىگە چىڭ چاپلىشىپ تۇرغان مامۇقتەك يۇمشاق بەدەننى ھېس قىلۋاتىدۇ،  شۇڭا ئۇ يالىڭاچ بەدەننى سىيلاۋاتىدۇ،  مەڭزىنى ئۇنىڭ ئادەمنى مەستىخۇش قىلدىغان ئوتلۇق مەڭزىگە تېخىمۇ چىڭ چاپلاۋاتىدۇ.

      رەسسامغا ئۇ يىگىت ئۆزىنى مەنسىتمەيۋاتقاندەك،  ئۆزىنىڭ بۇيەردە بارلىقىنى كۆرمەسكە سېلىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ ۋۇجۇدىغا غەزەپ يالقۇنى تۇتاشتى،  بۇ يالقۇن يۈرىكىنى كۆيدۈرۈشكە ، نېرۋىلىرىنى چېچىشقا باشلىدى. ئۇ ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن تانسا ئوينىشىنى توساشقا ھەققى يوقلۇقىنى چۈشەنگەچكە،  ئۆزىنى قاتتىىق بېسىپ ئولتۇردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە،  بۇ يەردە باشقىلار بىلەن تانسا ئويناشنى ئەيىبلەشكە تېگىشلىك جىنايەت دەپ قارايدىغان بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى.

      قىز ئۈستەلگە قايتىپ كېلىپ،  رەسسامنىڭ چىرايىدا ھېچقانداق غەزەپ ئالامىتىنى كۆرمىدى، ئۇنىڭ غەزىپىنى قاتتىق بېسىپ ئولتۇرۇۋاتقانلىقىنىمۇ سەزمىدى،   بىر خىلدا جىمجىت ئولتۇراتتى.  شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە ئۇنىڭ يېنىدىن كېتىپ، رومكا بىلەن ئۆزىنىڭ دوستلىرىنىڭ يېنىغا باردى،  ئۇنىڭ بىلەن كارىمۇ بولمىدى.

      ئۇنى يەنە بىر يىگىت تانسىغا تارتتى.  رەسسام"يۈزىنى يۈزىگە يېقىپ ئوينايدىغان تانسا"غا چۈشمە، دېمەكچى بولۇپ ئۇنىڭغا يېلىنىش نەزەرى بىلەن قاراپ كەتتى، ئەمما قىزدا ھېچقانداق ئىنكاس بولمىدى. ئاخىر  رەسسام خۇددى چوڭ بىر ۋەقە يۈز بەرگەندەك بىردىنلا تۇتۇۋېلىپ"

     -توختاڭ!-دەپ ۋارقىرىدى.

    قىز تۇرۇپلاقالدى. رەسسام ئۇنىڭ قول سومكىسىنى ئېچىپ گىرىم قەلىمىنى ئالدى،  ئاندىن ئۇنىڭ مەڭزىگە  بىر نەرسە سىزىپ، تانسا ئونياپ بولۇپ ئورنۇڭغا قايتىپ كەلگەندە مەڭزىڭدىكى بۇ رەسىم يوق بولىدىغان بولسا، يەنە يۈزنى يۈزگە يېقىپ ئوينايدىغانلىقىڭ ئىسپاتلىنىدۇ، ئۇ چاغدا مەندىن مەڭگۈ ئايرىلسەن، دېدى.

     ئەتراپتىكىلەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ پاراققىدە كۈلۈشۇپ كەتتى، قىزمۇ ئۇلار بىلەن بىللە كۈلدى. ئۇلار قىزنى "يېڭىچە خەت ئويۇنى "دا رول ئېلىۋاتقان بولسا كېرەك  دەپ قېلىشقانىدى.

      ئۇ يەنە تانسىغا چۈشۈپ كەتتى.

     ئۇ تانسىنى ئويناپ بولۇپ ئورنىغا قايتىپ كەلگەندە مەڭزىدىكى رەسىمنىڭ ھېچنىمىسى قالمىغان،  ئۇنى ئۆزى بىلەن بىللە تانسا ئوينىغان ئەرلەرنىڭ مەڭزىگە كۆچۈرۈپ بولغانىدى.

      رەسسامنىڭ قاتتىق غەزىپى كەلدى،  ئەمما قىز"ئۇنىڭدىن مەڭگۈگە ئايرىيلمىدى"، ھەتتا بىر سائەتمۇ ئايرىلىپ قالمىدى، رەسسام ھاراق بىلەن غەزىپىنى باسماقچى بولدى، لېكىن ھاراق ئۇنىڭ غەزەپ ئوتىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى:كۆزلىرىدىن ئوت چاقناپ، قوللىرى قاتتىق قىزىشىپ كەتتى،  كۆكرەك قەپىزى گويا ھازىرلا پارتلاپ كېتىدىغان يانار تاغقا ئوخشاش كۈچلۈك داۋالغۇشقا باشلىدى.

      ئۇنىڭدىكى بۇ غەزەپ ئوتىنى ئەتراپتىكى ھېچكىم سەزمىدى.  ئۇلار بۇ قىزنى بۇنچىلىك كۈنلەيدىغان ئادەمنىڭ بولۇشىنى خىيالىغا كۆلتۈرۈشمەيتتى.  چۈنكى ئۇلار ھەممىسى ئۇ قىز بىلەن بىللە بولغان،  ھازىرمۇ بىللە بولۇشقا ھەقلىق ئادەملەردە.

      قىزنى ئۈچىنچى يىگىت تانسىغا تارتقاندا،  ئەتراپتىكىلەر رەسسامنىڭ غەزىپىنى ناھايىتى تەستە بېسىپ ئولتۇرغانلىقىنى سېزىپ قالدى.  قىز ئەمدىلا ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇ يىگىتنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتاي دەپ تۇرغاندا، رەسسام ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ،  "ئوينىمايسەن!" دەپ قاتتىق توۋلاپ جايىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى.

      پۈتۈن مەيدان بىردىنلا جىمجىت بولۇپ كەتتى.

      ئادەملەر سۆز بىلەن تەسۋىرلەش تەس بولغان سوئال نەزەرلىرى بىلەن بىر –بىرىگە قارىشىپ قويدى.

      ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى ئادەملەر ئۇنى سەھرالىق بولسا كېرەك، بولمىسا ۋارقىراپ-جارقىراپ يېنىدا ئولتۇرغان قىزنىڭ تانسا ئوينىشىغا قارشى تۇرامدۇ؟دەپ ئويلىشى، يەنە بەزىلەر،  ئۇ يۇقىرى تەبىقىدىكىلەرگە خۇشامەت قىلىدىغان چاكىنا ئادەم ئىكەن،  ئەمما يۇقىرى تەبىقىدىكىلەرنىڭ ئاۋام خەلقنىڭ نۇرغۇن ئىدىيە-ھېسىياتلىرىنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى،  بولۇپمۇ ئاياللارنى كۈنلەيدىغان چاكىنا قىلىقلارنى كۆرەرگە كۆزى يوقلۇقىنى بىلمەيدىكەن،  دېيىشلىرى مۇمكىن. . .  ئۇ ئادەملەر ئەنە شۇنداق خىيال ۋە پىكىرلەردە بولۇۋاتسىمۇ، ھېچكىم ئىچىدىكىنى سىرتقا چىقارمىدى،  رەسسامنىڭ ۋارقىراپ كەتكىنىگىمۇ ھېچقانداق ئىپادىدە بولمىدى.  قىزنى تانسىغا تارتقان ھېلقى يىگىتتىمۇ ھېچقانداق ئىنكاس كۆرۈنمىدى.  ئۇ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي جايىغا بېرىپ ئولتۇردى.

      قىزچۇ؟ ئۇ مەغرۇر كۈلۈپ قويۇپ،  خۇددى ئۆزىگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقان بىر خىل پۇراقنى پۇراشقا تەمشىلۋاتقاندەك،  بۇرنىنى ئېگىز قىلىپ غادىيىپ تۇراتتى.  ئۇنىڭ قوللىرىنىڭ رەسسامنىڭ كۈچلۈك،  قوپا قوللىرى ئاستىدا مىجىلىپ تۇرغانلىقىنى سەزگەندىن باشقا سېزىم يوق ئىدى.

      رەسسام ئەتراپىدىكى زۇۋان سۈرمەي قارىشىپ تۇرغان ئادەملەرنى قەھرى بىلەن بىر-بىرلەپ كۆز ئۆڭىدىن ئۆتكۈزدى، ئاندىن يانچۇقىدىكى ھەممە پۇلنى ئۈستەل ئۈستىگە قويدى. بۇ پۇلنىڭ قىز بىلەن ئىككىسىنىڭ ئىچكەن ھارىقىغا يېتىدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەناىن كېيىن،  قىزغا بۇرۇلۇپ، سىلىق ئاھاڭدا: "بۇ يەردىن كېتەيلى!"  دەپ بۇيرۇق قىلدى ۋە ئۇنىڭ جاۋابىنى كۈتمەيلا بىكىدىن تۇتۇپ ئىشىككە قاراپ سۆرەپ ماڭدى.

      ئۇلار چىقىپ كەتتى.  بۈگۈنكى سورۇنغا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى بۇ قىز ئۈچۈن ياقا يىرتىدىغان،  ئۇنىڭ تەرىپىنى ئالىدىغان بىرىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى، ھېچقانداق ئادەمنىڭ ئۇنى تاك ئېتىپ چېكىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى، باشقىلارنىڭ ئەمدى ئۇنى تاللىشىغا ھەققە يوقلۇقىنى بىلگەن بولدى.

      بىر نەچچە ئايدىن بېرى رەسسام ساراڭدەك ئۇنىڭ ئەتراپىدىن ئايلىنىپ كېتەلمەيدىغان، ئۇنىڭ ياش دوستلىرىنى ئۇنىڭغا يېقىن كەلتۈرمەي قوغلايدىغان بولدى. ئۇ ئۇنىڭدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمايتتى،  ئۇنى دەپ نېرۋىلىرىمۇ ئەسەبىيلەشتى.  ئۇ خەقلەر قىزنىڭ ئۇنىڭغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلگىچە،  ئۇنى ئۆلگۈدە ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشەنگۈچە شۇنداق ماڭىدىغاندەك قىلاتتى.  ئەمما قىز ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى،  ئۇنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى.  قىز ئۇنى ياخشى كۆرمەيتتى،  چۈنكى ئۇ دۇنيادا جىنسىي ئۇچرىشىشتىن باشقا مۇھەببەت دېگەن بىر نەرسىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلمەيتتى.

      رەسسام ئاخىرقى مەقسىتىگە يەتمىگۈچە ئۇنىڭغا ئۆزىنى تۇتقۇزمايدۇ،  چۈنكى ئۇ قىزنىڭ مىجەزىنى بىلىدۇ،  قىزنىڭ ئۆزىنى بىر تەخسە سەينىڭ قاتارىدا كۆرىدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ.  قىز ئۇنىڭغا ئېرىشىپ، خورىتىپ تۈگەتكەندىن كېيىن ئۇنى تاشلاپ كەتمەكچى، بۇمۇ رەسسامغا ئايان.  ئۇنىڭ رەسسامنى قولغا كەلتۈرگەن كۈنى رەسسامنىڭ ئۇنى يوقاتقان كۈنى بولىدۇ.  شۇڭا رەسسام ئۆزىنىڭ بەدىنىنى ئۇنىڭغا تۇتۇپ بەرمەيدۇ، باشقىلارنىڭمۇ شۇنداق قىلىشىغا يول قويمايدۇ.  ئۇ شۇ ئارقىلىق قىزنىڭ تېنىنى جازالاپ، ئۇنى شۈكرى-قانائەتچان قىلماقچى،  ۋۇجۇدىدىكى ھاۋايى-ھەۋەسنى ئۇجۇقتۇرماقچى، يۈرىكىنى ئېرىتىپ،  مۇزغا ئوخشاش بىر پارچە گۆشنىڭ ئاستىدا بېسىلىپ ياتقان ئۇنىڭ ئىنسانىي روھىنى ئازاد قىلماقچى.

      قىز ئۇنىڭ كەينىدىن چىقىپ كېتىۋېتىپ،  ئۇ مېنىي ئۆزىنىڭ ياتقىغا باشلاپ بارىدۇ،  دەپ ئويلىغانىدى،  چۈنكى ئۇ كېچىلىرى دائىم دېگۈدەك باشقا ئەرلەرنىڭ ئۆيلىرىدە قونۇپ قالاتتى.

      لېكىن رەسسام ئۇنى باشقا بىر كوچىغا باشلاپ خېلى ئۇزۇن ماڭدى،  كېتىۋېتىپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى.  قىز پات-پات ئۇنىڭغا قاراپ قوياتتى،  ئەمما ئۇنىڭ نەزەرى بىلەن سورىغان سوئاللىرى جاۋابسىز قالاتتى.  ئۇ قەدىمنى تېزلىتىپ ئۇنىڭدىن ئۆزىنى نەگە ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن يېتىشىپ دېگۈدەك كېتىۋاتاتتى.  قىزنىڭ ئۇنىڭغا ئامراقلىقى كېلىپ، بىلەكلىرىگە مەھكەم ئېسلغۇسى،  دۈمبىسىنى سىلغۇسى،  مەڭزىلىرىنى يۇمشاق قوللىرى بىلەن تۇتۇپ باققۇسى كېلەتتى.  خېلى ئۇزۇن ماۇغاندىن كېيىن،  قىز ئۇنى،  كىرا ماشىنىسىغا ئولتۇرغۇدەك پۇلى يوق پىيادە كېتىۋاتسا كېرەك،  دەپ ئويلاپ قېلىپ،  مېڭىشتىن توختاپ،  ئۆزىدە ماشىنىغا يەتكۈدەك پۇلنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

      لېكىن رەسسام قىزنىڭ قولىدىن كۈچەپ تارتىپ،  بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي،  ئۇنى كەينىگە سېلىپ مېڭىۋەردى.

      قىز ئەمدى ئەندىشىگە چۈشۈپ قالدى.  پات-پات ئېگىز پاشنىلىق توپلىيىدىن ئاغرىنىپ ماڭماي تۇرۇۋېلىپ،  بۇ تۈگىمەس پىيادە مېڭىشقا نارازىلىقىنى بىلدۈرەتتى.

      ئاخىر قىز چىدىيالماي:

      مېنى كۇلۇبقا قايتۇرۋەت!-دەپ ۋارقىرىدى.

      رەسسام توختاپ ئۇنىڭغا يۈزلىنىپ،  ئىككى قولى بىلەن ئۇنىڭ ئىككى مۈرىسىنى چىڭ تۇتتى، ئۇنىڭ يۈرىكى سېلىپ كېتىۋاتاتتى،  كۆزلىرى نەشتەردەك قادىلاتتى.

      قىز ئۇنىڭ يۈرىكىنى كۆرەلمىگەن بىلەن،  ئوتتەك يېنىپ تۇرغان كۆزلىرىنى كۆرەتتى،  مۈرىسىگە چۈشۈپ تۇرغان ئېغىر قوللىرىنى سېزەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ لەۋلىرى يەنە تىترەشكە،  تىنىقى جىددىيلىشىشكە باشلىدى،  ئاغزى ئېچىلىپ،  چىشلىرى پارقىراپ كەتتى.  ئۇ ئاخىر كۆزىدىن قارا كۆزەينىكىنى ئېلۋېتىپ،  مەڭزىنى ئۇنىڭ مەڭزىگە،  مەيدىسىنى مەيدىسىگە چاپلىدى.

      رەسسام شۇئان ئۇنى ئىتتىرۋەتتى.

      ئارقىدىن، خۇددى ئۇ قېچىپ كېتىدىغاندەك،  ئۇنى يەنە ئۆزىگە تارتىپ،  قولىدىن مەھكەم تۇتۇۋالدى. رەسسام ئاخىر گەپكە ئېغىز ئاچتى.

      ئۇ ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى،  باشقىلارنىڭ ئىسكەنجىسىدە ئۆتكەن باللىق چاغلىرىنى،  ئېغىر كۈنلەردە ئۆتكەن ياشلىق مەزگىلىنى،  ئاكتۇئال ھايات مىزانلىرىنى،  جاپالىق ياشاۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆزى پەخرلىنىدىغان نامرات تۇرمۇشىنى سۆزلەپ بەردى.

      بۇ گەپلەرنىڭ بىرىنىڭمۇ ئۇنىڭ قۇلقىغا كىرمىگەنلىكى رەسسامغا ئېنىق ئىدى.  ئۇ بۇ ۋەقەلەرنىڭ ئىچىدىكى بىرەر ۋەقەدىنمۇ ھاياجانلانمىدى،  ئۇنىڭ ئۆتمۈشتە تارتقان كۈلپەتلىرىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ قويمىدى،  ھازىرىغا باھامۇ بەرمىدى،  كەلگۈسىگىمۇ ئۈمىدۋارمۇ بولمىدى.

      رەسسام يەنىلا ئۆتمۈشتىكى كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلەش بىلەن ئاۋارە ئىدى،  چۈنكى ئۇ ئىشلار ئۆزى يازغان تارىخ بولۇپ،  ئۇنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھەممە بايلىقى شۇ بولغاچقا،  ئۇنى سۆزلىسە نېرۋىلىرى ئارام ئېلىپ قالاتتى.

    قىز پەقەت ھۈرمەت ئۈچۈنلا ئۇنىڭ گەپلىرىگە بېشىنى لىڭشىتىپ ھېسداشلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قوياتتى.  يول تۈگىمەيتتى، ھېرىپ مادارى قۇرۇپ كېتىۋاتاتتى،  شۇنداقتىمۇ پۇتلىرىنى تەستە يۆتكەپ ئۇنىڭدىن قالماي ماڭاتتى،  ھەتتا بەك چارچاپ كېتىپ، بەزىدە يىغلاپمۇ كېتەتتى.

      ئۇ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بولغاندا،  ئۇلار ناھايىتى ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ قىزنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا يېتىپ كېلىشتى.  ۋاقىت سەھەر سائەت بەش بولغانىدى.  قىز قاتتىق چارچاپ كەتكەچكە ئۆرە تۇرالماي ئولتۇرۇپ قالدى.  ئۇنىڭ بۇ ھالىتى تولا يول مېڭىپ ۋە قورسىقى ئېچىپ ھالىدىن  كەتكەن يېتىم بالىنىڭ تىلەمچىلىك قىلۋاتقان چوڭ ئادەمنىڭ كەينىدىن سۆرۈلۈپ كېتىۋاتقىنىغا ئوخشايتتى.

      قىز قورسىقى ئېچىپ ھالىدىن كەتكەن يېتىم بالا،  رەسسام بولسا مۇھەببەت تىلەپ كېتىۋاتقان تىلەمچىنىڭ ئۆزى ئىدى.

      رەسسام قىزنى دەرۋازىنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويۇپ خوشلاشمايلا كېتىپ قالدى.  قىزنىڭ قايرىلىپ ئۇنىڭغا قارىغۇدەكمۇ ھاكى يوق ئىدى.

      شۇنداق بولسىمۇ رەسسام ئەتىسى ئۇنى يەنە ئىزدەپ كەلدى.

      بۇ قېتىم ئۇ ئۇنى چېركاۋغا ئاپىرىش ئۈچۈن كەلگەنىدى.

                                       4

      رەسسام قىزنى چېركاۋ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا باشلاپ كەلدى.  ئىچىگە كىرىدىغان چاغدا قىز ئۆزىنىڭ كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالدى.

      ئۇ ئۇنىڭ ئۆزىنى  بۇ يەرگە نېمىشقا كەلگەنلىكىنى بىلمەيتتى.

      بۇرۇن ئۇ دوستلىرىنىڭ تويىغا قاتناشقاندا چېركاۋغا كەلگەنىدى،  بەزى قىزلارنىڭ يەكشەنبە كۈنلىرى يېڭى كىيگەن كۆڭلەكلىرىنى كۆز-كۆز قىلىش ۋە ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان يىگىتلەرگە كۆرۈنۈش ئۈچۈن،  ئىبادەت قىلمىز،  دېگەن باھانە بىلەن بۇ يەرگە كېلىدىغانلىقىنى بىلەتتى.  بىراق ئۇ نېمە ئۈچۈن كېلىدۇ؟ بۈگۈن يا دوستلىرىنىڭ بىرەرى توي قىلمىسا،  يا يېڭى كۆڭلىكىمنى باشقىلارغا داملىتاي،  يىگىتلەرگە كۆرسىتەي دەيدىغانغا يا يەكشەنبە بولمىسا،  بۇ يەردە ئۇنىڭغا نېمە با؟ قىز ئۇنىڭ خىرسىتىئان ئەمەس،  ئۆز دىنىغا سادىق مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.  شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ يەنە نېمە دەپ ئۇنى بۇ يەرگە باشلاپ كېلىدىغاندۇ؟ ساراڭ بوپتىغۇ بۇ!

       سۈرلۈك ئىبادەتخانا ئۇنى قوبۇل قىلدى،  ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەممە نەرسە بىر خىل تىنچ ۋە يېقىملىق مۇھىت ئىچىدە ياتاتتى.  ئۇ ئىككىسى رەڭدار دېرىزىنىڭ يەرگە چۈشۈپ تۇرغان شولىسىنى دەسسەپ مېڭىپ،  چەتتىكى بىر ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى.

     قىز قورقۇمسىراپ تۇرۇپ رەسسامدىن:

    -بىز بۇ يەرگە نېمىشقا كەلدۇق؟-دەپ سورىدى.

    -كۆزىڭىزنى يۇمۇپ تۇرسىڭىز بىلسىز، -رەسسام شۇنداق دەپلا،  گويا روھىنى خۇدانى ئىزدەپ تېپىپ ئۇنىڭدىن تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك تىلەپ كېلىشكە ئەۋەتىۋەتكەندەك كۆزلىرىنى چىڭ يۇمدى.  شۇ ھامان ئۇنىڭ يۈرىكىدە پەرىشتىلەرنىڭ مۇقەددەس مۇناجفتلىرىغا ئوخشايدىغان بىر خىل يېقىملىق كۈي جاراڭلىغاندەك بولۇپ،  ئۇ ئۆزىنى پارلاق ئەتىگە ئارامبەخش دۇنياغا كېلىپ قالغاندەك سېزىشكە باشلىدى.

      ئۇنىڭ بۇ مۇقەددەس جايغا كېلىشى تۇنجى قېتىم ئەمەس ئىدى.  ھەر قېتىم روھىي ئازاب چەككەندە،  كۈرەشتە ئىشەنچىسىنى يوقاتقاندا، ياكى ۋۇجۇدىنى ئۆچمەنلىك ۋە غەزەپ ئوتى ئۆرتىگەن چاغلاردا مەسچىت ياكى چېركاۋغا ئوخشاش ئاشۇنداق مۇقەددەس جايلارغا كىرىپ ئولتۇراتتى،  بۇ ئۇنىڭغا ئادەت بولۇپ قالغانىدى.  كىشلەر بۇجايلاردا ئۇلۇغ خۇدا بىلەن تەڭرىگە بولغان ئىشەنچىلىرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيتتى،  ھىممىتى كەڭرى،  مېھرىبان ياراتقۇچىنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ نەقەدەر ئەرزىمەس بەندىلەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشاتتى.

     ئۇ يەردە ۋەز ئېيتمايتتى.  سۈكۈت ئىچىدە ئولتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ھەممە گەپ سۆز،  ئىش –ھەرىكەتلىرىنى ئەسلەپ،  خۇدا ئالدىدا توۋا قىلاتتى.  ئۇ ئەزەلدىن ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قوياتتى،  ئۆزىگە بولغان جازادىمۇ شۇنداق قاتتىق ئىدى.

      ئۇ توۋا-ئىستىغپار ئوقۇپ بولۇپ كۆزىنى ئاچتى ۋە قىزغا قاراپ، ئۇنىڭ كۆزىنىمۇ يۇمماي،  خۇداغا بولغان ئېتىقاد ۋە ھۈرمىتىنىمۇ بىلدۈرمەي،  غەمكىن چىرايدا يىراقلارغا قاراپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى.

    -شۇ تۇرقىدا نېمە ئويلاۋاتىسىز؟-دەپ سورىدى رەسسام ئۇنىڭدىن تولىمۇ مېھرىبانلىق بىلەن.

      -پوپنى، -ئۇ مۇنبەردە تۇرغان ياش پوپنى قولى بىلەن كۆرسەتتى.  پوپ ئاق يۈز،  پاكىز چىراي،  چاچلىرى خۇددى ئەۋلىيالارنىڭ چاچلىرىدەك ئالتۇن رەڭدە يالتىراپ تۇرىدىغان ئادەم ئىدى،  شۇ تاپتا مۇنبەردە تۇرۇپ پۈتۈن دىققىتى بىلەن بوش قىرائەت قىلۋاتاتتى،  ئالدىدا ئەيسانىڭ كېرستكە مىخلانغان قىزىل رەڭ ھەيكىلى تۇراتتى.

      رەسسام ئىختىيارسىز قوشۇمىسىنى تۈرۈپ،  ئۇنىڭدىن:

     -پوپ سىزگە قانداق تەسىر بەردى؟- دەپ سورىدى.

    -مۇشۇنداق بىر چىرايلىق يىگىتنىڭ چېركاۋ ئىچىدە سولىنىپ يۈرۈشى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىشتە، بۇ بىر چوڭ يوقىتىش.

      -ئۇ بەختلىك،  سىز بىلەن،  مەندىنمۇ بەختلىك.

    -كىم شۇنداق دەيدۇ؟ئۇ ئاياللار بىلەن باردى كەلدى قىلالمىسا،  تانسىلارغا بارالمىسا،  ھاراق ئىچەلمىسە،  ئىشقىلىپ ئەرلەر قىلدىغان ئىشلارنى قىلالمىسا قانداق بەختلىك بولالىسۇن؟

       -بۇ ئىشقا ئۇنى ھېچكىم مەجبۇرلىغان ئەمەس،  ئۇ ئۆزى بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى بىلىپ -يېتىپ،  بۇ يەرنى ئۆزىگە مۇناسىپ كۆرگەن.

    -ئەمسە ئۇنى مەن ئىزدىسەم نېمىشقا بولمايدۇ؟

      گەپ قىلۋاتقاندا ئۇنىڭ چىشلىرى كاراسلاپ كەتتى،  كۆكرىكى كۈچلۈك سوقۇۋاتقان يۈرىكىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن تەڭ بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر پەسىيىپ تۇردى.  شۇنداقتىمۇ ياش پوپنى چىشلەپ يەۋېتىشتىن،  كۈچلۈك قوللىرى بىلەن قۇچاقالپ بىلەي تاشتەك ياپىلاق قىلۋېتىشتىن قورقۇپ،  نەپسىنى ناھايىتى تەستە يىغىپ ئولتۇردى.

      رەسسامنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كېلىپ،  ئۇنى شاپىلاق بىلەن ئۇرغۇسى كېپكەتتى.  ئۇ ئۇنىڭ چېركاۋدا تۇرۇپمۇ ھايۋاندەك قىلىق قىلۋاتقانلىقىنى زادىلا ئەقلىگە سىغدۇرالمايۋاتاتتى.

      رەسسام ئۇنى ئۇرمىدى.  ئۇ ئۇنىڭ كېسەللىكىنى ئېسىگە ئالغانىدى.  ئۇ ئەسەبلىرىنى قاتتىق بېسىپ،  تەمكىن ئاھاڭدا:

    -سىزنىڭ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشىڭىزنى ھېچكىم توسالمايدۇ.  خۇداغا چىن ئىخلاسىڭىز بىلەن سېغىنغان چاغدا پوپنى ئىزدىسىڭىز بولىۋېرىدۇ، -دېدى.

      -ئەمسە بىز ۋىجدان ۋە روھ توغرىسىدىكى پارىڭىمىزنى قىلىشايلى.  سىز ماڭا خۇدا توغرىسىدا يەنە سۆزلەپ بېرىڭ.  ئەگەر پۈتۈن دۇنيا ۋىجدان ۋە روھتىن تۈزۈلگەن بولسا، ئۇ چاغدا بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيا قانداق بوپكېتىدۇ؟ سىز يەنە كۈلۈك يىگىتلەر بىلەن ئاجىز بوۋايلارنى قانداق پەرق قىلالايسىز؟ بىز ھەم قانداق قىلىپ ئۆزىمىزنىڭ تېنىدىن ئايرىلىپ چىقالايمىز؟ خۇدانىڭ بىزنى ئەر-ئايال قىلىپ يارىتىشى بىر-بىرىمىزگە مېھرىمىزنى سېلىش ئۈچۈن بولسا كېرەك.

      رەسسام قىزنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئىچ-ئىچىدىن سۆيۈنۈپ كۈلۈپ كەتتى. بۇ بەخت كۈلكىسى،  رازىمەنلىك كۈلكىسى ئىدى،  چۈنكى قىز مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلاشقا، ئانالىز قىلىشقا،  مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۆزى چۈشەنمەيدىغان مەسىلىلەرنى چۈشىنىشنى ئويلاشقا باشلىغانىدى.  بۇرۇن ئۇ مۇنداق مەسىلىلەرنى سۆزلەپ باقمىغا، ئۆزى چۈشەنمەيدىغان ئىشلارنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇپ باقمىغانىدى،  ئىچىش،  يېيىش،  ھايۋان تەبىئەتلىك ئادەملەرنىڭ جىنسىي تەلىپىنى قاندۇرۇشتىن باشقىنى بىلمەيتتى، ھاياتىدا مىزان، ئېتقاد دېگەن نەرسە يوق ئىدى.  تىرىشش نىشانى دېگەندىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى،  ئادەملەرنىڭ قولىدىكى قورچاقتەك ھايات كەچۈرەتتى.  ئەمما بۈگۈن ئۇ بىر نەرسە ئويلاشقا، ھايۋان ۋە قورچاق دائىرىسىدىن بۆسۈپ چىقىشقا باشلىدى،  ئەمدى ئۇنىڭ كاللىسى بار قىز بولۇپ ئۆزگىرىشىدە ئۈمىد بار ئىدى.

      رەسسام خۇشال بولۇپ،  ئۇنىڭ مۈرىسىگە قولىنى قويدى ۋە كۆزلىرىگە تىكىلىپ، مۇلايىم ئاھاڭدا شۇنداق دېدى:

      -بىزنىڭ تېنىمىز مېڭە ئىدارە قىىلپ تۇرغان بىر ماشىنا،  مېڭە ئىدارە قىىلپ تۇرغان بۇ ماشىنىنىڭ مەقسىتى ئۆزىنىڭ ئېتقادىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.  ئەگەر بۇ ماشىنا مېڭىنىڭ باشقۇرۇشىدىن ئايرىلىپ قالىدىغان ياكى ئۇنىڭدا ئېتقاد بولمايدىغان بولسا، بۇ ماشىنا قۇرۇق پىرقىراپ   ھېچقانداق مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرالمايدۇ.  مەسلەن بىز بىر ئادەم،  سىزنىڭ چىرايلىق كىيىم كىيگىڭىز كېلىپ قالدى،  يەنە بىر ئادەم مېڭىسىنى،  قولىنى ئىشقا سېلىپ سىزگە كىيىم ئۆلچەپ، كېسىپ،  تىكىپ بېرىشى كېرەك.  ئەگەر سىزگە ياردەم بېرىدىغان ئادەم چىقمىسا، ئۇ چاغدا سىز چىرايلىق كىيمىلەرنى كىيەلمەي، ھايۋا ياكى ئىپتىدائىي ئادەمدەك ياشايسىز.  يەنە مەسلەن،  سىز بىر ئادەم،  پىچاق –ۋىلكىلارنى ياساپ بەرمىسە،  مېڭە ۋە ئىككى قولنى ئىشقا سېلىپ مەززىلىك تائاملارنى ئېتىپ بەرمىسە،  سىز خام گۆشلەرنى قوللىرىڭىز بىلەن تۇتۇپ يېيىشىڭىز مۇمكىن،  سىزنى شۇنداق ئەھۋالدا ئادەم گۆشى يېمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ.  ئادەمنىڭ مېڭىسى بۇ دۇنيانىڭ ياراتقۇچىسى ھەم يول كۆرسەتكۈچى ماياك.  ئۇ ئىنسانلارغا راھەت ۋە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ.

     ئادەم تېنى بولسا مېڭىنىڭ قۇلى ياكى مېڭىگە بارىدىغان يول .  سىز نېمە ئۈچۈن بىر نەچچە يىگىتنىڭ ئىچىدىن بىر يىگىتنى تاللىۋالىسىز؟ ئۇلار ھەممىسى سىرتى كېلىشكەن ئەرلەر،  لېكىن سىزنىڭ مېڭىڭىز شۇلارنىڭ ئىچىدىن پەقەت بىرنى تاللىۋالدى.  نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى سىزنىڭ ئىدىيىڭىز ئۇنى سىزگە خوپ كۆردى، ئۇ سىزنى ھېسىيات جەھەتتە قانائەتلەندۈردى.  سىزنىڭ پىكرىڭىز ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئورتاقلىق تاپقان ياكى ئۇنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولىۋاتقىنى دەل سىز ئىزدىنىۋاتقان نىشان.  ئېنقراق ئېيتسام،  بىر ئەرنىڭ ۋۇجۇدىدا سىزگە لايىق ھېسىيات،  سىز ئىزدىنىۋاتقان غايە بولسىلا، سىزنىڭ مېڭىڭىز ئۇنى سىزگە ھەمراھلىققا تاللاپ بېرىدۇ.

      ئاندىن سىز ئۇ ئادەم بىلەن ئۇچراشقاندا،  يالغۇز ئۇنىڭ تېنى بىلەنلا ئۇچىرىشىمەن،  دەپ ئويلىمايسىز.  تەن بىلەن ئۇچىرىشىش سىزگە ئۇزۇن داۋاملاشمايدىغان تولىمۇ قىسقا راھەت ئېلىپ كېلىدۇ.  قايسىلا ئەر بىلەن ئۇچراشماڭ، ئۇلارنىڭ تېنى ئوخشاش، پەرق ئۇنچە چوڭمۇ ئەمەس . سىز ئاساسلىقى ئۇ ئەرنىڭ مېڭىسى ئىدارە قىىلپ تۇرغان ھەرىكىتى ۋە بۇ خىل  ھەرىكەتتىن ھاسىل بولىدىغان خاراكتېرى بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىشىڭىز كېرەك.  سىز يەنە ئۇنىڭ سۆز-ھەرىكىتىدىن ئىدىيۋى قاراشلىرىنى،  كۆز ۋە يۈزىدىكى ئىپادە ئۆزگىرىشلىرىدىن ھېسىياتىنى،  سىزگە ئاشكارلىغان ئىدىيىسىدىن ئۆتمۈشىنى،  ھازىرىنى بىلىشىڭىز، كەلگۈسىگە ھۆكۈم قىلىشىڭىز كېرەك.

      رەسسام سۆزدىن توختاپ،  ئۆزىنىڭ پەلسەپىلىكى كۈچلۈك بۇ سۆزلىرىنى،  ئۇ قىزنىڭ چۈشەنمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدى.  ئۇنىڭ كۆزەينىكىنىڭ كەينىدە تۇرغان چوڭقۇر كۆزلىرى ھېچنىمىنى چۈشىنەلمەي پارقىراپلا تۇراتتى.  ئەمما بۇ كۆزلەر رەسسامنىڭ ئاغزىدىن باشقا يەرگە قارىمايتتى،  ئۇنىڭ گەپلىرىنى بېرىلىپ ئاڭلايتتى.  قىز خۇددى رەسسامنىڭ چۈشىنىش تەس گەپلىرىنى ھەزىم قىلماقچى بولۇۋاتقاندەك بىردەم خىيالغا كەتتى.  بىر ئازدىن كېيىن، خۇددى كۆڭلىدىكى شۈبھە قۇلۇپلىرىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ تېپىۋالغاندەك،  ئۇشتۇمتۇت،  بوش ۋارقىراپ كەتتى:

    -ئۇ ئەر بىلەن ئايالنىڭ بېرىش-كېلىشنىڭ ئاقىۋىتى نېمىگە ئېلىپ بارىدۇ؟

    -مۇھەببەتكە.

    -ئەمسە مۇھەببەتنىڭ ئاقىۋىتىچۇ؟ ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ئۇلارنىڭ كارىۋاتقا چىقىپ يېتىشى بىلەن ئاخىرلىشىدىغاندۇ؟ بۇنى ئىنكار قىلماسسىز؟-ئۇ ئاساسىي تېمىدىن چەتنەپ كەتتى، -مەن ئىتتىك پىقاق بولۇپ،  ھەممە تۈگۈنلەرنى كېسىپ تاشلاپ،  مۇھەببەتنىڭ ئاقىۋىتىگە تېز ئىگە بولۇشنى خالايمەن.

    -مۇھەببەتنىڭ ئاقىۋىتى بولمايدۇ، ئۇ پۈتكۈل ھاياتلىققا سىڭىپ كەتكەن.

    -ھاياتلىق؟ھاياتلىق دېگەن نېمە؟مەن ئەرلەر ببىلەن ئاياللارنىڭلا بارلىقىنى بىلىمەن. ماڭا دەپ بېرىڭا، ئەرلەر ئاياللاردىن زادى نېمە تاپماقچى؟

    -ئەرلەر، ئاياللىرىمىز بىزنىڭ ھەقىقىي ئەركەك بولۇشىمىزغا ھەمدەم بولسىكەن، دەپ ئويلايدۇ.

    قىز ئۆرۈلۈپ ئۇنىڭغا قارىدى، لەۋلىرىدە ئۇنى ئۆزىگە تەكلىپ قىلۋاتقاندەك بىر خىل تەبەسسۇم ئويناپ كەتتى. ئاخىر ئۇ ھايۋانلارغا خاس قوپال ئاھاڭدا:

    -مەن بىلەن بىللە بولسىڭىز، سىزنى مۇرادىڭىزغا يەتكۈزۈپ ھەقىقي ئەركەك قىلىپ چىقاتتىم، -دېدى.

    -بىرخىل مىزاننىڭ يېتەكچىلىكىدە مۇئەييەن بىر نىشانغا يېتىش ئۈچۈن جەڭ قىلدىغان باتۇر ئەركەك ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ خانىمى ئۇنىڭ بىلەن بىللە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىشى، ئۇ بېشىدىن كەچۈرگەن دەھشەتلىك كەچۈرمىشلىرىگە ئورتاق بولۇشى، ئۇنىڭ دۈشمەننى ھالسىرتىشىغا ياردەم بېرىشى، ئۆزىنىڭ مېھرىبانلىقى بىلەن ئېرىنىڭ قەلب گۈلزارىنى سۇغىرىشى، روھىغا تەسەللىي ئىزدىشى كېرەك. . .

    -ئايالنىڭ ئېرىنى سۆيۈشكە ھەققى يوقمۇ؟

    -سۆيۈشۈش ئىككى روھنىڭ بىر-بىرىگە ئۇرۇلۇشى بولىدۇ، يەنە. . .

     قىز قولى بىلەن ئۇنىڭ ئاغزىنى ئېتىۋېلىپ گەپ قىلدۇرمىدى، ئاغزىنى ئۇنىڭغا يېقىن ئەكىلىپ:

    -ئەمسى مەن سىزنىڭ روھىڭىزغا ئۇرۇلۇپ باقاي، -دېدى.

    -بىزنىڭ ھازىر ئاللا بىلەن تەڭرىنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىمىزنى، نۇقەددەس جايدا ئولتۇرغانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

    رەسسام ئۇنىڭ قولىنى ئاغزىدىن نېرى قىلۋەتتى، يۈزىگە ئوتتەك ئۇرۇلۇپ تۇرغان نەپەسلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇردى، لېكىن قىز ئۇنى مەيلىگە قويۇۋەتمەيۋاتاتتى.

    -سىز بۇ ئىشتا خۇدانىڭ ئىرادىسىگە قارشى ئىش قىلماڭ، خۇدا بىزنى مۇشۇ ئىش ئۈچۈن ياراتقان. سىز مېنىڭ سىزنى ئۆزۈمگە لازىم قىلدىغانلىقىمنى چۈشەنمەيۋاتىسىز. خۇدا بىزنى نېمە مەقسەت بىلەن ياراتقان بولسا، سىز ماڭا شۇ مەقسەت ئۈچۈن لازىم.

    -خۇدا بىزنى روھ ئۈچۈن ياراتقان!

    -ياق، ھاۋايى-ھەۋەس ئۈچۈن ياراتقان.

    -بەلكىم ھەر ئىككىلىسى ئۈچۈندۇر.

    -ئەمسە سىزمېنى روھ ۋە ھەۋەس ئۈچۈن قوبۇل قىلىڭ، ئەمدى مېنى ساقلاتقۇزماڭ. ئىككى كۈندىن بېرى گېپىڭىز تۈگىمەي ۋاقىتنى بىكارغا ئۆتكۈزۈۋەتتىڭىز، بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ.

    -ئىككىمىز ھامان بىر كۈنى بىرلىشىشىمىز، لېكىن بۈگۈن ئەمەس.

     قىز ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى ۋە ئۇلۇغ-لىچىل تىنىپ، ۋارقىراپ دېگۈدەك:

    -بۇ يەردىن چىقىپ كېتەيلى!-دېدى.

    ئىككىسى چېركاۋدىن چىقىپ، يەنە كىشلەر ئارىسىغا قايتىپ بارىدى.

    قىز چېركاۋدىن چىقىپ كېتىۋېتىپ، ھېلقى چىرايلىق پوپقا قاراپ قويدى ۋە بېشىنى چايقاپ:"ئىست، ئىسىت"دېدى.

    شۇ كۈدىن باشلاپ ئۇ رەسسام بىلەن بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇنازىرلىشىدىغان بولدى.

     مۇنازىرە ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى، كۆزىنى ئاچتى. بۇرۇن كاللىسى ھېچنەرسىگە ئۆتمەيتتى، چېچىلىپلا تۇراتتى، خاتىرىسىدە تولا سۆزلىنىپ تامتىقى قالمىغان مەنىسىز گەپلەر بىلەنقىزىق ۋەقەلەرلا ساقلىناتتى، ۋۇجۇدىدىكى ھاۋايى-ھەۋەس ئالدىدا، ئەقىل –پاراسىتى يەر بىلەن يەكسان بولۇپ كېتەتتى.

    مۇنازىرە ئۇ ئەر كىشىنى چاڭگىلىغا ئېلىش ھوقۇقىنى ھىمايە قىلاتتى، ئەر كىشىنىڭ ئۇنىڭ روھىغا تەسىر كۆرسىتىشكە ھەقلىقلىقىنى ئاقلايتتى. مۇنازىرە ئۇنى ھاياتىنىڭ سىرىنى ئېچىشقا مەجبۇرلىدى. ئەمدى ئۇ تارىخ، شېئىز، پەلسەپە كىتابلىرىنى ئوقۇيدىغان بولدى، ئەدەبىي كىتابلارنىمۇ ئوقۇپ قوياتتى، ئەمما ئۇ ھاۋايى-ھەۋەس ھەممىدىن ئۈستۈن دەيدىغان قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا دائىم رەددىيە بېرىپ تۇراتتتى.

     ئۇلارنىڭ تالاش –تارتىشى بىر نەچچە ئاي داۋام قىلدى. ئۇلار ھەر كۈنى كۆرۈشۈپ تۇراتتى، دائىم دېگۈدەك رەسسامنىڭ ئۆيىدە تۈنەپ چىقاتتى. قىز ئەمدى قەھۋەخانىلاردىن، تانسىلاردىن، ئىلگىرىكى چۇقان-سۈرەنلىك تۇرمۇشتىن بىزار بولۇشقا باشلىدى. رەسسام بىلەن ببىللە ئولتۇرۇپ مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىشىنى راھەت ھېس قىلدىغان بولدى. سۆھبەتنىڭ بىر ىىل سەنئەت ئىكەنلىكىنى، چاھچاقنىڭ ئادەمگە بىر خىل ئىلھام بېغىشلايدىغانلىقىنى، بۇلارنى ئىلگىرى چاكىنا سۆھبەت ۋە گەپ سۆزلەرگە سېلىشتۇرۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى چۈشەندى.

    ئۇ رەسسامنىڭ ياتقىدا يالغۇز كارىۋاتلا بار ئەمەسلىكىنى تۇنجى قېتىم بىلدى. گەرچە ئۇلار ئايرىم يېتىشسىمۇ، رەسسام ئۇنى كارۋىتىغا  زادى يېقىن كەلتۈرمەيتتى، ھاراق ئىچىشكە مۇتلەق يول قويمايتتى. ئۇنىڭ پۇلى قىزنىڭ يەپ-ئىچىشىگە يېتىپ ئاشسىمۇ، چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىشىگە زادى رۇخدەت قىلمايتتتى.

    ئۇلار كېچىلەردە تاڭ ئاتقۇچە بىللە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشاتتى. رەسسام پەلسەپە ۋە ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەش ئارقىلىق ئۇنىڭ دىققىتىنى قوزغايتتى، پىكىر قىلىشقا، ئۆزى بىلەن مۇنازىرە قىلىشقا يېتەكلەيتتى. بەزىدە قىز قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ھايۋانىي ھەۋەسنىڭ ۋەسۋەسى بىلەن ئۇنداق سۆھبەتلەردىن بىزار بولۇپ قالاتتى. بۇنداق چاغلاردا ئۇ رەسسامغا ئۆزىنى ئېتىپ، ئۇنىڭدىن بەدىنى تەلەپ قىلۋاتقان ھېلقى تەلەپنى سورايتتى، كۆزەينىكىنى ئېلۋىتىپ ئۇنى مەھكەم قۇچاقلىۋالاتتى، بوينىدىكى ئالتۇن كرېست شىددەت بىلەن چايقىلىشقا باشلايتتى. . . رەسسام قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئۇنى قوپاللىق بىلەن ئىتتىرىۋەتتى، ئاندىن بىر ئامال قىلىپ ئۇنىڭ دىققىتىنى باشقا ياققا بۇراپ، ئاستا-ئاستا تىنىچلاندۇراتتى. قىزمۇ ئامال قىلالماي، كۆزلىرى ياشلانغان ھالدا جىمجت كېلىپ ئورنىدا ئولتۇراتتى. ، ئەلۋەتتە، رەسسام  ئۇ قىزنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرماقمۇ ئاسان ئەمەسئىدى. چۈنكى ئۇمۇ بەزىدە ىۇ قىزغا ئوخشاش ئۇنىڭ تېنىگە ئىگە بولۇش ئارزۇسىدا بولاتتى، ئەمما يەنە بۇندا قىلسا بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش بىلەن بىللە يەنە ئۆزىگىمۇ تاقابىل تۇراتتى.

    رەسسام ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى غەلىتى مەخلۇقتىن، تۇنجى كۆرۈشكەن كۈنى بەدىنىگە پاتقان ئۇنىڭ ئۆتكۈر تىرناقلىرىدىن، لەلىرىنى چىشلىۋالغان قاتتىق چىشلىرىدىن بەكمۇ قورقاتتى. ئۇ ئۇنىڭ بەدىنىدىكى ئۇ غەلىتە مەخلۇقنى چوقۇم ئۆلتۈرۈپ، ئۇنى ئۆزىەە سادىق، ئاق كۆڭۈل، ئالىيجاناب ئايال قىلىپ چىقىشى، ئۇنىڭغا پاك بىر بەدەن ئاتا قىلىشى كېرەك ئىدى.

    يەنە بىر نەچچە ئاي ئۆتتى. قىز ئەمدى ئۆزىگە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگەندى. ھەر قېتىم تومۇرلىرىدىكى ئۇ غەلىتى مەخلۇق ئۇنىڭ قېنىنى قىزىتقاندا، ئۇ نومۇسلىنىپ شەلپەردەك قىزىرىپ كېتىدىغان، ۋۇجۇدىدىكى ھاۋايى-ھەۋەس ئوتىنى چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ باسىدىغان بولدى. بۇنداق چاغلاردا ئۇ ئوتتەك كۆيۈپ تۇرغان قوللىرى بىلەن ئىككى مۈرىسىنى چىڭ تۇتۇۋالاتتى.

    دەسلەپتە ئۇ، رەسسام يىگىت مېنى لازىم قىلمىدى، دەپ ئويلاپ، ئۆزىنى قويىدىغان جاي تاپالماي قالغانىدى. كېيىن ئۆزىنىڭ شۇ ئىشلىرى ئۈچۈن ئىزا تارتىدىغان بولدى. چۈنكى ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ ھايۋان ئەمەس، ئادەم ئىكەنلىكىگە ئىشنىشكە، ئۆزىنىڭ ئايال ئىكەنلىكىنى، نومۇسچانلىق ئايال كىشىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلىشكە باشلىغانىدى.

    ئەمدى ئۇنىدا مۇئەييەن بىر نىشان پەيدا بولۇشقا باشلىدى.

    ئۇنىڭ نىشانى يىگىتنى ئۆزىگە ئېگىلدۈرۈش، ئۇنىڭغا ئېرىشىش، ئۇنى ئۆزىسىز، ئۆزى . ۇنىڭسىز ياشىيالمايدىغان ھالەت شەكىللەندۈرۈش ئىدى.

    ئۇ ئەمدى رەسسامغا :"مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن"دەيدىغان بولدى. بۇ گەپنى تۇنجى قېتىن دېگەندە، نەپسى بوغۇلۇپ ناھايىتى تەستە دېگەنىدى. كېيىن ئاستا-ئاستا بۇ گەپنى ناھايىتى مۇلايىم تەلەپپۇزدا تەسىرلىك دەيدىغان بولدى.

    بەزىدە ئۇ"سەن ۋە مەن"دېگەن كىتابتىكى بىر شېئىرنى ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرەتتى:

                             سۆيىمەن سېنى ئامرىقىم

                            ۋۇجۇدۇم ۋە روھىم سېنىڭ

                           سېنى دەپ بولدۇم مەجنۇن

                          تۈگىمەس پەريادىم مېنىڭ

                  سۆيىمەن سېنى ئامرىقىم، سۆيىمەن سېنى

                چۈشىنەمسەن سەن ئۈچۈن كۆيگەن يۈرەكنى؟

    ئۇ "سۆيىمەن سېنى"دېگەن سۆزلەرنى ئوقۇغاندا، رەسسام ئۇنى شۇ ھامان شېئىر ئوقۇشتىن توختىتىپ قويغۇسى كىكىتەتتى، چۈنكى ئۇ ئادەم تېنىنى جۇغۇلتىدىغان بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاشقا ئۆچ ئىدى.

    مۇھەببەت ئېغىزدىكى گەپلەرگە قارىغاندا مىڭ ھەسسە كۈچلۈك ۋە مۇقەددەس، يۈرەكنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىگە يوشۇرۇنغان ئۇلۇغۋار ھېسىيات. ئۇ پۈتۈن قەلبنى ئىگىلەيدۇ، تىل بىلەن ئۇنىڭ تەرىپىنى سۆزلەپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق يۈكسەك ھېسىياتقا ئىگە ئادەم "مەن سىزنى سۆيىمەن"دېگەن ئۈچ سۆزنى ئېيتمىسىمۇ، ئۇنى باشقا جەھەتلەردىن ھېس قىلالايدۇ، ھەر بىر ئەندىشە، كىرپىكلەرنىڭ ھەر بىر تىترەشلىرى، ھەر بىر تامچە ياش ۋە ھەر بىر تاتلىق كۈلكىلەر ئىچىدىن ئۇنى بايقىيالايدۇ. ئۇ ئادەملەرنى پەرۋاز قىلدۇرالايدىغان، يەرگە قاراپ ۋارقىرىسىمۇ تۈمەنمىڭ ئادەمنى ئاسمانغا تەلمۈرتەلەيدىغان بۈيۈك ھېسىيات.

    قىز مۇھەببەتنىڭ ئەنە شۇنداق نەرسە ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەندىن كېيى، رەسسامغا:"مەن سىزنى سۆيىمەن" دېمەيدىغان بولدى.

    شۇنداق بولسىمۇ رەسسام ئۇنىڭغا يەنىلا ئىشەنمەيتتى، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇنىڭ تېنىگە ئىشەنمەيتتى، ئۇنى سەللا بوش قويۇۋەتسەم، ئۇنىڭ پۈتۈن گۋدىسى مەندىن يۈز ئۆرۈيدۇ، دەپ ببىلەتتى. شۇ سەۋەبتىن ئۇ ئۇنىڭ پۈتۈن ۋاقتىنى كېچى-كۈندۈز دېگۈدەك ئۆز قولىدا تۇتاتتى، ئۇنى بىردەممۇ كۆزدىن نېرى قىلمايتتتى. شۇنچىلىك قىلسىمۇ قورققان ئىش يەنە يۈز بەردى.

    بىر كۈنى رەسسام ئىش ببىلەن قاھىرەگە بېرىپ، ئىشى پۈتمەي ئۇ يەردە بىر كېچە تۇرۇپ قالدى. ئەتىسى ئىسكەندىرىيىگە قايتىپ كېلىپلا قىزنى تېپىپ، ئۇنىڭدىن:

    -تۈنۈگۈن كېچە نەدە بولدىڭىز؟-دەپ سورىدى.

    -تۈن كۇلۇبىغا بېرىپ كونا دوستلىرىم بىلەن كۆرۈشتۈم، كېيىن. . . -ئۇ لەۋلىرى تىترەپ كىكەچلەپ قالدى. قارىغاندا، كېيىن بولغان ئىشنى ئېغىزدىن چىقارغۇسى كەلمەيۋاتاتتى. رەسسام ئۇنىڭغا قاراپ ۋارقىرىدى:

    -كېيىن نېمە بولدى؟

    قىز بېشىنى كۆتۈرۈپ قارا كۆزەينىكىنىڭ كەينىدىن ئۇنىڭغا قارىدى ۋە:

    -بىرسىنىڭ ئۆيىگە باردىم.

    -ئۇ يەرگە بېرىپ نېمە ئىش قىلدىڭىز؟

    -سىز قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان ئىشنى قىلدىم.

    رەسسام غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ ئۇنى قاتتىق تىللاپ كەتتى ۋە غۇلچىنى كېرىپ تۇرۇپ كاچتىغا بىرنى سالدى، ئاندىن چېچىدىن تارتىپ يەرگە يىقىتىپ دەسسەپ چەيلىۋەتتى.

    رەسسام چوڭ بىر خاتالىققا يول قويغانىدى.

    ئۇ شۇ تۇرقىدىن خۇدىنى يوقىتىپ قويۇۋاتقاندا، ئۆزىنىڭ خاتا قىلۋاتقانلىقىنى سەزمەيتتى:قاتتىق تاياق ۋە تېپكلەر قىزنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئۆلەي دەپ قالغان ھېلقى غەلىتە مەخلۇقنى تىرىلدۈرىۋەتتى. بۇرۇنمۇ ھېلقى ئىتالىيلىك يىگىت ئۇنى ئۇرۇپ پۈتۈن بەدىنىنى كۆز بىلەن كۆرگۈسىز قىلۋەتكەندە، ئۇ غەلىتە مەخلۇققا جان كىرىپ قىزنى ئۆزىنى تۇتالماس قىلۋېتەتتى.

    ئۇ مەخلۇق ھازىر يەنە تىرىلىپ، قىز يىلانغا ئوخشاش تۈگۈلۈپلا قالدى، كۆزلىرىنى ئاچالماي ئۈزۈپ-ئۈزۈپ ئىڭراشقا باشلىدى. . .

    تۇيۇقسىز، قىز خۇددى خۇدادىن ئۆزىگە مەڭگۈلۈك ئازاب تىلەۋاتقاندەك، غۇلچىنى كېرىپ ئىككى قولىنى ئاسمانغا سوزدى. ئارقىدىن بەدىننىڭ ھەر بىر يېرىنى ئۇنىڭ مۇشتلىشى، تېپىشىگە تۇتۇپ بەردى، كۆزلىرى نەپسى تاقىلداپ تۇرغان ئادەمنىڭ كۆزلىرىدەك تەقەززا ئوتىدا ياناتتى، قوللىرى رەسسامنى ئىزدەپ بوشلۇقتا پۇلاڭلايتتى، چىشلىرى ئۇنىڭ لەۋلىرىنى ئىزدەپ كاراسلايتتى. . .

    ھېلىمۇ ياخشى، رەسسام ئۇنىڭ قوللىرى ئىزدەپ تېپىۋالغۇچە ھوشىنى يىغىۋېلىپ، دەررۇ ئۇنى قويۇۋەتتى ۋە تامغا يۆلىنىپ چوڭ-چوڭ تىنىشقا باشلىدى.

    قىز خۇددى ئېچىرقاپ كەتكەن بۆرىدەك ھۇۋلاپ:

    -مېنى قويۇۋەتمە! يەنە ئۇر !قاتتىق ئۇر!-دەپ ۋارقىرىدى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزىنى ئۇنىڭغا ئاتتى. رەسسام چاققانلىق بىلەن ئۇنىڭ ئىككى قولىنى تۇتۇۋېلىپ كۈچەپ سىلكىشكە باشلىدى. قىز ئاخىر قاباھەت ئىچىدىن ئويغىنىپ، ئۆزىنى باسالماي ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى.

    شۇ تۇرقىدا قىز ئۇلار تۇنجى قېتىن ئۇچراشقان چاغدىكىدەك ئەھۋالدا ئىدى. ئەممە بۇ قېتىم ئۇ ئۇزۇنغىچە يىغلىدى. ئۇ بۇ يىغىسى بىلەن ئۆزىنى ئەيىبلەۋاتاتتى. كۆزلىرىدىن ئاققان ياشقا نومۇسلىنىش ۋە قاتتىق ئۆكۈنۈش ئارلاشقانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىنى، ئۇزۇن ۋاقىت داۋالانمىسا بولمايدىغانلىقىنى ئەمدى چۈشىنىشكە باشلىدى.

    ئۇنىڭ ئۆزىگە بېرىدىغان قاتتىق جازاسى سۈكۈت قىلىش ئىكەنلىكىنى بۈگۈن بىلدى. بىز نەچچە كۈنگىچە رەسسام ئۇنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جفۋاب بەرمىدى؛ئۇ كىتاب ئوقۇپ بەرسە ئاڭلىمىدى؛يېنىدا ئولتۇرۇپ دېمەكچى بولغىنىنى قەغەزگە يېزىپ كۆرسەتسە، خەتكە قارىمىدى'كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر نەرسىلەرنى سوۋغا قىلسا، "رەھمەت"دەپ قويۇپ بىر چەتكە تاشلاپ قويدى.

    رەسسام ئۇنىڭغا بەرگەن جازاسىنىڭ ئۈنۈم بەرگەنلىكىگە ئىشەنگەندىن كېيىن، ئاندىن ئۇنىڭغا ئاستا-ئاستا بۇرۇنقىدەك ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشقا باشلىدى.

    ئەمدى ئۇ ئۇنى ئۇرمايدىغان بولدى، بىللە ئۆتكەن بەش ئاي داۋامىدا ئۇنى بىر قېتىممۇ ئۇرمىدى. قىز ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان مەنىۋى ۋە جىسمانىي تەرەپتىكى ھۈرمىتىگە ئاستا-ئاستا كۆندى، باشقىلاردىن ھۈرمەت تەلەپ قىلىشنىمۇ ئۆگەندى. كزنىنىڭ ھۈرمىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئىلگىرى قالايمىقان ئارلاشقان بارلىق ئەرلەر بىلەن مۇناسىۋېتىنى ئۈزسى، ھەتتا باللىق چاغلىرىدىكى دوستلىرى ۋە ئائىلىسىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەنمۇ بېرىش-كېلىش قىلمىدى.

    رەسسام ئەمدى سىرتلارغا چىقىپ كەتسە ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ كەتمەيتتى، چۈنكى ھازىر ئۇ قىز ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقۇدىغان بولۇپ قالغانىدى، ئۇ يېنىدا بولسا ئىشەنچىسى كۈچىيەتتى، ئۆزىنىڭ قەلبە ۋە مېڭىسىگە ئىشىنىدىغان پاك بىر قىزنىڭ بۇ دۇنيادا مەۋجۇت تۇرۇۋاتقانلىقىغا ئىشىنەتتى. رەسسام ئەتىگەندە كۆزىنى ئېچىپ، قىزنىڭ يېنىدا ئويغاق ئولتۇرغانلىقىنى كۆرەتتى. يېرىم كېچىلەردە ئۇ ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ ئاندىن ئۇخلايتتى.

    قىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ ئۇ يىگىتنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى بىلىپ، ئاجايىپ سۆيۈنۈپ كەتتى. ئۇلار يىگىتنى بىرەر قېتىممۇ ئۆز ئۆيىگە چاقىرىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئەمما قىزىدا ئاجايىپ چوڭ ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھەممە ئادەم پەخىرلەنگۈدەك، شۇنداق لاتاپەتلىك، كاللىسى بار قىزغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى سەزمەكتە ئىدى.

    لېكىن رەسسامنىڭ دوستلىرى بۇ خىل مۇھەببەتتىن خاتىرجەم ئەمەس ئىدى. ئۇلار ئۇ قىزنىڭ ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىشتىن، ئۇنىڭ ئىستىقبالىغا ئولتۇرۇپ قويۇشىدىن، تۇرمۇش مىزانلىرىنىڭ رەسسامنىڭ سىياسىي ئېتقادىنى تەۋرىۋېتىشتىن، قىزنىڭ ناز خۇلىقلىرىنىڭ ئۇنىڭ كۈرەش ئىرادىسىنى سۇسلاشتۇرۇۋېتشتىن ئەنسىرەيتتى ۋە دوستىنىڭ ئۇ قىزنى تاشلىۋېتىشىنى تىلەتتى. لېكىن ئۇلار ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۇ ئىككىسىنى بىر-بىرىدىن ۋاز كەچتۈرەلمىدى، ئايرىۋېتەلمىدى. قىز ئاخىر يىگىتنى، يىگىتمۇ ئاخىر قىزنى چۈشەندى.

    يىگىتنىڭ دوستلىرى ئۇنىڭ ئۇ قىز بىلەن ئارىلىشىپ يۈرۈشنىڭ ئۆزىمۇ كۈرەش ئىكەنلىكنى بىلمەيتتى، ئۇنىڭ ئۇ قىز بىلەن بولغان كۈرىشى ئۇ قىزنى ياخشى قىزغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن بولۇپ، بۇمۇ ئۇنىڭ جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قىلۋاتقان كۈرىشى بىلەن تومۇرداش ئىدى. دوستلىرى يەنە ئۇنىڭ ئۇ قىزنىڭ كېسىلىنى يەڭگەنلىكىنى، بۇنىڭدا سايلاندا مۇۋەپىقىيەت قازىنىپ پارلامېنت ئەزاسى بولغانغا ئوخشاشلا غەلبە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيتتى.

    ئۇ ئىككىسى ئوتتۇرسىدىكى كۈرەش غايە بىلەن پراگماتىزىم ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ئىدى.

    بۇ كۈرەش داۋامىدا، رەسسام كىشلەرنىڭ ئاڭسىزلىقى ۋە ئىتائەتمەنلىكى، مىللەتنىڭ گوللىقى ۋە نادانلىقى، مىسىر مىللەتلىرىنىڭ ھېسىياتىدىكى ئاجىزلىقلىرى بىلەن ئېلىشتى.

    قىز گەرچە، مىسىرلىق بولمىسىمۇ، ئەمما مىسىردا تۇغۇلغان، دادىسى بىلەن بوۋىسىمۇ مىسىردا ياشىغانىدى. ئۇلار ئالاھىدە ئىمتىيازدىن مەھرۇم قىلىنغاندىن كېيىن، ئامالسىز فرانسىيىنىڭ "ھىمايىسى "گە ئۆتۈۋېلىشقانىدى.

    قىز فرانسىيە گراژدانى ھېسابلانسىمۇ، ئىككى ئاكىسى فرانسىيەنىڭ ھۈرىيەتچىلەر ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ جەڭدە ئۆلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭدا فرانسىيىگە قارىتا فرانسۇزچە سۆزلەشتىن باشقا ھېچقانداق ھېسىيات يوق ئىدى. ئىككى ئاكىسىمۇ مەلۇم بىر ئالىيجاناب ھېسىياتنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئەمەس، بەلكى بىر نەچچە فرانسىيە پاسپورتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن جېنىنى سېلىپ بەرگەنىدى.

    قىزنىڭ مىسىرغىمۇ مۇھەببىتى يوق ئىدى، مەشەدە ياشاۋاتقان، بۇ يەردىن باشقا بارىدىغان، تۇرىدىغان يېرى بولمىسىمۇ شۇنداق ئىدى.

    رەسسام ئۇنى قايىل قىلىپ، ۋەتىنى بارلىقىغا، ۋەتىننىڭ مىسىر ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈردى. ۋەتان بىزنىڭ بىزنىڭ قوينىدا خاتىرجەم ئۇخلايدىغان ئانىمىز، كۈرەش نىشانىمىزۋە كەلگۈسى ئۈمىدىمىز، بىز تۇغۇلغان، ئۆسكەن ۋە كۆزىمىزنى يۇمىدىغان ماكان، ئۇزۇن يىل ياقا يۇرتلاردا يۈرۈپ قايتىپ كېلىدىغان يۇرتىمىز.

    رەسسام ئۇنىڭغا فرانسىيىنىڭ ئايال جەڭچىسى جولت ئادام توغرۇلۇق سۆزلەپ بەردى، بەزىدە ھەتتا  ئۇنى"جولت"دەپمۇ قوياتتى. فرانسىيىلىك بۇ ئايال مىسىرغا سادىق ئىدى، ۋەتەنپەرۋەر زات مۇستافا كامىل بىلەن بىللە مىسىزنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلغان، ئۇنىڭ تەشەببۇسلىرىغا ئېتقاد قىلغانھەم ئۇنىڭ تەشەببۇسلىرىنى تەرغىب قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن بىللە دۇنيانىڭ كۆپ جايلىرىغا بارغانىدى.

    ئۇ يەنە ئۇنىڭغا"ئابدۇللانىڭ ئانىسى"دېگەن ھېكايىنىمۇ سۆزلەپ بەردى.

    -1919-يىلدىكى ئىنقىلابتا، مىسىر خەلقى ۋەتەن سۆيەر مۇھاپىزەتچى قوشۇن تەشكىللىدى، -دېدى ئۇ، -بۇ قوشۇن نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىش باستۇرۇلغاندىن كېيىن، قوقوشۇن ئەزالىرى باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، يارىدارلارنى قۇتۇلدۇرۇپ ئاممىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئەنگىلىيە باش ۋالىيسى بۇ قوشۇنغا قاتناشقان ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن ئادەملەرنى يوقىتىش توغرۇلۇق بۇيرۇق چۈشۈردى. نەتىجىدە بۇ قوشۇن يەر ئاستى خىزمىتىگە كۆچۈپ، مەخپىي ھەرىكەت قىلدىغان قوشۇنغا ئايساندى.

    ئابدۇللا ئون تۆت ياشلىق بالا ئىدى. نامايىش بولغام كۈنى ئۇ يوغان بىر چېلەك سۇنى ئىشكنىڭ ئالدىغا قويۇپ، تولا ۋارقىراپ گاللىرى قۇرۇپ كەتكەن نامايىشچىلارغا ئۇسسۇزلۇق يەتكۈزۈپ بەردى.

    ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرى ئۇنى كۆرۈپ قېلىپ، مىلتىقلىرىنى ئۇنىڭ پاك ۋە بىگۇناھ يۈرىكىگە توغىرىلاپ ئېتىۋەتتى.

    ئابدۇللانىڭ ئانىسى بۇ ئەھۋالنى دېرىزىدىن كۆرۈپ، دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ، كۆزىدىن بىر تامچە ياش ئاققۇزماي، ئۆيىدىكى يەنە بىر چېلەككە سۇ ئېلىپ نامايىشچىلارنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئۇسساپ كەتكەن نامايىشچىلارنى داۋاملىق سۇ بىلەن تەمىنلىدى. ئۇنىڭ قوشنىلىرى ئوغلىنىڭ جەسىتىنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە ئەكىرىپ قويدى. نامايىش ئاخىرلاشماي تۇرۇپ، يەنە بىر ئوق ئابدۇللانىڭ ئانىسىنىڭمۇ جېنىنى ئالدى.

    رەسسام ئۇنىڭغا يەنە مىسىرنىڭ بىر نەچچە ئون ئايال قەھرىمانلىرى توغرۇلۇق سۆزلەپ بەردى. مىسىرنىڭ تارىخى، بولۇپمۇ يات مىللەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئۆتكەن تارىخى توغرۇلۇقمۇ سۆزلىدى.

    ئۇ ئۇنى مىسىر خەلقىنىڭ ھەرگەىزمۇ چاكىنا خەلق ئەمەسلىكىگە، ئەكىسچە، ئەڭ مۇنەۋۋەر، غايىلىك، ئەۋلادىدىن تارتىپ ئەركىنلىك ۋە ياشاش ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان  مىللەت ئىكەنلىكىگە، شۇنچە كۆپ جەبىر-جاپالارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ ئەزەلدىن تىز چۆكۈپ باقمىغانلىقىغا، قولدىن كەتكەن ئەركىنلىك بىلەن ياشاش ھوقۇقىنى قولغا ئېلىشىنى بىر مىنۇتمۇ ئۇنتۇمىغانلىقغا ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بىر نەچچە كېچى-كۈدۈز توختىماي سۆزلىدى.

    شۇنىڭدىن كېيىن، قىز مىسىرگە ئىشنىشكە، ئۆزىدە بار فرانسىيە پاسپورتىغغا ئېتبارسىز قاراشقا باشلىدى.

    ئۇنىڭ بۇنداق چوڭ ئۆزگىرىشى يالغۇز رەسسامغىلا مەنسۇپ ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭغا تۈرتكە بولغان يەنە بىر مۇھىم سەۋەبمۇ بار ئىدى:ئۇنىڭ دادىسى سودىدا سۇنۇپ دەسمايىسىدىن ئايرىلىپ، قايتا باش كۆتۈرەلمەس ئەھۋالدا قالغان، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئائىلە ئىلگىرىكى يېتەرلىك بايلىقىدىن، ھەشىمەتلىك سۆلىتىدىن ئايرىلىپ، ئىلگىركىگە ئوخشاش پۇلنى بۇزۇپ-چاچالمايدىغان، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم –كېچەكتە ئاددىي تۇرمۇش كەچۈرقدىغان بوقالغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇ قىز دۇنيادا ئۆزى بىلەن ئائىلىسىنى قوغدايدىغان بىردىنبىر قورالدىن ئايرىلىپ قالغاندەك ھېسىياتقا كېلىپ قالغانىدى ئۇ ئەمدى چوقۇم باشقا بىر يېڭى قورال تېپىشى كېرەك ئىدى. ئۇ تاپىدىغان يېڭى قورال يۈكسەك پرىنسىپلارغا، مىسىرنىڭ ئۇنى ۋە ئائىلىسىنىڭ قېپقالغان مۈلكىنى قوغداپ قالالايدىغانلىقىغا، ئاساسىي قانۇنغا، قانۇنغا ۋە جەمئىيەتتىكى ئادلەتكە ئىشىنەتتى. بۇ، ئۇ كاتتا ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولالمايدىغان بوپقالغاندىن كېيىن، ھايات ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىمەن دەيدىكەنسەن، بۇرۇن ئىشەنمەي كەلگەن پرىنسىپ ۋە مىزانلارغا تاينىشىڭ كېرەك، دېگەن گەپ ئىدى. ئۇ بۇرۇن ئۆززززى ئارىلىشىپ ياشىغان تەبىقىدىن يىراقلىىشقا باشلىدى ۋە شۇندىلا ئۇ تەبىقىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى تونۇپ يەتتى، ساختىلىق، ئالدامچىلىق، تۆھمەتخورلۇق، نومۇسىسزلىق، پۇلپەزلىك ۋە ئادەملەرنىڭ بارلىق قىممەتلىك نەرسىلىرىگە بولغان ئىنكارچىلىقنى كۆردى. بۇ نەرسىلەرنى كۆرۈپ يەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ رەسسامغا مېھرى چۈشۈپ كەتتى. چۈنكى ئۇ كەمبەغەل، ئۆزىنىڭ مىزانى ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان باتۇر ئىدى.

    رەسسامنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمۇ ئۇنىڭ ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر نەرسىگە ئايلاندى.

    ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتتى، قىز ئۆز تېنىدىكى غەلىتە مەخلۇقنى پۈتۈنلەي يوقاتتى. پەۋقۇلئاددە ئۈنۈملۈك دورا ئۇنىڭ قان تومۇرلىرىغا كىرىۋالغان ئۇ ياۋايى ھايۋاننى كۈنلەپ، سائەتلەپ ئاستا-ئاستا ئۆلتۈرۈپ تۈگەتتى. ئۇلار ئۇزۇنغىچە قاتتىق پەرھىز ئىچىدە ھايات كەچۈردى. قىز ئاخىر رەسسامغا ئوخشاش يۈكسەك پەزىلەتكە، گۈزەل قەلبكە ۋە ئاجايىپ ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە بىر ئادەم بولۇپ چىقتى.

    بىراق، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ساپ دوستلۇق مۇناسىۋىتى قىز ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشنى ئويلىغان مەزگىلدە بەربات بولدى.

    قىزنىڭ ئەتراپتىكى ھەممە ئىش ئۇنى رەسسامغا خوتۇن بولۇشقا چاقىراتتى. رەسسامنىڭ ئۇنىڭغا چۈشۈۋاتقان ئېھتىياجى، ئۇنىڭ كۆپ ۋاقتىنى ئېلىۋاتقان ئۆي ئىشلىرى،  ئۇنىڭ پۇلىنى باشقۇرۇش،  كىيىم –كېچەكلىرىنى يۇيۇپ دەزمال سېلىش،  تاماق ئېتىشلارغا ئوخشاش ئۇنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ ئۇنىڭ ھەمراھى بولۇشقا ئۈندەيتتى.

    ئۇنىڭ رەسسامغا خوتۇن،  باللىرىغا ئانا بولۇشتىن باشقا ئىستىكى يوق ئىدى.

    بىراق،   رەسسام ئۇنىڭ بىلەن توي قىلمىدى.

    5

    رەسسام ئۇ قىزنىڭ گۇناھسىز ئۆتمۈشىنى تۇنجى قېتىم كەچۈرگەن،  تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ ئالىيجاناب ۋە گۈزەل قەلبكە ئىگە ئىكەنلىكىگە ھۆكۈۈم قىلغان،  ئۇنىڭدا ئۆزىدە يوق ئارتۇقچىلىقلارنىڭ بارلىقىنى تۇنجى قېتىم ئېتراپ قىلغان ئادەم ئىدى.  مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا،  ئۇ ئۇنى باشقىدىن ياراتقان،  غايىلىك قىز،  غايىلىك قېرىنداش،  غايىلىك خوتۇن ۋە ئانا قىلىپ يېتىشتۈرگەنىدى.

    بىراق،  ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالمىدى.

     نېمە ئۈچۈن؟

    نېمە ئۈچۈن ئۇنى ئالمايدۇ؟

    ئۇ بۇنىڭغا جاۋاب بېرەلمەيتتى، ياكى رېئاللىققا يۈزلىنىپ توغرا جاۋاب بېرىشكە يېتەرلىك جۈرئىتى يوق ئىدى.  يا ئۇنى ھازىر ئالمايدىغانلىقىنى ئېتراپ قىلمايتتى،  ياكى ئۇنى كەلگۈسىدە ئالىمەن دەپ كېسىپ ئېيتالمايتتى،  پەقەتلا ئاخىرقى قارارغا كەلگۈچە بۇ ئىشنىڭ ئۆزى ۋە باشقا خەقلەرنىڭ كۆڭلىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلاتتى.

    ئۇ ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئىشلىرىغا ئېسلۋالمايتتى،  كۆپچىلىككە ئۇ ئىشلارنى ئۇنى ئالماسلىقنىڭ سەۋەبى قىۋالمايدىغانلىقىنى جاكالىيالايتتى.  چۈنكى ئۇ تا ھازىرغىچە مۇنداق بىر پرىنسىپقا ئېتقاد قىلىپ ۋە ئۇنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتاتتى يەنى ھەر قانداق ئىشتا بۇرۇنقىغا ئېسلۋالماسلىق،  كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاش،  ئاياللارنىڭ يامان يولغا كىرىپ قالغانلىقىنى ئەزۋەيلىمەسلىك،  ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ ئاق كۆڭۈل،  روھىنىڭ پاك ياكى ئەمەسلىكىگە قاراش كېرەك،  دەپ قارايتتى.

    بىر قېتىم ئۇ قىزنىڭ ئۇنىڭدىن بىر سوئال سورىغانلىقى ھازىرمۇ ئۇنىڭ ئېسىدە.  قىز ئۇنىڭدىن: نېمە ئۈچۈن ئەرەبلەرنىڭ ئەرلىرى – ئۇ ئۇارنى شۇنداق دەپ ئاتايتتى- خوتۇن ئالغاندا قىز تەرەپنىڭ قىز ياكى ئەمەسلىكىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ كېتىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن خوتۇنلىرى قىز چىقماي قالسا ۋارقىراپ- قارقىراپ ئۇ ئىشنى ھەممە يەرگە يېيىۋېتىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن مىسىرنىڭ بەزى يېزىلىرى بىلەن نۇرغۇن ئەرەب دۆلەتلىرىدە ھازىرغىچە توي كېچىسى قىزنىڭ قىز چىققانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان نەرسىنى ھەممە خەققە كۆرسىتىدۇ؟ دەپ سورىغانىدى.

    -چۈنكى ئۇ نرسە قىزنىڭ توي قىلىشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئىپپىتى بىلەن ئائىلىسىنىڭ ئىناۋىتىنى ساقلىغانلىقىنىڭ بىردىنبىر ئىسپاتى، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.

    -ئۇ قىلچە قىممىتى يوق ئىسپات، - دېدى قىز مەسخىرە قىلىپ، - قىزلار ئوتتۇز سوم خەجلىسىلا دوختۇر ئوپراتسىيە قىلىپ،  ئۇنىڭغا يالغان پەردە سېلىپ بېرىدۇ.

    -ھەر قانداق ساپ نەرسىنىڭمۇ ساختا تەرىپىمۇ بولىدۇ-دە.

    -ئۇنداق بولسا ئەرلەر توي قىلىشتىن ئىلگىرى پاكلىقىنى قانداق ساقلىغانلىقىنى قىزلارغا نېمە بىلەن ئىسپاتلاپ بېرىدۇ؟

    -ئەرلەرنىڭ تېنى ئاياللارنىڭ تېنىدەك ئۇنچىلىك قىممەتلىكمۇ ئەمەس.  ئاياللار بىر جەمەتنىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتىنى بەلگىلەيدۇ،  شۇ جەمەتنىڭ ئەۋلادىنى ئۈزۈپ قويماي بىر-بىرىگە ئۇلايدۇ.  شۇڭا ئۇلار پۈتكۈل ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئوقى.  شۇ سەۋەبتىن تەبىئەت ئايال بىبلەن قىزنى پەرقلەندۈرۈش،  ئەرلەرنى پەرزەنتلىرىنىڭ قېنىنى ئۆزىنىڭ قېنى ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈپ خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن،  شۇ نېپىز پەردىنى ئاتا قىلغان.

    -لېكىن ھازىرقى تىببىي ئىلىم تەبىئەت بىلەن ئەرلەرنى ئۆزىدىن مۇستەسنا قىلىدۇ.  ھەر بىر ئايال ئۆزىنىڭ تېنىگە ئۆزى ئىگدارچىلىق قىلىپ،  قايسى ئەردىن پەرزەنت كۆرۈشنى بەلگىلەيدۇ.

    قىز توختىماي سۆزلەيتتى،  چىرايىدا مەسخىرە كۈلكىسى ئوينايتتى.  ئۇ شەرق ئادەتلىرىنى،  شەرق ئەرلىرىنىڭ قاتماللىقى ۋە ئەخمەقلىقىنى زاڭلىق قىلاتتى.

    -ئوسكاۋارد شۇنداق دېگەن، - دېدى رەسسام بىر خىل ھالەتتە تۇرۇپ، - "ئەرلەر ھامان خوتۇنلىرىنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجخ ئەر بولۇشىنى،  ئاياللار بولسا ئەرلىرىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى خوتۇنى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. " ئوسكاۋارد مىسىرلىق ئەمەس،  ئېنگىلىز.  ئۇمۇ ئەرلەرنىڭ ئاياللارنىڭ ھاياتىدىكى تۇنجى ئەر بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېتراپ قىلغان.  ئىپپىتى بۇزۇلمىغان قىزلا بولىدىكەن،  ئەر كىشى ئۆزىنىڭ ئۇن قىزنىڭ ھاياتىدا بىرىنجى قاتاردا تۇرغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.  بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ قىلچە قىممىتى بولمىسىمۇ،  شۇ ئىسپاتقا ئىگە بولۇشى كېرەك.

    -ئوسكاۋارد ئەر كىشى،  ئەگەر ئۇ ئايال كىشى بولغان بولسا ھەرگىز ئۇ گەپنى قىلمايتتى.

    -ئەگەر سىز ئۇنىڭ تارىخىنى ئوقۇيدىغان بولسىڭىز،  ئۇ ئادەمنىڭ ئەر-ئاياللار مەسىلىدە ئاياللارغا بەكرەك ھېسداشلىق قىلغانلىقىنى،  ئاياللار ئۈچۈن سۆزلەيدىغانلىقىنى بىلەتتىڭىز.  ئۇ سەمىمىي بىر يازغۇچى.

    -ئەمسە سىز مېنى ئالمايدىكەنسىز،  چۈنكى مەن قىز ئەمەس،  سىزمۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى تۇنجى ئەر ئەمەس.

    -قىزلىق ئىپپەت روھنىڭ پاكلىقى بىلەن قەلبنىڭ ساپلىقىنى بىلدۈرىدۇ.  سىز روھىڭىز بىلەن قەلبىڭىزنى پاكلاشتۇردىڭىز،  شۇڭا ئىپپىتىڭىزدىن ئايرىلغان بولسىڭىزمۇ،  يەنىلا ھەققىي ئىپپىتى بار قىز ھېسابلىنىۋېرىسىز.

    ئۇ بۇ مەردانە سۆزلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ سەمىمىي نىيىتىنى ئىسپاتلىدى.

    شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۇنىڭغا ئۆيلەنمىدى.  نېمە ئۈچۈن ئۆيلەنمەيدىغانلىقىغا ئۆزىچە ئاساس تېپىپ قايىل قىلىشقا تىرىشاتتى: ئۇنىڭ ئۇ قىزغا ئۆيلەنمەسلىكى،  ئۇ قىزنىڭ ئەرەب تىلى بىلمەسلىكى،  تانسا . وينىغان چاغلىرىدا ئىچى تارلىق قىلسا ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغانلىقى،  ئۇنىڭغا ئۆيلەنسە غەربچە تاماقتىن ۋاز كېچىپ ئۆزى بىلەن بىللە مىسىرچە تاماقلارنى يېمەيدىغانلىقى،  ئۇلار تۇنجى كۆرۈشكەن كەچتە مىسىرنىڭ ئۇزۇن يەكتىكىنى كىيىپ ياتقانلىقىنى كۆررۈپ،  كۆزىدىن ياش چىققۇچە كۈلگەنلىكى. . . سەۋەب ئىدى.

    بىراق،  بۇنىڭ ھەممىسى ئۆيلەنمەسلىككە تېپىپ چىققان گەپلەر ئىدى.  ئۇ،  ئىككىسىنى مۇھەببەت باغلاپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى،  ئۇنىڭ ئۆزىگە،  ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلەتتى ۋە بۇ مۇھەببەتنى ھەرقانداق جايدا ئۇنتۇمايتتى.  چۈنكى بۇ نۇھەببەت غايە پراگماتىزىم ئۈستىدىن غەلبە قىلىش داۋامىدا دۇنياغا كەلگەن،  روھلار بىر-بىرىگە تەلپۈنگەن ۋە ھاۋايى-ھەۋەس ھوقۇقى ئىنكار قىلىنمىغان شارائىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەن.

    ئۇ بىر-بىرىگە قاتتىق تەلپۈنگەن يۈرەكلەر بىر نەچچە ئايغىچە بىرلىشەلمەي،  ئاخىر بىرلەشكەن غۇ كېچىنى زادىلا ئۇنتۇمايدۇ.

    ئىككىسى  بۈگۈن يۇمشاق سافادا ئولتۇرۇپ ئۆمەر ھەييامنىڭ رۇبائىلىرىنى ئوقۇماقتا،  ئۈستىدە ئىللىق نۇر چېچىپ تۇرغان چىراغ،  رادىئودىن مۇڭلۇق كۈي ساداسى ياڭراۋاتىدۇ.

    بۇرۇنمۇ ئۇلار تا يېرىم كېچىگىچە مۇشۇنداق ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇيتتى.  ئۇ يېرىم كېچە بولغاندا قىزنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ،  ئاغزىدا تاماكا،  ئىككى قولى ئىشتىننىڭ يانچۇقىدا،  تاڭ نۇرىغا چۆمگەن ھالدا ياتقىغا قايتاتتى.

    ئۇلار ئىككىسىلا بۈگۈن ئاخشامقى بۇنداق يېقىملىق ئۇچىرىشىشنى ئويلاپ باقمىغانىدى.

    ھەر ئىككىسى ئۆمەر ھەييامنى "تەسلىمچى شائىر" دەپ،  ئۇنىڭ رۇبائىلىرىنى ياخشى كۆرمەيتتى،  ئۇنىڭ رۇبائىلىرى ھېسياتچان ياشلارنى زەھەرلەيدۇ،  شۇڭا كۆيدۈرۋېتىش كېرەك،  دەپ چاقچاقمۇ قىلىشاتتى.  ئۇنىڭ رۇبائىلىرىنى مەسخىرە قىلىپ ئوقۇشاتتى،  رۇبائىلىرىنىلا ئەمەس،  شائىرنىڭ ھايات مىزانىنىمۇ مەسخىرە قىلىشاتتى.  ئەمما بۈگۈن ئاخشام ئۇلار ئۆمەر ھەييامنىڭ شۇ رۇبائىلىرىنى قايتا ئوقۇغاندا،  ئىلگىرىكى مەسخىرە كۈلكىلىرى قايتا ئاڭلانمايتتى،  ئۇنىڭ ئورنىغا باھار شامىلىدا شىلدىرلىغان يوپۇرماقلارنىڭ زىل ئاۋازىغا ئوخشاش يېقىملىق پىچىرلاشلار ئاڭلىناتتى.  گويا قىز ئوقۇۋاتقان رۇئائىلار قۇلاق پەردىسىنىڭ ياردىمىسىز قەلبىگە قۇيۇلۇۋاتقاندەك،  يىگختنى قاتتىق جەلپ قىلۋالغانىدى.  ئۇنىڭ قىزغا بولغان ھېسىياتى ئادەتتىكىدىنمۇ يېقىملىق بولۇۋاتاتتى. ئۇ بىر قولىنى قىزنىڭ يۇمشاق مۈرىسىگە قويدى.

    قىز خۇددى ئوماق مۈشۈك ئۆزىگە ئىسسىق جاي ئىزدىگەنگە ئوخشاش،  شۇئان يىگتكا يۆلەندى ۋە بېشىنى كۆتۈرمەي بوش ئاۋازدا قولىدىكى رۇبائىلارنى ئوقۇۋەردى.

    يىگىت قوللىرى بىلەن قىزنىڭ پارقىراپ تۇرغان قويۇق چاچلىرىنى سىلىدى،  ئارقىدىن ئۇنىڭ بونىدىن قۇچاقلىدى.  قىزنىڭ ۋۇجۇدىنى كۈچلۈك بىر ئېقىم چۇلغىۋالدى.

    رۇبائى ئوقۇۋاتقان زىل ئاۋاز بىردىن توختاپ،  ئۇنىڭ ئورنىنى قالايمىقان چىققان جىددىي تىنىق ئاۋازى ئىگىلىدى. . .

    ئۇلار ئىككىسىلا تېڭىرقاپ،  بۈگۈن ئاخشام نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىغا كۆز يەتكۈزەلمەي ئولتۇرۇپ كەتتى.  بۇ،  ئۇلار ئۇزاق ۋاقىت ئۆزلىرىنى قىيناپ كەلگەن كېچىلەرنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرەمدىغاندۇ؟

    رەسسام ئۇنىڭ چىرايلىق يۈزىنى قولى بىلەن كۆتۈرۈپ ئۆزىگە قاراتتى ۋە شۇئان بىر خىل كۈچلۈك تۇيغۇ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى چىرماپ،  قىزنى مەھكەم باغرىغا باسقۇسى كەلدى ۋە خۇددى ئۇنىڭ ئاق يۈزىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە قارا بوياق بىلەن بوياپ قويغاندەك كۆرۈنىدىغان قەلەم قاشلىرىنى،  ئېغىزىغا بارىدىغان يولنى كۆرسىتىپ تۇرغاندەك ئەپچىل يەرگە جايلاشقان چىرايلىق ئۈچ تال مېڭىنى،  سۆيگۈگە تەشنا تىترەپ تۇرغان لەلىرىنى كۆردى.

    قىزنىڭ كۆزىدە تېخىچە قارا كۆزەينەك تۇراتتى.  يىگىت ئۇنىڭ قوڭۇر رەڭ تىنىق كۆزلىرىنى ياخشىراق كۆررۈۋالماقچى بولغاندەك،  ئۇنىڭ كۆزەينىكىنى ئېلىۋەتتى.  ئۇ بۇ كۆزلەرنى تۇنجى قېتىم كۆرۈپ،  بۇرۇن ئۇنى ئاشىقىنىڭ يولىغا ئىنتىزار بولۇپ تۇرۇۋاتقان سىگان ئاياللىرىنىڭ كۆزلىرىگە ئوخشاتقانلىقىنى ئېسىگە ئالدى.  ئۇ چاغدا ئۇ يىراقتىن ئاڭلىنىۋاتقان ئېچىنىشلىق بىر كۈينى ئاڭلاۋاتقاندەك بولغانىدى.  بۈگۈن ئۇ جىنىسىي ھەۋەس چەكلەنگەن تۇرمۇشتا ياشاۋاتقان خۇدادىنمۇ ئۆتە ئكزىدىن بەكرەك قورقىدىغان راھىبەنىڭ كۆزلىرىنى كۆرۈۋاتقاندەك بولدى.

    ئۇ قىزدىن كۆزىنى ئۈزمەي،  خۇددى لەۋلىرى ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشتىن ئىلگىرى ئۇنى مىڭ قېتىملاپ سۆيگەندەك ھېسىياتقا كېپقالدى ۋە كۆزلىرىنى يۇمۇپ،  پۈتكۈل ھايات بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن قىزغىن سۆيۈشلەر ئىچىگە غەرق بولۇپ كەتتى.  ئىككىسىنىڭ تىللىرى بىر-بىرىنىڭ ئېغىزى ئىچىدە ئايلىنىپ يۈرەتتى.

    ئۇ قىزنى بېسىپ ۋە ئۆزىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۈستىگە يىقىلغان چاغدا،  ئۆمەر ھەييامنىڭ كىتابى يەرگە چۈشۈپ بوش ئاۋاز چىقاردى.  بۇ ئاۋاز شۇ تۇرقىدا ئۇلارغا جەننەت دەرۋازىسىنىڭ ئېچىلغان ئاۋازىدەك ئاڭلاندى. . .

    قىزنىڭ يۈزى تاڭ شەپىقىگە پۈركەنگەندەك قىزىرىپ كەتتى.  ئۇ گويا توي كېچىسى  كارىۋاتتا يېتىپ يىگىتكە قاراشتىن نومۇس قىلىۋاتقان قىزغا ئوخشاش بېشىنى كۆتۈرۈپ رەسسامغا قاراشقا پېتىنالمايۋاتاتتى. ئۇ تېخى بىر نەچچە ئاي ئالدىدىلا ئۇنىڭ ئالدىدا قىپيالىڭاچ تۇرغان، قانجۇق بۆرىگە ئوخشاش ھۇۋلىغان،  رەسسامنىڭ لەۋلىرىنى ۋە ئۇنى قىسقۇچتا قىسقاندەك مەھكەم قۇچاقلىۋالغان قىز ئەمەسمۇ؟

    دەل شۇ قىز! ئۇ رەسسامنى ياخشى كۆرگەندىن كېيىن،  ۋۇجۇدىنى پاكلاشتۇردى،  تۇرمۇشنىڭ يالغۇز جىنسىي راھەتلا ئەمەسلىكىگە ئىشەندى.  ئادەم ئېتقادسىز،  غايىسىز،  مۇھەببەتسىز ھايات كەچۈرسە بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندى.

    ئۇلار جەننەتنىڭ دەرۋازىسىنى تاقاپ،  ھاياتنىڭ لەززىتىنى قانغۇچە،  ئۇزۇنغىچەتېتىش ئۈچۈن جەننەتنىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىپ كەتتى.

    قىزنىڭ تارىخى رەسسامنى قىلچە ئەندىشىگە سالمىدى.

    قىز چە ئەللىك، رەسسام بولسا مىسىرلىق،  بۇمۇ ئۇنى ئەنسىرەتكىنى يوق.

    ئۇ قىز ئۈچۈن بىر كۈنمۇ نومۇسلانمىدى،  ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىنى بىر كۈنمۇ يوشۇرۇشنى ئويلىمىدى. ئۇ پۈتۈن دۇيانىڭ ئالدىدىمۇ قىز ئۈچۈن ئۆزىنى شەرەپلىك ھېس قىلاتتى،  ئۇنىڭدىن پەخرلىنەتتى.  ئۇ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن ماختاشقا ئەرزىيدىغان،  ئۆزىدە يوق ياخشى خىسلەتلەرنى كۆردى.  قىز ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن ئۆزى بوپكېتىدىغان،  ھېچكىمگە ئارىلاشماي ئۆيدىن تالاغا چىقمايدىغان ئىللەتلىرىنى تۈزىتىشىگە تۈرتكە بولغانىدى.

    شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلمىدى.

    نېمە ئۈچۈن؟

    رەسسام ئۆزىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزمەيۋاتاتتى.  ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ ھايات مىزانىغا خىلاپلىق قىلىپ،  مەتىۋىلىك ئەرلەرگە ئوخشاش ھايات كەچۈرۈش خىيالى بىلەن ئۆزىنىڭ غايىلىك ئىزدىنىشلىرىدىن تامامەن ۋاز كەچتى.

    ئەرلەرنىڭ ھەممىسى شەخسىيەتچى.

    شۇ شەخسىيەتچىلىك ئۇنىڭ ئۇ قىزغا ئۆيلىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلقۋاتاتتى. تۇرمۇشلۇق بولۇش ئۆزىنىڭ فامىلىسىنى ئۇ قىزغا بېرىشتىن دېرەك بېرەتتى. قىزنىڭ ئارزۇ قىلىدىغىنىمۇ شۇ ئىدى.  رەسسام فامىلىسىنىڭ قىممىتىنى،  ئۇنى پۇل قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ قالغانىدى.  بۇرۇن ئۇ ئۇنى پەقەتلا سەزمىگەنىدى.

    رەسسام ئۆزىنىڭ پائالىيەتچانلىقى ۋە رەسىم سىزىش ئارتۇقچىلىقى بىلەن بىر سىياسىي پارتىيىنى چاڭگىلىغا ئېلىش قارا نىيىتى پەيدا بولغاندىن باشلاپ ئۆزگىرىشكە باشلىدى ۋە تەرەپ – تەرەپكە قاتراپ،  نۇرغۇنپائالىيەت ئېلىپ بېرىپ،  بىر سىياسىي پارتىيىنىڭ نامى بىلەن پارلامېنت ئەزاسى بولۇش رىقابىتىگە قاتنىشىشنى ئويلىدى.  بۇرۇن ئۇ ئۇنداق پائالىيەتلەرگە،  سىياسىي پارتىيە ۋە ئۇلارنىڭ داھىيلىرىغا قارشى ئىدى. ، ئۇلارنى خەلقنىڭ قان-تەرىنى شورايدىغان،  خەلقنىڭ  مال-مۈلكىنى بۇلايدىغان بۇرژۇئازىيىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك  قىلىدۇ،  دەپ بىلەتتى.  لېكىن،  كېيىن بىرەر سىياسىي پارتىيىگە ئەزا بولۇپ كىرسەم ئۇنى ئۆزگەرتەلەيمەن،  ئۆزۈمنىڭ سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايمەن،  بىر قىسىم ئاق كۆڭۈل ياشلارنى ئەتراپىمغا يىغۋالىسام،  ئۇلارنى پارتىيىنىڭ يېڭى قانلىرىغا ئايلاندۇرۇپ،  پارتىيە ئىچىدىكى رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ئىگىلىۋالغان تەييارتاپ سىياسىي بېدىكلەرنى پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرالايمەن،  دەپ ئويلىدى ۋە شۇنداق قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەندى.

    شۇنداق قىلىپ،  ئۇ ئۇ قىزنى ئالداشتىن ئىلگىرى ئۆزىنى ئالدىدى.

    شۇنىڭ بىلەن ئۇ تەسىرى كۈچلۈك،  سايلام پائالىيىتىگە قىزغىن بىر پارتىيىگە كىردى.

    ئاندىن ئۇ بۇ پارتىيىنىڭ سايلامغا مەسئۇل ئورگىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا بوسۇنۇپ، رىقابەتچىسىنى يېڭىش كۈرىشىگە ئاتلاندى.  ئۇ ئۇلارنىڭ خىلمۇ-خىل ھىيلە-نەيرەڭلىرىگە كۈلۈپلا قويدى ۋە ئۇنى توغرا نىشانغا يېتىش ئۈچۈن قوللانغان خاتا ۋاستە،  دەپ بىلدى.  ئۇ نىشان ئۇنى پارلامېنت ئەزاسى دېگەن نامغا ئىگە قىلاتتى.

    ئۇ ئاخىر سايلامدا ئۇتۇپ چىقتى.

    ئاۋام خەلق ئۇنىڭ سايلامدا غەلبە قىلغانلىقىغا قىزغىن تەنتەنە قىلدى.  ئۇلار ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ قەھرىمانى،  مىللەتپەرۋەر كۈچلەرنىڭ ۋەكىلى دەپ بىلەتتى.  ئۇمۇ كۈرەش ھاياتىدا كەمبەغەل پۇقرالار ئۈچۈن سۆزلىگەن،  بايلار سىنىپىنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ بولۇپ كەلگەنىدى. 

    ئۇ ئۆزىنىڭ قەلبىنى ئاختۇرۇپ،  خەلقنىڭ بۇ تەنتەنىسىگە جاۋاب ئىزدىگەنىدى. ھېچنىمە تاپالمىدى،  پارلامېنت ئەزاسى بولغان بۇ ئاددىي ئادەم ئەمدى ھازىر ئۆزىنىڭ خەلق چۈشىنىدىغان،  ئىشىنىدىغان ھېلقى ئادەم ئەمەسلىكىنى ھېس قىلۋاتاتتى.

    ئۇ ئۇلارنىڭ تەبرىكلىرىنى ئېگىلىپ تۇرۇپ قوبۇل قىلدى ۋە ئۇلارغا جاۋابەن نۇرغۇن ساختا گەپلەرنى قىلدى.  ئۇ غەلىبە قىلغاندىن كېيىن سۆزلىگەن تۇنجى نۇتقىدا خەلقنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن قىلغان چىرايلىق سۆزلىرىنىڭ مەسىلە ھەل قىلىش ئۈچۈن قىلغان ئەمەلىي سۆزدىن نەچچە باراۋەر ئېشىپ كەتكەنلىكىنى سەزدى.  ئۇ ئۆزىنىڭ مىزان –پرىنسىپلىرىنىڭ ۋاز كەچكەندىن تارتىپ،  يۈكسەك غايىمۇ ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتى.

    ئۇ پارلامېنتتا ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى بۇرچىنى ئادا قىلىشنى ئويلىدى،  لېكىن قولىدىن كەلمىدى.

    ھەر بىر مەسلىدە ئۆز پارتىيىسىنىڭ كۆرسەتمە – بۇيرۇقلىرىغا شەرتسىز بويسۇنۇشى كېرەك ئىدى.  ئەگەر ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە سۆز قىلىدىغان بولسا،  پارتىيە ئىچىدىكى مۇتلەق كۆپچىلىك ئادەملەر ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلاتتى.

    رەسسامنى بىر نەچچە قېتىم ئاساسىي قانۇننى قوغداش،  خەلقنىڭ ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە تەكلىپ ۋە سوئال –سوراقلارنى ئوتتۇرىغا قويغاندا،  رەئىس ئۇنى چاقىرۋېلىپ،  ئوتتۇرىغا قويغان ئۇ تەكلىپلىرىنى ياندۇرۋېلىش توغرۇلۇق گەپ قىلدى.  ئەگەر ئۇ ئۇنىڭ گېپىنى رەت قىلىدىغان بولسا،  رەئىس جانابلىرى ئۇ تەكلىپلەرنى يىغىن كۈتەرتىپىگە كىرگۈزمەيتتى.

    ئۇ كۆپ يىلدىن بېرى مىسىر خەلقىنى ئېزىش بەدىلىگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان بىر شىركەتنى پواش قىلماقچى بولغانىدى،  بۇ گەپ سىرتقا چىقىپ كېتىپ، ئارقا- ئارقىدىن بىر مۇنچە ئاۋارىچىلىكلەرگە قالدى:دەسلەپتە كىشلەر بىر-بىرىنىڭ قۇلاقلىرىغا كۇسۇرلاشتى، ئۇنىڭغا توختىماي خگت ئەۋەتىشتى،  كېيىن ئۇ شىركەتكە مۇناسىۋەتلىك مىنىستىر ئۇنى چاقىرۋېلىپ،  بۇ شىركەتنىڭ كۆپ تەرەپنىڭ مەنپەئىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى،  بۇ مەنپەئەت باشقىلارنىڭ ئۇ شىركەتنى پاش قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئۇنىڭغا چۈشەندۈردى.  ئاخىرىدا ئۇنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىدىن گۇمانلىنىدىغان پىتنە – پاسات ۋە تۆھمەتلەر كۆپىيىشكە ھەم ئۇنى پارلامېنتتىن قوغلاپ چىقىرىش كېرەك،  دەيدىغان چۇقانلار كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى.  بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئامالسىز ئۇ نىيىتىدىن ياندى.

    رەسسام يەنە ئۆزىنى سايلىغان ئۇ ئادەملەرنىڭمۇ ئۇنىڭ پرىنسىپلىرىنى ئانچە كېرەك قىلىپ كەتمەيدىغايلىقىنى  سېزىپ قالدى.  ئۇ ئادەملەر ئۇنداق پرىنسىپلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قىلچە خىيال قىلمايتتى،  ئۇلار ئۈچۈن ئۇنداق پرىنسىپلار كۆڭلىنى ئاچىدىغان ۋە ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىپ ۋارقىرىتىدىغان ناخشا پىلاستىنكىلىرى ئىدى،  خالاس.

       تۆھمەتلەركۆپىيىشكە باشلىدى.  بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئامالسىز نىيىتىدىن ياندى.

     رەسسام يەنە ئۆزىنى سايلىغان ئۇ ئادەملەرنىڭمۇ ئۇنىڭ پرىنسىپلىرىنى ئانچە كېرەك قىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى سېزىپ قالدى. ئۇ ئادەملەر ئۇنداق پرىنسىپلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قىلچە خىيال قىلمايتتى،  ئۇلار ئۈچۈن ئۇنداق پرىنسىپلار كۆڭلىنى ئاچىدىغان ۋە ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىپ ۋارقىرىتىدىغان ناخشا پلاستىنكىلىرى ئىدى،  خالاس.

    پارلامېنتتىكى قىسقىغىنا ھايات ئۇنىڭغا،  بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق پارتىيە ۋە پارلامېنت ئەزاسى بولىمەن،  كېيىن يەنە مىنستىرلىككە كۆتۈرۈلىمەن (خدا شۇ نىيىتىگە يەتكۈزسە) دەيدىكەن،  ئۇ پرىنسىپلىرى بىلەن رادىكال تەشەببۇسلىرىدىن جەزمەن ۋاز كېچىشى،  ھېچ بوللمىغاندا ئۇ پرىنسىپلارنىڭ ماھىيەتلىك قىسىمىنى ئېلىپ تاشلاپ،  قۇرۇق گەپنىلا قالدۇرۇشى ۋە  ئۇنى ساددا،  ئاق كۆڭۈل مىسىر خەلقىگە خۇددى پىلاستىنكا قويۇپ بەرگەندەك توختىماي سۆزلەپ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئۆگەتتى.

      ئەمەلىيەتتە، رەسسام ئۆزىنىڭ پرىنسىپلىرىنى ۋاز كېچىشتىن ئىلگىرىلا ئۇ پرىنسىپلار يۇمشاپ كەتكەن،   يۈرىكىدە لاۋۇلداپ يېنىپ تۇرغان ئاللىقاچان ئۆچۈپ بولغان،  بۇنى ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئىقرار قىلمىغانلىقىلا قالغانىدى.

       رەسسام ئەتراپتىكى مۇھىتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ نەپسىگە چوغ تارتىشقا باشلىغانىدى.

      ھەممە يەرنىڭ دەرۋازىلىرى ئۇنىڭغا ئۇلۇغ ئېچىۋېتىلگەنىدى،  مول زىياپەت ئۈستەللىرى ئۇنىڭغا ھەر ۋاقىت تەييار ئىدى.  بەزىدە ئۇ تۆردە ئلتۇرۇپ باشقىلارنىڭ مۇشەققەتلىرىنى ئاڭلايتتى،  بەزىدە پەگادا ئولتۇرۇپ باشقىلارغا خۇشامەت قىلاتتى.  ئۇنىڭ ئىسمىمۇ پۇلغا يارايدىغان بولۇپ،  بەزى كارخانىلار،  سودىگەرلەر ئۇنىڭ نامىنى ئىشلىتىشنى نۇرغۇن پۇلغا سېتىۋېلىدىغان بولدى.  بۇ ئىسىم ئاخىر بىر كۈنى خىلمۇ خىل ئاتاق ۋە مەنسەپلەر بىلەن سۇ ئۆتمەس دەرىجىدە قورشىۋېلىندىغانلىقى ھازىردىن باشلاپ بىلىنىشكە باشلىدى.

      لېكىن ئىلگىرىكى تۆت يىل ئىچىدە رەسسامنى قاتتىق ياخشى كۆرگەن ۋە رەسساممۇ شۇنداق ياخشى كۆرگەن ئۇ قىز ئۇنىڭ نامى ئۈچۈن قانچىلىك بەدەل تۆلەيدىغاندۇ؟

     ئۇ بۇرۇن ئۇنى بەختلىك قىلغان،  بەلكىم ئۇنىڭ ئۇنىڭغا تۆلەيدىغان بەدىلى شۇ بولسا كېرەك.

      دېمىسىمۇ،  قىز ئۇنىڭ نامىنى ئۆزىنىڭ قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يۇقىرى باھادا ھەق تۆلىيەلمەيدۇ.  ئۇنداق يۇقىرى ھەق تۆلىيەلەيدىغانلار ئېسلزادىلەرنىڭ خان قىزلىرى.  رەسساممۇ ئاللىبۇرۇن شۇ قىزلار بىلەن ئاپاق- چاپاق بولۇپ كەتكەن،  ئۇ قىزلارمۇ ئۇنىڭ مەشھۇر نامىغا خۇشتار.  ئۇنىڭ ئىسمى يۇقرى تەبىقىدىكىلەر ئىچىدە كاتتا ئورۇن ۋە ئىنتايىن زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن چىرايلىق يىگىتنىڭ سىمۋولى.  يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر ئۇنداق مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان،  كۆرگىلى،  تۇتقىلى بولمايدىغان ئۇنداق پرىنسىپلار بىلەن كارى بولمايدۇ،  ئۇ پرىنسىپلارنىڭ ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىگە تېخىمۇ قىزىقمايدۇ.

      ئۇنىڭ ۋاقتى "يېڭى تۇرمۇش" بىلەن زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ كەتكەن؛ قانداقتۇر بىر كارخانا ۋە شىركەتلەرنىڭ باشلىقلىرىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىدۇ،  ياكى پارلامېنت ئەزالىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ،  ياكى پارلامېنت ئەزالىرى يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنىدۇ،  ياكى ھەر خىل يىغلىشلارغا،  سۆھبەت يىغىنلىرىغا ۋە كېچىچە داۋاملىشىدىغان زىياپەتلەرگە بارىدۇ،  بەزىدە مەلۇم بىر مىنىستىر بىلەن كۆرۈشكىلى كېتىدۇ.  ئەمدى ئۇنىڭ  ئۆزىنى ياخشى كۆرگەن ئۇ قىزغا بېرىدىغان ۋاقتى يوق.  ئۇلار ئەمدى بىللە ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرمەيدۇ،  مۇزىكا ئاڭلىمايدۇ،  مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇنازىرە قىلىشمايدۇ.

       ئۇلارنىڭ بىللە بولىدىغان ۋاقتى تولىمۇ قىسقا،  ئوتتۇرىدا بولىدىغان مۇناسىۋەتكە ئارانلا يېتىدۇ،  پىكىر ئالماشتۇرۇشلىرىغا ۋاقىت يوق.

      رەسسام ھازىر باشقا بىر ئادەمگە يەنە بىر ھايۋانغا،  كاللىسى يوق،  نىشانى يوق،  قارىغۇلارچى چۆرگىلەۋېرىدىغان ماشىنىغا،  قىزنىڭ تۆت يىل ئىلگىرىكى ھالىتىگە ئوخشىشىپ قالدى.  ئۇ چاغدا قىز كېسەل ھالەتتە ئىدى،  كاللىسى قۇرۇق بولۇپ،  گاراڭ ھالەتتە ياشايتتى.

      ئۇ ھەر قېتىم قىزنى كۆرگىلى كەلگەندە، ئىشكتىن كىرىپلا ئۇنى چىڭ قۇچاقلايتتى.  ئەھۋال سوراپ بولۇپ،  ئاغزىنى ئۇنىڭ ئاغزىغا چاپلاپ ئۇزاق سۆيەتتى،  چىشلىرى چىشلىرىغا تېگىپ كېتەتتى،  كۆكرەكلىرى بىر-بىرىگە چاپلىشىپ قالاتتى.  نېرۋىلىرى قاتتىق غىدىقلىنىپ،  ئەسەبىي قوللىرى بىلەن قىزنىڭ كىيىملىرىنى ئىتتىك –ئىتتىك سالدۇرۇپ،  ئاندىن غالجىر ئىتقا ئوخشاش ئۇنى ئاستىغا بېسىپ چىشلەشكە  باشلايتتى. . .  قىز ئۇنى ئىچى ئاغرىپ ھەم يىرىگىنىپ تۇرۇپ سىلايتتى.  ئالتۇن كرېست خۇددى رەسسامنىڭ كاچتىغا ئۇرۇۋاتقاندەك،  قىزنىڭ بوينىدا مەغرۇر پۇلاڭلاپ تۇراتتى.

      رەسسام نەپسىنى قاندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن،  ئورنىدىن تۇرۇپلا كىيىملىرىنى كىيگەچ،  چۈشەنگىلى بولمايدىغان گەپلەرنى دەپ غۇدۇراپ قوياتتى.  ئاندىن مەلۇم بىر يىغىنغا قاتنىشىش ياكى ئۇنىڭ كېلىشكەن ياش قامىتىگە،  ئورنىغا كۆزى چۈشكەن بىرەر خان قىز بىلەن ئۇچىرىشىش ئۈچۈن ئالدىراپ چىقىپ كېتەتتى.

    ئۇ ئەنە شۇنداق ئۆزگىرىپ كەتتى،  ئۈزۈڭ –كېسىل ئۆزگىرىپ كەتتى.

      قىز ئىلگىرى ئۇ ئۆزىنىڭ كېسىلىنى داۋالىغانغا ئوخشاش ئۇنىمۇ داۋالاپ باقماقچى بولدى.  لېكىن ئۇ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي ئۆزى بىلگەن يولدا مېڭىۋەردى.  قىز زادى ئامال قىلالماي،  ئۆزىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە چۈشكۈنلىشىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئۆزىنى قاتتىق تۇتتى.

      رەسسام ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشىشتىنمۇ خالىمايتتى،  ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قۇلاقمۇ سالمايتتى. بىر كۈنى قىز ئۇنىڭغا "

    -سىز ئۆزگىرىپ كەتتىڭىز،  باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالدىڭىز، - دېدى.

    -سىز مېنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىمگە قاراپ شۇنداق دەۋاتامسىز؟

    -ياق،  سىزنىڭ مەغلۇب بولغىنىڭىزغا قاراپ.  سىز ھازىر مەن چۈشەنمەيدىغان بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالدىڭىز.

    -سىز پەقەت مېنىڭ نامراتلىقىمنىلا،  بوزەك قىلغىنىم ۋە باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق قىلغانلىقمنىلا بىلسىز.  مېنىڭ يۈز – ئابرويلۇق،  ئورنى بار،  مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئادەم بولۇشۇمنى ئارزۇ قىلمامسىز؟

    -سىز ئۆزىڭىزنىڭ پرىنسىپ،  مىزانلىرىڭىزنى،  روھ ۋە ۋىجدانىڭىزنى سېتىۋەتتىڭىز.

    -ياق! پۇقرالار ھازىرمۇ ماڭا ئىلگىرىكىگە ئوخشاش تەنتەنە قىلىشىدۇ.

    -ئەتىلا كارامىتىڭىز ئاشكارىلىنىپ خەلقتىن تەستەك يەيسىز.

    -سىزمۇ خەلقمۇ !سىز دېگەن چەت ئەللىك،  فرانسىينىڭ ھامىلىقىدا ياشايسىز.

    -مېنى خەلقنىڭ بىر ئەزاسى قىلغان ئادەم سىز،  بىلىپ قويۇڭ،  سىز! ئەجەبا،  ئىككىمىزنىڭ يۈرەك سۆزلىرىمىزنى ئېيتىشقان كېچىلەرنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟ سىز ماڭا جان – جەھلىڭىز بىلەن ياردەم قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن،  مەن ئاخىر مىسىر خەلقىنى سىزنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆردۈم.

    -دادىڭىز ئىگلىكى ۋەيران بولغاندىن كېيىن،  ماڭارغا يول تاپالماي،  ئامالسىز خەلققە ئىشەندىڭىز.

    - سىز كاتتا بايۋەچچىگە ئايلانغاندىن كېيىن خەلقنى كۆزگە ئىلمايدىغان بولدىڭىز،  خەلقنى ئەخمەق قىلدىڭىز.

    - مەن خەلق كۆرسەتكەن پارلامېنت ئەزاسى،  خەلقنىڭ ۋەكىلى.

    - ياق،  سىز ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى،  سىزنى ھۆكۈمەت كۆرسەتكەن.

    - ھۆكۈمەت خەلقنىڭ ھۆكۈمىتى.  

    - سىز ئۆزىڭىز،  ھۆكۈمەت ھۆكۈمرانلارنىڭ قولىدىكى خەلقنى قامچىلايدىغان قامچا،  دەپ ئېيتقان.

    - ئۇ راسىت.  بۇ گەپنى سىزگە ئۆگەتكەن ئادەم مەن،  ئەمدى ھازىر بېشىمغا توقماق بولۇپ تەگدى.

    ئۇ ئىشىكنى  قاتتىق يېپىپ چىقىپ كەتتى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئىككىنجى قايتىپ كەلمىدى.

    ئۇلار ئەسلىدىلا ئىككى يولدا كېتىۋاتقان ماشىنا ئىدى،  ئارىلىقتا بىر مەزگىل بىر يولغا چۈشكەن بولسىمۇ،  لېكىن كېيىن قارىمۇ قارشى تەرەپكە يول تۇتتى.

    رەسسام ئەسلىدە كەمبەغەل،  قىز بولسا باي ئىدى،  ھازىر قىز كەمبەغەللىشىپ،  رەسسام پۇلى،  ئورنى بار پارلامېنت ئەزاسى كەتتى.

    بۇرۇن رەسسام غايىلىك،  قىز پراگماتىزىمچى،   ئەمدى ھازىر رەسسام پراگماتىزىمچى،  قىز غايىلىك ئادەملەردىن بولۇپ قالدى.

    بۇرۇن رەسسام روھقا،  قىز ھاۋايى – ھەۋەسكە ئىشىنەتتى.  ئەمدى ھازىر رەسسام ھاۋايى – ھەۋەسكە،  قىز روھقا ئىشىنىدىغان بولدى.

    بۇرۇن رەسسام ئۆزىنىڭ پرىنسىپ،  مىزانلىرى ئۈچۈن ياشايتتى.  قىز بولسا ئۇ نەرسىلەرنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيتتى،  ئەمدى ھازىر رەسسام ئۇ پرىنسىپ – مىزانلىرىدىن ۋاز كەچتى،  قىز بولسا ئۆزىنىڭ ( ھەم ئۇنىڭ ) پرىنسىپ – مىزانلىرى ئۈچۈن ياشايدىغان بولدى.

    ھەر ئىككىلىسى قارشى تەرەپ بىلەن بىللە ھايات كەچۈرۈشنىڭ ئەمدى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى.

    رەسسام ئۇ قىزنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى پاك ياشلىقى ۋە شەرەپلىك باتۇرلۇقىنىڭ كۆلەڭگىسىنى كۆردكى.  ئۇ ئەمدى ئۇ كۆلەڭگىدىن قورقاتتى،  ئۇنى ۋە ئۇ قىز بىلەن بىللە ياشىغان كۈنلىرىنى ئۇنتۇپ،  ھېچنىمىنى سەزمەس بولۇپ قالغان ۋىجدانىنىڭ بى. ارام بولماسلىقى ۋە ئەندىشىگە چۈشمەسلىكىنى ئويلايتتى.

    قىز بولسا ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى جىنسىي نەپىسى تاقىلداپ كەتەكەن مەزگىللەردىكى ئوبرازىنى كۆرەتتى.  ئۇ چاغلاردا ئۇنىڭ كاللىسى گال ۋە گاراڭ،  كەيپىياتى سۇس ئىدى،  قالايمىقان ئايلىنىۋاتقان كونا ماشىنىغا ئوخشاش بوغۇق ھۇۋلايتتى.  بۇ ھۇۋلاش خۇدا بىلەن پەرىشتىلەرنىڭ قىچقىرىقلىرىنى،  زېمىندىكى ئىنسانلارنىڭ چۇقان – سۈرەنلىرىنى بېسىپ كېتەتتى.  كۆزىگە  كۆرۈنىۋاتقان ئۇ ئوبراز ئوتتا كۆيدۈرگەندەك كۆيدۈرەتتى،  ئۇنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشتىىن بىزار قىلاتتى.

    قىز ھازىر ئاددىي ھايات كەچۈرەتتى،  تۇرمۇشى بەختلىك،  خاتىرجەم،  ۋىجدانى ئارامىدا ئىدى.

    تۇرمۇشتىكى خاتىرجەملىك بىلەن قىزنىڭ كۆزىدىكى كېسەل ساقىيىپ كەتتى.  ئەمدى ئۇ قارا كۆزەينەك ئەمەس،  ئاق كۆزەينەك تاقايتتى،  بۇ ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىققانلىقىنىڭ نامايەندىسى ئىدى.

    ئۇنىڭ يۈرىكى ساپ بولغاچقا كىشلەر ئۇنى كۆرگەندە سالام بېرىدىغان بولدى.

     رەسسامچۇ. . .

    ئۇ بىر مەزگىل ساختا شۆھرەت ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى سېتىۋېتىپ،  چىغرىققا قېتىلغان سۇ كالسىغا ئوخشاش توختىماي چۆگىلەيتتى.  ئۇ ئادەملەرگە قاراپ كۈلگەندە،  لەۋلىرىنى مەجبۇرىي ئېچىۋاتقاندەك بولىدۇ: نازۇ – نېمەتلەرنى بولۇشىغا يەۋاتقاندا،  بېشىنىڭ قاتتىق ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ: قاتتىق –قاتتىق شوراپ ئەپيۇن چەككەندە،  يېگەن نەرسىلىرىنىڭ قورسىقىنى مۇجۇۋاتقانلىقىنى سېزىدۇ: ئاياللارغا يېقىنلاشقاندا،  بەدىنىگە يالتىراق نەرسە تېگىۋاتقاندەك ھېسىياتتا بولىدۇ.

    ئېھتىمال،  ئاز كۈندە كىشلەر ئۇنىڭ مەلۇم بىر مىنىستىر،  مەنسەپداغا كۈيئوغۇل بولغانلىقىنى،  ياكى مىنىستىر،  ئۇنىڭدىن قالسا چوڭراق بىر ئەمەلدار بولغانلىقىنى ئاڭلاپ قېلىشار.  ئەمما ھېچكىم ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلمايدۇ،  چۈنكى ئۇ بىچارە  ھەم نەپرەتلىك ھايۋان.

    رەسسام ئۆزىنىڭ ھەشەمەتلىك ئۆيىدىكى يۇمشاق سافادا،  ئوچاقتا كۆيۈۋاتقان ئوتقا،  ئۆينىڭ تۆت ئەتراپىغا تىزىۋەتكەن ئاسار ئەتىقىلەرگە قاراپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ،  يېڭى بىر مىشچانلار پەلسەپىسى ئۈستىدە ئويلىناتتى: " ئۇنداق يۈكسەك پرىنسىپ -  مىزانلارنىڭ ھەممىسى ئاجىزلار ئۆزلىرىنى يۆلەپ تۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ھاسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس،  كۈچلۈكلەرگەئۇنىڭ قىلچە زۆرۈرىيىتى يوق،  ئۇلارغا زۆرۈرلىرى ئۆزلىرىنىڭ كۈچى يەنى پۇل ۋە ھوقۇق. "

    بۇ ئۇنىڭ نومۇسسىز روھىنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن ئاشكارىلىنىشى.

    مىسىر ئەنە شۇنداق چاكىنا سىياسىي بېدىكلەر تۈپەيلىدىن ھازىرغىچە ئويغانماي كېلىۋاتىدۇ.  خەلق ئۇنىڭ ھەققىي قىياپىتىنى كۆرۈپ يەتكەندە،  مىسىردا يېڭى ئۈمىد تۇغۇلىدۇ.

    ئادەم مۇرەككەپ نەرسە،  ئۇنى پەقەت مۇرەككەپ كۆز بىلەنلا ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.

    بىر ئادەمنىڭ سىزگە تۇىجى بەرگەن تەسىرى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ماھىيىتى ئەمەس.  ھوشىيار بولۇڭلار،  ئاق كۆڭۈل كىشىلەر،  مېنىڭ قېرىنداشلىرىم!

    (خەنزۇچە چەت ئەل ئەدەبىياتى ۋە ياشلار" ژۇرنىلىنىڭ 1988-يىل 2-سانىدىن)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.