ساۋۇتخان ئاكا بىلەن مۇقەرەپشا مەردانە

يوللىغۇچى : halisa يوللىغان ۋاقىت : 2011-08-10 16:39:02

ساۋۇتخان ئاكا بىلەن مۇقەرەپشا مەردانە(راست ئىشلار خاتىرىسى)ئېزىز ساۋۇت يېقىندا مەن ئارىلاشقان كىشىلەر تۇرمۇش دائىرىسى ئىچىدە يۈز بەرگەن، مۇئامىلە ساھەسىدە كىشىنى چۆچۈتىدىغان، يىرگەندۈرىدىغا...



     

    ساۋۇتخان ئاكا بىلەن مۇقەرەپشا مەردانە(راست ئىشلار خاتىرىسى)
    ئېزىز ساۋۇت

     

       يېقىندا مەن ئارىلاشقان كىشىلەر تۇرمۇش دائىرىسى ئىچىدە يۈز بەرگەن، مۇئامىلە ساھەسىدە كىشىنى چۆچۈتىدىغان، يىرگەندۈرىدىغان، ئۈچ قەدىناس دوستلار ئوتتۇرىسىدىكى ئېلىم-بېرىم، سەمىمىيەتسىزلىكىدىن كېلىپ چىققان كۆڭۈلسىزلىكلەرنى كۆرۈپ، چوڭقۇر ئويغا چۆكتۈم. بالىلىق دەۋرىمدە كۆز ئالدىمدىن ئۆتكەن، دەل مۇشۇنداق ئىش مۇقابىلىدە تۇرىدىغان گۈزەل ئەخلاق جۈملىسىدىكى كىشىلىك مۇناسىۋەت سەمىمىيەتلىكى خاتىرىسى ئېسىمگە كېلىپ قالدى. گەرچە بۇ ھەقتە ئىنسانلار ھايات تارىخىدا كۆپلىگەن تەجرىبىلەر، مۇھاكىمىلەر خاتىرىگە ئېلىنىپ قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەھمىيىتى بولار دېگەن نىيەتتە بۇنىمۇ خاتىرىگە ئېلىپ قويدۇم.

       1953-يىلى سەككىز ياش چاغلىرىم ئىدى. دادام ساۋۇت ئاخۇن ئاقسۇ شەھىرىدە قاسساپلىق قىلىپ ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى قامدايتتى. دادامنىڭ بىز پەرزەنتلىرىدە قالدۇرغان ئىنسابلىق، كۆڭلى-كۆكسى كەڭ، ئوچۇق-يورۇق، قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا خەير-ساخاۋەت، پەرزەنتلىرىگە مېھرىبان، كۆيۈمچان پەزىلەتلىرى، پەرزەنتلىك مېھىر-مۇھەببەت، ھۆرمەت ، ئىخلاسىمىزنى ئۇرغۇتقانىدى. دادام كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىمۇ ئاشۇ پەزىلەتلىرى بىلەن ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى. شۇڭا جامائەتنىڭ مۇھىم تۇرمۇش ئىشلىرى دادامنىڭ مەسلىھەتسىز بولمايتتى. ھەممە ئادەم دادامنى لەۋزى ھالال، ئىشەنچلىك ئادەم سۈپىتىدە ھۆرمەتلەپ ‹ساۋۇتخان ئاكا› دەپ ئاتايتتى.

        شۇ يىلى 7-ئاي، تىنچىق ئەۋجىگە چىققان، تىنچ ئاسماندا بۇلۇتمۇ يوق، بەك چىرايلىق بىر كۈن ئىدى. دادام شۇ كۈنى سويغان كالىنىڭ گۆشىنى دۆندۈرە ئالىدىغانلارغا ئەتىگەندىلا سېتىپ بولۇپ، ياندىكى كەسىپداشلىرىنىڭ دۇكىنىدا ئۇلارغا ياردەملەشكەچ، چاي ئىچىپ پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى. چۈنكى دادام نەدە بولسا، خېرىدارمۇ شۇ يەردە بولاتتى. شۇڭا كەسىپداشلىرىمۇ دادامنىڭ ئۆز دۇكانلىرىدا بىرەر يېرىم دەم ئولتۇرۇپ بېرىشىنى ئامەت، خۇشاللىق دەپ بىلىشەتتى. شۇ كۈنى مەنمۇ دادامنىڭ قېشىدا ئويناپ يۈرگەنىدىم.
      سۆھبەت تازا قىزىۋاتقاندا بىرسىنىڭ:
        -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ساۋۇتخان ئاكا! قانداق ئەھۋاللىرى ياخشىمۇ؟-دېگەن جاراڭلىق ئاۋازى ئاڭلاندى.

    ھەممىمىز بېشىمىزنى كۆتۈرۈپ سالام بەرگۈچىگە قاراشتۇق. ئالدىمىزدا ئېگىز، گەۋدىلىك، ئوتتۇز ياشلاردا، بۇغداي ئۆڭ،قاڭشارلىق، شۇ زامانغا لايىق قارا، ئۇزۇن بۇرۇت قويغان، بېشىغا غۇلجىنىڭ قىزىل دۇخاۋا مانچىستىر دوپپا، ئۇچىسىغا ئاق خەسە كۆينەك كىيگەن، ئۈستىدىن سىپتا تۆگە يۇڭ يىپتا توقۇلغان چەكمەن جاپا كىيگەن، پۇتىدا غۇلجىنىڭ چىگرىن ئۆتىكى، ئارقىسىدا تىزگىنىدىن تۇتۇۋېلىنغان بويلۇق، ئاق چوكۇر، كۈمۈش ھەل بېرىلگەن قالماقچە ئىگەر-جابدۇق، ئۈزۈڭگىلىك، تۆش تارتقۇلار بىلەن ياساپ جابدۇغان ئات، ھاللىق، جۇش كەيپىياتلىق بىر يىگىت ئىككى قولىنى كۆكسىگە قويۇپ، ئاپئاق چىشلىرىنى كۆرسىتىپ كۈلۈپ تۇراتتى. سورۇندىكىلەر يىگىتنى دەرھال تونۇپ كېتەلمىسىمۇ سالىمىنى ئىلىك ئېلىپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى. يىگىت، دادامنىڭ تونۇمىغانلىقىنى كۆرۈپ:
    -ۋاي، ساۋۇتخان ئاكا! مېنى تونىمىدىلىمۇ؟ ھېلىقى مۇقەرەپشا مەن شۇ!-دەپ كۆڭلى بۇزۇلغان ھالدا كۆز يېشى قىلىپ كۆرۈشۈشكە قول ئۇزاتتى.
    -ھا،راست! شۇ يىگىت ئىكەنسىز، بۇ بايۋەچچە سالاپىتىڭىز بىلەن تونۇيالماي قاپتىمەن. ئۇ چاغدا بۇرۇتىڭىز يوق ئىدى. يۇرتقا تېنچ-ئامان كەپسىز؟
    باشقىلارمۇ قىزغىن كۆرۈشتى.
    -ساۋۇتخان ئاكا، مېنىڭ ھازىر بۇ يۇرتتا تۇتۇقلۇق ئۆيۈم يوق، شۇڭا ئۆزلىرىنى، ئولتۇرغانلارنى ئاشپۇزۇلغا باشلاپ، بىرەر پىيالىدىن چاي ئىچكۈم بار. تۈزۈت قىلماي بېرىشىپ بەرسىلە. گۆشلەرگە شاگىرتلار قاراپ تۇرار، ھەممەيلەنگە تەكلىپ!-دەپ قولىنى كۆكسىگە قويدى. دادام، مۇقەرەپشانىڭ تەكلىپىنىڭ تېگىگە يېتىپ، ئارتۇقچە تەكەللۇپ قىلمايلا ئورنىدىن تۇردى-دە،

    -قېنى يۈرۈڭلار، ساقلاتمايلى!_ دەپ قوزغالدى. باشقىلارمۇ يۈز-خاتىرە يۈزىسىدىن تارتىشىپ تۇرۇشماي، دۇكانلىرىنى شاگىرتلىرىغا تاشلاپ دادامغا ئەگەشتى. ئاقسۇ شەھىرىنىڭ شۇ چاغدىكى سېپىلى ئىچىدە بىر خۇيزۇ خوجايىننىڭ، تاماقلىرى مېزىلىك ھەم سۈپەتلىك ئىككى قەۋەتلىك كاتتا ئاشخانىسى بار ئىدى. شۇ ئاشخانىدا كېلىشتۇق. ئاتنى بىر خىزمەتچى ئېلىپ، ئارقىدىكى بىر قوروغا ئەكىرىپ كەتتى. بىر ئۇزۇنتۇرا،شاپ بۇرۇن مېھمان كۈتكۈچى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: -‹كېلىشسىلە! كېلىشسىلە!›-دەپ مېھمانلارنى خۇشخۇي قارشى ئالدى، شەھەر كوچىلىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئىككىنچى قەۋەتنىڭ دېرىزە تۈۋىدىكى چوڭ شىرەدىن چاي ئالدۇق. چاي قۇيغۇچە دەرھاللا خۇشپۇراق چاي ۋە ناۋات سېلىنغان يەتتە-سەككىزچە چوڭ چىنىنى سول بېلىكىنىڭ ئۈستىگە قوندۇرغان، بىر قولىدا جوغىسى سەكسەن سانتىمېتىرچە كېلىدىغان لىق قايناقسۇ قاچىلانغان چوڭ تۆمۈر چەينەك كۆتۈرگەن، مۈرىسىگە لۆڭگە ئارتقان ھالدا يېتىپ كەلدى-دە، ‹ مېھمانلار خۇش سالام!›-دەۋېتىپ، چەينەكنى يەرگە قويۇپ، لۆڭگە بىلەن شىرەنى پاكىز سۈرتۈپ چىقتى. پارقىراپ كەتكەن شىرە ئۈستىگە جەينىكىدىكى چىنىلەرنى تۇتمايلا ھەر بىر ئادەمنىڭ ئالدىغا سېرىكچىدەك ئەپچىللىك بىلەن سىيرىلدۇرۇپ قۇيۇپ چىقتى-دە، ئارقىسىغا چېكىنىپ، خونى (چەينەكنى) قولىغا ئېلىپ ئىككى مېتىر يىراقلىقتىن، ئالدىمىزدىكى چىنىلەرگە ئېقىتماي-تېمىتماي چاي قۇيۇپ،چايغا تەكلىپ قىلدى. چاي جوغىدىن ئېتىلىپ چىققىنىچە راكىتادەك ئۆرلەپ، ئاندىن ئىگىلىپ-پەسلەپ چىنىلەرگە قويۇلىۋاتقاندا، چاي قۇيغۇچىنىڭ ماھارىتىگە تەھسىن، ئاپىرىن ئوقۇشتۇق.( ئۇ چاغلاردا خېرىدارلارنىڭ پۇللىرى شېرىن سۆز، ياخشى مۇلازىمەت، چاققان، پاكىز، سەنئەتلىك ماھارەتلەر ئارقىلىق خوجايىنىنىڭ غەللىسىگە، يانچۇقىغا كىرەتتى، خىزمەتچىلىرى گالۋاڭ، مەينەت، مەنمەنچى ئەمەس ئىدى.) ئارقىدىنلا تاڭجاڭ كېلىپ مۇقەرەپشا بىلەن گۇدۇڭلاشقاندىن كېيىن، بۇرۇلۇپ پەسكە قاراپ جاراڭلىق، يېقىملىق ئاۋازلار بىلەن تاماق راسلاش بۇيرۇقى بەردى. تائاملار مول، يېمەك-ئىچمەك كۆڭۈلدىكىدەك بولدى. تاماق يېيىلىپ تاڭجاڭ ئېغىزىدىلا شۇنچە كۆپ ۋە مۇرەككەپ تائاملارنىڭ ھېسابىنى بىردەمدىلا ھېسابلاپ ئېلان قىلىپ پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالدى. چىقايلى دەپ تۇرساق مۇقەرەپشا بىردەم ئولتۇرۇشىمىزنى ئۆتۈندى. ئۇ قوينىدىن بىر خۇرۇم پۇلداننى چىقىرىپ قىرىق سەرساپ كۈمۈش تەڭگىنى ئايرىپ دادامنىڭ ئالدىغا قويدى-دە، ئاندىن يىغلامسىراپ قول باغلاپ تۇرۇپ:
    -ساۋۇتخان ئاكا، بۇ ئالتە يىل ئىلگىرى ئېغىر موھتاجلىقتا قالغىنىمدا قەرز سورىسام، ھېچبىر گۇۋاھچىسىز، ھۆججەت ئىسپاتسىز، قېچىپ كېتىشىمدىن، تېنىۋېلىشىمدىن قىلچە گۇمان قىلماي بەرگەن قەرز-ئامانەتلىرى. بۇرادەرلەر، سىلەرگە نامەلۇم، مەن ئۆز ۋاقتىدا قۇمباشتىكى ھوشۇراخۇن قاسساپنىڭ ئوغلى ئىدىم. دادام بىلەن ساۋۇتخان ئاكىنىڭ يېقىن دوستلۇق، كەسىپداشلىق باردى-كەلدى مۇناسىۋىتى بار ئىدى. ئاتا-ئانام قازالاپ، ئۆي-زېمىن، پۇل-پۈچەك ھەممىسى يالغۇز پەرزەنت ماڭا قالدى. ئىككى يىلدىلا ھەممىنى شاللاقلىق بىلەن ئويناپ، توزىتىۋېتىپ گاڭسا-جىسا بولدۇم. دادام ۋە ئۆزۈمنىڭ بار-بۇرادەرلىرىمدىن قەرز ئالدىم. ئوقەتكە كىرىشكەن بولساممۇ، زادى ئىلگىرى باسمىدىم. ئاخىرىدا : ‹ساۋۇتخان ئاكا لەۋزى ھالال، تەقۋادار ئادەم، شۇ كىشىدىن قەرز ئېلىپ تىجارەت قىلىپ باقسام ئىشىم ئوڭغا تارتقۇسى›-دەپ شەھەرگە كېلىپ بۇ كىشىگە ھال ئېيتتىم. ساۋۇتخان ئاكام دادامنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى قىلىپ قىرىق سەر كۈمۈش تەڭگە بەردى. شۇ چاغلاردا بۇ پۇلنىڭ قىممىتى خېلى يۇقىرى ئىدى. بىر ئايغا قالمايلا بۇ پۇلنىڭمۇ كۈلى كۆككە سورۇلدى. جاھان كۆزۈمگە قاراڭغۇلاشتى. يىغلىدىم. ‹باشقىلارغۇ مەيلى، ساۋۇتخان ئاكىغا نېمە دەرمەن؟ ھالال، راستچىل ئادەم ئىدى.شور پېشانە ئىكەنمەن. يۇرت ماڭا ھارام بولدى. باشقا يۇرتقا كېتەي دەپ، ئەتىسىلا سالتاڭ پېتى كارۋانلارغا قوشۇلۇپ داۋام ئېشىپ، ئىلىخوغا چىقىپ كەتتىم. خاڭلاردا ئىشلىدىم. يايلاق، بىناملاردا بۇغداي، چۆپ ئورۇدۇم. ئاشخانىلاردا ئوچاققا ئوت قالاپ، يۇندا تۆكتۈم. تارتمىغان مۇشەققەت، كۈلپەتلىرىم قالمىدى. شۇندىمۇ ساۋۇتخان ئاكىنى زادىلا ئېسىمدىن چىقرالمىدىم. قانداق ئويلىغاندۇ؟ قايتۇرالماي ئۇ دۇنياغا كېتىپ قالارمەنمۇ؟ ساۋۇتخان ئاكىنى ئالدىمىسام بولاتتى،-دەپ ئاھ ئۇردۇم. -دۆلەت ئازات بولغاندىن كېيىن، بىر يايلاقتا بىرسىگە ئۈچ يىلدەك مال بېقىپ بەردىم، ئىش ھەققىم ئۈچۈن بەرگەن ماللار كۆپىيىپ بىردىنلا ھاللىق بولۇپ قالدىم. كېيىنكى يىلى ئۆزۈمنى ئوڭشىۋېلىپ ئۆيلەندىم. غۇلجا شەھىرى ئىچىدىن ئۆي-زېمىن سېتىۋالدىم، ۋاقتى-سائىتى كەپتىكەن: ‹قەرزنى قايتۇرۇپ يۈكتىن خالاس بولاي›-دەپ داۋام ئېشىپ كېلىشىم. ھەممەيلەننىڭ قەرزىنى قايتۇرىمەن. بۇ-سىلىنىڭ ئامانەتلىرى، بايىقى ئىگەر-توقۇملۇق ئات، سىلىگە ھەدىيە، ساۋۇتخان ئاكا، سىلىنى كۆپ ساقلاتتىم، رازى بولۇپ كەتسىلە!-دەپ كۆز يېشى قىلدى.
    -ئىنسابىڭىزغا رەھمەت ئۇكام!-دېدى داداممۇ تەسىرلەنگەن ھالدا،-ئوغۇل بالا ئىكەنسىز. مەن ئۇنتۇپ كەتكەن بىلەن سىز ئۇنتۇپ قالماپسىز! ھەممىمىز تەسىرلەنگەن، بۇنداق پەزىلەتلىك مۇناسىۋەتتىن شادلانغان ھالدا ئاشخانىدىن ئۇزاشتۇق.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.