قۇم باسقان شەھەر( مەمتىمىن ھۇشۇر) 6-باپ

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-02 12:20:26

قۇم باسقان شەھەر (مەمتىمىن ھۇشۇر) ئالتىنجى بابجەسەتسۈپۈر گە خىيال بىلەن ئۆزىنىڭ قانچىلىك يول باسقانلىقىنى بىلمەي قالدى. بۈگۈن ئۇنىڭ قورسىقىمۇ ئاچقاندەك قىلمايتى. بىرەر يەردە توختاپ ئېشىكىنى ...


      قۇم باسقان شەھەر (مەمتىمىن ھۇشۇر)

     

     


    ئالتىنجى باب

    جەسەت

    سۈپۈر گە خىيال بىلەن ئۆزىنىڭ قانچىلىك يول باسقانلىقىنى بىلمەي قالدى. بۈگۈن ئۇنىڭ قورسىقىمۇ ئاچقاندەك قىلمايتى. بىرەر يەردە توختاپ  ئېشىكىنى ئوتقا قويۇپ ئارام ئالغۇزۇش خىيالىغىمۇ كەلمەيتى. ھارغان   ئېچىرقىغان ئېشەك بېشىنى تۆۋەن قىلىپ ھورۇنلۇق بىلەن قەدەم ئالاتتى. بەزىدە يول ئۈستىدە كۆكىرىپ تۇرغان تىكەنلىك ئوتلارنى كۆرگەندە توختاپ   ئۇنى يالماپ ئېلىپ كۆشەيتى دە يەنە مېڭىپ كېتەتتى.

    ئەگەر ھېلىقى چوكان ئالۋاستى ياكى جىن شاياتۇن بولغان بولسا دەپ خىياللىرىنى داۋام قىلاتتى سۈپۈرگە،-ئۇنداقتا مەن نېمە بولىمەن؟ مەن ئۇ ئالۋاستى خوتۇن بىلەن  قۇچاقلىشىپ ياتقان ئەمەسمىدىم ؟ بەلكىم مەن ئۆزۈممۇ شۇ كۈندىن باشلاپ يېرىمى ئادەم، يېرىمى جىن بىر نىمىگە ئايلىنىپ بولغاندىمەن؟ ......نىمىشقا مەنلا سۆزلەيمەن   سەن ئېشەك گەپ قىلمايسەن؟ دانالارنىڭ: كۆپ سۆزلىگەندىن ئاز سۆزلىگەن ياخشى،  سۆزلىگەن سۆزلىمىگەنگە يەتمەيدۇ دېگەن ھېكمەتلىك گەپلىرىنى ئاڭلىۋالغانمۇ سەن يە؟ .... بەزى ھۆكۈمرانلارمۇ  گەپنى ئاز قىلىدۇ. ئۈندىمەسلىك ئۇلارنىڭ دانالىقىدىن ئەمەس، ھەيۋىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ. ئۈندىمەسلىك ئۇلارنىڭ بىلىمسىزلىكىنى  ساۋاتسىزلىقىنى يوشۇرۇپ قالىدۇ .ئۆلۈك نىمىشقا سۈرلۈك؟ چۈنكى ئۇ سۆزلىيەلمەيدۇ......ئەگەر سەنمۇ يېرىمى ئادەم   يېرىمى ئېشەك بولۇپ قالغان بولساڭ قانداق ياخشى بولاتتى ھە؟ ئۇ چاغدا مەن سېنى ھەم مىنىۋالاتتىم ھەم ئىككىمىز قىززىق پاراڭلىشىپ ماڭاتتۇق،  ھازىر سەن پەقەتلا ئاڭلايسەن، ئۈندىمەيسەن  يېرىمى ئېشەك يېرىمى ئادەم بولغان بولساڭ سەنمۇ بېشىڭدىن ئۆتكەن

    ئىشلارنى   تۇغۇلغاندىن بېرى قانداق ئېغىللاردا قانداق ئېغىللاردايېتىپ   قانداق ئېتىزلاردا قونغانلىرىڭنى:   كىملەر بىلەن مۇھاببەت باغلاشقىنىڭنى قىززىق قىلىپ سۆزلەپ بېرەتتىڭ. ھېلىقى ئالۋاستى چوكاننىڭ كېچىدە قەيەرگە يوقالغانلىقىنى ئەلۋەتتە سەن بىلىسەن،  بۇ سىرنىمۇ ماڭا ئېيتىپ بەرگەن بولاتتىڭ ......... توختا   بىز يەنە بىر نېمىنى ئۇنتۇپتۇق .

    ھېلىقى خوتۇنلار ئالۋاستى بولغان تەقدىردە   ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن تىللالىرى نېمە  بولىدۇ سۈپۈرگە ئېشەكنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپلا بىر تەرەپكە قىيسايدى دە   ئاستىدىكى خورجۇننىڭ كۆزىدىن تىللا سېلىنىغان خالتىنى سۇغۇرىۋېلىپ ئاغىزىنى ئاچتى. ساپ ئالتۇنلار قۇياش نۇرىدا ئۇنىڭ كۆزلىرىنى قاماشتۇرىۋەتتى .

    -«پاھ» دەۋەتتى سۈپۈرگە بۇ تېخى قۇيۇلغاندىن بېرى بازار يۈزىنى كۆرمەي شاھنىڭ خەزىنىلىرىدىلا ساقلانغان ساپ تىللالاردىن ئىكەن. بۇ ئالتۇنلار ئىككىمىزنىڭ بىر ئۆمۈر يەپ يېتىشىمىزغا يېتىپ ئېشىپ قالغۇدەك. بۇنچىلىك دۇنيانى كۆتۈرۈپ يۇرتقا ساق سالامەت يېتىپ بارساق كىشىلەر نېمە دەر؟

    ئەلۋەتتە ئۇلار«سۈپۈرگە پادىشاھنىڭ خەزىنىسىگە ئوغۇرلۇققا چۈشۈپتۇ غۇ» دىمەيدۇ.  لېكىن ئۇلار چوقۇم «سۈپۈرگىگە چۆللەردە بىرەر مەخپىي خەزىنە ئۇچىراپ قاپتۇ» دەيدۇ. خەق نېمە دېسە دېمەمدۇ. بايلارغا ئوخشاش مەنمۇ باغلىق ھويلىلارنى قىلاي   شەھەرمۇ شەھەر كېزىپ يۈرىيدىغان مۇنداق بىمەنە ئىشنى تاشلاي. سەن دەپ باققىنە،  خوتۇندىن بىرنى ئالسام بولارمۇ ياكى ئىككىنى؟.......سەندىن مەسلىھەت سورىسامغۇ ھەقاچان «چامىڭ يەتسە ئوننى ئال» دەيسەن. مەن ئۇنداق ئۆزۈمگە ئوشۇقچە ئاۋارىچىلىق تاپىدىغان ئەخمەقلەردىن ئەمەس. ئەمما ۋاقتى سائىتىدا يەم بېرىپ   ئېغىللىرىڭنى سۈپۈرۈپ تۇرىدىغان بىر ئىككى چاكار ياللىشىم مۇمكىن، يەنە ئاشپەز  باغۋەن   مەپىكەش دېگەن دەك خىزمەتكارلارنىمۇ ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ .زىرىككەندە كۆڭلىمىزنى ئاچىدىغان ئەلنەغمىچىلەر بولمىسىمۇ بولمايدۇ. ئۇ چاغدا بىز يەپ ئىچىپ،  ئېغىناپ يېتىپ سەمىرىپ كېتىشىمىز مۇمكىن. سەن بەلكىم بىكارچىلىقتىن زېرىكىپ ئارغامچاڭنى ئۈزۈپ چىقىپ،  چىشى دوستلىرىڭنى ئىزدەپ ناشايان ئىشلارغا بېرىلىپ كېتەرسەن ھەرقاچان ..... .شۇڭا دانالار: بىر ئادەمگە، بىر ئېشەككە سىمىزلىك ياراشمايدۇ دەپ توغرا ئېيتقان. ئىنساپ بىلەن ئېيتقاندا  بۇ كىشىنىڭ ھەققى. ئۇنى بىھۇدە سەرىپ قىلىشقا ھەققىمىز يوق. ھېلىقى ئەقىلسىز چوكاننىڭ بۇ ئالتۇننى بىزگە تاشلاپ كېتىپ ئوشۇقچە باش ئاغرىقى تېپىپ بەرگىنىنى قارىمامدىغان. ھاياتلا بولساق زىمىننىڭ بىر يېرىدە ئۇلار بىلەن يەنە دوقۇرىشىپ قالارمىز .... قارا، بىز شۇ چوكاننىڭ ئىسمىنىمۇ سورىۋالماپتىمىز،  شۇنچە كۈنلەر بىللە يۈرۈپ ئۇمۇ مېنىڭ ئىسمىمنىڭ نىمىلىكىنى سوراپ قويماپتۇ. نىمىدېگەن  غەلىتە ئىش ھە ؟ ....... تەقدىر ئۇلارنى يەنە بىز بىلەن ئۇچىراشتۇرغان چاغدا   بەلكىم شاھزادە چوڭلا ئادەم بولۇپ كېتەر،  ئەمما چوكاننى چوقۇم تونىۋالالايمىز......

    ئېشەك تۇيۇقسىزلا ئىتتىك مېڭىپ كېتىۋىدى   سۈپۈرگە ئارقىسىغا ئۇچۇپ كەتكىلى تاسلا قالدى (ھەي سەن ھارامدىن بولغان) دەپ خاپا بولۇپ كەتتى ئۇ ئېشىكىگە -مېنى يىقىلىپ ئۆلسۇن   ئالتۇنلار ئۆزۈمچىلا قالسۇن پۇلنى ئايىماي خەجلەپ يۈزلەپ خوتۇن ئالاي دىمەكچىمۇ سەن؟

    سۈپۈرگە بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ سۆزىدىن توختاپ قالدى. يىراقتىن بىر يېزىنىڭ دەرەخلىرى كۆرۈنگەن بولۇپ،  ئېشەك شۇ يەردە توختاپ ئارام ئېلىشقا ئالدىرىغانىدى. سۈپۈرگە ۋارقىراپ كەتتى .

    (توختا......سەن بۈگۈن نېمە  بولدۇڭ  توختا   شۇ قىلغىنىڭغا مەن بۈگۈن ساڭا بىر ئوچۇممۇ يەم بەرمەيمەن دەپ ئېشىكىنىڭ چۇلۋۇرىنى تارتتى ئۇ، قارا ئاۋۇ يەرگە نىمانچە   كۆپ ئادەم يىغىلىۋالغان ؟

    يېزىغا كىرىپ كېتىدىغان يول ئۈستىدىكى كۆۋرۈك يېنىغا بىر توپ ئادەم ئولىشىۋالغان بولۇپ،  ئۇلار نېمىلەر توغرىسىدىدۇر غۇلىغۇلا قىلىشماقتا ئىدى.  قىززىقچىلىق كۆرۈشكە خۇشتار سۈپۈرگە ئېشىكىنىڭ بېشىنى شۇ تەرەپكە بۇرىدى. ئادەملەرگە يېقىنلاشقاندا ئېشىكىدىن سەكرەپ چۈشۈپ  توپنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ھەممە ئادەم ئېڭىشپ قاراۋاتقان يەرگە قىسىلىپ

    ئۆتتى.«سۇبىھاناللا» سۈپۈرگە ئۇ يەردە يولنىڭ توپىسىغا مىلىنىپ ياتقان بىر جەسەتنى كۆردى. بۇ ھېلىقى بوۋاق شاھزادىنىڭ جەسىتى ئىدى.  جەسەتنىڭ بېشىنى كىمدۇر بىرى كېسىپ ئەكەتكەنىدى .

    -مەن سەھەردىلا ئۆيدىن چىقىپ   سۇ ئېلىش ئۈچۈن بۇ كۆۋرۈك تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتاتتىم دەپ ئۆزىنىڭ كۆرگەنلىرىنى يېڭى كەلگەن ھەر بىر ئادەمگە ھېكايە قىلىپ بېتىۋاتاتتى بىر بوۋاي-  قارىسام بىر خوتۇن قولىدا ئەنە ئاۋۇ بوۋاقنى كۆتۈرۈپ دۆڭلۈك تەرەپتىن چۈشۈپ كېلىۋېتىپتۇ. بىزنىڭ يېزىغا ئەتتىگەندە كېلىۋاتقان بۇ كىمدۇ ئۆزى ؟ دەپ قالدىم. شۇ چاغدا مانا يولنىڭ ئەگمىسىدىنلا بىر نەتچە ئاتلىقلار ئايالنى كۆرۈپ (ھەي خوتۇن  توختا. نەگە كېتىپ بارىسەن   توختا) دەپ ۋارقىرىدى. مەن بۇ گەپلەرنى ئېنىق ئاڭلاپ تۇردۇم. ھېلىقى ئايال قولىدىكى بالىسىنى باغرىغا مەھكەم بېسىپ،  كۆۋرۈك تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى. ئاتلىقلار ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ كېلىپ بىردەمدىلا ئۇنىڭغا يېتىشىۋالدى. مانا مۇشۇ كۆۋرۈكنىڭ بېشىدا ئۇلار بىر بىرى بىلەن ئېلىشىپ كەتتى .

    يائاللا ئۆمرۈمدە مەن مۇنداق قاۋۇل ئايالنى كۆرمىگەنىكەنمەن. ئۇ ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىپ بېشىغا قامچا سالغان لەشكەرنى بىر تارتىپلا ئاتنىڭ ئۈستىدىن سۆرەپ چۈشتى .

    قولىدىكى بالىسىنى تارتىۋالماقچى بولغان يەنە بىر لەشكەرنى بىر تېپىك بىلەن ئارقىسىغا ئۇچۇرىۋەتتى. بالا خرقىراپ يىغلاپ كەتتى. لەشكەرلەر قېلىچىلىرىنى سۇغۇرىۋېلىشتى. مەن قورققىنىمدىن ئەنە ئاۋۇ چاتقاللىقنىڭ ئاقىسىغا دۈملا چۈشۈپ مۆكىۋالدىم. ئاتلارنىڭ دۈپۈرلەشكىنىنى قېلىچلارنىڭ نىمىگىدۇر ئۇرۇلۇپ جاراڭلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇردۇم. بىر چاغدا پاتپاراقچىلىق بېسىلغاندەك بولدى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام   لەشكەرلەر كىيىم كېچەكلىرىنى قېقىپ،  ئېتىنىڭ تۆشباغلىرىنى چىڭىتىۋېتىپتۇ. بىر لەشكەر يەردىن بىر نىمىنى ئېلىپ خالتىسىغا سېلىپ ئاتقا غانجۇغىلىغاندەك قىلىپ قالدى. ئاندىن ئاتلىرىنى مىنىشىپ، ئارقىسىغا يېىنىپ كېتىشتى. قورققىنىمدىن پۇت قولۇمدا جان قالماپتۇ   ئۇلار كەتكەندىن كېيىنمۇ خېلىغىچە ئورنۇمدىن تۇرالماي قالدىم .

    -ئىشتانچۇ، ئىشتىنىڭغۇ ساقتۇر بوۋا دەپ چاقچاق قىلدى كىمدۇر بىرى ئۇنۇڭغا.

    چاقچىقىڭنى قوي دەپ تېرىكتى بوۋاي-شۇنىڭ بىلەن ئورنۇمدىىن تۇرۇپ بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ كېلىپ قارىسام   بۇيەردە بالىنىڭ جەسىتى يېتىپتۇ. كاللىسى يوق .

    ئەرۋاھىم ئۈركىدى. سۇنىمۇ ئالماي مەھەللىگە يۈگۈردۈم   مەھەللىدىكىلەرگە خەۋەر يەتكۈزۈپ ئادەم باشلاپ كەلدىم. مانا شۇ گەپ .........

    -ئايالچۇ دەپ ئالدىراپ سورىدى سۈپۈرگە بوۋاينىڭ گېپى ئاخىرلىششى بىلەن.

    -شۇنىڭغا ئەقىلىم ھەيران،  ئايالنىڭ نەگە يوقىلىپ كەتكىنىنى مەنمۇ بىلەلمەي  قالدىم .

    -بەلكى قورققىنىڭدىن ئوبدانراق سەپسالمىغانسەن، ئۇلار ئايالنى باغلاپ ئەكەتكەندۇر ؟

    ياق   ياق   دەپ بېشىنى سىلكىپ رەت قىلدى بوۋاي،  -ئۆزۈم قېرى بولساممۇ   كۆزۈم خېلى روشەن   ئۇلار ھەربىر ئاتنىڭ ئۈستىدە بىردىنلا لەشكەر ئولتۇرۇپ كېتىشتى. مەن ئېنىق كۆردۈم. ئۇلار يىراقلاپ كەتكەندىن كېيىن   بۇ يەرگە كېلىپ ئۇياق بۇ ياققا قاراپمۇ ھېلىقى ئايالنىڭ قارىسىنى كۆرمىدىم ياكى ئۇ قېچىپ جېنىنى دالدىغا ئالغاندۇر. ؟

    ئۇ قاچقان تەقدىردە ئاتلىق لەشكەرلەر بىردەمدىلا قوغلاپ يېتىدۇغۇ؟..... ئۇچۇپ ئاسمانغا چىقىپ كەتتىمۇ يە دەپ كۈلۈپ قويدى بوۋاي.  

    سۈپۈرگە خۇددى ئۇچۇپ كېتىۋاتقان ئايالنى كۆرگەندەك ئاسمانغا قاراپ قويدى .

    ئەتىراپتىكىلەر يەنە بۇ ۋەقە ھەققىدىكى غۇلىغۇلىغا چۈشۈپ كەتتى . شۈپۈرگىنىڭ يەردە ياتقان جەسەتكە قاراپ كۆڭلى بىر قىسما بولدى. قانداقلا بولسۇن،  ئۇ بۇ بالا شاھزادە بىلەن بىر قانچە كۈن بىللە ھەمسەپەر بولغانىدى. سۈپۈرگە توپنىڭ ئىچىدىن چىقىپ ئېشىكىگە مىندى دە   كۆپچىلىككە قاراپ ئۈنلۈك سۆزلىدى ؛ 

    -ھاي خالايىق،  ماڭا قاراڭلار   مەن يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان يولوچىمەن  كاللسى ئېلىنغان بۇ بالىنىڭ كىملىكىنى سىلەرمۇ بىلمەيدىكەنسىلەر  مەنمۇ بىلمەيمەن. مەيلى كىم بولسۇن،  ئۇنىڭ جەسىتى يول ئۈستىدە   مۇشۇنداق ئوچۇقچىلىقتا تاشلىنىپ تۇرسا بولمايدۇ،-دە قاراڭلار جەسەتكە چىۋىن ئولاشقىلى تۇرۇپتۇ. شۇ ئۆلگەن نارسىدە ئۈچۈن مەن ئازىراق پۇل سەدىقە قىلاي،  سىلەر ئۇنى كۆمۈۋېتىڭلار ...خوش   ئاۋۇ توپىغا مىلىنىپ تۇرغان نېمە ئۇ؟ ..... مارجانمۇ   تۇمارمۇ؟ ئېھتىمال بوۋاقنىڭ ياكى ئۇنىڭ ئانىسنىڭ بوينىدىن چۈشۈپ قالغان نەرسە بولسا كېرەك. ئۇنى ماڭا ئېلىپ بېرىڭلار. بەرگەن پۇلۇمنىڭ ھەققى ئۈچۈن ئۇنى مەن خاتىرە قىلىپ ساقلاپ قوياي .

    كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئاستىدا توپىغا كۆمۈلۈپ قالاي دېگەن قاپقارا نەرسىنى سۈپۈرگىنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرى ئېشەكنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپلا بايقىغانىدى. كىمدۇر بىرى ئۇنى ئىڭىشىپ قولىغا ئالدى. ئىككىنجى  ئۈچۈنجى كىشىمۇ ئۇنى قولىغا ئېلىپ قىززىقىپ قارىدى .

    بۇ ئۈچبۈرجەك شەكىلدىكى   قارا مەخمەلگە ئوراپ   قارا يىپەك بۇغقۇچقا باغلانغان ئاددىيلا تۇمار ئىدى. ئاخىرىدا ھېلىقى ھىكايىچى بوۋاي قولىغا ئالدى. ئۇياق بۇ يېقىغا ئۆرۈپ ئوبداق قارىدى دە سۈپۈرگىگە بەردى. سۈپۈرگە قويىدىن بىر نەتچە تىللانى ئېلىپ بوۋاينىڭ ئالقىنىغا تاشلىدى. ساپ ئالتۇق قۇياش نۇرىدا ۋاللىدە چاقناپ  بوۋاينىڭ ئالقىنىغا جىرىڭلاپ چۈشتى .

    ئوھوي دەپ ھەيرانلىقتا يىنىك تىنىشتى ئەتراپتا تۇرغانلار.

    -خۇدا ساڭا رھەمەت قىلسۇن   سېخى يولۇچى دېدى بوۋاي.

    سۈپۈرگە خوشلىشىپ   ئېشىكىنى دېۋىتىپ ئىتتىك مېڭىپ كەتتى

    دىمەك دەيتى سۈپۈرگە ئۆز ئۆزىگە ئوردىنىڭ شاھزادىنى ئىزدەپ چىققان لەشكەرلىرى ئۇنىڭ كاللىسىنى كېسىپ ئەكىتىپتۇ. ئۇلارغا ئوردىدا بۇ قاچقۇن شاھزادىنىڭ كاللىسى ئۈچۈن نۇرغۇن مۇكاپات بېرىشىدۇ. سىرلىق يېرى   ھېلىقى چوكان قەيەرگە غايىپ بولدى) سۈپۈرگە ئەمدى ئۇ چوكاننىڭ ئالۋاستى ئىكەنلىكىگە ھەقىقىي ئىشەندى. بولمىسا ئۇ   بىر قانچە ئاتلىق لەشكەرلەرنىڭ قولىدىن چىقىپ قانداق غايىپ بولۇپ كېتەلەيدۇ.؟

    ھەممىدىن قىززىقى دەيتى ئۇ ئېشىكىگە قاراپ شۇ ئالۋاستى ئايال بىلەن مەن قانچە كۈن بىر داستىخاندا تاماق يەپ  ئۇنى قوينۇمغا سېلىپ يېتىپتىمەن. سەن ئۇنى بەزىدە ئۈستۈڭگە مىندۈرۈپ مېڭىپسەن ..... ئەگەر چوكان كېچىدە كەپىدىن كېتىپ قالمىغان بولسا قانداق بولاتتىكىن؟ ئۇ چاغدا پادىشاھنىڭ لەشكەرلىرى ئۇلارنى بايقىماي چوڭ يول بىلەن ئۆتۈپ كېتىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. ئەگەر ئۇلارنى كەپىنىڭ ئىچىدىن تېپىۋالغان بولسىچۇ؟ ئۇ چاغدا لەشكەرلەر شاھزادىگە قوشۇپ مېنىڭ كاللامنىمۇ ئالغان بولاتتى. قاتتىقراق ھاڭراپ كەتكەن بولساڭ سېنىڭ بېشىڭنىمۇ ساق قويماس ئىدى. چۈنكى بىز ئىككىمىز ھېلىقى چوكاندەك غايىپ بولۇپ كېتەلمەيمىز   دە؟ خۇدا   بالا قازادىن ئۆزۈڭ بىر ساقلاپسەن دەپ شۈركۈنۈپ   كەتتى سۈپۈرگە،-ئەمدى بۇ غەلىتە قىسمەت مۇشۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشامدۇ ياكى داۋامى بارمۇ ؟ بىلگۈچى ئۆزۈڭ. قان تۆكۈلگەنىكەن  چوقۇم ئۇنىڭ قىساسى بولىدۇ. زورايغانلارنىڭ ئاجىزلىمايدىغىنى يوق،  سەلتەنەت ھېچكىم ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئەمەس......ھەر ھالدا مەن بۇ تۇمارنى ساقلاپ قوياي،  قېنى قەدىمىڭنى ئىلداملات ئېشىكىم   خەتەر يۈز بەرگەن جايدىن يىراق بولماق دۇرۇس ‹.

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.