«ئۈرۈمچى قۇلىقىڭنى تارت» توغرىسىدا(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-08 00:00:00

«ئۈرۈمچى قۇلىقىڭنى تارت» توغرىسىدائابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنبۇ-ئىغاڭلاتسا يوپۇرماقلىرىدىن گۈل تۆكۈلىدىغان ، تىكەنلىك دەرەختىن باشقا ھېچنەرسە يىلتىز تارتالمايدىغان مەدەنىيەت چۆللۈكىدىكى ھ...

    «ئۈرۈمچى قۇلىقىڭنى تارت» توغرىسىدا

    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

     

     

    بۇ-ئىغاڭلاتسا يوپۇرماقلىرىدىن گۈل تۆكۈلىدىغان ، تىكەنلىك دەرەختىن باشقا ھېچنەرسە يىلتىز تارتالمايدىغان مەدەنىيەت چۆللۈكىدىكى ھازىرقى زامان ئەپسانىسى. . .

     
    بۇ-يۈرىكى زەرگەرنىڭ ئېرىتىش ئوچىقىدا سۇغا ئايلىنىپ ، يالجىراپ تۇرغان چوغقا سىڭىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سېزىپ تۇرسىمۇ ، نىگاھىنى ساختا تەكەللۇپ يوپۇرماقلىرى بىلەن بېزەندۈرۈپ تۇرغان شۆھرەت قەھۋەخانىسىدا ئۇقۇلغان كېچىلىك ناخشا. . .

     
    بۇ ئەتىرگۈل بەرگىگە سېغىز تۇپراق چاڭ توزانلىرىدىن لاك سۈركەلگەن ، ئەقىل – ئىدراك ئەينىكىگە ھودۇققان تەلۋىنىڭ ئېغىر مۇشتىدىن دەز كەتكەن ، قىرائەتچى قارىينىڭ كۆز قىرى مۇقەددەس كىتاب سەھىپىلىرىدىن لېپاپىغا قاچىلانغان ، ئاقچىنىڭ ۋەزنىگە سىيرىلىپ كەتكەن تومۇز ئاپتىپىدىكى غەلىتە رىۋايەت. . .


    بۇ «كېچىسى قەتلى قىلىنىپ، كۈندۈزى ھازا ئاچقان» ھىيلىگەر بەگزادىنىڭ قارا قەلبىدىن تامغان قارا بوتقىدا بويالغان ھېلىلە ياغلىقىنى كۆزىگە تاقىۋالغانلىقىنى ئۇنتۇلغان سەبىينىڭ قاتىلغا ئەگىشىپ ، ياقا يىرتىپ ۋارقىرىغان ھاماقەت نالىسى . . .


    بۇ – يوپۇرماقلىرىنى بوران سوققان ، قوۋزاق پوستىنى ئېشەك غاجىلىغان ، تۈۋىنى سەلەپنىڭ قارا سوقماقلىرى بوشاتقان پەرۋىشسىز دەرەخنىڭ بىگۇناھ يولۇچىنى بېسىۋېلىپ ، ئادا قىلماقچى بولغان پىغانىدىن چىققانلىق غۇرۇرى . . .

    بۇ – بىر ئاپەت ، ھاقارەت ، ئاچلىق ، قورقۇش گىردابىدا تەمتىرەپ ھودۇققان بەختسىز ئەرۋاھنىڭ ئۆز تەقدىرىگە ئىز بېسىپ كېلىۋاتقان خۇبىن تىرىك چۈشىدىكى مەجنۇن پىرىسىدەك ئەسەبىي چۈش . . .


    بۇ-رۇستەمنىڭ ئۆز دادىسى زالنى تونۇۋېلىشتىن ئىلگىركى ، ئۇنىڭ كۆكسىگە قاداپ قويغان بەھەيۋەت خەنجىرى. . .


    بۇ – گۈل بىلەن نەۋرۇزنىڭ يۈزلىرىگە زەنجىر تور تاقىۋالغان دەقىقىلەردە بىر بىرىگە قارشى شىلتىشقان قىلىچلىرىنىڭ ئىدراكسىز ساداسى . . .


    بۇ خۇرسىنىغانلىق يىغا ، ھاقارەتلىك نالە ، شۇنىڭدەك قاقاقلاپ ئاڭلانغان كۈلكە ، ئۆز ئۆزىنى قايتا بىلىشنىڭ جىمجىت سۈكۈناتى . . .


    مەن ئويلايمەن :ساغلام بەدەندىن ساغلام ئەقىل تۇغۇلىدۇ . مىللىتىمىزنىڭ نادىر گەۋدىسى بىتابلىق خەستەلىكتىن خالىي ئەمەس !


    مەن ئويلايمەن : بۇزۇلغان مۇھىتتىن بۇزۇقلۇق ئۆمىلەپ چىقىدۇ . مىللىتىمىزنىڭ نادىر گەۋدىسى بىتابلىق خەستەلىكتىن خالىي ئەمەس!


    مەن ئويلايمەن : بۇزۇلغان مۇھىتتىن بۇزۇقلۇق ئۆمىلەپ چىقىدۇ . مىللىتىمىزنىڭ ئىللىق قوينىدا يۇقۇملىنىش پەيدا قىلىدىغان كېسەل سۇغۇرلار يوق ئەمەس !

    مەن ئويلايمەن : ئەقىلنىڭ بىر قانىتى ۋىجدان ، يەنە بىر قانىتى ئار نومۇس . مىللىتىمىزنىڭ ئەقىل ئىگىلىرى پاك ۋىجدانىنى ئۇلۇغلاپ ، ناپاك قاباھەتنى قامچىلاشنى ئىنسانى بۇرچ دەپ بىلىدۇ . بۇنداق ئۆتكۈر ئەقىل ئىدراك مۇنبىرىدە سۇيىقەست ئۇستىكاسىنىڭ ، ھىيلە يىلىملىرىدا يەملەنگەن زىيانكەشلىك دەۋالىرىنىڭ ‹‹ئادالەت مۆھىرى ›› بىلەن پېچەتلىنىپ ، بەر قارار تېپىشىدىن ئىبلىسنى خۇشال قىلىدىغان پاجىئەلەرنىڭ چىقماسلىقىغا يەنە ئەقىل ئىدراك ، ئادىل ۋىجدان ، ئىزگۈلۈككە بولغان ئىشەنچ – ئىماندىن باشقا قايسىبىر قۇدرەت كاپالەت بېرەلەيدۇ ؟ ! ئادىشىپ ئىشىنىپ قېلىش خۇددى بىۋاسىتە ئەمەلىيەتتە ، بىۋاسىتە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ئىشىنىشتەك بەرقارار بولمىسىمۇ ، ھەر ھالدا كۆڭۈلدىن كۆزگىچە دولقۇن چېچىپ تۇرىدىغان ئىشەنچتۇر . بۇ ئىنساندا بولۇپ تۇرىدىغان بىلىش جەريانىدىكى ھەقىقەتكە يانداشقان غەيرىي ھەقىقىي ھادىسە . ئۇ ئۆز ئۆزىنى ئىنكار ۋە سالاۋات قىلىشقا تەييار بولغان «سۆيۈملۈك ئادىشىش» مەن گىرىكلار دارغا ئېسىۋاتقان سوقراتىنى ، قۇندۇز ھاكىمى دارغا ئاسقان مەشرەپنى ، بۇرھانىدىن خوجا چاپقان ئەرشىنى ، تاز مەزۇن بوغۇزلىغان ئابدۇقادىر داموللامنى ئۆز خەلقىدىن چىققان دۈشمەنلەر ياتلارغا ئالدىنىپ قەتلى قىلغان ، دەپ قاراپ كېلىۋاتىمەن . بىر زامانلاردا خەنزۇلار ئالدىدا ۋاڭ جىڭۋىي ئەمەس ، بەلكى لۈشۈن ئەپەندى مىللەت خائىنى دېيىلگەنىدى . كېيىنچە ئويغانغان جامائەت لۈشۈن جىنازا يۇپۇغى ئۈستىگە «مىللەتنىڭ ئەرۋاھى» ( مىللەتنىڭ روھى ) دېگەن يوغان ئۈچ خەتنى يېزىشتى . يېقىندىلا قىرغىز – ئۆزبېك مىللەتلىرىنىڭ كالتە توقۇنۇشلىرىدا ، ئۆز خەلقىگە ھاي بەرگەنلىكى ئۈچۈن چىڭغىز ئايتماتوفنى ئۆز مىللىتى ئارىسىدىكى بەزى كىشىلەر ‹‹ مىللەت خائىنى ›› دەپ ۋاقىراشمىدىمۇ ؟ مانا بۇلار ، بىۋاسىتە ئەمەلىيەتتە سىنالمىغان ، كۈزىنىڭ ھېچقانداق شاھىتلىقى ، مەنتىقىنىڭ ھېچقانداق غەيرىي زىددىيەتلىك ئىزچىللىقى ، سۆز ھەرىكەتنىڭ ھېچقانداق ئۆز ئۆزىگە مەسئۇلىيىتى بولمىغان قارا كەلكۈنى بولماي نېمە ؟


    دەرەخنى ئۇنىڭ ئۆز شېخىنى سايە قىلىپ ، ئۇلارنىڭ بىر بىردىن ئايرىلىپ تۇرغانلىقىدىن پايدىلىنىپ ۋەيران قىلىش مۇمكىن بولغىنىدەك ، ئەقىلنىمۇ گەپ سۆز بىلەن ، تەپەككۇرنىمۇ يالغان ياۋىداق بىلەن بىلەن شاخ شېخىدىن كەسلىۋېتىش مۇمكىن ئىكەن ! ھەيرانمەن : شەيتانمۇ ھاۋا ئانىمىزنىڭ كۆزىگە ئەمەس ، قۇلىقىغا يالغان ياۋىداق سۆزلەپ ، قۇلاقنى كىرلەشتۈرۈپ ‹‹ تۇنجى گۇناھ ›› غا باشلىغانىدى . شۇ يىراق ئەلمىساقتىن بىرى ئاداشقانلارنىڭ كۆپى كۆزدىن ئەمەس ، قۇلاقتىن كەتكەن ! بۇ قارىغۇ قۇلاق ، بۇ تەمىنى سىزىدىغان تىلى ، قاتتىق يۇمشاقنى سىزىدىغان چىشى ، چوڭ كىچىكىنى پەرقلەندۈرىدىغان ئېغىز بوشلۇقى يوق قۇلاق زەررىدىن تاكى ئالەمگىچە بولغان ھەممە نەرسىنى شۇ پېتى يالماپلا ئەقىل تەختىگە يانداشتۇرۇپ قۇيىدۇ . قۇلاق تۈپەيلى يېقىلغان ئوت ، ئېتىلغان ئوق ئازمۇ ؟!


    ئويلاپ قالدىم : قولۇڭنى تارت ، تىلىڭنى تارت ، نەپسىڭنى تارت ! دېگەنلەرنى كۆپ قېتىم ئاڭلىدىم ، كۆپ كىتابلاردىن تەكرا ر ئوقۇدۇم ، ‹‹ قۇلىقىڭنى تارت ›› دېيىش بىزگە ، مۇشۇ ئەۋلاد كىشىلىرىگە قالغان ئاچچىق ھېكمەتنامە بولسا كېرەك . . . « قۇلىقىڭنى تارت » ! شۇ چاغدىلا ئىبلىس توزىقى ، كىشىلىك كىرلىرىدىن پاكلانغان ئىنسانى ئەقىل بۈركۈتنىڭ ھەقىقەت دۇردانىلىرى چېقىنداپ تۇرغان ئىجادىيەت گۈلزارىغا قاراپ سۈزۈك تەپەككۇر ، يەڭگىل بەدەنلىرى بىلەن ئازادە پەرۋاز قىلالايدۇ . بۇنىڭسىز ئىللەت بوتقىسىدىن ئۆمىلەپ تۇرۇشۇڭ مۇمكىن ئەمەس !

    مانا بۇ ، نەملىرى ئاياغلاشقان قەلبىمدىن تىزىلغان ئاخىرقى قەترىلەر

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.