مۇھەممەد ئەل بارادى

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-25 13:21:45

مۇھەممەد ئەل بارادى2005-يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى ساھىبىمىسىر( -1942)مۇكاپاتلانغۇچىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى مۇھەممەد ئەل بارادى 1942-يىلى مىسىردا تۇغۇلغان. 1974-يىلى نيۇيورك ئۇنۋېرسىتېتى دۆلەت قان...



      

    مۇھەممەد ئەل بارادى

    2005-يىللىق  نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى

    مىسىر

    ( -1942)

    مۇكاپاتلانغۇچىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

        مۇھەممەد ئەل بارادى 1942-يىلى مىسىردا تۇغۇلغان. 1974-يىلى نيۇيورك ئۇنۋېرسىتېتى دۆلەت قانۇنى پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1984-يىلى، بارادى خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى باش ئورگىنىنىڭ كاتىپلىق باشقارمىسىغا ئىشقا چۈشكەن. 1984-يىلىسىن 1987-يىلغىچە، ئۇ ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ، خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى باش ئورگىنىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئىش بېجىرگۈچىسى، خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى باش ئورگىنىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1997-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى، بارادى خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى باش ئورگىنىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچى ئەمەلدارلىقىغا رەسمىي سايلانغان ۋە 2001-يىلغىچە ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئىراقتا كەڭ كۆلەملىك قىرغىن قىلىش خاراكتېرلىك قوراللارنىڭ بار-يوقلۇق مەسىلىسىدە، بارادى باشتىن-ئاخىر ئادىل مەيداندا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش پوزىتسىيىسىدە بولدى ھەمدە ئامېرىكا تەرەپ تەمىنلىگەن ئاخباراتقا قارىتا گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. باردىنىڭ ئىزچىل ئاكتىپلىق بىلەن مۇرەسسە قىلىشى نەتىجىسىدە، 2003-يىلى 12-ئايدا ئېران «يادرو قوراللىرىنى كېڭىيتمەسلىك كېلىشىمنامىسى»نىڭ قوشۇمچە ئېنىقلىنامىسىگە ئىمزا قويدى. چاۋشىيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش جەھەتتىمۇ بارادى خېلى چوڭ كۈچ چىقاردى.

       مۇكاپاتقا ئېرىشىش سەۋەبى: يادرو ئېنىرگىيىسىنىڭ ھەربىي ئىشلارد مەقسەتلىك ئىشلىتىلىشىنى توسۇس، شۇنداقلا يادرو ئېنىرگىيىسىنىڭ بىخەتەر ۋە تېنچ ھالدا ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە زور تۆھپە قوشقان.

    يادرو تەھدىتىنى يوقىتىش

    2005-يلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى

       پادىشاھ ئالىيلىرى، ھەرقايسى جانابلار، نورۋىگىيە نوبېل كوممېتىتىنىڭ ھۆرمەتلىك ھەيئەتلىرى، خانىملار، ئەپەندىملەر:

       بۇ ئەڭ ئالىي شان-شەرەپكە ئېرىشكەنلىكىمىزدىن خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى باش ئورگىنى ۋە مەن تولىمۇ شەرەپ ھېس قىلماقتىمىز، پەخىرلىنىۋاتىمىز، ئىپتىخارلىققا چۆمۈۋاتىمىز. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى بۇ شان-شەرەپ بىزنىڭ ئىرادىمىزنى تېخىمۇ چىڭايتىپ مۇستەھكەملىدى.

        ئىنىمنىڭ ئايالى ھازىر مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدىكى بىر يېتىم بالىلار دارىلئېتامىدا خىزمەت قىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرگە ئاشۇ ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالماس  بولۇپ تۇغۇلۇپ قالغان، ئاتا-ئانىلىرى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ، كۈندىلىك ئىش-پائالىيىتىگە قولمۇ قول ياردەم قىلىدۇ، ئۇلارغا خەت يېزىشنى، كىتاب ئوقۇشنى ئۆگىتىدۇ.

        مەنمۇ خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىرلىكتە، خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى باش ئورگىنىدا، يادرو ماتېرىياللىرىنىڭ چېكىدىن ئاشقان دېموكراتىيىزىمچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىمىز. يادرو تېخنىكىسىنىڭ يادرو تېخنىكىسىنىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىشلىتىلىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىز دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يادرو ئەسلىھەلىرىگە قارىتا قاتتىق تەكشۈرۈش ئېلىپ  باردۇق.

      ئىنسانىيەت چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، مەن ۋە مېنىڭ ئىنىمنىڭ ئايالى ئوخشاش بىرنىشان ئۈچۈن تىرىشماقتىمىز. گەرچە بىزنىڭ قوللانغان ئۇسۇللىرىمىز ئوخشاش بولمىسىمۇ!

       شۇنداق تۇرۇقلۇق، بۈگۈنگە قەدەر، ئىنسانىيەت بىخەتەرلىك مەسىلىسى نېمە ئۈچۈن قول يەتمەيدىغان بىر نىشان بولۇپ قالىدۇ؟

       يېقىندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان مۇنداق بەش خىل مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى:

       بىرىنچى؛ نامراتلىق، يۇقۇملۇق كېسەللىك ۋە مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشى؛

       ئىككىنچى؛ قورال كۈچ توقۇنۇشى ــــ بۇ توقۇنۇش دۆلەتلەر ئىچىدىكى توقۇنۇشنىمۇ، دۆلەتلەر ئارا بولغان توقۇنۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

       ئۈچىنچى؛ تەشكىللىك ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جىنايەتلەر.

       تۆتىنچى؛تېروررىزىم.

       بەشىنچى؛ كەڭ كۆلەملىك قىرغىن قىلىش خاراكتېرلىك قوراللار.

        يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن خەۋپلەرنىڭ ھەممىسى چېگرىسىز تەھدىتلەر ــــ بۇ تەھدىتلەرگە نىسبەتەن، ئەنئەنىۋىي بولغان دۆلەت بىخەتەرلىك قارىشى ئەمدى ئەسقاتمايدۇ. بۇ تەھدىتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ كۆپ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىققا باغلىق.

        بۈگۈن، بۇ ھەشەمەتلىك چوڭ زالدا مىڭلىغان كىشىلەر ئولتۇرۇپتىمىز. مەن ھازىر سىلەرنى مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان مىڭغا يېقىن كىشىلەرنى ۋاقتىنچە دۇنيا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ۋەكىلى دەپ ئويلاپ تۇرۇشقا تەكلىپ قىلىمەن. پەلەمپەينىڭ سول تەرىپىدىكى 200 ئادەم دۇنيادىكى باي كىشىلەرنىڭ ۋەكىلى، ئۇلار پۈتۈن يەر شارىدىكى ئىشلىتىشكە بولىدىغان بايلىق مەنبەلىرىنىڭ %80ى ئىگىلەپ بولغان. پەلەمپەينىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى بۇ 400 ئادەم كۈنىگە ئىككى دوللار بىلەن كۈنىنى  قامداۋاتقان جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

        بىز مەيلى ئەقلى ئىقتىدار ياكى قىممەت قارىشى تەرەپتىن كۆزىتەيلى، ئوڭ تەرەپتىكى ئاجىز كىشىلەر توپى ھەرگىزمۇ سول تەرەپتىكى قېرىنداشلىرىدىن تۆۋەن تۇرمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھازىرقى نامراتلىقىنى پەقەت ئۇلارنىڭ تۇغۇلۇش تەقدىرىدىنلا كۆرۈشكە بولىدۇ.

         بىز ياشاۋاتقان بۇ رېئال دۇنيادا، تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ساقلانغىلى بولمايدىغان پۇرسەت تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ھەتتا بەزىلەرنى ياشاش ئىرادىسىدىنمۇ مەھرۇم قىلدى. تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى شۇكى، نامراتلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى، كىشىلىك ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلىتىلىشى، ئەلا بولغان ھۆكۈمەتنىڭ كەمچىل بولۇشى ۋە جەمئىيەتكە چوڭقۇ ريىلتىز تارتىپ كەتكەن ئادالەتسىزلىكلەر تۈپەيلىدىن تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ. نامراتلارنىڭ قىيىنچىلىقى تېخىمۇ قىيىنلىشىدۇ. بۇ خىل ۋەزىيەت ھەرخىل ئىچكى ئۇرۇشلار، تەشكىللىك ئېلىپ بېرىلغان جىنايەتلەر ۋە چېكىدىن ئاشقان دېموكراتىزىمچىلارنىڭ يېتىلىشى ئۈچۈن مۇنبەت تۇپراق بولماقتا.

    بەزى رايونلار يىلالر بۇيى ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىدا ئۆتتى، بۇ رايونلاردا تۇرۇشلۇق دۆلەتلەر توختىماستىن ھەرخىل ئاماللارنى ئويلاپ چىقىپ ئۆزىنىڭ ئىچىدىكى قورقۇنچنى بېسىش ئۈچۈن، ھەرخىل پۇرسەتلەردە ئۆزىنىڭ ھەربىي ئىشلار كۈچىنى كۆز-كۆز قىلدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزى دۆلەتلەرمۇ ئۆزىنى تۇتالماي، ئۆزلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدىكى قىرغىن قىلىش قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا چۈشۈپ كەتتى.

    خانىملار، ئەپەندىلەر:

    15 يىلنىڭ ئالدىدا، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندا، بىز ــ ئارىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر يېپيىڭى  بولغان دۇنيا تۈزۈلمىسىنىڭ، يەنى پۈتۈن ئىنسانىيەت چوڭ ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان دۇنيا تۈزۈلمىسى ـــ بىر باراۋەر بولغان، كەڭ قورساق بولغان، ئۈنۈملۈك بولغان دۇنيا تۈزۈلمىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى ئارزۇ قىلغانىدۇق.

    ئەمما، بۈگۈنگە كەلگەندە، بۇ نىشان يەنىلا شۇنداق قول يەتكىلى بولمايدىغان يىراق يەردە تۇرماقتا. بىز  بەلكىم غەرب بىلەن شىمال ئوتتۇرىسىدىكى توغرا پاسىل تاملارنى ئۆرۈپ تاشلىغاندىمىز. ئەمما، شىمال بىلەن جەنۇبنى ــــ بايلار بىلەن نامراتلار ـــ ئارىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈكنىڭ ئۇلىنى بىز تېخىچە سالمىدۇق.

    يەرشارىلىشىش كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئارىسىدىكى ئارىلىقنى مىسلى كۆرۈنمىگەن دەرىجىدە قىسقارتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، قىسمەن رايونلاردىكى خەتەرلەرنى بىز كۆ”ۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالساق، ئۇنداقتا، شۇ قىسمەن رايونلاردىكى تەھدىتلەر ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەرشارىلاشقان چوڭ خەۋپە ئايلىنىدۇ.

    ئوخشاشلا، ئىلغار پەن-تېىنىكىنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، ئارىمىزدىكى قىسمەن دۆلەتلەر يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تايىنىدىغانلا بولسا، ئۇ چاغدا، بىز دۇنياۋىيلاشقان بۇ تەھدىتكە ئوخشاشلا دۇچار بولىمىز: باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئوخشاش تىپتىكى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەپ چىقىرىشىدىن ئىبارەت بۇ تەھدىتكە ھامان ئۇچرايمىز.

    شۇڭلاشقا، بىز بۇ جاننى ئالغۇچ قوراللارنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە تارقىلىپ كەتكەسلىكىگە چوقۇم كاپالەتلىك قىلىشمىز ـــ يۈزدە يۈز كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

    ئاللىبۇرۇنلا يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولغان دۆلەتلەرگە قارىتا، بىز چوقۇم ئۇلارنىڭ يادرو قوراللىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئەمەلىي قەدىمىنى توختىتىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك.

    بىز  بىخەتەرلىك سىستېمىمىزنى چوقۇم يادرو تەھدىتىگە ئۇچرىمايدىغان ئورۇنغا قۇرىشىمىز كېرەك.

    يۇقىرىدا ئېيتىلىپ ئۆتكەن نىشانلارنىڭ ئەمەلىي ئەھمىيىتى بارمۇ؟ بۇنىشانلارغا بىز يېتەلەمدۇق-يوق؟ مەن شۇنىڭغا چەكسىز ئىشىنىمەنكى، شۇنداق بىز چوقۇم يېتەلەيمىز. ئەمما بىز بۇ نىشانلارغا يېتىشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكى جىددىي بولغان ۋەزىپىلەرنى تاماملىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ:

    ئالدى بىلەن، بىز يادرو ماتېرىياللىرى ۋە يادرو ئاكتىپ ماددىلارنىڭ چېكىدىن ئاشقانن شۇ دېموكراتىزىمچىلارنىڭ قولىغا چۈۈشپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك  قىلىشىمىز كېرەك.

    ئۇنىڭدىن كېيىن، يادرو ماتېرىياللىرىنىڭ ئىشلاپچىقىرىلىش جەريانىنى ئىنتايىن  مەخپىي چىڭ سالىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. ھازىر يۈرگۈزۈلىۋاتقان تۈزۈلمىلەرگە ئاساسەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەرقانداق بىر دۆلەت خەلققە پايدا يەتكۈزۈش باھانىسىدا يادرو ماتېرىياللىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريان سىخىمىسىگە ئېرىشىش ھوقۇقى بار. ئەمما، مۇشۇنداق بولىۋېرىدىغانلا  بولسا، شۇ دۆلەتلەرمۇ ناھايىتى تېزلا يادرو ئوق بېشىنى ياساش تېخنىكىسىنى ئىگەللىۋالالايدۇ.

    بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مەن يادرو ماتېرىياللىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش تەكلىپىنى بېرىمەن ــــ بۇنداق بولغاندا، ھەرقانداق بىر دۆلەت ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپلا بۇ جەھەتتىكى ھەر قانداق ئىشلەپچىقىرىشنى كونترول قىلالمايدۇ.

    بىز يەنە چوقۇم يادرو تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش سىستېمىلىرىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ئاتوم ئېنىرگىيىسى باش ئورگىنىنىڭ يادرو تەكشۈرۈشى يادرو كېڭەيتمەسلىك سىستېمىسىنىڭ مەركىزى شۇنداقلا يېتەكچى ئامىلى. بۇ  يادرو تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىشى ئۈچۈن، ئاتوم ئېنىرگىيىسى باش ئورگىنىنى يېتەرلىك ھوقۇق، ئاخبارات ماتېرىياللىرى، ئىلغار تېخنىكا ۋە يېتەرلىك مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يادرو تەكشۈرۈش خىزمىتى يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە مۇھتاج. ھەرقانداق بىر دۆلەت يادرو كېڭەيتمەسلىك كېلىشىمنامىسىگە خىلاپلىقلا قىلىدىكەن، خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئاتوم ئېنىرگىيىسى باش ئورگىنىنى شۇ دۆلەتكە بېرىپ يادرو تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىشكە تامامەن ھوقۇقلۇق.

    ئۈچىنچى، ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بۈگۈنگە قەدەر، سەككىز-توققۇز دۆلەتتە يادرو قوراللىرى بار. بىزنىڭ 27000 دانە يادرو ئوق بېشىمىز دۇنيانىڭ ھەر قايسە يەرلىرىدە تارقىلىپ ياتماقتا. مەنچە بۇ 27000 دانە يادرو ئوق بېشى بەكمۇ كۆپ.

    خانىملار، ئەپەندىلەر:

    تارىختىن بۇيان، ئىنسانلار ئىزچىل تۈردە ئېتىقاد ئوخشىماسلىقى، ئىجتىمائىي ئاڭ جەھەتتىكى توقۇنۇش، ئىرق مەسىلىسى شۇنداقلا باشقا ھەرخىل اھانە-سەۋەبلەر بىلەن ئۆز-ئارا جەڭ ئېچىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قەدىمدىن ھازىرغىچە، ھەرقانداق بىر مەدەنىيەتلىك دۆلەت ئۆز مەيلى  بىلەن ئۆزىدە بار بولغان قوراللارنى تاشلىۋېتىشنى ئويلاپ باقمىدى، بۈگۈنگە قەدەر، بىز باشقىلار بىلەن ئىلغار زامانىۋىي پەن-تېىنىكا نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىمان بولۇشنى خالايمىزيۇ، ئەمما بىز شۇنداق نەرسىنى ئېتىراپ قىلىشنى جايىللارچە رەت قىلىمىز: بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىز ـــ يادرو مەسىلىسىدىن باشقا جەھەتتە ـــ شۇنداق بىر ئورتاقلىققا ئىگە.

    مەن مىسىردىكى  بىر مۇسۇلمان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدىم. قاھىرە ۋە ئامېرىكىدا مائارىپ تەربىيىسى ئالدىم. ھازىر بولسا ۋېييىنادا تۇرىمەن. مەن بۇ ھاياتىمنىڭ يېرىمىنى ئايالىم بىلەن بىرگە يەر شارىنىڭ شىمالى يېرىم شارىدا، قالغان يېرىم ھاياتىمنى جەنۇبىي يېرىم شارىدا ئۆتكۈزدۈم. ئىنسانىيەت چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى شۇنداقلا ئىنسانلار ئورتاق پايدىلىنالايدىغان قىممەت قارىشى جەھەتتە مېنىڭ ھېس قىلغانلىرىم تېخىمۇ ئەمەلىي بولدى.

     شېكىسپىر «ۋېنىتسىيە سودىگىرى» ناملىق ئەسىرىدە ھەر بىر پېرسوناژنى تىلغا ئالغاندا، مۇنداق سۇئال قويغان: «سىلەر بىزنى يارىلاندۇرغان چاغدا، بىزدىنمۇ ئوخشاش قان ئاقىدىغۇ؟ سىلەر بىزنى غىدىقلىغان چاغدا، بىزنىڭمۇ غىدىقىمىز كېلىپ كۈلىمىز ئەمەسمۇ؟ سىلەر بىزگە زەھەر بەرگەندە، بىزمۇ ھاياتىمىزدىن ئايرىلىمىز ئەمەسمۇ؟ سىلەر بىزگە زىيانكەشلىك قىلغىنىڭلاردا، بىزمۇ ئوخشاشلا قىساس ئالىمىز ئەمەسمۇ؟»

    ئۇ  بىزنىڭ شۇنداق نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ قېلىشىمىزدىن قورققان:

    دۇنيادا ھەرقانداق بىر دىن تار مەنىدىكى ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەمەس ـــ شۇنداقلا ھەر قانداق بىر دىن ئىنسانىيەت ھاياتلىقىنىڭ مۇقەددەسلىكىگە ئېتىبارسىز قارىغان ئەمەس.

    يەھۇدىي دىنى بىزدىن ئىنسانلار مەۋجۇتلۇقىنىڭ گۈزەللىكى ۋە خۇشاللىقىنى قەدىرلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.

    خىرىسئان دىنى بىزنى كىشىلەرگە خۇددى ئۆزىمىزگە مۇئامىلە قىلغاندەك ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ.

    ئىسلام دىنى بىز كىشىنىڭ قاتىلى بولساق، پۈتۈن ئىنسانلىق خۇسۇسىيىتىمىنىڭ ئۆچىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ.

    ھىندى دىنى: پۈتۈن ئالەمنى بىر ئائىلە دەپ كۆرىدۇ.

    بۇددا دىنى: بىزنى ھەممە مەۋجۇدىيەتنى ئوخشاش كۆرىدىغان بىر غەپقەتلىك يۈرەكنىڭ بولىشىغا چاقىرىدۇ.

    بەلكىم بەزىلەر، كەڭ قورساقلىققا شۇنداقلا ئىنسانىيەت ھاياتلىقىنىڭ ئۇلۇغلىقىغا قۇرۇلغان جەمئىيەت ـــ بۇنداق جەمئىيەتتە دۆلەت چېگرىسى، دۆلەت تەۋەلىكى ۋە ئىجتىمائىي ئاڭ شەكلى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى كارى چاغلىق نەرسە بولۇپ قالىدۇ ـــ سەل غايىۋېتىلەشتۈرۈلگەنمۇ قانداق دېيىشى مۇمكىن.  مەن بۇ كىشىلەرگە، بۇ ھەرگىزمۇ غايىچىلىك ئەمەس، بەلكى رېيالىزىم دەيمەن.  چۈنكى تارىخ بىزگە ئۇرۇشنىڭ مەسىلىلەرنى ناھايىتىمۇ ئاز ھەل  قىلالايدىغانلىقىنى ئۆگەتتى. قورال كۈچ بۇرۇنقى جاراھەتلەرنى ساقايتالمايلا قالماستىن، بەلكى يېڭى جاراھەت ئىزلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.

    خانىملار، ئەپەندىلەر:

    يادرو ئېنىرگىيىسىنى قالايمىقان ئىشلىتىشتىكى كۈرەشتە بىزنىڭ كۆرسىتەلەيدىغان تىرىشچانلىقىمىزنى مەن يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتتۈم. تۆۋەندە مەن سىلەرگە ئوخشاشلا مۇشۇ يادرو ئېنىرگىيىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئىنسانىيەتكە قانداق قىلىپ بەخت ياراتقانلىقى  بولىدىغانلىقىن توغرىسىدا سۆزلىمەكچىمەن.

    ۋېيتنامدا، دېھقانلار خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى باش ئورگىنى ياردەم قىلىپ ئۆستۈرۈپ بەرگەن ئوزۇقلۇق مىقدارى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان شاللارنى تېرىيدۇ. پۈتۈن لاتىن ئامېرىكىسدا، يادرو تېخنىكىسى يەر ئاستى سۇ قاتلاملىرىنى تەكشۈرۈشكە شۇنداقلا زاپاس سۇ مىقدارىنى مۆلچەرلەشكە ئىشلىتىلىدۇ. گانادا، نەچچەن مىڭلىغان راك كېسەللىكى بىمارلىرى يېڭى بىر خىل تىپتىكى رادىئوئاكتىپ ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش ئۈسكۈنىسىدە داۋالىنىشنى قۇبۇل  قىلدى. تېنىچ ئوكياننىڭ جەنۇبىدا، ياپون ئالىملىرى يادرو تېخنىكىسى ھاۋارايى ئۆزگىرىشنى تەتقىق قىلىش ئىشلىرىغا ئىشلىتىۋاتىدۇ. ھىندىستاندا، يادرو ئېنىرگىيسىدىن پايدىلىنىپ قۇرۇلغان سەككىز دانە ئېلىكتىر ئىستانىسى بۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتنى يېتەرلىك توك ئېنىرگىيىسى  بىلەن تەمىنلىمەكتە.

    يۇقىرىدا ئېيتىلىپ ئۆتكەن قۇرۇلۇش ۋە ئۇلاردىكى نەچچە مىڭلىغان تۈرلەر، خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى باش ئورگىنىنىڭ باش ئىدىيىسىنى ـــ يادرو ئېنىرگىيىسىنى تېنچلىققا ئىشلىتىش مۇددىئاسى ـــ تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى.

    ئەمما، يادرو ئېنىرگىيىسى  بىلەن يادرو تېخنىكىسىنى كېڭەيتىپ قوللىنىش جەريانىدا، يادرو بىخەتەرلىكى ۋە يۇقىرى دەرىجىدە ئىشەنچلىك ھالدا پۇختا ساقلاشمۇ ناھايىتى مۇھىم مەسىلە.

        خانىملار، ئەپەندىلەر:

         مەن بۈگۈن سىزىپ چىققان كارتىنىلار سەل جىددىي كۆرۈنۈشى مۇمكىن. نۇتۇقۇمنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن، مەن سىلەرگە ئۆزۈمنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا ئىشەنچكە تولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتمەكچىمەن.

        مېنىڭ بۇنچىلىك ئىشەنچكە تولۇشۇمنىڭ سەۋەبى، يەرشارىلىشىشنىڭ ئاكتىپ تەرىپى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى بارغانسېرى ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتە ئۆزئارا بېقىنىدىغان قىلىپ قويغانلىقى ھەمدە بۇ خىل بېقىنىشنىڭ كىشىلەرنى بارغانسېرى ئۇرۇش ئېچىشنى ئۆزلىرى قۇبۇل  قىلالايدىغان تاللاش ئىچىدىن چىقىرىپ تاشلايدىغانلىقىدا.

        ياۋروپا ئىتتىپاقلىقىدىكى 25 دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي تۇرمۇش جەھەتتىكى بېقىنىشى، قورال كۈچكە تايىنىپ بۆلۈنۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغانغا قارىغاندا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولدى. بۇ خىل ئەھۋال ئايرىم-ئايرىم ھالدا ياۋروپادىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىن ۋە شىمالىي ئامېرىكىدىن 55 نەپەر ئەزا دۆلەتتىن قۇرۇلغان ياۋروپا بىخەتەرلىكى ھەمكارلىق تەشكىلىدىمۇ كۆرۈنمەكتە.

         مېنىڭ بۇنچىلىك ئۈمىد-ئارزۇلۇق  بولۇشۇمدىكى سەۋەب،  كىشىلىك جەمئىيەت بارغانسېرى كەسىپ سۆيەر ۋە ئىنسانپەرۋەر بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىدا. كىشىلەر كۆپ مەنبەلىك، كەڭ قورساقلىققا تولغان ۋە باراۋەر بولغان دېموكراتىك جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلار ئۆز ھۆكۈمەتلىرىدىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشماقتا. كىشىلەر ئىجادچانلىققا تولغان ھەل قىلىش ئاماللىرىنى ئويلاپ چىقىشماقتا. كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ بىلىم سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەرخىل فوندلارغا ئىئانە توپلاپ، رايونلاشقان ئامما روھىنى يەرشارىلىشىشقا ئايلاندۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشماقتا. ئىنسانىيەت چوڭ ئائىلىسىنىڭ تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشماقتا.

       ئەڭ ئاخىرىدا، مېنىڭ بۇنچىلىك ئۈمىدلىك تۇرۇشۇمدىكى سەۋەب، مەن ئۆزۈمنىڭ پەرزەنتى ۋە شۇلارنىڭ قۇرداشلىرىدىن كۆرگەن ھەممە نەرسىدە.

        19 ياش ۋاقتىمدا، مەن تۇنجى بولۇپ چەت ئەلگە چىقتىم. مېنىڭ پەرزەنتلىرىم بەلكىم مېنىڭدىنمۇ بەك ئامەتلىك  بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار بوۋاق ۋاقىتلىرىدىن باشلاپلا چەت ئەل مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچرىشىشقا باشلىدى ھەمدە كۆپ مەنبەلەشكەن مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىدە ئۆسۈپ يېتىلدى. مەن شۇنى كەسكىنلىك بىلەن ئېيتالايمەنكى، مېنىڭ ئوغلۇم بىلەن قىزىم، تېرە رەڭگى، ئىرق ۋە دۆلەت تەۋەلىكىگە قىلچە پىسەنت قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۇلارنىڭ دوستى نورىكو، مافۇپو، يۇستىن، ساۋلو ۋە ھۈسەنلەر ئارىسىدا ھېچقانداق پەرق مەۋجۇت ئەمەس؛ ئۇلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا دوست ۋە ھەمرا.

        ساياھەت، ھەرخىل ۋاستە ۋە ئالاقە قاتارلىقلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئېشىۋاتقان يەرشارىلىشىش بىزگە خۇددى مېنىڭ بالىلىرىم ۋە ئۇلارنىڭ دوستلىرى ئارىسىدىكى ساپ، پاك دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە ئوخشاش بىربىرىمىزنى ئىنسان دەپ تونۇشلا كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

       ھۆرمەتلىك ئالىيلىرى، ھەرقايسى جانابلار، خانىملار، ئەپەندىلەر:

        سىلەر ئويلاپ بېقىڭلار، ئەگەر دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇرۇش ماشىنىلىرىغا ئىشلەتكەن پۇللارنى ئىنسانىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىشلەتكەن بولسا، دۇنيا قانداق گۈزەل بولۇپ  كەتكەن بولار ئىدى-ھە!؟ يەنە ئويلاپ بېقىڭلار، دارفۇردا ياكى ۋانكۇۋىردا ئۆلۈپ كەتكەن بىر بالا ئۈچۈن، ھەممىمىز ئازابلىق كۆز يېشىمىزدىن بىر تامچە تۆكۈپ قويغان  بولساق، دۇنيا قانداق بولار ئىدى-ھە؟! ئويلاپ بېقىڭلار، بىز ئەگەر بومبا، ئوق-دورا ئارقىلىق ئەمەس، دېپلوماتىيە ئارقىلىق، سۆھبەت ئارقىلىق جېدەل-ماجرالارنى ھەل قىلغان بولساق، بۇ دۇنيا قانداق ھالەتتە بولار ئىدى-ھە؟! يەنە ئويلاپ بېقىڭلار، ئەگەر ھازىر قولىمىزدا بار بولغان شۇ يادرو قوراللار ئۆتمۈشتىن قالغان يادىكار بويۇم بولۇپ، مۇزىيخانىلاردا ساقلانغان بولسا، دۇنيا قانداق ھالدا بولار ئىدى-ھە؟! ئويلاپ كۆرۈڭلار، بىز كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن زادى نېمە قالدۇرۇپ قويالارمىز؟

       سىلەر شۇنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقساڭلار بولىدۇ، بىزنىڭ شۇنداق گۈزەل دۇنيانى قۇرۇپ چىقىشىمىز ئەلۋەتتە مۇمكىن!

    (گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.