مۇھەببەت ئارمانى 9 (گۈليارە تۇرسۇن)

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-14 17:26:23

مۇھەببەت ئارمانى-سەن بىلەن بىللە بولغان شۇ مىنۇتلارنى ئەسلەش، سېغىنىشتىن زىدە بولغان يۈرىكىمنىڭ بىردىنبىر ئارامى (كۈندىلىك خاتىرەمدىن)**********************************************************«ھە، ئۇمۇ سېنى ياخشى كۆ...



     

    مۇھەببەت       ئارمانى

     -سەن بىلەن بىللە بولغان شۇ مىنۇتلارنى ئەسلەش، سېغىنىشتىن زىدە بولغان يۈرىكىمنىڭ بىردىنبىر ئارامى     (كۈندىلىك خاتىرەمدىن)

    **********************************************************

    \

    «ھە، ئۇمۇ سېنى ياخشى كۆرەمدۇ؟»

    نېمىشقىدۇر كۆڭلۈمدە ئەزىمەت بىلەن بۇ ئىككسىنى بىر يەرگە قويىۋالاتتىم. تۇرۇپلا بۇ ئويۇمنى كۈلكىلىك ھېس قىلاتتىم.

    «ياق، بىلمەيمەن جۇمۇ. مەنچە ياخشى كۆرمەسمىكىن.»

    «نېمە دەپ بۇنداق دەيسەن؟ سەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ دېيىشسەڭ بولمامدۇ؟»

    «ھەي... نېمە دېسەم بولار؟ ئۇنىڭ بىلەن مەن مۇنداقلا تونۇشۇپ قالغان، لېكىن ئۇنى پەقەت ئۇنۇتالمىدىم... كۆرۈشۈشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايمەن، لېكىن ئۇنى كۈندە بىر قېتىم كۆرۈپ تۇرىمەن. ئۇ مېنى كۆرەلمەيدىغان يەردە.»

    بۇ ئۇچۇرنى قانچە قېتىم يېنىش - يېنىشلاپ كۆرگىنىم ئېسىمدە يوق. ئۇنى ئەزىمەت بولۇپ قالسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى دەپ ئويلايمەنيۇ، ئارقىدىن، ياق، ئۇنىڭ قىز دوستى بولىشىنى قۇبۇل قىلالمايمەن. ياق ئۇ ئەمەس.

    «سەن دېمىسەڭ، قانداق بىلىسەن ئۇ قىزنىڭ سېنى ياخشى كۆرىدىغان كۆرمەيدىغىنىنى؟» دەپ ئەۋەتتىم يۈرۈگۈمنى تىترىتىپ تۇرۇپ.  ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن قايتۇردى.

    «مەن ئۇنىڭغا ھېچنىمە بېرەلمەيمەن...»

    ئاھ خۇدا، شۈكرى بەرگەن كۈنلىرىڭگە شۈكرى! مەن بۇنىڭغا قارىغاندا كۆپ بەخىتلىك ئىكەنمەن.

        ئەتىسى ئىمتىھاننى تازا دېگەندەك بېرەلمىدىم. ئۆزۈمنىڭمۇ روھىي - كەيپىياتىم تازا دېگەندەك ئەمەس ئىدى. ئىمتىھاندىن چىقىپ شۇنچىلىك ئىچىم سىقىلدى. نېمە قىلىشىمنى، نەگە بېرىپ، نەدە تۇرۇشۇمنى بىلمەي، ئۆزەمنى قويارغا يەر تاپالماي قالدىم. پەقەت ئۆزۈملا بىلىمەن، نېمىگە مۇشۇنداق بىچارىلەرچە تىت- تىت بولىۋاتقىنىمنى. رافائىلغا ئۇچۇر يوللىۋەتتىم. «بارالمايمەن. ئىمتىھاننى ياخشى بېرەلمىدىم، كەيپىياتىم ياخشى ئەمەس» دەپ يانفونۇمنىمۇ ئىتىۋەتتىم.

       مەكتىپىمىزنىڭ بىر كۆلى بار. بەزىلەرنىڭ مۇشۇ كۆلگە ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلىۋاپتۇ دېگەنلىرىنى ئاڭلايتتۇق. لېكىن راست - يالغىنى ئېنىق ئەمەس ئىدى. بۇنىڭغىمۇ ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيتتىم. بۈگۈنكى مۇشۇ كەيپىياتىم بىلەن مۇشۇ كۆلنى سېغىنغىنىمغا قاراپ، ئادەملەرنىڭ بۇ كۆلگە سەكرەپ ئۆلىۋېلىش ئىمكانىيىتىنىڭ ھەقىقەتەن بارلىقىنى ھېس قىلدىم. ھېلىقى ئۇچۇرنى، ئەزىمەتنى ئويلايتتىم. ياق! ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس، مېنىڭ بۇ ياپراقتەك تىترەپ تۇرغان يۈرۈگۈم ئەمدى ھېچقانداق، ھېچقانداق بىر زەربىنى، تەقدىرنىڭ ماڭا قىلغان تېتىقسىزلارچە چاقچىقىنى قۇبۇل قىلالمايدۇ.    

    *******************************************************

       ئاخشام «100كوي ۋەقەسى»نىڭ ئۇچۇردىكى ھېكايىسىنى قىزلارغا دەپ بەردىم. ھەممىسى ئاغزىلىرىنى ئېچىپ تاڭ قېلىشتى.

    -نېمىگە ئەمدى مۇشۇنچىۋالا ھەيران بولىۋاتىسىلەر؟- دېدىم ئۇلارغا ئاچچىقلانغاندەك قىلىپ. ئۇلارنىڭ مەن ئاڭلاشنى خالىمايدىغان پەرەزدىن بىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى پەقەت، پەقەتلا خالىمايتتىم. لېكىن رېئال تۇرمۇش ھامان شۇنداق رەھىمسىز. ئۇلار ھەممىسى:

    -ئەزىمەت، چوقۇم ئەزىمەت. ئېنىقلا تۇرمامدۇ؟- دېيىشتى. تېخى مېنىڭ ھاياتىمنىڭ نېمە دېگەن كۆپ مۆجىزىلەرگە تولغانلىقىدىن ھەيران بولۇشتى.

    -ياق! مۇمكىن ئەمەس!- دەۋەتكىنىمنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن. ئىتتىك ئۆزۈمنى ئوڭشىدىمدە-تەسەۋۋۇرغا بەك باي بولۇپ كېتىپ بارىسىلەر جۇمۇ! نەدە بۇنداق توغرا كېلىشلەر بولىۋېرىدۇ؟- دېدىم كۆزلىمدىكى چىقايلا دەپ قالغان يېشىمنى يوشۇرۇپ.

    -ئىشەنمىسەڭ ئەمىسە، ئىسمىڭ نېمە؟ دەپ سوراپ باقە!- دېدى مەرخان دېگەن كاسكا. راست! سورىساملا بولىدىغۇ؟! لېكىن بۈگۈنگىچە سورىيالمىدىم. ئۆزۈمگە كىچىككىنە بولسىمۇ ئۈمىد شامىنى ياندۇرۇپ قوياي. بولمىسا ئۇ قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن مېڭىپ چىقىپ بولالمايمەن.

    **********************************************************

    \

        كۈزنىڭ سوغۇق شامىلى نەشتەرگىلا ئوخشايدۇ. نەق يۈرۈگۈمگە سانجىلىپ قالغان نەشتەر. بۇ نەشتەرنى كىم سانجىدى يۈرۈگۈمگە؟!  ئەگەر، ئەگەر راستلا ئۇ بولۇپ قالسا، خوش بولۇشۇم كېرەكمۇ؟ ۋە ياكى قىز دوستى بار ئىكەن، مەيلى مېنىلا ياخشى كۆرسە بولىدىغۇ دەپ، ئۆزۈمنى ئالدايمۇ؟ كۆلنىڭ بويىدىكى سىمونت قىرلارنىڭ يۈزىمۇ بىر قەۋەت نىپىز مۇز تۇتقان ئىدى. ئاستا چىقتىم. دىققەت قىلمىسام چۈشۈپ كېتەتتىم. خۇددى ھازىرقى مەندەك ،ئاستى يوق قۇدۇققا چۈشۈپ كەتكەندەك. قانچىلىك تۇرغىنىمنى بىلمەيمەن. بىر ۋاقىتتا بىلىكىمنى بىرسى ئاستا تارتقاندەك قىلدى.

          رافائىل!!! ئۇ ھاسا تايىقى بىلەن، مۇز تۇتقان يەردە ئاران - ئاران تۇرۇۋاتاتتى. كۆزلىرىدە ماڭا قارىغاندىلا كۆرگىلى بولىدىغان ئىنتىلىش، چەكسىز سېغىنىش چىقىپ تۇراتتى. كۆزلىرى كۆزلىرىمنىڭ ئىچىدىن بىرنېمىلەرنى ئىزدەيتتى. ئۇ چاپىنىنىڭ ئىچىدىن بىر تال سېرىق ئەتتىرگۈل چىقاردى.

         -چىرايلىق قىزچاق. سىزگە ئوخشاش بۇ گۈل سىزنى ئىزدەپ كەلدى. مەڭگۈ گۈلدەك ئېچىلىپ تۇرىشىڭىز كېرەك، يىغلامسىرىغىنىڭىز نېمىسى؟ ياراشمىدى بۇ!- دەپ قوللىرى بىلەن مەڭزىمگە چۈشكەن ياشنى ئېيتتى. 

        بۇ رافائىل ئىككىمىز تونۇشۇپ، ئىككىمىزنىڭ بىرىنچى قېتىم مۇشۇنداق يېقىن تۇرىشىمىز ئىدى. كۆزلىرىمگە نەدىن ئۇنداق كۆپ ياش كەلدى بىلمەيمەن، ئۆزۈمنى ئۇنىڭ قىزىل سىپورت چاپىنى ئوراپ تۇرغان قوينىغا ئاتتىم. ئۇ سەنتۈرۈلۈپ- سەنتۈرۈلۈپ ئۆزىنى ئاران توختاتقان بولسىمۇ، مېنى چىڭ تۇتىۋېلىپ قويۇپ بەرمەيتتى. مەنمۇ ئىچىمدىكى پۈتۈن نەملىكنى كۆز يېشىمغا ئايلاندۇرغاندەك، ئىچىمدىكى بارلىق ئاچچىقلىرىمنىمۇ ياش ئارقىلىق چىقىرىۋەتمەكچى بولغاندەك يىغلايتتىم. ئۇنىڭ بىر قولى ھاسسىدا، بىر قولى مېنى باغرىغا باسقان ھالدا، ئۈنۈم پۈتۈپ، ئاۋازىم چىقماي قالغۇچە، شۇيەردە تۇرۇپتۇق. قۇلىقىمغا ئۇنىڭ يۈرىگىنىڭ گۇپ - گۇپ قىلغان ئاۋازى شۇنچە ئېنىق ئاڭلىناتتى.

         -يىغلاڭغۇ، بىر گەپ دەي، زاڭلىق قىلماڭ ھە؟!- دېدى ئۇ.- سىزنى مۇشۇنداق باغرىمغا بېسىشنى تالاي كېچىلەر ئويلاپ چىققان ئىدىم، گەرچە بۇ ھازىرچە مۇمكىن بولمىسىمۇ ھامان بىر كۈنى، گۈليارەنى باغرىمغا باسىمەنغۇ، دەپ ئويلايتتىم. ئەمما شۇ باغرىمغا باسقاندا چوقۇم خوشاللىقىمدىن يىغلىۋېتىمەنغۇ، دەپ ئويلىغان. دۇنيادا دائىم ئادەملەر ئويلىمىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدىكەن دەيمەن...

        ئۇ سۆزنى شۇنچە سىلىق قىلىدۇ، ئاستا ئاۋازدا، ئالدىرىماي سۆزلەشنى ئادەت قىلغان. شۇڭلاشقىمىكىن، ئادەتتىكىدەك بىر گەپلەرنى قىلسىمۇ، شۇنداق دەبىدەبىلىك ئاڭلىنىدۇ.

         -يۈرۈڭ كېتەيلى، پۇتىڭىزغا سوغ ئۆتۈپ كېتىدىغان بولدى. ھە راست، مېنىڭ بۇ يەردىلىكىمنى سىز قانداق بىلدىڭىز؟- دېدىم بېشىمنى كۆتۇرۈپ ئۇنىڭ يېشىلغا مايىل كۆزلىرىگە قاراپ.

    -سىز نەدىلا بولۇڭ، سىزنى تېپىۋالىمەن. گۈللالە! ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ!

    يۈزلىرىمگە ئانچە - مۇنچە تەبەسسۇم يۈگۈرگەندەك قىلدىيۇ، تۇيۇقسىز يۈزۈمدە يەنە شۇ پېتى قېتىپ قالدى. پۇتلۇرۇم يەرگە چاپلاپ قويغاندەك تۇرۇپلا قالدىم. ئالدىمدا ئەزىمەت تۇراتتى. كۆزلىرى بۇرۇنقىدەكلا كۈلۈپ تۇراتتى...

      شۇنداق! ئالدىمدا مەن نەچچە ۋاقىتنىڭ ياقى تولا ئويلاپ، چىراي - شەكلىنى تولۇق ئېسىمگە ئەكىلشكە شۇنچە تىرىشقان شۇ ئەبلەخ  - ئەزىمەت تۇراتتى. كۆزلىرى يەنىلا كۈلۈپ تۇراتتى، بۇرۇنقىدەكلا. لېكىن ئۇ كۆزلەر ماڭا تىكىلمىگەن.

       -ۋوي، شەھەردە راست ئېزىپ قاپتۇ-دە، بۇ سەھرالىق!

       توۋا، ئەزىمەت رافائىلغا قاراپ سۆزلەۋاتاتتى. رافائىلمۇ كۈلۈپ كېتىپ.

      -ھە راستلا مۇشۇ يەردىكەن. ئىمتىھاننى ياخشى بېرەلمەي كۆڭلى يېرىم بۇ ئۇماقنىڭ. ھوي. ئىككىڭلار تونۇشامسىلەر؟- دېدى رافائىل مېنىڭ ئەزىمەتكە ئاغزىمنى ئېچىپ بەزدەك قاراپ تۇرغان ھالىتىمنى كۆرۈپ. ئۆزەمنى ئوڭشاي دېسەممۇ، پۇت - قولۇمدا جان يوق، يىقىلىپ قالايلا دېدىم. رافائىلغا بىلىنەر - بىلىنمەس يۆلىنىۋالدىم.

        -ھە، بىزنىڭ رائىلەنىڭ دوستىكەن بۇ ئۇماق دوستۇڭ. بىر قېتىم كۆرۈشكەن، رائىلە يېزىدىن كەلگەن سىڭلىم دەپ تونۇشتۇرغان، قارىسام بىزنىڭ مەكتەپتە يۈرۈيدۇ. ھەي مۇشۇ قىز ئېزىپ قالدى جۇمۇ، دەپ تۇرسام، سەن كېلىۋاتىسەن.

      قولۇم، پۇتۇم توختىماي تىترەيتتى. ئىچىمدە ئۇلۇغ ئاللاھقا نالە قىلاتتىم «بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئۇچرىتىپ نە قىلاتتىڭ؟ ئەي ئۇلۇغ ئىگەم، ئەمدى بولسىمۇ ئازراق كۈچ - قۇۋۋەت بەرگىن، غەيرەت - شىجائەتلىك قىلغىن. مېنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغىن.»

       -بايا سىزنىڭ مۇشۇ يەرگە كېتىپ بارغىنىڭىزنى مۇشۇ ئاغىنەم - ئەزىمەت دەپ بەرگەنىدى.

        بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىدىميۇ، غەلەت ئارىلىقىدا ئۇنىڭ يۈزىدىكى تەبەسسۇمنىڭ ئۆچۈپ، ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز بىر خىل ئازاب ئىچىدە ماڭا قاراۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. يۈرۈگۈمنى يۈزمىڭلىغان قوللار مۇجىغاندەك ئاغرىدى، ئىختىيارسىز مەيدەمنى قاماللىدىم! ئۇنىڭ يۈزىنى يەنە بىر كۆرۈش مەقسىدىدە بېشىمنى كۆتۈردۈم. ئۇ يەنە بۇرۇنقىدەك كۈلۈپ تۇراتتى. يەنە نېمە گەپلەر بولغانلىقى ئېسىمدە يوق. پەقەت ئەزىمەتنىڭ خوشلىشىپ ماڭغان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. پۈتۈن كۈچۈمنى ئىشقا سېلىپ كەينىمگە قارىدىم. مەن يەنە كۆردۈم، ئۇنىڭ يۈزىدە مېنىڭكىگە ئوخشاش، ياق مېنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىر قايغۇ - ئەلەم ھۆكۈم سۈرۈپ تۇراتتى. لەۋلىرىم بىلىنەر - بىلىنمەس تىترىگەندەك بولدى. بەلكىم مەن كۈلمەكچى بولغۇيتتۇم، ئەمما كۈلەلمىدىم. ئىككى قەدەم ماڭا- ماڭمايلا كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى. پۇت-قولۇم يۇمشاپ، يەرگە لەيلىگەندەك چۈشتۈم.

    \

         كۆزۈمنى ئاچسام مەكتەپ دوختۇرخانىسىدا يېتىپتىمەن. مەكتەپنىڭ بۇ دوختۇرخانىسىنى ياخشى كۆرمەيمەن. چىشىم ئاغرىپ كىرسەممۇ بىر خىل دورا، قىزىپ قالساممۇ بىر خىل دورا. مەستۇرەنىڭ قولىغا بىرنېمە چىقىپ قالغاندىمۇ شۇ بىر خىللا دورا بەرگەن. شۇنىڭ ياقى كىرىپ باقماپتىكەنمەن. بېشىم يەنە قىيىپلا تۇراتتى. نېمە ئىش بولغانلىقىنى كۈچەپ ئەسلىدىم. ئەسلىدىميۇ ئۆزۈمنى تۇتالماي ئۈن سېلىپ يىغلىدىم. شۇنچە ئېچىنىشلىق بىر خىل مۇڭ - زار چىقىپ تۇرىدىغان بۇ يىغامنى ئاڭلاپ، كارىدوردا تۇرغان ئەزىمەت كىردى.  ئۇنى بېشىدا كۆرمەپتىمەن. قولۇم بىلەن يۈزۈمنى ئېتىۋېلىپ يىغلىغاچقا. ئۇ قولۇمنى ئاستا تارتقاندا كۆزۈمنى ئاچماي تۇرۇپ:

      -چىقىپ كېتىڭ رافائىل. مېنى بىردەم يالغۇز قويۇڭ.- دەپ كېتىپتىمەن.

        -ماۋۇ شەھەرنىڭ دوختۇرخانلىرىدا يىغلىغىلى قويمايدۇ-ھە!

        ئاھ خۇدا، قۇلۇقۇمغا ئىشەنمەي بىردەم جىممىدە تۇرۇپ قالدىم، ئاندىن كۆزۈمنى ئاستا ئاچتىم. ئەزىمەت! ئۇ كارىۋاتنىڭ يېنىدا زوڭزىيىپ ئولتۇراتتى، دەل ماڭا قاراپ. ھېلىقى كۈلكىسى، قاچانلا قارىسا سۈرلۈك كۆرىنىدىغان كۆزلىرى. بۇرۇنقىدەكلا. كۆز ياشلىرىم يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك چۈشۈپ، قۇلاقلىرىمغا، بويۇنلىرىمغا چاچلىرىمنىڭ ئارىسىغا كىرىپ كېتىۋاتاتتى... ئۈنۈمنى چىقارالمىدىم، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم تىترەۋاتاتتى.

       -بۇنداق قىلماڭ. سىز سەھرالىققا ۋارقىراپ - جارقىراپ يۈرسىڭىز يارىشىدىكەن. ھازىر ئۆزىڭىزگە ئوخشىمىدىڭىز، پەقەتلا!

       ئۇنىڭ ئاۋازىمۇ تىترەپ چىقىۋاتاتتى. لېكىن كۆزلىرى يەنە شۇنداق سۈرلۈك.

      -ئۆزۈمگە ئوخشىماي قېلىۋاتقىلى خېلى كۈنلەر بولۇپ قالدى، ئەزىمەت.

    ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۈمچىيىپ تۇرۇپ، مىڭ يېرىمدىن تۆكۈلۈپ تۇرۇپ ئاران - ئاران ئاتىدىم.

       -ياق! مەن ئەبلەخ. شۇنداق دېيىشىڭىزنى سېغىن....

       سۆزىنىڭ ئارقىنى دېمىدى. ئورنىدىن ئىتتىك تۇردى-دە، دېرىزىنىڭ سىرتىغا قارىغاچ ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ.

       -رافائىل سىزنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن. ماڭا نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا توردا سۈرىتىڭىزنى ئەۋەتىپ بەرگەن. لېكىن سىز سەھرالىق راست تەلەيلىك بەخىتلىككەنسىز...

       ۋوي، راست. رافائىلچۇ؟ ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىپتىمەنغۇ!

       -رافائىل قېنى؟ ئۇ قېنى؟

      سول قولۇمدا ئاسما سېلىقلىق ئىدى. سېستىرا كىرىپ ئاسما ئۇكۇلنى ئېلىۋەتتى.

       -مەن بۇ يەرگە كىرگىلى قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟- دېدىم ئۇكۇل بوتۇلكىسىغا قاراپ.

        -ئىككى سائەتتەك بولدى. دوختۇر سىزنى  نېرۋىسى چارچاپ كېتىپتۇ، دەم ئالسۇن دەيدۇ.- دېدى ئۇ بىر ئىستاكان قايناقسۇنى قولۇمغا تۇتقۇزغاچ.- رافائىل سىز يىقىلغاندا يۆلىۋالىمەن دەپ، بىر قولى ھاسىنىڭ ئاستىدا قېلىپ، قولىنى چىقىرىۋاپتۇ. مەن يېنىڭىزغا بارغاندا ئۇمۇ ھۇشىدىن كېتەي دەپتىكەن. ئۇنى بىزنىڭ بالىلار 2- دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتتى.

    **********************************************************

         رافائىلنىڭ ياتىقىغا قانداق بارغىنىمنى بىلمەيمەن. ئېسىمدە قالغىنى، ئەزىمەت مېنى ياتىقىمنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ قويغىنى بولدى.

       -كىرىپ ياخشى بىر ئۇخلىۋېلىڭ، بۈگۈن بەك چارچاپ كەتتىڭىز، كۆزلىرىڭىز ئىششىپ كېتىپتۇ.

        -توختاڭ، كىتابىڭىزنى ئاچىقىپ بېرەي.- دېدىم.

       -ھە؟ سىز مەندىن ئېلىۋالغىنىڭىز بىر كىتاپ ئىدى ھە،راست! نېمەمنى يۈتتۈردۈمكىن دەيمەن؟!

     بوغۇزۇمغا ئاچچىق بىر يىغا قاپلاشتى.

       -بىرەر نەرسىڭىزنى يۈتتۈرۈپ قويدىڭىزمۇ؟- سورىدىم كۆزلىرىم بىلەن نىدا قىلىپ.

       - كىتابىمنىڭ ئىچىدە بىرەر نېمە يوقتۇ؟!

       - ياق، بىر نەچچە قول يازمىدەك خەتلەر يېزىقلىقكەن. باشقا ھېچنىمە يوق.- دېدىم ئازراق جىددىيلىشىپ.

         -ھە... يۈرۈگۈممۇ بىللە كېتىپ قالدىمىكىن دەيمىنا، سىز سەھرالىققا. چۈنكى، يېقىننىڭياقى ئۆزۈمنى تاپالمايلا يۈرۈيمەن،- دېدى ئۇ ۋە يانچۇقىدىن بىر پارچە خەتنى ئالدى.- ئۆمرۈمدە قىلمىغان ئىشتىن بىرنى قىلدىم. يامان سەھرالىق سىز!

       ئۇ يېقىملىق كۈلۈسىرەۋاتاتتى.

        -سىزگە مەڭگۈ دېمەيدىغان، دېيەلمەيدىغان ھەم دېمەيمەن دەپ ئويلىغان گەپلىرىم بار. ئوقۇپ بولۇپ مېنى ھەم خەتنى ئۇنتۇپ كېتىڭ. بۇنى بايا دوختۇرخانىنىڭ كارىدورىدا تۇرۇپ يازغان...

        ئۇ قولۇمغا دوختۇرلار رېتسىپ يازىدىغان تۆت قاتلانغان قەغەزدىن بىرنى تۇتقۇزدى. ئاھ يۈرۈگۈم، ئۇ كەتتى! يۈرۈگۈمنى، تۇنجى مۇھەببىتىمنى ئېلىپ ئۇ - مېنىڭ ئەزمىتىم كەتتى. ماڭا تۈگىمەس قايغۇلارنى قويۇپ قويۇپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى...

    \
     ياتاققا كىرسەم، قىيامەت قايىم بولغىلى تاسلا قاپتۇ.

       -نەگە باردىڭ؟ رافائىل بەك ئىزدەپ كەتتى؟

        -ئاداش ئىمتىھان قەغىزىڭگە ئىسمىڭنىمۇ يازماپسەن؟ نېغمەت ئىسمىڭنى يازغاچ بىر نەچچە تاللاش سۇئاللىرىڭنى توغۇرلاپ قويۇپتۇ...

        قىزلار ھەر تەرەپتىن ھەرخىل گەپلەرنى قىلاتتى. مەستۇرە بايقىدى يەنىلا.

       -ئاداش، يىغلاپسەنغۇ؟ ۋىيىي، ئۇكۇل ئۇرغۇزدىما؟ ۋاي نېمە بولدۇڭ؟ نېمىگە يىغلايسەن؟

        بېشىمنى پەس قىلىپ، ئۈنسىز ياش تۆكىۋاتاتتىم...قولۇمدىكى قەغەزنى يۈرۈگۈمگە چىڭ چاپلاپ...

       قاچانلاردىدۇر، رافائىل ياتاققا تېلىفون قىلدى. چۆچۈپ ئالدىم، تۇرۇپكىنى ئالدىميۇ، يەنە كۆز يېشىمنى توختىتالمىدىم.

        -ماڭا ھېچنىمە بولمىدى. نېمىگە يىغلايسىز، گۈللالە.

      -قولىڭىزغا نېمە بولدى؟

      -ھېچنىمە بولمىدى، گۈليارە. تېرىسى سويۇلۇپ كەتتى، تېرىسى ئازراقلا.

       رافائىل مەڭگۈ يالغان سۆزلىيەلمەيدۇ، ھېچ بولمىغاندا مېنىڭ ئالدىمدا شۇنداق.

       -دەڭە، رافائىل، قولىڭىزغا نېمە بولدى، دەڭە.

      -گۈللالە، سىزگە نېمە بولدى؟ سىز ياخشى بولسىڭىزلا بولدى.

      -دەڭە! رافائىل!

     قانداقلارچە ۋارقىرىۋەتكىنىممۇ ئېسىمدە يوق. تۇرۇپكىنى تاشلاپ، سىرتقا ئۆزەمنى ئاتتىم.

        مەرخان كەينىمدىن كېلىپ، كۈچلۈك قوللىرى بىلەن، مېنى تارتىپ ياتاققا ئەكىرىپ كەتتى.

        -نېمانداق گەپ قىلمىسا! بىزنى كۆزگە ئىلامسەن-يا؟!  بىز ماۋۇ يەردە، بەش قارا كۆز ئەتىگەن ياقى سەندىن قانچە ئەنسىرىدۇق. سەن بىلەمسەن؟ كۈلگەندە بىزگە تەڭ كۈلۈشۈپ بېرىپ، ئەمدى يىغلاپ مۇشۇنداق بولۇپ كېتىپسەن، يەنە مۇشۇنداق يالغۇز چىقىپ كېتىپ، بىزنى قانداق قىلسۇن دەيسەن...

         مەرخاننىڭ بۇنداق ئاچچىقلانغىنىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. ئاچچىقىدا نۇرغۇن گەپلەرنى قازاقچە قىلىۋەتتى. نەچچە قېتىم سىلكۈشلىدى.

       شۇ ئەمەسمۇ ئاداش، ھەممىمىز ئۇرۇق - تۇققاندەك بولۇپ كەتكەن تۇرساق، سەن بۇنداق قىلساڭ باشقىلار نېمە دەيدۇ؟- دېدى ئەزەلدىن يۈز - ئابرويغا دىققەت قىلىدىغان سەبىرە.

        -قاراپ باقە، جېنىم ئادىشىم يۈزلىرىڭ، كىيىملىرىڭگە! مۇشۇنداق تۇرۇپ يەنە نەگە بارماقچىدىڭ؟! بولە چاققان يۈزلىرىڭنى يۈيە، ئات!- دېدى ئەزەلدىن گۈزەللىككە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان مەستۇرە، چۇۋۇلۇپ كەتكەن چاچلىرىمنى ئوڭشىغاچ.  يۈزلىرىمنى يۇيۇپ كىيىملىرىمنى يەڭگۈشلىدىم، بىر ياقتىن ئەتىگەن ياقى بولغان ئىشلارنى بىرەر قۇر دەپ بەردىم. مەرخاندىن باشقىسى يىغلىدى. پەقەت مەرخان:

        -ئاپاڭ ئۆلدىمۇ؟ داداڭ ئۆلدىمۇ؟ نېمىگە بۇنداق يىغلايسىلەر! ھازا ئىچىپ خوشنا ياتاقتىكىلەر ئاڭلىسا نېمە دەيدۇ؟-دەپ ھەممىمىزنى پەس قىلدى.- رىشاتقا دەپ قويدۇم، ھازىر دىلشاتنىڭ ماشىنىسىنى ئېلىپ كېلىدىغان بولدى، باشقا ئىشنى ئويلىما! رافائىلنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن بىر كۆرسەڭلا، خاتىرجەم بولىسەن، قالغان گەپنى كەچتە دېيىشەيلى،- دېدى ئۇ يەنە قولۇمنىڭ سۈرۈلگەن بىر يېرىگە پىلاستىر چاپلاۋېتىپ.

       رافائىل كارىۋاتتا يوتقانغا يۆلىنىپ ياتاتتى، كۆزلىرى يېرىم يۇمۇق. يېنىدا بىر بوكسيورچى ئاغىنىسى تۇراتتى. بۇرۇن ماڭا رافائىل،بۇ ئاغىنىسى توغرۇلۇق كۆپ سۆزلەپ، ماختاپ بەرگەن. -ئۇنىڭ بوكىس ئوينىشى، ئۇ بىر سەنئەت، كۆرسىڭىز تەنتەربىيەنىڭ بىر تۈرى دېمەيسىز، ئادەمگە شۇنداق ئىستىتىك زوق بېرىدۇ.

        مەنمۇ بىر نەچچە قېتىم كۆرۈپ مۇنداقلا سالاملاشقان. ھازىر سالام قىلغۇدەل ھالىممۇ يوق. رافائىلنىڭ يېنىغا يۈگۈرەپ دېگۈدەك باردىم. رافائىل ئىتتىك كۆزىنى ئاچتى. كۆزلىرىدە ھېلىقى كۈلكىسى.

    -گۈللالە! كېلىڭە، ئولتۇرۇڭە. قانداق، قانداقراق بولۇپ قالدىڭىز؟ ئەزىمەتكە تېلىفون قىلسام، ھازىر ياخشى، دوختۇر بەك چارچاپ كېتىپتۇ، دېدى. دەيدىغۇ. ماڭا قارايمەن دەپ چارچىدىڭىز ھە؟!

       رافائىلنىڭ ئاغزىدىن «ئەزىمەت» دېگەن ئىسىمنى ئاڭلاپ، كۆزلىرىمنى يۇمۇپ بېشىمنى توختىماي يېنىك چايقىدىم.

       -ياق، ياق. رافائىل ياق. مەن ياخشى. قولىڭىز؟

       ئۇنىڭ سول قولى تېڭىقلىق تۇراتتى.

       -ھە، قولۇمنىڭ پېيى چۆچۈپ كېتىپتۇ. ھېچقىسى يوق. ئىككى كۈندە ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.

      كۆزلىرىمدە ياش لىغىلداپلا قالدى، مەن چىدىشىم كېرەك.

       -پۇتىڭىزچۇ؟- دېدىمدە، ئورنۇمدىن تۇرۇپ، گېپىسلاقلىق پۇتىنى تىترەپ تۇرۇپ سىلىدىم.  ھەرخىل رەڭلىك بوياق قەلەملەر يېزىلغان «گۈللالە». سىزىلغان قوش يۈرەك. يىل ئاي كۈنلەر، ھەرخىل چىراي ئىپادىلەر... كۆزلىرىمدىن ياش يۈزۈمگە تېگىشكىمۇ ئۈلگۈرىمەي، توك - توك قىلىپ، يوتقانغا، رافائىلنىڭ گېپىسلاقلىق پۇتىغا چۈشىۋاتاتتى. رافائىل قولىنى سوزۇپ بىلىكىمدىن تۇتۇپ ئۆزىگە قاراتتى.

       -نېمىگە كۆڭلىڭىزنى شۇنچە بۇزىسىز. ئۇماق. يىغلىسىڭىز تېخىمۇ ئۇماق بولۇپ كېتىدىكەنسىز، دەپ قويسام يىغلاۋېرەمسىز؟ چىرايلىق كۆزلىرىڭىز كۈلسۈن. كۈلۈڭە بىر.

      كۈلىمەن دېيىشىمگىلا بۇرنۇمدىن ماڭقا-پۆپۈكچىلەر چىقىپ كېتىپ، ياتاقتىكى ھەممەيلەننى كۈلدۈرىۋەتتى. ئۆزۈممۇ رافائىل بەرگەن قەغەزگە بۇرنۇمنى ئېيتقاچ، بۈگۈن بىر كۈن ئىچىدىكى ئەڭ ھەقىقىي كۈلكەمنى كۈلدۈم.

    رافائىلنىڭ سول قولى خېلى ئېغىر زەخمىلەنگەنىدى، گەرچە سۇنمىغان بولسىمۇ گىتتىرىنى چالالمىدى، كۈچەپ پەدىلىرىنى بېسىپ باقسىمۇ بولمىدى. مەشىقنىمۇ قىلالمايۋاتاتتى. رافائىلنىڭ ئاپىسى بىلەن دادىسىنىڭ مۇناسىۋىتى تازا ياخشى ئەمەس ئىكەن، شۇڭا بىرسى كەلسە بىرسى كەلمەيتتى، كېيىنچە رافائىل ئۇلارنى كۆپ كەلگىلى قويمىدى،  بىر سىڭلىسى بار ئىكەن توي قىلىپ چەتكە چىقىپ كېتىپتۇ.  شۇڭا ھازىر ھېچنىمىنى ئويلىماسلىقىم، رافائىلنىڭ قولى، پۇتى ياخشى بولغۇچە يېنىدا تۇرۇشۇم كېرەك ئىدى.

       نەچچە كۈننىڭ ياقى ھەر كۈنى رافائىلنىڭ يېنىغا كېلىمەن، توختىماي ئۇنى - بۇنى دەيمەن، دوستلىرى بىلەن بىرنېمىلەرنى تالىشىپ دەپ باقىمەن. (بۇرۇن ئانچە پاراڭلاشمايتتىم.) دەرسلەرگە ۋاقتىم بولسىلا بارىمەن. ياتاقلارنى ۋاقتىدا تازىلايمەن. تىل ئۆگىنىمەن. قول مەشىقى قىلىمەن. سۇ ئۈزىمەن. ئىشقىلىپ ئۆزۈمگە بىكار ۋاقىت چىقارماسلىققا تىرىشىمەن. ئۆزەمنى بولسا، قانچە ھاردۇرىۋەتسەم شۇنچە ياخشى. شۇنداق بولغاندا كەچلىرى يېتىپلا ئۇخلاپ قالىمەن. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، شۇنداق تۇيۇقسىز، شىددەت بىلەن بىر سېغىنىش، ئازاپ يۈرۈگۈمگە پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا بېسىپ كىرىدىكى، قىلىۋاتقان ئىشىم، ھەتتا ئۆزۈمنى ئۇنتۇپ قالاي دەيمەن. يولدا كېتىۋېتىپ، تۇيۇقسىز بىرلىرىنىڭ سىمالىرىدا ئەزىمەتنى كۆرگەندەك،  بىرلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئۇنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاتقاندەك بولۇپ قالسام، ئىختىيارسىز توختاپ قالىمەن، جايىمدا. بېشىمنى ئاسمانغا قىلىپ، كۆزلىرىمدىن ئاقماقچى بولغان، گەپ ئاڭلىماس ياشلىرىمنى چىققان يېرىگە كىرگۈزۋەتمەكچى بولىمەنيۇ، ماغدۇرسىزلىنىپ زوڭ ئولتۇرۇپ قالىمەن. بېشىمنى ئىچىمگە تىقىپ، يىغلاپ ئۆزۈمنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن، رافائىلنىڭ يېنىغا ماڭىمەن.  ئەزىمەتنىڭ ھېلىقى ماڭا بەرگەم ئۆلۈم خېتىنى، مەن تا ھازىرغىچە ئوقۇشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. ئۇخەتنى ئۇنىڭ ھېلىقى كىتابى بىلەن قوشۇپ، كۈتۈپخانىدىكى كىتاب سالىدىغان قۇلۇپلۇق ئىشكابىمغا سېلىپ، ئىشىكىنى چىڭ تاقاپ ئاچقۇچنى ھېلىقى ئۆلگۈر كۆلگە تاشلىۋەتتىم... مۇشۇنداق قىلىپ، ئەزىمەتكە بولغان سېغىنىشىمغا قۇلۇپ سېلىپ، مۇھەببىتىمنى كۆللەرگە چۆرىۋەتتىم دەپ ئويلىدىم ئۆزۈمچە. بۇدۇنيادا كىشى كىشىنى ئالداپ بولالمايدىكەن، ھەركىم ئۆزىنى ئۆزى ئالدايدىكەن. زورلاپ كۆز ئالدىڭدىكىنى رىئاللىق دېگۈزىدىغان ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزۈڭ بولىدىكەنسەن.

    \

    قىزلار ياتاقتا بەكمۇ ئېھتىيات قىلىشىدۇ. دېمەيدىغان گەپلەرنى دەپ قويۇشتىن، ئوخشاش ئىسىملارنى ئاتاپ قېلىشتىن، بۇنى بىلىپ تۇرىمەن، ئەلۋەتتە. ھەر كۈنى ئورنۇمدىن تۇرۇپلا «نىقاب»ىمنى تاقايمەندە، بۇرۇنقى، بەك بۇرۇنقى «گۈللالە»گە ئايلىنىمەن. كۆزلىرى كۈلۈپ تۇرغان، يۈزلىرىدە تەبەسسۇملار ئويناپ تۇرىدىغان. پەقەت، دىققەت قىلىپ قارىسىڭىزلا، سىزمۇ يۈرۈگىڭىزدە «يوشۇرۇن ئاغرىق»ىڭىز بار ئادەم بولسىڭىزلا، كۈلۈپ تۇرغان شۇ قارا كۆزلىرىمنىڭ ئارقىغا، قانچىلىك ئېچىنىشلىق ھېكايىلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلەلەيسىز. كەچلىرى، ئۆزەم يالغۇز قالغان ۋاقىتتىلا نىقابىم ئۆزلىگىدىن يىرتىلىپ، يۈرەكلىرى لەختە - لەختە بولۇپ كەتكەن، كۆزلىرىدىن ياش ئەمەس قان ئېقىۋاتقان ھەقىقىي «مەن» چىقىمەن.  مۇشۇ ۋاقىتتىكى، مۇشۇ «مەن»دىن بەكمۇ قورقىمەن. شۇڭا، ئامال بار يالغۇز قالماسلىققا تىرىشىمەن. كۈندۈزلىرى بارلىق جىسمانىي كۈچۈمنى خورىتىپ، كېچىلىرى «مەن»گە ئايلىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن تىرىشىمەن.  مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى، ئاپامنىڭ «چاققان ئۆيگە كېلىپ كەت، مەسلىھەتلىشىدىغان مۇھىم ئىش بار» دېگەن  تېلىفونىنى تاپشۇرىۋېلىپ، تەقدىرنىڭ ماڭا قىلىدىغان چاقچىقى تېخى تۈگىمىگەن ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىدىم.

     

     

    رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ چاپلىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

    \

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.