دۇنيانىڭ ھەممىلا يىرى نامرات ئىسېداتلىق ئادەملەر

يوللىغۇچى : halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-29 19:57:02

دۇنيانىڭ ھەممىلا يىرى نامرات ئىسېداتلىق ئادەملەرپۈتۈن دۇنيا «ئۆزگىرىش»، «يېڭىلىق»قا ئوخشاش مودا ئۇقۇملار توغرىسىدا توختىلىۋاتقاندا «ساداقەت»،«كەسىپنى سۆيۈش»،&la



     

    دۇنيانىڭ ھەممىلا يىرى نامرات ئىسېداتلىق ئادەملەر
     
     
    پۈتۈن دۇنيا «ئۆزگىرىش»، «يېڭىلىق»قا ئوخشاش مودا ئۇقۇملار توغرىسىدا توختىلىۋاتقاندا «ساداقەت»،«كەسىپنى سۆيۈش»،«ئىتائەتچانلىق»،«ئىشەنچ»كە ئوخشاش تېمىلارنى قايتا تىلغا ئىلىش كونىلىقتەك بىلىنىشى مۇمكىن.
     
    ئەمما بىز بۇنىڭدىن ئۆزىمىزنى چەتكە ئىلىشقا ئامالسىز. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ساداقىتى ۋە كەسىپنى سۆيۈش روھىنىڭ كەم بولۇشى، خوجايىنلار ۋە شىركەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ھەرۋاقىت قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ، بىز دۇچ كىلىۋاتقان ئۆگىرىشلەر ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشغا تايىنىۋاتقان سودا ئىشەنچ،تىرىشچانلىق، كەسىپنى سۆيۈشنى ئۆز-ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك نەرسىلەرنى ئىلىپ كىلىۋاتىدۇ.
     
    بىز ھەمىشە نۇرغۇنلىغان ياشلارنىڭ ئۈزلۈكسىز خىزمەت ئالماشتۇرۇشنى قابىلىيەت ھىسابلايدىغانلىقىنى، پەيىتنى كۈتۈپ، ئەپچىللىك بىلەن پايدا ئېلىشقا ماھىر بولۇشنى شان-شەرەپ دەپ بىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمىز. ئۇلار خوجايىننىڭ سايىسى شۇنداق يوقالسىلا خىزمەتكە بوشاڭلىق بىلەن قارايدۇ، باشقىلارنىڭ نازارىتى بولمىسا خىزمەت قىلمايدۇ. خىزمەت ۋاقتىدا خىزمەتنى قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا دۆڭگەپ قويىدۇ، ئايرىمچىلىق قىلىپ، ئۆزى بېكىنىۋالىدۇ؛ ئۆزى ئۈستىدە ئويلانماستىن، ھەرخىل باھانىلەرنى كۆرسىتىپ ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەسىزلىكىنى يۇشۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ.
     
    بوشاڭلىق، پاسسىپلىق، گۇمانخورلۇق، ئاغرىنىش...قاتارلىق كەسپىي كېسەللار ۋاباغا ئوخشاش كارخانا، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە مەكتەپلەردە يامراپ، قانچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتسەكمۇ ئۈزۈل-كېسىل يوقاتقىلى دەرىجىدە يېتىۋالىدۇ.
     
    قابىلىيەت بولۇپ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولمىسا، كەسىپنى سۆيۈش روھى كەمچىل بولسا، راسىتلا مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئالغا باسالامدۇق-يوق؟
     
    رېئال تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەممىلا يىرىدە نامرات ئېستىداتلىق ئادەملەرنى كۆرەلەيمىز.
     
    مەن ئىلگىرى خېلىلا ياخشى تەربىيە كۆرگەن، تالانتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئەمما شىركەتتە ئۇزۇن مەزگىلگىچە ئەمىلى ئۆسمىگەن بىر ياشنى ئۇچراتقان ئىدىم. ئۇنىڭ مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەش جاسارىتى كەمچىل ئىدى، ئۆزىدىن ھالقىشنى ھەم خالىمايدىغان بولۇپ، مەسخىرە قىلدىغان، يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىدىغان، ھەممىدىن ئاغرىنىدىغان ۋە تەنقىد قىلىدىغان يامان ئادەتنى يىتىلدۈرۋالغان ئىدى.
     
    ئۇ بىرەر ئىشنى مۇستەقىل ھالدا ئەسلا قىلالمايتتى، پەقەت مەجبۇرى ۋە نازارەت ئاستىدىلا ئىشلەيتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە كەسىپنى سۆيۈش-خوجايىنلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىزىشىدىكى ۋاستىسى، ساداقەت-باشقۇرغۇچىلارنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنى ئەخمەق قىلىدىغان قۇرالى ئىكەن. ئۇ روھىي ھالەت جەھەتتە شىركەت بىلەن زادى سىغىشالمىغان بولۇپ، شىركەتتىن ھەقىقىي تۈردە نەپكە ئىرىشەلمىگەن.
     
    مەن ئۇنىڭغا مەلۇم بەدەل تۆلىگەندىلا ، ئاندىن بەزى نەرسىلەرگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى، ئەگەر داۋاملىق ئىشلەشنى قارار قىلغان بولسا، چىن قەلبىدىن شىركەتكە ۋە خوجايىنىغا ھېسداشلىق قىلىش ۋە سادىق بولۇشنى ئىپتىخارلىق دەپ بىلىشى لازىملىقى توغرسىدا مەسلىھەت بەردىم. ئەگەر سىز خوجايىنىڭغا ۋە شىركەتكە ھېچقانداق ياردەم بەرمەستىن، ئۇلارنى ئەيىپلىسىڭىز، مەنسىتمىسىڭىز، بۇ خىزمەت ئورنىدىن دەرھال ۋاز كېچىپ، تاماششىبىن نۇقتىسىدىن ئۆزىڭىزنىڭ قەلىب ساداسىنى تىڭشاپ بېقىڭ. سىز ئۆزىڭىزنى مەلۇم بىر ئورگاننىڭ بىر قىسمى دەپ ئويلايدىكەنسىز، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلماڭ ۋە پاراكەندىچلىك سالماڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئۆزىڭىز ئىشلەۋاتقان ئورۇننى مەنسىتمىگىنىڭىز ئۆزىڭىزنى مەنسىتمىگەنگە باراۋەر.
     
    «گارسىياغا يىزىلغان خەت»دىن ئىلىندى.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.