ئاكا ـ ئىنى-پۇبلىئۇس تېرېنتىئۇس ئافىر (قەدىمكى رىم)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-08 00:35:00

ئاكا ـ ئىنىپۇبلىئۇس تېرېنتىئۇس ئافىر (قەدىمكى رىم) «ئاكا-ئىنى» قەدىمقى رىم دەۋرىگە تەۋە مەشھۇر ئەدەبى يادىكارلىق بولۇپ، ئاساسى مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: مىكويان ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇپ، بېقىۋالغان...

    ئاكا ـ ئىنى
    پۇبلىئۇس تېرېنتىئۇس ئافىر (قەدىمكى رىم)


       
        «ئاكا-ئىنى» قەدىمقى رىم دەۋرىگە تەۋە مەشھۇر ئەدەبى يادىكارلىق بولۇپ، ئاساسى مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

       مىكويان ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇپ، بېقىۋالغان ئوغلى ئەسھىنۇسنىڭ ئالدىنقى كۈنى كەچلىك تاماقتىن كېيىن قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىلەن بىللە يۈرىدىغان قۇلنىڭمۇ قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى بىلىدۇ. مىكويان ئۆيلەنمىگەچكە، شەھەردە تەنھا، راھەت تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭ ئىنىسى دىمىيا يېزىدىا بولۇپ، مىجەزى چۇس، ئىشچان، ئىقتىسادچان، ئاددى ـ ساددى تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى بولۇپ، چوڭ ئوغلى ئەسھىنۇسنى مىكويانغا بېرىۋېتىدۇ. ئىككىنچى ئوغلى كىتوسفىن ئۆزىنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ. مىكويان بىلەن دىمىيانىڭ تۇرمۇش ھەۋىسى ئوخشاش بولمىغاچقا، بالىلارنى تەربىيىلەش جەھەتتىكى يېتەكچى ئىدىيىسىمۇ ئوخشىمايدۇ. مىكويان قورسىقى كەڭ، رەھىمدىل، ياشلارنىڭ قىزىقىشى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ھۈرمەت قىلىدۇ، ياشلارنىڭ مىجەز ـ خۇلقىنىڭ ئەركىن يېتىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. دىمىيانىڭ ئىدىيىسى مۇتەئەسسىپ، ئەنئەنىۋى قاتتىق تەربىيىلەش ئۇسۇلىنى ياقلايدۇ.
       ئەسھىنۇس ب ئىلەن كىتوسفىننىڭ تۇرمۇش شارائىتى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئالغان تەربىيىسىمۇ ئوخشىمايدۇ. كىتوسفون قورقۇنچاقق بولۇپ، بىرەر ئىشقا قارىتا مۇستەقىل پىكىر قىلالمايدۇ. ئۇ بىر سازەندە پاھىشە ئايالغا يوشۇرۇن كۆيۈپ يۈرگەن بولسىمۇ، ئۇنى سېتىۋالغۇدەك پۇل تاپالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتىسىنىڭ بۇ ئىشنى سېزىپ قېلىپ، قاتتىق جازالىشىدىن قورقىدۇ. ئەسھىنۇس ئىنىسىغا ياردەملىشىپ، ئۇلارنى مۇرادىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، بۇ سازەندە پاھىشە ئايالنى بۇلاپ چىقىپ ئۆز ئۆيىگە يوشۇرۇپ قويىدۇ. ئەسھىنۇسنىڭ سازەندە پاھىشە ئايلانى بۇلاپ كەتكەنلىكى كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلىدۇ. ئەسھىنۇس ئالماقچى بولغان قىز چانفىلا ئەسھىنۇسقا قوشنا بولۇپ، كەمبەغەل ئىدى. ئۇنىڭ ئاتىسى بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن، ئاپىسى بىلەن بىللە ئۆتەتتى. بىر قېتىم ئەسھىنۇس مەست بولۇپ قېلىپ، چانفىلانى مەجبۇرلاپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىدۇ. ئەمما مۇشۇ تاسادىپىي ئىشتىن كېيىن ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ئىشىق ـ مۇھەببەت پەيدا بولىدۇ. ئەسھىنۇس بۇ ئىشنى ۋاقتىنچە سىر ساقلاپ، دادىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، چانفىلانى رەسىمىي نىكاھىغا ئېلىش قارارىغا كېلىدۇ. شۇ ئارىلىقتا چانفىلا بىلەن ئۇنىڭ ئاپىسى ئەسھىنۇسنىڭ سازەندە پاھىشە ئايالنى بۇلاپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن بىئارام بولىدۇ، ھەم غەزەپلىنىدۇ. ئەسھىنۇسنى « ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىدى، تۇل خوتۇن بىلەن يېتىم قىزنى بوزەك قىلدى»دەپ قاراپ، ئۇنىڭ بىلەن زاكۇنلىشىشقا ئادەم تەكلىپ قىلماقچى بولىدۇ. ئەسھىنۇس ئۇقۇشماسلىق بولۇۋاتقانلىقىدىن ئىنتايىن بىئارام بولىدۇ.
       دىمىيا بۇنى ئەسھىنۇسنىڭ ئىشى دەپ قاراپ، تېخىمۇ غەزەپلىنىدۇ. ئۇ كىچىك ئوغلى كىتوسفىننىڭ مۇھەببىتىدىن پۈتۈنلەي بىخەۋەر بولغاچقا، ئۆزىچە « مەن ئۆز بالامنى ياخشى تەربىيىلىدىم»دەپ كۆرەڭلەپ كېتىدۇ. ئۇ «ئەسھىنۇسنىڭ مۇشۇنداق ئەسكىلىكلەرنى قىلىشى مىكوياننىڭ بالىنى چىڭ تۇتۇپ تاربىيىلىمىگەنلىكىدىن بولدى» دەپ ، مىكوياننىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنى «ئەسھىنۇسنى بەك ئەركە قىلىۋەتتىڭ، يولدىن چىقىرىۋەتتىڭ» دەپ ئەيىبلەيدۇ. دىمىيا مىكوياننىڭ ئۆزىنى ئەيبلىشىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇ ئەسھىنۇسنىڭ ئادەتتىكى چاغلاردا شەھۋانىي قىلمىشلىرىدىن نارازى بولسىمۇ، « ياشلار تۇرمۇشنىڭ ھۇزۇر ـ ھالاۋىتىدىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك. ھەتتا ئۇلارنىڭ بەزىدە يولدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنىمۇ كەچۈرۈشكە بولىدۇ، بۇنداق ئىشلاردىن ئەجەبلىنىش ھاجەتسىز»دەپ قارايدۇ.
       دىمىيا مىكوياننىڭ بالا تەربىيىلىشى تۈپەيلىدىن چىققان ئاقىۋەتتىن نارازى بولۇپلا قالماي، ھەتتا ئۆزى تەربىيىلەۋاتقان بالىنىڭمۇ ئۇلارنڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، يامان يولغا كىرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەچكە، كىتوسفىننى ئىزدەشكە باشلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ چاغدا كىتوسفىن ئاتىسىدىن يوشۇرۇنچە مىكوياننىڭ ئۆيىدە سازەندە پاھىشە ئايال بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ. ئەسھىنۇسنىڭ سادىق قۇلى شۈلۈس زىرەلد ئىشنىڭ ئېپىنى بىلگەچكە، ياشلار تەرەپتە تۇرۇپ، ئۇلارغا ئەقىل كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ياشلارمۇ ئۇنىڭ گېپىدىن چىقمايدۇ. بۇ چاغدا ئۇ دىمايانىڭ ئوغلىنى بولۇشىغا ماختىغان سۆزلەرنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىپ، دىمايانى راسا ئەخمەق قىلىدۇ. ئۇ كىتوسفىننىڭ ئاتىسىنىڭ تتەلىمىنى ئاقنداق قىلىپ ئېسىدە چىڭ تۇتقانلىقى، ئەسھىنۇسنىڭ سازەندە پاھىشە ئايلنى بۇلاپ كەتكەنلىكىدىن قانداق نارازى بولغانلىقى توغرىسىدا گەپ  توقۇپ، كىتوسفخننى بولۇشىغا ماختايدۇ. بۇنى ئاڭلىغان دىمايا خۇشاللىقىدىن كېرىلىپ كېتىدۇ. دىمايا  شۇلۇسنىڭ كۆرسەرمىسىگە ئاساسەن دەرھال ئوغلىنى ئىزدەپ سەھراغا بارىدۇ. ئەمما سەھرادا ئوغلىنىڭ قارىسمۇ كۆرۈنمەيدۇ. ئۇ شەھەرگە قايتىپ كېلىۋېتىپ، ئەسھىنۇسنىڭ سازەندە پاھىشە ئايالنى بۇلاپ كېتىپلا قالماي، بەلكى ئاللىبۇرۇنلا بىر كەمبەغەلنىڭ قىزى بىلەنمۇ ئىچ ـ پەش تارتىشىپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالىدۇ، دىمايا «تويلۇقى يوق قىز بىلەن توي قىلىش تېخىمۇ ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش» دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن دەرھال مىكوياننى ئىزدەيدۇ. شۇ ئارىدا يەنە شۇلۇشنى ئۇچرىتىدۇ. شۇلۇسنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن شەھەرنى بىر ئايلىنىپ چىقىپ، ھېرىپ ھالىدىن كېتىدۇ. ئاخىر دىمىيا كىتوسفىننىڭ مىكوياننىڭ ئۆيىدە ئىكەنلىكىنى، ئەسھىنۇسنىڭ سازەندە پاھىشە ئايالنى ئىنىسىغا ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە بۇلىغانلىقىنى بىلىدۇ.
      مىكويان بۇ ئىشلاردىن نارازى بولسىمۇ، « ئۇ ياشلارنىڭ قىزغىنلىقى تۈپەيلىدىن بولغان، ئۇنىڭغا ئېغىر ـ بېسىقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك» دەپ قارايدۇ ۋە كىتوسفىنغا سازەندە پاھىشە ئايالنى سېتىۋالىدىغان پۇل بېرىدۇ، شۇنداقلا ئەسھىنۇسنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ، مۇھەببىتىگە سادىق بولغانلىقىدىن رازى بولىدۇ. لېكىن ئۇ ئەسھىنۇسنى «بۇ ئىشتىن مېنى ۋاقتىدا خەۋەردار قىلغان بولساڭ، ئىش تېخىمۇ ياخشى بىر تەرەپ قىلىناتتى» دەپ ئەيىبلەيدۇ. مىكويان ئەنئەنىۋى تويلۇق قارىشىدىن ۋاز كېچىپ، چانفىلانى كەمبەغەل كۆرمەي، ئوغلى ئەسھىنۇس بىلەن توي قىلىشقا قوشۇلىدۇ ھەم دەرھال توي مۇراسىمىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. مىكوياننىڭ ئاقىلانە چارىسى ياشلارغا ياقىدۇ. دىمىيامۇ كىتوسفىن بىلەن سازەندە پاھىشە ئايالنىڭ توي قىلىشغا نائىلاج قوشۇلىدۇ.
       دىمىيا رېئاللىق ئالدىدا مىكويانغا قاراپ، ئۆزىنى ئويلاپ تەسىرلىنىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بالا تەربىيىلەش چارىسىنىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى، ئۇ چارە ئارقىلىق كۆزلىگەن قەمسەتكە يەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. لېكىن مىكوياننىڭ كەڭ قورساقلىقى، رەھىمدىللىكىگە قوشۇلمايدۇ، بۇنداق قىلىش ياشلارنى پۈتۈنلەي ئۆز ئەركىگە قويۇۋەتكەنلىك دەپ قارايدۇ. ئاخرىدا دىمىيا كۈيۈمچان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، مىكوياننىڭ كەڭ قورساقلىقىنى مەسخىرە قىلىدۇ. ئۇ ئەسھىنۇس بىلەن مىكويانغا نەسىھەت قىلىپ ۋە ئۇلارنى مەجبۇرلاپ، مىكوياننى تەنھا تۇرمۇش كەچۈرۈش يولىدىن قايتىپ، چانفىلانىڭ تۇل ئاپىسى بىلەن توي قىلىۋېلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. مىكويان ئىلاجىسىز ماقۇل بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مىكويان ئىنتايىن كۈلكىلىك ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. ئىككى ياش ئاخىرىدا دىمىيانىڭ تەربىيسىى ۋە نەسھىيىتى بويىچە ئىش قىلىدىغانلىقنى بىلدۈرىدۇ.

                        ئىسمائىل ئەزىمەت تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.