گالىلېينىڭ تەرجىمىھالى(بېرتولت برېخت )

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-03 18:00:40

گالىلېينىڭ تەرجىمىھالى بېرتولت برېخت (گېرمانيە) بۇ ۋەقە 16- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىتالىيىدە يۈز بەرگەن. قىرىق ئالتە ياشلىق ماتېماتىكا پروفېسسورى گالىلېي ئۆزىنىڭ ئايال غوجىدارىنىڭ ئون ب...

    گالىلېينىڭ تەرجىمىھالى
      بېرتولت برېخت (گېرمانيە)


      بۇ ۋەقە 16- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىتالىيىدە يۈز بەرگەن.
      قىرىق ئالتە ياشلىق ماتېماتىكا پروفېسسورى گالىلېي ئۆزىنىڭ ئايال غوجىدارىنىڭ ئون بىر ياشلىق ئوغلى ئاندىرىئوغا يەر شارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا يالىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى كوپېرنىڭكنىڭ يەرنىڭ ھەركەتلىنىش تەلىماتىنى ئەڭ ئاددىي سايمانلار بىلەن چۈشەندۈرىدۇ. لېكىن بۇ تەلىمات ئەينى ۋاقىتتا تېخخ تەسەۋۋۇرلا بولۇپ، پەندە ئىسپاتلانمىغانىدى.
       گالىلېي گوللاندىيىلىكلەر كەشپ قىلغان تېلېسكوپ ئارقىلىق ئاسمان قخسىملىرىغا دائىر نۇرغۇن ھادىسىلەرنى بايقايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ بايقىغانلىرىغا ئاساسەن كوپېرنىك تەلىماتىنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللەپ چىقىدۇ. يەر شارىنىڭ ھەرگىز ئالەمنىڭ مەركىزى بولماي، بەلكى ئالەمدىكى سانسىز پىلانېتىلار ئىچىدىكى ئادەتتىكى بىر پىلانېتا ئىكەنلىكىنى ئىسپالاپ بېرىدۇ. گالىلېينىڭ دوستى ساكرىدو ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ: بۇ تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىدىغان قورقۇنۇشلۇق بايقاش بولۇپتۇ، دەيدۇ.
       لېكىن، گالىلېي ئىنسانلارنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىگە، يەرنىڭ ھەركەتلىنىش تەلىماتىنىڭ  كىشىلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنەتتى.
       گالىلېي ۋېنىتسىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى پادوۋا شەھىرىدە دىنىي جەمىيەتنىڭ زۇلمىغا ئانچە ئۇچرىمىغان بولسىمۇ، لېكىن كىرىم ناھايىتى ئاز ئىدى. شۇڭا نۇرغۇن ۋاقتىنى ئائىلىلەردە دەرس ئۆتۈشكە سەرپ قىلىپ، تۇرمۇشىنى قامداشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ پەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋاقىت ۋە كۆپرەك كىرىمگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ئائىلىسىنى پرولونساغا يۆتكەپ، پرولونسا كىنەزىنىڭ ئوردا ماتېماتىكى بولىدۇ. ۋەھالەنكى، پرولونسادا كىشىلەر گالىلېينىڭ بايقاشلىرىغا ھەرگىز ئىشەنمەيدۇ. ھەوقۇقدارلار ۋە دۆت ئالىملار ئۇنىڭ تېلېسكوپىغا قاراپمۇ قويمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئارىستوتېلغا چوقۇناتتى، يەر شارى مەركىزىي تەلىماتىدا چىڭ تۇراتتى. گالىلېي ئۆزىنىڭ پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلىپ پرولونسادىن رىمنىڭ چوڭ چېركاۋىغا قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولىدۇ. بەختىگە يارىشا رىم پاپاسى مەكتىپىنىڭ باش ئاسترونومىمۇ گالىلېينىڭ كەشپىياتىنى ئىسپاتلاپ چىقىدۇ. بۇنىڭغا دىنىي جەمئىيەت زاتلىرى ۋە ئەخمەق ئالىملار ھاڭ ـ تاڭ قالىدۇ. لېكىن دىنىي جەمئىيەت گالىلېينى بوش قويۇۋەتمەيدۇ. بىر قېتىمقى نىقابلىق تانسىدا، باش ئېپسكوپ نىقابىنى ئېلىپ تاشلاپ، گالىلېيغا: دىنىي جەمىيەتنىڭ كوپىرنىكنىڭ تەلىماتىنى ئىنكار قىلىدىغانلىقىنى، گالىلېينىڭ داۋاملىق تەتقىق قىلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن گالىلېي سەككىز يىل جىم يۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئاخىر يېڭى پاپا تەختكە چىقىدۇ. بۇ يېڭى پاپامۇ ئالىم ئىدى. بۇ گالىلېينىڭ باشقىدىن غەيرەتكە كېلىپ، ئۆزىنىڭ «چەكلەنگەن رايونى»ئۈستىدىكى تەتقىقاتىنى قايتىدىن داۋاملاشتۇرۇشىغا مەدەت بولىدۇ. ئون يىلدىن كېيىن، ئۇنىڭ تەلىماتى خەلق ئىچىدە كەڭ تارقىلىدۇ. دىندارلار ھۆكۈم چىقىرىش ئورنىنى گالىلېينىڭ تەلىماتىنىڭ دىني قەمئىيەتنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تەۋرىتىپ قويۇشىدىن ئەندىشە قىلىپ، گالىلېينى رىمدا سوراق قىلماقچى بولىدۇ. سوراق ئۈچ ھەپتىدىن كۆپرەك داۋاملىشىدۇ. 1633 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى دىنىي جەمئىيەت: بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتە گالىلېي ئۆزىنىڭ تەلىماتىنى قايتۇرۇۋالىدىغانلىقىنى ئاشكارا جاكارلايدۇ، دەپ ئېلان قىلىدۇ. گالىلېينىڭ شاگىرتلىرى ئۇستازىنىڭ ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ تىز پۈكمەيدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ. چېركاۋنىڭ سائىتى بەشتىن ئاشىدۇ. گالىلېىينىڭ شاگىرتلىرى خۇشاللىقىدىن سەكرىشىپ ئۆز ـ ئارا قۇچاقلىشىپ كېتىدۇ. ۋەھالەنكى، دەل مۇشۇ پەيىتتە چېركاۋنىڭ قوڭغۇرىغى يەر جاھاننى لەرزىگە كەلتۈرگۈدەك دەرىجىدە جاراڭلايدۇ. ھەممە كىشى ھەيران قالىدۇ: گالىلېي ئۆزىنىڭ ئەلىماتىنى قايتۇرۇۋالدىىغانلىقىنى ئاشكارا جاكارلايدۇ. ئۇنىڭ شاگىرتى ئاندىرىئو مەيۈسلەنگەن ھالدا : «نېمىدېگەن بەختسىزلىك بۇ، بۇ دۆلەتتە ئەمدى قەھرىمان قالمىدى!» دەيدۇ. گالىلېي بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: «بەختسىزلىك دېگىنىڭ نېمە؟ بۇ دۆلەت قەھرىمانغا موھتاج!» دەيدۇ.
       گالىلېي گەرچە ئۆزىنىڭ تەلىماتىدىن يېنىۋالغان بولسىمۇ، دىنىي سوت يەنىلا ئۇنى ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇ 1633 ـ يىلدىن تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر پرولونسا ئەتراپىدىكى بىر يېزىدا تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا قىزىلا ھەمراھ بولىدۇ. گالىلېي ئۆزىنىڭ تەلىماتىدىن يېنىۋېلىپ بىرقانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندرىئو پەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش مەقسىتىدە ئىتالىيىدىن گوللاندىيىگە كېتىۋېتىپ، بۇرۇنقى ئۇستازى گالىلېينى يوقلاش ۋە ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىش يۈزىسىدىن بۇ يەرگە ئالاھىدە كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئاندىئو گالىلېينىڭ ئۆز تەلىماتىدىن پەقەت ۋاز كەچمىگەنلىكىنى چۈشىنىدۇ. ئۇ دىنىي جەمىيەتنىڭ قاتتىق نارازىتى ئاستىدا «دىئالوگ» دېگەن مەشھۇر ئىلمىي ئەسەرنى خۇپىيانە يېزىپ چىققانىدى. ئاندىرىئو تەسىرلەنگەن ھالدا: «سىز دۈشمەننىڭ ئالدىدا ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇردىڭىز. سىز ئېتىكا جەھەتتىن بىزدىن بىرقانچە ئەسىر ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتىڭىز» دەيدۇ. «دىئالوگ» دېگەن ئەسەرنىڭ ئورگىنالى ئاندىرىئونىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئىتالىيە چېگرىسىدىن ئېلىپ چىقىلىپ، ئاخىرى پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىدۇ.

         مۇھەممەت غازى تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.