گراف مونتې كرىستو ھەققىدە

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-27 12:33:00

«گراف مونتې كرىستو» رومانىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى رومان «گراف مونتې كرىستو» ياۋروپا رومانتىرىزم ئەدەبىياتىدىكى داڭلىق ئەسەر، شۇندقلا دۇنيادىكى كۆپ خىل تىلغا تەرجىمە قىلىغان، كەڭ تارقالغان، ئوقۇ...

    «گراف مونتې كرىستو» رومانىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

     رومان «گراف مونتې كرىستو» ياۋروپا رومانتىرىزم ئەدەبىياتىدىكى داڭلىق ئەسەر، شۇندقلا دۇنيادىكى كۆپ خىل تىلغا تەرجىمە قىلىغان، كەڭ تارقالغان، ئوقۇرمەنلىرى كۆپ بولغان، بازارلىق رومانلارنىڭ بىرى.
       «گراف مونتې كرىستو» فرانسىيە يازغۇچىسى چوڭ دۇما (1802 ـ 1870)نىڭ داڭلىق ئەسەرلىرىنىڭ بىرى. بۇ روماننىڭ ئاساسلىق ۋەقەلىكى گراف مونتې كرىستونىڭ ياخشىلارنى يۆلەپ، رەزىللەرنى يوقاتقانلىقىدەك ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتۇرۇش، يامانلاردىن ئۆچ ئېلىش ھېكايىسىدىن ئىبارەت.
        ياش ماتروس ئېدمڭن دانتېس بىرىنچى ياردەمچىلىكتىن كاپىتانلىققا ئۆستۈرۈلۈش ئالدىدا، يىراق سەپەردىن قايتىپ كېلىپ گۈزەل قىز مېرسىدېس بىلەن توي قىلىشقا تەييارلىنىدۇ، بېلىقچى فېرنان، مال ساقلىغۇچى دانگلار ئۆزلىرىنىڭ رەزىل مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن سۇيىقەست پىلانلاپ دانتېسقا تۆھمەت چاپلايدۇ. ياش ماتروس توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈۋاتقاندا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرەپىدىن ناپولېئون تەرەپدارلىرىنىڭ خەۋەرچىسى دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنىدۇ ھەمدە مۇۋەققەت تەپتىش ۋېلفور تەرىپىدىن زۇلمەتلىك زىندانغا تاشلىنىدۇ. 14 يىلدىن كېيىن تۈرمىدىن قېچىپ چىقىپ فارىيا ھەزرەتنىڭ ئۆلۈش ئالدىدا ئېيتىپ بەرگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن مونتې كرىستو ئارىلىغا بېرىپ ئىنتايىن نۇرغۇن بايلىققا ئېرىشىدۇ. ئۇ بۇ ئارقىلىق شەپقەتچىسىنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ ھەمدە ئون يىل ئىنچىكىلىك بىلەن تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق ئۆچ ئېلىش ھەركىتىنى باشلايدۇ: ئۇ ئىسمىنى گراف مونتې كرىستوغا ئۆزگەرتىپ، ھەر خىل سالاھىيەتلەر بىلەن پارىژدا پەيدا بولىدۇ. مارسىلدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە سورۇنلىرىدا پۇلنى قورال قىلىپ، تۈرلۈك ئەپچىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۈچ دۈشمىنىنى شەپقەتسىز جازالاپ، ئۆزىنىڭ ئۆچ ئېلىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئاخىرىدا گراف مونتې كرىستو ياش، گۈزەل گرىك قىزى گايدەنى ئېلىپ يىراق يۇرتلارغا كېتىدۇ. ئۇنداقتا، مونتې كرىستونىڭ ئۆچ ئېلىشىغا قانداق قاراش كېرەك؟ ئالدى بىلەن، مونتې كرىستونىڭ ئۆچ ئېلىش مەقسىتى ۋە جەريانىدىن قارىغاندا، بۇنىڭ خاراكتېرى ھەققانىيەتنى جارى قىلدۇرۇش ھەركىتىگە ياتىدۇ. دانتېس دادىسىنىڭ ئۆلۈمى ۋە ئۆزىنىڭ 14 يىل ئازاپ تارتقىنى ئۈچۈن «چوقۇم ئۆچ ئالىمەن» دەپ قەسەم ئىچىدۇ. بىراق، ئۇ رەزىل ۋە شەپقەتسىز ۋاستىلەرنى ئىشلەيمەيدۇ، چۈنكى ئۇ قولىنى قان بىلەن بوياشنى خالىمايدۇ. قارشى تەرەپنىڭ يېقىنلىرىنىڭ بۇ ئىشلارغا ئارىلىشىپ قېلىشىنى ئۇنى بىئارام قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن رەقىبىنىڭ ئوغلى بولسىمۇ، ئۇ گۇناسىز بولغانلىقتىن ئۇنىڭغا ياردەم قولىنى سۇنىدۇ. پۈتۈن ئۆچ ئېلىش پىلانى ئورۇندىلىپ بولغاندىن كېيىن مونتې كرىستو «فېرنان»نىڭ ئوغلى ۋە ئۇنىڭ ئايالىنى قۇتۇلدۇرۇۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋېلفورنىڭ قىزى بىلەن موررېلنىڭ غولى مۇراد ـ مەقسىتىگە يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭ ئۆچ ئېلىشى پەقەت شەخسىي مۇددىئانى چېقىش قىلغانلىقتىن كۆرۈنەرلىك چەكلىمىلىككە ئىگە ئىدى. لېكىن، دانگلار، ۋېلفورلار پەقەت مونتې كرىستونىڭلا دۈشمىنى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلار خەلققە زىيانكەشلىك قىلغان جىنايەتچىلەر ئىدى. شۇڭا، ئۇلارنى جازالاش ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ خەلقنىڭ مەنپەئىتى بىلەن بىردەك ئىدى. مونتې كرىستو جەمىئىيەت قانۇنى ۋېلفوردەكلەرگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ قانۇن جازاسىغا تارتلماي ئەركىن يايراپ يۈرىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرۈپ يەتكەنلىكى ئۈچۈن، بۇ جەمىيەتكە قاتتىق ئۆچمەنلىك قىلىدۇ. ئۇ بىر ئۆزىلا دەۋاگەر، سوتچى ۋە جازا ئىجرا قىلغۇچىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۇنىڭ ئۆچ ئېلىشى ئەينى چاغدىكى قانۇن ـ تۈزۈم ۋە دۆلەت ئاپپاراتىغا بولغان ئىنكار قىلىش مەنىسىگىمۇ ئىگە. گراف مونتې كرىستونىڭ ئۆچ ئېلىشتىكى قوللانغان قاتتىق ۋاسىتىسى ھەممىگە قادىر ھېسابلانغان پۇل بولۇپ، ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا «پۇل ھەممىگە قادىر» دېگەن خاتا ئىدىيە تەرغىب قىلىنغان. ئەسەردە «پۇل ئىنسانىيەتنى ئىدارە قىلالايدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە ئەڭ ئۇلۇغ كۈچ!»دەپ يېزىلغان. گراف مونتې كرىستو دەل مۇشۇ «پۇل ھەممىگە قادىر»دېگەن ئىدىيىۋى مىزانغا ئاساسەن جەمىيەتكە قوشۇلغاندىن كېيىن قايتىدىن مەرتىۋە، كۈچ ۋە نام ـ شۆھرەتكە ئېرىشىدۇ ھەمدە ئۆچ ئېلىش مەقسىتىگە يېتىدۇ. ئەسەر باشتىن ئاخىر تۇيۇقسقز بايلىق تېپىۋېلىپ باي بولۇپ كېتىش بىلەن مۇرات مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ياۋروپالىقلارنىڭ يېڭى قىتئەلەرنى بايقىغاندىن كېيىنكى ھارام بايلىققا ئۇچراپ قېلىش ئارزۇسىنى چىقىش قىلغان بولۇپ ئەسەرنىڭ تىلى ۋە كىشىلەرنى كىتاپ ئوقۇشقا كۆندۈرۈشتىن باشقا جەھەتتە چۆچەكلەر بىلەن ئوخشاپ قالىدىغان رومانتىزىمنىڭ مەھسۇلاتى دىيىشكىلا بولىدۇ. ئەسەرنى بۇ جەھەتتە كۆرۈنەرلىك چەكلىمىگە ئىگە، دېمەي بولمايدۇ.

    [admin تەستىقلىدى . 2010-5-15 15:17:53]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.