تۈركى تىللار دىۋانى

يوللىغۇچى : YultuzAy يوللىغان ۋاقىت : 2007-08-26 23:51:00

تۈركى تىللار دىۋانى «تۈركى تىللار دىۋانى» ئۇيغۇرلارنىڭ 11-ئەسىردە ياشىغانئۇيغۇر ئالىمى، تىلشۇناس مەھمۇد قەشقىرى تەرىپىدىنيېزىلغان ئەڭ نادىر، مەشھۇر قەدىمى يادىكارلىقى. «تۈركى تىللار دىۋانى»د...

    تۈركى تىللار دىۋانى

       «تۈركى تىللار دىۋانى» ئۇيغۇرلارنىڭ 11-ئەسىردە ياشىغان ئۇيغۇر ئالىمى، تىلشۇناس مەھمۇد قەشقىرى تەرىپىدىن يېزىلغان ئەڭ نادىر، مەشھۇر قەدىمى يادىكارلىقى.

       «تۈركى تىللار دىۋانى»دا ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركى قەبىلىلەرنىڭ تىلى ۋە تىل پەرقى توغرىلىق ئەينى ئۇچۇر ۋە تۈركچە-ئەرەبچە لۇغەت بولۇش بىلەن بىرلىكتە تۈركى ئاتالغۇلار ۋە تۈركى قەبىلىلەر تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغان ۋە بۇ قەبىلىلەرنىڭ تارىخىغا دائىر مەلۇماتلار بېرىلگەن. شۇ زامانلاردا ئىسلام پەلسەپىسى بىلەن قاراش ھۆكۈمران ئورۇندا تۇراتتى، لېكىن مەھمۇت قەشقىرى دىنىي، ئىدىيۋى چەكلىمىگە قارىماي تۈركى خەلقلەرگە دائىر بىر مۇنچە تارىخى ۋەقەلەرنى مۇمكىن قەدەر ئەينەن يېزىپ قالدۇرغان. مەھمۇت قەشقىرى بايان قىلغان ئەھۋاللار ئەرەپ، پارىس سەيياھلىرىنىڭ خاتىرلىرىگە ۋە خەنزۇچە تارىخ كىتابلىرىدا قەيت قىلىنغان بەزى ۋەقەلەرگە توغرا كېلىدۇ، بەلكى بۇلارنىڭ مۈجمەل بولغان جايلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ. مەھمۇت قەشقىرى ئەرەبچە ئەسەر يازغان ئاپتورلار ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى توغرىسىدىكى مەلۇماتنى پەقەت كىتاپلاردىنلا ئالماي خەلق ئارىسىدىكى جانلىق پاكىتلار ۋە رىۋايەتلەر ئاساسىدا يارىتىپ بەرگەن يېگانە ئاپتور.
        «تۈركى تىللار دىۋانى» دا تۈركى قەبىلىلەر ياشىغان جايلار بولۇپمۇ قاراخانىلار نىڭ شۇ زاماندىكى تېررىتورىيىسى، شۇنىڭدەك تۈركى قەبىلىلەر بىلەن خوشنا ئەللەرگە دائىر جۇغراپىيە ۋە ناملارنىڭ مەشھۇرلىرى بېرىلگەن. ھەتتا بۇ ناملار پەقەت ئادەتتىكى نام سۈپىتىدىلا ئەمەس، بەزىلىرى بىرەر مۇھىم ۋەقەگە بېغىشلاپ تونۇشتۇرۇلغان. مەھمۇت قەشقىرى يەنە تۈركى خەلقلەر جايلاشقان كەڭ دىيارنى يەر يۈزىنىڭ يۇمۇلاقلىغى ئۇقۇمى بويىچە قىياسەن خەرىتە سىزىپ بەرگەن. ئاپتورنىڭ ئۆز تىلى بويىچە «دائىرە» دەپ ئاتالغان خەرىتە ئاسىيانىڭ شۇ كەمگىچە يېتىپ كەلگەن ئەڭ مۇكەممەل ئەڭ قەدىمى خەرىتىسىدۇر. بۇنىڭدا تاغلار، دېڭىز، دەريالار ۋە كۆللەر ئاددى ۋە گىئومېتىرىك شەكىلدە ئىپادىلەنگەن. مۇھىم شەھەر ۋە قەبىلىلەرنىڭ جايلاشقان ئورنى كۆرسىتىلگەن.
        تۈركى تىللار دىۋانىدا نۇرغۇن سۆزلەملەرنىڭ ئىستىمال مەنىسى جانلىق ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئەدەبىي پارچىلار بېرىلگەن. بۇ ئەدەبىي پارچىلار بىز ئۈچۈن تۈركى خەلقلەرنىڭ قەدىمى باي ئەدەبىي مىراسلىرىنىڭ نەمۇنلىرى ھېساپلىنىدۇ. «تۈركى تىللار دىۋانى»غا تۈرلۈك تېمىدا جەمئى 842 كۇبلېت ئەدەبىي پارچە كىرگۈزۈلگەن. بۇ ئەدەبىي پارچىلارنى مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن 4 چوڭ تۈركۈمگە بۆلۈشكە بولىدۇ : بىرىنچى، داستانلار، يەنى تاڭغۇتلار بىلەن بولغان جەڭ، قەبىلىلەر ئارا توقۇنۇشلار، دىنى مۇناسىۋەت تۈپەيلىدىن مۇسۇلمان بولغان «تۈرك»لەرنىڭ ئۇيغۇر «تات» لارغا قارشى قىلغان يۈرۈشلىرى، تۈركەشلەر ۋە ياباقۇلار بىلەن بولغان ئۇرۇش جۈملىدىن توققۇز ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتىپاقىدىكى چوڭ قەبىلىلەرنىڭ ئۆز ئارا جەڭگى –جېدەللىرى ھەققىدىكى داستانلاردىن پارچە، ئىككىنچى، مەرسىيلەر، ئۈچنىچى قوشاقلار، تۆتىنچى، ساقنامە ۋە ئوۋچىلىق توغرىسىدىكى قوشاقلار. «تۈركى تىللار دىۋانى» بېرىلگەن ھىكمەتلىك سۆزلەر، ماقال تەمسىللەر 200دىن ئاشىدۇ . «تۈركى تىللار دىۋانى»دا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلىرىنىڭ ماددى ھەم مەدىنى تۇرمۇشقا دائىر خېلى ئەھمىيەتلىك مەلۇماتلار بېرىلگەن. (دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، تېبابەت، تۇرمۇش ئادىتى، ھۈنەر سەنئەت...) «تۈركى تىللار دىۋانى»دا ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشقا دائىر قەدىمقى ۋە ئۆز زامانىسىدىكى ئاتالغۇلار، شۇنىڭدەك ھاكىمىيەت دەرىجىلىرى، ھۆكۈمرانلار تەبىقىلىرى ۋە ئۈنۋانلىرى خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ.
        «تۈركى تىللار دىۋانى»دا كالىندارچىلىق ۋە ئاستىرنومىيەگە دائىر مەلۇماتلار بېرىلگەن . مەھمۇت قەشقىرى تۈركى تىللار دىۋانىنى تۈزۈشتە پۈتۈن تۈركى تىللارغا ئورتاق بولغان بىر تىلىنى ئاساس قىلىشى شەرت ئىكەنلىكىنى ۋە تۈركى تىلنى تونۇشتۇرۇشتا ئەلۋەتتە ئەنە شۇنداق ۋەكىللىك خاراكتېردىكى تىلنى تونۇشتۇرۇش زۆرۈر ئىكەنلىگىنى ياخشى چۈشەنگەن. 11-ئەسىردە بارلىق تۈركى تىللارغا ئورتاق بولغان يېزىق ئەدەبىي تىلى بار ئىدى، بۇ تىل 10-ئەسىردىن ئىلگىركى قەدىمقى ئۇيغۇر تىل ئەنئەنىسىنى ساقلىغان ھالدا، يېڭى ئىجتىمائىي شارائىتتا شەكىللەنگەن ئەدىبى تىل ئىدى. تۈركى تىلىدا سۆزلەشكۈچى خەلقلەر زېمىن جەھەتتىن بىر قەدەر تۇراقلاشقان دەۋردىن يەنى 5-ئەسىردىن تارتىپ، ئۇلارنىڭ تىللىرى شەرقى تۈركچە ۋە غەربى تۈركچە دەپ ئىككى چوڭ قاناتقا بۆلۈندى. ئىسسىق كۆلنى مەركەز قىلغان «تېلې»لەرنىڭ ئوڭ قانىتى غەربى تۈرك تىلىدا سول قانىتى شەرقى تۈرۈك تىلىدا سۆزلەشكۈچى قەبىلىلەر توپلىرى ئىدى. غەربى قاناتتىكى قەبىلىلەرنىڭ ئاساسىنى ئوغۇز تۈركلىرى، قىپچاقلار تەشكىل قىلاتتى، شەرقى قاناتتىكى قەبىلىلەر توپىنىڭ ئاساسىنى توققۇز ئوغۇزلار يەنى توققۇز ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلاتتى. بۇلارنىڭ تىلى «قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى» ئىدى. 10-ئەسىردىن كېيىن ۋە مەھمۇد قەشقىرى دەۋرىدە بۇ ئىككى گۇرۇپپا تىلدىن غەربى قىسىمدىكى خەلقلەر تىلى «ئوغۇز تىلى»دەپ شەرقى قىسمىدىكى خەلقلەر تىلى «تۈرك تىلى»دەپ ئاتالدى. بۇ «تۈرك تىلى قەدىمقى تۈرك (كۆك تۈرك) ۋە قەدىمقى ئۇيغۇر ئەدىبي تىلىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى بولۇپ، ئۇ قاراخانلار نىڭ مەركىزى ئۆلكىسىدىكى چوڭ شىۋىنى ئاساس قىلغان ئورتاق ئەدىبي تىل ئىدى. شۇڭا ئالىم مەھمۇت قەشقىرى قاراخانىلار نىڭ مەركىزى ئۆلكىسىدە ياشىغۇچى خەلقنىڭ تىلىنى ئومۇمى ئەدىبي تىلنىڭ ئاساسى دەپ ھېساپلىغان ۋە ئۇنىڭغا       «خاقانىيە تىلى » دەپ نام بەرگەن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق