ئالتە مو يەر- فاكىر موخان سېناپاتى ‏(ھىندىستان)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-08 21:51:30

ئالتە مو يەرفاكىر موخان سېناپاتى ‏(ھىندىستان) ئالتە مويەر ھىندىستان يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىدىكى داڭلىق ئەسەر بولۇپ ئەسەر ۋەقەلىكى مۇنداق: مونگراجى ئورما دېگەن جايدىكى بىر پومېشچىكنىڭ غوجىدار...

    ئالتە مو يەر
    فاكىر موخان سېناپاتى ‏(ھىندىستان)
       

     
       ئالتە مويەر ھىندىستان يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىدىكى داڭلىق ئەسەر بولۇپ ئەسەر ۋەقەلىكى مۇنداق:

        مونگراجى ئورما دېگەن جايدىكى بىر پومېشچىكنىڭ غوجىدارى، ئۇ دېھقانلاردىن ئىجارە ھەققىنى يىغقاندا تولىمۇ شەپقەتسىزلىك قىلىدۇ، ئۇلارغا ئازراقمۇ يول قويمايدۇ. خوجايىنى ئالدىدا ئالدامچىلىق ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ، ئىجارە ھەققىنى تولۇق يىغالمىدىم، دېھقانلار ئىجارە ھەققىنى تاپشۇرمايۋاتىدۇ، دېگەنگە ئوخشاش گەپلەرنى قىلىپ، ئىجارە ھەققىنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئۆز چۆنتىكىگە سالىدۇ.
       پومېشچىك ھاراقكەش، ئۇ غوجىدارى مونگراجىنىڭ يالغان گەپلىرىگە ئىشىنىپ، ھاراق ئىچىپلا يۈرىدۇ، پۇلى تۈگەپ قالسا غوجىدارىدىن سورايدۇ. بۇ بىچارە بايقۇش ئۆزىنىڭ ئۆتنە ئالغان بولىنىڭ يىغىۋېلىشقا تېگىشلىك يەر ئىجارە ھەققى ئىكەنلىكىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمايدۇ. مونگراجى خوجايىنىنىڭ ئەخمەق ۋە ساددىلىقىدىن ئاپيدىلىنىپ جازانىخورلۇق يولى بىلەن قاتتىق بېيىپ كېتىدۇ.
       گوۋندپۇر يېزىسىدا باپكارچىلىق ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان ئەر ـ خوتۇنلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بالىسى يوق، ئەرنىڭ ئىسمى پاجىيە، خگوتۇننىڭ ئىسمى سارىيە، ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىسىدىن قېپقالغان ئالتە مو يېرى بار. بۇ، پۈتۈن يېزا بويىچە ھوسۇل كۆپ چىقىدىغان يەر بولغاچقا، مونگراجىنىڭ ئۆۆزى چۈشىدۇ. پاجىيە ئەر ـ خوتۇن ئىككىسىنىڭ بالىسى بولمىغاقا، باققان سىيىرىنى ئۆزىدەك كۆرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاماق يەيدۇ، بىللە يېتىپ قوپىدۇ، ئۇنىڭغا نايە دەپ ئىسىم قويىدۇ. ئۇلار بىرەر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئازراق مال ـ مۈلىكىگە شۇنىڭ ۋارىسلىق قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. سارىيە ھەمىشە ئىبادەتخانىغا بېرىپ خۇدادىن بىر ئوغۇل پەرزەنت بېرىشنى تىلەيدۇ. ھەممىنى بىلىپ تۇرغان مەككار مونگراجخنىڭ ئىچىگە جىن كىرىپ، يېزىنىڭ كاھىنى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، بۇ ئەر ـ ئىوتۇنلارنى ئالدىماقچى بولىدۇ.
       مونگراجىنىڭ خوتۇنى ئاق كۆڭۈلم سەمىمىي ئايال. لېكىن، يېزىدىكى گىمبا ئىسىملىك بىر بۇزۇق ئايال دائىم ئۇلارنىڭكىگە كىرىپ ـ چىقىپ، غوجىدار مونگراجى بىلەن ئاشنا ئوينايدۇ. كىشىلەر ئۇنىمۇ شۇ ئۆينىڭ خوجايىنى، ھەربىر يامان ئىشتا ئۇنىڭمۇ قولى بار ، دەپ ئويلايدۇ.
       كاھىننىڭ ئېزىقتۇرۇشى ۋە گىمبانىڭ ھەدەپ مەدەت بېرىشى بىلەن ئاق كۆڭۈل پاجىيە نۇرغۇن نەزىر ـ چىراق بۇيۇملىرىنىڭ مەرىدىن كەچسىلا خۇدانىڭ ئۆزلىرىنىڭ مونگراجخنىڭ بىرقانچە چاپارمەنلىرى ئىبادەتخانىنىڭ  ئاستىغا بىر مەخپىي ئورەك كولاپ، بىرقانچىسى شۇ يەرگە كىرىۋالىدۇ. ئورەكنىڭ ئۈستىنى ئوت ـ چۆپ بىلەن يېپىپ قويىدۇ. پاجىيە ئەر ـ خوتۇن ئىككىسى ئىبادەتخانىغا كېلىپ، يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ خۇدادىن بىر پەرزەنت ئاتا قىلىشىنى تىلەۋاتقاندا، ھېلىقى ئورەكتىن: «ماڭا بىر ئىبادەتخانا سېلىپ بەرساڭلار مال ـ مۈلكىڭلار ھەر گىز ئازىيىپ كەتمەيدۇ، تىلىكىڭلار بەجا بولۇپ ئۈچ ئوغۇل يۈزى كۆرىسىلەر؛ ئەگەر مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىمىساڭلار پاجىيەنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن»دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ.
       پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن گىمبا ئۇ ئىككىسىگە قورقۇنچ سېلىپ، خۇدانىڭ دېگىنىگە كۆنمىسەڭلار كۆزۈڭلار كور، قۇلقىڭلار گاس بولۇپ ئۆلۈپ كېتسىىلەر، دەيدۇ. يەنە تېخى ئۈچ ئايالنى مىسال قىلىپ، ئۇلار خۇدانىڭ گېپىگە كىرمىگەنلىكى ئۈچۈن بىر نەچچە كۈندىن كېيىنلا تۇل بولۇپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. بۇ ئىككىسى قورقۇنچ بېسىپ ئۈندىيەلمەيلا قالىدۇ. ئاخىر گىمبانىڭ نەسىھىتى بىلەن پاجىيەنىڭ يېنىغا بارىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن پۇل قەرز ئېلىپ ئىبادەتخانا سېلىش مەقسىتىدە ئالتە مو يېرىنى ئۇنىڭغا گۆرۈگە قويىدۇ. شۇنداق قىلىپ، مونگراجى ئۇلارنىڭ ئالتە مو يېرىنى تارتىۋالىدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، مونگراجى قەرزىنىڭ ئۆسۈمى ھېسابىدا پاجىيەنىڭ ياخشى كۆرىدىغان كالىسىنىمۇ ئېلىۋالىدۇ. چىدىغۇسىز نامراتلىق ۋە ئۈمىدسىزلىك تۈپەيلى ئېلىشىپ قالغان پاجىيە تۈرمىگە سولىنىپ قالىدۇ، بەختسىز خوتۇنى سارىيە كۈن بويى « مېنىڭ ئالتە مو يېرىم، مېنىڭ سۆيۈملۈك سىرىيىم ناندا قېنى؟!» دەپ نالە ـ پەرياد كۆتىرىدۇ. بەختىگە يارىشا، مونگراجىنىڭ خوتۇنى ئۇنىڭغا دائىم دېگۈدەك يەيدىغان نەرسە بېرىپ تۇرىدۇ. سارىيە قاتتىق دەرد ـ ئەلەمگە چىدىمايدۇ. «ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك»دېگەندەك، مونگراجى ئۇنى دائىم ئۇرۇپ ـ تىللايدۇ. قاتتىق ئازابقا چىدىمىغان بىچارە سارىيە مونگراجىنىڭ بوسۇغىسىدا جان ئۈزىدۇ.
       مونگراجىنىڭ قىلغان شۇملۇقلىرىمۇ ئۇزۇنغا بارماي خەلقى ـ ئالەم ئالدىدا ئاشكارىلىنىدۇ. يېزىنىڭ جېسەكچىلىرى سارىيەنىڭ جەسىتىنى تېپىۋېلىپ، ئەھۋالنى ساقچى ئىدارىسىگە مەلۇم قىلىدۇ. ئۇلار سارىيەنىڭ ئۆلۈشىگە پۈتۈنلەي مونگراجىنىڭ زورلىشى قاماققا ئېلىنىدۇ. بۇ ئەنزىنى تەكشۈرۈپ بىر ياقلىق قىلىش خاتىرىسىدە ئەھۋاللار تەپسىلىي يېزىلغان، سەككىز ئادەمنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرى تولۇق قەيت قىلىنغان تۇرۇقلۇقمۇ دەلىل ـ ئىسپات تولۇق ئەمەس، دەپ قارىلىدۇ ۋە مونگراجىنىڭ پاجىيەنىڭ كاللىسىنى تارتىۋالغان جىنايىتىلا ھېسابقا ئېلىنىپ، ئۇنى ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىدۇ.
       قاماقتىكى كۆپلىگەن مەھبۇسلار مونگراجىنىڭ كاساپىتىدىن قولغا ئېلىنغانلار بولۇپ، ئۇلار مونگراجىغا ئىچ ـ ئىچىدىن ئۆچ ئىدى. شۇڭا مەھبۇسلار ئۆزلىرى بىلەن قاماقتا بىللە يېتىپ قالغان مونگراجىنى پۇسەت تاپسىلا ئەدەبلەپ تۇرىدۇ.
       مونگراجى قاماقتىكى ۋاقتىدا خوتۇنى ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئاشنىسى گىمبا بىلەن خىزمەتكارى گوۋند ئۇنىڭ بارلىق پۇل ۋە زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىنى ئېلىپ قېچىپ كېتىدۇ. يولدا ئىككىسى بايلىق تالىشىپ قاتتىق جېدەللىشىدۇ. ئاخىر گوۋند گىمبا قاتتىق ئۇخلاۋاتقاندا ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. گوۋندنىڭ ئۆزىمۇ ساقچىنىڭ تۇتۇۋېلىشىدىن قورقۇپ سۇغا سەكرەپ ئۆلۈۋالىدۇ.
       مونگراجىنىڭ تۈرمىدىكى كۈنلىرى تولىمۇ تەستە ئۆتىدۇ، باشقا مەھبۇسلار دائىم ئۇرۇپ ئۇنىڭغا ئارام بەرمەيدۇ، ساراڭ بولۇپ قالغان پاجىيە ئۇنىڭ بۇرنىنى چىشلەپ ئۈزىۋالىدۇ. كېيىن مونگراجى ئۆلەي دەپ قالغاندا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىدۇ. ئۇ ئۆيىنىڭ قۇپقۇرۇق بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرىدۇ. كېيىن، كېسەل بولۇپ قېلىپ سەكرات ئۈستىدە توۋا قىلىشقا باشلايدۇ...

         ئازات ئالماس تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.