ئوغلۇمغا خەت (ئەھمەد ئەمىن)

يوللىغۇچى : Hechkim يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-30 00:00:00

ئوغلۇمغا خەتئەھمەد ئەمىن (مىسىر)ئوغلۇم، مىسىردىكى ئوقۇشۇڭنى تاماملاپ ئەنگىلىيدە ئوقۇشقا ماڭدىڭ. سەندىن بۇرۇن ياۋروپادا ئوقۇغانلار خىلمۇ-خىل چىقتى. ئۇلارنى بىر نەچچە تۈركۈمگە ئايرىش مۇمكىن:ئۇل...

    ئوغلۇمغا خەت

    ئەھمەد ئەمىن (مىسىر)


     

    ئوغلۇم، مىسىردىكى ئوقۇشۇڭنى تاماملاپ ئەنگىلىيدە ئوقۇشقا ماڭدىڭ. سەندىن بۇرۇن ياۋروپادا ئوقۇغانلار خىلمۇ-خىل چىقتى. ئۇلارنى بىر نەچچە تۈركۈمگە ئايرىش مۇمكىن:

    ئۇلارنىڭ ئىچىدە "مىسىر - ئەركىنلىكنىڭ چەكلىگۈچىسى" دەپ قارايدىغانلار بولدى ۋە ياۋروپادا ئاتا-ئانىسىنىڭ، مەكتەپنىڭ نازارىتىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆزى خان، ئۆزى بەگ بولۇپ ناھايىتى ئەركىن يۈردى. ياۋوپادىكى رەڭگارەڭ ئويۇنلارغا بېرىلىپ ئاتا-ئانىسىدىن ھەر خىل ئۇسۇل بىلەن پۇل ئېلىپ، تاپقان-تەرگىنى، ۋاقتى، زېھنىنى ئويۇن-تاماشا، ھاۋايۇ-ھەۋەسلەرگە سەرپ قىلدى. ئاقىۋەتتە ھەممە ئىش تېراگېدىيە بىلەن ئاخىرلاشتى. ئۇلار روھىيتى چىرىگەن، قەلبى قۇرتلاپ كەتكەن ھالدا دۆلەتكە ئىلىمسىز، ئەخلاقسىز پېتى قايتىپ كەلدى-دە، ھېچقانداق خىزمەتكە لايىق كەلمىدى. ئۇلار ياۋروپاغا بېرىپ كەلدىيۇ، ھەممىدىن بىراقلا ئايرىلىپ قالدى.

    ياۋروپادا بۇلارنىڭ ئەكسىچە ئوقۇيدىغانلارمۇ بار. ئەمما بۇلارنىڭ سانى كۆپ ئەمەس. ئۇلار باش كۆتۈرمەي ئۆگىنىدۇ. ياتىغىدىن، كىتابلىرىدىن، ئۇنىۋېرستىتىدىن ۋە ياتىقىدىن ئۇنىۋېرستىتقا بارىدىغان يولدىن باشقا ھېچنېمىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار ئىلمىي ئۇنۋانغا ئېرىشتى، دىپلوم كۆتۈرۈپ قايتىپ كېلىشتى. ئۇلارنىڭ ئەقلى ئۆسكەن، بىلىمى ئاشقانىدى، ئەمما قەلب كۆزلىرى يورۇمىغان، تېخىچە يۇمۇق ئىدى. بۇلارمۇ خۇددى ئاۋۋالقىلاردەكلا مېنى قىزىقتۇرالمايدۇ.

    بۇ يەردە مېنى قىزىقتۇرىدىغان، ھەم مەن سېنىمۇ ئاشۇلاردەك بولسىكەن دەپ ئارزۇ قىلىدىغان بىر تۈركۈم بار. ئۇلار ئۆز ۋەزىپىسىنى چۈشەنگەن، ئۆزلىرىنىڭ پەقەت ئىلىم، ئەخلاق ئۆگىنىش ئۈچۈن سەپەر قىلغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنلەردۇر. ئۇلار ھەر بىر مەنزىلدىن ساۋاق، ھەر بىر قەدەمدىن نەپ ئالدى ھەمدە دۆلەتكە مول بىلىم، پايدىلىق تەجرىبە ئېلىپ قايتىپ كەلدى.

    ياۋروپادا ئوقۇغانلار خلىمۇ-خىل بولغىنىدەك، ئۇلارنىڭ دۆلەتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى قىسمىتىمۇ ھەرخىل بولىدۇ:

    ئۇلارنىڭ ئىچىدە ياۋروپادىكى ئويۇن-تاماشىسى، قاراملىقى بىلەن كۆرەڭلەپ، ماختىنىپ يۈرىدىغانلارمۇ، ئۆزى يايرىغان تاماشا دۇنياسىغا يەنە قايتىپ بەھرلەنگۈسى بارلىقىنى تىنماي كاپىلداپ سۆزلەپ يۈرىدىغانلارمۇ بار. يەنە يادلىۋالغان نەزەرىيە، ئېرىشكەن دىپلومىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، ھاياتىي كۆز قارىشىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان، دىلى كور ھالدا بېرىپ، شۇ پېتى قايتىپ كەلگەنلەرمۇ بار.

    ياۋروپادا تۇرۇپ ئىلىم ۋە دۇنيا قاراشتا نەپكە ئېرىشكەنلەر باريۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى دۆلەتكە قايتىپ كېلىپلا ئۈمىدسىزلىككە مۇپتىلا بولۇپ قېلىشتى. دۆلەتتىكى قالايمىقانچىلىق، نامراتلىق، مەينەتچىلىكنى ئۆزى بىر مەزگىل ياشىغان پاكىز، رەتلىك مۇھىت بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ۋەتەندىكى قالايمىقانچىلىق، زۇلۇم، قالاقلىقنىڭ جىق ئۆزگەرمىگەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئۇنى ئۆزگەرتمەكچى بولدىيۇ، ئازراق قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىلا، بەزى ئىشلارغا قۇربى يەتمىسىلا ھەممىدىن يالتىيىۋالدى.

    مانا بۇلار، ئوغلۇم، مېنىڭ ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن كۆرگەن-بىلگىنىم. مەن سېنىڭ ئۇلاردەك بوپقېلىشىڭنى پەقەت خالىمايمەن. سېنىڭ دۆلەتكە ئىلىملىك، ئەخلاقلىق، ساپالىق بولۇپ قايتىپ كېلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن. قايتىپ كەلگىنىڭدە ئەگەر مىللىتىڭنىڭ ئەيب-قۇنسانلىرىنى كۆرۈپ قالساڭ، ئۇلارنى ئەپۇ قىلىشىڭنى ھەمدە ئۇلارنى كۈچۈڭنىڭ يېتىشىچە ئىسلاھ قىلىشىڭنى؛ ئەگەر ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھ قىلالمىساڭ ئۆزۈڭگە خاس مۇھىتنى بولسىمۇ ئىسلاھ قىلشىڭنى، ئوقۇغۇچىلىرىڭنى جان-دىل بىلەن تەربىيلىشىڭنى؛ ئۇستازلىرىڭ بىلەن ئەپ ئۆتۈشۈڭنى؛ ئىللىق ئائىلە قۇرۇشۇڭنى؛ دوستلىرىڭ بىلەن ھەمپىكىر ئۆتۈشۈڭنى ئۈمىد قىلىمەن. ۋاقىت ئۆتۈپ ئارزۇلىرىڭ كېڭەيسە، نەتىجەڭ، نوپۇزۇڭ ئاشسا ئاندىن ئىسلاھاتىڭنى تېخىمۇ ئومۇملاشتۇرالايسەن.


    سەندىن بۇرۇنقىلارنىڭ كۆپ قىسىمى مەغلۇب بولدى. چۈنكى ئۇلار دىپلوم ئۈچۈن سەپەر قىلىپ، خىزمەت ئۈچۈن قايتىپ كېلىشتى. سېنىڭ سەپىرىڭ ئىلىم ئۆگىنىش ئۈچۈن، قايتىپ كېلىشىڭ ئىسلاھات ۋە نەپ يەتكۈزۈش ئۈچۈن بولسۇن!


    - داداڭ ئەھمەد ئەمىن. 

    شىنجاڭ مەدەنىيتى 2007.5
     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.