ئورتاق غايە!- ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت قۇرۇش تارىخى

يوللىغۇچى : Biliwal يوللىغان ۋاقىت : 2007-07-17 03:02:00

ئەگەر ئوتتۇرا شەرقنى يېقىنقى ۋە ھازىرقى دۇنيادىكى مەڭگۈلۈك قىزىق نۇقتا دېسەك، ئۇنداقتا پەلەستىندىن ئىبارەت ئانچە كەڭ بولمىغان زېمىندا يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان بىر-بىرىنى قىرىشى...

        ئەگەر ئوتتۇرا شەرقنى يېقىنقى ۋە ھازىرقى دۇنيادىكى مەڭگۈلۈك قىزىق نۇقتا دېسەك، ئۇنداقتا پەلەستىندىن ئىبارەت ئانچە كەڭ بولمىغان زېمىندا يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان بىر-بىرىنى قىرىشىپ كېلىۋاتقان يەھۇدىلار بىلەن ئەرەبلەرنى توختىماي توقۇنۇشۇپ كېلىۋاتقان رەقىبلەر دېيىشكە بولىدۇ. قەدىمكى زامان تارىخىدا يەھۇدىلارنىڭ ئاخىرقى ھاكىمىيىتى مىلادى 135-يىلى گۇمران بولغان، رىم ئىمپېرىيىسى قېپ قالغان نۇرغۇن يەھۇدىنى ياشىغان جايىدىن قوغلاپ چىقارغان، بۇ جاينىڭ ئەسلىدىكى «ئىسرائىلىيە»، «يەھۇدى» دېگەن ناملىرىمۇ يوقاپ، ئورنىغا «سۇرىيە ۋە پەلەستىن» دەپ يېڭى نام قويۇلغان. ئۇنداقتا، يەھۇدى دۆلىتى ئايرىلغىنىغا ئىككى مىڭ يىلغا يېقىن بولغان بۇ جايغا قانداق قايتقان؟ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشتىن دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇشقىچە يەھۇدىلار ئۆز مىللىتىنىڭ دىن ۋە ئۆرپ-ئادىتىنى ئۇزاقتىن بۇيان ساقلاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تارقاق ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن بولۇپ، ئوتتۇرا ئەسىر ۋە كېيىنكى خېلى ئۇزاق تارىخىي مەزگىلدە يەھۇدىلار ئومۇمىي سانىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدىغان ياۋروپادىكى يەھۇدىلارنىڭ ئاساسىي سىياسىي خاھىشى «ئاسسىمىلياتسىيە بولۇش» ئىدى. ئۇلار بۇرژۇئازىيىنىڭ «ئادەم دۇنياغا كۆز ئېچىپلا باراۋەر بولۇش» ئىدىيىسىدىن پايدىلىنىپ، يەھۇدىلارنىڭ ياۋروپادىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان باراۋەر ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئارزۇ قىلاتتى. لېكىن، 1848-يىلىدىكى ياۋروپا ئىنقىلابىدىن كېيىن، نۇرغۇن دۆلەتنىڭ فېئودال پادىشاھلىرى ئىنقىلاپنى يەھۇدىلارغا دۆڭگىدى ھەم قايتىدىن يەھۇدىلارنى چەتكە قېقىش ۋە ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىدى؛ ئىنقىلاپتىن كېيىن ھەر قايسى ئەللەردە مىللەتچىلىك كەيپىياتى يۇقىرى بولۇپ، ھەر قايسى ئەللەردىكى مۇھىم ئىقتىسادى ھوقۇق ۋە پەن تەتقىقات ئالدىنقى سېپىنى ئىگەلىگەن، «يات مىللەت» بولغان يەھۇدىلار بىر تەرەپتىن ھە قايسى ئەللەردە چەتكە قېقىلدى، بۇ خىل چەتكە قېقىلىش يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلاردا نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ يەھۇدى دۆلىتىمىزنى قۇرمايمىز؟ دېگەندەك چەكلىگىلى بولمايدىغان بىر خىل يېڭى كەيپىياتنى پەيدا قىلدى. دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىدىيىنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان كىشى موسېس ھېس (Moses Hess) ئىسىملىك گېرمانىيىلىك يەھۇدى بولۇپ، ئۇ 1862-يىلى «رىم ۋە يېرۇسالېم، ئاخىرقى مىللىي مەسىلە»، دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ، «دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يەھۇدىلارنىڭ چىقىش يولى» دېگەن ئىديىنى تۇنجى قېتىم ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

          1882 - يىلى لېئو پىنكستېيىن ئىسىملىك پولشالىق يەھۇدى ئىمزاسىز ماقالا ئېلان قىلىپ: بىز يەھۇدىلار خەقنىڭ جۇۋىسىدا تەرلىمەكتىمىز، سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغانسېرى باشقىلارنىڭ شۇنچە ئۆچمەنلىكىگە ئۇچراۋاتىمىز، بىز يەھۇدىلارنىڭ بىردىن بىر چىقىش يولىمىز مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش، بۇنىڭ ئۇسۇلى: بىز يەھۇدىلارنىڭ ئۆزىمىزگە تەۋە دۆلىتىمىزنى قۇرۇش ئۈچۈن، دۇنيا يەھۇدىلار قۇرۇلتىيى ئېچىپ، مەبلەغ غەملەپ مۇۋاپىق يەر سېتىۋېلىش، دېدى. شۇ يىلى روسىيىنىڭ خائېركوفتا ئوقۇۋاتقان 14 ستۇدېنت «تەۋرات»تىكى قىسسىلەردە تىلغا ئېلىنغان زىئون، يەنى پەلەستىن دېگەن نامدىن پايدىلىنىپ، «زىئونغا قايتىش» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تەشكىلات قۇردى.

          1890-يىلى ئاۋسترىيىلىك بىرنبائۇم (Birnbaum) دېگەن كىشى زىئونىزم (يەھۇدى قىساسچىلىقى) ئاتالغۇسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى ھەم ئۇ يەھۇدى قىساسچىلىقىنىڭ نامىغا ئايلاندى. 1894-يىلى فرانسىيىدە مەشھۇر دېرېفۇس ۋەقەسى يۈز بەردى، يەھۇدى ئوفېتسېر دېرېفۇسنىڭ بىگۇناھ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى غەربىي ياۋروپادىكى يەھۇدىلارنىڭ مىللىي ھېسسىياتىنى قوزغىدى، بۇنىڭ بىلەن يەھۇدى قىساسچىلىقى بارا-بارا يەھۇدىلارنىڭ ئاساسىي ئېڭىغا ئايلاندى. ئافرىقىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ دۆلەت قۇرۇشقا تەييارلىنىش يەھۇدى دۆلىتى تەسۋۋۇرى بارلىققا كەلگەندە ئىسرائىلىىيە كۈچلۈك ، شۇنداقلا يەھۇدىلارغا پەقەت يول قويمايدىغان ئوسمانلى ئىمپىرىيىسىنىڭ زىمىنى ئىدى. شۇنداق بولغاچقا «يەھۇدى دۆلىتى» توغرىسىدا خېرزل ( Herzl) پەلەستىن بىلەن ئارگېنتىنادىن ئىبارەت ئىككى نامزات لايىھىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىككى جايدا «مىللەت مەۋجۇت بولمىغان زېمىن» بار بولۇپ، يەھۇدىلاردەك «تىرىكچىلىك قىلىدىغان زېمىنى يوق مىللەت»نىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا ناھايىتى مۇۋاپىق كېلەتتى. دەسلەپكى دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش لايىھىسى خىلمۇ خىل بولغان: ئەنگلىيە ئافرىقىدىن بىر پارچە زېمىننى يەھۇدىلارغا سېتىپ بېرىپ، «يەھۇدى دۆلىتىنىڭ ئۇلى» قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن، يەنى بەزىلەر جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىي ياكى جەنۇبىي ئامېرىكىدىن يەر سېتىۋېلىش توغرىسىدىمۇ چوت سوققان، ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى يەھۇدى بايلارنىڭ مالىيە كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئىگىسىز قاقاس يەر سېتىۋېلىپ دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەتلا بولغان ئىدى. 1903-يىلى ئەينى چاغدىكى روسىيىنىڭ يەھۇدىلارغا قارىش تۇرۇش ھەرىكىتىگە قارىتا، ئەنگلىيە مۇستەملىكىسىنىڭ لاۋازىمەت ۋەزىرى جوسېف چامبېرلېين (Joseph Chamberlain) تېئودور خېرزل (Theodor Herzl) رەھبەرلىكىدىكى زىئونىزم (يەھۇدى قىساسچىلىقى) تەشكىلاتىغا ئەنگلىيىگە قاراشلىق ئۇگاندا پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەنگلىيىگە قاراشلىق شەرقىي ئافرىقىدىكى 13 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر زېمىننى يەھۇدىلارنىڭ يۇرت-ماكانى قىلىشقا ئاجرىتىپ بەرمەكچى، ئەگەر يەھۇدىلار كۆچمەن بولۇپ بارماقچى بولسا، يېشىل چىراق يېقىپ بەرمەكچى بولغان. نۇرغۇن كىشى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان يەھۇدىلارنىڭ بۇ يەرگە ئورۇنلىشىشىنى ئۈمىد قىلغان.

          1903-يىلى شۋېتسارىيىنىڭ باسېلدا ئېچىلغان زىئونىزم (يەھۇدى قىساسچىلىقى) قۇرۇلتىيىدا كۆپ تەرەپ بۇ پىلان توغرىسىدا كەسكىن مۇنازىرە قىلغان. 2-يىلى زىئونىزم (يەھۇدى قىساسچىلىقى) قۇرۇلتىيى بېكىتىلگەن يېڭى يۇرت-ماكاننى تەكشۈرۈشكە ئۈچ ۋەكىل ئەۋەتكەن. تەكشۈرۈش ئەترىتى « ئېگىزلىك كېلىماتى بىلەن ياۋروپانىڭ كېلىماتى ئوخشاپ كېتىدىىغان بولغاچقا، بۇ جاي ياۋروپادىكى يەھۇدىلارنىڭ كۆچۈپ بېرىشىغا مۇۋاپىق كېلىدىكەن، بىراق ئېگىزلىكنىڭ ھەممە يېرىدە خەتەرلىك ياۋايى ھايۋان بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەردە ئاھالىلەر ئەسلىدىنلا ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئافرىقىدىكى نوپۇس ئەڭ زىچ رايون بولغاچقا، يەلىك كىشىلەرنىڭ ياۋروپالىق كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىشى ناتايىن ئىكەن، يەھۇدىلارنى ئۆزى بىلەن ئەزەلدىن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى بولۇپ باقمىغان بۇ يەرگە كۆچۈشكە جەلپ قىلىش مۈمكىن ئەمەستەك تۇرىدۇ» دىگەن دوكلاتنى سۇنغان ئىدى. زىئونىزم (يەھۇدى قىساسچىلىقى) قۇرۇلتىيى تەكشۈرۈش ئۆمىكى تاپشۇرغان دوكلاتنى مۇھاكىمە قىلغاندىن كېيىن، 1905-يىلى ئەنگلىيىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىشنى قارار قىلدى. ئارگېنتىنا لايىھىسى خېرزل دەسلەپتە ئوتتۇرىغا قويغان «يەھۇدى دۆلىتى»گە ئالاقىدار ئىككى نامزات لايىھىنىڭ بىرى ئىدى، چۈنكى ئارگېنتىنانىڭ پامپاس ئوتلىقى كەڭ، ئادەم شالاڭ، گېرمانىيىلىك نۇرغۇن كۆچمەن بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يەھۇدى ئىدى، خېرزلنىڭ دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پرىنسىپى «زېمىنى يوق بۇ مىللەتنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مىللەت يوق بىر پارچە زېمىن تېپىش» ئىدى، شۇڭا، ئۇ ئارگېنتىنا ناھايىتى مۇۋاپىق دەپ قارىغان، لېكىن، ئارگېنتىنا لايىھىسى تېزلا ئىنكار قىلىندى، چۈنكى، ئۇ جايدا گېرمانىيىلىك كۆچمەنلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت جىددىي بولۇپ، يەھۇدىلار ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىمەيتتى، شۇڭا، يەھۇدى سودىگەرلەر بۇ پىلانغا قىزىقمىدى.

           1908-يىلى يەھۇدىلار پەلەستىندىن يەر سېتىۋېلىپ، كۆچمەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنى تەشكىللىك تىرىلدۈرمىچىلىك ھەرىكىتىگە ئايلاندۇردى. 1909-يىلى «كىببۇتز» ( kibbutz) دەم ئاتالغان يەھۇدىلار مەھەللىسى پەلەستىندە تۇنجى قېتىم پەيدا بولدى، 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدىغىچە، شەرقىي ياۋروپادىن تەخمىنەن 40 مىڭ يەھۇدى پەلەستىنگە كۆچۈپ كەلدى. 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشى يەھۇدىلار دۆلىتى بىلەن پەلەستىننى يەنىمۇ بىر قەدەم يېقىنلاشتۇردى: يەھۇدىلارنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن، ئەنگلىيە دېپلوماتىيە ۋەزىرى بالفۇر (Balfour) پەلەستىندە «يەھۇدىلار يۇرتى» قۇرۇشنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى، 65 سۆزلۈك بۇ خەت يەھۇدى قىساسچىلىقىنىڭ «تىلتۇرمارى»غا ئايلاندى. 1920-يىلى ئەنگلىيە يەرلىك ئەرەبلەرنىڭ تۈركىيە ئىمپىرىيىسىگە قارشى مىللەتچىلىك ھەركىتىدىن پايدىلىنىپ پەلەستىننى ئىشغال قىلىۋالدى ھەم ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىدى، ئىككى يىلدىن كېيىن ئۆزىگە پىششىق بولغان «پارچىلاپ باشقۇرۇش» ھىيلە-مىكىرىنى قوللاندى، يەھۇدىلار بەس-بەستە تەۋراتتا تىلغا ئېلىنغان، يەھۇدى دىنى مۇرتلىرى ئۈچۈن مۆلچەرلىگۈسىز جەلپ قىلىش كۈچى بولغان، ئۆزلىرىنىڭ 2000يىل بۇرۇنقى ۋەتىنى ئىسرائىلىيەگە كۆچۈپ كېلىشكە باشلىدى. ئىسرائىلىيە دۆلەت قۇرۇپ ئەتىسىلا ئۇرۇش پارتلىدى 2-دۇنيا ئۇرۇشى داۋامىدا، ياۋروپادا ئالتە مىليۇن يەھۇدى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، يەھۇدىلارنىڭ قۇرۇلمىسىدا تەل-تۆكۈس ئۆزگىرىش بولدى، «يۇرت-ماكانىغا قايتىش» نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈرگەن يەھۇدىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈرەك ساداسىغا، «يەھۇدى دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.

           1949-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى ب د ت يىغىنىدا ئىئوردانيىەنىڭ پەلەستىن قىسمىدا ئىسرائىلىيىنى بۆلۈپ باشقۇرۇش قارارى ماقۇللىنىپ، ئىككىنچى يىلىدىن باشلاپ ئەنگلىيىنىڭ مانداتلىق ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەرەب دۆلىتى ئىئوردانييە ۋە يەھۇدى دۆلىتى قۇرۇپ، ئىئوردانىييەگە قاراشلىق پەلەستىننىڭ بىر قىسىم زىمىنىنى شۇ چاغدا يىغىلغان 420 مىڭ يەھۇدىگە دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ بېرىش بەلگىلەندى. 1948-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئەنگلىيىنىڭ مانداتلىق ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلىشىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى بېن گۇرىئون ( Ben-Gurion) تېل ئاۋىۋدا يەھۇدى دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، دۆلەت نامىنىڭ ئىسرائىلىيە دەپ بېكىتىلگەنلىكىنى جاكارلىدى. خۇددى بېن گۇرىئون ئېيتقاندەك، يەھۇدى قىساسچىلىقى ھەرىكىتى چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتتىن پايدىلىنىپ، يەھۇدىلار ئۆزىگە تەۋە زېمىننى قولغا كەلتۈرۈگەن بىر قېتىملىق ئۇچىغا چىققان سىياسىي ھەرىكەت بولدى، بۇ يول ئەگرى-توقاي، جاپا-مۇشەققەتلىك بولۇپ، «ئارقاندا ئەمەس، بەلكى قىل ئۈستىدە ماڭغانلىق ئىدى»، لېكىن، ئۇلار بۇ يولدا ماڭالىدى. ھالبۇكى، ئەرەبلەر روشەنكى «مەغلۇب بولغان باسقۇنچىلار»نى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىدى، ئىسرائىلىيە دۆلىتى قايتىدىن پەيدا بولغان كۈننىڭ ئەتىسى مىسىر سۈرىيە ئىئوردانييە بەش ئەرەب دۆلىتى ئىسرائىلىيىگە جەڭ ئېلان قىلدى، «يەھۇدى دۆلىتىنى يوقىتىش» ئاخىرقى مەقسەت قىلىنغان 1-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى پارتلىدى، مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ئەرەب بىرلەشمە ئارمىيىسى «تېز ئۇرۇش قىلىپ، تېز غەلىبە قىلىپ، ئىسرائىلىيىنى ئۈچ ھەپتە ئىچىدە تۈپ-تۈز قىلىۋېتىش»تەك جەڭ نىشانىنى بېكىتتى، ئەمما ئەرەب دۆلەتلىرى بىرلەشمە ئارمىيىسى يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىسرائىلىيەگە تەڭ كېلەلمىدى... ئەينى چاغدا 60 نەچچە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئەينى چاغدىكى «زىئون»نىڭ ئەتراپىدا ھازىرقىدەك سىياسىي تېرروتىرىيە پەيدا بولىدىغانلىقىنى ھېچكىممۇ خىيالىغا كەلتۈرمىگەن ئىدى. «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»دىن

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق