ئاتتىلانىڭ بىر قىسىم ئىدىيىلىرى

يوللىغۇچى : guljennet يوللىغان ۋاقىت : 2011-10-28 17:20:10

نەسىھەت ۋە مەسلىھەت---يېزىلغان دوكلاتنى پادىشاھ ئوقۇغاندىلا ئاندىن ئۇ مەلۇم قىممەتكە ئىگە بولىدۇ.---پادىشاھنىڭ پىكىرىگە داۋاملىق«قوشۇلىمەن»دەپ تۇرىدىغان تەبىقە باشلىقلىرى پادىشاھقا پەقەت ...



    نەسىھەت ۋە مەسلىھەت

    ---يېزىلغان دوكلاتنى پادىشاھ ئوقۇغاندىلا ئاندىن ئۇ مەلۇم قىممەتكە ئىگە بولىدۇ.

    ---پادىشاھنىڭ پىكىرىگە داۋاملىق«قوشۇلىمەن»دەپ تۇرىدىغان تەبىقە باشلىقلىرى پادىشاھقا پەقەت ئادەتتىكى ئادەملەردەكلا مەسلىھەت بېرەلەيدۇ.

    ---ئەقىللىق قەبىلە باشلىقى ھەرگىز ئۆزىگە بىر يامان خەۋەرنى يەتكۈزگەن ھوننى ئۆلتۈرمەيدۇ.ئۇنىڭ ئەكسىچە،ئەقىللىق باشلىق ئۆزىگە بىر يامان خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە جۈرئەت قىلالمىغان ھوننى ئۆلتۈرىدۇ.

    ---خاتا سۇئالنى سورايدىغان قەبىلە باشلىقى پەقەت خاتا جاۋابقىلا ئېرىشىدۇ.

    ---ئەقىللىق قەبىلە باشلىقى ھەرگىزمۇ بىر جاۋابنى ئاڭلاشنى خالىمايدىغان سۇئالنى سورىمايدۇ.

    خارەكتىرى

    ---بىر ھوننىڭ ئۇلۇغلىقى ئۇنىڭ ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بىرىشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقى ئارقىلىق ئۆلچىندۇ.

    ---ئۆز نېرۋىسىنى يوقاتقان قەبىلە باشلىقى غەلبە قازىنالمايدۇ.شۇڭا ئۇ ئۆز-ئۆزىگە ئىشىنىشى ۋە ئۆز-ئۆزىگە تايىنىشى كېرەك.شۇنداق قىلسا ئۇ يېڭىلىپ قالغان تەقدىردىمۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى بىلىدۇ.

    ---غەلبە قازىنىش ئۈچۈن بىر قەبىلە باشلىقى ناھايىتى ئەقىللىق بولمىسىمۇ بۇلىدۇ،ئەمما ئۇنىڭدا چوقۇم قەتئىي قانائەتلەنمەيدىغان غەلبە تەشنالىقى،ئۆزى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىشقا نىسبەتەن قەتئىي ئىشەنچىسى،ۋە ئۆزىنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەكچى بولغانلارغا تاقابىل تۇرالايدىغان يىڭىلمەس ئىرادىسى بولۇش كېرەك.

    ---ئۆزىنى مەركەز قىلغان،ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان،ۋە ئۆزىنى مەدھىيىلەيدىغان قەبىلە باشلىقلىرى ئاساسەن ئۇلۇغ لىدېرلاردىن بولالمايدۇ.لېكىن ئۇلار ئۆز-ئۆزىگە ناھايىتى كۈچلۈك دەرىجىدە چۇقۇنغۇچىلاردۇر.

    ---ئۇلۇغ قەبىلە باشلىقلىرى ھەرگىزمۇ ئۆزىنى مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇۋالمايدۇ.ئەقىللىق قەبىلە باشلىقى مۇھىتقا ماسلىشىدۇ،ھەرگىزمۇ مۇرەسسە قىلمايدۇ.

    ---ھونلار بىلەن بىللە ئىچىشىدىغان قەبىلە باشلىقى ئاشۇ ھونلارنىڭ بىرسى بۇلۇپ قېلىپ،ئۆزىنىڭ«قەبىلە باشلىقى»دىگەن سالاھىيىيتىنى يوقىتىدۇ.

    ---ئىقتىدارسىز قەبىلە باشلىقىلىرى ئۆز ئەتراپىغا ئىقتىدارسىز ھونلارنى يىغىۋالىدۇ.ئىقتىدارلىق قەبىلە باشلىقلىرى بولسا ئۆز ئەتراپىغا ئۆز ئەتراپىغا ئىقتىدارلىق ھونلارنى توپلايدۇ.بىر قەبىلە باشلىقى چوڭ-چوڭ غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنسىېرى،باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھەسەتخورلۇقىمۇ كۈچىيىپ ماڭىدۇ.

    جاسارەت

    ---ھونلار جاپا-مۇشەققەتنى يېڭىپ ئىش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئېرىشكەن تەجرىبە-ساۋاقلار ئۇلارنىڭ قالغان ئۆمرىنىڭ ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

    ---مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ھونلار كىلىشمەسلىككە قانداق تاقابىل تۇرۇش ۋە خاتالىقلارنى قانداق يېڭىشنى ئۆگىنىۋالالايدۇ.ھەربىر ھون ئۆزى تېگىشلىك بەدەلنى تۆلەشنى خالايدىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلالايدۇ.رىقابەت ھوقۇق بالدىقىنىڭ يۇقىرىسىغا چىققانسىرى ئاجىزلىشىپ ماڭىدۇ.

    قارار قىلىش

    ھەربىر قارارنىڭ تەۋەككۈلچىلىكى بولىدۇ.سالاھىيىتى توشمايدىغان ئادەمنى ھۆكۈم چىقىرىشقا ۋە قارار قىلىشقا قويغاندا،تۈپ خاتالىقلاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

    بىر قەبىلە باشلىقىنىڭ قارار چىقىرىشتىكى ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئۇنى ئاتاقلىق كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى دېيىش ئارقىلىق ئۆز ئابرويىنى ئۆستۈرۈشتىن ساقلايدۇ.

    ئەگەر غەلبە قىلىشتىن ئۈمۈد بولمىسا،قەبىلە باشلىقى ھونلارنى ئۇنداق جەڭنى قىلىشقا بۇيرىماسلىقى كېرەك.ناھايىتى قىيىن قارارلارنى چىقىرىش ئىقتىدارى بىر قەبىلە باشلىقىنى باشقا ھونلاردىن پەرقلەندۈرىدۇ.

    باشقىلارغا ھوقۇق ۋە فونكسىيە بېرىش

    بىر ئەقىللىق قەبىلە باشلىقى ھونلارنى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا قارىغاندا ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقى بەكراق نامايان بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار ئەھۋالىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈپ قويمايدۇ.ياخشى ھونلار ئادەتتە قەبىلە باشلىقى ئۆزىدىن ئۈمىد قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ.بىر ئەقىللىق قەبىلە باشلىقى ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ ھونلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئۆز ئەقلى ۋە چۈشەنچىسى دائىرىسىنىڭ سىرتىدىكى ئىشلارنى قىلىشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ.

    بىر ئەقىللىق قەبىلە باشلىقى ئەڭ قىيىن ۋەزىپىلەرنى پەقەت ئاشۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ھونلارغىلا تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ.ئىستېپا بىرىش ھەرگىزمۇ ھوقوقنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىش ئەمەس.ئۇ ئاجىزلىقنىڭ بىر ئىپادىسى.باشقىلارغا ھوقۇق بېرىش بولسا كۈچلۈكلۈكىنىڭ بىر ئىپادىسى.

    قەبىلە باشلىقلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش

    كۈچلۈك قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ دائىم چوڭ ئاجىزلىقلىرى بۇلىدۇ،قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇش ۋە يەنىمۇ ئۆستۈرۈش پادىشاھنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر.ھونلارنىڭ مەغلۇبىيەتتىن ئۆگىنىدىغان نەرسىلىرى مۇۋاپىقىيەتتىن ئۆگىنىدىغان نەرسىلىرىدىن كۆپ بولىدۇ.ھونلار كىلىشمەسلىككە دۇچ كەلگەندە تېخىمۇ تىز ئۆگىنەلەيدۇ.ياخشى قەبىلە باشلىقى بىر تەجىرىبىسىز ھونغا ئۇنىڭ لىدېرلىق قابىلىيىتىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ھوقۇق بېرىشتەك تەۋەككۈلچىلىكنى قىلالايدۇ.

    ھونلارغا تەدرىجىي ھالدا بۇرۇنقىدىن يۇقىرىراق سەۋىيىدىكى مەسئۇليەتنى بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى بىر قەبىلە باشلىقى بۇلۇشقا تەربىيىلىگىلى بولىدۇ.ئەگەر قەبىلە باشلىقى بولۇش بىر ئاسان ئىش بولغان بولسا،ھەممە ھونلار شۇنداق بولغان بۇلاتتى.

    قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلمايدىكەن،بىر ئادەم ئۆزىنىڭ يۇشۇرۇن كۈچىنى مەڭگۈ ئەمەلىيەتتە جارى قىلدۇرالمايدۇ.مۇۋاپىق دەرىجىدىكى بېسىم بىر قەبىلە باشلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كام بولسا بولمايدۇ.

    دېپلوماتىيە ۋە سىياسەتشۇناسلىق

    سىياسىي جەڭگە كىرگەن ۋاقىتتا،ئادەم ئۆزىنىڭ ئارقىسىنى داۋاملىق كۆزىتىپ تۇرىشى كېرەك.ھونلار غەلىبىسىنىڭ مۇھىم ئامىلى«قەيەردە؟»ۋە«قاچان؟»دىگەن سۇئاللارنىڭ جاۋابىدا بۇلىدۇ.ھونلار پەقەت ئۆزلىرى ئۇتالايدىغان جەڭگىلا كىرىشى كېرەك.

    ھونلار دىپلوماتىيىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن بىر ئۇرۇشقا كىرىشى مۇمكىن.ئەمما،دىپلوماتىيەنى باشلاش ئۈچۈن بىر ئۇرۇش زۆرۈر بولۇپ قېلىش مۇمكىن.

    ھونلار ئۈچۈن توقۇنۇش بىر نورمال ئەھۋال.ھونلار پەقەت مەلۇم مەقسەت ئۈچۈنلا ئۆزىگە دۈشمەن تىكلەيدۇ.ھونلار دىپلوماتىيە ئارقىلىق قولغا چۈشۈرەلەيدىغان نەرسىنى ھەرگىزمۇ ئۇرۇش  بىلەن ئالمايدۇ.شۇ نەرسە قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئېسىدە بولسۇنكى،مېھماندوستلۇق،ئىللىقلىق ۋە ئەدەپ-ئەخلاقلىق ئەڭ قەبىھ رەقىبىنىمۇ ئۆزىگە جەلپ قىلالايدۇ.كۆپىنچە ۋاقىتلاردا قەبىلە باشلىقلىرىغا ئۆزى ئەڭ ئىشەنگەن ئادەملەر خائىنلىق قىلىدۇ.

    نىشان

    يۈزەكى نىشان ئادەمگە يۈزەكى نەتىجە ئېلىپ كېلىدۇ.بىز بىر دۆلەت بولغانكەنمىز،ھونلار پەقەت مىللىي نىشانلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خۇددى خۇسۇسىي نىشانلاردەك مۇھىم كۆرگەندىلا،ئاندىن تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.

    بىر ئادەمنىڭ نىشانلىرى ھەرۋاقىت ئۇننىڭ تىرىشچانلىقلىرىغا ئەرزىيدىغان بولىشى كېرەك.مەقسىتى يوق بىر ئادەم ئۆزمەقسىتىگە قاچان يەتكەنلىكىنى مەڭگۈ بىلەلمەيدۇ.بىر ئادەم قوماندىغا بويسۇنۇش بىلەنلە كۈتكەن نەتىجىگە داۋاملىق ئىرىشىۋەرمەيدۇ.قەبىلە باشلىقلىرى داۋاملىق يۇقىرى پەللىنى كۆزلىشى،ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ بىخەتەر يولدا مېڭىشنى ئەمەس،ھەقىقىي ئۆزگىرىش پەيدا قىلالايدىغان ئىشلارنى قوغلىشىشى كېرەك.

    لىدېرلار ۋە لىدېرلىق

    پادىشاھ بىر ئادەمنىڭ ھازىرقى ئورنىدا قانچىلىك ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىدىن قەتئىينەزەر،ھەردائىم ئەڭ ياخشى ھونلارنى قەبىلە باشلىقى قىلىپ ئۆستۈرۈشى كېرەك.ھەرگىز مۇئاۋىن قەبىلە باشلىقى تۇرغۇزما.ئەڭ قابىلىيەتلىك قابىلىيەتلىك ھوننى رەھبىرىي ئورۇنغا قوي،ئۇنىڭغا مەسئۇلىيەت ۋە ھوقۇق بەر،ئاندىن ئۇنى قىلغان ۋە قىلدىغان ئىشلىرى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارت.

    ئەقىللىق قەبىلە باشلىقى ھەرگىزمۇ تەلەيگە يۆلەنمەيدۇ،ئەكسىچە،ياخشى ئىستىقبالغا ئېرىشىشتە قاتتىق تېرىشچانىلىق،چىدامچانلىق،باش ئەگمەسلىك ۋە ئىجابىي پوزىتسىيىگە ئىگە بولۇش قاتارلىقلارغا تايىندۇ.

    بىر ئەقىللىق قەبىلە باشلىقى ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى ھونلارنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ،ھەمدە ئاشۇ تەرىقىدە ئىش ئېلىپ بارىدۇ.ھونلارنىڭ بىر لىدېرى بولۇش كۆپىنچە ئەھۋالدا بىر يالغۇزلۇق ھېس قىلىدىغان خىزمەت.

      بىر ھەرىكەت ئۈچۈن ئاتلانغاندىن كېيىن، قەبىلە باشلىقلىرى چوقۇم مات بولۇش ئۈچۈن، غەلىبە قازىنىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى، ھەرگىز مۇرەسسە قىلماسلىقى كېرەك.

      خەتەرلىك ئىشلارنى بىللە ئېلىپ بېرىش قەبىلە باشلىقى بىلەن ھونلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدۇ.

      كۈچلۈك قەبىلە باشلىقلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھونلىرىنى ياخشى ئىشلەشكە قوزغىيالايدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرالايدۇ.

      ئەڭ ياخشى قەبىلە باشلىقلىرى مۇۋاپىق پەيتتە توغرا سۇئالنى سوراش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرەلەيدۇ.

      ئەگەر بىر قەبىلە باشلىقى ئۆزىنىڭ ئادەم توپىنىڭ ئەڭ ئارقىسىدا ماڭىدىكەن، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆز ھوقۇقىنى يۈرگۈزەلمەيدۇ.

     

      چۈشىنىش ۋە تەشۋىق قىلىش

      ئۆزىنى ھەددىدىن زىيادە مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغان ئادەم توغرا ھۆكۈم تەرىپىدىن ئايرىلغان بولىدۇ.

      بىر ئادەمنىڭ چۈشەنچىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر رېئاللىق بولىدۇ.

      داۋاملىق ئالدىراش كۆرۈنگەن ئادەم ئەمەلىيەتتە ئۇنچىۋالا ئىشلەپ كەتمەيدۇ.

      سېنىڭ دوستۇڭ ۋە رەقىبىڭ سېنىڭ ياخشى گېپىڭنى قىلسا، بۇ ناھايىتىمۇ ياخشى ئىش. ئەمما ئۇلارنىڭ سەن توغرۇلۇق ھېچ نېمە دېمىگىنىگە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ سەن توغرۇلۇق يامان گەپلەرنى قىلغىنى جىق ياخشى. ئەگەر بىر ئادەم توغرۇلۇق ھېچ قانداق گەپ تاپقىلى بولمىسا، بۇ ئادەم چوقۇم ھېچ قانداق نەتىجە ياراتمىغان بولىدۇ.

      كۆپىنچە ۋاقىتلاردا قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئويلىغىنىغا قارىمۇقارشى ھالدا، كىشىلەر سېنى بۇرۇن قىلغان ئىشىڭ ئاساسىدا ئېسىدە ساقلىمايدۇ، بەلكى سەن قىلغان ئىشلار توغرىسىدىكى ئۆز چۈشەنچىسى ئاساسىدا ئېسىدە ساقلايدۇ.

     

    كىشىلىك تۆھپە

      بىر ناچار قەبىلە بولغانغا قارىغاندا، بىر ياخشى ھون بولۇش تېخىمۇ شەرەپلىك.

      ئەگەر ھەممە ھونلار قارىغۇ بولسا، بىر كۆزلۈك جەڭچى پادىشاھ بولالايدۇ.

      ئۇلۇغ قەبىلە باشلىقلىرى تېخىمۇ مۇھىم ئىشلارنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن بەزى ئانچە مۇھىم بولمىغان ئىشلاردىكى مەغلۇبىيەتكە شۈكرى قىلىدۇ.

      ھەر بىر ھون ئۆز ھاياتىدىكى ئەھۋاللارنى ۋە ئىشلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشقا توغرىلاپ ئۆزگەرتىشكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. بىر ھون ئۆزى ئۈچۈن قىلىشتىن ۋاز كەچكەن ئىشلارنى باشقا ھونلار ياكى رىملىقلار ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلىپ بەرمەيدۇ.

     

      مەسىلىلەر ۋە يېشىملەر

      ھونلارنى ئۆز دىققىتىنى ساقلانغان مەسىلىلەرگە ئەمەس ئالدىغا كەلگەن پۇرسەتلەرگە مەركەزلەشتۈرىدىغان قىلىپ تەربىيىلەش كېرەك.

      بەزى ھونلاردا مەۋجۇت ئەمەس مەسىلىلەرنىڭ يېشىمى بار.

     

      مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش

    ئۆز ھوقۇقىغا چۇشلۇق ئىقتىدارى يوق بىر قەبىلە باشلىقى ئۆز خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلانغاندا، بىر ئۇ تاللىغان ۋە ئۆزىدىن كېيىنلا تۇرىدىغان ئادەمنى ئۇنىڭ ئورنىغا ئاساسەن دەسسەتمەيمىز. چۈنكى بىر قەبىلە باشلىقى مەغلۇپ بولغاندا، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك لېدىرلارمۇ ئوخشاشلا مەغلۇپ بولىدۇ.

      ئەگەر بىر ھون ئىشنى ياخشى قىلمىغاندا، سەن ئۇنى ‹ئىشنى ياخشى قىلدىڭ› دەپ ماختىساڭ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سېنىڭ سۆزۈڭنى ئاڭلىماس بولىدۇ. ئۇنىڭلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، سەن ئۇنى ھەقىقىي تۈردە ماختىغان ۋاقتىڭدىمۇ ئۇ ساڭا ئىشەنمەس بولىدۇ.

    سەۋىرچانلىق

    ھەربىر ھوننىڭ قىممىتى بار،ناچار ئەھۋالنىڭ مىسالى بولۇپ قالغاندىمۇ ھەم شۇنداق.قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىز ئۇلارنىڭ بەزى ئاجىزلىقلىرىغا يول قويۇشىمىز كېرەك.ساڭا سادىق ئادەتتىكى ھونلارنى قوبۇل ئەت.لېكىن ئىقتىدارلىق ئەمما ساڭا ساداقىتى يوق ھونلارنى قوبۇل ئەتمە.

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.