مەڭگۈ تاشلار

يوللىغۇچى : Siddiq يوللىغان ۋاقىت : 2007-05-31 04:17:00

مەڭگۈ تاشلار مەڭگۈ تاشلار ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇل دالىلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ يۈرگەن يىللىرى قالدۇرۇپ قويغان خاتىرە تاشلىرى بولۇپ، ئاساسەن تاش يۈزىگە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا مەلۇم پادىشاھنىڭ ...

       مەڭگۈ تاشلار

    مەڭگۈ تاشلار ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇل دالىلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ يۈرگەن يىللىرى قالدۇرۇپ قويغان خاتىرە تاشلىرى بولۇپ، ئاساسەن تاش يۈزىگە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا مەلۇم پادىشاھنىڭ ئىش ئىزلىرى ئۇيۇپ قالدۇرۇلغان. مەڭگۈ تاشلارنىڭ ئەينى دەۋرنىڭ سىياسى، ئىجتىمائى، تارىخى ئىشلىرىنى تەھلىل-تەتقىق قىلىشتا مۇھىم قىممىتى بار.


    ھازىرغىچە بايقالغان مەڭگۈ تاشلاردىن مۇھىم دەپ قارالغانلىرى توققۇز دانە بولۇپ ئۇلار:
    1.چورىن مەڭگۈ تېشى ---1971يىلى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى پايتەخت ئولانباتۇرنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى چورىن دىگەن جايدىن تېپىلغان .بۇ مەڭگۈ تاش مىلادىيەنىڭ 686-687-يىللىرى ئارىلىقىدا ئورنىتىلغان.
     2.تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى --1897-يىلى ،ئۇلانباتۇر دىن 60 كىلىومىتىر يىراقلىققا جايلاشقان بايىن چوقتۇ دىگەن جايدىن تېپىلغان ،مىلادىينىڭ 716-يىلى ئورنىتىلغان .
     3-كۆل تىگىن مەڭگۈ تېشى ---1889-يىلى ئۇرخۇن دەريا ۋادىسىدىكى خۇشۇ - سايدام دىگەن جايدىن تېپىلغان بولۇپ ،بۇ مەڭگۈ تاش مىلادىنىڭ 732-يىلى ئۇرنىتىلغان .
     4.بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى ---بۇ كۆلتىگىن مەڭگۈ تېشى بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر جايدىن تىپىلىغان .مىلادىينىڭ 735-يىلى ئرنىتىلغان .
     5.بايۇنچۇر (1)مەڭگۈ تېشى ---1909-يىلى مۇڭغۇلىيىە خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى سېلىنگا دەرياسى بىلە ن شىنە -ئوسۇ كۆلى ئارلىغىدىكى جايدىن تېپىلغان بۇ مەڭگۈ تاش تەخمىنەن مىلادىنىڭ 759-يىلى ئورنىتىلغان .
     6.بايۇنچۇر (2)مەڭگۈ تېشى ---1957-يىلى مۇڭغۇلىيىە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تالىياتى دىگەن جايدىن تېپىلغان .
     7.توققۇز ئۇيغۇر خاقان مەڭگۈ تېشى ---1890-يىلى ئۇرخۇن دەرياسى بويىدىكى قەدىمقى قارابالغاسۇن (ئوردۇ بالىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ)دىن تېپىلغان .
    8.سۇجى مەڭگۈ تېشى --- 1909-يىلى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىمالىدىكى سۇجى داۋان يىنىدىن تېپىلغان .
     9.ئېرىق بىتىگ(پالنامە ،جەمى 104بەت )---ئەنگىلىيىلىك ئارخولوگ سىتەيىن دۇڭخۇاڭ مىڭ ئۆيلىرىدىن تاپقان.

    --------------------------------
    بۇ تېما ئەسلى "نىشان" ئەپەندىمنىڭ بولۇپ، مەن ئايرىپ تەھرىرلەپ قايتا يوللىدىم.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق