بوسنىيە خەلق ناخشىسى  (لوركا )

يوللىغۇچى : alipoguz يوللىغان ۋاقىت : 2008-05-31 17:59:00

خەلق ناخشىسى (لوركا ) بوسنىيە خەلق ناخشىسى نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن ئالىپ ئوغۇز تەرجىمىسى بوسىنىيەلىكلەرنىڭ ناخشىسى ، مەپتۇن قىلار مېنى ئۆزىگە . ئۇ شەپسىز دىلارنى ئوۋلاپ ، ئەركىن تۇيغۇ ئويغۇتىدۇ كش...

    خەلق ناخشىسى  (لوركا )
          بوسنىيە خەلق ناخشىسى
    نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن ئالىپ ئوغۇز تەرجىمىسى

     بوسىنىيەلىكلەرنىڭ ناخشىسى ،
    مەپتۇن قىلار مېنى ئۆزىگە .
    ئۇ شەپسىز دىلارنى ئوۋلاپ ،
    ئەركىن تۇيغۇ ئويغۇتىدۇ كشىدە.

     مۇڭلۇق ناخشا ئېيتار بىر بالا ،
     بەرەڭگىلىكتە ئوت يۇلغاش ھەۋەستە .
    ئاڭلىنىدۇ ئۇنىڭ ناخشىسى ،
    تۈن پەيىتىدىمۇ ئۈزلمەستىن چۈشۈڭدە .
    سەن ئۆيۈڭدىن ئاتلىنىپ يىراققا;
    ئۇز ۋەتىنىڭ قالسىمۇ ئارقىڭدا;
    ، ھەتتا ئۇزاق; يىللار ئۆتسىمۇ بۇ كۈيلەر
    ئۇنتۇلماستىن ياڭرايدۇ باغرىڭدا

     1895_يىل <<لوركا شېئىرللىرى >>، 25_ بەت <<ياڭيۇ>>نى نىمە دەيدىكىن ؟ بۇنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن .بۇ شېئىرنى تەرجىمە قىلىۋىتىپ بىر ئىش ئېسىمگە كېلىپ قالدى .بىر يىلى چىگىر شەھەر ئالاتوۋغا خىزمەت بىلەن بېرىپ بىر مىھھمانغانىغا چۈشتۈم .كەچلىك تاماق ۋاقتىدا قازاقىستانلىق بىر يىگىت كۈتكۈچىلەرگە ئۆزىنىڭ نىمە تاماق يەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ بېرشىنى ئۆتۈنۈپ ئالدىمغا كەلدى .مەن قوشۇلدۇم .شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭدىن :<<نىمە تاماق يىمەكچى >>دەپ، سوردۇم .ئۇ << كارتوشكا بىلەن سېرە گوشىدە ئىتلگەن تاماق >>دىدى .مەن ئۇنىڭ سېرە دىگەن سۆزىنى چۈشەندىم لېكىن <<كارتوشكا>> دىگەن سۆزىنى زادى چۈشۈنەلمىدىم . ئۇ ئاخىرى قول ۋە پۇتىنى ئىشقا سېلىپ <<ھېلىقى يەردىن قېزۋىلىنىدغان >>كوكتات دىدى .مەن <<لوبو >> ،<< ياڭيۇ >> << سەۋزە >> ...قاترلىقلارنىڭ نامىنى بىرمۇ بىر ئاتىدىم لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەس بولۇپ چىقتى .شۇ ۋاقىتتا روس تىلىنى بۈلىدىغان بىر خەنزۇ تەرجىمان مەسلىنى ھەل قىلدى .مەن ئۇ خەنزۇ يىگىتتىن«<< ئۇنىڭ كارتوسكا دىگىنى نىمىنى كۆرسۈتىدۇ >>دەپ سوردۇم .ئۇ قىسقىلا قىللىپ <<تۇدۇر >>يەنى <<ياڭيۇ >>دىدى .مەن ئويلىسام مېنىڭ <<ياڭيۇ >>دىگىنىم ساپ خەنزۇ تىلى ئىكەن ،ئۇنىڭ <<كارتوشكا >>دىگىنى ساپ روس تىلى ئىككەن . بۇ يەردە بىز قاشقا تىللار تۈپەيلى بىر تۈرۈك تىل سېستىمىسدىكى مىللەت تۇرۇپ مەقسىتىمىزنى ئۇقتۇرالماپتۇق . .مەن بەك ئەپسۇسلاندىم

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-14 19:42:46]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق