كاسساندرا تامغىسى (1)

يوللىغۇچى : guzal110 يوللىغان ۋاقىت : 2014-01-29 18:01:44

ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق بولدى. «مۇنبەر» گېزىتىنىڭ خىزمەتكارلىرى ئويلىمىغان يەردىن رەھبەرلىك جايلاشقان قەۋەتتە ئالدىراپ-سالدىراپ ئۇچراشقان تەھرىر ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرىنىڭ جىددىي چاقىرىلغان كېڭەش يىغىنى ۋاقتىدا «ئۇيان بۇيانغا چېپىشقا، تېلېفوننىڭ جىرىڭلىشىشىغا، فا

     

    كاسساندرا تامغىسى
     
    چىنگىز ئايتماتوۋ (قىرغىزىستان)
    (رومان)
    يۈسۈف ئىگەمبەردى تەرجىمىسى
    قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى تىل فاكۇلتېتى
     
    بىرىنچى بۆلۈم

     
    كاسساندرا ئاپوللۇننىڭ مۇھەببىتىنى قۇبۇل قىلمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاپپوللون كاسساندراغا غەزەبلىنىپ، ئۇنىڭ سەگەكلىك بىلەن ئېيتقانلىرىنى ھېچكىم ئىشەنگۈسىز قىلىپ قويىدۇ.
    - قەدىمكى يۇنان ئەپسانىسىدىن
    پانىي دۇنيالىق ئۈچۈن ئەسلا نېسىپ بولمىغان، ئاسمان ئاستىدا، يەر ئۈستىدە يۈز بېرىپ تۇرغان ھارام ئىشلارنى كۆرمىگەن جاننىڭلا قالغىنى ھېلىقى ئىككىسىنىڭ بەختى ئىدى.
    -ئىككلېسئاست (تەۋراتنىڭ مۇتەپسىرى)
    بۇ سەپەرمۇ بايىقىدەك ئىش تەسۋىرلەنگەن كەلىمىلەردىن، كەلىمىنىڭ ئۆزىدىن باشلاندى. دۇرۇست، بۇ بايىقى قاچاندۇر بىر بولۇپ كەتكەن دۇنياغا بۇ مەلۇم بىر مەڭگۈلۈك ۋەقەلىكتەك بولۇپ تۇراتتى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى ئەشۇنداق ئېيتىلغان كەلىمىلەردىن كېلىپ چىقمىدىمۇ؟...
    شۇنداق بولسىمۇ بۇ كۈتۈلمىگەن ئەھۋالغا بىرىنچى بولۇپ قاپسىلىپ قالغان ئادەملەرنىڭ كۆپچىلىكى كېيىن ياشاپ يۈرۈپ دەل شۇ ۋەقەنى ئۆز ھاياتىدىكى ئەڭ بىلىنەرلىك، گەۋدىلىك ۋەقە، ھادىسە دەپ بىلىشىپ تارىخىي ئەستىلىك يېزىشنىمۇ ھېچقاچان ئويلاشقان ئەمەس. ئۇنىڭدىن قالسا يەنە بىر قىزىقسىنارلىق ئىش بار. شۇ ۋەقەگە شاھىد بولغانلارنىڭ ھەممىسى نېمە دېيىشىنى پۈتۈشۈۋالغاندەكلا قىلىشىپ ئۆز بايقاشلىرىنى «مۇشۇ كەمگىچە يۈزكۆرۈلمىگەن بۇ ۋەقەلەر رازىۋېدكا رومانىدىكىدەك راۋاجدا بولدى دەپ» باشلاشقا مەجبۇر بولىدۇ.
    ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق بولدى. «مۇنبەر» گېزىتىنىڭ خىزمەتكارلىرى ئويلىمىغان يەردىن رەھبەرلىك جايلاشقان قەۋەتتە ئالدىراپ-سالدىراپ ئۇچراشقان تەھرىر ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرىنىڭ جىددىي چاقىرىلغان كېڭەش يىغىنى ۋاقتىدا «ئۇيان بۇيانغا چېپىشقا، تېلېفوننىڭ جىرىڭلىشىشىغا، فاكسقا جاۋاب بېرىشكە، بۇندىن باشقا يەنە ئاللىقانداق كىشىلەرنىڭ تەھرىرات بوسۇغىسىدىن ئاتلاپ كىرىشى مەنئى قىلىنسۇن»! دېگەن باش مۇھەررىرنىڭ بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋېلىشتى.
     شۇنداق قىلىپ، ھەممە ئىش شۇ جىددىي چاقىرىلغان كېڭەشتىن باشلاندى. بۇنىڭغا ئوخشىمىغان باياناتنىڭ گېزىت يۈزىدە ئېلان قىلىنىشىنەچچە كېچە ئۇخلىسىمۇ چۈشكە كىرىدىغان ئىشمۇ؟! بىراق، ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ ماقۇلغا كېلىشى كېرەك ئىدى. ئەمەلىي ھەرىكەتلىنىش كېرەك ئېدى. يا بار، يا يوق مەسىلە مانا مۇشۇنداق قىردىن چىقتى، شۇنداق قىلىپ «بارلىق قورۇقلۇقلاردا تەپەككۇرنى ئويغاتقۇچى» دېگەن ئاتاق ئالغان «مۇنبەر» مۇ ئازدۇرۇلماي قالمىدى. (ئەلۋەتتە، «شەيتاننىڭ ئازغۇرلۇقى» دەپ كېيىنكى قارشى چىققۇچىلار دېگەنگە ئوخشاش ئىش بولدى) بىرەر خەۋەرنىڭ دۇنيانى زىلزىلىگە سالىدىغان خەۋەر بولمىقى ئوڭايمۇ؟ تەھرىراتتىكىلەر بۇ ماتېرىيالغا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى ئالدى دە،-ئادەمزاتى تارىخىدا بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان يازما ماتېرىيالنى ئۆز ئەينى ئېلان قىلىپ ئەۋەتىشكە تەۋەككۇل قىلىشتى.
    مانا مۇشۇنداق ۋەقەلەرنىڭ بىسمىللاسىدا تەھرىرات ئاخباراتچىلىرى ئىچىدىن كىمدۇر بىرى كۆپچىلىكنىڭ ئېسىدە بار بولغان ،لېكىن ھېچكىممۇ دېيەلمىگەن بىر گەپنى ئېيتىپ تاشلىدى؛
    -مانا، يىگىتلەر بولار ئىش بولدى دېدى ئۇ قولىدىكى سىرى قۇراي دەپ قالغان ۋاراقنى كۆرسىتىپ -تارىختىكى ئادەم بالىسىنىڭ خىيالىغا كەلمەيدىغان ۋەقەنى مانا بىزنىڭ «مۇنبەر» ئېلان قىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، پۈتتى. ئەمدى بىزگە ھېچكىم يېتەلمەيدۇ. ئەمدى قالغان ئىشلارنى كۆرىمىز. تۇرمۇش بىزگە كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىشنىڭ ئاخىرى نېمە بولىدۇ دەيدىغانسىلەر بەلكىم. كۆرىمىزغۇ!-ئۇ بېشىنى چايقاپ قويدى–دە، سىرلىق تەرزدە سۆزنى تولۇقلىدى:
    -چۈنكى، خىزمەتداشلار، كەچۈرۈڭلار. ئەسكەرتىپ قوياي، بۇندىن كېيىن باشقا ھەركىم ئۆزى ئۈچۈن بەكرەك ئويلىنىشى تېگىشلىك بولىۋاتىدۇ، بىر سائەتتىن كېيىن نېمە ئىش يۈز بېرىشى نائېنىق.
    -راسىتتىن ئېيتقاندا خەۋپلەنمەي تۇرۇشقا بولمايدۇ. بۇ گەپلەرنى ھەممەيلەن چۈشىنىپ تۇراتتى. تەھرىراتتا شۇ كۈنى ھەممىسىنىڭ يەنى باش مۇھەررىرىدىن تارتىپ كېلەچەكتە تەپسىلىي خەۋەر يازغۇچى بولۇش ئۈچۈن بۇ يەرگە ئاخبارات فاكۇلتېتىدىن كېلىشكەن بىلىم ئاشۇرغۇچىلارغىچە ھەممىسىنىڭ كەيپىياتى سائەتسايىن ئۆزگىرىپ تۇردى. بىردەم جىمىسى ئالدىراپ يۈرسە، ياكى ئولتۇرغان ئورۇنلىرىدا ھاڭۋېقىشىسا، بىر-بىرىنىڭ گېپىگە سۆز قېتىشتىن قېچىشسا، بىردەم ئۇنداق قىلىشنىڭ تەتۈرسىچە كارىدورلار بىلەن ئىشخانىلاردا نېرى-بېرى پاي-پېتەك بولۇشۇپ ھاياجاندىن كۆزلىرى ئويناقشىپ قىزغىن ھالدا گەپكە چۈشۈپ كېتىشتى. بىراق، ھازىر باشقا نەرسە ھەققىدە ئويلىنىشنىڭمۇ پايدىسى كېلىپ بولىدىغان بولۇشى مۇمكىن. قەھىرلەنگەن قارام كىشىلەردىن قوغدىنىش ئۈچۈن ئىشىك دېرىزىلەرنى چىڭ تاقاش مۇھىم بولۇپ يۈرمىسۇن يەنە؟-بۇنداق ئەھۋالنى يۈز بەرمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى كوچىدىكى قەھىرلەنگەن بىر توپ كىشىلەر تەھرىراتقا بۆسۈپ كىرىپ )ئۇلارنى ھېچقانداق بىر ساقچى توختىتالمىسا كېرەك) ئەينەكلەرنى چېقىپ، ئەمگەك قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ مىجىقىنى چىقىرىپ، چاتاق چىققان يەرگە چېپىپ بارغان تېلېۋىزىيە خادىملىرىنىڭ تېلېكامىراسىنىڭ ئالدىدا، قاش بىلەن قاپاقنىڭ ئارىلىقىدىلا پۈتكۈل دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان، ئادەمنى تەڭرىنىڭ ئۆزى بىلەن تەڭلەشتۈرگەن مۇخبىرلارنى ياقىسىدىن قارماپ ھالىنى كەتكۈزگۈدەك باھانەلەر بىلەن كاچاتلاپ ،ئۇرۇپ سېلىشى ئېنىق ئىدى. بىراق ھازىرغىچە ھېچنەرسىدىن خەۋىرى يوق چۈمۈلىدەك يايلىغان كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ چوڭ شەھەرلىرىنىڭ كوچىلىرىدا كۆككە تاقاشقان، پۈتۈن سۈرۈك ئەينەكتىن ياسالغاندەك ئۆي-ئىمارەتلەرنى بويلاپ مىدىرلىشىپ يۈرىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن قاتار تالاشقان رەڭگارەڭ ماشىنىلار تىنىمسىز رەۋىشتە دەريا دولقۇنلىرىدەك ئۇيان بۇيان ئېقىشىپ يۈرىدۇ. كۆك قەھرىدە كۆزنى چاقنىتىدىغان تىك ئۇچارلار ئۇچۇپ يۈرۈشىدۇ.
    يەنىلا ھېچكىم ئەقلىدىن ئاداشقىنى يوق. ھازىرغىچە ئۆزلىرىنىڭ مەڭگۈلۈككە شەك كەلتۈرمىگەن ھايات ئېقىمىنىڭ تىلسىمغا ۋىجدانسىزلىق بىلەن يول ئالغان، قارا سانىغان گېزىتلەرنى قوللىرىدا پۇلاڭلىتىپ، كەڭرى سەينالارغا ھېچكىم چۇقان سۈرەن سېلىپ چىقالمىدى. يەنىلا ھېچكىممۇ ھەممە ئادەمنى توپىلاڭغا كۈشكۈرتۈپ »دوزاقنىڭ يولىنى تورايلى!» دەپ چۇقان سالمىدى.
    «مۇنبەر» گېزىتىدىكىلەر «باشقا بىرسى بىزلەردىن ئېشىپ-ئوزۇپ كەتمىسۇن»دېيىشىپ ئالدىراشتى. قايتىدىن تېرىلىپ-چېچىلىپ تۇرغان گېزىت ماقالىلىرى يېرىم سائەت ئىچىدىلا قۇراشتۇرۇلۇپ بىر سان گېزىت پۈتتى. كائىناتتىن كەلگەن بۇ ماتېرىيالنى دۇنيانىڭ باشقا يېرىدىكى ھەرقانداق گېزىتتىكىلەر بولمىسۇن ئۆزلىرىنى تەۋەككۇلغا سېلىشىپ دەررۇ ئېلان قىلىۋېتىشىدۇ. ھەتتا بۇ ئىشنىڭ كاساپىتىدىن مەيلى يەر يۈزىنى توپان بالاسى قاپلاپ، ئۇچارلىق-تىنارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى يالماپ كەتسىمۇ، ئۇندىن كېيىن بىردىنلا گېزىتنىڭ ھېچكىمگە، ھېچيەردە كېرىكى يوق بولۇپ قالسىمۇ بەرىبىر، مەيلى بۇ بىر كەلگەن پۇرسەتنى «مۇنبەر» گېزىتىدىكىلەر قولدىن بېرىۋېتىشىدىغاندەك ئەمەس...
    شۇنداقلا كېلەچەكتىكى قىيامەت قايىم كەبى ھامىنى بىر كۈنى ھەممىسىنى تۈگەتكۈچى توپان بالاسىنىڭ مەنبەسى بولغان ئوكيان بولسا مەھشەر كۈنى قۇرۇقلۇقلار ئارىسىدىن ئۆركەشلىنىپ، تارقىلىپ زور قۇۋۋەتلىك ھەرىكەت ھەجىمى بىلەن يەر شارىنى چايقاپ، ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىپ، كۆز ئېچىپ يۇمغىچە پەيدا بولغان سۈرلۈك بەھەيۋەت دولقۇنلارئۆزلىرىنىڭ كۆپ تاراملىرى بىلەن ئويناقلىشىپ، چېكىگە كۆز يەتمىگەن ئۆز تەكشىلىكىدە خەندان ئۇرۇپ، نەرە تارتىپ چالقىپ تۇردىغاندەك قىلاتتى. كېلەچەكشۇناس كۆكتە تۇرۇپ ئوكياننىڭ قايناۋاتقان ماگمىسىغا كۆز چاپتۇرۇپ ئاتلانتىك، ئوكيان ئۈستىدىن ئۇچۇپ كېتىۋاتقان ئايروپىلاننىڭ دېرىزىسىدىن مەنزىرىلەرگە ھەيرانۇ-ھەس بولۇپ قاراۋاتاتتى. بۈگۈنكى ھاۋا ئوچۇق كۈندە ئۇنىڭ كۆز قىرىغا چۈشكەن مەنزىرەلەردە ئادەتتىن تاشقىرى، باشقىچە بىرەر نەرسە بولمىسىمۇ تۆۋەن تەرەپتە ھېلىلا چالقىغان ئوكيان، سۇ، مەۋج ئۇرغان دولقۇنلار بىر قىسما ،ئۆزگىچە كۆرۈنۈش ئىدى. كۆزنى تالدۇرىدىغان جىمجىت ئۇپۇق سىزىقىمۇ، يۈزلىگەن ئايروپىلان يولۇچىلىرى ئۈچۈن قارىماسلىققا مۇمكىن بولماس مەنزىرىمۇ كېلەچەكشۇناسنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىدى «ئادەمنىڭ ئويماقتەك كۆزىنىڭ دۇنيانىڭ چەكسىز كەڭلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالالايدىغانلىق ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك»
    دەپ ئويلىنىۋاتاتتى ئۇ، بۇمۇ بىكاردىن پەيدا بولغان ئەمەس، ھېچبىر جانلىققا، ھەتتا ئاق بۇلۇت ئالدىدا ئايلىنىپ يۈرگەن بۈركۈتكىمۇ دۇنيانىڭ بۇنداق كەڭرى ئىكەنلىكىنى پۈتۈنلەي كۆرەلەش خاسىيىتى ئاتا قىلىنغان ئەمەس. بەرھەق، تېخنىكىۋى مۇۋەپىقىيەتلەرگە ئۇلىنىپ ئەقلىدىن پۈتكەن ئىككىنچى چىنلىق بولۇپ قالغان ئادەم ئالەمگە يۈزلەنگەندىن كېيىن يېڭى بايلىق مەنبەلىرىنى تاپتى -دە، تەڭرىگە تەڭداش قۇدرەتكە يەتتى. ئۇندىن قالسا ئادەم ئالەمنىڭ كۆزگە كۆرۈنمەس ئېگىزلىكىدە كۆزگە ئىلناشماس قۇيۇن بولۇپ ئۇيان-يۇيان چېپىپ يۈرۈپ پۈتكۈل يەر يۈزىنى كۆرەلەشكىمۇ بۇيرۇلغان ئەمەسمۇ! ئايروپىلاننىڭ بىرخىل ئۇچۇشىدىكى بىكارچىلىقتا كېلەچەكشۇناس شۇ ئىشلار ھەققىدە ئويلىنىپ قالدى. ئۆزۈڭ يالغۇز قالغان ۋاقىتلىرىڭ بەزىدە بەكمۇ گۈزەل ۋاقىتلارغۇ! چوڭ قىيانىڭ ئۈستىدىن مۇزئارىلاش قۇيۇلۇشقا باشلىغان شۇرمەل تاشقىنىنىڭ ئېقىن بويى سىرغىپ چۈشكىنىدەك ئاققان گۈرەن تومۇرىدىكى قېنىنىڭ يېقىملىق كۈۋەجەشلىرى ئاڭا قارشىلىق قىلمىدى.        كېلەچەكشۇناس ياۋروپادىكى شۇ نۆۋەتلىك سەپىرىدىن قايتىپ كېلىۋاتقان ئىدى. ھەتتا بايىقى خەلقئارالىق يىغىن، مۇتەخەسىسلەرنىڭ مەجلىسى، شۇنداقلا كائىناتىي مۇھىتنىڭ ھاياتلىق ئىمكانىيىتىگە ئايلانغان، تېخى باياتىنلا بولۇپ ئۆتكەن تۈگىمەس-پۈتمەس بەس-مۇنازىرىلەر، ئوي-پىكىرلەر بىلەن مۆلچەرلەشلەرنى چۆرىدىگەن بىرىدىن يەنە بىرىگە ئاغقان تالاش–تارتىشلار، نۇتۇقلار يەنىلا بايىقى دۇنياۋى مەدەنىيەتنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە، بىر قۇتۇپلۇق تەرەققىياتنىڭ ۋەزىيىتى ۋە باشقا شۇنىڭغا ئوخشايدىغان مەسىلىلىرى ھەققىدە بولغان ئىدى. بۇلار دائىما جىددىي، غولدىن چۈشۈپ قېلىۋاتقان مەسىلىلەر ئىدى. ئۇنداق مەسىلىلەر دەل ئاشۇنداق قىيىن مەسىلىلەرنى تېپىپ بىلگۈچى خارۋارد ئۇنىۋېرستېتىنىڭ زىيالىيسىنى پۈتكۈل ھاياتىنى سەرپ قىلىشقا مەجبۇر قىلىۋاتقان ئىشلار ئىدى. ۋە يەنە ئۇنداق مەسىلىلەر يىلسايىن بۇ زىيالىي ئۈچۈن پالچىلىقنىڭ كىتابىدەك ئىلىملەرنى قانچىلىك چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرگەنسېرى، ئەزەلدىن ياشاپ كېلىۋاتقان ئادەم ئەۋلادىنىڭ كېلەچەكىنىڭ تەتقىق قىلىنىپ پۈتۈشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى سېزىشى شۇنچىلىك كۈچلۈك بولۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭدىن مەڭگۈلۈك تەقدىرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇمتۇلۇش، بۈگۈنمۇ ، ئەتىمۇ، مىڭ يىلدىن كېيىنمۇ ھېچقاچان، ھېچكىمگە سىرى ئېچىلمايدىغان ھاياتنىڭ ماھىيىتىنىڭ
    نېمە ئىكەنلىكىنى ئىزلەپ مەڭگۈ قىيلىنىش نېمە دېگەن بىر ئاۋارىچىلىك، نېمە دېگەن بىپەرۋالىق،-ھە؟ بەزىدە ئۇ مۇشۇنداقمۇ ئويلىنىپ قالىدۇ. بىراق شۈكرى-سانا قىلماي كېلەچەككە ئۇمتۇلغان ئاخىرى چىقماس، كۈلۈك ئاتەك چېپىپ يۈرگەن تەپەككۇردىن باش تارتىپ كۆرەر بولساڭ، ھېلىقىدەك ئوچۇقتىن–ئوچۇق يېڭىلا بالقىغان نەرسىنى كۆرسەم دەپ ئۇياق-بۇياققا چاپماي تۇرۇشقا، جان سەكراتقا چۈشمەي تۇرۇشقا، قىينالماي تۇرۇشقا ئىمكانىيەت بولامدىكىن، زادى؟!
    ھەر كىشىنىڭ ئۆزكېلەچىكىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلمىگەن تەقدىرى ۋاپاسىز تەقدىر. بىراق، ئىلىم جەھەتتىكى سەۋرچانلىقنى ساقلاش، غەملەشكە مۇۋەپپەق بولماي قالسىلا ھېلىقىدەك تارىخنىڭ چاقى دېگەن بىر نېمە نەدە؟ تاپقىلى بولمايدۇ، قانداق ھاڭغا ئېلىپ بارىدىغان، كۆز يۇمماس ھەقىقەت ئۇ، مۆلچەردىكىنى ئالدىنئالا ئېيتىشقا بەل باغلاش ئايرىم پەيتتەنېمەدېگەن قىيىن!؟ بولدى بەس! ئۇمۇ چاق بولامدىغان-ھە، بەلكىم ھېچنېمىسىز دىگىلەپ بېرىشقا ئىقتىدارسىزلىق قىلىپ قاتتىق ئۇرۇلۇشتىن كېيىن جابدۇقلىرى چېچىلىپ كېتىپ، سالپىيىپ قالغان ھارۋىنىڭ چاقىدەك بىر نەرسىدۇر، ئۇندىن قالسا ھاياتلىق پائالىيىتىنىڭ بۇ شەكلىگە ئىلىمدە تولۇق قايىل قىلارلىق بىر ئېنىقلىما تېپىلماي قالمىدىمۇ؟! بۇ مۆلچەرلەش، تەشۋىقات يەنە ئۆزنۆۋىتىدە تەجرىبىچانلىق، دراممىلىق خۇسۇسىيەتكىمۇ ئىگە. شۇنىڭغا قارىماي يەنە ھەممىنى ھەل قىلىشقا، ھەممىنى ئالدىنئالا ئېيتىشقا نىشانلىنىش كېلەچەكشۇناسلىقنىڭ ئاساسىي ماھارەتلىرى ھېسابلىنىدۇ. بىراق، بۈيۈكلۈكتە تۇرۇپ قىلغان ئايرىم بىر قىياسلار ئادەمنى بەز يەپ سالغاندەك چۆچۈتۈپ، يۈرىكىنىڭ سوقۇشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. ئۆز پەرزىڭدىن، تارىخنىڭ ئالا سالمىدەك تەقدىر-يازمىشىنى سېزىشنىڭ باشقا، ھەممىدىن ئۈنۈملۈك بىرەرچارىسى بارمۇ ياكى يوقمۇ؟ ھەممە يەردە ئوچۇقتىن ئوچۇقلا يۈكسەكلىككە، پەقەتلا يۈكسەكلىككە ئىنتىلگەن باش ئەگمەس كۈچلۈكلەرنىڭ ھالسىراتقانلىقىدىن قۇيقا چېچىڭ تىك تۇرىدۇ. مەيلى قانداقلا يۈكسەكلىك بولمىسۇن، ئۇ قانچىلىك مەقسەتنى بۈيۈكلۈك قاتارىدا ھېسابلىمىسۇن، ئۇنىڭ كۆزلىگىنى يالغۇزلا بۈيۈكلۈكنى ئىجرا قىلىش. دېمەك، ئۇ كونا قاراشنىڭ ئورنىغا باشقىسىنى، يېڭىسىنى بەرپا قىلىشقا بەك ئۇستا، ھەممىگە قايىل بولۇپ، چىنلىق بىلەن خىيال ئارىلىقىدىكى مەپكۈرەۋىلىكنى چاڭقاپ ئىزدىگەن جانغا كېلەچەكشۇناسلىقنىڭ ئۆزى ئېنىق باش قاتۇرۇشى ئازاب ھېسابلانمامدۇ؟ گەرچە ئۇ ئىشلار شۇنداق بولسىمۇ ئەڭ قەدىمىي دەۋردىكى ھېلىقىدەك پۈتىدىغان، ئادەم ئاتىدىن باشلانغان كېلەچەكنى ئالدىنئالا كۆرۈش ھەرىكىتىدىن باش تارتىش پىشانىسىگەتەقدىرى پۈتۈلمىش ئادەم بالىسىغا كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات يولىدىن قىلچىلىك پايدا كۆرۈش ئىمكانىيىتى بەرمەيدۇ. بەلكىم ھەزرىتى ئېيسانىڭ تىلىكى بىلەن بىشارەت بېرىشتىن باش تارتىش كېلەچەكشۇناس ئۈچۈن قىيىن ئىش ئەمەس. ئۆز جېنىنى ئۆزى قىينىغانغا باراۋەر ئىش. بۇنداق ئىشقا قانچىلىك ئادەملەرنىڭ ئۆمرى سەرپ بولمىدى؟!
    ھازىرقى ۋاقىتدىكى پايدا خۇمار جەمئىيەتنى، «سەگەكلەر» نىڭ بۈيۈك ئەھۋالىنى ساقلاپ قېلىش ئوڭاي ئىش ئەمەس. دېلفىي-پىفىيلىرى ئىلاھلارنىڭ نامىدىن ئەجەلنىمۇ، ئازابنىمۇ، نام شۆھرەتنىڭ سەلتەنەتىنىمۇ سەگەكلىك بىلەن ئېيتىۋەرگۈچى پەيزى مەزگىللەر ئۆتكەن.
     20-ئەسىردە بىشارەتچىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ ئالدىن بىشارەت بېرىدىغان كىتابلىرىغا تەكەببۇرلۇق بىلەن مەسخىرىلىك قارايدىغان ۋاقىتلارمۇ بولىدىغۇ، ئېسىت!
    ئۇنداق بولغىنى بىلەن بۇمۇ ئانچە قورقۇنچلۇق ئەمەس. كېلەچەكشۇناس ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئۆز ئۆپچۆرىسىدە ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي مەنپەئەتلىرىئۈچۈن، يالغۇزلا خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۈچۈنلا بۇ ئىشقا ئىشتىراك قىلغان ئەمەس ئىدى. بۇلار ئۇنىڭ بىلەن ياشاپ كېلىشتى. مىسالى، ئۇنىڭ شۇ قېتىمقى ياۋرۇپادا ئالغان قەدىمى فىرانكىفورت-نا-مايىنىدە نەشرىدىن چىققان يېڭى كىتابىنىڭ بىرىنچى قېتىم كىشىلەر ئالدىدا نامايىش قىلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى «ناماينە» غا مۇناسىۋەتلىك سەلتەنەتلىك پەيتتە   كىمدۇر بىرىسى «∥ئۆزۈمنى ئۆزۈم تەقىبكە ئېلىشقا مۇرجىئەت∥ ناملىق زور كىتابىنى نەشرىدىن چىقاردى» دېدى ھەق سۆزلەپ، ئەلۋەتتە بۇنى مۇئەللىپىنىڭ ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم چەتكە قاقالمايدۇ. كېلەچەكشۇناس ئۆز كىتابىدا بويىنىدىن چىرماقنى ئېلىپ تاشلىغاندەك سولچىللىقنى سىلكىپ تاشلىغان ئىدى. بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۆزگۆشىنى ئۆز يېغى بىلەن قورۇشقا دەۋەت قىلىش، تېخىمۇ ئېنىق ئېيتقاندا، ئۆتۈپ كەتكەن ياش ۋاقتىدىكى مۇددىئالىرىنى قايتىدىن تونۇش ھېسابلىنىدۇ. يۈزلىگەن يىللار داۋامىدا پەيدا بولغان چەكتىن ئاشقان كۆزقاراشنى ياقلاشنىڭ زەربىسىدىن قول ئۈزۈشنى ئۆزىدىن باشلاشقا توغرا كەلدى.
     رەھبەرلەر بىلەن ئۇچرىشىشدىن كېيىن ئۇ ئىلمىي مۇھاكىمە ئۆتكۈزدى. تەرجىمىھالىنى تارقاتتى. ئۇندىن كېيىن رېيىندا قىسقا مۇددەتلىك ھاردۇق سەيلىسىدە يۈرۈپ قولۋاقتا كېتىۋېتىپ گېرمانچە «شىپگېل» ناملىق ژۇرنالنىڭ ئەدەبىي سۆھبەت خاتىرىسىگە جاۋاب بەردى. كىشىلەر ئۇنى يەنە باشقا  كېلەچەكشۇناسلىقنىڭ يېشى بىر يەرگە بېرىپ ئېڭىشىپ قالغان قوللىغۇچىلىرىغا يانداشتۇرۇپ، لەيلەپ يۆتكىلىۋاتقاندەك كۆرۈنىدىغان رېيىن ساھىلىدىكى تاغلارنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان مەنزىرە بار يەرلەردە سۈرەتكە چۈشۈرۈشتى؛ ھەتتا، ئۇنىڭغا «ھەيۋەت تاغلار بوي تۇرقىڭىزغا خېلى ئوبدانلا ماس كېلىپ تۇرىدۇ. ئۆزىڭىزمۇ ھەيۋەت تاغلارغا ئوخشاش گەۋدىلىك، قىرلىق، بە ھەيۋەت تۇرمامسىز!؟» دېگەندەك تەكەللۇپ، چاقچاق ئېيتىلدى.
    بۇ چاقچاقلارغا ئۇ مىيىقىدا كۈلۈمسىرەپ «ئۇنداق بولسا ئەدەبىي سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ ماۋزۇسىنى ∥بەھەيۋەت تاغنىڭ تەپەككۇر ئىلھامى∥ دەپ قويساڭلار بولغۇدەك» دېدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئاۋالقى ئويلىرىنى ئوتتۇرىغا سالدى. ھەرخىل سوئاللار سورالدى. ئىلىمدە، ھاياتتا ئۆزىگە جەڭ ئېلان
    قىلىش، كۈرىشىشكە چىقىش دېگەن نېمە؟ ئۆز تەجرىبىسىگە ۋە ئېتىقادىغا قايتىدىن قاراپ چىقىش دېگەن شۇمۇ ئەمەسمۇ!؟ كېلەچەكشۇناسلىقنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئويى قانداق؟ قايغۇزم دائىما ھاياتلىق ئۈچۈن مەۋجۇت بولمىسا بولمايدىغان خۇلاسىسىمۇ؟ كېلەچەكشۇناسلىقتىكى تەۋەككۇلچىلىك ھەققىدە ئۆزىڭىزنىڭ ئويىڭىز قانداق؟ ئۇندىن كېيىنچۇ؟ قوللىغۇچىلارنىڭ ئۆز ئەھۋالى قانداق؟ مانا بۇ قېتىمقى رېيىن بويىدىكى شاراپ زىياپىتى ھەققىدە نېمە دېمەكچى بولۇۋاتىسىز؟! ئۇنداق بولسا ئىلىمدە پۇختا ئىكەن، ئامېرىكانلارغا چارە بارمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئايرىملىرىنىڭ تېگى، ئەسلى-ۋەسلى گېرمان بولسىچۇ؟ ۋەھاكازا.....
    مانا ئەمدى روبېرت بورك ئېغىر، سالماقلىق ئويلىنىشتىن كېيىن تېزراق كىيىم ئالماشتۇرىدىغان جايغا يېتىپ بېرىپ ئۆزىنى كۆيشەككە تاشلاي دەپ شاش يۈرگەن تەنھەرىكەتچىدەك، ئايروپلاندا ئۇچۇپ كېلىۋېتىپ دائىما خىيالىدىن نېرى كەتمىگەن نەرسىلەردىن ۋاز كېچىشكە تەمشىلىپمۇ باقتى، بىراق چارەبولمىدى. يېڭى، ئاخىرقى خاس ئەسىرى ھەققىدە ئويلىنىپ باقتى. ئۇنىڭ ئالدىدا پۈتمەس نەرسىنى پۈتتۈرىدىغان ئىش ئاخىرقى سىر بولۇپ تۇرۇپتۇ. ئەلۋەتتە مۇمكىنچىلىك يار بەرسە، ئەگەر كۆپ يىلدىن بېرىكى تەتقىقاتلىرىنىڭ ئاساسىدا ئۆز تەپەككۇرىنى يېڭى ئىلمىي ياقتىن كەلگۈسىنى ئالدىن بىلىشنىڭ بوسۇغىسىغا يەتكۈزۈشگە مۇمكىنچىلىك يەتسە، روبېرت بوركنىڭ خىيالى بويىچە ھازىرقى ۋاقىتتىكى ئادەم بالىسىنىڭ ئالدىدا بولسا پۈتۈنلەي تەلتۆكۈس ھەل قىلىنىدىغان يېڭى مەسىلىلەر ۋە تەپرىقىچىلىكلەر تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ئىشلار ھازىرغىچە بىلىنمىدى. چوقۇم ھەممە ئىشقا ئومۇميۈزلۈك رەۋشتە قىيىن سىناقلار بىلەن قاپسىلىش كېلىپ چىقىدۇ. بۇ توساتتىن كۈن تەپتىنى يوقىتىپ سوغۇق باشلانغاندا ياكى ئەكسىچە زىيادە ئىسسىپ كەتكەن چاغدا ئاخىرلىشىشىدىكى تراگېدىيىلىك مۇمكىنچىلىكنى سېزىش قابىلىيىتىنىڭ ئۆزلىرىدە بار ئىكەنلىكىنى تېپىۋېلىشى ئوڭاي بولماستىن بەلكى شۇنى سەزگەندىكى ئامان قېلىش بىلەن تەرەققىياتنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇلارنىڭ يوللىرىنى ھەم فورمىلىرىنى ئىزدەپ تېپىشنىڭ يېڭى قېلىپلىرىنى تېپىشقا تۈرتكە بولۇشى لازىم.
    بۇنى ئۆز نۆۋىتىدە ھايات كەچۈرۈشنىڭ يېڭى ئوڭايلىقىغا، تەپەككۇرنىڭ يېڭى يولىغا باشلاپ بارىمىز ھەم ئۇلارمۇ بىزنى باشلاپ بارىدۇ. مانا مۇشۇ ھەقتە قەلەم تەۋرىتىش كېلەچەكتىكى تەرەققىيات يولىدىن قىياسەن بىشارەت بېرىدۇ. روبېرت بوركنىڭ ھېلىقى ئاخىرقى تىلسىماتى شۇنىڭدىن ئىبارەت....
    بىراق، ئۈلگۈرەرمىكىن؟ ئىش بەكمۇ كۆپ........ ئاھ، ۋاقىت دېگەن ئۇچقان قۇش.......
    ئوكيان تۆمۈرقانات ئالدىدا بايىقىدەك جىمىرلاپ رەڭگارەڭ نۇرسىزىقلىرىنى پەيدا قىلسا، دولقۇنلارنىڭ چاچراندىسى نۇر بىلەن چاراقلاپ يۈرۈپ پايانسىزلىققا ئۆزلىرىنى ئۇرۇۋاتاتتى. قۇياش، بۇلۇتسىز ھاڭغىرىقاي ئاسمان، بىپايان كەڭلىك، تېزلەشكەن ئۇچۇش، ئوكيان ئۈستىدە توختاپ قالغاندەك قىلاتتى. بىر يېرىم سائەت چامىسىدىن كېيىن قۇرۇقلۇق كۆرۈنىدۇ. مانا مۇشۇ ئايروپىلان ئۇنىڭغا قونىدۇ. ئۇندىن كېيىن بۇ ئاسماندىكى تىنىملار تۈگەيدۇ. ئۇندىن كېيىن قايتىدىن زۇۋۇلداپ چۈشۈپ ئايروپورتتىكى دەسلەپكى قەدەمدىن باشلاپ ئادەملەرنىڭ ئىرىم-جىرىمىغا بوي سۇنىدۇ.
     ئۇچۇش داۋام ئېتىۋەردى. كېلەچەكشۇناسنى سەپەردە قانداقتۇر بىر كۈتۈلمىگەن، ئالاھىدە بىر نەرسە كۈتۈپ تۇردى.
    ئۇ يارامسىز، ئۆگەنچى فوتوگراف ئىدى. ئۇنىسىغا باقماي فوتو ئاپپاراتنى دائىما يېنىدا ئېلىپ يۈرىدۇ. ھېچ نەرسىنى ئىلغىماي كۆزگە كۆرۈنگەننىڭ ھەممىنى چىرق-چىرق قىلىپ تارتىۋېتىدۇ. بولۇپمۇ ئۇ ئاسماندىكى ھەر قانداق مەنزىرىگە مېھىرلىك ئىدى. ئۆينى لىق ئالغان ھېچنەرسىگە يارىمايدىغان فوتو ئەسەرلەرنى نېمە قىلىشنى بىلمەي قالغان ئايالى جېسسىنىڭ ئىمانى ئۇچاتتى. ھېچنەرسە خۇش ياقماي تۇرغان چاغلاردا جېسسى ئۇنى تاشلاندۇق نەرسە دەپ ئاچچىقلىنىپ، ئۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈۋېتىمەن دەپ پوپوزا قىلاتتى. بىراق، ئايالىنىڭ گەپ سۆزلىرى ئۇنىڭ بېرىلگەن ئىشىدىن رايىنى ياندۇرالمايتتى. ئۇ توساتتىن ئۆزىنى-ئۆزى مەسخىرە قىلىپ: «ئىلىم ساھەسىدىمۇ دېڭىز يۈزىدىن10-9 كىلومېتىر يۇقىرى ئاتموسفىرا قاتلىمىنىڭ تەتقىقاتچىسىمەن، مەۋھۇملۇقتىن ئايلىنىپ چىقالمايمەن. شۇ ۋەجىدىن فوتو سۈرەتچىلىكتە ئوبيېكت قىلغىنىم پەقەت بۇلۇت» دەپ شىۋىرلاپ سالغان ئىدى. مانا مۇشۇ تەرىقىدە ئاسماندا ئەركىن لەيلىگەن قانداقتۇر بىر، ئاللىنېمىلەرگە ئوخشىغان بۇلۇتنى تارتىۋېلىپ فوتوسۈرەتلىرىمنى توپلاپ تولۇقلىسام بولاتتى دەپ ئويلاپ ئۇ فوتو ئاپپاراتىنى تەييارلاپ دېرىزىگە تەڭلىدى. تىلەككە قارشى، كۆڭلىنى توختاتقۇدەك ھېچ نەرسە كۆرۈنمىدى. ئەتراپتىكى ئاسمان كۆپكۆك، ئاۋۇ تۆۋەن تەرەپتىلا بىر نەچچە پارچە-پۇرات بۇلۇت لەيلەپ يۈرىدۇ. مانا مۇشۇ مەھەلدە ئايروپلان كۆزلىگەن نىشاننى بويلاپ بۇرۇلۇۋەرگەندە سەل قىڭسايغان يان تەرەپتىن ئۇ توساتتىن ئوكياندا ئۈزۈپ كېتىۋاتقان كىتلارنىڭ چوڭ توپىنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ كىتلارنىڭ شۇنچىلىك دانىمۇ–دانە، شۇنچە چوڭ دائىرە بىلەن، ماس ھەرىكەتلىرى بىلەن، ئېنىق كۆرگەنلىكتىن ئۇلارنىڭ ئاجايىپ مەنزىرىسى خۇددى بىر ھەيران قالارلىق مۆجىزە بولۇپ تۇيۇلدى. پەقەت بۇ مەنزىرىلا ئەمەس ئۇنىڭ چۈشىگە بۇرۇن غۇۋا ھالدا ئوكياندا ئۈزۈشۈۋاتقان كىشىلەر كىرگەن. ئۇلار «بىز بىلەن بىللە ئۈز!» دەپ چاقىرىۋاتقاندەك سېزىلگەن ئېدى. مانا ئەمدى ئۇ كىتلارنى ئوڭىدا كۆرۈپ ئولتۇرۇپتۇ. بۇ بىر ئاجايىپ كۆرۈنۈش! كىتلار ئاسماندىكى تۇرنىلاردەك قاتاردىن ئازماي ئۈزۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇلار يىگىرمە ئەتراپىدا ئىدى. ئايروپىلان بۇرۇلۇپ بېرىپ ئۆز يولىنى تۈزلىدى. بىراق تۆۋەن تەرەپتە كىتلار يەنىلا كۆرۈنۈپ تۇردى. دولقۇننى زور قۇۋۋەت بىلەن يېرىپ سۇ فونتانىنى بېشىدىن ئېگىز پۈركۈپ بىردەم ئوكيان ئاستىغا شۇڭغۇپ كېتىشىپ، بىردەم داۋانلاردەك قايتىدىن لەيلەپ چىقىپ كۆزلىگەن نىشانغا كانىدەك چاپلىشىدىغاندەك ئېزىشماي، ئۆز راھەتلىرىنى بۇزۇشماي بىرخىل رىتىمدا ئۈزۈپ كېتىۋاتاتتى.
    ھەممىنى ئۇنۇتۇپ قېلىپ كىتلار توپىنىڭ ئەركىگە لال بولغان روبىرت بورك ئۆزىنى توساتتىن شۇ كىتلارنىڭ ئارىسىدىكى كىت ئادەمدەك، ئۇلار بىلەن سەپەردە ئۈزۈپ بېرىۋاتقاندەك، ئۆز يولىدا قارا يامغۇردىن كېيىنكى ئېدىر بويلاپ ئاققان سۇدەك، ئوكياننىڭ سۈيى بىلەن قوشۇلۇپ يالتىراپ ئاققاندەك سەزدى. شۇنداق قىلىپ ئۇمۇ شۇنىڭدىن باشلاپ بۇنىدىن كېيىن ئۆز ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ھاياتىنىڭ كىتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشىنى توساتتىنلا كۆڭلىنىڭ تېگى-تېگىدىن ئويغانغان تۇيغۇسى بىلەن چۈشىنىپ ئۆزىنى داۋالغۇپ تۇرغان ئوكياندا ئۈزۈپ بېرىۋاتقاندەك ھېس قىلدى. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا شۇ يولۇقۇشنىڭ سىرلىق تۈگۈنى يېشىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن كىتلار نېمىگە دۇچار بولسا روبىرت بوركمۇ شۇ قىسمەتكە دۇچار بولىدۇ. كىتلار نېمىگە قاپسالسا روبىرت بوركمۇ شۇنىڭدىن قاپسىلىدۇ.
    دېمەك، كىتلار ئۇنىڭ چۈشىگە بىكاردىن-بىكار كىرمەپتۇ-دە! ياق!  بىكاردىن ئەمەس، بىراق ئۇلار بۇ ۋاقىتتا نەگە ئۈزۈشۈپ بېرىشىدىكەن بۇنچە ئالدىرىشىپ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇلار روبېرت بوركنىمۇ بىللە يۈر دەپ چاقىرىشىدىكەن، نېمە مەنا بىلەن شۇنچە يىراق يەردىن بىر نەرسە چىقىشىغا ئۇ ئانچە ئىشىنىپ كەتمىسىمۇ يەنىلا فوتوئاپپاراتىنى «چىرق» قىلىپ قويدى.
    شۇنىڭدىن كېيىن روبىرت بورك دەررۇ ئۆيىگە خەۋەر يەتكۈزۈش ئۈچۈن كىرسلونىڭ بوش يېرىدىن تېلېفوننىڭ تروپكىسىنى ئالدى. تېلېفوندىكى مەلۇمات بېرىپ تۇرغۇچى ئېلېكترونلۇق يېزىقلار تىزىقىدىن بانكا ھېسابات نومۇرىنى، شەھەر، رايون نومۇرىنى، ئۆيدىكى تېلېفوننىڭ نومۇرىنى تېرىپ، يىغىۋېتىپ قايسىدۇر بىر رەقەمدە يېڭىلىشتى. قايتىدىن تېرىپ تەرمىدى. ھازىرقى كۆرۈۋاتقانلىرىنى ئايالىغا ئېيتىشى بەكمۇ زۆرۈر تۇيۇلدى. روبىرت بورك ھازىر باشقىلار بىلەن گەپ قىلىشمىسا بولمايدىغان، كىمدۇر بىراۋلار بىلەن بۇ مەسىلە ھەققىدە تەڭ كۆڭۈل بۆلۈشمىسە بولمايدىغان ئەھۋالدا ئىدى.
    نېمە ئۈچۈن جېسسى تۇرۇپكىنى ئالمايدۇ، نەگىمۇ كەتكەندۇر؟ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن؟ مېنى كۈتۈۋالغىلى چىقتىمۇ؟ ئەتە بارىمەن ئەمەسمۇ؟ ماشىنىغا تېلېفون بېرىش كېرەك» دەپ ئويلىدى. كىتلارنى كۆرگەنلىكى ھەققىدە ئايالىغا ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا دەپ بەرگۈسى كەلدى. بارغاندا ئېيتىپ بەرسە كېچىكىپ قالىدىغاندەك قىلاتتى.
    يېقىن بۇرادەرلىرى ئۇنى «رەپىقىسىنى ئوڭىدا ھەتتا چۈشىدىمۇ ئالدىيالايدۇ» دەپ مەسخىرە قىلىشى بىكاردىن ئەمەس.
    كىتلار ئوكياندا بارا-بارا قارىسى يىراقلاپ كۆزگە كۆرۈنمەي كېتىۋاتاتتى...
    -جېسسى،-دەپ ۋاقىرىدى ئۇ ئايالى تۇرۇپكىدىن جاۋاب قىلغان زامات–ئېسىڭدىمۇ، چۈشۈمگە كىتلار كىردى، دەپ ئېيتقانلىرىم؟!
    -شۇنداق، نېمە بولدى، ساڭا نېمە بولدى! نەدىسەن؟
    - ئۇلارنى ھازىرلا كۆردۈم . كىتلارنى ئوكياندىن كۆردۈم. ھە، دېمەيسەنغۇ، مەن بۇنداق ئەھۋالنى ئۆمرۈمدە بىرەر قېتىم كۆرگەن ئەمەس، بۇ بىر خاسىيەتلىك كۆرۈنۈش، بۇ بىر مۆجىزە.....بۇ......
    - قوي سېنى، قوي سېنى، سەن نېمانچە ئالاقزادە بولىدىغانسەن. دېمىڭنى باس. خۇدا ئۇرغۇر. ئۇ ئىشنى ئۆيگە كەلگەندە ئېيتارسەن. كىتلار دەيسەنغۇ؟.... بۇ يەردە ئۇنىدىن بەدتەر نېمە بولۇۋاتىدۇ دېمەيسەن تېخى، نېمە دېيەرىمنى بىلمەيمەن ساڭا، ھەممە ئادەم، ھەممىسىنىڭ ئوقۇغىنى ھېلىقى «مۇنبەر» ئايروپلاندىكى سورۇنۇڭلاردا بۈگۈنكى گېزىتلار بارمۇ؟ نەدىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ..... سىلەر ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان بىلەن بۇ يەردە مۆجىزە بولۇۋاتىدۇ. بۇ «مۇنبەر»
    نىڭ تېز نۇسخىسىدا بېسىلغان، بۇ ھەقتە ھازىرلا رادىئو-تېلېۋىزوردا سۆزلىدى. جىمىكى ئادەم تالىشىپ ئوقۇۋاتقان چېغى.....
    -باسقىنى نېمە ئىكەن؟ سىياسىي ئوبزورمۇ؟
    - ياق، ئۇنداق بولسىلا مەيلىتىغۇ، قانداق دەپ چۈشەندۈرۈشۈمنى بىلمەيۋاتىمەن. يېڭىدىن ھازىرلا ئوقۇشقا باشلىدىم. بۇ پەقەتلا باشقا بىر ئىش.
    -شۇنداق بولسىمۇ مەزمۇنى نېمە ھەققىدە ئىكەن؟ تېگى-تەكتى نېمە؟
    -كائىناتتىكى كاھىننىڭ رىم پاپاسىغا يازغان مەكتۇپ. ئەمەلىيەتتە بولسا پۈتكۈل خەلقىئالەمگە مۇراجىئەت:
    -نېمىلەرنى دەپ يۈرىدىغانسەن، نېمە دېدىڭ؟ كائىناتتىكى كاھىن قانداق كاھىن ئىكەن ئۇ، كۈلكەمنى كەلتۈرمىگىن جېنىم، كائىناتنىڭ كاھىنى دەيدىغان گەپ بولامدۇ؟
    -مەن چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيمەن. ئۇ گېزىتتىكى خېلى چوڭ يازما ئىكەن، ھەممە ئادەم شۇنى ئوقۇۋاتىدۇ.
    -ئۇ مەكتۇپى نېمە ھەققىدە يېزىلغان ئىكەن، ئۇ خەتنىڭ مەزمۇنى زادى نېمە؟
    ئىككى ئېغىز گەپ بىلەن ئېيتىپ باقچۇ!
    -ھېلىقى كائىنات كاھىنى زور ئىلمىي كەشپىيات بايقىۋالغان ئىمىش، كىشىلەر ئەمدى تۇغۇلۇش ياكى تۇغۇلماسلىقنى ئۆزلىرى بەلگىلەيدىغان بولۇشۇپتۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا....
    -نەدىكى شۇملۇقلارنى دەپ يۈرىسەن جېسسى؟!،-كېلەچەكشۇناس گاڭگىرىدى،
    -دېگىنىڭنى چۈشەنسەم كاشكى. بۇ قانداق گەپ، بۇنىڭغا كىم ئىشىنىدۇ؟ ئۇنداق بولسا خۇدا نەدە؟ بىلەلمىدىم، بۇنىڭغىمۇ خۇدا ماقۇل بولغان بولسا كېرەك.
    -دېگىنىم مۆجىزە ئەمەسمىكەن، سەن نېمە دەۋاتىسەن، نېمە دەۋاتقىنىڭنى ئۆزۈڭ چۈشىنەمسەن؟ نېمە بولۇۋاتىدۇ، سىلەردە؟
    -كەلسەڭ ئوقۇيسەن كىشىلەر بىر بىرىگە تېلېفون بېرىشىپ، جىمىسى نېمە–قىلارىنى بىلىشمەي گاڭگىراپ قېلىشتى. ھەتتا بىر قىسىم دورا ساراڭلىرى كېلىشىپ «مۇنبەر» نى يەر بىلەن يەكسان قىلىمىز دەپ يۈرۈشىدۇ، دوستلىرىڭ سېنىڭ ئويۇڭنى بىلگەچكە كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ نېمە دېگەن شۇم ئىش. يەنە بۇ ئىشنىڭ ئاخىرى نېمە بولار. ھەممىسىگە ئەقىل ئىشلىتىپ ئاندىن بىر نېمە دېيىش كېرەك دەپ تۇرماقتا.
    -ئۇ ئۆزى كىم ئىكەن، ھېلىقى كائىناتتىكى كاھىن دېگىنىڭ؟ ئوربېتادا يۈرۈپ ئەقلىدىن ئازغان ئالەمكارلارنىڭ بىرىغۇ؟
    -ئۇ ھېلىقى يەر يۈزىگەقايتىپ كەلمەس بولغان، ئېسىڭدىمۇ، كائىناتتىكى ئىلمىي پونكېتنىڭ ئەزاسىنىڭ بىرى، يەرگە قايتىپ كېلىشتىن باش تارتقانلىقى ھەققىدە قايسى بىر ۋاقىتتا مەتبۇئات يۈزىدە ئۇ توغرۇلۇق «يالت» قىلىپلا بىر ماتېرىيال قالغان ئىدىغۇ؟
    -ئېسىمدە، ئەلۋەتتە، شۇنداق يېزىلغىنىغا قارىغاندا ئۆزى رۇس بولۇشىمۇمكىن، ئامېرىكانلار ياكى ياپونلار بىلەن بىرگە ئۇچقان. بىراق ئىسمى ئېسىمدىن چىقىپ قاپتۇ. مەكتۇبىدە ئۇ ئۆزىنى كاھىن فىلوفېي دەپ ئاتاپتۇ.
    -فىلوفېي بۇ ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىسمىمىكەن؟
    -بۇ رۇسلارنىڭ ئېتى، ھازىر رۇسلاردىن ھەممىنى كۈتۈشكە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆرمىگىنى قالدىمۇ؟!..... كائىناتتىكى بوشلۇققا بېكىنىۋېلىپ، ئاستا–ئاستا ئەقلى-ھۇشىنى يوقۇتۇۋاتقان، ھاياتتىن بەزگەن ئادەم دېمەمسەن؟ شۇ خەۋەر ئىكەن.
    ① كاسساندرا-يۇنان ئەفسانىلىرىدىكى تروياشاھىنىڭ مەلىكىسى، ئاڭا ئالدىن بىشارەت بېرىش كارامىتىنى رېۋىسنىڭ (يۇنان ئەفسانىلىرىدىكى ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى (ئوغلى ئاپپوللون) يۇنان ئەفسانىسىدا دانىشمەن ھەم دورىگەر ئىلاھ، سەنئەت پىرى) ئاتا قىلغان.

    مەنبە: چىنگىز ئايتماتوۋنىڭ (يۈسۈف ئىگەمبەردى تەرجىمە قىلغان) «كاسساندرا تامغىسى» ناملىق رومانى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.