كاسساندرا تامغىسى (3)

يوللىغۇچى : guzal110 يوللىغان ۋاقىت : 2014-02-03 18:49:47

كىتلار ئۇنىڭ چۈشىگە يەنە كىردى. ئۇ ئوكياندا كىتلار ئارىسىدا ئۇلار بىلەن سۇ ئۈزدى، ئۇ كىتلارنىڭ دولقۇنلار ئۈزلۈكسىز يېپىلىۋاتقان كۆزلىرىگە تىكىلىپ قارىدى دە، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشەندى،-ئۇنىڭ ئۆزىمۇ كىت بولدى، ئۇندىن كېيىن كىتلار بايا


    كاسساندرا تامغىسى (3)
     
    چىنگىز ئايتماتوۋ (قىرغىزىستان)
    (رومان)
    يۈسۈف ئىگەمبەردى تەرجىمىسى
    (قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى تىل فاكۇلتېتى)

     
    ئۈچىنچى بۆلۈم

    كىتلار ئۇنىڭ چۈشىگە يەنە كىردى. ئۇ ئوكياندا كىتلار ئارىسىدا ئۇلار بىلەن سۇ ئۈزدى، ئۇ كىتلارنىڭ دولقۇنلار ئۈزلۈكسىز يېپىلىۋاتقان كۆزلىرىگە تىكىلىپ قارىدى دە، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشەندى،-ئۇنىڭ ئۆزىمۇ كىت بولدى، ئۇندىن كېيىن كىتلار بايا ھېلىقى ئايروپىلاندىن كۆرگەندىكىدەك قاتار سەپ تارتىپ ئۈزۈشتى. ئۇلارنى ئالدىغا ئۇپۇق سىزىقىنىڭ كۆرۈنگەن چېكىگە قارىتىپ، ئۇ شۇ تەرەپتە ئۇلارنى ئاللىنېمىلەر كۈتۈپ تۇرغاندەك ھېس قىلدۇرۇپ، قانداقتۇر بىر چۈشىنۈكسىز كۈچ ھەيدەپ بېرىۋاتاتتى، ئۇلار بولسا ئالپ تەنلىرى بىلەن دولقۇنلارنى يېرىپ ئۈزۈۋېرىشتى، ئوكياننىڭ سۈيى ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە ئەگىشىپ ئىسسىۋەردى، ئۇ كۆردى- دە، ئوكيان سۈيىنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇنچىلىك ئۇخچۇپ قايناپ چىققانلىقىنى دەررۇ چۈشەندى، ئوكيان ئۈستىدە بىر ھازا ئىككى دانىسى بىر بولۇپ كۆرۈنگەندەك كۈن پەيدا بولدى، يانداش قويۇلغان سەھنە چىراغلىرىدەك بولۇپ كۆيۈۋاتقان ئىككى دانە دۈگىلەك شار ئاسماندا ئۆرتىلىپ تۇردى، قايسىسى چىن، مەڭگۈلۈك كۈن ، قايسىسى نەدىن، ياندىن ئادىشىپ كەلگەن؟... ھە، بەلكىم چىن كۈن بىلەن ھەيۋە كۆرسىتىشكە كەلگەن كۈننىڭ يالغان كۈن ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش قىيىن بولغۇدەك، ئۇ قاتتىق قورقۇپ كەتتى، ئاندىن  كېيىن ئۇ بىللە ئۈزۈۋاتقان كىتلارغا قىيقىراشتا باشلىدى، « قاراڭلارچۇ، قاراڭلارچۇ، ۋاي-ۋي قېرىنداشلىرىم! ئاسماندا ئىككى كۈن تۇرىدۇ، ھەر
    ئىككىلىسى بىر خىل، بىر ياڭزا كۈن بىلىۋاتامسىلەر!؟ بۇ يامان ئەھۋال! ئوكيان سۈيى قايناپ چىقسا-زە، ھەممىمىز ئۆلىمىز! ئىككى دانە كۈن، ئاپەت!»
    روبېرت بورك دەھشەتلىك دولقۇنلاۋاتقان غايەت زور ئوكياندا جان تالاشقان كىتلار ئارىسىدا يەنە كۆپچىلىككە ۋارقىرىدى... ئويغانسا قارا تەرگە چۆمۈپتۇ، دۈپۈلدەپ سوققان يۈرىكىنىڭ تىۋىشى قۇلىقىغا دۇكۇلداپ ئاڭلىنىۋاتاتتى، ئۇيقۇسى ئېچىلغۇچىلىك بۇلارنىڭ چۈشى ئىكەنلىكىگە دەررۇ ئىشىنىپ كېتەلمىدى. ئوكيان ئۈستىدە كۆزىنى چاقناتقان قۇياش ئۇنىڭ چۈشى ئەمەس. ئوڭىدا كۆرگەندەك كۆز ئالدىدا پەيدا بولدى، كىتلارنىڭ بۇ ۋاققىچە ئۇنىڭ چۈشىگە كىرگەن چاغلىرى كۆپ بولغان، بىراق بايىقىغا ئوخشاش مۇئەللەقتە قوش قۇياشنىڭ بالقىپ تۇرۇشى ھېچقاچان كۆرۈنمىگەن! ئالامەت، ئالامەت،كارامەت ....
    ئاڭغىچە ئۇ ئىككىنچى بىر كۈننىڭ نەدىن پەيدا بولغانلىقىنى چۈشەندى. خەۋپلىك ۋە ئېنىق چۈشەندى. بۇنى بايىقىغىنىغا ئۆزىمۇ تاڭ قالدى،» قارىمامسەن!» دېدى كېلەچەكشۇناس ئىچىدە، ئاندىن ئەينەكنىڭ ئالدىدىكى سائەتكە قارىدى، ۋاقىت ستىرېلكىسى سەھەر سائەت يەتتىگە ئېغىپتۇ، ئايالى قوشنا بۆلمىدە ھېلىھەم ئۇخلاۋاتقان ئىكەن .
    بورك ئوچۇق پىشايۋانغا چىقتى، بوركقا ئۇ يەردە ئادەتتە ئۆز ئۆيىنىڭ خوشلۇقى، پۇت قولىنىڭ بوشلۇقى بولاتتى، بىراق بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئويى-باشقا ئىشلاردا بولدى، شەھەرنىڭ سىرتىدىكى ئۇنى قورشاپ، ئوراپ تۇرغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى كۈنلەردىكىدەك ئۇنىڭ دىققىتىنى بۆلەلمىدى، ھەتتا سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنىڭ يېنىدىكى ياپونچە ئۇسلۇبتا ياسالغان مەرمەر تاشلىق باغمۇ )يۇلتۇزلارنىڭ جايلىشىشىغا ئاساسەن ياسالغان دېسە ئىشەنگۈڭ كېلىدۇ( بۈگۈن پۈتۈنلەي ئۇنتۇلدى، بۇ چاغدا كېلەچەكشۇناس تاڭ سەھەر بىلەنلا جېسسىدىن ئاڭلىغان ئۆسەك سۆزلەردەك گەپلەر بويىچە ئادەمگە كۈلۈپ تۇرۇپ ئېيتىلغاندەك پىچىر-پىچىرلار بىلەن، ھەمدە ئۆزىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا قۇمغا ئاجايىپ قىلىپ چېگىلگەن چەكمىلەرنى، سېھىرلەنگەن ئىشنى يېشىشنى ياخشى كۆرگەندەك بۈگۈنكىدەك كەيپى چاغ پەيتتە ئۇنداق ئەرمەكلەرنىڭ ئۇنى قايتا ئاۋۇندۇرىدىغان كۈنى يەنە بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ، ئۇ پۈتكۈل نەشر-ئەپكارلارغا قاراپ چىقىشى كېرەك، ئۇ ئىشلار تاغدەك يىغىلىپ تۇرىدۇ، ھەر قانداق مەسىلىلەر بويىچە ھەر بىر كىشىگە تېلېفون بېرىشى، ۋەزىيەتنى مىدىر-سىردىر قىلدۇرماي قارمىۋېلىشى كېرەك ئىدى .
    كاسساندرا ھامىلىسى ھەققىدىكى ئىشلار قايناپ ئوخچۇپ كۈچ ئالدى، شۇنداق بولۇشنى روبېرت بورك بىلگەن، ئۆزى بولسا بايىقى ئىشلاردەك ياش چېغىدىكى جېنىنى ئارامىدا قويمايدىغان قارا كۈچنىڭ ئۆزىگە ئېقىپ كېلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى سەزدى، شۇ ئوقۇپ يۈرگەن ياش چاغلىرىدا ھازىرقى زاماننىڭ مەدەنىيەت مەسىلىلىرى بويىچە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەتراپىدىكى قايناق مۇھاكىمە مۇتالىئەلىرى ئەقلىي زېھىنلىك «رىم كۇلۇبى» نىڭ مودېللىرىدەك قۇرۇلمىلاشتۇرۇۋالسا بولغۇدەك، بۇنىڭ ئۈچۈن مۇتەسسىپ قارشى پىكىردىكىلەرنى ئىشەندۈرۈشكە ئىمكانىيەتلەر يېتىشلىكتەك قىلىدۇ، دەپ بىلگەن ئىدى، كاسساندرا تامغىسى ھەققىدىكى ۋەقەلەر بوركنىڭ ۋۇجۇدىدىكى شۇ چاغدا پەيدا بولغان خۇمارىنى، مەپكۇرە ئۈچۈن تەۋەككۈلچىلىك قىلىشقا، ئۇنى ئوچۇق دىشۋارچىلىققا سېلىشقاتەييارلاپ تۇرغانلىقىنى ئويغاتتى .
    ھېلىقى ۋەقەلەر بولسا بوركنىڭ كۆڭلىنى ھېلىقى ئايرودرومدىن تارتىپلا ئىگىلىۋالدى، جېسسى ئۇنى چىقىش ئىشىكىدىكى مىغ-مىغ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىن بىر تۇتام گېزىتنى، بىر دەستە گۈلنى پۇلاڭلاتقىنىچە قانداقتۇر بىر يېقىملىق تەبەسسۇم بىلەن، قانداقتۇر بىر سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەندەك ھەم تېتىك ھەم خاۋاتىرلەنگەندەك چىراي بىلەن قارشى ئالدى، بىراق ئۇنى تۇيۇقسىز چۈشكەندەكلا توساتتىن ياغقان قارا يامغۇر يۇيۇپ ئۆتكەندەك كۆرۈندى، جېسسى بوركتىن توققۇز ياش كىچىك ئىدى. بىراق، گاھى-گاھىدا بىلەن قان بېسىمى كۆتۈرۈلۈپ، ئاغرىپ قالاتتى، شۇ سەۋەبتىن جېنى قىينىلىپ چىتايى تاتىرىپ كېتەتتى، يەنە ھەم شۇ ئايرودىرومدا ھېلىقى يىراقتا قالغان ياش  چېغىدىكىدەك ئېرىگە تېتىك، سېزىمچان ھەم ئىسسىق كۆرۈندى، ئۇھ، ئۇنىڭ بۈيۈك مۇزىكانت بولۇشىغا ئۇ، روبېرت قانداق پۇتلىكاشاڭ بولدى دەيسەن! جېسسى راستىنلا ناچار-يامان چوڭ ۋىلئولچېلچىلارنىڭ قاتارىدىكى كىشى ئەمەس بولدى، ئەگەردە شۇنداقلا ئاڭا كانىدەك يېپىشقان ساراڭ چېلىش بورك بولمىغاندا، بەلكىم جېسسىنىڭ ئابرويى ئوركىستىرنىڭ ئاھاڭىدىنمۇ يىراق كېتەر ئىدى، بىراق ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆز تەقدىرى بار ئەمەسمۇ؟
    ئايرودرومدا، كۈتۈمخانا ئالدىدىكى قىستاڭچىلىققا ھېچنېمىگە قارىماي، غەيرەتلىك ھالدا شۇ پەيتتىكى ئۇچرىشىش قۇۋانچىنى بىلدۈرگەن سۆزلىرىنىڭ بىرىمۇ شۇنداق بولدى .
    روبېرت، كېتەرىڭدە، ھېلىقى ئەقىل ئاداشتۇرغان تاشلىرىڭنىڭ ئارىسىغا نېمىنى سېھىرلەپ چېگىپ قويۇپ كەتتىڭ، ھە؟ بىلمىدىم، بىراق بىلىشكەھېچ مۇمكىن بولمىدى. نېمە دېسەڭ دېگىن، مۇمكىن ئەمەس! بۇنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ، بۇ بىر ھېكمەت، ئىشىنىپ قوي، بۇنى ئۇققانلارنىڭ قۇيقا چېچى تىك تۇرىدۇ .
    -دېمەك، تەسۋىرىي يېزىقتەك نەرسىلىرىم بىر خەزىنىگە يارايدىكەنغۇ،-دېدى، سۆزگە يارىشا تېگىدىن گەپ قىلىپ .
    -مەيلى، نېمىگە بولمىسۇن تىلىكىڭگە يەتتىڭ، مۆھتىرەم كېلەچەكشۇناسىم، سېھرىڭ شۇنى قىلماقتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئەمدى سىرىڭنى ئۆزۈڭ يەش .
    -ماشىنىنىڭ ئىچىدە،-جېسسى رۇلنى قارماپ كېلىۋاتقان ئىدى، بورك گېزىتلارنى يايدى، بىراق كۆز يۈگۈرۈتۈپ ئۆتتى-دە، مۇنداقلا تاشلاپ قويدى .
    يوق، ماۋۇنى ئۆيگە بارغاندا، ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ قولغا ئېلىپ ئوقۇش كېرەك ئىكەن،-دېدى كۆز ئەينىكىنى قاتلاپ قويدى.
    -ئۇنى قانداق ئىكەن دەپ ئويلىغانسەن،-دېدى، جېسسى كۈلۈمسىرەپ، ئەگەر كائىناتتىن، ئالەمدىن بولماي بۇلۇڭ-پۇچقاقنىڭ بىرىدىن ئېيتىلغان سۆزلەرنىڭ بىرى بولغاندا، ئۇنداقتا ئۇ ئادەمنىڭ بۇرۇتى قان يالاپ قالىدۇ، ئۆزۈڭ ئويلاپ باققىن، ھامىلە! بوۋاق! ئۇنىڭ بىچارىلەرچە شۈمشۈيۈپ تۇرغانلىقىنى ئېيت! بىر نەرسىنى مۆلچەرلىگىلى بولار! ئۇنىسى ئاز كەلگەندەك قىلىپ، يورۇق دۇنياغا كەلمەيمەن دەپ تۇرسا! ئۇنىڭ ھەننىۋاسى كەسكىن تۈردە قەدىمكى ھەقىقەتتەك ئېيتىلىپ تۇرسا، شۇنىڭغىمۇ مەيلى دېگۈلۈكمۇ؟ !
    -ئەمدى ئۇ ئىش ئۇنداق دېگەنلىك ئەمەستۇر،-دېدى، بورك ئۇچىسىنى ئويچان سۈركەپ،-ئاڭا ئايالى لاتاپىتىدىن كېتىپ قالغاندەك كۆرۈندى، بىراق جېسسىنىڭ ئۇنداق ھالىتى يوق بولسىمۇ، شۇ ۋاقىتتا بورك، ئۇنداق كۆرۈنۈشتىكى ئايالىنىڭ تۇرقىنى يالغان بولسا ئىكەن دەپ تىلىدى، بەلكىم، سۆز ھامىلىنىڭ رىفلىكىس ئىقتىدارىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ بار ئىكەنلىكى ھەققىدە بولۇۋاتىدۇ،
    -نېمىلا بولمىسۇن بۇ كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان ئىش دېسەڭچۇ. ئەگەر، يەنە مىسال ئالايلى، بىزنىڭ بىۋاپا دۇنياغا ھېساب-كىتاب يۈرگۈزۈشنىڭ كونتىروللۇق نۇقتىسى ھالىتىدە قوبۇللاشنىڭ توپتوغرا بىر شەكلى تېپىلغان بولسا... ھە دېمەيسەنغۇ، ئويۇمغا ھازىر بەزىدە توساتتىن كېلىپ قالىدۇ، بۇنىڭ ھەقىقىيلىقىدىمۇ ھامىلىلىك سەۋىيىسىدە بولۇشىمۇ مۇمكىن، ئۇ شۇنىڭدىمۇ فانتازىيىلىك تەپەككۇر يۈرگۈزۈشلەردە بىراق كىم بىلىدۇ، قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇنى ھازىرچە قويۇپ تۇرايلى، ئۆيگە كېلىلى، مەن ئوقۇپ چىقاي ئاندىن كېيىن سۆزلىشىمىز، ئەگەر چىڭقى بىلەن، راسا، مەن ساڭا بىر نەرسىنى ئېيتسام كۈلىسەن .
    ئۇندىن كېيىن كېلەچەكشۇناس ئايالىغا گېرمانلارنىڭ كەسپكە پىششىقلىقى بىلەن بېجىرىملىكى، شۇنداقلا ياۋروپالىقلارنىڭ، ئامېرىكانلارغا يېقىنلاشقان چاغدىكى ھېس قىلغان ئىچكى ئۆزگىچىلىكى ھەققىدە گەپ قىلىپ بېرىشكە باشلىدى. كۈنلەرنىڭ بېرىدە تاڭ سەھەر دىيۇسسېلىدورفتىكى رېيىن دەرياسىنىڭ كەڭرى ساھىلىنى بويلاپ ۋېلىسپىت مېنىپ كېلىۋاتقان، ھەمدە ئۈنىنىڭ يېتىشىچە بەلگىلىك بىر مۇزىكىنىڭ ئارىيەسىنى بىجاندىل ئېيتىپ كېتىۋاتقان كىشىنى كۆرگەن ئىدى. كۆرۈنگەندىمۇ ئۇ كىشى ۋېلىسپىتلىك، ئاپپاق ياقىلىق، كۆڭلەكچان، گالاستۇكلۇق، تۇفلېيىنى پاكپاكىز پارقىراتقان ھازىرلا ئوپېرانىڭ سەھنىسىدىن چۈشۈپ كېلىۋاتقاندەك ئىدى. شۇ چاغدا ئۇنىڭ ناخشىسىنى باھالىغۇدەك رېيىننىڭ ساھىلىدا باشقابىرەر ئادەم يوقتەك قىلاتتى، بىراق، ۋېلىسپىتلىك ناخشىچىغا ھېچكىمنىڭ كېرىكى يوق ئىدى، ئۇ ئۆزىگە ئۆزى يەنە بار بولغاندىمۇ بالدۇرلا يولغا چىققان يۈك توشۇغۇچى قېيىقلار بىلەن كىمىلەر ئۈزۈپ بېرىۋاتقان سۈيى چالقىغان رېيىن دەرياسى بار ئىدى، ئاۋۇ تەرەپتىن قۇياش يېيىلىپ چىققان ئىدى، بورك شادلانغىنىدىن خۇدىنى يوقاتقاندەك ناخشىچىنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپ ماڭغۇسى كەلدى. شۇنچىلىك شادىمان، كۈلكە كېلەرلىك، يانا روھلۇق ئىدى. رېيىن دەرياسىغا ئۆزىنى تاشلىغۇسى، يەنەبىر چېكى يوق ساھىلدا غىڭشىپ ناخشا ئوقۇپ كېتىۋاتقان ۋېلىسپىتلىك كىشىگە ئۇتتۇرىدىن ئۈزۈپ ئۆتكۈسى، ئاڭا قول پۇلاڭلىتىپ سۇ ئىچىدىن كۆڭۈللۈك بىر نېمە دەپ قىيقىرغۇسى، ئۇنىڭ بىلەن يارىشا يۈگۈرۈپ دۇنيادىكى بارلىق غەم-غۇسسىنى ئۇنتۇپ تاشلىغۇسى كېلەتتى....
    ئىككەيلەن تېز سۈرئەتلىك تاشيولدا ئۇچقاندەك كېتىۋېتىشىپ، ساراڭغا ئوخشاش يولدىكى بىر كىشىگە قاراپ كۈلۈشتى .
    ئەمدى ئۆيگە، ئەمدى ئىشلەش كېرەك، كىشىلەر ھەيران بولۇپ قاراپ قالغۇدەك ئىشلەش كېرەك، دېدى بورك ئىچىدە. يېقىندا قايتىدىن ئۆز ئۆيىدە، ئۆز ئىشخانىسىدا، يېزىقچىلىق شىرەسىدە ئولتۇرىدىغانلىقىنى راھەتلىك ئويلاپ، شۇنى ئويلاپ كېلىۋېتىپ،ئۇ ئىككىلىنىپ قالدى. دائىما بولۇۋاتقاندەك، قايتىپ كېلىۋاتقانلىقىغا، جېسسى بىلەن ئايرودرۇمدا يولۇقۇشقىنىغا بىر جەھەتتىن يەڭگىللەپ قالغاندەك سەزگەن بولسا شۇ تاپتا كۆزىنى بىر يۇمۇپ بولغۇچە يوق بولغاننى، ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى-ئۆزى ئەيىپلىدى. مۇنداق ئاسان قولدىن چىقىپ كەتكەن ئادەم نەرقىنى، ھاياتنىڭ بىباھالىقىنى ناھايىتى كېچىكىپ سەزگەن كۈنلەر قانچە قېتىم بولدى، دەيسەن . بۇ قېتىم ئۇنداق بولغىنى بىلەن ئۇنىڭ كۆنگەن ئادىتىدەك ھېلىقى ئايروپىلاننىڭ بۆلمىدە بىلگەن نەرسىسىگە ئۇلىنىپ پەيدا بولغان، باشقا بىر نەرسە قوشۇلدى. بۇ تاڭ قالارلىق خەۋەر ئادەتتە مۆجىزىۋى يېڭىلىقلار دۇچار كەلگۈچى تەقدىرنى يالت قىلىپ يانداپ ئۆتۈپ، ئۇندىن كېيىن قايتىدىن ئۆچۈپ قالىدىغان تەقدىرنى كۈتۈپ تۇرغاندەك سېزىلگەن ئىدى. بىراق ئۇققىنى ھەققىدە بورك قانچىلىك كۆپ ئويلانغان بولسىمۇ بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارغا ئۆزىنىڭ قانداقتۇر بىر تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى باردەك نامەلۇم سېزىمگە قاۋىلىپ ھەيرانلىقى تېخىمۇ كۈچەپ تېخىمۇ ئەدەپ كەتتى. ئۇندىن قالسا ئاڭا تاپتاقىر نەتىجىسىز بىر ئىش باردەك قىلاتتى، بۇ ۋەقەدىن ھېلىھەم قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى، ئۇ ۋەقەنى ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى سەزدى. ئۇ توساتتىن ئۇنداق سوتقا چۈشكەندەك ئوسال ھالدا قالىدىغان ئادەم ئەمەس ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەيىبكارنىڭ جىنايىتى، قىلمىشى ئوقۇلۇپ تۇرغان پەيتتە شۇ زالدا بار بولغانلارنىىڭ ھەممىسى سوت جەريانىغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈنلا گۇناھكار ھېسابلىنىپ كۈتۈلمىگەن ۋە قۇلاقمۇ ئاڭلاپ باقمىغان ھۆكۈم چىقىرىلغان، سوت زالىغا كىرىپ قالغان بىلەنلا ھەمدە بۇ ھۆكۈمنىڭ ئېلان قىلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا يېنىۋېلىشقا مۇمكىن بولمىغاندەك ئىش ئىدى .
    كائىناتتىن كەلگەن يېڭىلىق ھەقىقەتەندىمۇ ئادەمنى قىزىقتۇرىدىغان، تاڭ قالارلىق، كۈتۈلمىگەن ھالدا، چۈشەندۈرۈپ بولغۇسىز دەرىجىدە بۆسۈپ كىردى، مانا ماشىنا رۇلىدىكى جېسسىمۇ تەرىگە قارىغاندا، كائىناتنىڭ يېڭىلىقىنىڭ تەسىرىدە كېلىۋاتاتتى، بۇ ئۇنىڭ ئۆڭىدىن، كۆزلىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇراتتى. جېسسىنىڭ خۇدا ئاتا قىلغان نۇر چاقنىغان، چىرايلىق كۆزلىرىنىڭ ھەر بىر بىلىنەر-بىلىنمەس كىرپىك قېقىشى، ئۆزگەرگۈسى روبېرت بوركقا كۆپ نەرسىنى ئېيتىپ قويغۇدەك ئىدى. قايسى بىر خەير-ساخاۋەتچىلىكنىڭ ناخشا-ئۇسسۇل يىغىلىشىدا ئۇ جېسسىنى ياش مۇزىكانتلارنىڭ ئارىسىدىن، جېسسى بولسا ئۇنى تاماشىبىنلار ئارىسىدىن يەنى سەھنىگە يېقىن ئولتۇرغان يەردىن كۆرۈپ تونۇشقان دەسلەپكى كۈنلەردىن تارتىپ ئۇلارنىڭ ئۇچرىشىپ تۇرۇشى باشلانغان شۇ دەسلەپكى كۈندىن باشلاپ ئۇ جېسسىنىڭ كۆزىدىن »ھاياتنىڭ يازى بىلەن قىش« نى ئوقۇغاندەك بولدى، ئۆگەنگەندەك بولدى ۋە ئۇنىڭ ئوي-خىيالىدىكىنىڭ ھەممىسىنى ئوپئوچۇق بىلدى، جېسسىگىمۇ ھەممە ئىش ئايان بولۇپ تۇردى، ئۇلارنىڭ مانا شۇ بىر-بىرىنى ئېغىز ئاچۇرماي كۆز بېقىشتۇرغان چۈشىنىشلىرى ئۇلارنىڭ ئىناقلىقىنى، ئائىلىدىكى بەختلىرىنى ئېنىق بىلدۈردى . بۇرۇن يۈز بېرىپ باقمىغاندەك ھالدا ئۈن-تىنسىز قېتىپ، ئويلىنىۋاتقان ئايالىنى ئۇ سۆز بىلەن ئالاقىزادە قىلغۇسى كەلمىدى، جېسسىنى خاۋاتىرگە سالىدىغان تۈپكى سەۋەب يوق ئىدى. مۇنداق ئىشلار ئۇلارنىڭ مۇشۇ ياش قۇرامىغا كەلگۈچە كۆپ قېتىم سادىر بولغاندەك، ئۇلارنىڭ ھايات تىرىكچىلىكى ئادەتتىكىدىن بەكرەك مەھكەم، چىداشلىق ئىدى، ئۇ بىرلا خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن يۈز بەرگۈچى ئىشلارنى ئالدىنئالا مۆلچەرلەپ، ھېسابلاپ ئالالىغۇچى ئەمەس، ھەر بىر ئادەمگە بېرىلگەن ئۆز مۆھلىتى، ئۆز مەزگىلى بولىدۇ، ئەمەسمۇ؟ ھازىرچە ئۇلار مەزگىلنىڭ ۋە تەن ساقلىقنىڭ »ئاخىرقى چېكى «پۈتكۈچە ئىجادىيەت مۇمكىنچىلىكلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەنچە ھەرىكەتلىنىپ تۇرۇشتى، جېسسىنىڭ مۇنداق جىمىپ قېلىشى كائىناتتىكى كاھىن فىلوفېينىڭ مۇراجىئىتىگە خاۋاتىر بىلەن قارىغانلىقتىن بولۇۋاتقانلىقىنى بورك چۈشىنىپ تۇردى .
    «ئۆيدە سۆزلىشىمىز،دەپ ئويلىدى روبېرت بورك،بەلكىم ئۇنىۋېرسىتېتداش دوستلىرىمنىڭ بىرىگە تېلېفون بېرىشىم مۇمكىن، ئۆيگە بارغۇچە تېلېفوندا سۆھبەتلىشەرمەنمۇ؟ شۇنداق ئويلاپ تۇرۇبكىنى كۆتۈرمەكچى بولۇپ ئاينىپ قالدى، ياق، ئالدى بىلەن كائىناتتىكى دانىشمەننىڭ مۇراجىئىتىنى ئالدىرىماي ئوقۇپ چىقاي-دە، ئۇندىن كېيىن « .....
    - رادىئونى قويايمۇ؟- دېدى جېسسى ئېرىنىڭ كۆڭلىدىكىنى تېپىپ .
    -بىھاجەت، ماڭا گاژىلدايدىغان رادىئونىڭ كېرىكى نېمە؟ ماڭا سەندىن ئارتۇقى يوق .
    -ئىشىنىمەن، ئوبدان ئىشىنىمەن،-دېدى جېسسى كۈلۈمسىرەپ، يەنە بىر ماشىنىنى »گۈر « قىلىپ يانداپ كېتىۋېتىپ.
    -ئاۋۇ تەرەپتىن كەلگەن خەۋەر راستىنلا ئېنىق بولسا،-دېدى بورك، بېشىنى يوقىرىغا شىلتىپ،-ئۇنداقتا، ئەلۋەتتە ھېچكىم ئۇنىڭغا ئېتىبارسىز قالمايدۇ .
    -ھە، سەن راستىنلا شۇنداق بولىدۇ، دەپ ئويلامسەن؟
    -بىلمەيمەن، بىراق راستىنلا شۇنداق جاۋاب بولسا ۋەزنى بار جاۋاب بولىدۇ .
    -تىلىڭغا تەمرەتكە چىقسۇن، كېلەچەكشۇناس!-جېسسى راستىنلا چۆچۈپ كەتتى،-ئامما كۈچلۈك جاۋاب بېرىدۇ، دېگەن بالا-قازا -دە  !
    -ئەگەر ئادەملەر ئۆزلىرىنى چارىسىز ئەھۋالدابىز، دەپ سېزىشەر بولسا، ئۇندا ئىرىسىيەتشۇناسلىقتىكى، بىئولوگىيىدىكى مەخپىيەتلىكنى يوقىتىپ ئۇنى سىياسەتكە ئايلاندۇرىدۇ .
    -بەزىدە بەك ئاشۇرۇۋېتىسەن، روبېرت،-دېدى، جېسسى، ئۇدا داۋام ئېتىۋاتقان تىنچسىزلىنىشنى بېسىشقا ھەرىكەتلىنىپ،-بىراق كىم بىلسۇن،-جېسسى ئويلىنىشقا باشلىدى،-مەن ئايردرومغا چىقار ئالدىدا شىنائېرلەر، ئارتور بىلەن ئېلزابېت تېلېفون بېرىشكەن ئىدى. ئۇلارنىڭمۇ تىنچى خېلى بۇزۇلۇپتۇ، لېكىن بىزنىڭ جون، كوشۇت ئاتلانتادىن تېلېفون بېرىشتى، ئويۇن قويۇپ يۈرۈپتۇ، ئۇياقتا، تارىخنىڭ ئاخىرلىشىشىنىڭ فۇكۇيامالىق نەزىرىيىسى بويىچە بەسمۇنازىرىدە سېنى ئادەمزاتىنىڭ ئالدىدا يېڭى تراگېدىيە، يېڭى سىناق تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى دەپ، توساتتىن شۇنى ئەسلىدى، مانا، دەيدۇ، ئۇ،-كېلەچەكشۇناسىڭ ئويىغا كەلگەننى ئوتلاپ سالدى، دۇنياۋى ئۇرۇشنىڭ ئورنىغا، ئۆزى بىلەن ئۆزۈڭدىكى، ئىنسانىيەتتە يۈز بېرىدىغان ئۇرۇشنى، پەيدا بولسا بولارمۇ بولماسمۇ؟ دېگەن قىيىن مەسىلىنى، دۇنياۋى ئاپەتنىڭ مەنبەلىرىنى قوچۇپ ئاپەتنى تۆرگە چىقىرىپ ئولتۇرىدۇ، كېلەچەكشۇناسىڭ ئۈن چىقارماي جىم يۈرسە، بەلكىم مۇنداق ئىشمۇ يۈز بەرمەس ئىدى، دەيدۇ،-ئەمدى شۇنداق دەپ گەپنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ سالدى:
    - ھېلىقىسى كەلدى،
    - ھېلىقىسى دېگەن نېمە؟-دەيمەن.
    - ھېلىقىسى دېگەن ھېلىقى دېگەننىڭ ئېتىمۇ بولمايدۇ؟ دېيىشىدۇ، كىشىلەر .
    -كوشۇت شۇنداق دېدى، كوشۇت شۇنداق دەپ يۈرىدۇ، بىراق ئىككى دولىسىنى كىنايىلىك قىسىپ قويدى، بايىقى تاماشاسىنىمۇ ئۆزى تىياتېرخانىدا تراگېدىيىلەرنىمۇ قويۇپ، شېكىسپىر، ئېسخىل ۋە باشقىلار بىلەن دۇنيانى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىپ يۈرىدۇ-دە، مەن ئويىغا كەلگەننى ئوتلاپ يۈرىدىغان ھايۋان ئىمىشمەن، رەھمەت، مېنىڭ بېشىدا قاشقىسى بار دوستۇم شۇنداق .
    -ھوي ،ئۇنىڭ گېپىنى قىلمايلا قوي، ئۇ بىر قىزىق نېمە، ئېسىڭدىمۇ بىر قېتىم مۇنداق دېگەن، ...ئايالىڭ پەيزى...، چېچى پاخپىيىپ تۇرسىمۇ، بايىقىدىكىدەك... بىراق مەندە نېمە بار؟... ئۇ چاغدا سەن ئېيتمىدىڭمۇ، ئايالىمنى تارتىۋېلىشىڭ مۇمكىن... لېكىن چېچىنى،
    ئالابۇلىماچ قىلىپ پاخپايتىپ تۇرسىمۇ...، ھېچقاچان! تارتىۋالالمايسەن، ئۇنىڭ بولسا ئىككى كۆزى ياشقا تولغان، ۋارقىرىشىمۇ، يىغىسىمۇ ئارىلاش ئارتىست دەپ ....
    بورك بېشىنى ئويچان لىڭشىتتى، ئۇ ئارودرومدىن چىقىپ بىسمىللاسىدا ئۆيگە يۈرگەندە بۇرۇن بولۇپ باقمىغان، ئېنىقراق ئېيتقاندا، يەنە تېخى ئاڭلاپ باقمىغان ئېغىر بېسىم بىلەن، سىرتتىن كەلگەن، كۆزگە كۆرۈنمىگەن، بەلگە-بېشارەتسىز ھالدىكى بۇنىڭسىزمۇ يەنە دائىم كۆڭلىدە بار بولىدىغان ئېغىر بېسىمى بىلەن كېتىۋاتاتتى .
    -بوب (بوب-روبېرت بوركنىڭ ئەركىلەتمە ئىسمى-تەرجىماندىن(، سەن ئوكياندىكى كىتلارنى راستىنلا كۆردۈڭمۇ؟ جېسسى ئۇنىڭ ئويىنى بۆلدى .
    -شۇنداق ئىشنىمۇ يالغاندىن ئېيتىپ يۈرەمدىمەن! شۇنى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن ساڭا تېلېفون بەردىم-دە، ئۇ قايتىدىن قىزىپ سۆزلەشكە باشلىدى.
    ئۇ مەنزىرىنى تەسۋىرلەشكە سۆز-ئىبارىلەر ئازلىق قىلىدۇ، دېگىنە، ئوكياندا، كۆز ئالدىڭغا كەلتۈرۈپ كۆر، پاراخوتتەك ھالەتتە بەغايەت جانىۋارلار ئاسماندىكى تۇرنىلاردەك ئۈچ بۇرجەك ھالەتتە ئۈزۈپ كېتىۋاتىدۇ، بۇ بىر كارامەت كۆرۈنۈش! يېنىمدا سەن يوق، ساڭا تېلېفون بەرگىنىم ياخشى بولدى، بورك بىر دەم ئۈنچىقماي قېلىپ، ئاندىن سۆزىنى قايتىدىن داۋام قىلدى، ساڭا قانداق چۈشەندۈرسەم بولار، شۇنى دېمەيسەنمۇ، خىيالىمغا نېمىلەر كېلىۋاتىدۇ، بۇ توساتتىن يۈز بەرگەن ئىش ئەمەس، دېگىنە، شۇ قېتىم فرانكفورتتا مەن تونۇشقانلاردىن باشقا ئاۋسترالىيەدىن كەلگەن ئىشتىراكتىچىمۇ بار ئىدى، مېلبۇرن ئۇنىۋېرستېتىدىن، مەيلى قانداق قىلمىسۇن ئاۋسترالىيىلىكلەر بىزنىڭ ھەممە ئىشىمىزدىن بۆلەكچىلا ئايرىلىپ تۇرۇشىدۇ. نېمە ئۈچۈنلۈكىنى بىلمەيمەن، بەلكىم، بۇ ئۇلارنىڭ دۇنيانىڭ بىر چېتىدە بولغانلىقىدىندۇر؟ ياكى شۇ ئىشتىراكچى ئۆزى شۇنداق ئالاھىدىرەكتۇر؟ مەن ئۇ كىشىنى ئۆزۈمچە يۇنۇسبېلىقىشۇناس دەپ ئاتاپ قويدۇم، چۈنكى ئۇ كىشى يۇنۇس بېلىقىغا قىزىقىدىكەن، بۇ قىزىقىش ئۇنىڭ ئىشتىن سىرتقى ئەرمىكى ئىكەن. ئۇ ئادەم شوينىدەك ئۇزۇن، تىك قۇلاق، ناھايىتى ناتىق ئىكەن. ئۇنىڭ گېپى كىتلار ھەققىدە بولۇپ قالدى، يونۇس بېلىقلىرىدىن باشلىدۇق، شۇ كىتلار ھەققىدىكى سۆھبەت، بەلكىم سېنىڭ كۈلكەڭنى كەلتۈرەر، بىزنى ناھايىتى يېقىنلىتىۋەتتى، مەن قىزىقىسىنىپ ئاڭلىدىم! ئۇندىن كېيىن سۆھبىتىمىز كىتلار نېمە ئۈچۈن توپ-توپى بىلەن ئۆز جېنىنى ئۆزلىرى ھالاكەتكە تاشلايدۇ،-دېگەن سوئالغا بۈگۈنگىچە جاۋاب تېپىلمىغانلىقى ھەققىدە بولدى .
    -كىتلارنىڭ ھېلىقى دېڭىز ساھىلىغا چىقىپ قالغانلىقىنى ئېيتىۋاتىسەنغۇ؟ شۇنى دەۋاتامسەن؟
    -شۇنداق، دەل شۇنىڭ ئۆزى، مانا شۇنداق كىتلارنى كۈچ-قۇۋەتكە تولغان ئەقلى-ھۇشى جايىدا دەپ ئىشىنىپ تۇرايلى، ئالىمادىس، ھېچقانداق سەۋەبسىز، يىغىلىپ جەم بولۇپ سۆزلىشىپ تۇرغاندەك، تۈن نىسپىدە ساھىلغا كېلىشپ، دېڭىز سۈيى ھوشۇققا يەتمىگەن يەرگە ئۆز تېنىنى تاشلاپ، چاڭقاپ ئۆلۈشكە كىتلارى كىم مەجبۇرلاۋاتىدۇ، شۇ جىيەكلەردە ئارقىدىكى ئوكيانغا قايتا كىرىپ كېتىشكە كىچىككىنىمۇ ھەرىكەت قىلىشماي، كىتلار ئۆلۈشىدۇ، ئۇلار نىچۈن مۇنداق قىلىشىدۇ، نە سەۋەبتىن نە ۋەجىدىن؟
    -قويۇپ تۇر گېپىڭنى،-جېسسى ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى، قىزىقانلىقتىن كۆزلىرى ئويناپ كەتتى،-بۇ ھەقتە نەچچىلىگەن يازمىلار ئېلان قىلىندىغۇ، ئۇنداق بولسا، ھېلىقى ئاۋسترالىيىلىكىڭ بۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن يۈز بېرىدىغان ۋەقە ئىكەنلىكىنى بىلەمدىكىن؟
    گەپ دەل شۇنىڭدا، ئۇ ئىككىمىز قانداق ئويلىدۇق؟ بۇ كۆرۈنۈش كىتلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى بىئولوگىيىۋى تەرەپتىن ئۆزىنى-ئۆزى ساقلاپ قېلىش قانۇنىيىتىگە زىت. باشقىچە ئېيتقاندا، تەبىئەتكە توغرا كەلمەيدۇ، ئۇچارلىق-تىنارلىقلار دۇنياسىدا يەنە مۇشۇنداق ئەھۋال بولمايدۇ  .
    -ئۇچارلىق-تىنارلىقلار دۇنياسىدا بولمىغان بىلەن ئىنسانىيەت دۇنياسىدا بولۇۋېرىدۇ .
    -بۇ پۈتۈنلەي باشقا نەرسە، گەپ ئۇ توغرىسىدا ئەمەس، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقىنى پۈتۈنلەي باشقا مەسىلە جېسسى .
    روبېرت بورك توقايلىقتىن دۆڭگە سۇزۇلغان يول بويىدا پارقىراپ تۇرغان يول بەلگىلىرى بىلەن سالاسۇنلار چوقچىيىپ كۆرۈنگەن كەڭ يولىغا كۆز چاپتۇرۇپ ئۇزايىدىن بېرى تونۇش بولغان كۆپ قېتىم كۆزىگە چېلىققان مەنزىرىگە ئىختىيارسىز كۈلۈمسىرەپ ئۈن-تىنسىز ئولتۇردى، ئۇ بىردەم  ئۆزىنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلدى، ئۆيگە كېتىپ بېرىۋاتقاندا، جېسسى ماشىنىنىڭ رۇلىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ ئۆزى ئالدىن ئويلاپ قويغاندەك كىتلارنىڭ سىرىنى ئاڭا ئېچىپ سۆزلەپ بەرسە، جېسسى ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىغا بەكمۇ ھەيران قېلىشىنى ئۇ بىلىدۇ، ئۇندىن كېيىن كەشپىياتنىڭ قىزىقسىنىشلىرىغا پاتقان بىر نېمىلەر ھەققىدە، بۇ تېما ھەققىدە گەپتىن-گەپ چىقىرىپ ھەر تەرەپتىن تەھلىل قىلىشىدۇ، مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى بەخت، چۈنكى بەخت دېگەن كۆڭۈللەرنىڭ بىر-بىرىگە باغلىنىشى ئەمەسمۇ، ئۇندىن كېيىن ئۇلار ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن، پىشايۋاندا ئىككەيلەن دەرقەمدە ئولتۇرۇپ جېسسى چالغان مۇزىكىدىن تەڭ بەھرىلىنىپ )ئۇ كىلاسسىك مۇزىكا دېسە جېنىنى بېرىدۇ(، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئاق ھاراقتىن ئوتلىغۇسى كېلىپ كەتتى... بىراق، كائىناتتىكى كاھىن ھەققىدىكى خىيال يالت قىلىپ كاللىسىدىن ئۆتۈپ شۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بۈگۈن ئۇنداق ئويلىغاندەك باياشادلىق بولماي قېلىشى مۇمكىن دەپ ئويلىدى .
    -نېمىگە ئۈن چىقارماي ئولتۇرىسەن، بوب، قۇلاق سەندە، كەيپىياتىمنى كۆتۈرەي دەۋاتمامتىڭ؟
    -يوقسۇ، ئويلىنىۋاتىمەن، مانا سەن سورىمايۋاتمامسەن، ھېلىقى ئاۋىسترالىيىلىك كىففېر دېگەن كىشى كىتلارنىڭ ئۆزىنى-ئۆزى ئۆلتۈرۈۋېلىش سەۋەبىنى بىلىدىكەن دەپ، قانداق دېسەم بولار، ئۇ ئادەم باشقىلارنىڭ خىيالىغىمۇ كەلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئېيتىپ يۈرىدۇ، بۇ قانداقتۇر بىر لوگىكىلىق تەپەككۇرنىڭ خۇلاسىسى ئەمەس، مەن بۇنى ئالاھىدە ئەدەب-ئەخلاقىي، پەلسەپىۋى بايقاش، بىلىش دەپ ھېسابلايمەن، شۇنداق، شۇنداق. كۈلمە، ھەيرانمۇ قالما، دەل ئەشۇنداق، ھېلىقى ئاۋسترالىيىلىك دۇنياۋى چۈشەنچىنى قوزغاۋاتىدۇ. بىلەمسەنكى، بارلىق سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئىچىدە كىت، يۇنۇس بېلىقى ئەڭ ئەقىللىق جانۋارلار ھېسابلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ بىر كەمچىلىكى پەقەت سۆزلەش ئۈچۈن تىلى يوق، مانا مۇشۇ ئەھۋاللار ئىنسانلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆتكىلى بولمايدىغان توسالغۇ بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ .
    - ئاھ خۇدا، ئىلمىي دوكلات ئوقۇپ يۈرۈپ كۆنۈپ قاپسەن، روبېرت، بۇ گەپلىرىڭنى بىر ئازمۇ چۈشەنمىدىم، سەن قايسى ئەدەب-ئەخلاقىي، پەلسەپىۋى بايقاش، بىلىش ھەققىدە سۆزلەۋاتىسەن؟
    -بۇ ھەيران قالارلىق ھادىسىنىڭ سىرىنى بىرمۇ زىيالىي چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىدى، بىراق قىسقارتىلما سۆز بولسا توساتتىنلا ماڭا ئالەمنى مۇجەسسەملىگەن چۈشەنچىنى ئېچىپ بەرسە بولىدىغۇ؟
    -ئۇنىڭ قىياسىنىڭ ماھىيىتى نېمە ئىكەن؟
    -ئۇ ئىلىم ئەھلىدەك خۇلاسە چىقاردى، كىتلارنىڭ توپ-توپى بىلەن جېنىدىن ۋاز كېچىشلىرىدىن، ئۇ كىففېر دېگەن كىشى يەر يۈزىدە بولۇۋاتقان ۋەقەلەرگە دۇنياۋى ئەقىل-پاراسەتنىڭ تەسىرىنى بىلىۋاتقان ئادەم .بۇ ئۆز تۇرۇقىدىنلا فانتازىيە، روبېرت!
     -ئېيتما، بولدى ئېيتما، جېنىم. بۇ بىر قىياسلا خالاس. جېنىمنى ئارامىدا قويمىدى. ئادەمگە ئەقىلنىڭ ئالەملىك بۇرچىنىڭ ئىگىسى بولۇشقا قانداقتۇر بىر مۇتلەق ئارتۇقچىلىق بېرىلگەن. تەرەققىيات قولىمىزدىن كەلمىسە، ھەر تەرەپلىمە جانلىق ئۆزلەشتۈرۈش قولىمىزدىن كەلمىسە ئۇنداقتا بىزدىن يەنە نېمە تەلەپ قىلىنىدۇ، يەنە بۇ يورۇق دۇنيادا نېمە مەقسەتتە ياشاپ يۈرىمىز؟ دېمەك، ئۇنداقتا بىز ئۆز بۇرچىمىزنى ئادا قىلىپ بولالمىغان مىتىلەر، ساندىمۇ ساپادىمۇ يوق مەخلۇق بىز. كەچۈرۈپ قوي، ھەددىمدىن ئاشتىم، دېمەكچى بولغىنىم، بىزگە، ئادەم بالىسىغا، قانچىلىك رىسىق بېرىلگەن بولسا شۇنچىلىك بۇرچ ئاتا قىلىنغان، ھەممىدىن بۇرۇن ھاياتىمىزنى گارمونىيىلەشتۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش بۇرچى ئاتا قىلىنغان، ھاياتلىقتىكى ئىشلار دېگۈدەك مۇشۇ ئىشلارنىڭ ياكى ماۋۇسىدا ياكى ئاۋۇسىدا بولىدۇ. ھايات گارمونىيىسى! ئۇنداقتىمۇ بۇ تەرەپتىن تەپەككۇر قانچە ئۇلۇغ بولسا ھەم شۇنچە ئويلار يارماچ-يېرىق پەيدا بولىدۇ، قانچىلىغان ھەسەتخورلۇق بىلەن قانچىلىغان پەسلىك بىزنىڭ ئالدىغا ئىرغىپ چىقىپ تۇرىدىغان ھەر بىر قەدىمىمىزگە ئەگىشىپ بارىدۇ، بىراق گارمونىيە-بۇ ئۆزىنى-ئۆزى تەقىب قىلىش، ئۆزىگە- ئۆزى جەڭ ئېلان قىلىش، ۋۇجۇدىمىزنىڭ گادايلىشىشى بىلەن كۈرەش قىلىش ئەمەسمۇ؟! مانا مۇشۇ يەردىن بىر تەبىئىي سوئال تۇغۇلىدۇ. ھەر بىر ئادەم ئەلمىساقتىن بېرى ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۇنياسىدا، خالىغان ۋاقىتتا، خالىغان ھال-ئەھۋالدا، ئۆز ئىختىيارى بىلەن چۈشەنگەن ۋىجدان دېگەن نېمە ئۇ؟! يارالمىشىدىكى، تارىخ ئالدىدىكى دۇنيانىڭ كېلەچىكى ئالدىدىكى ۋە ئاخىرەتتىكى، بىزنى ياراتقان يەنە ئۆزىمىز يارىتىۋالغان خۇدا ئالدىدىكى ۋىجدان دېگەن نېمە؟!....
    - روبېرت،-ئايالى چىدىيالماي قالدى،-سەن راستىنلا دىنىي ۋەز-تەبلىغچى بولساڭ بوپتىكەن، ئەگەردە ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ياشىغان بولساڭ، بىراق، دىندارلار بەلكىم دىننى بۇزغانلىقىڭ ئۈچۈن سېنى ئوتتا ھېچ بىر ئىككىلەنمەيلا كۆيدۈرۈۋېتىشەتتى، خۇدانى، ياراتقان ئىگەمنى ئۇنداق-بۇنداق دېگىنىڭ نېمە ئۇ؟
    -ئۇنداق بولسا گەپ قىلىپ ئولتۇرمامسەن! مانا، سەن ھەتتا جېسسى ئۇچىغا چىققان دوگمىچى بولۇپ چىققۇدەكسەن، قانداقلا بولمىسۇن، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن مېنى كۆيدۈرۈۋېتەلمەيدۇ، سۆز بىلەن يامانمۇ، ياخشىمۇ قىلىۋەتكىلى بولىدۇ .
    -بەرھەق، بەرھەق، شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە ئەرشتىن كەلىمىلەر نازىل بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇندىن قالسا ئادەمنىڭ قولىدىن چىققاننىڭ ھەممىسىنىڭ، ئاخىرى كېلىپ نازىل بولغان كەلىمىلەرنىڭ ھەممىسىنڭ ئەمەلىيەتكە ئايلىنىشى دەرياغا سېلىنغان كۆۋرۈكتەك ئىش. كىشىلەردىن بۇرۇن كەلىمەلەر نازىل بولغان. مەن ئۇنىڭدىن باشقا ياققا كېتەي،كەلىمىلەر، بىزئۆز ماھىيىتىمىز ئىچىدە ياتقان ئەبەدىيلىك ئۈچۈن كەلىمىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىمىز، باھانە قىلىمىز، بىر تۇرۇپ قانات باغلاپ چەكسىزلىككە بالقىيمىز، بىر تۇرۇپ خېچىردىنمۇ بەتتەر ھالەتتە تەقدىرنىڭ يۈكىنى ئۈستىمىزگە ئېلىپ، كەلىمىلەرنىڭ يېتەكچىلىكىگە تۇتقۇن بولىمىز، بىراق، ئېيتاي دېگىنىم باشقا مەزمۇندىكى گەپ، باشقا ئىشلار ھەققىدە، تىرىكچىلىكنىڭ پۈتۈنلەي ئۆز ئارا قارىمۇ قارشى ماھىيىتىنىڭ، ئەڭ دەسلەپكى كەلىمىلەرنىڭ يوق بولغانلىقى ھەققىدە، بۇ بولسا ھەم پۈتكۈل يارىتىلىش ھەققىدە ئىدى، مىسال ئالساق، ھېلىقى كىتلار، بۇ تەرەپتىن مىسال ئالغان تراگېدىيىلىك جانلىقلار. سۆزلەشكە تىلى يوق، بىراق، ئۇلار ئالاھىدە سېزىمگە ئىگە بولۇشقا، بىرلا ئۆزلىرىنى ئۆزىگە خاس ئوي-تۇيغۇغا ۋە روھقا ئالاھىدە ئېنېرگىيىلىك ئۇچۇرچىلىقنىڭ بىئو تالاسىغا ئىگە بولۇشقا بۇيرۇلغان، بۇ ھەقتە ئۇلارنىڭ كەنجى ئۇرۇغداشلىرىدىن يۇنۇس بېلىقلىرىنى كۆرۈپ بىر نېمە دېسەك بولىدۇ .
    -بىراق شۇنداق بولسىمۇ، روبېرت، ئېيتايلى، ساڭا نېمە مەلۇم بولدى؟ روبېرت بورك ئۆزىنىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك نەرسىنى دەپ يۈرگەنلىرىنى ئېيتىشنىڭ ئالدىدا ئوي-خىيالىنى يىغىپ، ئۈن چىقارمىدى، ھەر قاچان ئايردرومغا بارغاندا ۋە ئايروپورتتىن كېلىۋاتقاندا نېمىگىدۇر قادىر بولالمىغان، ئۆيدە دەرقەمدە ئولتۇرۇپ، سۆزلەشمەي تۇرغان نەرسىلەر ھەققىدە ئېيتقۇسى كېلىۋەرگىنى كاللىسىغا يالت قىلىپ چۈشتى .
    شۇنى دېمەمسەن، ئۇ گېپىنى ئۇلىدى، كىففېر مۇنداق دەيدۇ، -مېنىڭچە ئاساسسىز ئەمەس، كىتلار، بۇلار ئوچۇق ئوكياندىكى تىرىك رادارلار، بۇلار كائىناتتىنىڭ يوشۇرۇن بەلگە-بېشارەتلىرىنى ئىگىلىيەلەيدىغانلار؟ بەلكىم دەل، كىتلار، ۋۇلقانلارنىڭ ئېتىلىپ چىقار ۋاقتىنىڭ كەلگەنلىكىنى دەسلەپكىلەر قاتارىدا بىلگۈچىلەر يەنە يەرنىڭ تەگ-تېگىدىكى قۇۋۋەتلەرنىڭ قىسىلىشىغا ماس ھالدا ئۈن-تۈنسىز نالە قىلىشىدۇ، بىراق، بەلكىم دېڭىزدىكى بارلىق كېمىلەر تۇرۇشلۇق، مۇقىملىق بەرمىگەن بەھەيۋەت دولقۇنلار بىلەن بوران-چاپقۇنلارغا پىسەنت قىلمىغان، كىتلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى قورقۇنچلۇقى دۇنياۋى روھنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدا بىز ئۈچۈن ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان تەڭپۇڭسىزلىقنى پەيدا قىلغان ئادەمنىڭ كۆنگەن مۇھىتىنىڭ، ئادەم ئۆزىنىڭ ھارام خىياللىرىنىڭ چاقىرىق بەلگىلىرىنى يىغىپ چۈشكەنلىكىدە، كىتلار ئۈچۈن تاغدىن سوققان تەتۈر قۇيۇن سىياقىدىكى، قىيناپ تۇرغان قىيناقلار مانا مۇشۇ بولۇشى مۇمكىن، نېمە ھەققىدە ئېيتىۋاتقانلىقىمنى سەن بىلەمسەن، بۇ ھەقتە مەخسۇس ئەسەرلەر بار. ئۇ خۇددى تاغ خەلقنىڭ يۈرەك قەلبىنى ھالسىرتىۋاتقاندەك شامال، چۈنكى، ۋۇلقان قانچىلىك قورقۇنچلۇق بولسىمۇ، لاۋالارنى پۈركۈپ تاشلايدۇ-دە، ئاندىن كېيىن تىنجىپ قالىدۇ، لېكىن ئادەمنىڭ ئۆزلىرىنىڭ  ھارام ئويلىرىنىڭ شامىلى بېسىلمايدۇ، ئۆچمەيدۇ، ماھىيەت مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىدە، ھاياتلىق ئاشۇنداق تۈزۈلۈپتۇ، ياخشىلىق دائىما كەمچىل، يامانلىق ھەمىشە ئېشىپ،تېشىپ تۇرغان، تۆكۈلۈپ تۇرغان، يۈزىدە توختىماس بىر ئالامەت بولۇۋاتقاندا يەنىلابىر ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى، يەنچىگۈچى، پارچىلىغۇچى بولىمىز. ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز يېرگىنچلىك ھالدا كۆڭلىمىزنىڭ تەگ-تېگىدە ۋە ئاڭ-سېزىمىمىزنىڭ مېغىزلىك يېرىدە ئاقلىنىۋاتقاندا، بىزگە قاراشقا ئامالى، ماجالى قالمىغان، ھەمدە زورۇققان توپ-توپ كىتلارنىڭ ئۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆز ئالدىڭغا كەلتۈرۈپ كۆرچۇ، چۈنكى، دۇنياۋى ئەقلى ھۇشىنى يىغىپ بولغىنى ئۆزىنى-ئۆزى يوق قىلغىنى، ھە، دېمەك، يىلان يەر يۈزىنى سىيپاپ يۈرگەندەك يىتىپ كەتكىنىلا قالدى. بۇ ھەر قانداق تىلسىز مەخلۇقنىڭ ھەممىسىنى قىيامەت قايىمنىڭ كېلىشىدىن قورقىدۇ. بۇنىڭدىن تىرىك جانلار ئىچىكى تۇيغۇسى بىلەن قورقىشىدۇ، چۆكۈۋاتقان كېمىدىن ئامەتلەر نېمە ئۈچۈن قېچىشىدۇ دەپ ئويلايسەن؟ دەل شۇنىڭ ئۈچۈن سۆزلەشكە تىلى يوق كىتلار بىز ئۈچۈن قانچىلىك ئازاب چېكىپ تۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتىپ بېرىشەلمەيدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ ئۆزىنى كىتلارنى ئىچ-ئىچىدىن ئازابلاپ ئازابىنى سىرتقا چىقىرىشنى، يەڭگىللىتىشنى تەلەپ قىلىشىدۇ. چۈشىنىسەن، بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر ئازاب بارمۇ؟! ئېسىڭدىمۇ كىمدۇر بىرى قاچاندۇر بىر قېتىم بىر كېكەچ قىزنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرمىدىمۇ، قىزنىڭ ئانىسىنى قىزنىڭ ياۋۇزئاتىسى ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ، ئۇ بولسا، بىچارە، ئۇيان-بۇيان يۈگۈرۈپ، نېمە ئالامەت بولغانلىقىنى كىشىلەرگە چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، ئاندىن كېيىن، ئۆزىنى ترامۋاينىڭ ئالدىغا تاشلىماقچى بولىدۇ، دېمەكچى بولغىنىمنىڭ ئۆزى شۇ، بىراق باشقا، بۇ ئالەملىك ماسىشتابتا كىتلارنىڭ ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقىنىغا ئوخشايدىغان ئىش. كىتلار بەلكىم، ئوكياندا ئۈزۈپ چاراسلاپ كۆيۈۋاتقان ئورماندىكى ئوت ئاپىتىگە مۇقىملىق كۆرسىتەر، تاغدىكى يەر كۆچۈرۈشتىن كېيىن، مۇزلۇقلار سەلگە ئايلىنىپ ئۇچرىغانلايەردىكى ھەممە نەرسىنى ئېقىتىپ كېتىۋاتقاندەك پۈتكۈل، بەدىنى تىترەپ كەتسە كېتەر، بىراق ئادەمنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىدىكى  بۇزۇقچىلىقلارنى، بىر-بىرىگە قارا ساناشلىرىنى، ئىپلاسلىقلىرىنى ۋە جاندىن تويۇشىنى، دۇنياۋى ئەقىل-ھۇشىنىڭ ئىگىسىنىڭ، ئادەمنىڭ ئاپەتلىك، يامان يوسۇنلارنىڭ كۈچىيىشىنى مانا شۇلارنى ئېنىقراق ئېيتقاندا مەڭگۈلۈكنىڭ ماھىيىتىنىڭ ئىشنىلىپ ئاتا قىلغانلىقى ھەققىدە بىز ئويلايمىزمۇ؟ گۇمانىم بار، قايسى بىر يېرىمىزدە كۆنگەن مۇھىتىمىزدا قالايمىقانچىلىق، قىقاس-چۇقان، ئەدەب-ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشى بولۇۋاتىدۇ، شۇنىڭ ئاسارەتى ئالدىدىن يامانلىق بىلەن قاباھەتنىڭ كۆزگە كۆرۈنمەس رادىئاتسىيىسىنىڭ دۇنياغا تارىلىشىدا، كائىناتىي ئادالەتنىڭ بۇزۇلۇشىداشۇنداق بىر سەۋەب بارمۇ- يوقمۇ، دەپ ئويلايمەن، تىرىكچىلىكنىڭ گارمونىيىسىنىڭ پارچە-پارچە بولۇپ كېتىشىگە، مانا ئاشۇنداق كىتلارمۇ تاقەت قىلىشالمايدۇ، دېڭىز ساھىلىغا قاراپ ئۈزۈشۈپ ھەممىسى كېلىشىۋالغاندەكلا ئۆلۈمگە ئۆزلىرىنى ئېتىشىدۇ، ئۆز ھاياتىنى، ئۆزلىرىنى نابۇت قىلىشىدۇ، ئاتلانتىكانىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ تۆۋەن تەرىپىگە قاراپ قالسام، بىردىنلا ئايروپىلان بۇرۇلۇپ ئۇچقان يەردە، ئايروپىلان قانىتى ئالدىدا، ئوكياندا كىتلارنىڭ زور توپى ئۈزۈپ بېرىۋاتاتتى، ئاغزىم ئېچىلىپلا قالدى. ئۇلارنىڭ تاغدەك دولقۇنلارنى شىنە قاققاندەك يېرىپ، قاقىرادەك سەپ تارتىپ ئۈزۈپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە نەپەسمۇ ئالالماي قالدىم، شۇ چاغدا نېمە ئۈچۈندۈر بۇلار نەگىمۇ بېرىۋاتقاندۇر، ئۇلارنى قانداق كۈچ ھەيدەپ كېتىۋاتقاندۇ، نەگە، نېمە ئۈچۈن؟ دېگەن سوئاللار ئويۇمغا كەلدى .
    -ئايروپىلاننىڭ ئىچىدىن ماڭا ئالمان-تالمان تېلېفون بەرگىنىڭ ئەمدى چۈشىنىشلىك بولدى، مەن شۇ چاغدا چۈشىنەلمەي قالغان ئىدىم، نەدىكى كىتلاردۇر ئۇ، بۇ نېمىلەرنى دەپ يۈرىدىغاندۇ. ئەلۋەتتە، ئويۇڭغا ھېلىقىدەك نەدىكى بىر نېمىلەر ھەممىسى كەلگەندىن كېيىن قانداقمۇ چىداپ تېلېفون بەرمەي ئولتۇرالايتتىڭ؟ !
    - دۇرۇس، دۇرۇس، ئايالى ئۇنى كەچۈرگەندەك كۈلۈمسىرىدى،ھۆرمەتلىك كېلەچەكشۇناسىم، ئۇ ئېرىگە مىيىقىدا كۈلۈمسىرەپ قارىدى،-بەزىدە شۇنداق يەرلىرىڭ بار، بىراق قىزىق، بەكمۇ قىزىق. باشقا سۆز يوق، بۇ بەلكىم ھەقىقەتەنمۇ قارشىلىق كۆرسىتىشنىڭ بىر خىل شەكلى بولۇشى مۇمكىن؟ كىم بىلىدۇ، ھوي، روبېرت ماي قۇيدۇرۇۋالايلى، بېنزىن تۈگەپ كېتىۋېتىپتۇ، ئىككىمىز كىتلار ھەققىدە ئۇزۇندىن-ئۇزۇن سۆھبەتكە چۈشۈپ غۇيۇلداپ ماشىنا بىلەن كېتىۋاتقاندا ....
    ئۇلار ماي قاچىلاش ئورنىغا قاراپ بۇرالدى، دەررۇ ھەممە ئىش كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ ئىز تەرتىپىگە چۈشتى، كائىناتتىكى كاھىنمۇ شۇنداق قىلدى، كىتلارمۇ شۇنداق، باشقا ھەر قانداق مەۋھۇملۇق ۋە خىيالدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى چەتتە قالدى. ئاندىن كېيىن شەھەرنىڭ سىرتىدىكى كوچىلارغا جۆنەشتى، بۇ ئۆيگە يېتىشكە ئازلا قالغان ۋاقىت ئىدى .
    توساتتىن بورك پۈتۈن بەدىنى بوشىشىپ چارچىغانلىقىنى سەزدى-دە، مۇنداق دېدى :
    -جېسسى، بۈگۈن تېلېفوننىڭ جىرىڭلىشىغا جاۋاب بەرمەيمىز، كەلگەن تېلېفونلارنى ئاپتوماتىك خاتىرىلىنىدىغان قىلىپ قوي، چارچىدىم، ئارام ئالاي ....
    -بىر تېلېفونغا بىر كۈن بۇرۇن ماقۇل دەپ قويغان ئىدىم، كەچۈرۈپ قوي، بۈگۈن كېچىدە ساڭا ئولۋېر ئوردوك تېلېفون بېرىدۇ، ئاڭا بۈگۈن كېلىشىڭنى ئېيتقان ئىدىم، بولمىسا قاراپ باق، ياۋروپادا ئۇ ساڭا بەرگەن تېلېفوننى، خاتىرىلىنىپ تۇرۇپتۇ .
    -ئولىۋېر ئوردوك  .
    -دەل شۇ ئۆزى، ئۇ پرېزدېنتلىككە ئۆز نامزاتلىقىنى كۆرسەتمىدىمۇ؟ ئۇنى بىلەمسەن؟
    -بىلىدىغانلىرىمنى بىلىمەن-دە، ھازىر ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرىنچى قېتىملىق رىقابەتكە چىقىشىمدىمۇ؟ بىراق ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش قىيىن، ناھايىتى گىجىڭ ئادەم، قولى ئاغرىپ تالغۇچە تېلېفوننى جىرىڭلىتىدۇ .مېنى كەچۈر، بوب، تېلېفون بەرمە-!دەپ قانداقمۇ ئېيتالايمەن  .
    - تېلېفون بەرسە بېرەر ئەمدى، مەيلى ئولىۋېر ئوردوك، بىز كۆپ ۋاقىتتىن بېرى تېلېفونلىشىۋاتقان، ئىككىمىز ئېسىڭدىمۇ؟ ئۇ مۇئاۋىن شتات باشلىقى بولغان، شتاتتىكى ئىلىم-پەن ئالماشتۇرۇش، خەلقنى پاراۋانلىق بىلەن غەمسىز قىلىش، سۇغۇرتىلاش تەرەپدارى، بىزدىكى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا ياردەم بەرگۈچى، ئەگەر ئېسىڭدە قالغان بولسا موسكۋاغا گورباچېۋنىڭ ئىسلاھات، قايتا قۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا بىز بىرگە موسكۋاغا بارغان، شۇ قېتىم پۈتكۈل دۇنيانىڭ سىياسەتچىلىرى، كېكەچەكشۇناسلىرى يىغىلىشقا قاتناشقان. قايتا قۇرغۇچى، ئىسلاھاتچى، بىز ھەممىمىز شەرقتىمۇ، غەربتىمۇ گاڭگىراپ، قۇلاق تۈرۈپ قالمىغان بىز، يالغان ئېيتقان بىلەن بولارمۇ! قىزىق مەزگىللەر ئىدى شۇ، ئولىۋېر ئوردوك مەندىن بىر ئاز ياخشىراق شۇنداق بولسىمۇ، گېزىتلاردا دەل شۇنداق بېسىلىۋاتىدۇ، ئەللىك ئالتىدىكى ئولىۋېر ئوردوك .
    -ھە، شۇنداق، مۆلچەر بىلەن شۇنداق دەپ ئويلايمەن، بىزنىڭ ئولىۋېر ئوردوك تەۋەككۇل دەپلا كىرىشكەن ئىكەن، تەلىيىنى سىناي دېگەن ئىكەن. ھۆكۈمدارلىقنىڭ خۇمارى ھە! راھەت! ھە، مۇمكىن بولۇپ قالار، سايلام كومىتېتى ئوچۇق دېڭىزدەكلا دولقۇنسىمان داۋالغۇۋاتىدۇ، قارىساڭ دېڭىز جىيىكىگە چىقىپ قالغاندەك بولىسەن، ئەگەر جەمئىيەتنىڭ دولقۇنى ساڭا بۇرالسا، سىرىلسە، بۇ تەرەپتىن ئوردوك ئۆزىگە قامچا تەگكۈزمەيدۇ، ئۇ چەبدەس، تېرەن تەپەككۇرلۇق ئەمەس، بىراق دۆت، كالۋامۇ ئەمەس .
    -راست، ئۇ مەزگىللەر ئېسىمدە، قايسى كۈنلۈكى بۈگۈنكىدەك ئېسىمدە شۇ قېتىم موسكۋاغا بىز قاچان بارغانتۇق، ھە، راست68-يىلدەك قىلىدۇ، سەن كرېمىلدە، كونا چوڭ زالدا، كېڭەشتە ئوتتۇرىغا چىقىپ سۆزلىگەن ئىدىڭ، يىغىننى گورباچېۋ ئۆزى باشقۇرغان، ئوردوكمۇ بىز بىلەن بىرگە بولغان. ئېسىڭدىمۇ؟ توغرا سۆزلىگەن، مېنىڭچە...
    -دۇرۇس، خېلىلا دۇرۇس، ئۇنىڭدا ناتىقنىڭ كۈچ قۇدرىتى، چاقىرىق كۈچى بار. ئۇ ھەمىشە شۇنداق مەزگىللەرنىڭ ئادىمى، قەھرىمانى بولۇپ كەلگەن، بىراق تېرەن بىلىمى يەنە دېسەم يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنداقچە تېرەن بىلىمنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوقتەك قىلىدۇ، ئاممىنىڭ ئاڭ-سېزىمى ئۈچۈن ھەممىدىن بۇرۇن نامزاتنىڭ پروگراممىسىنىڭ جىددىيلىكى ئەھمىيەتلىك بولىدۇ، ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ ساپا-سۈپىتى تېخى  .
    -ھوي! روبېرت، بولدى يېتەر، بىزگە نېمە بولدى، باياتىندىن بېرى كىتلار، ئەمدى ئولىۋېر ئوردوك، باشقا ئىشىمىز يوقتەك بولۇۋاتىدىغۇ، بىر ئازدىن كېيىن ئۆيدە بولىمىز، ئوردوك، ئوردوك... دەپ ئاغزىمىز يېپىلماي قالدىغۇ؟
    -ھازىرقى ئاۋامچىللىقنىڭ ماھىيىتى دەل شۇنداق، جېسسى، بەزىدەئىنسان ئىنساننى دەپ ئەقلىدىن ئادىشىدۇ، بىراق ئۇ بولسا ھەممە ئادەم ئۈچۈن ئەقلىدىن ئاداشقاندەك قىلىدۇ. ئامېرىكىدىكى سەن بىلەن ئىككىمىزمۇ شۇنداقلارنىڭ بىرىدىن .
    -ئۇ توغرادەيدۇ، بىراق ئۇ نېمە ئۈچۈن ھاپىلا-شاپىلا ياۋروپادا تېلېفون قىلغۇسى كېلىپ قالدى؟ بۇ نېمە قىلغىنى؟
    -ئۇنىڭ باشقا سىرىمۇ يوق، ئويۇمچە ھېلىقى كائىناتتىكى كاھىن كۆپ ئادەمنىڭ بېشىنى ئاغرىتتى، يەنى، شۇئانلا يولدىن چىقاردى، ئويۇمچە ،سەۋەبى دەل شۇنداق، بىراق كىم بىلىدۇ ....
    -بۇ يەردە قانداق لازىمىڭ بار؟ شۇنىڭ ئۈچۈن كائىناتىي ئالاھىدە ھادىسىسى توغرۇلۇق ئوردوكقا سەنمۇ تېلېفون بېرىشىڭ مۇمكىن، ھە، بوب ئامانمۇ سىز، بوۋاي كائىناتتىن رىم پاپاسىغا ئىۋەرتىلگەن مۇراجىئەتكە نېمە دېمەكچى سەن؟ دېگەندەك گەپلەر.... ئېسىڭىزدىمۇ موسكۋادا مۇنداق ۋاقىتتا، بۇ مەسىلىنى نېمىگە قوشۇپ ھەل قىلىدىغانلىقىنى سىز بىلەمسىزكى؟ دەپ قويۇشىدۇ ئەمەسمۇ رۇسلار، سەنمۇ شۇنداق قىلماقچى ئىكەنسەن. بۇ ۋەقەنى نېمىگە قوشۇپ يەيمىز، قىممەتلىك ئوردوك، ئەشۇنداق بولسا بولىدىغۇ، دەيمەن .
    -ئەلۋەتتە سەنمۇ شۇنى ئېيتىۋاتىسەنغۇ، ساڭا كۆپ كىشى تېلېفون بەردى دەپ، نېمە ئۈچۈن بۇ كىشىلەر ھېلىقى كائىناتتىكى ئەخمەق توغرۇلۇق دەل مېنى چۈشەندۈرمە بېرىشى كېرەك دەپ ئويلىشىدۇ؟ قانداقلا بولمىسۇن بۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى مەن تېزرەك بىلىشىم كېرەك، بۇ«نامىڭ چىقمىسا ئوت قوي» دېگەندەك بىر گەپقۇ؟
    -ئۇنداق بولسا ئۇنى-بۇنى ئېيتىپ تاماشىغا كىرىپ قالىمىز .
    -ئۇنداق ئەمەس، جېسسى يول يەردە، يەر يۈزىدە، ئۆتمەيدۇ، مۇنداق ئىشنىڭ ئاخىرى ياخشىلىققا ئېلىپ بارمايدۇ .
    -مانا ئەمدى، ساڭا باھانە تېپىلدى، شائىرانە فرانسوزلار مېنى قايغۇزمچى دېمىگەن ئىكەن، بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى گۈررىدە يوقىتىپ، ئۆينىڭ بوسۇغىسىغىچە بولسىمۇ ئۇنتۇپ تۇرايلى، بىر قەدەمگە ئۆتۈشىمىز تېخىمۇ كۆپ قەدەم پەيدا قىلىدۇ، ئوربېتىدىكى كاھىنغىمۇ شۇنداق، ئوكياندىكى كىتلارنىڭمۇ ھەتتا، مېنىڭ بولسا ئەتە ئوركىستىر بىلەن بەك مۇھىم ئولتۇرۇش مەشىقىم بار... ئۇھ، ياراتقان ئىگەم .... ....
    -بۈگۈن سەن بىلەن ئازادە، ئەركىن بولغۇم كېلىپ تۇرىدۇ، جېسسى، مانا كېلىپمۇ قالدۇق.

    مەنبە: چىنگىز ئايتماتوۋنىڭ (يۈسۈف ئىگەمبەردى تەرجىمە قىلغان) «كاسساندرا تامغىسى» ناملىق رومانى
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.