بېتخوۋىننىڭ دونرانسىغا يازغان خېتى

يوللىغۇچى : Qarluq يوللىغان ۋاقىت : 2007-06-28 00:19:00

دۇنيادىكى ھازىرقى زامان مۇزىكانتلىرىنىڭ پىشىۋاسى بولغان بېتخوۋىن 1798-يىلى قۇلىقى ئاجىزلاپ كەتكەندىن كېيىن كەيپىياتى ئوساللىشىپ ، مىجەزى غەلىتە بولۇپ قالغان. «دۇنيادىكى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ سۆي...

        دۇنيادىكى ھازىرقى زامان مۇزىكانتلىرىنىڭ پىشىۋاسى بولغان بېتخوۋىن 1798-يىلى قۇلىقى ئاجىزلاپ كەتكەندىن كېيىن كەيپىياتى ئوساللىشىپ ، مىجەزى غەلىتە بولۇپ قالغان. «دۇنيادىكى مەشھۇر شەخسلەرنىڭ سۆيگۈ خەتلىرى» ناملىق كىتاپچىدە بېتخوۋىن ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان قىز دونرانسىغا ئاتاپ يازغان بىر پارچە خەت بار.

        بىر مەزگىل بېتخوۋېندىن مۇزىكا دەرسى ئالغان دونرانسى بېتخوۋېننىڭ تالانتىغا ھەۋەس قىلىپ 1806-يىلى توي قىلىشقا پۈتۈشكەن ، ئەمما قىزنىڭ ئائىلىسى ۋە جەمىيەتتىكىلەرنىڭ پىكرى بىلەن قىز توي قىلىشتىن يالتىۋالغان. بۇ ھال بېتخوۋېنغا مەڭگۈلۈك ئازاپ بولغان ۋە بىتخوۋېننىڭ تېخىمۇ بەكرەك يالغۇزلۇق ۋە جۇدالىق ئىچىدە ياشاپ نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىشىغا تۈرتكە بولغان.
       تۆۋەندىكىسى بېتخوۋېننىڭ ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ قالغان، دۇنرانسىغا ئاتاپ يازغان قىممەتلىك سۆيگۈ خېتى. بۇ خەتتىن بىز بېتخوۋېننىڭ ئاددى ئەمما ئازاپلىق ھىسىياتىنى، نادىر مۇزىكىلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولغان ئوتتەك قىزغىن ھىسىياتىنى كۆرۈۋالالايمىز.

                         دۇنرانسىغا يېزىلغان خەت
          «پەرىشتەم، ...مېنىڭ بارلىقم، ...قەلبىمدە، مېنىڭ قەلبىمدە سىزگە سىزگە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز تالاي گەپلىرىم بار...ئاھ، مەيلى مەن نەگىلا باراي، ھامان سىز ، سىزنىڭ خىيالىڭىز مەن بىلەن بىللە.....
        تۇنجى خېتىمنى يەكشەنبىدىن بۇرۇن ئالالمايدىغانلىقىڭىزنى ئويلاپ يىغلىۋەتتىم- سىزنى سىزگە ئوخشاش -سىزدىنمۇ بەكرەك سۆيىمەن!
       ئاھ،  تەڭرىم! سىزسىز- سىزسىز ھەرگىز ياشىيالمايمەن!
       بىز يېقىنلا يەردە ، لېكىن مەن پىراقىڭىزدا سەرسان بولماقتىمەن...مېنىڭ ئۆچمەس دىلبىرىم، ئوي-خىيالىم پۈتۈنلەي سىزدە
       بەزىدە خوشال ، بەزىدە غەمكىن يۈرىمەن. ئارزۇيىمىز كۈلىدىغان كۈنلەر بىزگىمۇ نېسىپ بولارمۇ؟
       تەقدىردىن شۇنداق سورايمەن، پەقەت سىز بىلەنلا بىرگە بولۇشنى ئىستەيمەن، بولمىسا ياشىيالمايمەن...ھىچكىم قەلبىمنى ئىگەلمەيدۇ، ئەبەدىل ئەبەد ئىگەلمەيدۇ! ئەبەدىل ئەبەد!
       ئېھ تەڭرىم، ئادەملەر مۇھەببەتلىشىدۇيۇ، يەنە نىمىشقا ئايرىلىپ كېتىدۇ؟ ھازىر كۈنلىرىم قايغۇ-ھەسرەت بىلەن ئۆتمەكتە... بەختىم پەقەت مۇھەببىتىڭىز ئارقىلىقلا ئېچىلىدۇ، مۇھەببىتىڭىزدىلا تۆكۈلىدۇ... مۇھەببىتىڭىزدىلا...
        خاتىرجەم بولۇڭ،... خاتىرجەم بولۇڭ، ... مۇھەببىتىڭىز مەندىن ئايلانسۇن!
       بۈگۈن، ئەتە، قانچىلىغان قىزغىن سېغىنىش،  قانچىلىغان كۆز ياشلار سىزگە ئاقىدۇ...
       سىز...سىز مېنىڭ ھاياتىمسىز، بارلىقىمسىز!
    بولدى خەيرىيەت،! ئېھ! مېنىمۇ شۇنداق سۆيۈڭ تائەبەد،
    مەڭگۈ سىزگە خاس، مەڭگۈ سىزگە خاس- مەڭگۈ سىزگە خاس- 
    سۆيۈملىكىڭىز «L» نىڭ قەلبىنى چۈشىنىڭ ئەبەد!»

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر بېتخوۋىن