كاسساندرا تامغىسى (8)

يوللىغۇچى : guzal110 يوللىغان ۋاقىت : 2014-02-26 16:57:06

ئولىۋېر ئوردوك بولسا ھۇجۇمنى داۋاملاشتۇرۇۋەردى، ئۇ سۆزنىڭ زالدا ئاڭلاپ ئولتۇرغانلارنىڭ ۋە ئۇندىن ئىرسىي جۇغلانمىلارنى بۇزۇشقا، ھەم پارچىلاپ خانۇ-ۋەيران قىلىش نىشانلانغان سەييارىلەر ئارا تەجرىبىلىرىدىن، بىزدىكى ھاياتقا ئۇمتۇلغۇچى باشلىنىشنىڭ يوق


    كاسساندرا تامغىسى (8)
     
    چىنگىز ئايتماتوۋ (قىرغىزىستان)
    (رومان)
    يۈسۈف ئىگەمبەردى تەرجىمىسى
    قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى تىل فاكۇلتېتى
     
    تۆتىنچى بۆلۈم (5)
     
    ئولىۋېر ئوردوك بولسا ھۇجۇمنى داۋاملاشتۇرۇۋەردى، ئۇ سۆزنىڭ زالدا ئاڭلاپ ئولتۇرغانلارنىڭ ۋە ئۇندىن ئىرسىي جۇغلانمىلارنى بۇزۇشقا، ھەم پارچىلاپ خانۇ-ۋەيران قىلىش نىشانلانغان سەييارىلەر ئارا تەجرىبىلىرىدىن، بىزدىكى ھاياتقا ئۇمتۇلغۇچى باشلىنىشنىڭ يوق بولۇشىغا ئېلىپ بارغۇچى، جەمئىيەتكە غەليان سالغۇچى مەقسەت كۆزلەنگەن تەجرىبىلەردىن ئۆزىمىزنى قانداق قىلىپ ساقلىشىمىز كېرەك .
    -ئۇنداق بولمايدۇ!-دېگەن ئاچچىقلانغان ئاۋازلار ئاڭلاندى، زالدىن،-بىز ئاڭا يول بەرمەيمىز! -مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن،-دەپ داۋام قىلدى ئولىۋېر ئوردوك،-يەنە بۇنىڭ ئۈچۈن يېتەرلىك كۈچ-قۇۋۋىتىمنى سەرپ قىلىمەن، مېنى ھېچكىم، ھېچنەرسە توختىتالمايدۇ، بىراق، كېلىپ چىققان كائىناتىي ۋەھىمىنى يەنى يەردە تۇرۇپ فىلوفېينى قوللاپ، ۋەزىيەتنى قىزىتىۋاتقانلارنى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتماقچى بولغانلارنى، قانداق قىلىپ، قانداقچە زىيانسىزلاندۇرىمىز؟ سۆز ئادەملەرنىڭ ۋە ئۇنىڭ تەقدىرى توغرىسىدا بولۇۋاتقاندا ئۆزۈمنى ئومۇمىي چاقىرىق تاشلاش بىلەن جىم بولغان سىپايە ئىشتىراكچى سۈپىتىدە كۆرسەتكۈم كەلمەيدۇ، فىلوفېيچىلەر بىلىپ قويۇشسۇن، ئۇلار قانچىلىك ئالىي، ئەقلىي دەلىللەرنى كەلتۈرۈشمىسۇن، بىزنىڭ ئۇلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈشىمىز بولمايدۇ ۋە بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس، ھەمدە ئۇلار بىلەن بىرگە ئىرسىي پىستىرما بېرىش سەندىن ئايلانسۇن، ئاتاپ ئېيتقاندا، مەن بىر كېلەچەكشۇناس بىلەن، ئىلمىي ساھەدە بەلگىلىك دۇنياۋى نام-شۆھرىتى بار، بىراق ئىش يۈزىدە كائىناتتىكى كاھىننىڭ مۇھىم ياقلىغۇچىسى، ھەتتا ئىدىئولوگىيىلىك بالا ئەسكىرى بولغان بىر ئادەم بىلەن خېلى ۋاقىتقىچە سۆزلەشتىم، سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدا يول باشچىسىغا ئاق نىيىتى بىلەن خىزمەت قىلغان ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن ھاياتتىن ۋاز كەچمەكنى بەختىم دەپ ھېسابلىغان ئوغلان-قىزلىرى، يېڭىلىشسام كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئاكتىپلىرى،مۇنەۋۋەرلىرى دەپ ئاتىلاتتى، فىلوفېينىڭ ياردەمچىسى، يېشى خېلى چوڭىيىپ قالغانغا قارىماي، ئاشۇلارغا ئوخشاش، ئۇ بىزنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئىشلەيدۇ ھەم شەھەرنىڭ چەت ياقىسىدىكى شەھەرچىلەرنىڭ بىرىدە ياشايدۇ، ئۇ ئادەمنىڭ ئىسمى روبېرت بورك !
    تىمتاسلىق بولۇپ قالدى، ئولتۇرغانلار تىنىق ئالالماي قېلىشتى، ئۇندىن كېيىن بىر ئېغىزدىن: «روبېرت بورك! بۇ روبېرت بورك! نەدىكى بىر روبېرت بورك!» دېگەن غۇدۇر-پۇدۇر سۆزلەر شامالدەك ئېسىپ جۆنىدى.
     شۇنداق، مۆھتىرەم سايلامچىلار، روبېرت بوركنىڭ ئىلمىي دەلىللىرىنى دىققەت قىلىپ ئاڭلاش بىلەن مەن تىرىك ئادەملەرنىڭ تەقدىرىگە سەل قاراشقا ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق ئىكەنلىكىگە، ئۇنىڭ ئەس-ھۇشىمىزنى قانچىلىك بۇراشقا ھەرىكەت قىلغانلىقىمغا قارىماي، فىلوفېي مەيلى قانداق ئىلمىي مەقسەتنى ئالدىغا قويمىسۇن،ئۇنىڭ تۇرمۇشىمىزنى بۇزۇۋاتقانلىقىغا دىققەت ئاغدۇرۇشقا قانچىلىك ھەرىكەتلەنگەنلىكىگە قارىماستىن مەن بۇ ئادەمنىڭ فىلوفېيدىنمۇ ئېشىپ چۈشۈشىگە كۆزۈم يەتتى. دۇنياۋى ۋەھىمە ئېنىق بولۇپ كۆرۈنگەن مانا مۇشۇنداق ئادەملەرنىڭ ئىچىدە يوشۇرۇنۇپ ياتىدۇ! روبېرت بورك ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكەن ئادەملەرنىڭ ھەم ئىتىرازچىلارنىڭ بېشىنى تۇمانلاتقان پەلسەپىۋى جۆيىلىشلىرى، ئۇنىڭ پۈتكۈل ئالەملىك مەپكۇرەلىرى قاتارىدا ياشىغان، ئاددىي ئادەملەرنىڭ تەقدىرىدىن ئالقانچىلىكمۇ ئەھمىيەتلىك ئەمەس، بۇ ئاددىي ئادەمنى، ئۇنىڭ بارلىق مەسىلىلىرىنى يەنە قىيىنچىلىقلىرىنى روبېرت بورك پىسەنتىگىمۇ ئېلىپ قويمايدۇ، مەيلى قانداق ئىلمىي كەيپىياتتىكى مەقسەتلەر قويۇلمىسۇن، ئادەم نەسلىنىڭ ئۇلىنىشىنى بوغقان، بىزنى كېلەچىكىمىزدىن ئاجراتقان فىلوفېينىڭ ئۆز ئىلمىگە ئاشۇ ئاددىي ئادەملەر قۇربان قىلىنىدۇ، روبېرت بورك قارىغۇلارچە چوقۇنغۇچى ھەمدە جان دىلى بىلەن فىلوفېي تەرەپتە ۋە ئاڭا شەيتانغا خىزمەت قىلغاندەك خىزمەت قىلىۋاتىدۇ .
    -كەچۈرۈڭ، ئوردوك ئەپەندى! بۇ ئىككىڭلارنىڭ ئاراڭلاردىكى خۇسۇسىي سۆھبەت ئەمەسمۇ؟-دەپ چىدىماي قالدى ئەنتونى يۇنگېر، رىياسەتچىنىڭ مىكروفونىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپ، كاكىراپ بۇزۇلۇپ كەتكەن ئىكەن، ئىككى ئادەم ئارىسىدىكى پاراڭنى كەڭ خەلقنىڭ تەھلىلىگە ئېلىپ چىقىشقا بولارمۇ؟ !
    -بورك بىلەن ئىككىمىزنىڭ سۆزلەشكەن پارڭىمىزنى يوشۇرۇن سىرغا ئايلاندۇرغۇم كەلمەيدۇ،-دېدى ئوردوك بىخىرامان،-ئەگەر ئىككەيلەن ئارىسىدىكى پاراڭ ئادەمزاتىنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولارىنى قوزغاپ قويسا، ئەگەر روبېرت بوركقا ئوخشاش ئادەملەر فىلوفېينىڭ ئىشىنى ياقلىسا ۋە ئادەملەرنىڭ ئەقلىدىن ئۇنىڭ نەزەرىيىسىگە كەڭرى يول ئېچىپ بېرىۋاتسا، پۈتكۈل دۇنيا ئۈستىدىن نازارەت قىلىشقا ئاڭا يول ئېچىپ بېرىۋاتسا، نېمە ئۈچۈن ئاڭا سىپايىگەرلىك قىلىشىم كېرەك بولىدىكەن؟  گۈلدىراس چاۋاكلار »ئالفا بېيسبول «نىڭ تورىسىنى ئېچىۋەتكۈدەك ياڭرىدى، تېلېۋىزىيە ئوپېراتورلىرى ئولىۋېر ئوردوكنىڭ يەنە بىر جەڭدىكى غەلىبىسىنىڭ بۇرۇن بولۇپ كۆرۈلۈپ باقمىغاندەك بۇ سەھنىسىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئادەملەرنىڭ چىراي كۆرۈنۈشلىرىنى چۈشۈرۈپ، زالدا ئۇيان-بۇيان يۈگۈرۈپ يۈرۈشتى .
    ئەنتونى يۇنگېر بىر نەرسە ئېيتىشقا ھەرىكەتلەندى :
    -ئوردوك ئەپەندى، سىزدە بۇنىڭغا ھوقۇق يوق... بىراق، زالدىكىلەر ئۇنىڭ سۆزىنى ئاخىرىغا چىقارغۇزمىدى، ئاڭا سۆز-گەپ قىلدۇرماسلىق ئۈچۈن، ئۇنى تۇرغان يېرىدە يوق قىلىش ئۈچۈن ھەممە ئادەم بىر كىشىدەك چاۋاك چېلىپ تۇرۇۋېلىشتى .
    يۇنگېر ئۇنىڭغا قارىماي، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇۋەردى، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاتقۇزماي چاۋاك چېلىۋاتقانلارنى ئۇقسۇن دېگەنچىلەپ، قىيقىراپ سۆزلەپ، قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ، جان قىينىلىشقا چۈشتى، بىراق بۇ ئوتقا ياغ قۇيغاندەك بولدى، يۇنگېرنىڭ بىر تالاي سۆزلىگەنلىرىنى يوق قىلىش ئۈچۈن، ھەممەيلەن قىيقىراشقا باشلىدى: «ئوردوك! ئوردوك! ئور... دوك! ئور... دوك!» .
    ئۇنىڭدىن كېيىن بۇيرۇق بېرىلگەنچىلەپ، ھەممەيلەن بىردىنلا ئورۇنلىرىن تۇرۇشتى دە، ئالىقانلىرىنى بىر بىرىگە ئۇرۇشۇپ: «ئوردوك! ئوردوك! ئوردوك!» دەپ قايتىلاۋەردى. شۇنداق قىلىپ ئوردوكنىڭ سەلتىنىتى يېتەر يەرگە يەتتى، بۇنداق سىياسىي مۇۋەپپەقىيەت ئۇنىڭ رىقابەتچىلىرىنىڭ ھېچكىمنىڭ چۈشىگىمۇ كىرگەن ئەمەس،تەقى-تۇرقى كۆزگە سىغماس، شەلۋەرىگەن قۇشقاچنىڭكىدەك يۈزىنى سەپكۈن باسقان، نېمىسى بىلەندۇر، گېبېلستى ئەسكە سالغان ماۋۇ ئومۇمىي داۋالغۇش باش ئايلاندۇرىدىغان بۈيۈكلۈككە، سىرلىق مۇۋەپپەقىيەتنىڭ چەمبىرىكىگە شۇنچىلىك تېزلىك بىلەن كۆتۈردى دەيسەن، ئوردوكنىڭ شۇئان ئاشۇ مىنۇتلاردا شادلىقىدىن ھوشىدىن كېتىپ يېقىلىپ قالىدىغاندەك ئەھۋالغا كەلگەنلىكى ھېچكىمنىڭ ئويىغا كەلمەس ئىش ئىدى، شۇنداقتىمۇ ئۇ غەيرىتىنى يىغدى، ئىشنىڭ باشلارىنى باشلىدى، ئەمدى ئىشنى ئاياغلاشتۇرۇش كېرەك ئىدى، مۇۋەپپەقىيەتنى مۇستەھكەملەش كېرەك ئىدى، لېكىن زالدىكىلەر يەنىلا »ئوردوك! ئور...دوك!» دەپ قىيقىراۋاتاتتى. ئۇ قايتا ئوڭشالدى، قولىنى پۇلاڭلىتىش ھەم رازىمەنلىك تەبەسسۇمى بىلەن زالدىكىلەرنىڭ چاۋىكىنى، ۋارقىراشلىرىنى توختاتتى، ئۇندىن كېيىن جىمجىت بولۇپ قالغاندا مۇنداق دېدى:
    كىمدۇر بىراۋغا روبېرت بورك ھەققىدە ئېيتقىنىم ياقماي قالدى بولغاي، روبېرت بوركنىڭ نېمىسى بار؟ ئاڭا كىم توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ، بورك كىشىلەر ئالدىغا كەلسۇن، ئۆزىنىڭ ئۇنداق ئادەم ئەمەسلىكىگە ئىشەندۈرسۇن، كائىناتتىكى فىلوفېي ئىككى ئادەملەرگە، كىشىلەرگە، مىللەتلەرگە، كەلگۈسىدىكى بوغۇنلارغا پايدا يەتكۈزىدىغانلىقىغا خۇشتار ئىكەنلىكىگە ئىشەندۇرسۇن، ماڭا نەق بىر جاۋاب بېرىپ، ئاشكارىلىسۇن! مۇھەببەت! بىز، خۇداغا شۈكۈر، بېرىپ تۇرغان دېموكراتىيىلىك مەملىكەتتە ياشاۋاتىمىز، بەرھەق، بورك قولىنى قوۋۇشتۇرۇپ، چەتتە ئولتۇرۇپ قالىدىغان ئادەم ئەمەس، ئۇ چىقىپ سۆزلەيدۇ دەپ ئويلايمەن، ئەگەر ئۇ توساتتىن ئېسىگە كېلىپ، فىلوفېي قوللاشتىن ئاينىسا، ئۇنداقتا، چۈشەندۈرەر، مېنىڭ ئويۇمچە، گۇناھىنى بوينىغا ئالار، ئىش قىلىپ خالىغانچە قىلسۇن، ئامېرىكىنىڭ گېزىتلىرى بىلەن ژۇرناللىرى ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولماي نېمىلەر ئىدى. ئۇندىن قالسا ئامېركىنىڭكىلا دەمسىلەر؟ ھە، رادىئو، ھە تېلېۋىزىيە نېمە؟ ئوي-خىياللىرىنى ئوتتۇرىغا قويسۇن، بىراق مەنمۇ چەتتە قالمايمەن، سىلەرگە ئېيتىپ قوياي ھۆرمەتلىك سايلامچىلار، مەنمۇ ئاممىۋى تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىن ئۆزۈمگە ئاددىي-ساددا بولسىمۇ بىر ئوتۇن سورايمەن، بىراق زامانداشلىرىمنى ئۆزۈمنىڭ كېلەچەكشۇناسلىق نەزەرىيىلىرىم بىلەن تاڭ قالدۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، مەن ئوت بىلەن ئوينىشىشقا بولمايدىغانلىقىنى، بورك بىلەن فىلوفېينىڭ دۇنياۋى ئوت چىقىرىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ھەر بىر ئادەم چۈشەنگۈدەك بولغان سائەتتىن باشلاپ، مەندە ئارام يوق، ئۇنىڭ ئويلىرى مۈجىمەل ۋە ۋەھىمىلىك، ئۇ ھەممە يەردە ئاياللارنىڭ بىرەرسىنىمۇ قالدۇرماي تاپقۇر نۇرلارغا نۇرلاندۇرۇش مەپكۇرەسىنى يېيىشقا ۋە قىلغان گۇناھى ئۈچۈن مۇتلەق رەۋىشتە ئادەمزاتتىن كەچۈرۈم سوراشنى تەلەپ قىلىشقا تەييار، ئۇندىن كېيىن شۇلارنىڭ بارى، ئەنئەنىۋى دىنلارنى سۈرۈپ چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن، ئادەم يېنىغا مونوپولىيىلىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۈچۈن يېڭى فىلوفېي دىنغا بېرىپ تاقىلىدۇ، دۇنياۋى دىنلارمۇ مۇندىن باشقا قانداق كۈنگە قاپسىلىدىغانلىقلىرىنى ئويلاشسۇن، مانا مۇشۇلار توغرىسىدا ئالدىنئالا غەم قىلىش كېرەك، مەن مانا ئاشۇلار ھەققىدە يازىمەن ۋە ئېيتىمەن، بىز ئەينى ۋاقىتلاردا بۇ ئوقۇمۇشلۇق ئادەملەرنى ئوربېتىدىن فىلوفېيگە، يەردىن بوركقا يۈگەن، ئېغىزدۇرۇق سېلىشىمىز كېرەكلىكى ھەققىدىمۇ تەكىتلەيمەن ۋە يازىمەن، مەن مانا مۇشۇ يەردە قاتنىشىپ ئولتۇرۇشقان بارلىق مۇخبىرلارغا بۇنى بىلدۈرىمەن، ئەلۋەتتە، ئەنئەنە يولى بىلەن، پەقەت ئەنئەنە تەرىقىدە ئېغىزدۇرۇق سېلىش كېرەك! مۇنداق تەجرىبىلەرگە دۇنياۋى مەنئىي سېلىشنى كىرگۈزۈش يولى بىلەن بۇ ئىشتا مەن سىزلەرنىڭ قوللىشىڭىزلارغا ۋە ئىشىنىشىڭىزلارغا تايىنىمەن ! يېرىلىپ چىققاندەك قىقاس-چۇقان ۋە چاۋاكلارنىڭ گۈلدىراسلىرى ئاڭلاندى، ھەممەيلەن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى-دە، قوللىرىنى تېخىمۇ قىزغىنلىق بىلەن چېلىشىپ، قايتىدىن ۋارقىراشتى .
    » ئور...دوك! ئور...دوك!» ئوردوك قايتىدىن كىشىلەرنىڭ چاۋاكىنى توختىتىپ تۇرۇشى راھەتلىنىپ ھەم ئوڭايسىزلىنىپ سوراندى .
    -مەن سىزلەرنىڭ يەنە بىر نەچچە مىنۇتلىرىڭىزلارنى ئالاي، مەن مۇشۇ ئېيتقانلىرىمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن يەنە قوشۇمچە قىلدىم .
    توساتتىن تەنتەربىيە زالىدىن تېلېۋىزىيىلىك يەتكۈزۈش چورت ئۈزۈلدى، ئېكران ئۆچتى، كىمدۇر بىراۋ تىترىگەن قولى بىلەن تېلېۋىزورنى ئۆچۈردى، ئۇ جېسسى ئىدى، ئۇ ئۆيگە قاچان كەلدى، قانداق كىردى، باياتىن نەدە ئولتۇردى، چەتتە ئولتۇرۇۋېلىپ، ئاشۇلارنىڭ جىمىسىنى كۆردىمۇ، ئۇندىن كېيىن كۆرگەنلىرىدىن بارغانسېرى پارالىچ بولۇشۇپ، مىدىرلىيالماي قالدىمۇ؟ يا ئەمدىلا كەلدىمۇ ؟ 164 بورك بىلگەن يوق، كۆز ئالدىدا بولۇپ ئۆتكەنلەرگە گاڭگىراپ قېلىپ، بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلاۋاتقاندەك، قانداقتۇر بىر بوشلۇقنى سەزمىگەندەك، كرېسلودا ئولتۇردى.
    -قانچىگىچە كۆرۈشكە بولىدۇ زادى؟! ئاشۇنىڭغا قانداق قىلىپ چىداپ قاراپ ئولتۇرىسەن؟!-جېسسى ئېرىگە ئاچچىق ھەم قاتتىق سۆزلەپ بىر تەگدى، يېتەر! بولدى! ئۇ ئۈن چىقارمىدى.
    -خانەدىكى تېلېۋىزورنىمۇ ئاچقۇچى بولما!-دېدى جېسسى ئاچچىقلىنىپ، ھازىر بارلىق تېلېفون سىملىرىنى سۇغۇرۇپ تاشلايمەن، جىمىسىنى پالاكەت باسسۇن، جىمىسىنى يىلان سىيپىسۇن، بىردەم بىراۋ، بىردەم جان، بىردەم تېلېفون بېرىش بولمىسۇن! ھازىر ھەممىسى تېلېفون بېرىشكە باشلايدۇ، قولى بىكارنىڭ بار، سېنىڭ ئولىۋېر ئوردوكنىڭ ئۇياقتىكى قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى كۆرگەنلەرنىڭ جىمىسى! نېمە دېگەن بىمەنە سۆزلەر! نېمە دېگەن ئىپلاس يوسۇن! بورك ئۈن چىقارمىدى .
    -سەن نېمىشقا گەپ قىلمايسەن؟!-دەپ چاڭىلداپ سۆزلەپ كەتتى. جېنى چىدىماي قالغان جىسسى،-مۇنداق ئىش ھاياتىمدا بولغان ئەمەس  !
    -بوش سۆزلە، خۇدا ئۇرغۇر،-دېدى روبېرت بورك،-ۋارقىرىغىنىڭ بىلەن ھېچنەرسە ئۆزگەرمەيدۇ.
    - لام-جىم دېمەي دومسايغىنىىڭدىنمۇ ھېچنەرسە ئۆزگەرمەيدۇ  .
    ئىككىيلەن تەڭ چىچاڭىشىپ، ھۆرپىيىشىپ، تالىشىپ ئولتۇرۇپ قېلىشتى، سىرتتا گۇگۇم كىرگەن ۋاقىت ئىدى، مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدىغان كۈزنىڭ ئاجايىپ كارامەت كۈنى ئۆز نۆۋىتى بىلەن ئۆتۈۋاتاتتى، ئارقىغا ئارمان-ئىستەك ھەم خىياللارنى قالدۇرۇپ كېتىۋاتاتتى. نېمە بىلەن كېلەرى
    نامەلۇم يېڭى كۈنلەرگە ئۇدۇللۇق ئۆتۈپ بېرىۋاتتى ....
    -ئۆزۈمگە ئۆزۈم ئىشەنمەيمەن، ياق ئىشەنمەيمەن،-روھىنى چۈشۈرۈپ تىنچلىقنى جېسسىنىڭ دىرىلىگەن ئۈنى بۇزدى،-بۇ نومۇسلۇق ساڭا ھېلىقى مەسىلىدىن كەلگەن، بىراق، ساڭا شۇنچە پەس ھەم ئىپلاس مۇئامىلە قىلار، دەپ ئويلىغان ئەمەسمەن! ئۆزىنىڭ شەخسىي ھەۋەس- قىزىقىشى ئۈچۈن ئادەمنى پۈتكۈل دۇنيادا شۇنچىلىك مەسخىرە قىلىشقا بولامدۇ؟! مەن بۇ ئەبلەخنى ھازىر ئۆلتۈرۈۋېتىشتىن يالتايماس ئىدىم! كېيىن ئاشۇمۇ ئامېرىكىنىڭ پرېزدېنتى بولۇشى مۇمكىن؟! بۇ تەڭرى دېگەن نەدە؟! جېسسى بۇلدۇقلاپ يىغلاشقا باشلىدى، بورك ئورنىدىن تۇرۇۋېلىپ ئايالىغا سۇ ئېلىپ كېلىپ سۇندى، جېسسىنىڭ لەۋلىرى تىترەپ، ئىستاكاننىڭ گىرۋىكىگە چىشلىرى تاسىلداپ تېگىپ، سۇنى تۆكۈپ، چېچىپ، يېتىپ ئىچتى .
    -سەۋر قىل، جېسسى، ئەمدى، سۆزۈمنى ئاڭلاپ تۇر،-دەپ بورك ئايالىنى بېشىدىن سىيلىماقچى بولدى، ئايالى بېشىنى تارتىۋالدى .
    -ئاڭلىمايمەن، ھېچنەرسىنى ئاڭلىمايمەن، ماڭا ھېچ گەپ دېمە، باي بولغۇر!-ئۇنىڭ ھەلقۇمىنى ياش بوغدى  .
    -ئۇنداقتا كەچۈرۈپ قوي، يېنىڭدا تۇرۇپ تۇراي... كەچۈرۈپ قوي ....
    ئايالى پۈتكۈل تېنى لاغىلداپ تىترەپ كرېسلوغا يۆلەنگەن ھالىتىدە ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى، چېچىمۇ ئاقىرىپ كېتىپتۇ، شۇنداقلا توساتتىن قېرىشقىمۇ باشلاپتۇ، بورك بۇنىڭغا بۇرۇن ئەھمىيەتمۇ بەرگەن ئەمەس ئىكەن، مانا مۇشۇنىڭ ھەممىسى ئاشۇ كۆڭۈل يېرىم بولغان، جان قىينالغان
    مىنۇتلاردا كۆرۈلۈۋاتىدۇ .
    روبېرت بورك تۇماندا قالغاندەك، ئۆز ئۆيىدە ئەمەس ئىدى، يوچۇن بىر ياقتا يۈرگەندەك خانەدە ئۇيان-بۇيان مېڭىۋەردى، نەدىكى بىر ھاڭغا چۈشۈپ كېتىدىغاندەك، ماڭسىمۇ، جىم تۇرسىمۇ ئاڭا ھەممە ئىش قورقۇنچلۇقتەك تۇيۇلدى .
    بۆكتۈرمىدىن ئۇرۇلغان كۈتۈلمىگەن زەربىنىڭ كۈچى شۇنچىلىك ئەس-ھۇشىنى يوقىتىدىغاندەك ئىدى  .
    گاھىدا بوكسيۇرلۇق مەيدانىدىكى بوكسيۇرچىلارغا تېلېۋىزوردىن قاراپ تۇرۇپ، بورك چارىسىز قالغان بوكىسچىغا ئىچى ئېچىشىپ، بىر ئۇرۇش بىلەن قايتا تۇرغۇسىز بولۇپ يېقىلغان بوكىسچى ئۆزىنى قانداق سېزەر بولىدىكىن، يىقىلغۇدەك ئۇرۇلغان، باشقا سەييارىدىن چۈشۈپ قالغاندەك كەلگەن مېتىرونت تاشنى، تۇشمۇ تۇش تەرىپىدىن كەلگەن زەربىنى سەزمەي قارىغان ھالەتتە ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا نېمە ئالامەت بولىدىكەن، دەپ ئويلىنار ئىدى، ئۇ نېمە ئىكەنلىكىنى ئەمدى بىلىدۇ، ئۇنى قورشاپ تۇرغان دۇنيا، ئۆز ئورنىدا قېلىۋېرىش بىلەن بىرگە، ئادەمنىڭ ئۆزىدە، ئۇنىڭ ئىچىدە پۈتۈنلەي ئاداشقان، كوچىدا ئاققان يېغىن سۈيىدەك، باشتا مەۋج ئۇرۇۋاتقان تومۇرلىرىدا، ئاشۇ ساراڭ-جىندى ئېقىم يەپ كەتكەن ھالىتىدە، ئۆينىڭ قارايغان تاملىرىدا، ئوي-خىيالنىڭ گاڭگىرىغان قالايمىقانچىلىقىدا تۇرۇپ كېتىدۇ، ئەمدى ئۇ بۇنى بىلىپ يەتتى .
    ئۇ ئۇزاققا، ئۇزاققىچە قىينىلىپ مېڭىپ يۈردى، لېكىن ئاپەتتىن قىينالغاندا پەيدا بولغان پىكىر خىيالى بولسا ھېلىقى قارا كاماردا، بىر سائەت بۇرۇن ئۆزى ئۈچۈن ئۆزى نېمە بولسا شۇ بولغان، ئۆز «جېنى» بىلەن بولغان، ئۇنىڭ ئىنسانىيلىقىنى ئېنىقلىغان، ئۆزىگە ئوخشىغان باشلىنىشى بولغان ئۆتمۈشىنىڭ خارابىسىدە روھىي جەھەتتىن قالايمىقان بولغان.ھازىر ئەمدى شۇلارنىڭ جىمىسى ئولىۋېر ئوردوك ۋە ئۇ يولدىن چىقارغان كىشىلەر ئاممىسى تەرىپىدىن بىر زاماتتا ئاستىن-ئۈستۈن قىلىندى، دەپسەندە قىلىندى، كۆيدۈرۈلۈپ يوق قىلىندى، ئۇ دەسسەپ چەيلەنگەنلىكى ۋە كۆيدۈرۈلگەنلىكىنى ۋۇجۇدى بىلەن سەزدى، تېنى ئالاۋلىنىپ كۆيدى، ئۇنىڭ ئۆمرىدە مۇنداق قىلىپ كىشىلەر ئالدىدا زورلۇققا ئۇچرىغان ئەمەس، ئۇندىن كېيىن دەررۇ: بۇندىن باشقا نېمە قىلىش كېرەك؟ دېگەن سوئال پەيدا بولاى، ياكى ئار-نومۇسنى كۆپچىلىكنىڭ كۆز ئالدىدا نامايىشچىل بۇ قارا كۈچگە بېقىندۇرۇش ياكى ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشنىڭ بۆلەك يولىنى تاپالماي، ئۆزىنى ئۇدۇلغا ئېتىش قالدى،-دەپ ئويلىدى، ئۇ مۇشۇ سائەتتە،-ئادەم بارلىق ۋاقىتلاردا يەنە پەۋقۇلئادە مەغلۇبىيەتكە دۇچار بولغان پەيتلەردە قەتئىي ئىشىنىپ كەلگەن نەرسىلەرگە، ئادالەتنىڭ، چىنلىقنىڭ، ھەقىقەتنىڭ، ....بۇنىڭمۇ كۆپلىگەن ئاتلار بار، ئاخىرى ئىشىنىپ سەلتەنەت قۇرۇشىغا ئىشىنىش بىلەن كۈچ يىغىپ، تۇتۇشۇشقا چىقىپ قالدى، ئۇ بار يا يوق، يا ھايات، يا مامات، ئۆزىگە مۇنداق قاتتىق ھەم بىۋاستە ئېيتىدىغان كۈن ۋە سائەتنىڭ كېلەرىنى ھېچقاچان ئويلىغان ئەمەس، شۇ مىنۇتلاردا ئۇ ئۆزىگە تېخى بىر غەملىك كەشپىيات ئىختىرا قىلدى، جىسسى ئۈچۈن ئۇنىڭ تراگېدىيىسى ئۆزىنىڭكىدىن ئاللىقانچە ئېغىر بولىدۇ، شۇنىڭغا ئەگىشىپ جېنى بۇرۇنقىدىنمۇ قاتتىق ئازاب تارتتى، ئايالنىڭ قايغۇسىنى يېنىكلىتىدىغان چارە تاپالمىدى، سۆز تېپىلمىدى، سەۋەبى ئايالى بولۇۋاتقان ۋەقەنىڭ ماھىيىتىنى ئاشكارە، ياخشى چۈشىنىپ تۇرۇۋاتاتتى
    -روبېرت،-دېدى جېسسى تىترەپ  .
    -ھە، جېسسى، ئاڭلاۋاتىمەن، بىرەر گېپىڭ بارمۇ؟
    -روبېرت بورك، مەن ھازىر ئويلاندىم... -دەپ توختاپ قالدى، بورك كۈتۈپ تۇردى، ماڭا ۋاننىدىن لۆڭگە ئېلىپ بەرچۇ، خۇدا ئۇرغۇر .بورك لۆڭگە ئېلىپ كەلدى، ئۆڭگە بىلەن يۈزىنى سۈرتۈپ ھەلقۇمىغا كەلگەن يېشىنى بېسىشقا تەمشىلىپ، جېسسى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا ھەرىكەتلەندى .
    -نېمىنى ئېيتاي دېگەن ئىدىڭ، جېسسى؟
    -بۈگۈن بېشىڭغا كەلگەن نەرسە، بۇلا ئەمەس، ئۇ ياقتىمۇ، كائىناتتا يۈرسىمۇ، فىلوفېينىڭمۇ بېشىغا كەلگەن نەرسىمۇ،-بۇ ئىدىئالىزمنىڭ تراگېدىيلىرىنىڭ بىرى دېگەن ئويغا كەلدىم، مەن، سەن ھۆرمەت قىلغان سوقراتنى ئەسلىدىم، شۇ ۋاقىتتىكىدەكلا، ئۇندىن خېلى مەزگىل كېيىنمۇ ئىدىئالىستىك ئوتوپىياغا لۈكچەكلەر توپى قارشى تۇرۇشقان، كىمدۇر بىراۋ باشقا قاپ، تاغار كىيگۈزىدۇ. ئۇندىن كېيىن ھەممىسى بىرسىنىڭ ئۈستىگە ھەممىسى ئۆزىنى ئاتىدىغان «تۆگە باستى» ئويۇنى قىلىپ يېتىپ قېلىشىدۇ.
    -بەلكىم شۇنداقتۇر،-دەپ جاۋاب قاتتى بورك توختاپ.
    بۇ ئاشۇنداقمۇ، يا ئاشۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئوردوك ھەققىدە گەپ قىلمىدىم، بىز ئۇنى ياخشىراق بىلگەن ئەمەس ئىكەنمىز، سەن ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشسەڭ بولىدىكەن، ئۇ بىر روھىي كېسەلدەك نېمە، پرزېدېنتنىڭ ئورۇندۇقىغا ئولتۇرۇش ئۈچۈن ئۇ نېمىلا بولمىسۇن، يالغان ئېيتىشقا، يالغان-يالا ۋە غەيۋەت-شىكايەت تارقىتىشقا تەييار، ئۇ توغرۇلۇق مەخسۇس توختىلىۋاتىمەن، ئۇ قارا يەرگە كىرسۇن، بىراق ھېلىقى چوڭ تەنتەربىيە زالىدا ئولتۇرۇشقان لىق كىشىلەرنىڭ ھالىتى نېمىدىگەن بىر ۋەھىمىلىك كۆرۈنۈش، مالنىڭ سانسىز قوزىلىرى دەپسەندە قىلىنىپ كەتكەندەك ئىش. بۇنى كۆرۈپ كېيىن ۋۇجۇدۇڭدا گۈل ئۆسمەي، پەقەتلا خوخا تىكەن ئۆسىدۇ، بوغۇلۇپلا ئۆلگۈڭ كېلىدۇ، كۆزۈڭ كۆرگۈلۈك قىلمىسۇن! ئوھ، روبېرت، بۇ لۈكچەكلەر، ھايۋانلار! بۇ ئاجايىپ ۋەقە، بۇ بىر ياۋايى كۆرۈنۈش! ئاھ، ياراتقان ئىگەم! ئۇ يۈزىنى لۆڭگە بىلەن بېسىۋېلىپ قايتىدىن ئۆزىنى باسالماي يىغلاپ كەتتى .
    -سەۋر قىل، جېسسى، ئۆزۈڭنى بېسىۋال، سەندىن سورىناي، بۇنى كۆڭلۈكگە بەكمۇ ئېلىۋاپسەن، سېنى چۈشىنىۋاتىمەن، بىراق ئويلىنايلىچۇ، بىر ئاز باشقىچىرەك قارايلىچۇ،-دەپ ئۇ ئايالىغا تەسەللىي بەردى، ئايال كىشىنىڭ تەسەللىي بىلەن كۆڭلىنى ئېچىشقا ئالدىرىماسلىق كېرەك دېگەن مەنتىقىگە تايىنىشقا چارىسىز بولدى، ئۆزىمۇ بىر ئاز تېتىكلىشىپ قالدى،-ئەلۋەتتە كۆپ جەھەتتىن ئېيتقىنىڭ توغرا، سوقراتنىڭ تراگېدىيىسىنىڭ مۇشۇ مەزگىلىگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقى چىن، بىراق مانا ئويلاپ كۆرچۇ، ماقۇل شۇنداقمۇ بولسۇن، ئامما دېگەن بىر ئۈيۈرلۈك مال ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بىر نېمە، يا سەن ئېيتقاندەك، ئەۋلادلار، بىراق ئۇلار شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ تىرىكى، ھېچ قۇتۇلالمايسەن! ئۇلار دېگىنىڭ ھاياتنى قۇرغۇچى ھەم ياشناتقۇچى ئىنسانىي ماتېرىيال، ھاياتنىڭ تۈزۈلۈشىدە، مەن ئېيتار ئىدىم، تۇرمۇش دىئالېكتىكىسىدا بىر ئەنئەنىۋى ئالاھىدىلىك بار، ئۇ، مەڭگۈلۈك تراگېدىيە، ئاقىل ئادەم غەم-قايغۇلۇق جەمئىيەتنىڭ ئىستىقبال ۋە تەرەققىيات يولىنى ئاچىدۇ، لېكىن جەمئىيەت بولسا ئۇنى قارغاپ ئۇنىڭغا نالە ياغدۇرىدۇ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن دەپ شۇ كەشپىيات-ئىختىرالارنى قايتا قوللىنىشىدۇ، تونۇش ئارقىلىق كۆزى ئېچىلىدۇ .
    -روبېرت،-دەپ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى، جېسسى، ئۇنىڭ ئاۋازىدا ۋە كۆز قارىشىدا ئەيىبلىگەنلىك بىلىنىپ تۇردى، خالىغىنىڭدەك ئېيتساڭ بولىدۇ، بىراق كېيىن كۆزى ئېچىلىدۇ، دەپ مېنى ئىشەندۈرىمەن دەپ ئاۋارە بولمايلا قوي، دەسسەپ پايمال قىلغاندىن كېيىن، ئۆزى ئېچىلامدۇ؟ شۇنداق دېمەكچىمۇسەن، ياق، بۇنىڭغا قوشۇلمايمەن، ھازىر ئىككىمىزنىڭ پەلسەپىدىن سۆز قىلىدىغان ۋاقتىمىز ئەمەس، تۈن كىرىپ كېلىۋاتىدۇ، ئەتە سەن ئۆز سۆزۈڭنى ئېيتىشىڭ كېرەك، ئەگەر ئېيتقۇڭ كەلسە، ئېيت .
    -شۇنداق، ئېيتىمەن .
    -روبېرت، بۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى مەن چۈشىنىمەن، ئوردوكنىڭ ئارقىدا ئامما بار، سەندە ھېچكىم يوق، ھېلىقى ياش يىگىتتىن باشقا، كىم ئىدى، مىكروفونغا يۈگۈرۈپ كەلگەنچە .
    - ئەنتونى يۇنگېر .
    -ئۇنىڭغا تېخىمۇ تەشەككۈر، بىراق چۈشىنەرلىك، روبېرت، ساڭا ئوچۇقلا چاقىرىق تاشلاندى، سەن ئۇنى قۇبۇل قىلماي تۇرالمايسەن، قاراپ تۇر، ئەگەر چىنلىق راستىنلا فىلوفېي ئىككىڭلار تەرەپتە ئىكەنلىكىگە كۆزۈڭ يەتسە، ئۇنداقتا ھېچنەرسىگە قارىماي تۇرۇپ، ئاشۇ چىنلىقنى دەلىللەش، ئۆز چۈشىنىكۈڭنى ئوچۇق ئېيتىش سېنىڭ ھوقۇقۇڭ .
    -مانا بۇنىڭ ئوبدان توغرا، جېسسى، بىرلا يول بار، ئوچۇق ئېيتىش كېرەك، مەن ئۇ يولنى ئويلىنىپ قويغان ئىدىم، «مۇنبەر «دە ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مەن دەررۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بېرىشكە ھەرىكەتلىنىمەن، ئۇندىن كېيىن ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ، بولغاندا، بېرىپ كۆرىمەن، ماقالىنىڭ كۆپچىلىك بۆلىكى تەييار، ئۇ ماقالە كومپيۇتېرغا سېلىنغان، بىراق ھېلىقى يىغىلىشتىن كېيىن كۆپ نەرسىگە كۆزۈم ئېچلدى، كۆپ نەرسىگە يېڭىچە قاراش توغرا كەلدى، ئويۇمچە، فىلوفېينىڭ ئويىنىڭ توغرىلىقىنى مەھكەملىگۈچى دەلىل-ئىسپاتلار بولىدۇ، ماقالىدە ئايرىم نەرسىلەرنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىشلەش، بەزى مەزمۇنلارنى قېتىش، كۈچەيتىش زۆرۈر بولۇپ تۇرماقتا، شۇنداق قىلىپ مەن ئۆز رولۇمنى ئوينىماي تۇرۇپ، سەھنىدىن كېتەي دېگەن ئويۇم يوق، فىلوفېينىڭكى توغرا، مەن ئۇنى قوللايمەن .
    -ئۇنداق بولسا ۋاقىتنى چىڭ تۇت، ئۆزۈڭ چۈشىنىسەن، بىز ئەقىل-ھۇشىمىزنى يىغىشىمىز كېرەك، بۇ دېگەن ئۇرۇش، مەن ئاشۇنداق ئويلايمەن، روبېرت بورك، قەدىمكىدەك سوقۇش !
    -توغرا، بىراق بۇ ئۇرۇش رەقىب ئۈچۈن، دۈشمەن ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزى ئاداققىچە يېڭىش ئۈچۈن ئۇرۇشتۇر، مەن زالدا چاۋاك چېلىۋاتقانلارنى ئېيتىۋاتىمەن، بۇ ئۇرۇشنىڭ ماھىيىتى مانا مۇشۇنىڭدا جىسسى .
    -چۈشىنىمەن، بىراق ئۇنىڭدىن جېنىم ئارام ئېلىپ قالغان يېرى يوق، خالىمايمەن، تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا، بۇنداق بولۇشنى قوبۇل قىلالمايمەن، ئۆزۈمنى چېكىندۈرەلمەيمەن، مېنى كەچۈرۈپ قوي، دۈشمەنگە غەمخورلۇق قىلىشمۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۆزۈڭنى ئۆلتۈرگەننى رەھىم قىلىپ ساقلاپ قېلىشمۇ؟ ھەتتا ھېلىقى خرىستىئان دىنى ھەقىقەتلىرىمۇ؟
    - ئالدىرىما، بۇ خرىستىئانلارغىلا ئەمەس، بىرى قالماي ھەممىسىگە لازىملىق، تىلەككە قارشى، بارلىق بالانىڭ جىمىسى، بىز، ئادەملەر، ئەقلى بار مەخلۇقلار، ھېچنەرسىگە قارىماي، دائىما بۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان ھايات ئۈچۈن جاۋابكارلىقنىڭ قانداق رەۋىشتە بولسا تەدبىرنى تېپىپ قۇتۇلۇپ كېتىش ئۈچۈن سەكراتقا چۈشكەنلىكىمىزدىن، يەنە قارىنى ئاقتىن پەرقلەندۈرمەي ھەم ئۇنىڭدىن قىلچىمۇ قورقۇپ قويماي، ئەپلەپ-سەپلەپ قۇتۇلۇپ كەتسەك دەپ ئۇنىڭ ئۈچۈن سانسىزلىغان باھانە تاپقانلىقىمىزدىن چىقىپ تۇرغانلىقىنى كۆپچىلىكنىڭ چۈشەنگۈسى كەلمەيدۇ، ئاشۇنداقلا ياشاش كېرەك، باشقىچە بولۇشقا مۇمكىن ئەمەس دەپ ئۆزىنى-ئۆزى بەزلەشتىن بولۇۋاتىدۇ، ئۇندىن قالسا سايلام ئالدىدىكى يىغىلىش شۇنى كۆرسەتكەن ئەمەسمۇ؟! يەر يۈزىدە ئۆزىمىزدىن، ئادەملەردىن باشقا يامانلىقنى پەيدا قىلىدىغان ھېچكىم يوق، شۇنىڭغا قارىماي ھەر بىر ئادەم يامانلىقنىڭ بۇلىقىنى باشقىدىن، ئۆزىدىن، يىراقتىن، ئۆز توپىدىن مەرتىۋىسىدىن، مىللىتىدىن، ۋەتىنىدىن يەنە ئۇندىن باشقا ئىرقىدىن، دىنىدىن، ئىدىئولوگىيىسىدىن يىراقتىن كۆرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھايات يامانلىق بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كېتىۋېرىدۇ، بۇ تۆرەلمىلەرنىڭ ھاياتلىققا قارشى چىقىشىغىچە بارىدۇ، بولدى! ئۇندىن باشقا بارار يەر يوق! ئۇندىن باشقىسى بولسا ئاينىش ۋە نەسلىنىڭ بۇزۇلۇشىدۇر! شۇلارنىڭ جىمىسى ۋەيران قىلىنىدۇ، بىر تېخنىكىۋى جەھەتتىن قانچىلىك قۇۋۋەتلىك بولساق، يېڭىلىشىشىمىزنىڭ، ئۇياتسزلىقىمىزنىڭ ۋە بۇزۇقلۇقىمىزنىڭ دەرىجىسى شۇنچىلىك قورقۇنچلۇق، فىلوفېي تولغىقى يانغان ئىرسىي ئوركېستىرنىڭ بىرلا تىلىغا تېگىپ قويغان ئىدىغۇ، قانچە، قانداق ئاچچىقلىنىش پەيدا بولدى !...!...
    -ھاي روبېرت، ماڭا يېتەر،-دېدى جېسسى، سەن ئۇندىن كۆرە مۇشۇ ئويلىرىڭنى ئوچۇققا چىقار، كىشىلەر ئۇقسۇن .
    ئۇلار ئۈن چىقارماي قېلىشتى، جېسسى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا قانچە ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ قايتىدىن ھەلقۇمىدىن ياش بوغۇشقا باشلىدى.
    -مېنى كەچۈرۈپ قوي، روبېرت، ئەسلىمىگە كېلەلمەيۋاتىسەن، بولالمايۋاتىسەن، كۆرۈپ، ئاڭلىغانلىرىڭغا شۇنچە نومۇس قىلىمەن،-دېدى ئۇ يىغا ئارىلاش، ھېلىقى لۈكچەكلەر توپنىڭ ياۋايىلىقىدىن كېيىن مەن ئۆزۈمنى كۆيدۈرگەن، كۆيۈپ كۈلىلا قالغان ئورماندا سەنتۈرۈلۈپ يۈرگەندەك سەزدىم، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ جىمىسى، پۇتاقلار، قارىغاي، داۋۇ-دەرەخلەر، ھەممىسى كۆيدۈرۈلگەن، ئەتراپ يىلان سىيپاپ ماڭغاندەك ئىنسى جىن يوق، ھەننىۋاسى قاپقارا ۋە جانسىز، نېمە بولار؟ نېمە بولار؟ بىر نەرسە دەپ غودۇرلىدى جېسسى .
    بورك ئايالىغا تەسەللىي بېرىشتىن باشقىغا يارىمىدى، ئايالنىڭ بۇنچىلىك ئازابلىق زار قاقشىغىنىنى ئۇ كۆرگەن ئەمەس، قاچان بولسا چاققان، ھەمىشە ھەر قانداق ئىشلارنى تېز پۈتتۈرۈشكە ھەرىكەتلەنگەن ۋە ئېرىگە قارىغاندا ئاللىقانچە ئورۇنلۇق ئىش قىلىدىغان جېسسى ئوردوكنىڭ قارا يۈزلۈكىدىن ئۆزىچە ئىزا تارتقاندەك بولدى .
    -سېنى چۈشىنىمەن، روبېرت،-دېدى جېسسى سەۋر قىلىشقا تەمشىلىپ، ئىشخانىغا بار، ئىشلە، ماقالەڭنى پۈتتۈر، قەھۋە خالىساڭ،-ئاشخانىدا بار، خالىساڭ ئېلىپ بېرىمەن، ئىشلە، ھەرىكەتلەن، مەن مېھمان كۈتىدىغان ئۆيگە كەتتىم، كۈي چالغۇم كېلىپ تۇرۇۋاتىدۇ، شوۋتاكوۋىچىنىڭ كۈيىگە، بەشىنچى سىمفونىيىسىگە چالغۇم كېلىۋاتىدۇ، لېكىن سەن يېزىۋەر، ئېيتىدىغان ئويۇڭ بارلىقىنى بىلىمەن، ھېچياققا تېلېفون بەرمە، سورىنىمەن! تېلېفونلارنى يىغىشتۇرۇۋەتتىم، ئۈچىلىسىلا تەڭ، قايتا ئورناتما، بار، تۆۋەندىكى ئۆيدىن سەن تىۋىشلىرىمنى ئاڭلىيالمايسەن، ئىشىك بىلەن دەرىزىلەرنى يېپىپ قويىمەن .
    مۇزىكىنىڭ تاۋۇشى گاھىدا مېھمانخانىدىن ئىككىنچى قەۋەتكە ئاڭلىنىپ قالاتتى، شۇ كېچە بىئولونچېلدىنچىققان مۇزىكا بۇ دۇنيادا ئۇنىڭ تەقدىرىنى، بەلكىم، بېشى گۆرگە كىرگۈچە كۆرگۈلۈكنى تەڭ كۆرىدىغان ئايالى بار ئىكەنلىكىنى چارەسىزلىكتىن بوركنىڭ ئېسىگە سالدى، بەلكىم ئۇلارنىڭ جېنى ئامان بولسا، كېيىن بىر-بىرىدىن خەۋەر ئېلىشار ۋە بۈگۈنكى ئۇيقۇسىزلىقتىكى ئىسكىرىپكىنىڭ ئاۋازىنى ئارىلىقنىڭ ئارىلىقىدىن ئاڭلىشار .
    شۇ كېچىمۇ، ئەتىكى گېزىت تېكىستلىرىنىڭ ئېلېكترونلوق قۇرلىرى ئېتىلىپ چىقىپ زىچ يۈگۈرگەن كومپيۇتېرقۇرلىرىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئۇ ئوكياندىكى كىتلارنىڭ خەۋپلىك دەملىرىنى ئاڭلىدى، ئۇلارنى نەگە جۆنەشكەندۇر؟ دېمەك يەر يۈزىنىڭ قايسى بىر يېرىدە بىر نەرسە بولغانمۇ؟ ھەتتا ئادەملەرمۇ ئورنى تولدۇرغۇسىز ئىش قىلىۋاتقانغۇ؟ تاغدەك دولقۇنلار قارشى تەرەپتىن دولقۇنلاپ، سۇلار تاشقىنلايدۇ، كىتلار ئۈزۈپ كېتىشمەكتە، كۆپ ئۆتمەي ئۆزىمۇ ئۇلارغا ئارىلىشىپ كەتتى، ئوكيان كومپيۇتېر ئېكرانىنىڭ جىمىرلىغان يورۇقى بولۇپ، قاراڭغۇدا يالت-يۇلت ئېتىۋاتاتتى، شۇ ۋاقىتتا كومپيۇتېر يىراقتىكى كائىناتتىمۇ، ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ئۆزىنى مەزمۇن ماھىيىتىنى تاپقان مەڭگۈلۈكنىڭ بىردەك داۋام ئېتىشىدىكى ئانىنىڭ ھامىلىدار بولۇشىنىمۇ ئۆزىگە مۇجەسسەملىدى، يەنە، ئوكياندا ئۈزۈپ، ئۇ يەردىكى بارلىق نەرسىنىڭ ئاجرىغاندىكى ۋە بىرىككەندىكى بارلىقى ئۈچۈن يالغۇز ھەم ھەر بىرىدە ئۆزىنىڭكى بولغان دۇنياۋى جاننىڭ ئوبرازىدا مەڭگۈلۈك دېگەن نېمە ئىكەنلىكىگە ئىزاھ بېرىشكە ھەرىكەتلەندى، شۇنداق قىلىپ، پۈتۈنلەي بىر تېكىستنى ھاسىل قىلغان قۇرلار بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى ئېكراندا پەيدا بولدى .
    «كاسساندرا تامغىسى، يەككە سىياسىي مەقسەتلىرىنى كۆزلىگەن ئايرىم ناتىقلار بىزنى ئىشەندۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىشىۋاتقاندەك، خورلۇقنىڭ يەنە كەمسۇندۇرۇشنىڭ بەلگىسى ئەمەس، ئۇ كۈتۈلمىگەن، بۇرۇن ئادەملەرگە نامەلۇم دۇنياۋى ماسىشتابدا كۆز يەتمەس يىراق ئاپەت بەلگىسى يەنە شۇڭلاشقا ئادەمزاتى ئۈچۈن تەقدىرنىڭ ئىجتىمائىي، بىئولوگىيىلىك ھادىسە قاتارى ئالاھىدە مۇئامىلىنى تەلەپ قىلغان، بىزنىڭ غايەت زور ئاپىتىمىز ھەققىدىكى قىلچىلىك بەلگە، فىلوفېينىڭ كەشپىياتى، ئاڭ-سېزىمىمىز ئىرسىي سەۋىيىدە شەكىل ئۆزگەرتكەنلىكىنى بوغۇندىن-بوغۇنغا دۇنياۋى جاننىڭ ئىدىيالىغا قارشى ياشىغان ئادەملەرنىڭ گۇناھى بىلەن شەكىل ئۆزگەرتكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ، تراگېدىيە سايلام ئالدىدىكى يىغىلىشتا كۆرۈنگەندەك، كاسساندرا تۆرەلمىلىرى ياشاش ئۈچۈن كۈرەشتىن باش تارتىشقا مەجبۇرلىغان سەۋەبلىرىنى ئېتىراپ قىلىشتىن قاچقانلىقىمىزمۇ، ھەر قانداق ھىيلە-چارە بىلەن باش تارتقىنىمىزمۇ، ھاياتقا نىسبەتەن ئۈمىدنىڭ ئۆچۈشى، دۇنياۋى مەدەنىيەتنىڭ ئۆچۈشى دېگەن سۆز، ئاخىر زامان، قىيامەت دېگەن سۆز! باشقىچە ئېيتقاندا، ئاخىر زاماننىڭ كېلىشىنى بىز ئۆزىمىز شەرتلەيمىز .
    سەزگۈسى كۈچلۈك كاسساندرا تۆرەلمىلىرى شۇنى سېزىۋاتىدۇ-دە، ئالەملىك كومپيۇتېرنىڭ ئېكرانىدىكىدەك، قوشقات ئاياللارنىڭ چېكىسىگە پەيدا بولغان كاسساندرانىڭ دېغى ئارقىلىق ھايات ئالدىدىكى ئۆز قورقۇنچى ھەققىدە بىزگە خەۋەر بېرىۋاتىدۇ، كاسساندرا تامغىسىنىڭ ئۆزىدىن ئەمەس، بۇ قىيامەت قايىملىق ئىلگىرىلەشنىڭ ئىرسىيەتنىڭ قات-قېتىدا پەيدا قىلغان سەۋەبلەردىن قورقۇش كېرەك، بىز زور مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بولىمىز، فىلوفېي زىددىيەت تېرىغۇچى ئەمەس، ئۇ كائىناتنىڭ پەيغەمبىرى...... »
    ئاشۇ تەڭ كېچىدىن ئاغقان مەزگىلدە سپاسكىي مۇنارىسىدىكى سائەتنىڭ تىلى ھۇيتقۇشنىڭ سائىتىگە-تۈنكى سائەت ئۈچكە يېقىنلاپ قالغان، ھۇيتقۇش دۇنيانىڭ تۆت تەرىپىگە، كرېمىلنىڭ قوڭغۇراقلىق سائەتلىرى ئۈچ قېتىم قوڭغۇراق ئۇرغۇچى قەرەلىدىكى ۋاقىتنى كۈتۈپ تۇردى، ئۇرۇلۇشى بىلەن ئۇ ئورنىدىن قوزغىلىپ، مۇنار ئېگىزلىكىدىن شۇڭغۇپ تىك تۆۋەنگە ئۇچۇپ كېلىپ، مەيداننى قاپلىغان چاسا تاشلارغا تەگگۈدەكلا بولۇپ، قايتا قېيىپ كۆتۈرۈلۈپ، ئۇندىن كېيىن كرېمىل سېپىلىنى بويلاپ ئۇچۇپ، ئۇندىن باشقا، ئادەتلەنگىدەك قىزىل مەيدان ئۈستىدە شەپىسىز ئايلىنىپ، قەبرىستانلىق ئۈستىدە ئۇيان-بۇيان روھلىنىپ يورۇق دۇنيادا نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرمەكچى، بۇ قېتىممۇ ھۇيتقۇش مەرتىۋىلىك كاتتا باشلار بىلەن ئۇچرىشىمەن، دەپ كۈتكەن، ئادەتتىكىدەك ئۇلارنىڭ نېمە ھەققىدە گۇڭۇر-مۇڭۇر پارىڭىنى ئاڭلاشقا ئۈمىدلەنگەن، بۇ قېتىم ئۇلار دېيىشىدىغان گەپ كۆپ ئىدى، بەكمۇ كۆپ ئىدى! چۈنكى شۇنىڭ ئالدىدا قىزىل مەيداندا ئادەمنىڭ ئىمانىنى ئۇچرىدىغان ۋەقە روي بەرگەن ئىدى، ئۇزاق ئۆمرىدە بېشىدىن كۆپ ئىسسىق-سوغۇقنى ئۆتكۈزگەن ھۇيتقۇش مۇنداق ئەھۋالنى تۇنجى رەت كۆرۈپ ئولتۇرماقتا، يەنە مۇنداق ئىش بۇلارنىڭ مۇمكىنلىكى ئويىغىمۇ كەلگەن ئەمەس .
    بىراق، باشقا جەھەتتىن ئېلىپ قارىساق، شۇ ئەرۋاھلار بىلەن سۆھبەتلەشكەن، يا قۇش، يا روھ ئىكەنلىكى نامەلۇم بۇ ھەيران قالارلىق مۇنارنىڭ ھۇيقۇشى بۇياقتا تۇرسۇن، ئەقىل-ھۇشى جايىدا بولغان ئادەملەر دۇرۇس چۈشىنەلمىگەن نەرسىنى نەدىن بىلسۇن ھەم نەدىن چۈشەنسۇن .ھەممە ئىش بۇنىڭدىن باشلاندى، ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىش، دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش، ھەربىي سانائەت جۇغلانمىسىنى ساقلاپ قېلىش بويىچە نامايىش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قىزىل مەيدانغا مىڭلىغان كىشىلەر ئېقىپ كېلىشكە باشلىغان كۈزنىڭ كۈنىنىڭ چۈش مەھەلى ئىدى، مۇخبىرلار  يازغاندەك ئىسلاھات ۋە قايتا قۇرۇشنىڭ زويوم ئالماشتۇرۇلۇشى «دۆلەت مۇداپىئە ئورۇنلىرى» نىڭ تامغىقىغا تىقىلغان سۆڭەك بولدى، يىرىك مەملىكەتنىڭ ئارقىغا كېتىۋاتقان كۈچ-قۇۋۋەتنى ھەربىي ھازىرلىقلارنى كۈچەيتىش، دۆلەت مۇداپىئەسىنى قېلىپلاشتۇرۇش بىلەنلا ساقلاپ قېلىشقا بولىدۇ، دېگەندەك غۇدۇر-غۇدۇر نارازلىقلار مەلۇم بىر دائىرىدە كۆپتىن بېرى ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان، شۇنداق، بۇنداق ئوي پىكىرلەر توقايدىكى ئوتنىڭ تۈتۈنىدەك بولۇپ ئەل ئارىسىدا تاراپ يۈرگەن، مانا ئەمدى تۈتەپ كۆيۈشكە باشلىدى، ئاڭا ھازىر ئۇنىڭ مەھسۇلاتىنى يىغىۋېلىشقان مىللەتچىلەرنىڭ مىللىي ئۆچمەنلىكلىرىنى قوزغاتقۇچىلار، قايتا قۇرۇش ئىسلاھات دېگىنىڭ يەنە رادىكال دېموكراتلار دەپ ئاتىلىشقانلار غەربنىڭ قىزىقچىلىقى ئۈچۈن يوق قىلىپ قويۇشقان دېگەن قۇرال-ياراق سېتىشنى قايتىدىن باشلاشقا، ھەربىي ھازىرلىقى بىلەن دۆلەتنىڭ مۇداپىئەسى كۈچلۈك مىللىتارستلىق مەملىكەتنىڭ ئونىۋېرىسال دۆلەت كۈچىنى قايتا ئەسلىگە كۈلتۈرۈشكە ئىجتىمائىي پىكىرنى زورلۇق بىلەن كۆندۈرۈشكەن، دالدىدا تۇرۇۋېلىشىپ غۇدۇراشقان يوشۇرۇن كۈچلەر كۆپ ياردەمدە بولۇشتى .
    قىزىل مەيدانغا كىشىلەر ھەممە تەرەپتىن ئېقىپ كېلىۋاتاتتى، نامايىشىگە بېرىۋاتقانلارنىڭ كۆپى سىرتتىن، بۇرۇن» پوچتا ساندۇقى» دەپ ئاتالغان ۋە تېگىشلىك نومۇرلار بىلەن سىفىرلاشتۇرۇلغان ھەر قايسى «يېپىق» شەھەرلەردىن كەلگەنلەر ئىدى.
    ئالماشتۇرۇشلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىدا دەل شۇ سىر-تىلسىمى سىرتىغا چىقىرىلغان» ساندۇق «لاردىن، موسكۋانىڭ بارلىق ۋوگزاللىرىغا كېلىۋاتقان پويىزلاردىن توپ-توپ بولۇشۇپ كىشىلەر چۈشۈۋېتىشاتتى، ئۇلار ئاپتوموبىللىق مۇساپىلەرنى بېسىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا غول-غولى بىلەن جۆنەشتى، ئۇلارغا موسكىۋانىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەرەپدارلىرى، مىللەتچى ۋەتەنپەرۋەرلەر سىتالىننى ئەسلىگەن پېنسىيىچىلەر ۋە باشقا، باشقىلارمۇ موقوشۇلۇشتى، نامايىشچىلار ئېغىر قەلب زەربىسىدىن ئارام ئېلىش ئۈچۈن ھازىرلا يىغىۋېلىشقان، ئۆتكەن مەزگىلنىڭ قالدۇق قىزىقچىلىقلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىشقان نېمىلەرنىڭ سىياقىدا بولدى، ئۇلار ئازلا ۋاقىت بۇرۇن كوچىلاردا قوش-قوشلاپ قارغىشقا قالغان، ياخشى-يامان سۆزلەرگە قالغان قان تىرناقلىق دىكتاتۇرلارنىڭ ئۆلۈپ تىرىلگەن پورتىرتلىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈشۈپ يۈرۈشكەن ئىدى .
    نامايىشچىلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىۋەردى. بۇ دۆلەت مۇداپىئەسى ھەربىي سانائەت ۋە ھەربىي ھازىرلىقلارنى كۈچەيتىشنىڭ يوشۇرۇن جايلىرىدا بۇرۇنقى مەزگىللەردە قانچە كۆپ، كۈچلۈك ئادەملەرنىڭ ئىشلىگەنلىكىنى ئېنىق گۇۋاھلاندۇرۇپ تۇردى، بۇلار دۇنيانىڭ يېرىمىنى قوراللاندۇرۇشقان، ئەگەر ئىشلەپچىقىرىشنى قايتىدىن قۇرمىسا دۆلەت مۇداپىئەسى،ھەربىي سانائەت ۋە ھەربىي ھازىرلىقلارنى كۈچەيتىش ساھەسىدە ئىشلىگەنلىرىنى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ھەربىي ھازىرلىقلارنى كۈچەيتىش ساھەسىنىڭ نېسىۋېسىز قالدۇرارىدىن ئەمدى بۇلار سېزىپ جان ھالاكەتكە چۈشۈپ تۇرۇشماقتا، شۇنداق قىلىپ ئۇلار جۆنەۋېرىشتى، بۇ ھەيۋەت ئېقىم كۆز ئالدىدا ئۆركەشلىدى-دە، تاشلىرىمۇ، ئۆيلەرنىڭ تاملىرىنى ئۆرۈپ ھەممىنى قويماي ئاققۇزۇپ جۆنىگەن ۋە ھېچقانداق كۈچ توختىتالماس توپان بالاسىنى ئەسكە سالدى، شۇ سائەتتە توپان بالاسى ھالىتىدە ئۆزىنىڭ زورى بىلەن قالدۇق نەرسىلىرىنى، تاشلىرىنى ۋە قومۇرۇلغان ئۆي-ئىمارەتلىرىنى يالماپ كېتىدىغاندەك ھەممىدىن قورقۇنچلۇق بولغان «زايومچىلىق توختىتىلسۇن»، «ھەربىي سانائەتنى بۇلاش-تالاشقا يول قويمايمىز«، «روناق تاپسۇن! ھەربىي سانائەت!»، »دۆلەت-ھەممىدىن ئەلا«، «مەملىكەتكە قارشى ئىسلاھاتلار يوقالسۇن!»، «قۇرال- ياراقلارغا تاشقى پرىۋوت!»، «تانكا مۇقىملىقنىڭ كاپالىتى«، «دۇنياۋى قۇرال ياراق، ھەربىي ھازىرلىقلار رىقابىتىگە توسالغۇ بولماڭلار!»، »مۇۋاپىق قۇراللىنىشقا قارىتا چالۋاقىغان سۆزلەر توختالسۇن» دېگەندەك نەق، جايىدا ئېيتىلغان چاقىرىقلار بىلەن تەلەپلەرنى، ئۇندىن قالسا بىلگەنلەر ئۈچۈن پۈتۈنلەي بىمەنە بولغان «پوچتا ساندۇقلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش»، «پوچتا ساندۇقلىرىدا ئىشلەۋېرىمىز ھەم ياشاۋېرىمىز»، يەنە ئاخىرىدا،«ياشىسۇن قورال-ياراق ئىشلەپچىقىرىش كۈچ-قۇدرىتىنىڭ ھەم دۆلەت بايلىقىنىڭ بۇلىقى!»، ئىشسىزلىققا يول بەرمەيمىز  ئەقلىي مۈلۈكنىڭ چەتئەلگە ئېقىپ چىقىپ كېتىشىگە يول بەرمەيمىز»، »ياشىسۇن قانۇنسىز ئۇرۇش!»، «تېخنىكىۋى تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى!»، «ساتقىن، ساختا ئىنسانپەرۋەرلەر يوقالسۇن!»، يەنە باشقا شۇ خىل تېخىمۇ كۆپلىگەن داۋراڭ-شۇئارلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ، كوچا-كويلاردا لىق بولۇپ جۆنەۋېرىشتى، راست، قەغەزدىن بىر يۇلۇم ئېلىنىپ قورال قىلىنسىمۇ، بۇنداق قورال ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدىغاندەك قىلسىمۇ، بىراق بۇنداق قورالمۇ بەزىدە بەلگىلىك تەسىرگە، باشنى ئايلاندۇرۇىدىغان كۈچكە ئىگە بولىدۇ .
     
    مەنبە: چىنگىز ئايتماتوۋنىڭ (يۈسۈف ئىگەمبەردى تەرجىمە قىلغان) «كاسساندرا تامغىسى» ناملىق رومانى
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.