كاسساندرا تامغىسى (5)

يوللىغۇچى : guzal110 يوللىغان ۋاقىت : 2014-02-10 18:28:59

-خۇداغا شۈكرى، كەلگەنلىكىم ھەققىدە جېسسى ھازىرچە مۇخبىر-ژۇرنالىستلارغا ھېچنەرسە بىلدۈرمەپتۇ . -شۇڭا مەندىن زېرىكمە، داجىما، جېسسى سېنى مەندىن يوشۇرۇپ قالالىغان ئەمەس ئىكەن. تارتىنما، مەن يولداشلىق ھوقۇقۇمدىن پايدىلىنىپ كەتتىم، ھەقىقەتەنمۇ ئەدەبسىزرەك تەس

     
     
     

    كاسساندرا تامغىسى (5)
     
    چىنگىز ئايتماتوۋ (قىرغىزىستان)
    (رومان)
    يۈسۈف ئىگەمبەردى تەرجىمىسى
    قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى تىل فاكۇلتېتى
     
    تۆتىنچى بۆلۈم (2)
     
    -خۇداغا شۈكرى، كەلگەنلىكىم ھەققىدە جېسسى ھازىرچە مۇخبىر-ژۇرنالىستلارغا ھېچنەرسە بىلدۈرمەپتۇ .
    -شۇڭا مەندىن زېرىكمە، داجىما، جېسسى سېنى مەندىن يوشۇرۇپ قالالىغان ئەمەس ئىكەن. تارتىنما، مەن يولداشلىق ھوقۇقۇمدىن پايدىلىنىپ كەتتىم، ھەقىقەتەنمۇ ئەدەبسىزرەك تەسىرات باربولۇپ قالدى .ئۇندىن كېيىن ئاغزىم يېپىلماي ۋالاقشىۋەرگەن نېمە مەن، توغرا، ساڭا شەيتان توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرمەكچى ئىدىمغۇ .
    -شەيتان توغرۇلۇق دەمسەن؟ ھە، شۇنداق ئەسلىيەلمىدىم، سۆزلىسەڭ سۆزلە، ئۇ نېمە بولغان، شەيتان ئىكەن؟
    -بۇ بىر ئاجايىپ ۋەقە، ھە دېمەمسەن، يېقىندا سايلام ئالدىدىكى بىرىنچى قېتىملىق يۈز كۆرۈشۈشۈمنى ئۆتكۈزدۈم، چوڭ زال ئىچى ئادەملەرگە تىقما-تىقما بولۇپ كەتكەن ئىدى. بەش مىڭدەك ئادەم بار ئىدى.
    ھاسىرغىنىمنى دېمەيلا قويغىن، پروگراممىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، ئۇنىڭغا ئۇلىنىپ سوئاللار سورىلىشقا باشلىدى، خۇددى يامغۇردەك ياغدى، نېمىلەرنى سوراشمىدى دېمەيسەن. يىپىدىن-يىڭنىسىغىچە، قىز-جۇۋانلاردىن تارتىپ خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەرگىچە، تەنتەربىيىگە قاتنىشامسىز؟ ئائىلىڭىز قانداق؟ ياخشى كۆرگەنلىرىڭىز، ئەرمەكلىرىڭىز، خۇشىڭىز نېمە؟ يەنە باشقا يەنە باشقىلار.... ئۇنىڭغىچە مىكروفونغا بىرسى كېلىپ قېلىپ مۇنداق سوئالمۇ سورىدى:
    ئوردوك ئەپەندى، سىزگە كۆپتىن-كۆپ ئۆتۈنچىمىز، ئېيتىپ بەرسىڭىز، شەيتانغا قانداق مۇناسىپلىقىڭىز بار؟» ئېغىزىم ئېچىلىپلا قالدى، زال تىمتاس بولدى! «شەيتانغا دەمسىز؟ نەدىكى شەيتاننى دەۋاتىسىز؟»، »سىزنى دەۋاتىمەن، ئوردوك ئەپەندى، سىز شەيتان«، »چۈشەنمىدىم قانداقچە؟»، «سىز ئوردوك ئەپەندى، تېگى-تەكتىڭىز ھۇنگىر، ھۇنگىر تىلىدا ›ئوردوگ› دېگەن سۆز ‹شەيتان‹ دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ، بۇنى ئېسىڭىزدىن چىقارسىڭىز يارىماسلىق بولىدۇ، ئوردوك ئەپەندىم»، زال ئىچى كۈلكىدىن يېرىلىپلا كېتەي دەپ قالدى، مەن چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلدۈم، ئۇندىن كېيىنكىسى يەنە «كەچۈرۈپ قويۇڭ! ئوردوك ئەپەندى مەن بۇنى بىكاردىن-بىكار ئېيتىۋاتقىنىم يوق، مەن ئامېرىكىغا بېرىپ تۇرىدىغان دەرىجىلىك شەيتان بولۇشىڭىزنى تىلەيمەن!» دەپ گەپ قېتىپ ئولتۇردى دېمەمسەن؟ زال يەنە كۈلكىدىن يېرىلغۇدەك بولۇپ توختىدى، بۇنى قانداق چۈشەندۈرىسەن روبېرت؟
    -بۇ دېگىنىڭ ئادەمنىڭ خىيالىغىمۇ كەلمەس ئىش ئىكەن، جېسسىگە ئېيتىپ بېرەي .
    -ئېيتىپ بەر، ئېيتىپ بەر كۈلۈپ ئۈچەيلىرى ئۈزۈلۈپ قالسۇن .
    -خەير-خوش بىرەر ئىش بولسا تېلېفون بېرىپ تۇر .
    -چوقۇم، دېدى ئوردوك .
    ئۇ خوشلاشقاندەك كۆرۈندى، بىراق سۆز توساتتىن باشقا ياققا بۇرالدى، ئاڭلا، روبېرت مېنىڭ ئاڭقاۋ بېشىمغا بىر ياۋا ئوي كەلدى،-دېدى ئوردوك ئاڭلاش توروبكىسىنىڭ ئۈنىنى تېخىمۇ ئېنىق چىقىرىپ، ئەگەردە، ئويلىنىپ كۆرگەن، بۇنداقتا شۇنداق، شۇنداق، ھېسابتا .مەسىلەن، يولىمىزغا ھېلىقى كائىناتنىڭ كاھىنى توساتتىن پەيدا بولغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ۋە ئۇنى نېمە قىلىشىنى ھېچكىم بىلمىگەنلىكتىن دەيلى، مانا شۇ سەۋەبتىن، ئاشۇ سەۋەبتىن سەن يولىمىزدا ھېلىقى كائىناتنىڭ كاھىنى توساتتىن پەيدا بولغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ۋە ئۇنى نېمە قىلىشىنى ھېچكىم بىلمىگەنلىكتىن دەيلى، مانا شۇ سەۋەبتىن ئاشۇ سەۋەبتىن سەن بىزنىڭ گوروھنىڭ باش مەسلىھەتچىسى بولۇپ، بەرسەڭ قانداق بولۇر ھە؟ ئەلۋەتتە سايلام رىقابىتى مەزگىلىدە، چوقۇم تېگىشلىك ئىش ھەققى تۆلىنىدۇ، بىراق، گەپ ئۇنىڭدا ئەمەس، مەن ئۇنى قىستۇرۇپ قويساممۇ بولاتتى، كەچۈرگىن خۇدا ئۇرغۇر .
    -رەھمەت ئولىۋېر تەكلىپىڭگە رەھمەت دېدى، بورك ئالدىراشقا تېگىشلىك تېمىغا چوڭقۇرلاپ پاتماسلىق ئۈچۈن، ساڭا دەررۇ ئېيتىپ قوياي، ئىشىم ناھايىتى كۆپ ئۈلگۈرەلمەيۋاتىمەن، يېنىڭدا ئەتىدىن كەچكىچە پالاقشىپ تۇرغان ياشلار! جانلىق، تېتىك، ئەقىللىق يىگىتلەر بولۇشى كېرەك، بۇ دېگەن سايلام رىقابىتى، ئاۋازغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، يۈگۈرمەي، بۇنداق ئىشلارنى دەپ قېرىپ كەتتىم، كارغا كەلمەيمەن .
    -ئۇنداق دېمە روبېرت، ئۇنداق دېمە سەن ئۆزۈڭ ئويلىغانچىلىك قېرى ئەمەس، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ قېرىتما، ماڭا ئىشىنىپ قوي، چىن ئىخلاسىمدىن ئېيتىۋاتىمەن، ئوڭاي دەپ قارىساڭ ئويلىنىپ كۆر، ھە، بەلكىم! كائىنات فىلوفېيگە، ئاشۇنىڭغا ئوخشىغان يەرنىڭ ئۆزىگە فىلوفېي كېرەك! قانداق
    دېدىم .
    -ئەمدى ئۇ ئىشلارنى بىرلىكتە، ھەمدەملىكتە ئويلىشىلى،-دېدى  بورك ئوڭايسىزلىنىپ زۆرۈرىيىتى بولسا بىر-بىرىمىزگە تېلېفونلىشىپ تۇرۇشىمىزغا ھېچنەرسە توسالغۇ بولمايدۇ .
    -شۇنداق توغرا ئېيتتىڭ، ئامان-ئېسەن ئۇخلا، جىسسىگە مەندىن سالام ئېيتىپ قوي .
    -ئۇ ھازىر تېلېۋىزور كۆرۈۋاتىدۇ .
    -بىلدىم، ھازىر ھەممە كىشىنىڭ تىكىلىپ تۇرغان نەرسىسى
    تېلېۋىزور، ھەممىسى سىياسىي تەھلىلچىلەرنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى ئۇقۇشۇپ تۇرۇشماقتا، بىراق ئەتە نېمە ئىش بولىدۇ، شامال قاياقتىن سوقىدۇ، كۆرۈشكىچە ئامان بول، روبېرت !
    -خەير، كۆرۈشكىچە .
    ئاخىرى روبېرت تېلېفوننىڭ تروپكىسىنى جايىغا قويۇپ بېشىنى چايقىدى، فىلوفېينىڭ مۇراجىئىتى ھەممىسىنىڭ جان يېرىگە تېگىپ تۇرغان ئىكەن، ئەسىرلەر بويى ئەمەلگە ئاشماي كېلىۋاتقان ئىشلار يەر يۈزىدە ئازمىدى، ئەمدى مانا كاسساندار ھامىلىلىرىنىڭ تېپىشمىقى باشقا چۈشكەن بالا بولدى، ئۇنىڭدىن دۇنياۋى قالايمىقانچىلىق، چۇقان-سۈرەن چىقماقچى، قانچە ئادەمنىڭ بېشى مۇشۇ ئىشتىن ئايلىنىدۇ! پۇرسىتى، ۋاقىت-سائىتى كەلدى، كۆز بوياپ باش تارتىپمۇ، قېچىپمۇ قۇتۇلالمايسەن، بىر ئىش يۈز بېرىدۇ، بوسۇغىدىلا تۇرىدۇ! پىشىپ يېتىلىۋاتقان ۋەقەلەر كوھىقابدىن چىقا-چىقماي تۇرىدۇ، ئەگەردە ئۇ بۇقۇلداپ قاينىغان قان كەبى بازاردا كىمدۇر بىرىنىڭ چىن پۈتكىنىگە، دىنىگە خىيانەت قىلىپ ئابرويىنى تۆكسە، خورلىسا شۇ زامات بۇرۇن كۆرۈلمىگەندەك ۋاراڭ-چۇرۇڭ چىقىپ قالسا، فىلوفېينىڭ مەپكۇرەسى ھەممىدىن بۇرۇن ناھايىتى ئاياۋسىز قارىلىشقا، مەسخىرىگە دۇچار بولىدۇ، يامان ئاتلىق قىلىنىپ قارغىشقا قالىدۇ، يېڭى ئىلاھلار، جاننى ساقلاپ قالغۇچىلار مۇ كىچىك سەپەرلەرگە چىققان قاتىلاڭ دەۋرلەردە مۇنداقلا دائىما باربولۇپ كەلگەن، دائىما شۇنداق بولغان، بىراق بۇ رەت تارىخ راستىنلا قايتىدىن تەكرارلىنارمۇ؟ ئاشۇنداق بولغاندەك ياكى ئۇدۇللۇق ياكى ئۇزاق مۆھلەتلىك ھېچنەرسىنى ئېچىپ تاشلىيالماي ياكى ھېچنەرسىگە يېتەلمەي، ئارزۇسىغا قانماي جىم بولارمۇ؟ ئۇندىن قالسا ھاياتلىقنىڭ ئىمكانىيىتىدىن باش تارتىشقان كاسساندرا ھامىلىلىرى بوغۇندىن-بوغۇنغا ساقلىنىپ قالغان يامانلىققا ئۇلىنىپ ئۆسۈپ كېلىۋاتقان، قېلىنلىشىۋاتقان، زىچلىشىۋاتقان قويۇقلۇقنىڭ، ئەسىردىن ئەسىرلەرگىچە تولۇق تولغان يامانلىقنىڭ كاساپىتى سۈپىتىدە يوق بولۇپ كەتمەيدۇ، فىلوفېينىڭ كەشپىياتى بىلەن ئۇلار ھەققىدىكى مەلۇمات ئادەمزاتىنىڭ ئازابلىق تەقدىرىنى، قىيامەت قايىمنى راستلاپ بېرىدۇ، ئالدىدا ئۇنىڭدىن باشقا كېلەچەك كۆرۈنمەيدۇ، شۇنىڭ ھەممىسىنى ئويلاش بىلەن روبېرت بورك ئۆزىگە ئۆزى سوئال قويدى، نېمە ئۈچۈن ئۇ بۇنىڭغا بۇنچىلىك ئۆلۈپ بەرگۈدەك ھېرىپ قالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇ ئۆزىنى ناھايىتى يىراق كەڭلىكتىكى كائىناتىي كاھىن فىلوفېينىڭ قىلغان ئىشىگە بۇنچىلىك يېقىن قىلىدۇ، نېمە ئۈچۈن ئاڭا دىشۋارچىلىق كېلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇ كاسساندرا ھامىلىسىنىڭ بەرپاچىسىنىڭ قوللىغۇچىسى، پىكىردىشى بولۇپ قالدى؟ شۇنىڭ ھەممىسىنى قانداق چۈشەندۈرسە بولىدۇ؟ بوركنى ھەممدىن بەك تاڭ قالدۇرغىنى ئۆزىنىڭ بۇنىڭغىچە بولغان ھاياتى، ئۆزى نېمىگە ئېرىشسە، يېتىشسە، ئېرىشكىنىنىڭ، ھەممىنىڭ بارى ئۆزىنىڭ بارلىق تەجرىبىسى بىلەن مانا ئەمدى فىلوفېينىڭ كەشپىياتىغا مۇناسىۋەتلىكتەكلا، ئۆزىنىڭ چىن مەقسىتىگە يەتكەندەكلا كۆرۈندى، بۇ ئۇنى بىر تەرەپتىن تاڭ قالدۇرسا يەنە بىر تەرەپتىن پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ مۇرادىغا يەتكەندەك سېزىمنى پەيدا قىلدى، يەنە شۇنىڭغا ئۇلىنىپ كائىناتىي كاھىننىڭ كەشپىياتىنى ئۆزىنىڭ ئىشىدىنمۇ بەكرەك قوغداشقا تەييار بولغۇسى كەلدى، ئۇ ئۆزىنىڭ سۆزلىمەك بولغان نۇتقىنى ئويلىنىشقا باشلىدى، «كاسساندرا ھامىلىلىرىنىڭ ۋەھىمىسى نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟» دېگەن ماۋزۇ كېلىپ چىقتى.
    تۇرمۇشتا تىرىكچىلىكنىڭ ئەڭ يۇقىرى مىنۇتلىرى بولىدۇ، يىلسايىن يىغىلىۋەرگەن، كۈنسايىن بېيىۋەرگەن نەرسە توساتتىن چېقىلغان چاقماقتەك كۆزۈڭنى ئالاچەكمەن قىلىۋېتىدۇ، بۇنىڭغا، سۆزسىز سىرتتىن قوشۇلغان ئەھۋاللار، ئائىلىگە ئىشتىياق، ئىلمىي ساھەدىكى ئابروي، نوپۇز باشقىچە
    ئېيتقاندا ھەر كۈنگە، ئادەمنىڭ ئەھۋالىغا، ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسەتكۈچى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە، ئەگەر ئىككى يۈزلىملىك قىلماي ۋە ئاددىي ئېيتقاندا، بەخت دەپ ئاتالغان نەرسە تۈرتكە بولىدۇ، بەندىچىلىكنىڭ بەختى، ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ ھۆرمىتى تۆۋەنلەيدۇ، دەپ ئويلىدى ئۇ شۇ مەھەلدە .
    تۈن خېلى بىر يەرگە يېتىپ قالغان، چارچاپ تۇرغىنىغا قارىماي روبېرت بورك ئىشخانىسىغا جايلىشىپ ئولتۇردى-دە، كومپيۇتېرنى ئىشلەتتى، شۇ مەھەلدە جان دۇنياسىنى ئىگىلەپ تۇرغان نەرسىنى قول بىلەن ئىشلەپ چىقىرىش كېرەك، ئويلىغاننىڭ ھەممىسىنى قەغەزگە چۈشۈرۈپ سۆز بىلەن بېرىش لازىم بولدى .
    ئىشخانىنىڭ قىڭغاي ئېچىلغان ئىشىكىنىڭ يوچۇقىدىن مېھمانخانىدىكى تام مەشنىڭ كۆيۈۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى، يىل بويى قايسى مەزگىل، پەسىل، بولمىسۇن جېسسى تام مەشنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈپ قويمايتتى، جېسسى ئوتنىڭ چاراسلاپ لاۋۇلداپ كۆيگەن چاغدىكى مۇزىكىسىنى ياخشى كۆرەتتى .
    دەسلەپكى ئۇچقۇر جۈمىلىلەر يەڭگىل چىقتى، يالتىراپ تۇرغان سۈزۈك ئېكراندا جۈمىلىلەرنىڭ تىزىندىسى ساپان بىلەن ئاغدرۇلغان يەردەك بىرىنىڭ ئارقىسىدىن بىرى رەتلىك تىزىلىۋەردى، ياندىن كەلگەن غۇۋا يورۇق شولا چۈشۈرگەن ئىشخانىنىڭ دېرىزىلىرىدىن كۈزنىڭ ئۇزۇن تۈنىنىڭ غۇۋالاشقانلىقنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى، باغ ئىچىدە تونۇش ئادەم بولسا قارىسى بىلەن بىلىنەر-بىلىنمەس كۆرۈنىدىغاندەك ئىدى، يۆتكىلىۋاتقان بۇلۇتلارنىڭ ئارىسىدىن بىر دەم كۆرۈنسە بىر دەم كۆرۈنمەي ئاي ئاسماننىڭ بىر چېتى بىلەن قالقىپ تۇرماقتا .
    شادلىنىپ ئىشلەۋاتقان شۇ سائەتلەردە روبېرت بوركنىڭ كۆز ئالدىغا ئاسمانغا تىرەلگەن تاغنىڭ ئۈستىدىن كۆرۈنگۈچى، كومپيۇتېرنىڭ ئېكرانىدىن تېخىمۇ يېقىن بولغان تۇمانغا يوشۇرۇنۇپ قالغان بىر پۈتۈن دۇنيا تارتىلدى، شۇ سائەتتە، ئادەم بالىسى تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۆلگىچە مۇتلەق ئىگىلەپ ئالغان ئادەمنىڭ ئۆزىگە ئوخشىغان ئادەملەر ئارىسىدىكى ھاياتنىڭ پۈتمىگەن جان قىيناقلىرى ھەققىدە ۋە ھاياتنىڭ تۈپكى ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاشقا بولغان ھەرىكىتى ھەققىدە يېزىۋاتاتتى، يارىتىلىشىدىن ئادەم كىچىك پېئىل بولۇپ تۇغۇلمايدۇ، يوقسۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن تېلىقماستىن جان دۇنيايىڭنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى بېغىشلاپ يەنە قول يەتمەس روھانىيەتكە يېتىش ئۈچۈن ھەر بىر قېتىم، ھەر بىر قېتىم يېڭىدىن تۇغۇلغانسېرى ئاڭا قايتىدىن كىرىشىش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئادەمنىڭ بارلىق ئىنسانىي قۇدرىتى شۇنىڭغا بېغىشلىنىشى كېرەك، مانا مۇشۇنداق بولغاندىلا ئۇ ئادەم ھېسابلىنىدۇ .
    ئادەمنىڭ ھاياتى ھەققىدە ئويلىنىۋېتىپ روبېرت بورك، ئۇنداق بولغىنى بىلەن ئۇ فىلوفېينىڭ مەكتۇبىنىڭ تەسىرىنى بىرمۇ-بىر چۈشىنىشكە ھەرىكەت قىلغان قانچىلىك چۈشەندۈرۈلگۈسىز، مۆلچەرسىز ئىكەنلىكىنى قانچىلىك قارىمۇ-قارشىلىق، ۋەھىملىك، مەنپەئەتسىز ئىكەنلىكىنى ئويلىغان ئەمەس، پرزېدىنتلىق ئورنى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئولىۋېر ئوردوك بىلەن بايىقى سۆزلەشكەن كاھىن فىلوفېينىڭ كەشپىياتىغا ئۆز پىكىرىنى ئېيتقان سائەتتىن باشلاپ ئۇنىڭ تەقدىرىنىڭ ھەل قىلىنغانلىقىنى بىلگىنى يوق، شۇ سائەتتىن باشلاپ ئۇنىڭ تەقدىرى ئوردوكنىڭ تەقدىرىگە بېقىندى بولۇپ قالدى. ئىككىنچى بىر جەھەتتىن ھېچبىر خىيالغا كەچمەس يەردىن شۇ چاغدا ئوربېتىدا كائىناتتا تىمسىقلاپ يۈرگەن ئەينى ۋاقىتلاردىكى بورك توغرىسىدا بىر نېمىنى چۈشەنگەندەك بولدى-دە، قىياس-پەرىزىدە ھېچقانداق نەرسە بىلمىگەن فىلوفېينىڭ تەقدىرى بىلەن باغلىنىپ قېلىۋاتقاندەك بولدى .
    مەيلى نېمىلا بولمىسۇن بولار ئىش بولدى، تەقدىرنىڭ تۈگۈنى ئەمدى يەشكۈسىز تەرەپكە يۈز تۇتتى، بۇ ھەقتە ئاشۇ ئايدىڭ كېچىدە يەنىلا ھېچكىم ئەمەس، شۇ تەقدىرداشلارنىڭ بىرى بولسا ماۋۇ، ھەتتا ئۈچىنچىسى. بىراق تەقدىرلەرنىڭ تۈگۈنى مەھكەم چېگىشلىشىپ قالغان ئىكەن .
    يەر يۈزىدىكى ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك سەپىرىنى بەلگىلىگەن سائىتى ۋە مىنۇتىدىن تايماي، ئۇلاپ ئاسماندا ئاي تۈن قوينىدا ئۈزۈپ بارماقتا، شۇ كېچىسى ئاي كۈنى توشقان سانسىزلىغان ھامىلىلەر ئاينىڭ تارتىش كۈچى بىلەن مەڭگۈلۈكنىڭ ئايلانمىسىنى ئۇلاش ئۈچۈن، تۇغۇلۇش يەنە ئۆلۈش ئۈچۈن دەررۇ ئالەمنىڭ سۇبىستانىستىيىسىگە تارتىلدى. ھاياتنىڭ ئەبەدىيلىكى قورساقتا يېڭى پەيدا بولغان ھامىلىلەربىلەن قايتىدىن يېڭىلاندى، شۇ كېچىسى تۆرەلمىلىك بولغان ھەر بىر ئۇرۇغدا كېلەچەكنىڭ ئادەملىرى بەلگىلىنىپ قويۇلغان ئىدى، مانا شۇ ھامىلىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئەركىنلىكنىڭ ئىشىكلىرى ئوچۇق ئىدى، شۇ كۈنى ھامىلىدار بولغانلارنىڭ قايسىسى بولمىسۇن كېيىن يورۇق دۇنيادا، جاللات، تېخى بېشى كېسىلىدىغان گۇناھكارمۇ، تەقۋا، ئايالسىز ئۆتكەن دىنىي زاتلارمۇ ھەتتا باشقا، يەنە باشقا بولۇشى مۇمكىن ئىدى، بىراق شۇ كېچىسى ھامىلىدار بولغانلارنىڭ ئىچىدە ئەبەدىيلىكنىڭ ئەنئەنىسىگە قارشى ھاياتنىڭ چاقىرىقىدىن قاچقان ئىرسىي جۇغلانمىمۇ، كاسساندرا ھامىلىلىرىمۇ پەيدا بولۇشتى، ھامىلىدار بولغان ئاياللارنىڭ كاسساندرا تامغىسى بولۇپ ئۆچۈپ يېنىپ ئۆزلىرى ھەققىدە خەۋەر بېرىش ئۈچۈن پەيدا بولۇشتى، تەييارلىنىپ قويغان تەقدىرگە يەنى ئۆگەي ئانىسىغا چاقىرىق ئىبەرتىش ئۈچۈن پەيدا بولۇشتى، فىلوفېنىڭ تاپقۇر نۇرىنىڭ ياردىمى بىلەن تاشقى دۇنياغا قورساق ئىچىدە يېتىۋېلىپ ئۆزىنىڭ ئۈنسىز ئۆتۈنچىنى، ياشاشتىن ۋاز كېچىش ئۈچۈن ئۇلارغا رۇخسەت بېرىشىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن پەيدا بولۇشتى .
    يىراقتىكى يارداڭلىق ساھىلدا، قاراڭغۇدا غۇۋا يانغان ماياكنى يانداپ ئۆتۈپ شۇ كېچە ئوكياندا كىتلار ئۈزۈپ بېرىشتى، ئاي يورۇقى مەرۋايىتەك يورۇتغان كىتلارنىڭ يوغان توپى تېخىمۇ كۈچەپ بەقۇۋۋەت بىلەن ئۈزۈپ بېرىۋاتاتتى، بۇلار نەگە كېتىۋاتىدۇ؟ ئۇلارنى نېمە قىزىقتۇرغاندۇ؟ ئۇلارنى شۇنچىۋالا جەلپ قىلىۋاتقان قانداق كۈچتۇر؟ ئوكياننىڭ سۈيىدە يەنە كىتلارنىڭ كۆزىدە يورۇقى بىلەن چاقنىغان يار بېشىدىكى ماياك ئۇلارغا نېمىلەرنى دېگەندۇ؟
    كېلەچەكشۇناس روبېرت بوركنىڭ كۆڭلىنى بىردەم خىيال بېسىپ بىردەم ئۈمىد ئىگىلەپ كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇردى، ئۇ ئوي-خىيالدا ئوكياندا كىتلار بىلەن بىرگە ئۈزۈپ بېرىۋاتاتتى، كىتلارمۇ ئۇنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىشتى، شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىرگە ئۈزۈشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تەقدىرى بىلەن كىتلارنىڭ تەقدىرى بارغانسېرى چىرمىلىشىۋەردى، كىتلار ھەيۋەت دولقۇنلارنى يېرىپ قانداق ئۈزۈۋاتقان بولسا ئۇمۇ ئوكياندا دەل شۇنداق ئۈزۈپ بېرىشتى، يىراقتىكى ماياكنىڭ يورۇقى كىتلارنىڭ كۆز قارىچۇغىدا قانداق ئەكس ئەتسە ئۇنىڭ كۆزىدىمۇ دەل شۇنداق ئەكس ئېتىپ تۇردى .
    موسكۋا ۋاقتى بويىچە دەل سائەت ئۈچتە دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىغا دۆلەتنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ھەر قاچان نامايەن قىلىپ ئەسكە سېلىپ تۇرغۇچى دائىمىي كرېمىل قوڭغۇراقلىق سائەتلىرىنىڭ ياڭرىشى بىلەن بىرگە سىپاسكىي مۇنارىنىڭ ئۇۋىسىدىن تىك سانجىلغاندەك شۇ يەرنىڭ مۈشۈك ياپىلىقى )ھۇقۇشى( ئۇچۇپ چىقتى، يېيىلىپ، قاناتلىرىنى تاۋۇشسىز شىلتىپ، كېلەيگەن بېشىنى ئوڭغا سولغا كۆزگە چېلىقتۇرماي ئايلاندۇرۇپ،-ئالغاي كۆزلىرىنى تالدۇرۇپ ئالغۇدەك چىمچىقلاتماي تىكىلىپ كۆلەڭگۈدەك بولۇپ كرېمىل دائىرىسىنى بويلاپ ئۇچۇپ جۆنىدى، ئۇ ھەر كېچىسى ئايلىنىپ ئۇچقاندا، ئۇندىن باشقامىدىر قىلالايدىغان بىر جان يوق، سىپاسكىي مۇنارى دەرۋازىسىدىن چىقىپ ھەر بىر قەدىمىنى توغرا تاشلاپ، توغرا سەلتەنەتلىك دىنىي مۇراسىمدىكىدەك قەدەم تاشلىغان قاراۋۇللارنىڭ ھەر نۆۋەتتىكى قاتىرى لېنىن خاتىرە سارىيىغا كەلگەن مەھەلنىڭ دەل ئۆزىدىكىدەك شۇنداق ھالەتتە ئۇچۇپ چىقىدۇ، خاتىرە سارىيى ئۇنىڭ ھۇقۇش بولۇپ شۇ يەردە يارالغان مەزگىلدە پەيدا بولدى، شۇنداق قىلىپ ئۇ قەبرىگاھنىڭ ئىشىكىنى مىنۇت، سىكۇنت، كېچە-كۈندۈز، يىل بويى دائىما مىدىر ئەتمەي قايتۇرۇپ ئۆز مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۆتىگەن كۆپلىگەن ھەربىيلەرنى كۆرگەن .
    مەيداننىڭ بېشىدىن ئايىغىغىچە ئۇچۇپ ئۆتۈپ ئايدىڭ يورۇقىغا گرانت تاشلىرى يالت-يۇلت ئەتكەن قەبرىگاھنىڭ ئۈستىدىن بىر نەچچە رەت ئايلىنىپ ئۇندىن كېيىن قەبرىگاھنىڭ ئارقا تەرىپىدە، قارىغايلارنىڭ تۈۋىدە دەل كرېمىل سېپىلىنڭ تۈۋىدە جايلاشقان مەملىكەتلىك، خاسىيەتلىك مېيتلارنىڭ ئۈستىدىمۇ ئايلىنىپ ئۇندىن باشقا، ئۇ ئۆزى كۈتكەن سىرتقى قىياپىتى بىردەك، ئوخشاش مەرتىۋىلىك، ئوخشاشلا كاتتا باش، سىياقى، سالاھىتى ئادەتتە تەڭ كېچىدىن ئاغقان چاغدا پەيدا بولغۇچى شۇ يەرلىك ئىككى ئەلەسنىڭ بۇ قېتىممۇ كۆرۈنمەسلىكىگە كۆزى يېتىپ قايتىپ كەتمەكچى بولدى (ھەم ئېيتماقچى بولۇپ كەتتى(، ھۇقۇش كۆزەتتە تاشتەك قېتىپ تۇرۇشقان قاراۋۇللارنىڭ كۆز ئالدىدىن غۇييىدە ئاسمانغا بالقىغان ھالەتتە يوق بولدى، ھۇقۇش ئارماندا ئۇچۇپ كەتتى، ئوخشاش مەرتىۋىلىك، ئوخشاشلا بىردەك كاتتا باش ئەرۋاھلارنىڭ غەيۋەت-شىكايەتلىرىنىڭ ئاجرالغۇسىز بولغان بۇ يەردىكى جۈپتى نېمە ئۈچۈندۇر كۆپتىن بېرى قىزىل مەيداننى قېدىرىپ، ياشاش ھەققىدە سۆزلىشىپ، مۇنازىرە قىلىشقا كەلمەي قېلىشتى، بۇ ھېلىقى دۇنيانىڭ سۇبيېكتلىرى ئىدى ئۇلار ئۈچۈن باشقا قىلار ئىشلىرى قالدىمۇ؟
    راست، ئۇ ئىككىسى مۇنازىرلەشكەن ئىدى، ئۇ بۇ ئىشلار ھەققىدە ئالاھىدە سىياسەت ھەققىدە سۆز قىلغاننى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇندىن كېيىن ئۇ ئەرۋاھلار بايقىماي قىزىپ كېتىپ، قىزىل چېكە بولغانغا قەدەر سۆزلىشىدۇ، ئۇلار تالىشىپ تارتىشماقچى، بىر-بىرىنى ئايىماي تىللاپ سۆكۈشمەكچى، بىرسى ھەقىقەتەنمۇ بۇنىڭ تاشايىنىدا ئۇنىڭ بىلەن ھېچقاچان يولۇقماي تۇرغانلىقىنى بىرىنىڭ يەنە بىرىگە بىزار بولۇشى بىلەن بىرگە بولۇشنى خالىماستىن ئېيتىلسا ئىككىنچىسى، ھېچياققا كېتەلمەيسەن، تارىخ دېگەن بىزنىڭ ئەركىمىزدە ئەمەس، ئۆتكەن ئىشلار ئۆتۈپ كەتتى، شۇڭلاشقا بىكاردىن قىزىپ كېتىۋاتىسەن، ئۆلگەن ھامان ساپاقتىن ئاجرىغان ياپراق سەن، شامال خالىغان ياققا ئۇچۇرۇپ كېتىۋېرىدۇ، دەپ جاۋاب بىرىدۇ، خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك خىيال ۋە ئۇ دۇنيادىكى ئەرۋاھلارنىڭ دەل ئۆزلىرىنى كۆرۈش ۋە سۆزلىرىنى ئۇقۇش ھۇقۇشقىلا بۇيرۇلغان، ھۇقۇش خېلى يىللاردىن بېرى بۇ ئىككەيلەننى ھەمراھ قىلىۋالغان، بۇلارسىز بىرەر نەرسىسى يەتمەيدىغاندەك قىلىپ زېرىكىپ كېتىدۇ، بىراق ھېلىقىلارنىڭ ھېچياققا كېتىۋالماسلىقىنى ئەتە ياكى كەچ كېلىشىنى ھۇقۇش بىلەتتى، مانا يېقىندا مەيداندا چوڭ پارات بولىدۇ، ئۇ ئاياغلىشىشى بىلەن تۈن كىرەر زامات ئەرۋاھلار سۆزسىز رەۋىشتە بۇياققا كېلىشىدۇ، بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى كۆرگەنگە تەسىرلىنىپ كۆزلىرى ئويناقشىدۇ، دۇمباق-بارابانلارنىڭ چېلىنىشى، شانلىق مۇزىكا، ئەسكەرلەرنىڭ مەيداندا تاسىلداپ ماڭغان قەدەملىرى بۇلارنى قاتتىق پۇشايمانغا سالىدۇ، ھەربىي تېخنىكىنىڭ قالايمىقانچىلىقىنى ئېيت! تەلۋە قوزغىغان ھەربىي يۈرۈشلەر، ھەربىي يۈرۈشلەر، قىيقىراق، چۇقان-سۈرەن، شان-شەۋكىتى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرلگەن قەبرىگاھنىڭ ئۈستىدە تۇرغانلارنىڭ پورتىرېتلىرى بىلەن چاقىرىقلار» ھۇررا» دېگەن چاقىرىق، ئاۋاز، مىغ-مىغ قاينىغان ئاۋام، ئەۋلاد قالدۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇغ تاشلىغۇچى بېلىقلاردەك بىر تەرەپكە پالاق-پالاق قىلىپ ئېقىپ ماڭماقتا .
    بىراق ئۇ ئەرۋاھلارغا كۈندۈز، يورۇققا كۆرۈنۈش مەۋجۇت بولمىسىلا ئۇلار بەلكىم مەزگىل ئېقىمىنى قايتىدىن ئارقىغا بۇراپ يوقلۇقتىن، ئۇدۇللۇق، چىنلىققا قايتىپ كېلىپ ئەل ئارىسىغا ئارىلاشقىلىرى، تۆۋەن تەرەپتە دەريادەك ئاققان، گۈلدىراس چۈشكەن دەريا سۈيىدەك ئەلنىڭ ئۈستىدىن قاراپ قەبرىگاھنىڭ يۇقىرى مۇنبىرىدە تۇرغۇلىرى كېلىپ كېتىشىدۇ، شۇنداقتىمۇ شۇنىڭ ھەممىسى توختا!، دەپ بۇيرۇق بېرىلگەندەك، توساتتىن توختاپ قېتىپ قالسا، تۇنجۇققان سەھنىدىكىلەر ئەبەدىيلىكتە، ئەسىرلەردە، تارىخنىڭ چۈشىنىپ بولماس تەنتەنىسىدە قېتىپ قالسا، شۇ يوسۇندا كرېمىلنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇۋېتىپ ئايروپىلانلار قېتىپ قالسا، چۆچۈپ ئۇچۇپ قېچىشقان كەپتەرلەرنىڭ توپى ھاۋادا شۇ ھالەتتە قېتىپ قالسا، ئويناقلىغان كۆزلەر، ئېچىلغان ئېغىزلار ھەتتا سېتىلغان ۋە ۋايىغا يەتكەن تۇنۇق تەپەككۇرلارمۇ ئەھمىيەت بېرىشلىرىدا شۇ ھالەتتە قېتىپ قالسا، شۇنداقتىمۇ يورۇق كۈنمۇ تۇرغان يېرىدە مەڭگۈلۈك تۇرغان ھالەتتە قېتىپ قالسا ....
    شۇنداقتىمۇ كۈندىلىك تىرىكچىلىكتە ئادەتتىن تاشقىرى يېغىن-چاپقۇندا، قارا بوراندا، شامال سوقۇپ قارلار تۆكۈلۈپ تۇرغان چاغدا، مەيداندا شامالدىن ئۆزىنى دالدا قىلىدىغان جاي يوقتۇر، قەبرىگاھنى كۆزىتىپ تۇرغان خۇرۇم ئاياغ ئۆتۈكلۈك، قۇلاقچىلىق قەبرىگاھقا قارىغۇچى قاراۋۇللارنىڭ چىقارغان دېمى دەررۇ ئاق قروغا ئايلىنىپ كىيىم ياقىلىرىغا پارات ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قوراللارنىڭ ئاغزىغا يېپىشىپ تۇرغاندا، كاتتا باش، تەڭ مەرتىۋىلىڭ، ئالۋۇندەك ئەرۋاھلار بەلكىم يېغىن-چاپقۇنغا ئۇلىنىپلا تەپرىقىچى، پېتىشمايدىغان بولۇشۇپ ئايغا ئاستىرتتىن كۆز قىيىقىدا قارىشىپ، ئۇندىن كېيىن بىر بۇلۇڭغا نىقتاپ، بىر-بىرىنىڭ سۆزىنى ياقتۇرۇشماي قېلىشقاندۇر، بەلكىم. مانا شۇ ۋاقىتتا ھۇقۇشنىڭ قۇلىقىغا ئاچچىقتىن ئېيتقان سۆزلەر تېز-تېز ئاڭلىنىپ تۇردى «ئېنىقلاشقا ئىمكان بولماي تۇرغاندا مېنى ئىشەندۈرىمەن دەپ ئاۋارە بولمايلا قوي، بولدى! ئۆلۈمگە قارشى چارە-تەدبىر بولمايدۇ، بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس، ئۆلۈم تەبىئىي ئىش، مەڭگۈلۈك تىرىك بولغۇم كەلمەيدۇ، ئۆلگەندىن كېيىن يالغان ھاياتنىڭ كېرىكى يوق، زادى بۇ قاچانغىچە سوشۇلىدۇ؟! ماڭا ئۆلۈم يوق، ماڭا تىنچلىق يوق، ماڭا كەچۈرۈم يوق! بۇنى بۇرۇن ئويلىغان ئەمەسمەن، ئەمدى بېشىمدىن كەتمەيۋاتىدۇ، مەن نېمىگە تۇغۇلدۇم، ئانام نېمە ئۈچۈن تۇغقاندۇر؟! تۇغۇلغۇم يوق ئىدىغۇ، يوق! ئەمدى مۇنداق قىلىپ تاۋۇتنىڭ تۇتقۇنىدا تۇرىمەن! مانا مۇشۇنىڭ ھەممىسى سېنىڭ قىلغىنىڭ! بۇ سېنىڭ ھەددىدىن ئاشقان ھازازۇللۇقۇڭ، ھەددىدىن ئاشقان قارا نىيەتلىكىڭ، مەن ھېچقاچان بۇنىڭغا بويۇن قايرىمايمەن، ھېچقاچان، ھېچقاچان، بىلىپ قوي!» بۇنىڭغا يېنىدىكىسى گاركىرىغان ئۈن بىلەن، مەڭگۈلۈككە ئۆچكەن تاماكىسىنى ئەركىن شوراپ جاۋاب بېرىدۇ «دىققەت قىل، ساڭا نەچچە رەت چۈشەندۈردۈمغۇ، بۇ پارتىيىنىڭ ئەركى، ساڭا ئېيتمىدىممۇ، سەن پارتىيە مەۋقەسىدە تۇرغان تۇرقۇڭ، سالاھىتىڭ بىلەن كېرەكلىكسەن، سەن ئىنقىلابنىڭ غالچا ئىتى سەن، شۇڭا ئۇلار سېنى كۈتۈشۈۋاتىدۇ!»، «مەن پۈتۈنلەي خالىمايمەن! مەن ئاڭا قارشى، ھېچبىر ئادەم، ھېچبىر جان ئۆلۈمدىن قۇتۇلالمايدۇ، بۇ سەپسەتە !«.
    شۇ چاغدا ھۇقۇش ئىككەيلەننىڭ ئۈستىدىن ئايلىنىپ ئۇچۇپ، دۇنيانىڭ ھېچبىر يېرىدە ئاڭلانمايدىغان پاراڭلار ھەققىدە ئىككەيلەننىڭ قىزىل كېكىردەك بولۇپ تالاشقانلىرىغا تاڭ قالىدۇ .
    بىراق بۈگۈن ئۇلارنىڭ يېرىم كېچىدىن باشلاپ تاكاللىشىدىغان، ئېيتىشىدىغان ئەرۋاھلىرى يوق، مەيدان كەڭرى، ئادەمسىز ....
    ھۇقۇش كرېمىلنىڭ چىشلىق سېپىلىنىڭ ئۈستىدىن بالقىپ ئۇچۇپ چىمچىقلاتماي تۇرغان كۆزلىرىنى پۈتكۈل ئەتراپقا تىكىپ، باش-ئايىغى بىلىنمەي سوزۇلۇپ ياتقان ئۆيلەرنىڭ دۈمچەك ئۆگزىلىرىنىڭ ئۈستى بىلەن ئاق ساراينىڭ گۈللۈكىگە كەتتى، بۇ ياققا ئۇ كۈزگى، زىچ كۆرۈنىدىغان پۇتاقلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇۋېلىپ ئاستا ئۈنلىدى، تۆۋەن تەرەپتىكى دەريانىڭ شاخابچىسىغا ئۇيقۇدىدىكى ئۆيلەرنىڭ قارايغان دۈمبە چەكلىرىگە چوقچايغان يېرىنىڭ ئۈستىدىن كۆز يۈگەرتتى .
    كۆۋرۈك ئالدىدىن لالما ئىتنىڭ ھاۋشىشى ئاڭلاندى، توڭغان بولسا كېرەك، قۇلاق ئاڭلاپ كۆز كۆرمەس يىراق تەرەپتىن قانداقتۇر دۇنيانىڭ ئارقا چېتىدىن تۈندىكى ئوكيان ئىچىدە كىتلارنىڭ ئۈزۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىر-بىرىنى قوغلاشقان دولقۇنلارنى تاغدەك تەنلىرى بىلەن يېرىپ توپى بىلەن كېتىۋاتقانلىقى ھۇقۇشقا ئۇقۇلغاندەك سېزىلدى، كىتلار يارغان سۇ يۇمۇلىنىپ شارقىرايدۇ، سۇنىڭ قارشى تەرەپىگە ئەمەس، بەلكى نىشان، بەلگىسىز تەرەپىگە كىتلار ئۆز سەپىرىنى ئۇلاشتۇرۇپ كېتىۋاتماقتا، ئۇلارنىڭ ئىسسىق ۋۇلقاندەك دەم-تىنىقلرى بىلەن ئاپەتلىك بىر نەرسە سېزىلىدۇ  .
    كرېمىلنىڭ قۇببىلىرىغا قۇنۇۋېلىپ تۇرغان ھۇقۇش يەر ئۈستىدە بىرەر ۋەقە بولۇشىنى سېزىپ تۇردى، دائىم ئاتام ئېيتقان بايىقىدەك بولۇپ كەلگەن دۇنيا يۈزىدە بىر غەۋغا بولۇش ئالدىدا تۇرغاندەك ۋاقىتتا كىتلار جېنىنى قويارغا جاي تاپالماي قالغاندەك ئىدى .
    كرېمىلنىڭ گۈللۈكىدىن ھۇقۇش قاتتىق ھۇشقۇرغاندەك ئۈن سالدى، تاڭ تۈن پەردىسىنى سۆكۈپ كېلىۋاتقان ئىدى .
    ئەتىكى كۈنى بولۇپ ئۆتىدىغان ۋەقە روبېرت بورك ئۈچۈن كۈتۈلمىگەن ۋەقە ئەمەس ئىدى، ۋەقەنىڭ مۇنداق تەرەققىياتىنى كۈتسە بولغۇدەك، شۇنداق بولسىمۇ بۇنچىلىك تېز بولۇپ كېتىشىنى كۈتكەن ئەمەس، ئەتىسى سەھەر بىلەن، ئۇنىۋېرسىتېتقا لېكسىيە ئوقۇش ئۈچۈن جۆنىگەندە، ئۇ-ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولىدۇ، ئۇندىن كېيىن ....
    چۈشتىن كېيىن بورك ماشىنىدا ئۆيىگە قايتىپ كېلىۋېتىپ دىققىتىنى بىر يەرگە توختىتىپ، پىكىرىنى يىغالمىدى، ئۆيگە تېزراق يېتىپ جېسسىنىڭ قان بېسىم ئۆلچەر ئاپپاراتىنى نېمە دەپ ئاتايتتى، ئۇ نەرسىنى، ئۆلگۈر، تاپقۇسى كەلدى... جېسسى بەزىدە ئۆز قان بېسىمىنى ئۆلچەپ يېتىپ
    ئېرىنىڭكىنىمۇ قوشۇپ ئۆلچەپ قوياتتى، ئادەتتە ئۇنىڭ قان بېسىمى نورمال چىقاتتى، تەن ساقلىقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەھۋالمۇ يوق بولاتتى، قان بېسىمىنى ئۆلچەپ بېرەي دېگەندە ئۆز جېنىدەك ئەزىز كۆرگەن ئايالىنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن مىيىقىدىن تەبەسسۇم بىلەن ماقۇل بولىدۇ، ئەمدى بولسا ھەممە ئىش ئۆز جايىدا بولدىمىكىن؟ ئۆزىنىڭ ئىشەنگۈسى كېلىپ تۇردى، چۈنكى ئۇ نېمە ئۈچۈندۇر ئۆزىنى باشقىچە سەزدى، ئۇنى قانداقتۇر بىر ئاجايىپ، بۇرۇن بولۇپ كۆرلمىگەندەك قورشاپ تۇرغان دۇنياۋى تۇراقسىزلىق سەزگەن چۇلغىۋالدى، ھاياتلىق بىر نەرسىدىن ئازغىشىپ كەتكەندەك قىلاتتى، شامال ئىرغىتىپ كېتىۋاتقاندەك تۇراقلىقىنى يوقاتتى. ھەتتا ئۆزى كۆپلىگەن يىللاردىن بېرى ئۆز ئارا مەنپەئەتلىشىپ يۈرگەن كىشىلەرنىڭ قارىشىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىپ تۇردى، بەلكىم بۇ ئۆزگىرىشلەر ئۆزىدە يۈز بېرىپ تۇرغان چىقار؟
    ھەتتا ناھايىتى قاتتىق يۈرۈش ئۈچۈن ئاتايىن لايىقلاشتۇرۇلمىغان ئەڭ ئۇششاق دېتاللارغىچىلىك بىلىنگەن تېز سۈرئەتلىك تاشيولدىكى نەرسىلەر ئاڭا يات ھالىتىدە كۆرۈندى، ماشىنىنى نېمە ئۈچۈندۇر ئېھتىيات بىلەن ھەيدەپ كېلىۋاتاتتى.توساتتىن ھەممىسى باشقىچە، ئادەتتىكىدەك بولماي قالغان ئىدى.... ھەممىسى ئۆز ئورۇنلىرىدا، ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشقا تەمشەلگەندە ئۆپچۆرىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بۇرۇنقى ئەھمىيىتىنى يوقىتىپ قويغاندەك قىلاتتى، ئۇ بۇنىڭ نېمە قىلىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلمىدى .
    جېسسىنىڭ ماشىنىسى ئۆينىڭ ئالدىدا تۇرۇپتۇ، جېسسى ھەيدەشكە ئىلدام چۈشتى، دېمەك ئايالى سەل تۇرۇپ مەشىققە كېتىپ قالىدۇ .
    -ھەي ئىشلىرىڭ قانداق،-جېسسى ئۇنىڭدىن ئۇتتۇرىلاپ سورىدى، ئۇ بۇرۇنقىدەكلا ئېچىلىپ يايراپ تۇراتتى، نېمە يەنە بىرەر ئىش بولدىمۇ؟ سەن نېمە سەۋەبتىن بۇنداق باشقىچە بولۇپ تۇرىسەن،-جېسسى ئېرىنىڭ سۆزىدىن ئۈمىدسىزلەندى، ئۇندىن كېيىن، باشتىكى نازلىق ئىپادىسى ماس ھالدا دەررۇ ئۆزگەردى-دە،-بىر يېرىڭ ئاغرىۋاتامدۇ؟
    -ئۇنچىۋالا ئەمەس، جېسسى ئىشىنەمسەن، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ساراڭ-جىندى بولۇۋاتقاندەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ!،-دېدى بورك، سومكىسىنى دىۋانغا تاشلاپ، چاپىنىنى يېشىپ تۇرۇپ :
    -قەھۋە ئىچەمسەن؟
    -ئىچسەم ئىچەي، تېلېفون بەرگەنلەر بولدىمۇ؟
    -بولدى، بولۇپتۇ، ئۇندىن باشقا شەھەردە نېمە بولۇۋاتىدۇ، ئېيتچۇ؟
    -نېمە بولۇۋاتىدۇ، دېدىڭمۇ؟ نېمە بولۇشقا تېگىشلىك بولسا شۇ ئىش بولۇۋاتىدۇ، توپىلاڭ، ئاخىردا داۋالغۇش پەيدا بولىدۇ، نېمە بولۇپ تۇرغانلىقىنى بىلىشكە قىلغان نەتىجىسىز ھەرىكەتلەرغۇ، ئۇ .
    -ئۇلار تېلېفون بېرىشتى،» سى-ئەن-ئەن«، «ئامېرىكا ئاۋازى»، «ئازادلىق» رادىئوسى مۇخبىرلىرىمۇ ئۆيگە كېچىدە كېلىدۇ،-دېدىم سېنى، ھەي،-سۆزۈڭنى ئۇلاپ دەۋەر  !
    ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇياق-بۇياققا ماڭالمايسەن، ھەممىسى تەلۋىلىشىپ قېلىشقان، يۈزلرى چوغدەك قىزارغان ھەممىسىنىڭ ئاغزىدا بىرلا نەرسە، كۆرىسەن، بىرلا نەرسە بىرلا ۋاقىتتا كۆپچىلىكنىڭ تىنچىنى ئالسا جىمىسى شۇنىڭغىلا قادىلىپ قالسا بۇ يامان ئىش بولمامدۇ، ئەقلىگە سىغماس نەرسىلەر ئېيتىلىپ قوللاشقا ئېرىشمەكتە، ھىتلىرىنىڭ قانداق قىلىپ جەڭ مەيدانلىرىدا خەلقنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى، قانداق غەليان پەيدا قىلغانلىقىنى ئەمدى چۈشەندىم .
    -بەلكىم، گېپىڭ توغرا چىقار، بىراق ئۇلار، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ روبېرت، ئۇلار ياش، ئۆكتەم، قانلىرى قىزىق، بۇندىن باشقا بۇياقتىن فىلوفېي چىقىپ قالدى .
    -ئۇ، راست، كېنىدىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن كۈنى، ئېسىمدە دەل شۇنداق بولغان، بۈگۈن قىيقىراق، ھايت-ھۇيت، چاقچىلىكەيچىلىك، قالايمىقانچىلىق بولغان. بىر قېتىم مىسالى، فىلوفېي يارىتىلىشنىڭ خاسىيەتلىك سىرىغا قول سالدى دېيىشىدۇ، ھەتتا، قايتىدىن شۇ زامات ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى قارشى چىقىشىپ، يارىتىلىشنىڭ ئېچىلىشىغا چەكلىمە سالغان سىرى بىلدىمىكىن دېيىشىۋاتىدۇ. ھەتتا بەزىلىرى ئۇنداق ئىشلارغا نېمە ئۈچۈن باش ئاغرىتىمىز، بۇ ئىشلارنى كائىناتنىڭ ئاھىنى، ئاقىلغا بەرسۇن، بىزنىڭ نېمىمىز كېتىپ قالىدۇ، بىراۋنىڭ چېكىسىگە ئىششىق چىقسا نېمە ئىكەن دېيىشىدۇ، ئۇنىڭغا جاۋاب قىلىپ: قىمىرلىماي ياتقىنىڭ، ئەركەكسەن-ھە، ھەتتا ئاياللارنىڭ بويىدىكى ھامىلىنىڭ تۇغۇلغۇسى كەلمەي ياتقانلىقىنى بىلگەن ئايال نېمە قىلالايدۇ، ئۇندىن باشقا نېمە قىلىش كېرەك؟ كاسساندرا تامغىسىنى قانداق قىلىمىز؟ بولغان نەرسىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا، بايقىماي تۇرۇشقا ئۆزىمىزنى قانداق قىلىپ مەجبۇرلايمىز؟ دېگەنلەرمۇ بار، ھەتتا بىرەر مەست قىلغۇچى دورىمۇ ئارىلاشتۇرۇلمىغان ھالدىكى نەرسىنى دەپ سېلىشتى، شۇنداق قىلىپ ئۇنى-بۇنى ئېيتقانلارنىڭ چېكى يوق، ئۇنىڭ ئاخىرىدا كېلىپ جىمىسى ئىرسىي كودقا قول سېلىپ كېرىكى يوق بولغۇچى، بۇ بۇرىۋېلىشقا مۇمكىن بولمىغان پروگراممىلانغان تەقدىر، مىڭلىغان يىللاردىن بۇيان، ئادەم بالىلىرى تەقدىرنىڭ ھېساب-كىتابى بىلەن ياشاپ كېلىشكەن، ئەمدى بىزنىڭ ئەركىمىزگە باش ئەگمىگەن نەرسىنى تەكشۈرۈپ تىنىتىش قىلىشقا ھەققىمىز يوق، دېيىشىپ ھەممىنى ئېيتىپ بېرەلەيسەن، كىمدۇر بىراۋ ئۈچۈن ئۇ بىر چېكە، ماڭلايدىكى ئىششىق، ئەرزىمەس نەرسە، لېكىن بىراۋ ئۈچۈن پاجىئە، شۇنداق، جىمىنى ئېيتىپ بېرىش قىيىن، بىراق ھەممىدىن يامىنى كاسساندرا ئىشقا كىرىشتى. پېتى دەرسخانىدىن قېچىپ چىقىپتۇ، ئۇنىڭ ماڭلىيىدا ھېلىقى داغ، كاسساندرا ھامىلىسىنىڭ بەلگىسى پەيدا بولۇپتۇ، بۇنىڭدىنمۇ يامان بولغان بىر تاسادىپىيلىق سەپەردىكى ئاۋارىچىلىق، ماشىنىنىڭ رولىنى تۇتۇپ ھەيدەپ كېتىۋاتقان بىر ئايال ئەينەككە قاراپ ساپتۇ، قارىسا ماڭلىيىدا ھېلىقى گۇمانلىق داغ تۇرغاندەك كۆرۈنۈپتۇ، ھېلىھەم ياخشى ئايالنىڭ ئۆزى خەتەر، زىيان-زەخمەتكە يولۇقماپتۇ  .
    -ئۇھ، ياراتقان ئىگەم،-جېسسى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ كەتتى، مانا بۇ باشقا كەلگەن بالا! ئەمدى نېمە قىلىش كېرەك، بىرەر چارە تېپىش كېرەك تە؟  !
    -بىلمەيمەن، جېسسى بىلەلمىدىم، نېمە قىل دەيسەن مېنى؟ مەشىققە بېرىشىڭ كېرەك ئەمەسمۇ؟ كەلگەندىن كېيىن سۆزلىشىمىز، ماڭىمۇ جېنىمنى قويىدىغان جاي چىقماي قېلىۋاتىدۇ .
    -نەدىكى مەشىق ئۇ! ئەھۋال بۇنداق بولسا نەدىكى مەشىق ئىكەن، ئۇ !
    -مانا ئەمدى باشلاندى، سەنمۇ قوشۇلدىڭمۇ! سېنى پۈتكۈل ئوركىستېرچىلار كۈتۈپ ئولتۇرۇشسا، سەن بۇ يەردە فىلوفېينىڭ تېپىشمىقىغا بېشىڭنى قاتۇرۇۋاتىسەن .
    -ئاغرىپ قالدىم، دەپ تېلېفون بېرىپ قويىمەن، ئۇندىن قالسا مەن ھەممىسىدىن چوڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىندا چوڭئانا بولىمەن، سەن ئۇ ئىشلارنى ياخشى بىلىسەن .
    -مېنىمۇ شۇ ئىش كۈتۈپ تۇرىدۇ، بىراق بىر ئەركەك نامى بىلەن دېگىنە، مەنمۇ چوڭ دادىمەن،-دەپ ئېرى چاقچاق قىلىشقا باشلىدى. چوڭ ئانا، چوڭ دادا دەپ چىكاكوغا ئەرىكانىڭكىگە ئۇچۇپ جۆنەپ بارىدىغان كۈنىمىز قاچان كېلەر، ھازىر بولسا ماڭا ئىشىنىپ قوي. جېسسى، ئۇنداق قىلما، مەشىقنى ئۈزۈپ قويماي جۆنىگىن، ئۇنىڭدىن باشقا پايدا يوق، جېسسى پايپېتەك بولۇشقا باشلىدى .
    -بولۇپتۇ، يەنە تولۇق يېرىم سائەت بار، يېرىم سائەتلا ئەمەس ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ۋاقىت بار، ئەمدى ئۇ نېمە بولىدۇ؟ ئەرىكانىڭ ھامىلىدار بولغىنىغا مانا يەتتە ئاي بولدى، بەلكىم ئۇنىڭمۇ پېشانىسىدىمۇ كاسساندرانىڭ بەلگىسى پەيدا بولغاندۇ؟ چۈنكى، ئەينى ۋاقىتتا ھېچكىمنىڭ ھېچنەرسىدىن خەۋىرى يوق ئەمەسمۇ ئىدى، ئەگەر ئەرىكانىڭ ....
    -نېمە بولماقچى ئىدى، ئويلىنىپ كۆرگىن؟! ئۇنداقتا تۈن بويى ئۇخلىيالمايمەن، جېسسى ئۈن چىقماي قالدى، بىر ئاز جىددىيلىكنى تۈگەتكەندىن كېيىن قوشۇمچە قىلدى، ھازىر ساڭا قەھۋە تەييارلاپ قوياي روبېرت، ئاندىن كېيىن مەشىقىمگە باراي .
    -مەن ئورۇن تەييارلىيالايمەن، ئاۋارە بولما .
    -ياق، مەن ھازىر، يەنە باشقىلار بىلەن بىرگە ئوردوكتىن باشقا ئەنتونى يۇنگېر دېگەن بىرسى تېلېفون بەردى .
    -يۇنگېر؟ ھە بىلدىم، ھە، ئۇ نېمە دېدى؟
    -ھازىركېلىپ ئېيتىپ بېرىمەن.
    ئايالى كوناھور-بۇسماشىنا دەپ ئاتالغان قەھۋە قايناتقۇچتا قەھۋە تەييارلىغۇچە روبېرت بورك ئىككى قولىنى ئىككى ياققا تاشلاپ قويۇپ، كرسلودا، ئۆز ئۆيىدە ئۆزىنى يات ئادەمدەك سېزىپ ئولتۇردى، ئۇ ئۇدۇل تەرەپكە قاراپ چىقتى، چوڭ ئۆي مەنقۇلاتلىرى قويۇلغان مېھمانخانا ئۆيىنى بىرىنچى قېتىم كۆرۈپ تۇرغاندەك ئايلىنىپ قاراپ چىقتى، قاچاندۇر بىر ۋاقىتلاردا جېسسى ۋىنېتسىيىدىن سېتىۋالغان مەنزىرە سۈرەتلەر ۋە تام مەشنىڭ ئۈستىگە جايلاشتۇرۇلغان چوڭ ئەينەكمۇ ئاڭا تۇنجى قېتىم كۆرۈلگەندەك بولدى، رويال،ۋىئولونچېل، ئەينەك ئىشكاپلاردا قىرى زەر ھەل بېرىلگەن كىتابلار) كىتابلارنىڭ كۆپچىلىكى ئىككىنچى قەۋەتتە ھۇجرىلارنىڭ قاتارىدىكى كىتابخانىدا ئىدى(، پۈتۈنلەي شۇ ئۆيمۇ كونا ۋىنېتسىيە ئەينىكىدە ئەكس ئېتىپ تۇرغان ئىدى، ئەسلىدىلا سېرىق پاچاقلىق ئايغىرغا ئوخشاش بوي-تۇرقى كېلىشكەن، ئۇستىخانلىق، لېكىن چاچقا ئاق كىرگەندە بوي-تۇرقى كېلىشمەي قالغان ئۆزىمۇ شۇ سائەتتە نېمە ئۈچۈندۇر ئۆزىگە يات كىشىدەك كۆرۈندى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆتكەن ئۆمرىنى شۇ ئۆمرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇيۇملارنى چالا-بۇلا تونۇغاندەك، جىمجىت بولۇپ ئادەتتىن تاشقىرى، ئويغا چۆمۈلگەندەك بولغان ئۆزىنى چەتتىن قاراپ تۇرغاندەك كۆردى، ئۇ «پەقەتلا ماڭىلا لازىممۇ، راستىنلا زامان ئاخىرى كېلىۋاتامدۇ، نېمانچە بۇنداق تېگى يوق خىيالغا پاتىمەن؟! بەلكىم بۇنىڭغىچىلىك بولغان ئۆمرۈمنىڭ بار بولغىنى، ئاخىرلىشىشىنىڭ باشلىنىشىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى نامەلۇم نەرسىگە دۇچار بولۇپ تۇرغاندۇرمەن؟ قارىغۇ كىشى كۆرمەيلا تۇرغان ئىشىكنى سىيپاپ ئىزدەپ تۇرۇۋاتقاندەك قىلىۋاتقاندۇرمەن، كېلەچەكشۇناسلىق بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرۈپ، ئاتاق-ئابرويغا ئېرىشكەن  زىيالىي سۈپىتىدە نېگىزدىن ئاسايىشلىقتا بىر ئوڭايلىق رىتىمغا چۈشكەن ھاياتنى ئۆتكۈزۈپ يۈرۈپ، مەن نېمىگە يەتتىم؟ ئەمدى مانا كائىناتتىكى فىلوفېي ئىلتىماس قىلغان تەقدىرنىڭ ئاخىرقى قىلمىشى، بۇ نېمە؟ چىنلىقتىن چىققان ئۇچۇرمۇ؟ ئالماقنىڭ بەرمىكىمۇ؟ راستىنلا شۇنداقمۇ، فىلوفېي مەن ئۈچۈن كىم زادى؟ ھېچكىم ئەمەس، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن جېنىم جاي تاپالمىغاندەك قىينىلىدۇ؟ دېمەك، مېنى ئۇنىڭ بىلەن مۇلاقەتكە سېلىپ تۇرغان بىر نەرسە بارمۇ نېمە؟ كىتلار چۈشۈمگە كىردىغۇ، ئەمدى بولسا...» دەپمۇ ئويلىدى، شۇنداق ئويلاردىن ئاجراپ ئالالمىدى، گۇماندىن قۇتۇلالمىدى، ئەمدى مەيلى نېمە ھەققىدە ئويلىسۇن ئىشنى كائىناتتىكى كاھىننىڭ كەشپىياتىدىن باشلاشقا توغرا كەلدى، ھەممىسىنى سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلدى، بۇ چاغقىچە بولغانلىرىمۇ بۇندىن كېيىنكىلىرىمۇ ....
     
    مەنبە: چىنگىز ئايتماتوۋنىڭ (يۈسۈف ئىگەمبەردى تەرجىمە قىلغان) «كاسساندرا تامغىسى» ناملىق رومانى
     
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.