كاسساندرا تامغىسى (9)

يوللىغۇچى : guzal110 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-16 16:58:19

يىرىك مەملىكەتنىڭ ھەربىي سانائەت، ھەربىي ئارتۇقچىلىقىنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە تىنماي كاكىرىغان سىياسەتۋازلار ۋە ئالىي ھوقۇقدارلار بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر دەپ ئاتىلىشقانلار بۇنى خالامدۇ ياكى خالىمامدۇ؟ قورال-ياراقلارنىڭ خەلقئارالىق يەرمەنكىسىنى ئۇيۇشتۇرغان

     
    كاسساندرا تامغىسى (9)
     
    چىنگىز ئايتماتوۋ (قىرغىزىستان)
    (رومان)
    يۈسۈف ئىگەمبەردى تەرجىمىسى
    قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى تىل فاكۇلتېتى
     
    تۆتىنچى بۆلۈم (6)
    يىرىك مەملىكەتنىڭ ھەربىي سانائەت، ھەربىي ئارتۇقچىلىقىنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدە تىنماي كاكىرىغان سىياسەتۋازلار ۋە ئالىي ھوقۇقدارلار بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر دەپ ئاتىلىشقانلار بۇنى خالامدۇ ياكى خالىمامدۇ؟ قورال-ياراقلارنىڭ خەلقئارالىق يەرمەنكىسىنى ئۇيۇشتۇرغانلار خالامدۇ؟ ئۇ بويىچە بولغاندايەرمەنكىدە، سودا-سېتىقتا بىرىنچىلىكنى يېڭىپ ئېلىش، مەملىكەتنىڭ  مەنپەئەت-قىزىقچىلىقى ئۈچۈن مۇقەددەس ئىشقا تەڭلەشتۈرۈلگەن ھەم ئەڭ مۇھىمى، ساپ پايدىغا مىلياردلىغان دوللارنى بەرىلىشى لازىم ئىكەن. بۇنى ئۇققان-ئاڭلىغان ئادەمنىڭ دېمى توختاپ قالغىلى تاسلا قالىدۇ، چۈنكى ئاشۇ مىلياردلىق سوممىلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ھەر قاچان ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ تۈزدىن-تۈز ئۆز چۆنتەكلىرىگە سېلىپ بېرىشقا ۋەدە بېرىپ كېلىشكەن. تارىختا نامى  ئۆچمەس قورال-ياراقلارنى داڭلاش بويىچە ئاممىۋى تەشۋىقات ۋاستىلىرىدە ئىجتىمائىي پائالىيەت باشلىغانلار بۇنى خالىغانمۇ؟ ئەمدى ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئويغانغان ئىشنى توختىتالىغۇدەك ئەمەس.بۇنىڭ جىمىسى ئوبورۇت-ئايلانمىدىكى ئېشىندىدىن ئىبارەت.
     قىزىل مەيداندا سانسىز باشلار كۆرۈنىدۇ.ھەربىي سانائەتنى قوللاش يىغىلىشىگە كېلىۋېلىشقان نەچچەمىڭلىغان كىشىلەر مەيدانغا تولدى. «ھەربىي سانائەت»، «ھەربىي سانائەت»، «كرېمىل بىزنىڭكى!»، «كرېمىل بىزنىڭكى!» دېگەن ۋارقىراشلار ئاسمانغا ياڭرايتتى.
    سۈرەتكە ئېلىش تىك ئۇچارلاردىن يۈرگۈزۈلدى، بىراق ئۆركەشلىگەن بۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ بەغايەت ماسىشتابىنى ئاشۇ ئاسماندىن ئېلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى، قەبرىستانلىقتىكى رادىئو كۈچەيتكۈچ ئارقىلىق تۇش-تۇشلارغا ياڭرىغان ئومۇمىي يىغىلىش، سۆزلەنگەن نۇتۇقلارنىڭ ئاۋازلىرى بىلەن، مەيداننىڭ ھەر قانداق يېرىدە شۇئارلىرى، پورتېرىتلىرى ۋە ۋارقىراقلىرى بىلەن ئۆزىچىلا چاققان نامايىشچىلار پەيدا بولۇپ قالدى. مەيداننىڭ «باتالكا» دېگەن يېرىدە فىدېلچىلەر توپلىنىۋېلىشقان، بۇ ئۇلارنىڭ كۆتۈرگەن پورترېتىدىن ۋە ئۇرانىدىن كۆرۈنۈپ تۇردى، «فىدېل-بىز سېنىڭ بىلەن!»، «ياكى سوتسىيالىزم-ياكى ئۆلۈم!». تارىخىي مۇزېينىڭ يېنىدىكى ئۆتەر يولىنى ئىگلىۋالغان ساددامچىلارنىڭ: «سادام-سەن بىزگە قېرىنداش!»، «سادام-سەن بىزگە بىر قېرىنداش!» دېگەن ۋاقىرىقى ھەيۋەتلىك ۋە دەرغەزەپ بىلەن چىقىۋاتاتتى، يەنە بىر يېقىملىق ئاڭلىنىدىغان چاقىرىق مۇشتۇملىرىنى پۇلاڭلىتىپ يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن ئېيتىلماقتا: «كاززا، كاززا، كاززا، كاززا، كاززا، كاززافى!».
     كۆپلىگەن يىللاردىن بۇيان قۇرال-ياراقلار ئاممىۋى يوسۇندا يەتكۈزۈلۈپ تۇرغان دېيەرلىك بارلىق مەملىكەتلەرنىڭ مەيدانىدا بۇنىڭغا ئوخشاش قىقاس-چۇقانغا چۈشكەن قوللىغۇچىلىرى بار ئىدى، جۇڭگوغا، ئىرانغا، پاكىستانغا، شىمالىي كورىيىگە ۋە ئالاھىدە ئەرەب ۋە ئافرىقىلىق ئىتتىپاقداش سېتىۋالغۇلارغا ھەمدەم بولغانلار ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئۇسسۇل ئويناپ تۇرۇشتى، دېمىسىمۇ چۈشىنىشلىك، جۇڭگونىڭ ئۆز مىقىياسىغا ۋە نوپۇستىكى پەرقىگە يارىشازىيادە كۆپ قوللىغۇچىلىرى بار ئىدى، «مىلتىقتىن ھاكىمىيەت چىقىدۇ!»، «مىلتىقتىن ھاكىمىيەت چىقىدۇ!» ئۇندىن قالسا ستالىنچىلار ئېيتىپ يۈرگەندەك «ستالىن ياشىسۇن!» دەپ كېلىشتۈرۈپ ۋارقىراشتى ۋە گېنېرالىسسمۇسنىڭ كېلىشتۈرۈلۈپ تارتىلغان پورتېرىتلىرىنى باشتىن يوقىرى پۇلاڭلىتىشىپ كۆتۈرۈشتى. بىراق، شۇ قىقاس-چۇقانلار ئىچىدىكى ئەڭ قىيىنى سەلتەنەت قۇرغان كالاشىنكوۋنىڭ ئاپتوماتى بولدى، «كالاش ـ كرېمىل بىزنىڭ» دېگەن شۇئار-ئۇران بارلىق قىيقىرىق بىلەن چىقىراقنى بۆسۈپ ئۆتۈپ تۇردى.
    ئاشۇلار بىلەن بىرگە: «مىلتىق كۆككە ئېتىلسۇن، كۆكتىن ئالماس چېچىلسۇن!» دېگەن چۈشىنىشكە قىيىنراق تاپاۋەتمۇ ئېغىزدىن چىقىپ كېتىۋاتاتتى، مانابۇنى: راكېتا ئاسمانغا ئېتىلغاندا ئۈستىدىن ئالماس يامغۇردەك ياغىدۇ، دەپ چۈشىنىش كېرەكمۇ؟ ئۇنداق  بولسا قېنى شۇئالماسلار، ئۇ ئالماسلار مانا ئاشۇنىڭ ھەممىسى ئورتاق روھىي ئەسەبىيلىكنىڭ قازىنىدا بۇلدۇقلاپ قايناپ شۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلەشتۈرۈپ كۈچ - قۇۋۋەتنى، قىسسىنىڭ يېزىقچىلىقىنى، ئىتتىپاقلىق ئاڭ - سېزىمىنى قوزغىدى.
    مانا ئاڭغىچە بىرەر ئىش بولىدۇ. ئۇندىن كېيىن، شۇنىڭدا خۇمارلىق ئوتنىڭ ئالاۋلىرى يالت - يۇلت ئويناپ يېرىلىپ يېلىنجايدۇ، ئۇندىن كېيىن ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ئارزۇسىنى ئاتقۇرۇشقا قوزغىلىدۇ. بىراق ئۇ كىم؟ ئۇ دېگەن باشقا ،سۆزنىڭ كېرىكى نېمە؟ ئۇ! ئۇ!...
    بىراق، قەبرىستانلىقتىن ئېيتىلىۋاتقان مۇھىم نوتۇق، سۆز مەنىلىرى، سۆزلەر ئۆزىچىلا ئورۇنلۇق ھەم ئىشەنچلىك بولاتتى. قۇرال-ياراق ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىش ئىقتىسادقا ھېچقانداق ياخشى نەپ بەرمەيدۇ، بار بولغىنى دۇنياۋى بازار ئىقتىسادى ئېشىپ تېشىپ ئامېرىكىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئامېرىكا بولسا قول قوۋۇشتۇرۇپ ئولتۇرۇۋالغىنى يوق، قۇرال-ياراق دېگەننى يىلىغا كېچەيۇ كۈندۈز ئارقا-ئارقىدىن چىقىرىۋاتىدۇ. يەنە بارلىقىنى كەم قالدۇرماي قوراللاندۇرۇشقا يەنە ھەممىنى بويسۇندۇرۇشقا تەمشىلىۋاتىدۇ، ئامېرىكىدىن نېمىمىز كەم؟ يەنە بىر دەلىل بار بولىدىغان، ئۇ بولسىمۇ زايومچىلىقدىن چىققان ئىشسىزلىق ئېغىر ئىجتىمائىي نارازلىقنى ئېلىپ كېلىدۇ، ھەتتا زايومچىلىق دۆلەتنىڭ ناھايىتى قۇۋۋەتلىك ئەقلىي يوشۇرۇن كۈچىنى يوق قىلىدۇ، ھەتتا، ھەتتا، ئېيتىلغان سۆزنىڭ بارلىقى نىشانغا ئېنىق تېگىۋاتاتتى، يەنە ھەر بىر دەل تەگكەن سۆز ئۆچەكىشىشنىڭ ئاممىۋى راھىتىنى پەيدا قىلىۋاتاتتى.
    بىراق باشقاخىل كۈچمۇ بار ئىدى، شۇ مەھەلدە نامىژ مەيدانىدا، زايومچىلىقنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ يىغىلىشىنى پەيدا قىلىپ ئۆتەۋاتقان، مىغىلدىغان پەقەت تىزما قاتارىلا ئايرىلىپ بۆلۈپ تۇرغان چېگرىداش باشقا مەيداندا يەنە باشقا بىر يىغىلىش شىددەت بىلەن چۇقان - سۈرەن چىقىرىۋاتاتتى.
    بۇ يەردە باشقا جامائەت، جەمئىيەتنىڭ باشقا بۆلىكى، دېموكراتلار، ئىسلاھاتلار، تىنچلىقپەرۋەرلەرلا ئىسلاھات ۋە قايتا قۇرۇشنىڭ نەتىجىلىرى، ئىش قىلىپ ئەركىنلىكنى سۆيگۈچىلەر ۋە ھەر قانداق مۇددىئا، تىلەكتىكى لېبراللار يىغىلىش قۇرۇۋاتىشاتتى، ئۇلارمۇ كۆپ ئىدى، ئادەمنىڭ كۆپلۈكىدىن مەيدان لۆمشىۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ ئۆز ئېتىقادلىرى، قەتئىيلىكى ۋە زەربىدارلىقى جەھەتتىن قېلىشمىغان چاقىرىقلىرى ۋە شۇئار- ئۇرانلىرى بار، بۇ يەردىمۇ: «ھەربىي سانائەتگە ئىمتىيازلار توختىتىلسۇن!»، «ھەربىي سانائەتكە تۇتقۇن بولغىمىز يوق!»، «ھەربىي سانائەت- مىللىتارىزمغا ياردەمچى!»، «ھەربىي سانائەت-ئۆلۈمنىڭ ھۆددىگەرى!»، «ھەربىي سانائەت-بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ زەنجىرىدىكى ئىتى!»، «ھەربىي سانائەت- ئەلنىڭ قاتىلى!» دېگەندەك لەۋھەلەر بىلەن پلاكاتلار يايراپ يۈرىدۇ.
    قىزىل مەيداندا قانداق بولغان  بولسا شۇنىڭغائخشاش كۆرۈنۈش. لېكىن مەزمۇنى تەتۈرىچە.
     نامايىشچىلار، بۇ يەردىمۇ ئۆزلىرىنىڭ چوقۇنغۇچىلىرىنىڭ ۋە مەدەتكارلىرىنىڭ پورترېتلىرىنىڭ ئېگىز كۆتۈرۈۋېلىشىپ ئەل، يۇرتقا كۆرسەتمەكتە.
    بەزىدە شۇ يىغىلىش، بەزىدە بۇ يىغىلىش، بەزىدە قىزىل، بەزىدە نانېژ مەيدانىغا ئاپپاراتلارنى كۆتۈرۈۋېلىشقان، ماجالى قالماي يۈگۈرۈشكەن، مۇخبىرلار بىلەن تەپسىلىي خەۋەر يازغۇچىلار ئۈچۈن بۇ ۋەقەلەر ئالدىراش كۆرسىتىلىدىغان ماتېرىياللارنىڭ بۇرۇن بولۇپ كۆرۈلمىگەن مولچىلىقى ھېسابلىناتتى، بىراق ئاشۇنداق بولسىمۇ پىشقان تەپسىلىي خەۋەر يازغۇچىلار ئىككى پلاكاتقا دىققەت قىلىشمايدىغاندەك ئەمەس، ئىككى پلاكات باشقىلىرىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغانلىقى بىلەن ئۆزىدىن-ئۆزى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ، بىر ئوغۇل بىلەن بىر قىز، سىرتقى تەرىگە قارىغاندا ستودېنتلار، پلاكاتلارنى ئېگىز كۆتۈرۈۋېلىشىپ كىشىلەرنى ئارىلاپ يۈرۈشتى. لېكىن، كۆرگەنلەرنىڭ ئېيتىشىدا، ئىككەيلەن كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا بىر-بىرىدىن يىراقلاشماي، سۆزلىشەلىگۈدەك ئارىلىقتا، بىر-بىرىدىن كۆزلىرىنى نېرى-بېرى قىلماي يۈرۈشۈپتۇ، ھېچكىم بىلەن تالاش-تارتىشقىمۇ چۈشمەپتۇ، ھەمدە پەقەت ئۆزلىرى بىلەنلا بولۇشۇپ چەتنىگەن ھالەتتە ئىكەن. ئوغۇل بالا كۆتۈرگەن پلاكاتتا، قارا بوياق بىلەن: «ئادەم يورۇق دۇنياغا قورال-ياراق ياساش ئۈچۈن كەلگەن ئەمەس!» دەپ يوغان يېزىلغان، قىزنىڭ پلاكاتىدىكى يېزىق پۈتۈنلەي ئادەمنىڭ رايىنى قايتۇرىدىغان گەپلەر ئىكەن: «ئەگەر كرېمىل رىقابەتكە لايىق قۇراللاندۇرۇشنى قايتا باشلايدىغان بولسا ئۆزۈمنى كۆيدۈرۈۋالىمەن!».
    ئۇلار بىپايان دېڭىز كەڭلىكىدە ئاداشقان قېيىقتەك بولۇشۇپ مىغ-مىغ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا يۈرۈشتى. بىراۋنىڭ كۆزىگە چېقىلسا، بىراۋنىڭكىگە چېقىلمىدى. كىمدۇر بىراۋلار بۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى چۈشەندى، كىمدۇر بىراۋغا ئۇلار بىر نەرسىنى بىلدۈرۈپ تۇردى، لېكىن كىمدۇر بىراۋغا ھېچنەرسە بىلدۈرمىدى، ئۇمۇ مۇمكىن ئىدى، چۈنكى ئاۋۇ تەرەپتىمۇ بۇ تەرەپتىمۇ قىزىل مەيداندىمۇ مانېۋىر مەيدانىدىمۇ ھەر قانداق باياناتلار، چاقىرىقلا، شۇئار-ئۇرانلار، ئىتىرازلار، ئەسكەرتىشلەر، كەسكىن ئۇيان - بۇيان ئېيتىلغان پوپوزا سۆزلەر نامايىشچىلارنىڭ بېشىغا يامغۇردەك يېغىۋاتاتتى. ئىش قىلىپ، بولغۇلۇق بولدى، كىشىلەرنىڭ ئادەتتە ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۆكۈنۈپ قالمايدىغانلىرى بار. ئۆزىنىڭ توساتتىن بۇ ۋەقەدە بولغانلىقى بىلەنمۇ، يەنە پىشانىگە پۈتۈلمىش ئىشلارنىڭ روي بەرمەي قويماسلىقى بىلەنمۇ ھەيران قالدۇرغان ۋەقەلەر بۇلدۇقلاپ قاينىغان كۆپچىلىك يىغىلىشىدا ئاممىۋى ئەسەبىيلىك، روھىي كېسەلچىلىك بىلەن دۇرت قىلىپ ئوت تۇتاشقاندىن كېيىن يەنە بىر رەت يۈز بېرىدىغانلىققا چىن پۈتۈشىدۇ.
    كۈننىڭ بۇرنى كرېمىل سېپىلىدىن ئۇياققا قىيسايدى. ۋاراڭ - چۇرۇڭغا چۈشۈپ غەزەپلەنگەن توپقا ئالا كۆلەڭگۈ چۈشۈپ كېلىۋاتاتتى، ھەمدە بىر تاناپ دائىرىسىدىكى مەيدان نامايىشچىلىرىمۇ شاخاردەك قايناپ ئۆركەش ياساۋەردى، ياڭراتقۇلاردىن ياڭرىغان مەسىلىنى ئەۋجىگە چىقىرىدىغان ھەم غەزەپلىك سۆزلەر يىغىلغانلارنىڭ ۋۇجۇدىغا ۋە ئەقىل-ھۇشىغا كۆپرەك غەليان سېلىپ بىر جېدەل بۇلارنى سەزدۈرۈشكە باشلىدى، ھەر بىر تەرەپ، ئۇ ياكى بۇ مەيداندىكىلەرمۇ ئادالەتلىككە چاقىرىلىشتى. ھۆكۈمدارلارغا ۋە ئەلگە مۇراجىئەت قىلىشتى، ئۆزلىرىنىڭكىنىلاھەقىقەت دەپ ھېسابلاپ، ئۆزلىرىنىڭ كۆز قارشىنىلا توغرا دېيىشتى. دۇنياغا ئۆزلىرىنىڭ مەۋقەلىرىنى ۋە يەكۈنلىرىنى سۇنۇش - ئىلتىماس قىلىشىپ، قانلىرىنى قاينىتىشتى، جىن-ئەرۋاھلىرى كەلدى. توختاۋسىز ھەرىكەتكە ئۆتۈش كېرەكلىكىنى، يىغىلىپ قالغان ئېنېگىرىيىسىنى چىقىرىش زۆرۈرلۈكىنى سېزىشتى. ۋاراڭ-چۇرۇڭ كۈچەيگەندىمۇ كۈچىدى. ياڭراتقۇلاردىن بىر-بىرىنى ئەيىبلەش، قورقۇتۇپ ئۈركۈتۈش، تەھدىت سېلىش، يامان، ياخشى ئېيتىشىشلار ياڭرىدى، ھەر بىر تەرەپ باشقا، ئۆچ كۆرگۈچى تەرەپنى ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ نومۇسسىز دۈشمەنلىرى دەپ ئاتاشتى، ئاڭغىچە دەسلەپكى قېقىلىشلارمۇ باشلاندى، ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنىڭ ئارىسىدىن ئۆتۈپ بېرىشىپ «مىللىتارستلار» بىلەن «مىللىتارىستلارغا قارشىلار» بىر - بىرىلىرىنىڭ ياغاچقا بېكىتىلگەن پلاكات، پورترېتلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا باشلىدى. ئاياللار چىرقىراپ، ئەركەكلەر قىيقىراپ تىللىشىۋەردى. ساۋاش باشلاندى. ئالاھىدە ساقچىلارنىڭ ساۋاشقانلارنى چەكلەيمىز، چاتاقنى باسىمىز، دېگەندىكى ھەرىكىتى ئىككى تەرەپنىڭ چاڭچىلىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. كىشىلەر شۇ بولغۇلۇقنى كۈتۈشۈۋاتقاندەك، يالغۇزلا شۇنىڭ ئۈچۈن يىغىلىشقاندەك بىردەمنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئومۇمىي ئىت ئۇرۇشى، ساۋاش باشلاندى. پەخىرلىنەرلىك كۆتۈرۈلگەن پورترېتلار بىلەن پىلاكاتلارنىڭ شۇجېدەلگە كېرىكى ئوبدانلا تەگدى. ئاشۇلار بىلەن بىر - بىرىنىڭ بېشىغا، كۆزىگە ئۇرۇشۇۋەردى، ئاققان قان، كۆز ياش، ئونلىغان، يۈزلىگەن كىشىلەرنىڭ، ئەركەكلەر بىلەن ئاياللارنىڭ، ياشلار بىلەن قېرىلارنىڭ ساۋىشىپ تۇرغانلىرى ئۈجۈر - بۈجۈرىگىچە، ھەمدە ئۇيان-بۇياندىن، تۆپىسىدىن، تىك ئۇچاردىن، يەر ئۈستىدىكى مۇمكىن بولغان بارلىق ئوڭايچىلىقلاردىن تارتىۋېلىنىپ، پۈتكۈل دۇنياۋى تېلېۋىزىيىلىك كۆرسىتىلىشلەرنىڭ ئېكرانلىرىغا يامرىتىلىپ چىقىرىلدى.
    مانا مۇشۇنداق قىلىپ بايىقى ئىككەيلەن، ئوغۇل بالا بىلەن قىز بالا، ۋەقەنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا قېلىشتى. ئۇلار كۆتۈرۈپ يۈرۈشكەن پلاكاتلىرىنى ساۋىشىشىدا قوللىنىشىمىغىنى ئۆزلىرىنىڭ شورىغا ئايلاندى، قىزىل مەيداندىكى ھەربىي سانائەت تەرەپدارلىرى زايومچىلارنى ساۋاشقان چاغدا، توساتتىن ھەربىي سانائەتچىلىكنىڭ بايىقىدەكلا پلاكاتىنى يوقىرى كۆتۈرۈشكەنلەر ئىچىدە ئاچچىقى چىرايىغا چىققان ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ بۇرنىغا تاقاپ كۆرسىتىۋاتقان ھالەتتىكى بايىقى يىگىت كۆرۈندى.
    -ھوي! شۇنداقمۇ، تارت بۇ نېمەڭنى، كىمنىڭ بۇرنىغا تاقاپ كۆرسىتىۋاتىسەن، كىمنىڭ بېشىنى ئايلاندۇرۇماقچىسەن؟!- دەپ ۋارقىرىدى قول سالغانلارنىڭ بىرى، دېمەك، تۇغۇلماي ئۆلۈشىمىز كېرەك ئىكەندە؟! ھوي، ئاناڭنى! ....شۇنداق قىلىپ ئۇرۇش،ساۋاشنى داۋام قىلىشتى. پلاكاتنى تىتىپ ئىرغىتىپ تاشلىۋېتىشتى. دەل شۇ پەيتتە، ئادەمنىڭ ئىماننى ئۇچۇرىدىغان، ئەگەر كرېمىل رىقابەتكەمۇۋاپىق قوراللىنىشنى توختاتمىسا، ئۆزىنى كۆيدۈۋېلىشقا قەسەم بەرگەن لەۋھەسىنى كۆتۈرۈپ ئۇ يىگىتكە بولۇشۇش ئۈچۈن بايىقى قىز يېتىپ كەلدى.
    قىزنىڭ ئاشۇنداق لەۋھە بىلەن يىغىلىشقا بېرىشى توغرىمۇ؟ مەقسىتى نېمە ئىدى؟ ئۇ نېمە ئۈچۈن مۇنداق قىلدى، ياشلىقىدىنمۇ؟ ياكى يامانلىقىدىنمۇ؟ ۋە ياكى تەتۈرىچە، بۇنداق قەدەم بېسىشقا ئۇنىڭ ئېتىقادى بىلەن چارىسىنىڭ تۈگىگەنلىكى مەجبۇرلىدىمۇ؟ ئۇنىڭ ئاخىرىدا، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ھەربىي ھازىرلىقلارنى كۈچەيتىشنى قوللىغۇچىلار دەسسەپ، پايمال قىلىۋاتقان شېرىكىنىڭ يېنىغا بېرىشتىن بۇرۇن ھېلىقى نەس لەۋھەنى نېمە ئۈچۈن ئىرغىتىپ تاشلىۋەتمىدى؟ ئۇنداق قىلىشنىڭ ئورنىغا قىز جېدەللىك پلاكاتنى قولىدا قارمىغان ھالەتتە شېرىكىگە ئۇمتۇلدى.
    -بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟ تەگمەڭلار! ئۇنى ئۇرۇشقا نېمە ھەققىڭلار بار؟ تەگمەڭلار دەيمەن! توختىتىڭلار!- دەپ ۋارقىرىدى قىز.
    سۆزى بىكارغا كەتتى، يىگىتنى بەشى دومبالاۋاتاتتى، يۈز، كۆزى ئالا كۆك بولغۇچە دۇمبالاپ قويۇۋېتىشسە بولاتتىغۇ! بىراق، بۇ جاڭجالنىڭ ئاخىرىنىڭ نېمە بولارىنى، ئاچچىقى بېسىلماي، ئوغىسى بېشىغا چىققان، غەزەپلەنگەن لۈكچەكلەرنىڭ نېمە قىلارىنى كىم بىلىپتۇ؟!
    دۆلەت مۇداپىئەسىنى، ھەربىي سانائەتنى كۈچەيتىشنى قوللىغۇچىلار قىزنى ئاغزىغا كەلگەن يامان سۆزلەر بىلەن تىللاپ قارشى ئېلىشتى:
      -قېنى! قانجۇق، ئامان-ئېسەن بۇ يەردىن يوقال، بولمىسا ساڭىمۇ كۆرگۈلۈكنى كۆرسىتىمىز!
    شۇ يەردىن ئاغزىدىن ئاق ئىت كىرىپ، قارا ئىت چىقىپ ۋالاقلاۋاتقان بىر خوتۇن دەل جايىغا تەگكۈزۈپ گەپ قىلدى:
    -ھە، سەن چېقىمچىمۇ سەن؟ ئۆرتىنىپ ئۆلمەكچىمۇ؟ ھوي، خالايىق، قاراڭلار، نېمە قىلاي، مانا بۇ ساتقۇن قانجۇق ھازىر ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلىدۇ- دە، بىزنىڭ كرېمىل چىرىپ تۈگەيدۇ! ھازىر، كۆز ئالدىمىزدىلا تۇمشۇقىنى ئېزىۋېتىڭلارچۇ، ئۆيىنى تاپالماي قالسۇن!-قىزنى ئىتىرۋەتتى، چاپىنىدىن ئايرىپ تاشلىدى، قىزنىڭ يۈزى قانغا بويىلىپ كەتتى.
    -قولۇڭلارنى تارتىش، ئەبلەخلەر!- دەپ ۋارقىرىدى قىز يۈزىدىكى قاننى ئېرىتىپ. قىزنىڭ پلاكىتىنى دەل شۇ زامان تىتىپ ئىرغىتىپ تاشلاشتى.
    -ھە، ئەمدى قانداق قىلارسەن؟ئۆرتىنىپ ئۆلەمسەن ياكى مۇشتنى ئاز يېدىڭمۇ؟ بىلجىرلاپ سۆزلىگەن سۆزنى يېزىشتىن  بۇرۇن ئويلانغان بولغۇيتتۇڭ! نېمە ئۈچۈن ئۆزۈڭنى كۆيدۈرۈپ ئۆلىسەن؟
    جېدەل كىرپىكنى بىر  قاققۇچە يۈز بەردى.
    -سەن ماڭا سەرەڭگە يېقىپ كۆر!- دەپ ۋارقىراپ تاشلىدى قىز، پۈتكۈل بەدىنى تىترەپ، زەھەر خەندە كۈلكە ئالدىدا. شۇ مازات كىمدۇر بىراۋ ياندۇرۇش ئۈچۈن سەرەڭگىنىڭ قۇتىسىنى ئالدى.
    -كىمدە ئوت بار؟ خا، خا، خا!
    - سەن ئۇندىن كۆرە چاقماقنى ئاۋۇنىڭغا ياندۇر!- دەپ يەنە بىرى مەسلىھەت بېرىپ قويدى.
    -توختا! ئۇنداق قىلماڭلار!- دەپ ۋارقىرىۋەتتى قىزنىڭ شېرىكى، دۇمبالاۋاتقانلارنىڭ قولىدىن سۈرۈلۈپ ئۈلگۈرمىدى. چېقىلغان سەرەڭگە قىزنىڭ دولىسىغا، ئاندىن كېيىن بىرىكمە تالالىق كۆڭلىكىگە چۈشتى- دە، دەررۇ كۆيۈشكە باشلىدى.
    ھەممەيلەن ھەيران قېلىشتى. ئۇندىن كېيىن داجىشىپ چاچراپ قېچىشتى. ھەمدە ئوت ئىچىدە پۇچۇلانغان قىز قۇلاق مېڭىنى تىندۇرۇۋەتكىدەك چىقىراپ، چېپىپ يۈردى، شۇ چاغدا قىزىل مەيداندىكى كۆرۈنۈش دەۋزەختىن كەم بولغان ئەمەس، كىشىلەر يىغىلغان يەردىكى غەليان ئۇلارنىڭ شاخاردەك قاينىغان، ۋەيران قىلغۇچى يانغىندەكلا قورقۇنچلۇق ئەمەسمۇ... يېقىنلا يەردە كىمدۇر بىراۋغا بىر شۇملۇق، جېدەللىك ئىش بولۇپتۇ، دېگەن كوچا خەۋىرى چېقىلغان چۈشكەندەك تاراپ، نامايىش ئۆتكۈزۋاتقانلارنىڭ بېزىگە ساجىلغاندەك ئۆرە-تۆپە قىلىۋەتتى، كىشىلەر ھەممىنى ئۇنتۇپ قېلىشىپ، بىر-بىرىنى ئىتتىرىشىپ، مۈدۈرۈلۈپ، يىقىلىپ، قىيقىراق، چىقىراقلار بىلەن ھەر قانداق زۆرۈرلۈكى بولمىغاندىن ھەم بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەستىن بەتتەر، مۇقەددەس بىلگەن پورترېتلىرىنى ھەم يالقۇنلۇق چاقىرىقلىرىنى يەرگە تاشلىۋېتىپ رەستە-كوچىلار ئىچىگە قېچىپ يۈرۈشتى. كىشىلەر ئەقلىدى ئاداشقان ھالدا تەمتىرىشىپ قېچىپ كېتىشىۋاتاتتى.
    شۇ ئىشلارنىڭ نە ھاجىتى بولسۇن؟كرېمىلنىڭ يېنىدا چۇقان-سۈرەن سېلىشنىڭ نە ھاجىتى بار ئىدى؟ ھېچكىم ئۆزىگە جاۋاب تاپالمىدى ياكى چاتاق چىقارغۇسى ياكى تاماشا كۆرگۈسى كەلگەنلىكتىنمۇ ياكى راستىنلا شۇنداق بولغانلىقتىنمۇ ئەيتاۋۇر ئۆزىنى-ئۆزى كۆيدۈرۈۋالىمەن، دېگەن قىز «گۈررىدە» كۆيگەن سىكۇنتتىن باشلاپ، ۋاقىتنىڭ يېڭى سانىقى ئېچىلدى، ئۇنىڭ چىقىراپ، ئوتتا چۇچۇلىنىپ قېچىپ بېرىۋاتقانلىقىنى يېقىن يەردە تۇرغانلارنىڭ جىمىسى كۆرۈشتى. قىز يەرگە گۈپپىدە غۇلىدى، ئاڭا ھېلىقى يىگىت ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈشكەن بىر نەچچە ئالاھىدە ساقچىلار يېتىشىپ كېلىشتى، ئۇلار كىيىملىرى بىلەن كۆيۈۋاتقان قىزنىڭ بەدىنىدىن ئوتنى ئالدىراپ ئۆچۈرۈشكە كىرىشتى، بىراق كېچىككەن ئىدى، ئۇنىڭ ئامالى قالمىغان شېرىكى بېشىنى قاماللاپ چۆكۈلۈپ يىقىلدى، ئاڭغىچە بىز زاماتتا جىمىگەن مەيدانغا تىك ئۇچار قوندى. قارىغاندا، باياتىندىن بېرى تېلېۋىزىيە ئۈچۈن سۈرەتكە ئېلىپ يۈرگەن بولسا كېرەك، قۇلاقنى تىندۇرغۇدەك غۇيۇلدىغان ھەممىنىڭ ئالدىدىن، شامالدەك ۋە غۇيۇلدىغان ئاۋازى بىلەن تۆۋەنگە لەيلىشىپ چۈشۈپ كىشىلەر يۈگۈرۈپ كېلىشتى. يەردىن قىزنىڭ تېنىنى كۆتۈرۈپ ئېلىشتى. ھېلىقى يىگىتنى ۋە ئىككى ئۈچ ئالاھىدە ساقچىنى بىرگە ئېلىشىپ، ھەممىسى ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشتى. بىراق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىراۋ قىلچىلىكمۇئۇنۇتماي، بولغۇلۇقنىڭ ھەممىسىنى فىلىمگە ئېلىۋېلىشقا ئۈلگۈردى.
    تىك ئۇچار قىزىل مەيداننىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى.  مۇنارنىڭ قىلدەك چوقىسىغا تەڭلەشتى- دە، تاش كۆۋرۈكنىڭ ئۈستى بىلەن يەنىمۇ يىراق ئۇچۇپ، ئۇندىن كېيىن موسكۋا دەرياسىنى بويلاپ ئۇچۇپ كۆرۈنمەي قالدى.
     
    تىك ئۇچار بىلەن بىللە ئورمانغا كىرىپ يوق بولغان قاناتلىق پەرىشتىدەك، ئۆزلىرى جان پىدالىق بىلەن ئۆز مەپكۇرەلىرىگە شۇنچىلىك بېرىلگەن، كىشىنىڭ كەيىپنى شۇنچىكى ئۇچۇرىدىغان ھەم ئارقىغا يانمايدىغان، ئۆزلىرىنى قۇربان قىلىشقان ئىككى ياشنىڭ ئاقىۋىتى، يەنى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تراگېدىيىسى شەھەر قوينىغا سىڭىپ يوق بولدى.
    ئىشقا ئاشماس قۇرۇق خىياللارغا بېرىلگەن ھەم ئۇلارنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن نېمىلا بولسۇن جاندىن ۋاز كەچكەن پاك مۇھەببەتنىڭ كۈچى - ھەي!
    شۇ كۈنى كېچىدە شەھەرنىڭ مەركىزى كۈندۈزى بولغان ۋەقەدىن كېيىن ئۇزاققىچە تىنجىغىنى يوق، قانلىرى داۋالغۇپ قالغان ئادەملەر تىنچىپ يېتىشالماي كوچىدا يۈرۈشتى، ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىنىڭ جايىدا ئەمەسلىكى سۆزلىگەن سۆزلىرىدىن، ئۆڭلىرىدىن، باسقان-تۇرغانلىرىدىن سېزىلىپ تۇردى، كىشىلەر توپ - توپ بولۇشۇپ بىر يەرگە كېلىشىۋېلىپ، تالىشىپ، تارتىشىپ، ئۇنى - بۇنى ئويلاپ دەپ بېقىشتى، بەلكىم ئۇنىڭ كىيىمى تېزلا كۆيۈپ ئوت ئالغۇچى ئالاھىدە سۇيۇقلۇق تەركىبىگە قاندۇرۇلغاندۇر، بىراق سۆزسىزلا شۇ قىز ئۆلۈپ كەتكۈچە بېرىش كېرەكمۇ؟ بەلكىم ئۇنداق ئەمەستۇر، بەلكىم پۈتۈنلەي باشقا، ئادەم ئۆزىنىڭ چېكىگە يەتكەن ئىچكى چىڭقىلىشىغا چىدىماي، كۆيۈپ كېتىدىغان قانداقتۇر بىر ئەقىل يەتمەس يارىتىلىشنىڭ مېتافىزىكىلىق ھادىسىسىدۇر؟ ئۇندىن قالسا تۈن نىسپىدە فوسفۇر يورۇقى يېنىپ تۇرىدىغان ئادەملەرمۇ بولىدۇ، دەپ كىشىلەر يۈرۈشمەمدۇ، قانداقلىقىنى كىم بىلسۇن؟
    ئاڭغىچە قاشمۇ قارىيىپ،كەچ بولۇپ قالدى. كوچىلاردا كىشىلەر شالاڭلىشىشقا باشلدى. ئاپتوبۇس، ماشىنىلارنىڭ ئىشىكلىرىنى جاق - جۇق يېپىپ، شۇلا يەردە قاراقچى-بۇلاڭچىلارغا بېرىدىغانلىرىنى بېرىشىپ، كېچىلىك بەزمىنى ياخشى كۆرىدىغانلار پائالىيەتلىرىگە كېلىشتى. كېچىلىك پائالىيەت ئورۇنلىرىنىڭ ئوتلىرى ياندى، ھاياتلىق سىرىنى جانلاندۇرغۇچى چىراغلار غۇۋالاشتى، ئېلېكترونلۇق مۇزىكىلار ياڭراپ، كۆكرەكلەر چايقالدى، سورۇنلار كەڭرى يېيىلدى، ھەممىنى ئۇنتۇلدۇردى، ھېچنەرسىنى ئەسكە ئالماسلىق، ئۆزگىدىن خالىي بولۇش، خۇدادىن غىپپىدە خالىي بولۇش كېرەك ئىدى.
    شۇ كېچىدىكى قىزىل مەيدان جىمجىت ئىدى. قىمىر قىلغان جان يوق، كۈندۈزدە ئادەملەرنىڭ ھارام كۈچى ئويناقلىغان، جىن-شەيتاننىڭ ئوردىسى بولغان، قان ئېقىپ، ئەجەل قاپلىغان يەردە ھېچكىمنىڭ بار بولغۇسى كەلمىدى، غۇۋا يورۇق بارئىدى، بارلىق يەردە، مەيدان دالدىسىدا تاشلانغاندەك نامايىشچىلار مۇشتلىشىشتا يەنە بىر - بىرىدىن قېچىۋاتقاندا، چەيلەنگەن پورترېتلار، شۇئار-ئۇرانلار، پلاكاتلار ياتاتتى، ئۇ نەرسىلەر بىلەن ھېچكىمنىڭمۇ كارى بولغىنى يوق.
    ئاي كرېمىلنىڭ ئاسمىنىدا بالقىپ ئېگىز تۇردى. ھېلىقى ئۆزىنىڭ زارىققان سائەتى كەلگەندە ھۇيتقۇش ئۇچۇپ چىقتى. يوغان قاناتلىرىنى شەپىسىز شىلتىپ، دۈپدۈگلەك ئۇيقۇسىزلانمىغان، چەكچىيىپ يالتىرغان كۆزلىرى بىلەن چوڭ بېشىنى ئايلاندۇرۇپ قاراپ، ھېلىقى كۆلەڭگۈلەردىن بەتەر ھالدابەزىدە ئۇ، بەزىدە بۇياققا قېيىپ يۈردى. ھۇيتقۇش ھەم تەشنالىقتا ھەم خاپىلىقتا ئىدى، قەبرىستانلىقنىڭ ئۈستىدىن شەپىسىز ئايلىنىپ، ئۇنىڭ ئىشىكىدە تاشتەك قېتىپ تۇرۇشقان كۆزەتچىلەرنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۆز قارىسىنى كۆرسىتىپ قويۇپ ھۇيتقۇش مەرتىۋىلىك كاتتا باش ئەرۋاھلارنى ئىزدەپ ئۇندىنمۇ نېرى ئۇچتى، ئۇندىن كېيىن ئۇلارنى كرېمىلنىڭ خىش سېپىلىنىڭ سايە چۈشكەن جايىدىن تاپتى. ياق! ئۇلار بۇ قېتىممۇ ھېچبىريېڭى گەپ دېيىشمىدى، ئۇلارنىڭ بۇ سەپىرىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى، بىراق سېھىرلەپ قويغاندەك ئىدى، «ياكى سوتسىيالىزم-ياكى ئۆلۈم!» دەپ نامايىشتا ۋارقىرىشىۋاتقانلارنىڭ سۆزىنى ئەسلىرىدە تۇتۇپ قالغان كاتتا باشلار مەرتىۋىلىك قول تۇتۇشىۋېلىپ، بىر يەرنى نىشانلاپ بىر خىل ئۇسسۇل بىلەن بىر قېلىپتا قايتىلاۋېرىشتى. شۇنداق، ئۇئىككەيلەن چارچىماي بۇرۇن ئاڭلانمىغاندەك، كۆرۈنمىگەندەك قىلىپ، ئادەمنى بىزار قىلغۇدەك دەرىجىدە «ياكى سوتسىيالىزم-ياكى ئۆلۈم!» دەپ قايتىلاۋېرىشتى.
    ئۇسسۇلنىڭ بۇ رىتىمى ھۇيتقۇشنى تېزلا زېرىكتۈرۈپ قويدى. ھۇيتقۇش ئۇ ئىشلارنى كۆرۈشتىنمۇ نېرى ئۇچۇپ جۆنىدى. ئۇندىن كېيىن سپاسكىي دەرۋازىسىنىڭ يېنىدىن يولى چىقىپ تىك ياندى، نەدىن كېلىپ قالغىنى نامەلۇم مەست خوتۇننى يولۇقتۇردى.
    چۇۋۇق چاچ، ئېتىكى يېيىلغان، نومۇسىنى يوقاتقان مەست خوتۇن بىر ئارمانلىق ناخشىنى سوزۇپ ئوقۇپ كېچىدىكى قىزىل مەيداندا تەنھا كېتىۋاتاتتى:
    ھەي، ئارمان ھەي، نېچۈن؟
    تۇغۇلغاندۇرمەن.
    ھەي، جان ئانا ھەي، نېچۈن؟
    تۇغقاندۇرسەن؟
     
    ھەي، ئارمان، ھەي نېچۈن؟
    بويلۇق بولغاندۇرسەن؟
    تۇغدۇڭ مېنى جان ئانا،
    ئويلۇق بولغاندۇرمەن؟!
    `
    ھەي، ئارمان ھەي، نېچۈن؟
    تۇغۇلغاندۇرمەن؟0
    خالىمىغان ئىدىم ئانا جان،
    بىكار تۇغقاندۇرسەن؟
     
    ھەي، ئارمان ھەي، نېجۈن؟!
    تۇغۇلغاندۇرمەن؟
    ھەي، ئانا جان ھەي نېچۈن؟
    تۇغقاندۇرسەن؟
    ئايال مەيداننى يانتۇ كېسىپ، دەلدەڭشىپ، مۈدۈرۈلۈپ، چايقىلىپ كېتىپ بېرىۋاتاتتى. بىر مەھەلدە ماگىزىننىڭ، سودا-سېتىق ئورۇنلىرىنىڭ دالدىسىغا كىرىپ كۆرۈنمەي قالدى. ئۇنىڭ يۈرەك باغرىدىن چىققان ئارمان ناخشىسى يەنە بىر ئاز ۋاقىت ئاڭلىنىپ ئۇندىن كېيىن جىمجىت بولۇپ قالدى.
    ھۇيتقۇش بولسا كرېمل سېپىلىنىڭ ئۈستىگە ئېگىزلەپ چىقتى- دە، باغلارغا قاراشقا باشلىدى. ئۇندىن كېيىن ئاشۇ يەردىن، قېلىن پۇتاقلار ئارىسىدىن توساتتىن، ھېلىقى خوتۇننىڭ تېخىمۇ بەتەر، ھۆكۈرىگەندەك ئۈنى ئاڭلاندى،ئارمانلىق «ئۇھ» دېدى. ئاي كرېمىل سارىيىنىڭ ئۆگزىسىدىكى قۇببىلارنى، مۇنارلارنى، چېدىرسىمان قۇرۇلۇشلىرىنى مەڭگۈلۈك نۇرى بىلەن شولالاپ تۇرغان سانسىز يۇلتۇزلار ئارىسىدا ئېگىزلەپ تۇراتتى، شۇنىڭ بىلەن ھۇيتقۇشقا، قايتىدىن ئوكياندا ئۈزۈۋېتىشقان يىراقتىكى كىتلارنىڭ دېمى ئاڭلىنىۋاتقاندەك سېزىلىپ كەتتى، ئۇلار نەدە؟ نېمىگە ئالدىرىشىۋاتىدۇ؟ ئەمدى ئۇلارنىڭ جېنى ئارامىدا بولمايدۇ، ئەمدى دولقۇنلار تىنچىمايدۇ.
    «مۇنبەر» ئۈچۈن يېزىلىۋاتقان ماقالىنىڭ كۆپچىلىك بۆلىكى تەييار بولۇپ قالغان ئىدى، ئەمدى ئۇنى خۇلاسىلەش كېرەك ئىدى، بىراق ئىش ھەل بولۇشىغا قانچىلىك يېقىنلىغانسېرى بوركنىڭ بىئاراملىقى شۇنچىلىك كۈچىيىشكە باشلىدى، كاسساندرا تامغىسىنىڭ ئالاھىدە ھادىسىسىنى ئىلمىي جەھەتتىن چۈشەندۈرۈشكە ئوشۇقچە شۇڭغۇپ كەتمىدىكىن، شۇ چاغدا كىشىلەرنىڭ زور كۆپچىلىكى ئۈچۈن ۋە بەلكىم مۇتلەق كۆپچىلىكى ئۈچۈن، كاسساندرا ھامىلىلىرىنىڭ بەرگەن بەلگىلىرى ھەققىدە ھېچنەرسە كۆرمەي، ھېچنەرسە ئۇقماي، ئامال بار ئۇنتۇپ كېتىش ئۈچۈن كائىناتتىكى فىلوفېينىڭ «غەيۋەتخورلۇق» ھەرىكەتلرىدىن قانداق تەدبىر بىلەن بولسىمۇ قۇتۇلۇش ئەھمىيەتلىكتۇر، ھىيلىگەر سىياسەتۋاز ئولىۋېر ئوردوك دەل مۇشۇنى سەزدى- دە، شۇنىڭغا يارىشا ئىش قىلدى، شۇنىڭ بىلەن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى، سۆزسىز، ئۇ سىياسىي غەلىبىگە يەتتى، ئەلۋەتتە، ئۇ ئالدامچىلىق يولىدىكى غەلىبە، بىراق كىشىلەرنىڭ ئاممىۋى تۈردە ئۆزىنى - ئۆزى ئالداشنىڭ يولىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇلارغا قانداق قىلىپ چۈشەندۈرىسەن، قانداق قىلىپ ئىشەندۈرىسەن؟
    ئوردوكقا قارىغاندا ئۆزىنىڭ سىياسىي تەجرىبىسى، سىياسىي ئىقتىدارىنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى بورك چۈشىنىدۇ، شۇنداق، ئەمدى ئۇلار دۈشمەن بولۇپ قېلىشتى، شۇنچىلىك كۈتۈلمىگەن يەردىن شۇ دەرىجىدە قارشىلاشقان دۈشمەنگە ئايلىنىشتى، بورك ئۇنى خالامدۇ ياكى خالىمامدۇ، ئالدىدا كۈرەش، قەتئىي يۈز بېرىدىغان كۈرەش تۇراتتى، ئوردوكنىڭمۇ كۈتكىنى شۇ، ئارزۇ قىلغان پرزېدېنتلىق يولىدا، ئەل ئالدىدا تۇتۇشۇش، بۇ جەھەتتىن ئالغاندا، تەقدىر ئۇنىڭ قولىغا مەردلىكى ۋە ئوڭايلىقى بىلەن كائىناتتىن فىلوفيېنى، يەردىن بوركنى سېلىپ بەردى.
    شۇ ھەقتە ئويلىنىش بىلەن، ۋاپاسىز سىياسىي كۈرەشكە قانداق تېز تارتىلىپ كېتىشكە مۇمكىن ئىكەنلىكىگە، تىرىشىشنىڭ، قان قىزىققان خۇمارىنىڭ ۋۇجۇدىنى قانداق ئازغۇرۇش بىلەن مەھكەم ئىگىلەپ ئالارىنى روبېرت بورك كۆزەتتى، ئوردوك بىلەن كۆزمۇ - كۆز يولۇققۇسى كەلدى، ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ، سۆڭىكىدىن ئۆتۈپ، يىلىك ئىچىدىكى چۇچۇققا يەتكۈدەك قىلىپ ئۈنىنى قاتتىق چىقارماي: «قارا يۈزلۈكۈڭ مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇرمامدۇ!» دېگۈسى كەلدى، ئۇندىن كېيىن ھەممەيلەنگە: «ئوردوك قارا يۈز، مۇنداق نېمىگە ھۆكۈمدارلىقنى بەرمەسلىك كېرەك، چۈنكى ئۇ ھۆكۈمدارلىققا ئەزرائىلنىڭ ئۆزى بولۇپ كەلگەنلىكى بىلەن باراۋەر بولماقچى، ھەممىدىن قورقۇنچلۇقى-ئۇنىڭ ئەزرائىل ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەي قالدى!» دەپ ئېلان قىلغۇسى كەلدى، «ياق، ياق ! خىزمىتىم سىياسىي كۈرەش ئەمەس، ۋەزىپەم كاسساندرانىڭ بەلگىلىرى ھەققىدىكى رېئاللىقتىن قېچىش بىلەن يۇلۇنى بوشلۇق قىلىپ، مەسىلىنى يىلتىز تارتقۇزۇپ بالا-قازانى باشلىرىغا يىغىۋاتقانلىقلىرىنى كىشىلەرگە دەلىللەپ بېرىش، بىراق بۇ ۋەھىمىلىك رېئاللىق ئىكەنلىكىگە، شۇنىڭغا قارىماي ئۇنىڭدىن قاچماسلىق كېرەڭ ئىكەنلىكىگە، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى ئىزدەش زۆرۈرلۈكىگە، ئۇلارنى قانداقچە، قانداق قىلىپ ئىشەندۈرىمەن؟!».
    بورك ھاۋا يېيىش ئۈچۈن بالىكونغا چىقتى، كېچىدىكى ھاۋا سالقىن بولۇپ، كۈز پەسلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى، قاراڭغۇدا يوپۇرماقلار تىنىمسىز شىلدىرلاپ ئۇچۇپ چۈشۈۋاتاتتى، بورك سەل توڭۇشقا باشلىدى، ئاي تېز سۈرەتلىك تاش يولغا چىقىشىدىكى توقايلىق دۆڭگە تېگەر - تەگمەس بولۇپ، يېڭى چىقىپ كېلىۋاتىدۇ، بورك ئېگىزلىكى ۋە قاتمۇ - قات دېڭىز جىيىكىدىكى قۇم دۆۋىلىرى ئەسكە سالغان توقايلىق دۆڭلەرنىڭ نېرى تەرىپىدىكى گولف توپ دالىلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى، ئۇ ياققا بۇرۇنقى يىللىرى توپ ئويناش ئۈچۈن بېرىپ قالاتتى.
    ئۇندىن كېيىن، قىزىق، ئۇنىڭ ئېسىگە قاچاندۇر بىر كۆرگەن چۈشى كەلدى، كۆرسە، چۈش دېگەن قاچانقى بىر بولغان چىنلىق ھالىتىدە ئادەمنىڭ ئېسىگە قايتىدىن چۈشۈپ تۇرىدۇ، قايسى بىر كېچىسى، قىياسەن، يېقىندىلا، ئۇچۈش كۆرىدۇ، چۈشىدە ئەتراپىدىكىلەر، پۈتۈنلەي گولف توپ ئوينايدىغان كۆك مايسىرەڭ دالا، تۈن، ئاي نۇرى يەرگە تېگىپ تۇرىدۇ، كۆڭلى ئېچىلدى، سەگەك، بىراق ئوڭاي بولماي ئۇۋىدىكى توپ تاياقنىڭ زەربىسىنى پۈتۈنلەي پىسەنتىگە ئالمايدۇ، قانچىلىك كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئۇرمىسۇن، تاياقنى قانچىلىك كۈچىنىپ شىلتىسۇن، توپ دۈگۈلەپ قويمايدۇ، ئورۇندا قالغىنى قالغان، ئۇندىن كېيىن قانداقتۇر ئاسمان تەرەپتىن ئۇ دۇنياغا رىھلەت قىلىپ كەتكەن، كافېدرادا بىللە ئىشلىگەن خىزمەتدىشى، پروفېسسور ماكس فرائىد پەيدا بولىدۇ، -يۈرە،-دەيدۇ، ئۇ پروفېسسور ،-ئايغا ئۇچۇپ كېتىمىز، ئۇياقتا شۇنچىكى بىر گۈزەل دالالار بار، ئۇ يەردە گولف توپىنى ئوينايمىز،-ماكسنىڭ ئېيتقىنىغا كۆنۈپ، ئەگىشىپ ماڭىدۇ، ئۇلار گولف دالىلىرىنىڭ ئۈستىدىن لەيلەپ ئۇچۇشىدۇ، ئارقىدىن بولسا ئۇنى قايتىدىن چاقىرىپ، جېسسى يۈگۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ، نېمە ئۈچۈندۇر يىغلاپتۇ، بۇ قانداق چۈش؟ تاڭ قالارلىق، يەنە مۇنداق ئويلاپ كەلگەننى ئانچە ھەيران قالارلىق دېگىلىمۇ بولمايدۇ، ماكس قانچە ھېساب بىلەن ئۇتۇشنى ياكى ئۇتتۇرۇشنى يۇلتۇزلارغا قاراپ ئېيتىشقا تەمشىلەتتى، ئۇنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى گاھىدا دەل كېلىپ قالاتتى، بىراق كۆپچىلىك ۋاقىتتا سەگەكلىك،«كۆزى ئوچۇقلۇق» ئۇنى مەسخىرىگە قالدۇراتتى، بەلكىم ئۇ دۇنيادا ماكسنىڭ روھى بىر نەرسىنى سەزگەندۇر، ماكسنىڭ ئۆز سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، ئۇ ئەكسىچە بىر مۇنەججىملىك ئامىلىنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى قەرەلىدىن بۇرۇن كۆرۈپ، دوستىنى زەربە ئالدىدا زەربىدىن ئامان قالدۇرۇش ئۈچۈن ئايغا چاقىرغاندۇر، ھېلىقى چۈشكە كىرگىنى ئالدىنئالا ئەسكەرتىۋاتىدۇ.
    توغرا، ماكس تىرىك بولسا نامايىشتىكى ئىشلارنى كۆرگەندىن كېيىن، كېچىچە، ئۇلارنىڭ قېشىغا، نىيۇبېرىگە يېتىپ كېلىدۇ، ئۇندىن كېيىن بىر نەرسە ئۆزگىرىپ كەتمىسىلا ئۇ ئاشۇنداق شوخ، بىراق ناھايىتى كۆڭلى يۇمشاق، رايىش ئادەم ئىدى، گاھىدا رويالدا ئاددىي مۇزىكىلارنى جېسسىنى خۇش قىلىپ چېلىپ قوياتتى،خېلى يامان ئەمەس چالاتتى، جېسسى زوقلىنىپ قالاتتى: « دوستلىرىڭنىڭ ھەممىسى، بوب، ماكسقا ئوخشايدۇ، كلاسسىكىلىق ۋارىيانتتىكى كۈلكە قوزغايدىغان تالانت ئىگىلىرى دېگەنلەر دەل سىلەردەك كاھىنلار، بۇرادەرلىكنى قايتا تۈزسەڭلار بولىدىكەن، سەن ئوردىنىڭ تاجىدارى، يەنى ھەر جەھەتتىن ھۆكۈمدارى بولساڭ، ھەمدە كېلىشكەن يىگىت ماكس ئوڭ قولۇڭ بولسا، ھەممىگە ئۈلگۈرەلىگۈدەكسىلەر»، بىچارە ماكس، جېسسىگە خۇپىيانە ئاشق ئىدى، ئۇنى گاھى - گاھىدا گەپ - سۆز بىلەن تاماشاغا ئايلاندۇراتتى، كەيپ،مەستخۇش بولۇپ تۇرغان چېغىدا كۆڭۈلدىكىنى دېۋېتىش مەقسىتى بار ئىدى.
    «ھە، دېمەمسەن، روبېرت، كۆزۈڭگە قارىتىپ ئېيتاي، ھاياتىمغا چوڭ كاشىلا بولدۇڭ»، «بۇ نېمە دېگىنىڭ؟»، «ئەگەر سەن بولمىساڭ ئىدىڭ، مەن جېسسىگە ئاشىقلىقىمنى ئېيتماقچى ئىدىم»، «ئويۇمچە، ھازىرمۇ كېچىكمەيسەنغۇ؟»، «ياق، ئەگەر توغۇلمايلا قالغان بولساڭ، مانا شۇ چاغدىلا ئېيتماقچى ئىدىم»، «ئۇنداق بولسا قىلچىمۇ چارە يوق ئىكەن، تۇغۇلۇشۇم ئۇياقتا تۇرسۇن، تېخى يېنىڭدا ئولتۇرمامدىمەن»، «گەپنىڭ ھەممىسى دەل مۇشۇ يەردە، ئەمدى چۈشەندىڭمۇ، ماڭا قاتتىق توسالغۇ بولغانلىقىڭنى...»، «ماكس، دوستۇم، سەن تۇغۇلۇپ قالغان ئادەم ئالدىدا بايقاپ كۆر، ھەمدە سەن خالىغان ماسمۇ - ماس كەلگەن شەرتتە بۇنىڭ ھېچ قىزىقى يوق»، «ياق، ئالدىڭدا كۆزگە چېلىقمايمەن، پۈتۈنلەي...»، «قويساڭچۇ !سېنى ئاياللارنىڭ ھەممىسى ياقتۇرىدۇ، تەقى - تۇرقۇڭ كېلىشكەن، مۇنداقچە ئېيتقاندا، چىرايلىق يىگىت سەن، قاچاندۇر بىر ۋاقىتتا موتوسىكلىتتە غۇيۇلدىغان ئىدىڭ، ھەممەيلەن ئېغىزلىرىنى ئېچىشىپ قېلىشقان ئىدى، ئۇندىن باشقا سەن مەندىن ياخشىراق سەن»، «ھەئە، موتوسىكلىتچىمەن، سەن بولساڭ دۇنياغا تونۇشلۇق ئوقۇمۇش سەن، مەن موتسىكىلىتچىمەن، سەن بولساڭ، باي ئادەمسەن، يازغان كىتابلىرىڭغا زور قەلەم ھەققى ئالىسەن، پەيزى نيۇ بېرىدە چىرايلىق ئۆيۈڭ بار، ئايالىڭ ساڭا باخنىڭ، بىتخوۋېننىڭ مۇزىكىلىرىنى ۋىئولونوچېدا ئورۇنلاپ بېرىپ تۇرىدۇ، مەن موتوسىكلىتتە قالايمىقان چېپىپ يۈرىمەن، سەن مودىلاشقان نيۇبېرىدە گولف توپ ئويناپ يۈرىسەن، مەن بولسام موتسىكىلىتتە چېپىپ يۈرىمەن، سەن كرېمىلدە، ئاقسارايلاردا مۇنبەرگە چىقىپ نۇتۇق سۆزلەيسەن، مەن بولسام موتسىكىلىتتە چېپىپ يۈرىمەن...».
    «توختا، توختا! ماكس دېگەندەكلا بىچارە بولۇپ قاپسەن- دە، سەن موتسىكىلىتچى ئەمەس سەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ چاغلار ئۆتۈپ كەتتى، سېنىڭ ئۆز ئىلىمڭدە، سىياسىي جۇغراپىيىدە داڭقىڭ تاشنىمۇ يارىدۇ، پۈتكۈل سەييارىمىز قولۇڭدا، ئاندىن قالسا گەپ...»، «سەييارىدىلا ئەمەس، سەييارە نېمە بولۇپ قاپتۇ؟ سەن ئاۋايلا توساتتىن بىر ئىش بولمىسۇن، ئاننا ئوماق پولەك قىزلىرىنىڭ پۇختىسىنىڭ پۇختىسى، ئۇقۇپ قالسا نامىڭ نېمە بولىدۇ؟! جاڭجال چىقارمامدۇ، موتوسىكلىتىڭ ياردەم بېرەلمەيدۇ! ئاننا بولسا خىيالىدا سېنى ھېچكىمگە تەڭ قىلمايدۇ»، «راست، روبېرت، سەن مېنى سۆز بىلەن قارمىدىڭ، ئاننا ھەققىدە ئېيتقىنىڭ توغرا، ھەمدە ھېلىقى پلانېتا ھەققىدە ئېيتقىنىڭ ئانچە توغرا ئەمەس، سىياسىي ئىشلاردا ھەممىنى بىلىش كېرەك، ئۇنىڭسىز ،يەنى ھەممە ئىشنى بىلمەي تۇرۇپ سىياسىغا ئارىلىشىشنىڭ ئورنى يوق، بۇ ئالاھىدە، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشقا تەييار تۇرغان ئىلىم، بۇ، مەن ئېيتاتتىمغۇ، مەن مەلۇماتلارنىڭ بانكىسى، شۇنداق بۇ جەھەتتىن ئالغاندا مەن دۇنياۋى بانكىر، 20 - ئەسىرنىڭ روتشىدى دېسەڭمۇ بولىدۇ، ھەممىدىن  خەۋەردارمەن، ھەممىنى ئۇقىمەن، ئۇندىن كېيىن نېمە بولىدۇ؟ ئاسماندا خۇدامۇ ھەممىنى بىلىپ، ھەممىنى كۆرۈپ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، دېيىشىدۇ، بىراق خۇدانىڭ قولىدىن ھېچنېمە كەلمەيدۇ.»
    بۈگۈن يوق، ماشىنا ۋەقەسىدە جان تەسلىم قىلدى، ئۇچۇپ كۆيۈپ يۈردى، ئاننا دەررۇ قېرىشقا باشلىدى، ئوغلى ئۆيلەنگەن، ئۆزى ئايرىم ياشايدۇ، جىسسى ئىككىسى تېلېفون بېرىشىپ تۇرۇشىدۇ، بەزىدە كۆرۈشىدۇ، ئاخىرقى رەت ئاننا ۋاقتىدا كەلدى، ساپ ھاۋادىن دەم ئېلىپ، سەيلە قىلىش ئۈچۈن، ئويلىغانلارنى كۆرۈش ئۈچۈن ھەممىسى گولف توپ مەيدانىغا بېرىشتى، ياخشى ئارام ئېلىشتى، شۇ تەرەپتە، دۈڭگۈر(گولف) توپ كۇلۇبىدا چۈشلۈك غىزا يېيىشتى، ئۇندىن كېيىن ئۆتكەن كۈنلەر ھەققىدە سۆز ئۆز - ئۆزىدىن چىقىپ كەتتى، كۆپ گەپ قىلىشتى، مەرھۇم شۇ يەرلەرنى ياخشى كۆرەر ئىدى، غۇژۇلداپ كېلىپ قالدى....
    ۋاھ، ھەيرانمەن، دوستۇم ماكس فرايىد، سەن ھېلىقى ئادەملەرنىڭ ئەقلى بىلەن ۋۇجۇدىغا، مۇنداق قىلىپ غەم - غۇسسە چۈشۈپ، دۇنيادا بولۇۋاتقان ئىشلارنى كۆرسەڭ نېمە دەر ئىدىڭ، نېمە قىلار بولغۇيتۇڭ، كۆزگە كۆرۈنمەس ئىرسىي قۇيۇن كۆتۈرۈلۈپ، پەلەكنىڭ چاقى ئايلىنىۋاتىدۇ، ئەمدى ئىككى ئىشنىڭ بىرسىنى قىلىش كېرەك، باشقىلار نېمە بولسا شۇ بولسۇن، ئۆزۈم ئامان بولسام بولدى، دەپ كۆپچىلىكنى ئويلىغاندەك «كۆزۈم كۆرمىسىلا مەيلى، كاسامنى بۆرە يېسۇن» دېگەندەك قىلىپ، قورققاندا بېشىنى قۇمغا تىقىۋالغان تۆگە قۇشنىڭ خۇيىنى چىقىرىش كېرەك ياكى يالتايماي، تەڭرىنىڭ كۆزىگە تىك قاراپ تەڭرىنىڭ كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشنى قوبۇل قىلىش كېرەك، چۈنكى تەڭرى ئاگاھلاندۇرۇپلا قويىدۇ، كېلىشىش ئۆزىمىزدىن بۇ جەھەتتە ماكس فرايدنىڭ دېگىنى چىن بولدى، ھېلىقى چۈشكە كىرگىنى بىكاردىن ئەمەس، دېمەك، ئالدىنئالا سېزىپ، خەۋپلەندى، ئاپەتتىن بۇرۇن ساقلاپ قالغۇسى كېلىپ چاقىردى، ئايدىكى گولف توپ مەيدانىغا چاقىردى، بىراق ئەمدى ۋەزىيەت قانداق بولار، چۈنكى ئوردوك ھەقىقەتەندىمۇ مەسىلىنى بۇرمىلاپ قويدى، ئەل - جامائەتنى كۆز قىرىغىمۇ ئېلىپ قويمىدى، ئالاقىزادە قىلىپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قىران بۈركۈت بولۇپ كۆرۈنۈش ئۈچۈن بوركنى كىشىلەر ئالدىدا سىياسىي جەڭگە چاقىرىپ قويدى، ئەمدى بورك تەييارلىنىشى كېرەك، ھېلىقىنىڭ چاقىرىقىنى قوبۇل كۆرۈپ كاسساندرا تامغىسى ھەققىدە ئۆز سۆزىنى ئېيتىشى فىلوفېينى ھەر خىل كۈشكۈرتۈشلەردىن يەنە سىياسىي پۇرسەتپەرەسلەرنىڭ قىلتىقىدىن ساقلاپ قېلىشى كېرەك، ئۇندىن كېيىن ئوردوكنىڭ ھېلىقى قىلىقىنى بۇندىن باشقا نېمە دېمەكچى سەن، ئاھ، ياراتقان ئىگەم، كېچە سائەت ئىككى بولاي دەپ قالغاندا، قوياي بولدى، ئولتۇرۇپ ئىشلەي، دەپ بورك ئېسىگە كېلىشكە باشلىدى، توختاۋسىز ھەرىكەتلىنىش كېرەك، چېكىنىشكە يول يوق، ئىشخانىغا قايتىپ كېلىپ، كىرەردىكى ئەينەك ئالدىدا توختىلىپ قالدى، ئۇيقۇسىز قالغان ئىككى كۆزى چوغدەك قىزىرىپ خىيال بىلەن قايغۇغا تولغان ئىدى، چاچلىرى پۈتۈنلەي ئاقىرىپ كېتىپتۇ، ھېلىمۇ ياخشى باشقىلارنىڭكىدەك بولۇپ چۈشۈپ كەتمەيدۇ، يېقىندىلا گېرمانلار بىلەن مۇخبىرلار بىلەن يېنىدىن كېمىدە ئۈزۈپ ئۆتكەن رېيىن ساھىلىدىكى ھېلىقىدەك ئوخشىتىش، چاقچاقلار بىلەن بەھەيۋەت، ئېگىز تاغ قىرىدەك قېرى ئۈچۈن ئۇلار ئۇنىڭ سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ «بەھەيۋەت ئېگىز تاغ بىلەن سۆھبەت» دەپ نام قويۇشۇپ قالدى، بىراق كۆپ ئۆتمەي، بورك ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندا، كاھىن فىلوفېينىڭ چاقماق- يىلدىرىمى چاراقلاپ، كۈن توسۇلۇپ شەيتاننىڭ شاپىلىقىدەك بولغان ئولىۋېر ئوردوك دېگەن نېمىنىڭ چىقىپ قېلىشىنى ئۇلار بىلگەن ئەمەس، شۇنداق قىلىپ تۇتۇشۇشقا توغرا كەلدى.
    بورك كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇراي دېگەندە تىۋىش ئاڭلاندى، تۆۋەن تەرەپتىن جېسسى كېلىۋاتاتتى.
    -ھەي ئىشىڭ قانداق؟ ئۇ بوسۇغىدىن سوراپ قالدى.
    -قانداق بولاتتى، ئىشلەۋاتىمەن،- دېدى ئۇ، نېمىگىدۇر ئېسىگە كېلىپ قالغان قاچانقى بىر چۈشنى ئۇنىڭغا ئېيتىشقا ئاغزىنى ئۈمەللەپ كېلىپ، جىم بولۇپ قالدى.
    جېسسى چارچىغان ھالەتتە كۆرۈندى، شۇنداق بولسىمۇ ئۇنىڭ كۆزلىرىدە قانداقتۇر بىر ئۇچقۇن چاقناپ تۇراتتى.
    -ساڭا توسالغۇ بولماي دېگەنتىم، بوب، بىراق سېنى تاڭ قالدۇرغۇم كېلىۋاتىدۇ.
    -قېنى، مېنى سەن قانداق ھەيران قالدۇرماقچى؟
    -مانا، بىر قۇچاق قەغەز ئېلىپ كەلدىم، بەلكىم ساڭا كېرىكى بولۇپ قالار.
    -ئۇ نېمە قەغەز ئىكەن؟
    -فاكس، كىمنىڭ دېگىن، ئەنتونى يۇنگېرنىڭ.
    -ئەنتونى يۇنگېرنىڭمۇ،- دەپ قايتا سورىدى،- نېمە دەپ يېزىپتۇ؟!
    -يەنە مەن ساڭا بارلىق تېلېفونلارنى ئۈزۈۋەت سورىنىمەن، دەپ ئېيتمىدىممۇ، ھارماي تېلېفون بەرگەن بولسا كېرەك، بىراق ئۇنىڭ تېلېفون بېرەرىنى كىم بىلىپتۇ، ئۇدا ئەمدى ئايۋاندىكى فاكسنى ئۆچۈرۈشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، خىيالىمغا كەلمەپتۇ، بىر مەھەللەردە شىرق-شىرق ئۈن چىقىدۇ، قارىسام، تۈرمەك-تۈرمەك قەغەز، مە، ئوقۇ، ھەر بىر ۋاراقنىڭ بېشىغا «خۇدا ئۇرغۇر، فاكسنى ئۆچۈرمەڭ!» دەپ يېزىپتۇ، ئۇ، ھازىرمۇ ئۇنىڭ فاكسى ۋاراق ئارقىدىن ۋاراق بولۇپ كېلىۋاتىدۇ، ئاڭا نېمە بولۇپ كەتتىكىن؟ بىچارە يىگىت، سەن ئوقۇۋەر مەن قالغانلىرىنى يەنە ئېلىپ كېلىپ بېرىمەن.
    كۈتۈلمىگەن ئىش، كېچە سائەت ئىككى، كىمدۇر بىرسى ۋاراق ئارقىدىن ۋاراققا خەت پۈتۈپ فاكس ئىبەرتىۋاتىدۇ، يازغاندىمۇ، ئۇنى مەن بىلەن تېلېفوندا بىر قېتىم سۆزلەشكەن چالا تونۇش ئەنتونى يۇنگېر يېزىۋاتىدۇ، بىراق سايلام ئالدىدىكى نامايىشتا كۈشكۈرتۈش ۋە ئېزىقتۇرۇشنىڭ يايداق ئېتىنى يۈگەن، ئېغىزدۇرۇقسىز مېنىۋېلىپ چېپىپ كېتىۋاتقان ئوردوكنى، نەتىجىسىز بولسىمۇ تىزگىنىنى تارتىپ توختىتىشقا پېتىنىش بىلەن پرىنسىپال، رەسمىي قەدەم تاشلىمىدىمۇ-ئۇ، ئوردوكنىڭ گورۇھىدىكى ئادەم، كۆپچىلىكنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆزلىرىدىن بۆلۈنۈپ ئۇنىڭ سىياسىي قۇربانلىقىنىڭ تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتمىدىمۇ، نامايىشتىن كېيىن ئۇ قانداق ئەھۋالدا قالغانلىقىنى ئويلاش ئانچە قىيىن ئەمەس، ئوردوك ئۆزى يەنە ئۇنىڭ ئىخلاس بىلەن بېرىلگەن گورۇھى، سۆزسىزلا خائىندەكلا يۇنگېرنى گۇناھكار دەپ قارىدى، ئوردوكنىڭ قانىتىنىڭ ئالدىدا مەنسەپكە ئېرىشىش ھەققىدە ئەمدى ئويلىماي تۇرسا بولىدۇ، تەڭتۇش قۇرداشلىرى شىلدىڭلاپ كۈلۈپ تۇرۇشقان بولسا كېرەك، مۇنداق قىلىپ ئۆز يولىنى ئۆزى تورىغان بولۇپ بۇرۇن كۆرۈلمىگەن ئىش، مانا مۇشۇنىڭدىن قىيىن بولغىنى ئۇ ئوردوك ئابرويىنى خېلىلا تۆككەن، ئاممىۋى نامايىشقا قاتناشقان ئادەمگە ياردەم بېرىشكە پېتىنىپ ئولتۇرىدۇ، ئەنتونى يۇنگېرنىڭ ئالدىدا بورك ئۆزىنى ئوڭايسىز سەزدى، بىراق، شۇنداق بولسىمۇ كۆڭلى بىر ئاز ئارامىغا چۈشتى، ھېچقاچان، ھېچكىمنىڭ ئاڭا باغرى ئاغرىپ ياردەمگە قول سۇنۇپ باققان ئەمەس، چۈنكى، ئۇ ھەمىشە كۈچلۈك، ئۆزىگە - ئۆزى ئىشلەنگەن يىگىت، ئەمدى بولسا بوكس مەيدانىغا كۈچ بىلەن سۆرەپ چىقىرىلدى ئەمەسمۇ؟! كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا كۆك ئالا قويدەك سويۇلۇپ، بوكس مەيدانىغا دۈم چۈشتى، يەنە ھازىرچە كىشىلەرنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەي تۇرۇپ ئۆزىنى كۈچەيتمەكتە، ئەمدى ئۆز ئەركى بىلەن، ئۆمرىنى تەۋەككۈلغا سېلىپ، قايتىدىن تۇتۇشۇشقا، ھۇجۇمغا چىقماقچى، مانا مۇشۇنىڭ ھەممىنى چۈشەنگەن يۇنگېر ھەر بىر ۋاراقنىڭ بېشىدا: «خۇدا ئۇرغۇر، فاكسنى ئۆچۈرۈپ قويماڭ!» دەپ يېلىنىپ ئولتۇرىدۇ.
    «بورك ئەپەندى، ئۆيىڭىزدىكى تېلېفونلىرىڭىزنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىشلىمەي قالغانلىقىنى چۈشىنىۋاتىمەن،- دەپ يېزىپتۇ يۇنگېر، سىزنى ھېچقاچان زېرىكتۈرمەس ئىدىم، بىراق ئەھۋالىمنىمۇ چۈشىنىپ قويسىڭىز، ئەگەر ھازىر ئالدىڭىزدا ئېگىلىپ تۇرۇپ، سىزگە ئېيتىپ قويۇشقا قەرزدار بولغان نەرسىلەرنى فاكستا بولسىمۇ بىلدۈرۈپ قويمىسام بۇ مەن ئۈچۈن ھەقىقەتەندىمۇ ئۆلۈم بىلەن باراۋەر، سايلام ئالدىدىكى نامايىشتا بولغان ۋەقەدىن كېيىن، جېنىمنى قويىدىغانغا يەر تاپالمىدىم، مەن ھەممىگە، ھەتتا جان پىدا قىلىشقىمۇ تەييار مەن، ئەگەر ئۇنىڭ قانداقتۇر بىر ياردىمى بولىدىغانلار بولسا، ئاشۇنداق كەيپنى ئۇچۇرار سۆزۈم ئۈچۈن مېنى كەچۈرۈپ قويۇڭ، بىراق ئوردوك بىلەن بولغان بۇنداق ئادەم يىرگىندىغان ۋەقەگە سىزنى تارتىپ ئولتۇرمامدىمەن، بۇنداق مەيدىسىگە ئۇرىدىغان، ئۆز نامىنى ئۆزى چاقىرغان ۋىجدانسىز، سېسىق سىياسەتۋازغا سىزنى نىشان قىلىپ بېرىۋاتىمەن، مەن كىمگە خىزمەت قىلىپ، كىمنىڭ كەتمىنىنى چاپقان، تەلەيسىزلىكىم بىلەن بىرەر ئىشقا ئاسان ئىشىنىدىغانلىقىممۇ مېنى شۇ كۈنگە قويىدۇ، ماڭا تېخى ئازلىق قىلىدۇ، بىراق ھازىر سۆز مەن ھەققىدە كېتىۋاتمايدۇ، كەچۈرۈڭ، خۇدا ئۈچۈن، گەپ ئەمدى بۇنىڭ تاشايىنىدا نېمە قىلىش كېرەكلىكىدە، شۇ ھەقتە، كاسساندرا  تامغىسىنى نېمە قىلىمىز، دېمەكچى بولغىنىم...»
    بۇ يەردىن بىر ۋاراق خەت تۈگەپ كېيىنكىسى بايىقى ئۆتۈنۈش بىلەن باشلىنىدىكەن، «فاكسنى ئۆچۈرمەڭ، خۇدا ئۇرغۇر!».
    شۇنداق قىلىپ، بورك ئەپەندى، بۇندىن سىرت نېمە قىلىش كېرەك؟
    بۇ ئىشتا ئۆزۈمنىڭ ئەخمىقانە ئىش قىلغانلىقىمغا قارىماي، ئايرىم بىر ئويلىرىمنى ئېيتىشقا رەھىم قىلىڭ، بەلكىم پايدىسى تېگىپ قالار.
    بورك ئەپەندى، ئېيتىشقا قانچىلىك ئېغىرلىق قىلغان بولساممۇ ئېيتاي، سىزگە ئاشۇلارنى ئىلتىماس قىلغانلىرىمغا پېتىنغانلىقىمغا ئالدىنئالا ئۆكۈنىمەن، بىراق، ئەمدى ئۆزۈمنى ئاياپ ئولتۇرغۇدەك يېرىم يوق، سىزنىڭ ئالدىڭىزدا كۆڭلۈم شۇنچىلىك، ئەمدى ماڭا ھەممىسى بەرىبىر.z
    ئېيتاي دېگىنىم -بولارى بولغاندىن كېيىن ئوردوكنى يالغان ئېيتقانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەشكە بولىدۇ، چۈنكى ئۇ سىز بىلەن روبىرو سۆھبەتلشكەنلىكىگە تايىنىۋاتمامدۇ؟! ئۇنىڭ بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەن،ۋە بەلكىم سۆزلەشمىگەنسىز، سۆزلەشكەندىمۇ باشقا ئىش -نەرسىلەر ھەققىدە سۆزلەشكەنسىز، بۇ شۇنداقلا ئوردوكنىڭ ئۆزىگە يارىشا مۇئامىلىنىڭ جايىدا بولغىنىدۇر. ئۇنىڭ قارا يۈزلۈكىگە يارىشا قىلىنغان مۇئامىلە ۋە سۆزلەشكىنىڭلار يېزىلىپ قالمىدى، مەن ئۇنى بىلىمەن، كېپىل بولالمايمەن، ئويلىنىپ كۆرۈڭ، شۇنداق قىلىشقا بولىدۇ دېسىڭىز مەن ئۇنىڭ ئابرويىنى قاتتىق تۆكىدىغان كۈچلۈك تەسىردە ئىش ئۇيۇشتۇرىمەن، ئۇنداقتا ئاممىۋى تەشۋىقات ۋاستىلىرى ھەممە يەرنى قاپلاپ كېتىدۇ، بىراق، كۆرۈشتىن، ئاڭلاپ تۇرۇشتىن ئەلۋەتتە باشقا يولىمۇ بار، ئەگەر بورك ئەپەندى فىلوفېينىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشەنسىڭىز، يەنە چىنلىق ئۈچۈن ئۆز پىكىرىڭىزدە چىڭ تۇرسىڭىز، سىز بىلەن ئاداققىچە چىڭ تۇرىمەن، ئەلۋەتتە، بۇ يەردىمۇ خىزمىتىم غەۋغالىق،شۇملۇق بولماقچى . سىزنىڭ يېقىن ياردەمچىڭىز بولۇپ بېرەلەيمەن، بۇنىڭدا سىز باش تارتمايمەن دېسىڭىز، ئالدىمىزدا چوڭ ئۇرۇشۇش تۇرغانلىقى ئايدىنمۇ ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.' A3 v- H1 ]  V( g% c
    ۋەزىيەت شۇنداق بولۇۋاتىدۇ، ھازىرقى ۋاقىتتا سىز مەيداندىكى يالغۇز چەۋەنداز، كائىناتىي كاھىننى ئوچۇقتىن - ئوچۇق ياقلىغان، ئۇنىڭ قىيامەت قايىملىق ئۇقۇم ۋە كۆز قاراشلىرىنى قوللىغان ، بەلكىم، پۈتكۈل سەييارىدىكى يەككە - يىگانە ئادەمسىز، سايلام ئالدىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن، ئوردوكنى يۈزمۇ - يۈز تۇرۇپ قوللىغان «بىرلىككە كەلگەن خەلق فرونتى»دىن كېيىن فىلوفېينىڭ ئىختىراسىنى قوللاپ ئېيتار سۆزى بار بەزى كىشىلەرمۇ ئېھتىيات قىلىشىپ ئۈن چىقىرىشماي قالدى، شۇنداقلا خەلقنىڭ زور كۆپچىلىكى...».
    «فاكسنى ئۆچۈرمىسىڭىز ئىكەن، خۇدا ئۇرغۇر! شۇنداق قىلىپ بورك ئەپەندى !يىغىلىشتىكى سايلامچىلارنىڭ تەرىگە قارىغاندا، خەلقنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى، ھەتتا تىلەككە قارشى دۆلەتنىڭ پۈتكۈل خەلقى دەپ ئېيتسىمۇ بولىدۇ، كاسساندرانىڭ تامغىسى بويىچە ئالەمىي تەجرىبىگە قارشى، كاسساندرا ھامىلىلىرى ھەققىدە خەلقنىڭ بىرەر نەرسىنى ئاڭلىغۇسى يوق، بىلگۈسى يوق، ئاياللار تاپقۇر نۇرلارنىڭ نازارىتىدە بولۇشنى خالىمايدۇ، «ئالفا بېيسبول» دىكى يىغىلىشتا بولغان ۋەقەنى بارلىق مەلۇماتچى، ئاگېنتلار بەردى، شۇنىڭغا ئەگىشىپ شتاتلاردا ئوردوكنىڭ قەدىر - قىممىتى دەررۇ كۆتۈرۈلدى، ھازىر ئۇ ئىنسانىي ھوقۇقنى روبىرو تۇرۇپ قوغدىدى، ئايال، ئانىنىڭ ئەزەلدىن بېرىكى مۇقەددەسلىكىگە چاڭ قوندۇرماسلىق يەنە ئۇ ئېيتقاندەك فىلوفېيچىلارنىڭ كىمى بولمىسۇن، ئۇلار قانداق يەرلەردىمۇ يۈرمىسۇن  مەيلى يەر يۈزىدە، مەيلى كائىناتتا بولسۇن ئۇلارنىڭ قارا سانايدىغان ئىشلىرى بىلەن جان ئايىماي كۈرەش قىلىشى ھەققىدە كىشىلەرگە بىلدۈرۈش قىلدى، تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقاي دېدى، سىزنىڭ فوتو سۈرەتلىرىڭىزنى، بورك ئەپەندى مۇشۇ تاپتا تېلېۋىزىيە ئېكرانلىرىدا ئېنىق كۆرسىتىشىپ تېگىشلىك چۈشەندۈرمىلەر بىلەن بىرگە نامايەن قىلىۋاتىدۇ، موسكۋادىن فىلوفېينىڭ فوتو سۈرەتلىرى تېپىلىپتۇ، ئۇ سۈرەتلەرمۇ ئىشلىتىلدى.
    بۇلارنى يېزىۋاتقىنىمدا تېلېفونلارنىلا ئەمەس، تېلېۋىزورلىرىڭىزنىمۇ ئۆچۈرگەن بولسىڭىز كېرەك دەپ ئويلىدىم، سىزنى نامايىشنىڭ نەتىجىلىرىنىڭ ، ۋەقەلەرنىڭ بەتتەر، تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىلىۋالسۇن دېگىنىم، بۇ جەريان كۈچ ئالىدۇ، تېخىمۇ كۈچىنىپ لاۋۇلدايدۇ، دەپ قورقىمەن.».
    فاكسنى ئۆچۈرمىسىڭىز ئىكەن، خۇدا ئۇرغۇر! شۇنداق قىلىپ بورك ئەپەندى، بۇ بولغۇلۇق كۈچىيىپ لاۋۇلدايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سىز مۇنداق ۋەزىيەتتە ھەممىدىن بۇرۇن قانداق پوزىتسىيىنى ،ھەرىكەتلىنىشنىڭ قايسى يولىنى تاللاپ ئېلىشىڭىزنى ھەل قىلىۋېلىشىڭىز كېرەك دەپ ئويلايمەن، چۈنكى، «جۇغلانمىنىڭ نازارەت قىلىنىشى» غا ئۇلار مۇشۇنداق نام بېرىشتى، قارشى تەكشى قىيقىرىپ چىقىشلار باشلىنىشى مۇمكىن، ئەگەر سىز «مۇنبەر» گە ماقالە تەييارلاپ تۇرسىڭىز، ئۇنداقتا تەھرىراتقا بېرىشىڭىز كېرەكمۇ ياكى ئۇندىن كۆرە ماتېرىيالنى فاكس، تېلېكس ياكى كىمدۇر بىراۋ ئارقىلىق ئىبەرتىشىڭىز دۇرۇسمۇ، شۇنى ئويلىنىڭ، چۈنكى ،ئاڭلىغىنىمغا قارىغاندا، تەھرىراتنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىدا لەۋھەلەرنى كۆتۈرۈشكەن نامايىشچىلەر يىغىلىشىپ، قورقۇتۇپ، ئۈركۈتۈپ، قىيقىراپ تۇرۇشۇپتۇ، گېزىتخانىنىڭ ئىمارىتىنى كېچىمۇ-كۈندۈز بولسىمۇ تەقىبكە ئالىمىز دېيىشىپتۇ، مۇنداق ۋاقىتتا غەزەپلەنگەن كىشىلەرگە ساقچىلار دائىما چىداشلىق بېرەلمەيدۇ، بىلدۈرگەن خەۋىرىم بىردىن - بىرى سوغۇق، شۈم. كەچۈرۈپ قويۇڭ.
    يەنە قايتىلاپ ئېيتاي: سىز جەڭ مەيدانىدىكى يالغۇز چەۋەنداز، فىلوفېي كائىناتتا دۈشمەنلىرىنىڭ قولى يەتكۈسىز يەردە، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە تىلەكداشلىرى بىلەن  بىللە ھەرىكەتلىنىشكە مۇمكىنچىلىكىدىن ئاجراپ تۇرماقتا، قايسى يولنى تاللىۋېلىشىڭىزنى ھەل قىلىڭ.
     سىز باشقىلار چۈشەنمىگەن، ئۇدۇللۇق ئوڭايچىلىققا قاراپمۇ چۈشەنگۈسى كەلمىگەن، كور بەندىلەر چۈشەنمىگەن نەرسىنى چۈشىنىپلا قالماي، يەنە قوللاپ چىقتىڭىز، سىز تەنھا، بۇ يالغۇز ئادەمنىڭ بۇرچى، چوڭ، ئۇلۇغ ئىشنىڭ ھەممىسى كۆپ ۋاقىتلاردا تەنھا ئادەمنىڭ بۇرچى بولۇپ قالىدۇ، نېمە ئۈچۈن تۇرمۇشتا شۇنداق ئەھۋاللارنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمەيمەن، قانداق، بولغان كۈندىمۇ مەن سىز بىلەن بىرىكىمەن، سىزگە تىرەك بولۇشقا تەييارمەن، باشتا يازغىنىمدەك سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئۆز گۇناھىمنى سەزگەنلىكتىنلا ئەمەس، بەلكى سۆزلىشىشنى ئوردوكقا ئىلتىماس قىلغان مەن، ئەڭ دەسلەپكىسى، فىلوفېينىڭ مەپكۇرەلىرىگە ئۆزۈم بېرىلىپ قالغانلىقىمدىن، ئادەمزاتنىڭ كېلەچىكىگە ئۇ ئىككىڭلارنىڭ مەھكەم باغلانغانلىقىڭلارنى چۈشەنگەنلىكىمدىن شۇنداق قىلماقچى مەن، بەلكىم شۇ ۋاقىتقىچە ئادەم ئادىشىپ كېلىپ، ئەمدى ياكى ئەقلىڭگە كەل! ئوڭلان ياكى نەسلى قۇرۇپ يوق بولۇپ كەتكەن چۇپپۇرپىلدەك، قەدىمكى جانلىقلار ئىلمىي ھاسىل قىلغان قاتلىمىغا قېلىشقا تەييارلان! دەپ ئۆزىگە خىتاپ قىلىدىغان مەزگىل كەلگەندۇر.
    كەچۈرۈڭ، بۇ ۋاراقمۇ تۈگەي دەپ قالدى! «فاكسنى ئۆچۈرمەڭ، خۇدا ئۇرغۇر، ھېلىھەم ئېيتىدىغىنىمنى ئېيتىپ پۈتتۈردۈم، بورك ئەپەندى، كەچۈرۈپ قويۇڭ، گېپىمنىڭ نان بېرىدىغان يېرىگە ئۆتەي . ئويۇمچە، ئەتىسى يوق بولغان، لېكىن بۈگۈنكىسى بولۇپ بولغان كۈن كۆپ نەرسىنى بىلدۈرىدۇ، جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان خەۋەرلەر بىلەن مىش-مىش گەپلەر ئاھاڭداش باشلاندى، بۇ ئالامەتتە يەككە - يېگانىلىك، ماسلاشماسلىقلار بولسا سىزنىڭ ئېيتىدىغان سۆزىڭىز، سىزنىڭ كۆپ قارىشىڭىز ھەم ئويىڭىزنىڭ نېگىزى بولماقچى، قانداق ھەرىكەت قىلاي دېدىڭىز؟ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا چىقامسىز؟ ئۇنداق بولسا ئۇنى ئۇيۇشتۇرۇشقا، قاتنىشىشقا، نېمە كېرەك بولسا ياردەمگە تەييارمەن.
    ئۇندىن باشقا، سىزگە، نيۇبېرىگە تاڭ سەھەرى بىلەن يېتىپ كەلگۈچىلەرنىڭ ناھايىتى كۆپ بولۇشى شەك - شۈبھىسىز، ئايرىم زىيارەتچى مۇخبىرلارمۇ بىشارەت بەرمەي كېلىشىدۇ، ئەگەر ھېچكىم بىلەن يولۇقۇشقىڭىز كەلمىسە كۆرۈنەرلىك بىر يەرگە: «ھېچكىم بىلەن ئۇچراشمايمەن، يەنە تىنچىمنى ئالماسلىقىڭلارنى سورىنىمەن» دەپ يېزىپ ئىلىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
    مەن نيۇبېرىدە گولف توپ مەيدانلىرىدا، شەھەر سىرتىدىكى باغچىلاردا بولغان، ئۇ يەر مەن تۇرغان رىدىنگتىن ئوتتۇز مىنۇتچىلىك يول، ئەگەر خالىسىڭىز كېلەي، سىز بىلەن ئىشنىڭ تېگىنى تەھلىل قىلايلى، شۇندىن كېيىن سىزگە ئادرېسىمنى بىلدۈرۈپ قوياي.
    بورك ئەپەندى، كېچە سائەت تۆت بولاي دەپ قالدى، فاكسىم قولىڭىزغا تېگىپ ئوقۇيدىغۇ دېگەن ئۈمىد بىلەن تىنماي يېزىۋاتىمەن، سىزگە ئېيتىدىغىنىم شۇنچىلىك كۆپ ئىدى! چۈنكى دۇنيادىكى بولۇۋاتقان ۋەقەلەرنى ھەتتا كۈنسايىن نەشىر ئەپكارلار خەۋەر قىلىپ تۇرغانلارنىمۇ، يازاي دېگەن ئىدىم، كۈلتۈر، بۇ ئىشلار مەدەنىيەتنىڭ بوھرانىنى بىلدۈرۈپ تۇرمامدۇ؟! شۇ شەرتلەردە يورۇق دۇنياغا بوۋاقنىڭ كېلىشى مانا ئەمدى كەڭرى دالاغا چىقىپ كېلىۋاتقاندەك سېزىلىدۇ، بىراق ئۇ نەدە، شۇ مانا كەڭرى دالا، ھاياتلىقنىڭ قايسى چەكلىرىدە يوشۇرۇنغان، بۇلارنى ئادەمنىڭ ئوي - خىيالىدىمۇ، ئىش - ھەرىكەتلىرىدىمۇ دۇنياۋى ئىلىملاردىمۇ ياكى كۈندىلىك ئىشلىرىدىمۇ كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن كۆرسىتىش مۇمكىن ئەمەس.
    مانا ھازىرلا تېلىۋېزىيىدىن كۆرسىتىشتى، موسكۋادىكى قىزىل مەيداندا، ئۇ يەردە مېڭىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرەتتىم. ئادەم كەيپىنى ئۇچۇرىدىغان ۋەقە بولۇپتۇ. نامايىشچىلارنىڭ ئىككى سېپى توقۇنۇشۇپتۇ، ئېغىر سانائەت يىغىندىلىرىنى ياقلىغۇچىلار بىلەن زايومچىلىقنى قوللىغانلار... نەتىجىدە، بىر قىز ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى، كۆپچىلىكنىڭ كۆز ئالدىدا كۆيۈپ ئۆلدى، ئادەم چىداپ بولالمايدىغان كۆرۈنۈش سىياسىي ئوبزورچىلارنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، بالانىڭ ھەممىسى شۇ كۆيۈپ ئۆلگەن قىزنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ھەمراھىنىڭ نامايىشقا كۆتۈرۈپ كەلگەن پلاكاتىدىن باشلانغان ئىمىش، ئۇ پلاكاتتا... مەن ھازىر ئاخىرىنى دەيمەن، ۋاراق تۈگەي دەپ قالدى...».
    «فاكسنى ئۆچۈرمىسڭىز ئىكەن، خۇدا ئۇرغۇر، قىزىل مەيداندا روي بەرگەن ۋەقەنى ئېيتىپ بېرەي... بورك ئەپەندى، گەپنىڭ ھەممىسى شۇ پلاكاتتا؛ «ئادەم يورۇق دۇنياغا قۇرال ياساپ چىقىرىش ئۈچۈن تۇغۇلغان ئەمەس!» دەپ يېزىلغانلىقىدا، گەپ ئۆزىدىن-ئۆزى چۈشىنىشلىك، مۇنداق يېزىش روسىيىدە «دۆلەت مۇداپىئەچىلىرى» دەپ ئاتالغانلارنىڭ مەملىكەت ۋە قەۋم باشقىچە ئېيتقاندا تەقدىرى تەرىپىدىن ئادەملەرنى قىرىپ يوقاتقۇچى قۇرال-ياراقلارنى نۇقۇتتەك ئوقتىن باشلاپ («دۆلەت مۇداپىئەچىلىرى» دۇنيا مىقىياسىدا ھەر بىر ئادەمنى يۈزدىن ئوق بىلەن غەمسىز قىلىشقا كاپالەتلەندۈرىدۇ) ئاۋازدىن تېزئۇچار ئايروپىلانلارغا كۈن-تۈن دېمەي ئوكيان چوڭقۇرلىقىدا مۆكۈپ، بۇيرۇق كېلىشى بىلەنلا قىتئەلەر ئارا راكېتالارنى ئېتىشقا تەييار تۇرغان ئاتوملۇق ئېغىر سۇ ئالدىدىكى پاراخوتلارنى ئىشلەپ چىقارغۇچى سانائەت ساھەسىدە ئىشقا چېگىلگەنلەرنىڭ ئوغىسىنى قايناتتى، بۇ ساھەگە كەتكەن ئەمگەك، سەرپ قىلغان ئىقتىساد،-دەيدىكەن ھېلىقى ئەقىللىق ستودېنت ھەتتا، بىزنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھەربىي سانائەت يىغىندىلىرىمۇ مۇشۇنداق مۇئامىلىگە ئەرزىيدۇ، ئامېرىكىمۇ ئۆزىگە ئوخشىغانلارنى قىرىپ يوقاتقۇچى قۇرال- ياراقلارنى ياساۋاتىدۇ، ئامېرىكىمۇ بۇنى قوغدىنىش ھاجىتىمىزدىن ياساپ تۇرۇۋاتىمىز، دەپ ئۆزىنى ئاقلايدۇ.
    بىراق ئىككىنچى تەرەپتىن ئالغاندا، ھېلىقى «ئۆزىگە ئوخشىغانلار» مۇ پەرىشتىلەردىن ئەمەس، ئۇلارمۇ ئايىماي قوراللانغان ھەم ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ناھايىتى قىممەت ئىدىيىلىرى (ھازىر ئەڭ تەسىرلىك شۇئار-ئۇرانلار بولسا مىللەتچىلىك شۇئار-ئۇرانلىرى) ھۆرمىتىگە، ھەققانىيەتنىڭ ھۆرمىتىگە، يەنە  ئۇندىن باشقىسىغا ئەھمىيىتى  كەم ئەمەس، ئۆز ئىقتىسادىياتىنىڭ قىزغىنلىقلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە بولساقىرىپ يوقىتىشنى ئويلىشىدۇ.
    شۇنداق قىلىپ ھەممىسى بىر - بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئۇندىن قالسا، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتسىز ۋاقتى بولغان ئەمەس، دائىما مۇناسىۋەتتە بولۇپ كېلىشكەن، ئۇنىڭغا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى قانداقمۇ قىيقىرماي تۇرالىسۇن، ئۇنداق ئىشلارغا قانداق قىلىپ، ئادەم بالىسىغا تىل چىققاندىن بېرى كۆڭلىدە قايناپ كېلىۋاتقان ئۇرۇش بىلەن قورال - ياراقنىڭ سەلتەنىتى ئەقىل - پاراسەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كېلىۋاتقان، نەچچە ئەسىرلەردىن بېرى ئادەم جېنى جاكارلاشقا ئۇمتۇلۇپ كېلىۋاتقان نەرسىنى پلاكاتقا ئۆز قولى بىلەن يازماي قويالىسۇن، ۋودورود بومبىسىنى ياسىغان ساخاروۋ روسىيىدە دەل شۇنى چۈشەندى، تىك توختاپ، قەددىنى رۇسلاپ تەقدىرگە قارشى قەدەم تاشلىدى.
    قۇرال-ياراق يەر يۈزىدە كۆپەيگەندىن كۆپەيدى، پۇتى بىلەن مېڭىپ، بۇرنى بىلەن تىنغاننىڭ ھەممىسى قۇراللانسام دېگەندە، چىك قىلىپ چەككەننى تاق قىلىپ ئۇرىدۇ، قوشقات ئاياللارنىڭ چېكىسىدىكى كاسساندرانىڭ تامغىسى شۇنىڭدىن بېشارەت بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ - ئەمەسمۇ؟ قورساقتىكى كاسساندرا ھامىلىلىرى شۇنى ئۈنسىز نىدا قىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ - ئەمەسمۇ؟! ئۇندىن قالسا، يورۇق دۇنياغا كەلگەن دۇنيادىكى ھەر بىر ئادەمگە ئاز بولغاندىمۇ يۈزدىن قوغۇشۇن ئوق تەييارلىنىپ قويۇلسا، يەنە ئۇ ئادەم ۋاقتى قەرەلىدىن بۇرۇن بىراۋنى ئۆلتۈرۈشكە ياكى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇلسا قانداق قىلىدۇ؟! ھېلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى شۇ ئىشلار ھەققىدە قانداقمۇ ئېيتماي تۇرالىسۇن؟! ھېلىقى قىزىل مەيداندا ئۆزىنى-ئۆزى كۆيدۈرۈۋالغان بەختسىز قىزنى ئېيتمامسىز، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا كاسساندرانىڭ يىغىندىسى بىلەن بەلگىلەنگەن ھامىلە مەزگىلىدە ئۇقۇلماي قالغان ھەم بېسىلىپ تاشلانغان نەرسەدەك ئويغاندىمىكىن؟ ئۇنىڭ مەھشەر كۈنىدىكى قىيىنلىشى بىلەن كىمنىڭ كارى بولىدۇ دەيسىز؟
    ئادەمزات قۇرال-ياراق ئىشلەپ چىقارماي ئۇرۇش دېگەننى بىلمەيلا ياشىسا، ئۆسۈپ تەرەققىي قىلسا نېمىلەرمۇ بولۇپ كېتەر، ئىدىئالىستىك تەرەپتىن بىمەنىلىك بولسىمۇ، ئوي پەيدا بولىدۇ، شۇندا ئادەم ھازىرقىدەك بولاتتىمۇ؟ شۇندا مەدەنىيەت ھازىرقىدەك بولاتتىمۇ ياكى يەر يۈزىدە پۈتۈنلەي باشقا تەرەققىيات ھۆكۈم سۈرەرمىدى؟ يەنە ئادەم سۈپەت جەھەتتىن باشقىچە بولارمىدى؟ نېمە، تەرەققىياتنىڭ باشقىچە يولى باشلىنىشتىلا باشنىدا مۇمكىن ئەمەسمىدى؟ ئەگەر مۇمكىن ئەمەس بولسا، ئەگەر ئادەمگە ئەقىل - ئەس يوقىرىدىن نازىل قىلىنغان بولسا، ئەگەر ئەقىل - ئەس بىئولوگىيىلىك ماھىيەتتىن تاشقىرى نەرسە بولسا ئۇنداقتا سەۋەبى نېمىدە؟
    ئەنە فىلوفېي، كائىناتقا كېتىپ قېلىپ دۇنياۋى پەردىنى قايرىپلا ئاچتى، ئادەملەر مەخپىي قارغىش ھەققىدە بىلىشنى خالىمايدىغاندەك دەررۇ بىلىندى.
    بورك ئەپەندى، فىلوفېينىڭ مەلۇماتى قارشىلىقتىن باشقا نەتىجە بەرمىگەن كۈندىمۇ، بەرىبىر ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن، مەن ئۇنىڭدىن قايدا بولمىسۇن جان – دۇنياۋى، ئەدەب-ئەخلاقىي ياقتىن ۋەيران بولۇشى بىلەن تېرەنلىشىپ بېرىۋاتقان روھنىڭ قىيامەت قايىملىق بولۇشىغا قىينالغانلىقىنىڭ جاۋابىنى تاپىمەن.
    قارا باغدا، ئەرمەنلەر بىلەن ئازەر بەيجانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆپ يىللاردىن بېرى داۋام ئېتىپ كېلىۋاتقان جىنايەتكارانە ئۇرۇشتا، دالا كوماندىلىرى دەپ ئاتالغان نېمىلەر قۇربان بولغانلارنىڭ جەسىتىنى سېتىشقانلىقىنى ئۇققىنىڭدا ئىختىيارسىزلا خۇدا بىزنى نېە ئۈچۈن ياراتتىكىن دەپ سالىسەن، جەڭ مەيدانىدا شەھىد بولغانلارنىڭ مېيىتىنى يەرگە قويۇش ئۈچۈن بىر تۇغقانلىرى ھەم يېقىن ئادەملىرى سېتىۋېلىش كېرەك ئىكەن. ئۇنى سودىغا ئايلاندۇرۇېلىشىپتۇ، ئۆلۈكنى سېتىپ پايدا ئېلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ، سەپدىشىنىڭ ئارقىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ۋاقىتلارمۇ بولغان دېيىشىدۇ، بۇ ھەقتە گېزىتتىن ئوقۇغىنىمدا قۇيقا چېچىم تىك تۇردى. شۇنداق ھارام ئىشلار ئادەملەرنىڭ ۋۇجۇدى بىلەن قان تېنىغا ئۆزكاساپىتىنى يەتكۈزمەي قويارمۇ، بۇنداق ھاراملىقلار ئاستا-ئاستا نەسىل قوغلىشىشنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتمەي كېيىنكى بوغۇنلار ئۆتمەي قالارمۇ؟!
    يەنە ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان تاجاۋۇزچىلىقنىڭ بىر مىسالى، سالمان رەشىدنى قوغدىغان ئەدەبىياتچىلارنىڭ مۇھاكىمە يىغىنى بولۇۋاتقان تۈركىيىنىڭ بىر شەھىرىدىكى مېھمانخانىغا ئوت قويۇلغان، ئۇ يەردە مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىشتىراكچىلىرىلا ئەمەس، خىيالىدا يوق ياشاپ كېلىۋاتقانلارمۇ تىرىكلا كۆيدۈرۈلدى، ئۇ ۋەقەنىڭ ھەممىنى تېلېۋىزىيە ئاخباراتچىلىرى سۈرەتكە ئېلىۋېلىشتى، ئىمارەت لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتىدۇ، تىرىكلا كۆيدۈرۈلگەن كىشىلەر ئوت ئۆچۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەكسىيەتچىلەرنىڭ ياشلىرىنىڭ چوڭ توپى مەيدانىدا توۋلىشىپ، خۇشھال بولۇشۇۋاتىدۇ، ئۇلار ئوت قويغانلارنى ماختىشىۋاتىدۇ، سەكرىشىپ ئۇسسۇل ئوينىشىپ چۇقان-سۈرەن سېلىشىپ بۇ ئالامەت كۆرۈنۈشنىڭ ئەركىن-ئازادە، ئەيش-ئىشرەتلىك راھىتىنى سۈرۈۋاتىدۇ، ياشلارنىڭ تەلۋىلەشكەن، خۇشامەتلىك يۈزلىرىنى ئوتنىڭ ئۆلۈمىنى ئارزۇ قىلغان يالماپ يۇتۇۋاتقان يېلىنى يورۇق قىلدى، تېلېۋىزىيىگە ئېلىشمۇ داۋاملىشىۋاتاتتى، مانا مەن دېگەندەكلا قەدىمكى كىنونىڭ ئۆزى!
    بىز نەدە يۈرىمىز، بىز نېمە بولۇپ كېتىۋاتىمىز؟ گېرمانىيىدە تىرىكلا كۆيدۈرۈلگەن! تۈرك ئائىلىلىرى ھەققىدىمۇ ئۆزىمىزگەئۆزىمىز شۇنداق سوئال بېرىشىمىز كېرەك بولۇپ يۈرمىسۇن؟ سىز گېزىتلەردىن ئوقۇغان بولغۇيتتىڭىز؟
    بۇنداق رەزىللىكلەرنى دەۋەرسە تۈگىمەيدۇ، يەنە دېگەنسېرى بىردىن ئىككىنچىسى ئېشىپ چۈشىدۇ، ئۇندىن قالسا ھەر قايسى مەملىكەتلەردە بولۇۋاتقان رەزىل، ھارام ئىشلار بارغانسېرى ئادەمنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدىغان بولۇپ، ئەۋج ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى تۇيۇلىدۇ، مانا شۇنىڭ ھەممىسى يىغىۋېرىپ، ئىرسىيەتكە تەسىرىنى تەگكۈزۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى فىلوفېي دەلىللىدى.
    بۇرۇن ئالەمنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى دەپ ئەقىل-پاراسەتكە ئىشىنەتتىم، يۇقىرى پەللە شۇ ئىدى.بىراق بىلىپ كۆرسە ئەقىل - پاراسەت ھاراملىقنىڭ مەڭگۈلۈك تۇتقۇنى ئىكەن، ئۇ قاچاندۇر بىر چاغدا ئۇنىڭدىن بوشىنىدىكەن؟ ئۇندىن قالسا كاسساندرانىڭ تامغىسى شۇ ھەقتە قاڭقىر قاقشاپ تۇرغىنى يوقمۇ بىزگە؟!
    كەچۈرۈڭ، بورك ئەپەندى فاكسنىڭ قەغىزىنى ئالماشتۇرۇۋالاي....
    بورك ئەپەندى، خۇدا ئۈچۈن ماڭا ئاچچىقلانماڭ، مېنىڭ ئويلىغىنىم ناھايىتى ئۇزۇن، سىزگە تۈنۈگۈن كېچە بىلەنلا ۋۇجۇدۇمنىڭ قاپقىسى ئېچىلدى، ئەھۋالىڭىزنى چۈشىنىۋاتىمەن، سىزنى ئويلاپ چۆچۈپمۇ قالىمەن، بىراق غەيرىتىڭىزگە ئىشىنىمەن.
    پەيدا بولغان ۋەزىيەت ھەققىدە ئويلاش بىلەن فىلوفىي ئوربېتىدا يۈرسىمۇ، يەردە بولۇۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ سىرتىدا قالمايدۇ، دېگەن يەكۈنگە كەلدىم، ئەگەر قارشى چىقمىسىڭىز، ئۇنىڭ بىلەن تېزدىن مۇناسىۋەتلىشىشنىڭ يولىنى تېپىش كېرەك ئىدى، تېخنىكىلىق جەھەتتىن بۇ ناھايىتى مۇرەككەپ ئىش. بىراق، بۇنى تېلېۋىزىيە شىركەتلىرىدىكى ھەم ئالەم تەتقىقاتى ئىنستىتۇتلىرىدىكى دوستلىرىم ئارقىلىق قىلىشقا ھەرىكەت قىلار ئىدىم، مۇنى قانداق دەيسىز؟ ئەگەر ماقۇل بولسىڭىز ماڭا بىلدۈرۈڭ، ئۇندىن كېيىن مۇنداق ھەرىكەتنىڭ قانچىلىك ئىشقا ئېشىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى سىزگە خەۋەر قىلىمەن.
     ئاخىرىدا، ئويۇمچە ئەڭ دەسلەپكىسى، ئەلۋەتتە فىلوفېي بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇنى ئېكراندىن كۆرۈپ ئۇچرىشىپ قويۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ - دە؟! ئويۇمچە، ئۇ جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك كاسساندرانىڭ تامغىسىنى ئۇ قانداق يول بىلەن تاپتى يەنە ئۇ بەلگە باشقا بىر نەرسە ئەمەس، بەلكى ھامىلىنىڭ كېلەچەك ھاياتقا قارشى بولغان مۇئامىلىسىنىڭ كۆرۈنۈشى ئىكەنلىكىدىن گۇمانىم يوق، رىم پاپاسىغا يازغان مەكتۇبىدا بۇ ئۇنچىلىك ئېنىق ئەمەس، بۇ جەھەتتىن قانداقتۇر بىر مۈجىمەللىك تۇرغانلىقىنى سىزمۇ بايقىغاندۇرسىز، ئاڭا بۇ سوئالنى باشقىلارمۇ، ئايرىم ئوقۇمۇشلۇق بىئولوگلارمۇ قويۇشلىرى مۇمكىن. مانا شۇ فىلوفېينىڭ مۈجىمەل قالغان نەرسىنى چۈشەندۈرۈپ سوئاللارغا جاۋاب بەرگەنلىكى ماڭا ئەھمىيەتلىك سېزىلدى.
    فىلوفېي بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى ماڭا قويۇپ بېرىڭ، سىز بولسىڭىز ...سىزگە ئەقىل ئۆگەتكۈچى مەن ئەمەس، تېزدىن زۆرۈرىي پەلسەپىۋى نېگىز، مەۋقە تەييارلاپ ئىبەرتىڭ.
    بىز ئولىۋېر ئوردوكنىڭ بېشىنى ئايلاندۇرغان، كوچىنىڭ ئەسەبىيلەشكەن خەلقى بىلەن توقۇنۇشماي تۇرالمايمىز. تەقدىر دېگەن شۇ! بىز يېڭىپ چىقىشىمىز كېرەك، شۇ كوچىدىكىلەرنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن!
    سىزنىڭ ئەنتونى يۇنگېرىڭىز.
       ئىز-دېرىكىم كېرەك بولسا، ئۆيۈمدىكى فاكسنىڭ، تېلېفوننىڭ نومۇرلىرى، ئادرېسىم، ھەممىسى مۇشۇ ۋاراقلاردا. خىزمىتىمگە مۇناسىۋەتلىكلىرىنىڭ كېرىكى يوق، ئەمدى خىزمەتكە بارمايمەن.
    سەھەر سائەت تۆت يېرىم بولۇپ قالغان ئىدى، روبېرت بورك يېزىقچىلىق ئۈستىلىنىڭ ئۈستىدىكى يېيىلغان فاكسنىڭ قەغەزلىرىنى قارماپ ئۈنسىز ئولتۇردى، يېنىدا جىسسى،فاكسلارنى ئۇمۇ ئوقىدى.
    -  ئاھ خۇدا، نېمە بولۇۋاتىدۇ، نېمە ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ،- دەپ ئارقا - ئارقىدىن ئۇھىسندى ئۇ، بىر ئاز بولسىمۇ ئۇخلىساڭچۇ،-دېدى ئېرى،- يالغۇز قالغۇڭ كەلسە مەن نېرى كېتەي، بىراق بەرىبىر ئۇخلىيالمايسەن، بۇ ۋاقىتتا نەدىكى ئۇيقۇ ئىكەن ئۇ، بولۇۋاتقاننىڭ ھەممىسىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋاتىمەن. بىراق، مۇمكىنچىلىك مۇرەككەپلىشىشىنى خىيالىمغا كەلتۈرمىگەن ئىدىم، ئەمدى نېمە دېيىشىمنىمۇ بىلمەيمەن.
      شۇنداق جېسسى، ئەنتونى يۇنگېرنىڭ ئېيتقانلىرى توغرا، ئەڭ توغرا،- بورك ئويلىنارلىق گەپ قىلدى، ئۇنى بىزگە تەقدىر ئىبەرتىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى يېڭى ئەۋلادنىڭ ھەرىكىتى، بۇ دۇنيانى باشقىچە قوبۇل قىلىش، ھەرىكەتلىنىشنى بىلىش دېگەن شۇ، دەررۇ سېزىلىپ تۇرىدۇ، ئۆزۈم ماقالىدىن باشقا، - ماقالە ناھايىتى چوڭ بولۇپ قالدى، پۈتۈن بىر بەتنى ئىگىلەيدۇ، نېمە بولار بىلمەيمەن، بىرەر ئىشنىڭ پەيدا بولۇشىنى كىم بىلىدۇ، ئىككىمىز ئۆيگە ھىم بېكىنىۋالدۇق، بىراق يۈز بېرىۋاتقانلاردىن پۈتۈنلەي ئۆزىمىزنى قاچۇرالمايمىز، بۇ ھېلىقى ئوردوكنىڭ قىلغان قارا نىيەت ئىشى....
    -قاۋىغان ئىتنى بوشىتىپ ھەيدىگەنلىكىنى دېمەمسەن!
    -شۇنداق، قاۋىغان ئىتنى بوشاتتى، شۇ بوشىتىلغان غالجىر ئىت، ناھايىتىمۇ غالجىر، ئوردوك فىلوفېي ئىككىمىزنى ئاممىغا ئاتايىن ئەيىبلەتكۈزۈۋاتىدۇ.
    - ساڭا قارشى چىقىپ قالغان شۇنچە كىشىنى ئىشەندۈرەلىشىڭگە ئىشەنمەمسەن؟
    -  مەن ئارقىمغا قايتمايمەن، دەلىللەيمەن، بىراق نەتىجىسى قانداق بولىدۇ، ئېيتىش قىيىن. كاسساندرا ھامىلىلىرىنىڭ ئالاھىدە ھادىسىسىنىڭ ئاشكارىلىنىشى ئېلىپ كەلگەن چۈشىنىكلىرىگە، ھازىرقى ھاياتلىق يولىمىزغا، تەپەككۇرمىزغا، كونا ئۆرپ - ئادەت ۋە كونا قائىدىلىرىمىزگە قاتتىق زەربە بېرىدۇ. بۇ كاسساندرا ھامىلىلىرىنىڭ مەشھەر كۈنىگە بېغىشلانغان جاۋابىنى ئېتىراپ قىلىش دېگەنلىك.دېمەك،بۇ بېشىدىن ئايىغىغىچە ھەممىدىن، بۇرۇنقى سىياسىي، ئىجتىمائىي تۈزۈلۈشلەردىن، ئەخلاقىي قېلىپلاردىن گۇمانسىراش دېگەننى  بىلدۈرىدۇ، ئەلۋەتتە بارلىق كونا ئۆرپ - ئادەتلەرنىڭ مۇنداق ۋەيران بولۇشى ھېچكىمگە،يەنى ئېغىر ئۇستخان ئاياللاردىن ئوردوكقا ئوخشىغانلارغىچە ياقمايدۇ، ھېلىقى مۇداخىلىگە يېتىپ بېرىۋاتقان قارشىلىق مانا شۇنىڭدىن.
    -بىراق ئۇلارفىلوفېينىڭ ئۆزىنى مۇداخىلىچى دەپ تونۇۋاتمامدۇ!
    -بەرھەق، ئۇلار ئۇنى مۇداخىلىچى دەپ بىلىشىۋاتىدۇ، ماڭا ئۇ پەيغەمبەر، باشقىلارغا شەيتان ھالىتىدە پەيدا بولدى، بۇرۇنقىدەك ياشاپ كەتسەك، شۇنداق ياشاۋېرىمىز ياكى كاسساندرا ھامىلىلىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ قىيامەت قايىمنىڭ مۇقەررەر روي بېرىشىنى ئالدىنئالا چەتكە قاقىمىز، ئادەمزاتنىڭ ئالدىدا مانا مۇشۇنداق مەسىلە تۇرۇۋاتىدۇ.
    -فىلوفېي ئۆزى يېزىۋاتمامدۇ، ئۇنىڭ مەلۇماتى كىشىلەر ئۈچۈن ئاسماندىن يەنە بىر كۈن پەيدا بولۇپ چىققاندەك كۈتۈلمىگەن ۋەقە، بىراق بۇ ئىككىنچى كۈن ھاياتلىقنىڭ ئەسىرلەردىن بېرى قېلىپلىشىپ قالغان ئوڭايچىلىقنىڭ ۋەيران بولۇشى مۇمكىنغۇ، ئۇنىڭ ئۈسىتگە سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلار فىلوفېينى، ئۇنىڭ تەجرىبىلىرى ئىنسانىي ھوقۇقىنى بۇزغانلىق دەپ گۇناھ ئارتىپ تۇرۇشمامدۇ، مانا مۇشۇنىڭ ئۆزى گەپ ئەمەسمۇ؟ ماۋۇنى قانداق دەيسەن؟
    -ياق، بۇ ئىنسانىي ھوقۇقنى بۇزغانغا يەتمەيدۇ! كۆز قارىشىمدا، ياق، بۇزۇلمايدۇ، ئۇنى يازدىم، ئوقۇساڭ بولىدۇ، كاسساندرا تامغىسىنى بىلىش بۇ پەرزىمىز، جامائەتنىڭ پەرزى، يەنە ئىنساننىڭ پەرزى، ھەممىدىن بۇرۇن ھامىلىدار ئايالنىڭ پەرزى، ئەگەر كېرەك بولسا، ئۇنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلە قىيامەت قايىملىق بەلگىلەرنى بېرەمدۇ - يوق، تەكشۈرۈپ بىلىش ئۇنىڭ ۋەزىپىسى، كاسساندرا ھامىلىلىرىگە مۇناسىپ ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار كېيىن بېرىپ جەمئىيەتنىڭ ئەھۋالى ۋە تەرەققىياتى ھەققىدە ئالدىن بىلدۈرگۈچى بىردىنبىر قەدىرلىك ئىجتىمائىي رەھنەما بولۇپ قالىدۇ.
    -  ماقۇل، سېنىڭكىنى توغرا دەي، روبېرت، لېكىن شۇنىڭ ھەممىسىنى باشقىلار قوبۇل قىلىشمىسىچۇ؟ تاسادىبەن، ھېچكىمنى قايىل قىلدۇرالمىساڭچۇ؟ ئۇنداقتا نېمە بولىدۇ؟
      كۆپ نەرسە ئەھۋالغا، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، ئەنتونى يۇنگېر توغرا ئېيتىدۇ، بۇنىڭغا فىلوفېينىڭ ئۆزىنى ئارىلاشتۇرۇش كېرەك، ئۇنىڭ دەسلەپكى كوزۇرى بولسا كاسساندرا ھامىلىلىرىنىڭ جاۋابىدىن زامان ئاخىرى بولىدىغانلىق ھالەتنى ئېنىقلىغان ئىلىمىي بايقاشلار، ئۇ شۇ ئىلىمىي بايقاشلارنى كىشىلەرگە يېيىشى زۆرۈر. شۇنىڭ بارىدىن بىرگە ئېلىپ بىئولوگىيىلىك ئامىللاردىن تارتىپ ئۇندىن كېلىپ چىققان! پەلسەپىۋى يەكۈنگىچە يەنە بىر قېتىم كىشىلەر ئالدىدا تەستىقلاش كېرەك، ئالساق، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، فىلوفېي ئۆزى تۈز، بىۋاستە ئەفىرنىڭ ئىكران ۋە خەۋەر - پروگراممىلىرىدا پەيدا بولغىنى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك، ئەگەر يۇنگېر ئويىنى ئىشقا ئاشۇرالىسا مۆجىزە بولىدۇ، مەن بار كۈچۈن بىلەن قوللايمەن، ھازىر ئاڭا فاكس يوللايمەن، قالغان ئىشلارنى باشقا كەلگەندە كۆرەرمىز....
    ئىككەيلەن تەڭ جىمجىت بولۇپ قېلىشتى، خالاتچان، ياداڭغۇ، ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەن تۈننى ياڭاقلىرى ئولتۇرۇشۇپ، كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن، ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى يات ئادەملەردەك قىياپەتتە ئولتۇرۇشتى، ئۇلار ئۆمرىدە بىرىنچى رەت شۇنداق خەۋپلىك تۈنگە قاۋىلىشتى، ئۇ تۈن ئۇلارغا كۈندىلىك خەۋەر بېرىپ تۇردى، ئالەم شۇنداق قايغۇ-ھەسرەت ۋە ئازاب بىلەن كېڭىيىدۇ.
    سىرتتا يەرگە يورۇقلۇق چۈشۈپ تاڭ ئېتىپ قالدى.
    كۈن تۈنۈگۈنكىدەكلا ئوچۇق، كۈزنىڭ كۈنىدىكىكە سالقىن ھەم يېقىملىق بولىدىغانلىقى سېزىلدى، يىراقتىن قۇشلارنىڭ سايرىغىنى ئۇقۇلدى، قايتىدىن تاڭ سەھەردە يىراققا ئۇچۇپ كېتەر توپ يىغىلىپ تۇردى، توقايلىق دۆڭنىڭ ئالدىدىكى گولف توپ مەيدانلىرىنىڭ ئۈستىدە ئۇلارنىڭ قانداق ئايلىنىپ تۇرغانلىقى، قانداق قىلىپ ئوكياننىڭ ساھىلىنى بويلاپ تۆۋەن تەرەپكە شارپىلداپ شاۋقۇن سېلىپ تۇرغان ئاق يايلىلىق دولقۇنلارنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ، يىراق سەپەرگە چىقىشلىرىنى روبېرت بورك كۆز ئالدىغا كەلتۈردى، ئۇلار بىرگە بۇ يەردىن ئۇچۇپ كەتكۈسى كەلدى، بىراق ئۇنىڭ ئالدىدا توساتتىن ھاياتىدىن باش تارتقۇسىز ئىشى بولۇپ چىقىپ كەلگەن نەرسىنى ئۇلاشتۇرۇپ تۇرغان.
    يورۇق دۇنيانىڭ ئۇلارغا قول سېلىنمىغانلىقىنى ئۇلارنى ئۇنۇتمىغانلىقىنى ھەم ئۇنۇتقۇسى كەلمىگەنلىكى تاڭ ئاتار بىلەن مەلۇم بولدى، بۇ ئۇنىڭغا چىكاكودىن كەلگەن فاكستىن باشلاندى، ئەرىكا ھەيران قېلىپ، چۆچۈپ تۇرۇپ يېزىپتۇ: «كېچىچە تېلېفون بېرىپ ئالالمىدىم، تېلېفۇنۇڭلار ئىشلىمىدى، فاكسىڭلار بوش بولسىدى، دادا، نېمە بولۇۋاتىدۇ؟ بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ چىكاكودا پاتپاراقچىلىق ھەممە ئادەم نارازى، جون بىلەن ئىككىمىز داڭ قېتىپ قالدۇق، سورىناي، توختات، ئاپا، دادامنى قوي! دېسەڭ بولار؟!».
    جېسسىنىڭ ئەلۋەتتە كۆڭلى ئارامىدا ئەمەس:
    -  قىلىمىز، روبېرت، سەن بالىنىڭ دادىسى، قىزىڭ خاپا، ئۇنىڭ بويىدا بار، كۈيئوغۇلىمىزنىڭمۇ خۇشال تەرى يوق، مەن ئۇنى چۈشىنىمەن، جون دېرىكتورلۇق كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئۇ مەسىلىسىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك، بىز شۇلارنى ئويلىمىساق بولمايدۇ.
    -  توغرا، ھەممە گېپىڭ توغرا،- بوركنىڭ ماقۇل بولماسلىق چارىسى قالمىدى. بىراق، مۇندق ۋەزىيەتتە نېمە دېسەم بولار؟ بۇ ئائىلە مەسىلىسى بىلەن پۈتىدىغان ئىش ئەمەس بولسىلا بولاتتىغۇ ئىلاھىم! سەن ئاڭا ئىنتىلمە! جېسسى، كومپيۇتېرئېكرانىغا يازىمەن، تېلېفۇن بېرىمەن، چۈشەندۈرىمەن، ئۇنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىمەن، ياشلارنىڭمۇ ئۆز ئەقىللىرى ئۆزىدە بولۇشى كېرەك- دە، ئەلۋەتتە، ئۇلارغا، بولۇپمۇ جونغا، شىركىتىنىڭ تەرەققىياتى ھەممىدىن ئەھمىيەتلىك- دە، بىراق ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردىن تاشقىرىمۇ ياشاش بار، يەنە ئۇنىڭدىكى مەسىلىلەر بارلىق ھەم ھەر بىر ئادەم ئۈچۈنمۇ ئەھمىيەتلىك، راست، ئۇ ئىككەيلەن خۇدا قوشقان قوشماق، ئىتتىپاقلىق دېگەن شۇنداق بولسۇن ئىلاھىم، بىراق ئۆزۈڭ چۈشىنىسەن، مەنپەئەتپەرەسلىك، ئىجتىمائىي مەنپەئەتپەرەسلىك دېگەننىڭ قانداقتۇر بىر چېكى بولۇشى كېرەك.
    -  ھوي روبېرت، ساڭا لېكسىيە بولسىلا بولىدىغۇ، قولۇڭ بوشىغاندا ئېكرانغا فاكس يوللاشنى ئۇنۇتما -،دەپ قويۇپ، جېسسى يۇڭ كوپتىسىنى دولىسىغا ئارتىلدۇرۇپ سېلىشكە تۇتۇندى، يۇنگېرنىڭ كېڭەشكە ئالدىراپ، بېشارەتسىز كەلگەن كىشىلەردىن «تىنچىمىزنى بۇزمىساڭلار ئىكەن» دېگەن ئۆتۈنچ ھەم ساڭا مۇناسىۋەتلىك كەچۈرۈم سوراپ يازغان ئۇقتۇرۇشنى ئېلىپ قويۇش ئۈچۈن جۆنىدى.بۇ ئۆزلىرى ئۆيدە مۈشۈك، ئىت... دەپ قويىدىغان ئادەتتىكى ئىشدەك بولمىسىمۇ، شۇنىڭغا قاتتىق ئوخشىغان ساقسايغان مۈشۈكنىڭ ھالىدا،ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدا ھۇجرىدىن چىقىپ كەتتى.
    جېسسى يېنىدىكى مۈشۈك، ئىتقا بىر نېمە دەپ چېچىنى تاراۋېتىپ ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كەتكەندە روبېرت بورك تۈن بويى ئولتۇرۇپ پۈتتۈرگەن ماقالىسىنى «مۇنبەر»گە بېرىش ئۈچۈن فاكس ئالدىدا ئولتۇردى. تەھرىراتنىڭ خىزمەتچىلىرى كەلگەندە، ماتېرىيال ئۈستەل ئۈستىدە يېتىشى ھەم دەررۇ نۆۋەتتىكى سانىغا بېرىلىشى ئىدى، ماقالىنىڭ تېز بېسىلىشىدىن ئۇنىڭ ئەنسىرىشى يوق بولاتتى، ھەتتا روبېرت بورك: «تېكىست ھېچقانداق ئۆزگەرتىلمەي، مۇئەللىپ قانداق سۇنغان بولسا دەل شۇنداق بېسىلسۇن!» دېگەن تەلەپنى قوشۇپ يېزىپ قويدى، ماقالىنىڭ بېسىلىشىدىن بوركنىڭ گۇمان قىلمىغان سەۋەبى، «مۇنبەر»نىڭ بېسىپ ئېلان قىلىشتىن باشقا چارىسى يوق ئىدى، فىلوفېينىڭ كائىناتتىن يوللىغان مەكتۇبىنى بېسىشقا بەل باغلىغان گېزىت تەھرىراتىدىكىلەر ئەمدى ئۆز پوزىتسىيىسىدىن باش تارتالمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە گېزىتمۇ ئۆز قەدىر - نەرقىنى ساقلاش كېرەكتە، گېزىت تەھرىراتىدىكىلەر شۇنداق قىلىپ يا بار، يا يوق ئەھۋالدا كېسىپ ئېيتقان چاغ بىر ھېسابتا بۇرۇن كۆرۈلۈپ باققان ئەمەس.
    بىراق، بۇ ماقالىدىن كېيىن نېمە بولارى ناھايىتى ئېنىق ئىدى، گېزىتنىڭ يۈزىدە بېسىلغان يازمىش ھەققىدىكى فىلوفېيغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەمدە ئۇنىڭ، بوركنىڭ، ئىسمىغا دۇچ كەلگەن قاپسىلىشلار تاڭنىڭ دەسلەپكى سائىتىدىن باشلاپ ئاياۋسىز ھەم قاتتىق بولىدىغاندەك تۇيۇلدى، ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، ئالدىدا ئۆلمىگەن يەردە قالىدىغان قاپسىلىش تۇرغان ئىدى...
     ھەر بىر پائالىيەتتىن بەلگە بەرگۈچى قوڭغۇراقتەك تاق-تاق قىلىپ سۇنۇلغان ئورگىنالنى ھىم قىستۇرۇپ فاكس ۋاراق ئارقىدىن ۋاراق چىقىرىۋاتاتتى. فاكس بېرىشكە ئۈلگۈرگىنى ياخشى بولدى،ئىش پۈتەر زامات سىرتتا قانداقتۇر بىر ماجرانىڭ باشلانغانلىقىنى روبېرت بورك سەزدى، ئۆيگە تۈكلىرىنى دۈگدەيتىپ، ھۈرپەيگەن مۈشۈكى كىرىپ كەلدى، ئۇ مۈشۈك سىرتتىن ئۆچ كۆرىدىغان لالما دۆبۈتنى يولۇقتۇرغاندا شۇنداق بولۇپ قالاتتى، بىراق ئۇنىڭ ئارقىدىن روبېرت دەرىزىدىن قانداقتۇر بىر قەغەزلەرنى ھەم خەرىتىنى قارماپ پىشايۋاندا ئۆينى كۆزلەپ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان جېسسىنى كۆردى. ئۇ ئالاقىزادە بولۇپ ھاسىراپ كىرىپ كەلدى. تەرىگە قارىغاندا ئۇنى كوچىدا بىرسى مۇشۇ ئەھۋالغا سېلىپ، جېسسى بولسا دەل مۇشۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قېچىپ كېلىۋاتقان ئىكەن دېگەندەك ئىدى.
    -نېمە بولۇپ كەتتى؟-  دېدى، ئېرى ئاڭا ئىختىيارسىز ئۇمتۇلۇپ،- روبېرت، بۇ بىر ئاجايىپ ھادىسە، شورى قۇرسۇن، سىرتقا چىقسام ئاۋۇ بۇلۇڭدا نەدىكى بىر لۈكچەكلەر ماشىنىلىرىنى توختىتىپ قويۇپ تۇرۇشىدۇ، مانا قارا، نېمىلەرنى چاپلاپ قويۇشقانلىقىنى، جېسسى گېزىتلەر بىلەن بىرگە سىرتتا تامدىن سىرىپ ئېلىپ ئۆيگە ئېلىپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممسىنى بوياق بىلەن ئالدىراپ - سالدىراپ يېزىلغان ئۇياتسىز، بىئەدەب، ھاقارەتلىك، ئادەم خورلىغان يازمىلارنى ئۈستەل ئۈستىگە تاشلىدى، ئۇلارغا قاراپ بېقىپ بوركنىڭ ئۆزىمۇ مادارسىزلاندى، غەمگە چۈشتى، «بوركنىڭ بىزنىڭ كوچىدا ياشىغانلىقىدىن ئۇيىلىمىز!» دېگەن خەت ئىدى. قوشنىلارنىڭ بىرسى يازغان بولسا كېرەك. يەنە «ئاياللارنى ئۆزۈمنىڭ دەپ يۈرگەن، قورساقتىكىلەرنى ئۇجۇقتۇرغان بورك بىزنىڭ نيۇبېرىدىن چىقىپ كەت!»، «نيۇبېرىنىڭ ئاياللار ئازادلىقى تەشەببۇسىدىكى ئاياللىرى بوركنى ئۆچ كۆرىدۇ!». باشقىلىرى بۇنىڭدىنمۇ يامان «بورك خائىن!»، «بورك - ك.گ.ب نىڭ جاسۇسى!»، «بوركنى خىزمەتلىرىدىن ئېلىپ تاشلاش كېرەك!». «ماڭا ئۇچرىشىپ قالىدىغان بولساڭ قېرى، مانا ئەمدى ئۆلتۈرىمەن! ھۇ كاسساندرانىڭ ھامىلىسى».
    -دېمەك، تاڭ ئاتماستىنلا باشلايلى دېيىشكەن ئىكەن!- دەپ غۇدۇرىدى، تەئەججۈبلىنىپ قالغان بورك.
    -تاڭ ئاتماي، كۆرۈپ تۇرمىدىڭىزمۇ، تاڭ ئاتماي ئەمدى بۇنىڭ ئارقىدىن نېمە ئىش يۈز بەرمەكچى، روبېرت، نېمە ئىش يۈز بەرمەكچى؟ بۇ ئەقىلگە سىغماس ئىش بولدىغۇ!
    روبېرت بورك ئاقىسىغا ئالغان ئىككى قولىنىڭ ئاغرىغىنىغا قارىماي ئارقىغا قوۋۇشتۇرۇپ تۇتۇپ تۇرغان يېرىدىن ھۇجىردا ئالدى - ئارقا ئۇياق - بۇياق ماڭدى.
    -ھەممىسىگە تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك،- دېدى، ئۇ ئايالىغا قىيقىراپ ئۇنى سىرتقا چىقارماسلىققا ھەرىكەتلىنىپ، قېنى قىزىپ تۇرغان چاغدا سەۋر قىلىشمۇ ناھايىتى قىيىن ئىشتە، ئىشنىڭ باشلىنىشى شۇ بولغاندىن كېيىن، ياخشىلىق كۈتۈش كېرەك، تۈنۈگۈنكى نامايىش يۈز بەرمىگەن بولسا ئىدى، بۇنىڭ ھەممىسى ئازدۇر - كۆپتۇر مەدەنىيلىكنىڭ چېكىدە ئۆتۈشى مۇمكىن بولسا ئىدى، ھېلىقى جىن ئۇرغان ئوردوك كۈشكۈرتۈپ ئىبەرتمىدىمۇ؟ بىر نېمە دېمەك تەس.
      ھېلىقى بۇلۇڭدا تۇرغانلارنى سەن كۆرگەن ئىكەنسەن- دە! جېسسى سىرتنى ئىما قىلدى، تۇرغان تۇرقلىرى يامان، تەرى سوغۇق، ماشىنىلىرىنىڭ يېنىدا تاماكا چېكىپ تۇرۇشىدۇ، مەن بۇلارنى تاملاردىن سىيرىپ ئېلىۋاتسام ماڭا ئىسقىرتىشىپ، ۋارقىرىشىپ ھىجىيىپ تۇرۇشتى.
    -ئەپتى ئەنگىزىگە قارىغاندا كىملەردەك كۆرۈندى، مۇشۇ يەرلىكلىرىمۇ؟
    -نەدىن بىلەي، بايىقى پادىچى ئىشتان - چاپان كىيگەنلەرنىڭ ئارىسىدا ئاياللارمۇ باردەك قىلىدۇ.
    -چۈشىنىشلىك،- دەپ قويدى غۇدۇراپ بورك، چۈشىنىشلىك ھېچنەرسىنىڭ يوقلۇقىغا قارىماي.
     ساقچىلارغا مەلۇم قىلىش كېرەك، روبېرت ساقچىلارغا تېلېفون بەرگىنە، چارە كۆرۈشسۇن.
    - جىددىيلەشمەي تۇر، تېلېفون بېرىشكە ئۈلگۈرىمىز، كۈتۈپ تۇرايلى، ئەگەر بىرەر ئىش بولسا، ئۇنداقتا ئەلۋەتتە تېلېفۇن بېرىمىز.
    - بۇندىن ئارتۇقمۇ بىرەر ئىش بولارمۇ، بولسىمۇ بولارى دەل مۇشۇ، ھە، سەن قويۇپ تۇر دەيسەن!- جېسسى ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ كەتتى، يەنە يىغلاشقا باشلىدى.
    -جېسسى، جېنىم! شۇنداق بولسىمۇ، سەۋر قىلغىن،- دەپ بورك ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىلىپ، ماغدۇرى كەتكۈدەك بولۇپ غۇدۇرىدى، جېسسى بولسا سۆزلەشكە دەرمانى كەلمەي ۋايساۋەردى:
    -بۇ نېمىدىگەن شۇملۇق! بۇ نېمىدىگەن شۇملۇق!
    -مەن ھازىر دورا ئېلىپ كېلىمەن، ھازىر، جېسسى سەۋر قىلغىن، ھازىر كېلىمەن.
    ئۇ جېسسى ياتىدىغان ھۇجرىغا دورىغا يۈگۈردى، پايپاسلاپ بېرىۋېتىپ ئىشىكنىڭ قانىتىغا سوقۇلۇۋالدى، شۇ پەيتتە بۇلۇڭدا يېيىلىپ ياتقان قەغەزلەرگە كۆزى چۈشتى، جىسسى كېلىۋېتىپ ھېلىقى قەغەزلەرنىڭ بىرىنى ئىرغىتىپ تاشلىۋەتكەنلىكىنى ئۇ چۈشەندى، جېسسى شۇنچە پايپاسلىغىنىغا قارىماي ئېرىم كۆرمىسۇن دەپ ئىرغىتىپ تاشلىغان بۇ قەغەزدە نېمە باردۇر؟ ئۇ قولىغا ئېلىپ ئوقۇدى- دە، چۈشەندى، كۆزى قاراڭغۇلىشىشقا باشلىدى، «بورك كۆتۈڭنى فىلوفېيگە تۇتۇپ بەر، ئۇ شورى قۇرغۇرغا كائىناتتا خوتۇن دېگەن يوق ئەمەسمۇ!» ئۇنىڭ بىلەن بىرگە شۇ مەزمۇنغا ماس سۈرەت تارتىلغان، تۆۋەن تەرىپىدە: «سالام، كاسساندرا ھامىلسى».
    ئۇ قورۇغا، ئۆزىنىڭ ھېلىقى كەڭرى بېغىغا قانداقچە چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قالدى، ئەخلاقىي جەھەتتىن، كەم ئەقىللىقتىن ھەم نادانلىقتىن نېمە قىلىپ نېمە قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلمىگەن ئادەملەرگە كەچۈرۈم بېرەي، بۇنداق ئىپلاسلىقتىن يۇقىرى تۇراي، دەپ ئۇ ئۆزىنى قانچىلىك تەسەللىي تاپقۇزۇغىنى بىلەن، كۆڭلى ئارامىغا چۈشمىدى، ئەمدى مانا، ئۇنىڭ بېشىغا ئەڭ بۈيۈك ئويلار كەلگەن ھەم ئىچكى سېزىمگە سۆز بىلەن چۈشەندۈرسە يىراق مەڭگۈلۈكنىڭ مۇمكىنچىلىكى غۇۋالاشقان ئۇندىن كېيىن ئۇنى چۈشەندۈرۈشكە ھەرىكەتلىنىپ قۇمغا قانداقتۇر بىر خۇپىيانە، تىلسىملىق چەگمەچلەر چېگىلگەندە، ئايالى قاقاھلاپ كۈلگەن يەردە مۇنداق ھايۋاندىن بەتتەر خورلىنىپ، ھاقارەتلىنىپ بېشىنى تىك كۆتۈرەلمەي ئولتۇرىدۇ، بۇ نېمە، ئۇنىڭ ئاق سۆڭەكلىكى ھەم بۇنىڭ بۇنداق ھالىتىگە لايىق كەلمىگەن، زىيادە ئاق كۆڭۈللۈكى ئۈچۈن تەقدىرنىڭ قاقاھلاپ كۈلۈشىمۇ؟ قارىسا ئۇ تەجرىبىسىز تۇرمامدۇ؟ تۇرمۇشنىڭ شۇنچىلىك تاش يۈرەك، رەھىمسىز ئىكەنلىكىنى بىلەلىگۈدەك تۇرمامدۇ، مانا ئەمدى ئۇلغىيىپ قالغان چاغدا مۇنداق زەربىلىك تاياق بېشىغا تېگىپ ئولتۇرىدۇ.
    بالقىپ چىقىۋاتقان قۇياش ئاڭا بەرىبىردەك، كېرەكسىزدەك سېزىلدى، ھېچنەرسىنى كۆرگۈسى، ھېچنەرسىنى ئۇققۇسى كەلمىدى، ئۇ نېمە ئۈچۈندۇر ئۆيدىن قارماپ گېزىتنى تاشلىۋەتتى، بۇ يەرلىك نيۇبېرى گېزىتىنىڭ تېز چىقىرىلغان سانى ئىدى، ئۇ قاپقاندىكى بۆرە بولغانلىقىغا يەنە بىر قېتىم ئىشەندى، بىرىنچى بېتىدە ئولىۋېر ئوردوكنىڭ سايلام ئالدىدىكى يىغىلىشتىن كېيىن بەرگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خۇلاسىنى بېسىلغان، ماتېرىيال ئاسسوش، ئەتىد نەشرىياتىدىن ئېلىنىپتۇ، مۇنبەردە قولىنى ھەيۋەت بىلەن شىلتىگەن ئوردوكنىڭ فوتو سۈرىتى بىرلا ئەمەس، كەڭرى سەھىپىلەر بويىچە بېرىلگەن، ئالدىدا چوڭ ھەرىپلەر بىلەن يوغانتىپ يېزىلغان ئۇنىڭ نۇتقى «ئىرسىي جۇغلانمىنى بولشىۋېزملىق تازىلاشقا يول يوق!».
    قارا، فىلوفېي رۇس، دېمەك، سۆزسىز بولشېۋىك، سەپسەتە، بىراق، تەشۋىقاتىمنىڭ ئوتتۇرىسىغا چاپلانغان چاراقلىرىنىڭ بىرىدە نېمە ئۈچۈن بوركنى ك.گ.ب نىڭ جاسۇسى دېگىنى ئەمدى چۈشىنىشلىك بولدى، ھەممە ئىشنىڭ بۇلغانغان بىر بۇلاقتىن چىقىۋاتقانلىقى توغرا، بۇ توغرىلىق سۆزلىگۈسىمۇ، ئويلىغۇسىمۇ كەلمىدى، كۆڭلى بۇزۇلۇپ ھايات ۋاپاسىز بىلىندى.
    ئۇ يان تەرىپىدىن ئايالنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ بۇرۇلدى، يىغىدىن ئىككى كۆزى ئىششىغان جېسسى غەيرەتلىك بولۇشقا بەل باغلىغاندەك تۇراتتى.
      ئەنتونىدىن ھازىرلا جىددىي فاكس كەلدى، مانا،- دەپ جىسسى ئېرىنىڭ يېنىدا ئولتۇردى، «بورك ئەپەندى،- دەپ يېزىپتۇ، ئەنتونى يۇنگېر، - بىز تېلېفون بىلەن تېزدىن سۆزلەشمىسەك بولمايدۇ، سورىنىمەن، تېلېفونلىرىڭلارنى ئىشلىتىپ ئالاقە قىلىڭلار، سۆزىمىز كائىنات بىلەن تېلېۋىزىيىلىك مۇناسىۋەت ھەققىدە، ئۇنى ئىشقا ئاشۇرالىساق، ئۇنداقتا بىز كىشىلەرنىڭ كۆزىنى قانداق ئاچالايمىز، سۆزلىشىشىمىز كېرەك، بىز تېخنىكىنى ئۆيىڭىزگە بورك ئەپەندى، بىزگە ھەممە جەھەتتىن ھۇجۇم قىلىشقا باشلاشتى، بىراق بېشىڭىز ھەرگىزمۇ تۆۋەن بولۇپ قالمىسۇن، مەن ئون مىنۇتتىن كېيىن تېلېفۇن بېرىمەن، سىزنىڭ ئەنتونى يۇنگېرىڭىز.»
    -بۇ ياخشى گەپ، ئەنتونى يۇنگېرنى ئىشقا كىرىشكەن ئىكەن!- بورك جانلىنىشقا باشلىدى، كەل تېلېفونلارنى ئىشلىتەيلىچۇ، جېسسى، تېلېفون بەرسە بېرىشسۇن، بەرىبىر قۇتۇلالمايمىز، قۇلاق، بۇرنىمىز كېسىۋېتىلگەندەك بولۇپ بۇرۇختۇملۇقتا ئولتۇرغاندىن ياخشى!
    -ئۇ دېگىنىڭمۇ راست، ئاۋۇسىغا ئۇدا كەلگەن يەنە بىر فاكس مانا،-دېدى جېسسى، بۇ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ باشلىقىدىن كەپتۇ، «بورك ئەپەندى، قىزىقسىندىغان ئىشىڭىزنى ئويلىغاندىكى ئۆتۈنۈشۈم: لېكسىيە ئوقۇش ئۈچۈن ئۇنىۋېرسىتېتىگە كەلمەي قويۇڭ»،- دەپ يېزىپتۇ، ئۇ.
    -ھەممىسى چۈشىنىشلىك،-دېدى بورك،- يۈر تېلېفونغا، شۇ پالاكەت باسقان تاڭدا ئەنتونى يۇنگېرنىڭ بەرگەن تېلېفوننىڭ قوڭغۇرىقى يورۇق نۇردەك سېزىلدى.)
    -بورك ئەپەندى، سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىغىنىمغا خۇشالمەن، فاكس ياخشى، بىراق ئاۋازنى ئاڭلاش ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى.
    -ئەلۋەتتە، ئۇنى بىردەمسەن، ئىككى دەمسەن،- دەپ بورك خۇشاللىق جاۋاب بېرىشكە تەمشەلدى.
    - ئايالىم جېسسىمۇ ساڭا سالام ئېيتىۋاتىدۇ،
    -ئوبدان، ياخشى، مەنمۇ ئۇ كىشىگە رازى، بۈگۈن ھەممىمىز كۆرىشىمىز دېگەن ئويدىمەن،-ناھايىتى ياخشى،
    -بولامدۇ، ئەنتونى يۇنگېر.
    -سۆز سەندە، ئەنتونى يۇنگېر، ئىلتىماسىڭنى ئېيت. كېچىدىكى فاكسىڭ بىزنى زىنداندىن سورۇغۇپ چىققاندەك بولدى، شۇنداق قىلىپ ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز كۈلۈمسىرىمىسەك بولمايدىغاندەك قىلىدۇ، قېنى، ئەمدى نېمە قىلساق بولىدۇ، ئىستىقبالى بولامدىكىن؟
    - ئىشنىڭ كەڭرى پروگراممىسى بار، بىراق ھەممىدىن بۇرۇن سىزگە ئېيتىپ قوياي، سىز بىلىۋېلىڭ، بورك ئەپەندى، تەھرىراتقا ئەۋەتكەن ماقالىڭىز، بەلكىم، ئەمدىلا كائىناتقا، فىلوفېيگە بېرىۋاتىدۇ، مەن ئۇنى بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن سۈرۈشتۈرىمەن، بۇ فىلوفېينى كائىناتىي ئىرىسىيەتشۇناسلىق بويىچە ئۇنىڭ يەردىكى دەسلەپكى تەرەققىياتى بولغان، سىز بىلەن مەن سىزنى شۇنداق ئاتاپ قوياي تونۇشتۇرۇش ئۈچۈنلا قىلىنىۋاتقىنى يوق، شۇنداق قىلىپ فىلوفېي، بەلكىم، ئەمدىلا سىزنىڭ يازمىڭىز بىلەن تونۇش بولۇۋاتىدۇ، بىز تېلېۋىزىيىلىك مۇناسىۋەت ئۇيۇشتۇرۇپ، فىلوفېي ئىككىڭلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشىڭلار بىلەن مۇھاكىمە ئۆتكۈزىلى، دەپ ئولتۇرىمىز.
    -ئەنتونى يۇنگېر، ساداغاڭ كېتەي، بۇ ئويۇڭ لايىقىدا ئىكەن. بىراق ،ئۇنى قانداق ئۇيۇشتۇرۇشۇڭنى ئويلاپمۇ يېتەلمەيۋاتىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقىت قىس تۇرسا.
    -ئۇنىڭ يارىسى يەڭگىل، بورك ئەپەندى، مەن يالغۇز ئەمەس، ئىشەنچىلىك دوستلىرىم، كەڭ مۇناسىۋەت دائىرەم بار، «مۇنبەر» پۈتۈنلەي، بىز تەرەپتە، ئۇ تەھرىرات كېرەك بولسا ئۆز جېنى ئۈچۈن ئىشلەۋاتىدۇ، بىراق ئەڭ مۇھىمى تېلېۋىزىيە مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىق ئۇلاپ كۆرسەتكۈچى تارماقلىرى، بۇنى دۇنياۋى ۋەقە سۈپىتىدە كۆرۈپ بەكمۇ قىزىقىشىۋاتىدۇ، ئۇلا ئەمەس، مۇز تەپكەنلەرنىڭ كۈتمىگەن يەردىن چۈشكۈچى پايدىنى ھەسسىلەپ يوغانتىپ تۇرۇشقان چېغى، شۇڭلاشقىمىكىن جېنىنى سەكراتقا چۈشكەندەك ئىشلىتىشىۋاتىدۇ.
    -چۈشەندىم؟ مۇز تەپكەنلەر كىم؟ !
     -كەچۈرۈڭ، ئاددىي، قوپال سېلىشتۇرۇپ قويغاندەك قىلىمەن، شۇنداق، بىز مۇز ئۈستىدە، بوپتۇ، ئۇنى قويۇپ تۇرىلى ھازىر، كەچۈرۈڭ، مەن ئۆزۈمنى توختىتىۋالدىم، ۋاقىت قىس، سۆزۈمنى ماشىنىدىن ئۇلاي، بىز سىزگە، نيۇبېرىگە كېتىۋاتىمىز، بىز تۆتىمىز، مەن، يەنە ئۈچ يىگىت، كائىناتىي مۇناسىۋەتنى پۇختا ئىگىلىگەن زىيالىيلار، شۇنداق قىلىپ تۆتىمىز ئىككى ماشىنا بىلەن كېتىۋاتىمىز، ماشىنىنىڭ بىرسى بولسا تېخنىكا بىلەن جابدۇلغان جىپ، فۇرگون ماركىلىق جىپ، قالغان ئىشلارنى يولدا كېتىۋېتىپ چۈشەندۈرىمەن، بىز نيۇبېرىدە قىرىق مىنۇتتيىن كېيىن بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن پەيدا بولىمىز، دەپ ئويلايمىز، خەرىتىدىن مۆلچەرلىگەندە ئۆيىڭىز «كونفېرانس» دېگەن تاللا بازىرىدىن يېرىم مىل نېرى تۇرىدىكەن، شۇنداقمۇ؟
    -شۇنداق، توغرا، ئۈچ بۆلەك نېرىدا، ياخشى، دېمەك بىز يولغا چىقتۇق، شۇنداق قىلىپ، شىلدىڭلاپ كۈلمەڭ، مەن شىتابنىڭ باشلىقى، فىلوفېي كائىنات مارشالى، سىز،- مەن جىسسىنىڭ قارمىقىدىكى پودپولكوۋنىك دەپ بورك سۆزنى ئىزاھلاپ كەتتى، ئەمدى، بىز مۆھلەتكە، ئەنتونى، ۋاقىتنىڭ قىسقا ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، سەن ياش يىگىت، ئۇندىن باشقا سەمىڭدە بولسۇنكى مېنىڭ ئويۇمنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلماقچى بولغاندىكى كائىناتىي مۇناسىۋەت چىقىمىنى ئۆز بوينۇمغا ئالىمەن.
    -كېچىكىپ قالدىڭىز، بورك ئەپەندى، بۇ ئىشقا قىزىققان تېلېۋىزىيە ئورۇنلىرى ھەممە خىراجەتنى سەرپ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كۆزلىگەنلىرى بار، خاۋاتىرلەنمەڭ، ئۇندىن قالسا قولۇمدىن يەنە بىر ئىش كېلىدۇ، دادام بەلگىلىك تەسىرى بار ئادۋوكات، شۇڭلاشقا، ئۇ جەھەتتىن ئويلانمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، فىلوفېي ھەققىدە ئويلىنىڭ،- ئوردوك ھەققىدە،- دەپ قوشۇمچە قىلدى بورك.
      بىرىنچى قىسىمدا ئۇ ھەتتا بىلىكىنى تۇرۇپ ئىشقا كىرىشتى، ئۇنى يولغا چىققاندا ئېيتىمەن، سەل تۇرۇپلا بورك ئەپەندى، كەچۈرۈڭ، بىراق سىزگە ھەم رەپىقىڭىزگىمۇ ئۆيدىن چىقماسلىقنى ئىلتىماس قىلىمەن، ھەتتا تاللا بازارغىمۇ، چىداپ تۇرۇڭلار، بۈگۈن سىرتقا چىقىشقا بولمايدۇ، بىز ھەممە نەرسىنى ئېلىپ بارىمىز، بىز يولغا چىقتۇق.
    بىر ئازدىن كېيىن، ئۇ يولدىن تېلېفون بەردى، شۇ ئىككى قېتىملىق تېلېفون جىرىڭلاشنىڭ ئارىلىقىدىكى بىر ئاز ۋاقىت بوركنىڭ رەپىقىسى بىلەن بىر ئەسىردەك يۈك - تاقلىرىنى كۆتۈرۈپ پويېزغا ئولتۇرغاندا بۇ چاغقىچىلىك بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئارقىدا، ئۇپۇق سىزىقىدىن نېرى يوق بولغاندەك، پويېز بولسا تېخىچە ئورنىدىن قوزغالماي تۇرغاندەك، ۋاقىت مىدىرلىماي تۇرۇپ قالغاندەك سېزىلدى، ئۇلارنىڭ ھاياتى ئەمدى باشقا، بىر ۋەقەدىن ئىككىنچى ۋەقەگىچە مىنۇتلار بىلەن ئۆلچەنگەن تەتۈر ساناق ئالغانلىقىنى، ئۇلار تەقدىرنىڭ بەلگىلەنگەن پەيتىنىڭ يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى توساتتىن چۈشەندى، قانداقتۇر بىر تىلسىماتلىق، قانداق بولۇشى نامەلۇم تەقدىرگە ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا يېقىن كىرىپ كەلگەن زوراۋان كۈچلەرنىڭ ئوي - مەقسەتلىرىدىن يەنە ھەرىكەتلىرىدىن كېلىپ چىققان تەقدىرگە دۇچار بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشتى.
    -بىز ئاپتوبۇسقا چىقىۋاتىمىز،-دەپ خەۋەر قىلدى، ئەنتونى يۇنگېر،- پائالىيەت بۇرۇنقىدەكلا، ھېلىلا كۆرۈنمەيدۇ، مۆلچەردىكى ۋاقىتتا بېرىپ قالارمىز دەپ ئويلايمەن، ئاڭغىچە ئىش-ھەرىكىتىمىز ھەققىدە سۆزلىشىپ تۇرايلى.
    -قۇلاق سەندە، ئەنتونى، سىرتقا نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلگۈم كەلدى، جېسسى بىلەن ئىككىمىز ھەممىدىن قول ئۈزۈپ قالدۇق، ئۇندىن باشقا تېلېۋىزور بىلەن رادىئونى ئۆچۈرۈپمۇ قويدۇق،
    -بورك ئەپەندى، راستىنى ئېيتاي، ئەھۋال ناھايىتى ئېغىر، بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك، ھەممە يەردە ھەممە مەملىكەتلەردە ئەھۋال بىردەك، ھەممە يەردە ئاممىۋى نارازلىق بار.
    -ھىم، ھە،- دەپ غۇدۇرىدى بورك تۇرۇبكىغا ،- ئەنتونى، بىلىشىمچە، كىشىلەر كاسساندرا ھامىلىلىرىنى تۇرمۇشتىكى مەۋجۇت بولغان چىنلىق سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشماي تۇرۇشىدۇ، شۇنداق، ئەلۋەتتە، بۇ پسىخولوگيىۋى جەھەتتىن ناھايىتى ئېغىر زەربە دېگىن، بۇنىڭچىلىك بولغان ھاياتنىڭ ھەممە نېگىزىدىن، تۈپكى تومۇرىدىن باشلاپ قايتا قاراش زۆرۈرچىلىكى كېلىپ چىقىدۇ، ئۇندىن كۆرە، گۇماننىڭ زەھەرلىك يىلىنىنى چەتكە قېقىپ يانچىپ سالغان ياخشى...
    -  توغرا ئېيتىپسىز،- دېدى ئەنتونى،- مەن بۇنى مۇنداقچىلا سېلىشتۇراتتىم، مىسالى، سان-فرانسىسكودىكى كۆۋرۈكنىڭ قۇرۇلمىلىرىدىن يېرىق تېپىلىپتۇ دەيلى، بىراق ھازىرچە ئۆتۈشكە توسالغۇ بولمايدۇ، ئۇ ھەقتە ئويلاشنىڭ نېمە كېرىكى بار؟ يۈكلەرنى تېز-تېز كۆپرەك توشۇپ ئۆتكۈزۈۋېلىش كېرەك، كۆۋرۈكنى نېمە قىلىشنى كېيىن باشقىلار ئويلىسۇن، بىراق ، دىققىتىمىزنى بىر نەرسىگە بۇراي دېدىم، بورك ئەپەندى، ھازىرچە يولدا ۋاقىت بار چاغدا ئوپىراتورلارنىڭ بىرسىنىڭ قولىدا ماشىنىنىڭ رولى بار، شۇنداقتىمۇ سىز بىلەن يىراق ئارىلىقتا تۇرۇپ سۆزلىشىۋەرسەم بولىدۇ،- ئەمدى دىققىتىڭىزنى بىرەر قىزىقسىنارلىق نەرسىگە بۇراي، ئۆزىڭىز يەكۈن چىقىرىڭ، گېزىتلەرنى ۋاراقلاپ چىقتىم، رادىئودىن ئاڭلاپ، تېلېۋىزورغا قارىدىم- دە، فىلوفېينىڭ مەلۇماتىغا قارىتا تەتۈر، دۈشمەنلىك خاھىشلارنى بايقىدىم، فىلوفېينىڭ مەلۇماتى مىللىي ئار-نۇمۇسقا قاتتىق تېگىپتۇ، بۇ ئىسرائىلىيىدە يەھۇدىيلارنىڭ ئىرسىي جۇغلانمىسىنى بىراقلا يوق قىلىشقا ئۇرۇنغان ھەرىكەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىندى، تاپقۇر نۇرلارغا قارشى قالقان تېپىش، فىلوفېينىڭ نۇرلارندۇرۇشنى يوق قىلىدىغان بىر نەرسە سۈپىتىدە ئويلاپ چىقىش كېرەك!- دېگەن شۇئار تاشلاندى، روسىيىدە بولسا ناھايىتى كۈچلۈك قارشىلىق كۆرسىتىش پائالىيىتى، فىلوفېي تېزدىن كائىناتتىن چۈشۈرۈلسۇن، ئۇ ھېچقانداق كاھىن ئەمەس، ئۇندىن قالسا، ئەڭ مۇھىمى، بىزگە بىر قېتىملىق ئىسلاھات ۋەقايتا قۇرۇش يېتىشىدۇ، گايدارنىڭ ئىسلاھاتلىرى يېتىپ ئاشىدۇ، ئەمدى رۇس ئېلىنىڭ ئىرسىي جەھەتتىن قايتا قۇرۇلۇشىغا يول بەرمەيمىز، فىلوفېي دېگەن كائىناتتىكى گۇرباچېۋ! ئۇ ئامېرىكىغا سېتىلغان ئادەم! ئۇ روسىيىنى چۆكتۈرگىلى تەييارلىنىۋاتىدۇ!-دېگەن تەلەپلەرنى قويغان، شۇئارلارنى توۋلاشلار نامايىشقا ئايلاندى، ۋەقە مانا مۇشۇنداق تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى.
    -بۇ ناھايىتىمۇ قايغۇلۇق، ئاڭلاشقا ئېغىر ۋەقە، جېنىم قورۇلۇۋاتىدۇ، نېمە قىلىش كېرەك؟ روبېرت بورك-ھۇلۇقۇپ قالدى.
    - ئۇنىڭدىن كېيىنكىنى ئاڭلاڭ، جۇڭگودا ۋەھىمىلىك باشقا بىر كۆتۈرۈلۈش، بۇ ئۇلارنىڭ نوپۇس جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىنىڭ ئەھمىيىتىنى يوققا چىقىرىش ئىكەن، ئۇلارنىڭ شۇئارى، «نوپۇس جەھەتتىكى جان سانىنى تېز ئاشۇرۇشقا يول بەرمەيمىز!» ھىندىستانغا بولسا «كاسساندرانىڭ تامغىسى دىنىي مۇراسىملىق بەلگە بىلەن بويالسۇن!» دېگەن چاقىرىق تاشلاندى.
    -ھوي، ھوي،- بۇ نېمە ئىشلار بۇ دەپ ھەيرانۇھەس قالدى.
    -بىراق، مېنى ھەممىدىن بەكرەك ھەيران قالدۇرغان باشقىسى، بورك ئەپەندى، قىزىق ، بۇنىڭغا نېمە دەيسىز، ھامبورگدا ھېلىقى داڭلىق، پورتنىڭ ھەممە يېرىدە ئېقىپ يۈرۈشىدىغان پاھىشىۋازلار بىلەن ئاشنىدارچىلىق قىلىدىغانلار چۇقان سېلىپ قارشى چىقىشتى، سىتسىلىيىدە قارا قول پارتىيىسىدىكىلەر پالېرمونىىڭ ساھىلىدا، مۇنداقچە ئېيتقاندا پۈتكۈل خەلق بويىچە يۈرۈش قىلىشنى ئۇيۇشتۇرۇشتى، لاتىن ئامېرىكىسىدا ستىخىيىلىك  ھالدا كۆپ ساندىكى قارشى چىققۇچىلار، قەتئىي مەخپىي ئەپيۇن ئۆسۈملۈكلىرىنى تىرىشقان رايونلاردا بولۇۋاتىدۇ، بۇندىن سىرت شەھۋانىي فىلىم - كىتاب، ئەسەر ئىشلەيدىغانلارمۇ چەتتە قالغىنى يوق، ئۇمۇ قارشى چىقىۋاتىدۇ، توۋا، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ھەتتا،ھەر قانداق ئىنقىلابچىلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي قارشى، ئەگەر فىلوفېي قول يېتىدىغان يەردە بولسا ئىدى، ئۇنداقتا ئۇلار ئۇنى... دېمەكچىمەنكى، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ھەربىي دائىرىلەرمۇ بەك نارازى، ھەممىدىن چۈشۈنۈكسىز بولغىنى شۇكى بىر مەھەل زىلزىلە قوزغىغان كىنو فىلىملىرىنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىلىرىمۇ نارازلىق بىلدۈرۈۋاتىدۇ.
    - مۇنداق دېگىن، ئەنتونى،- دېدى روبېرت بورك،- بۇ يەردە بىر خىل كەسپىي ئۇيۇشچانلىقى بار ئىتتىپاقلىق بىلىنىپ تۇرۇۋاتىدۇ، قانداقلا ئۈيۈر ،پادابولمىسۇن ياشىغۇسى، كۆپەيگۈسى كېلىدۇ، مەن شۇنداق دەر ئىدىم، كاسساندرا تامغىسى بولسا ئۇلارنىڭ چېكىسىگە چىققان چىيقان، كېلەچەكتە ئۇلارنىڭ ۋەھىملىك بولۇپ قېلىشى ۋەھىملىك، جەمئىيەتتە بۇ ئۈيۈرلارنىڭ كۆپىگە تەلەپ سولغۇنداپ قالىدۇ، شۇنداق قىلىپ ئۆزىنى - ئۆزى ساقلاپ قېلىش ئىقتىدارىمۇ ئويغاندى، ئۇيۇر ئوڭايسىزلىقىنى ۋە زىددىيەتنى سەزدى، ئۇلارنى چۈشىنىمەن، ۋەي! ۋەي! ئەنتونى، ياخشى ئاڭلانماي قالدى، بۇ نېمە ئىش.
    -ئۈنىڭىزنى ئەڭ ياخشى ئاڭلاۋاتىمەن، ئېيتىۋېرىڭ، تەپەككۇر-ئويىڭىز ناھايىتىمۇ جەلپكار ئىكەن.
    -مانا شۇنداق، توغرا، ئوقۇلۇشى ئوڭلاندى، دەۋېرەي، سۆزلەۋېرەي، ئەگەر فىلوفېينىڭ باياناتىنىڭ تەسىرىدە ئادەم بالىسىنىڭ ئادىمىيلىكى ئۆزگەرسە، ئەگەر ئادەمزاتى دائىم ھامىلىلەرنىڭ بەرگەن بەلگىسىگە قۇلاق تۈرۈپ ئۆزىگە باشقىچە قارىغان بولسا، ئۇنداقتا ئىنسان خاسلىقىنىڭ ئۆزىنى ئەكس تەرەپتىن كۆرسىتىشكە كۆنۈشى ئازىيىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھاجەتمەنگە تەلەپ قويۇلماي قالغان جەمئىيەتتە ئاشنادارچىلىقنى كەسىپ قىلىدىغان ئادەممۇ بولمايدۇ، ھامبۇرگدىلا ئەمەس، شاپاقچىلارنىڭ بۇرۇنقىدەك ئەلۋان ھارخىل توپىمۇ بولمايدۇ، قارا قول پارتىيىسىدىكىلەر دەل شۇنىڭ ئۆزى، باندېتلىق، جىنايەتچىلىك ھەممىسى بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەگەر كاسساندرا تامغىسى ئۇيات ئەمەس ئاگاھلاندۇرۇش بولسا، ئەڭ مۇھىمى ئادەملەر پۈتۈنلەي ئۆزى-ئۆز تەرەققىياتىغا ئۆزىنى تەتۈر تەرەپتىن كۆرسىتىشكە ئىرسىي جەھەتتىن كۆنۈشى يوق بولسا، ئۇنداقتا ھازىرقى بېشىمىزدىن كېچىۋاتقان بوھران ئاقلىنىدۇ، ئىختىيارسىز بىر سوئال تۇغۇلىدۇ....
    -ئوتتۇرىغا قويۇشقا نېمە ئۈچۈن بولمايدىكەن؟ مەسىلە باشقىدا: كىشىلەر سۆزۈمنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلارمىكىن؟ چۈنكى ھېلىقى سەن دېگەن قارشى چىققۇچىلار ئۆزلىرى يېڭىلىپ قېلىشتىن قورقىشىدۇ- دە، ئاسايىشلىق، پاراۋانلىقتىن ئاجراپ قېلىشتىن قورقىشىدۇ- دە، چۈنكى ئۇندىن باشقا تەپەككۈر تۈپكى تۇمۇردىن ئۆزگىرىشكە تېگىشلىك، ئۇ، ھېلىقى كاسساندرا ھامىلىلىرى ئۆزىدە ئەسلىي بار بولغان ئىقتىدارىدا شۇنچىلىك چۆچىگەن ھالدا ھاياتتىكى ئىپلاسلىقىنى، ھارامتۆشلۈكىنى چەتكە قاقىدۇ، ئاڭ-سېزىم ئۇندىن قالسا ئەخلاقى ياخشى نىيەتلىك خالىسلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك ھالدا ئۆزگەرمەيدۇ، ئامان قېلىش بىلەن تەرەققىياتنىڭ بىردىنبىر چىن شەرتى شۇ بولىدۇ، ھازىرقى شەرتتە شۇنىڭ ھەممىسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلىشى مۇمكىن ئەمەس، بورك ئەپەندى، ھەر قانداق دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ قارشى بولۇشلىرى ھەققىدە كۆپلىگەن مەلۇماتلار چۈشۈپ تۇرماقتا.
    -ئۇ چۈشىنىشلىك ئىش، كاسساندرا تامغىسى ئۆز تەبىئىيىتى بىلەن بىردەك دەرىجىدە، مۇتلەق رەۋىشتە ھەممىسىگە لازىم، بۇ مەنادىن ئالغاندا كاسساندرا ھامىلىلىرىنىڭ رېئاكسىيىسى ھەممىباب ئادەمزاتىنىڭ توپلارغا، گورۇھلارغا، ئېقىملارغا ،ئۆز ھەم ياتقا بۆلۈنگەنلىكتىن پايدىلىنىپ مۇنداق بۆلۈنۈشتىن ھەم قارىمۇ- قارشى تۇرۇشلاردىن روھانىي مۇداخىلە قىلغان كۈچلەرگە كاسساندرا ھامىلىلىرى بۇلار ئۈچۈن كاشىلا ئاپەتلىك دىنىي مەزھەپچىلىكلا ئەمەس، ئومۇمىي قىيىن مەسىلە، ئۇنداق كۈچلەر فىلوفېينى يەنە ئۇنىڭ مەلۇماتىنى بارلىق تىللاردا ھالىنىڭ يېتىشىچە، بولۇشىغا يامان كۆرگەن سۆزلىرى بىلەن ئېيتىدۇ، شۇڭلاشقا مېنى تاڭ قالدۇرار ھېچنەرسە يوق بۇ يەردە....
    - بۇ ئويىڭىزغىمۇ قوشۇلىمەن، بورك ئەپەندى، بۇ پاراڭ كۆزۈمنى بۇرۇنقىدىنمۇ كۆپرەك ئاچتى، كەچۈرۈڭ، بۇ مۆھلەتكە، مېنى كود- نومۇر بويىچە تېلېفونغا جىددىي چاقىرىشىۋاتىدۇ، ياق، ياق، ترۇبكىنى قويماڭ، نېمە ئىكەنلىكىنى ھازىرلا بىلەي، ئۇندىن كېيىن سۆھبىتىمىزنى يەنە ئۇلايمىز، (-ھەي! ھەي! قانداق يېڭىلىقلار؟ ئاشۇنداقمۇ؟ ھەقىقەتەنمۇ، شۇم خەۋەر ئىكەن، بۇ قېتىم ھەممەيلەن چۈشىنىشلىك ھەرىكەت قىلىمىز.) بورك ئەپەندى، كەچۈرۈڭ، كەلگەن مەلۇماتقا قارىغاندا ۋەزىيەت يامانلىشىۋاتىدۇ، مەن سىزدىن يەرلىك ساقچى ئورگانلىرىغا تېلېفون بېرىپ، تاللا بازاردىن ئۆيىڭىزنى كۆزلەپ نامايىشچىلارنىڭ چوڭ توپىنىڭ قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ قويۇشىڭىزنى سورىنىمەن، دەرىزىڭىزنىڭ تۆپىدە تۇرۇۋېلىشىپ نارازىلىق بىلدۈرۈشى، قىيقىراپ، ھۆكۈرەشلىرى تۇرغانلا گەپ.
    - يارايسىز، ئەنتونى، ھازىر ساقچى ئورۇنلىرىغا تېلېفون بېرىمەن، ئايالىم بايا تېخى ئېيتقان، ئۆزۈم ئېرەن قىلماي قويدۇم، بىزگە قارىتا ئۇلار تاڭ سەھەرلا ھەر خىل ۋاراقچىلارنى تاملارغا چاپلاپ بولۇشقان، جېسسى ھازىر ئۆزى بېرىپ ساقچىلارغا تېلېفون بېرىدۇ.
    -شۇنداق بولسۇن، بورك ئەپەندى، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىش ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماڭا ھازىرلا خەۋەر كەلدى، ماقالىڭىز بېسىلغان «مۇنبەر» ئوقۇرمەنلەرنىڭ قوللىرىغا تېگىپتۇ، ھېلىقى تېز چىقىرىلغان سانى ئىكەن.
    - شۇنداقمۇ؟!- دەپ سالدى ئەقلى - ھۇشى جايىدا بولماي تۇرغان روبېرت بورك،-دېمەك، گېزىتچىلار ۋاقتىنى بىكار كەتكۈزمەيدۇ- دە، ئۆزىدىن مەلۇم، سىزدەك بەلگىلىك تەسىرى بار كېلەچەكشۇناسنىڭ ھەر بىر سۆزى ھازىر ئالتۇنغا باراۋەر، ئەلۋەتتە، ماقالىڭىزنى چۆرىدىگەن ھالدا ئەمدى ھەر قانداق تالاش-تارتىش بولىدۇ دەڭ! بۇ مۇھاسىردە قالغان سېپىلدىن بىرىنچى قېتىم ئېتىلغان زەمبىرەكنىڭ ئوقى، بىراق بۇ ئوردوكنى كۆزلەپ ئېتىلغان يەككە-يىگانە تۆھمەتقۇ، بۇ ئىشقا قاتتىق خاپا ئىكەنلىكىمنى يوشۇرالمايمەن، پوزىتسىيىڭىزنى بىلىشكەن كىشىلەر بار ھەم ئاز ئەمەس دەپ ئويلايمەن، كاسساندرا ھامىلىلىرىنىڭ پەۋقۇلئاددە ھامىلىسى زېرەك، زەكىي ئىقتىساسلىقلارنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ، بۇ ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز چۈشىنىپ بىلىشىمىزدىكى بۇرۇلۇش ياساش پەيتى ئەمەسمۇ؟ تارىختا قاچان يەنە مۇنداق بولىدۇ؟ بۇ ھادىسىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ياز پەسلىدە بېغىدا سايرىغان قۇشتەك كۆڭۈللىرى يايراپ قېنى قىنىغا پاتماي قېلىشى كېرەك- دە، بىراق تىلەككە قارشى ئىقتىساسلىقلارنىڭ زور كۆپچىلىكى زەربىسى قاتتىق ئېقىمغا قارشى مېڭىشقا پېتىنالايدۇ، مەن بۇنى نان يېگەندەك بىلىمەن، جەمئىيەتكە سەر خىللارنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشى سۇبيېكت دېگىنىڭىز شۇ، قاتتىق قارىشلىق يوق، بارمايدۇ، ئاۋازىنى قاتتىق چىقارمايدۇ، دالدىدا كۈتۈپ تۇرىدۇ، بۇ چاغدا ئوردوك قولىغا مەشئەل ئېلىپ يۈگۈرۈپ ئەقىل-ھۇشى بىلەن جىمىسىنىڭ ئوتىنى، دۇنياۋى ئوتىنى يېقىپ يۈرۈپ قاراپايىم خەلقنى ئۆزىگە تارتىپ كۆتۈرۈپ چىقىشقا ئۈلگۈردى، ھەممىسى شۇئار توۋلىشىپ ھەرىكەت قىلىشقا لۈكچەكلەر شايكىسىگە بېرىپ قوشۇلۇشقا ئالدىراشماقتا، پاھىشىۋازلار ئۇيۇشقان ھالەتتە نامايىشقا چىقىپ يېتىشسا، باشقىلار ھەققىدە تېخىمۇ ئېيتىمىز؟
    -ئەنتونى، كەچۈرۈڭ، يېشى چوڭ ئادەم سۈپىتىدە سۆزىڭىزنى بۆلۈپ قوياي، مەن بەكمۇ ياش ھېلىقى پاھىشىۋازلار ھەققىدە ئېيتقاندا، گەپ قىلغاندا... كۈلكىڭىز قىستاپ كەتتى، ئۇنى بىلىمەن، ماڭا بولسا بۇ ناھايىتىمۇ قايغۇلۇق سېزىلىدۇ، ئەلۋەتتە، بارلىق مەزگىللەردە ئۇلارنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشى ،قىلغان ئىشلىرىغا يارىشا ئىشلار، مۇئامىلىلەر بولۇپ كەلگەن. بىراق، مۇنداق ئىشنى، پاھىشىۋازلار توپ - توپى بىلەن كىشىلەر ئالدىدا نارازىچىلىق نامايىشقا چىققىنىنى كەچۈرۈۋېتىڭ، ھېچقاچان ئاڭلىغان ئەمەسمەن، ئۇلار ئۆزلىرىگە خاس مىجەزدىكى ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي قاشقىسىنىڭ بارلىقىغا ھەم مەندۈرمەنلىكىگە قارىماي بىچارە پاھىشىۋازلار شۇ يەردىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ياشاش ئەھۋالىغا بېقىندى ئىكەنلىكىنى سېزىشىپتۇ، ھەقىقەتەندىمۇ كاسساندرا تامغىسى بولسا بۇ مانا ئاشۇلارغا ئوخشىغان ئىرىسىيەتشۇناسلىقنىڭ چىت- چاتقال ئورمىنىدا سۇلغۇن گۈللەرگە قاراپ بوزلاپ يىغلاپ تۇرغاندەك ئەمەسمۇ؟
      ئۇلارنى نامايىشقا سىياسىي ئاشنادارچىلىقتىكى ئەر - ئاياللار ئازدۇرۇپ چىقاردى. باشقىلارنىمۇ ئازدۇرۇپ چىقارغانمۇ دەل شۇلار، ھازىر، ئەينەك كولبىدىن ئۆزىنى  ئۆزى چىقارغان ساراڭ ئوردوك، ئەمدى ئۆزى باشقۇرۇپ ئالالماي قالدى دەپ ئويلايمەن، مىسال كەلتۈرۈش ئۈچۈن يىراقلاپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. مانا، يولدا نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن، بىزنى قوغلاپ سېزىپ تۇرۋاتىمەن، ماشىنىلاردىكىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ماڭا ئوخشاش تېلېۋىزىيىدىن بىر - بىرىگە بىر نەرسىلەرنى دەپ قىيقىراشماقتا، ئۇلارنىڭ ئەپتى-ئەنگىزىدىن ياخشىلىقنىڭ نىشانى بىلنەشمەيدۇ، ھەر بىر ماشىنىدا كىشىلەر پەۋەس ئولتۇرۇشۇپتۇ، ماڭا دېگەنلەرگە قارىغاندا، بۇلار تاللا بازارنىڭ يېنىدىكى ماشىنا توختاش مەيدانىدا ئۇچرىشىدىكەن.
    -مۇنداق دەڭ، ئەنتونى، ئۇ يەر شۇنىڭغا ئوخشىغان يىغىلىشلار ئۈچۈن بەكمۇ قولاي.
    -شۇ يەرلا بولسا مەيلى ئىدىغۇ! كەچۈرۈڭ ھەتتا مېنىمۇ ئالاقزادە قىلىپ قويۇشتى، (-ۋەي، ئاڭلاۋاتىمەن، شۇنداقمۇ، ئەنتونى يۇنگېر، بۇ مەن، چۈشىنىشلىك، شۇنداق، ھە، ئېيت، ئاڭلاۋاتىمەن، شۇنداق بولىدۇ دەپ ئويلىغان، يارايسەن! ماڭا دائىم بىلدۈرۈپ تۇر، چۈشەندىم، خوش!) بورك ئەپەندى ھازىرلا ماڭا خەۋەر قىلىشتى، نيۇيوركنىڭ كوچىلىرىدا تىقما - تىقما نامايىشلار، ھەتتا ب د ت نىڭ ئىمارىتىنىڭ ئالدىدا كىشىلەر كۆپ يىغىلىۋاپتۇ، ساقچىلار تەستە تۇرۇۋېتىپتۇ، نامايىشچىلار فىلوفېينى كائىناتتىن ئېلىپ چۈشۈشنى تەلەپ قىلىشىۋاتقان ئىكەن، بۇ بولسا خەلقئارالىق ھەرىكەتكە ئايلاندى، ئۆزىدىكى بار ئەھۋالغا يارىشا، ئالدىنقى قاتارلاردا بويىشىپ: «قاراڭلار!بىزگە كاسساندرا تامغىسى بېسىلغان، بىزنى ئاسراپ قېلىڭلار!» دېگەن پلاكاتلارنى كۆتۈرۈشۈۋېلىشىپتۇ، يەنە كۆپلىگەن ئەرلەر ھەم ئاياللار، تىلەكداشلىقىنى بىلدۈرۈشۈپ چېكەلىرىگە قايچىنى بەلگە قىلىشىپ بىللە كېلىشمەكتە، ۋەزىيەت مانا مۇشۇنداق.
    -ئۇچراشقاندا سۆزلىشەرمىز، يېقىندا بېرىپ قالىمىز، ئەڭ مۇھىمى بورك ئەپەندى، ئەسۋاب-ئاپپاراتلارنى ئورنىتىپ، فىلوفېي بىلەن مۇناسىۋەت تۈزۈپ، ئۇندىن كېيىنكىسىنى جىددىي ئويلىنىمىز.
      -كۈتىمەن، ئەنتونى، ئۆينىڭ يېنىدىن قانداقتۇر بىر ئاۋازلار ئاڭلىنىشقا باشلىدى، جېسسى ماشىنا ئۆيىمىزنى ئېتىۋەتكىلى كەتتى، دەرىزىدىن كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن، كىمدۇر بىراۋلار سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىمىزگە تاش ئىرغىتىپ، زوراۋانلىقىنى قىلىۋاتىدۇ، ساقچىلار ھازىرلا كېلىشكە تېگىشلىك ئىدى، كۈتۈۋاتىمەن، يەنە بار، ئەنتونى، كەچۈرۈڭ، فىلوفېي بىلەن ئالاقىنى تاماملاشقا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟
    -بالىلار ئېيتىشىۋاتىدۇ، بىر سائەت چامىسىدا، بەلكىم بىر ئاز ئۇزاقراقتۇر، ئىش كۆرگۈزىدۇ، شۇنداقتىمۇ سىز، مۇنداقچە ئېيتقاندا فىلوفېي بىلەن يۈزمۇ يۈز سۆزلىشىسىز، ماڭا خەۋەر قىلىشتى، ئۇ فاكس بويىچە ماقالىڭىزنىڭ تېكىستنى ئېلىپتۇ، ئىستراتېگىيە ۋە تاكتىكا، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى قانداق ئۆتكۈزۈش ھەققىدە سۆزلىشىۋېلىش كېرەك، كەلگەندە يەنە سۆزلىشىمىز، بىز ئاندىن كېيىن بارىمىز، كۈتۈڭ!
    كوچىدا چۇقان - سۈرەن ئەۋج ئالدى، ماشىنىدىن چىققانلارنىڭ ھەم تاللا بازاردىن بۇياققا پىيادە كېلىۋاتقانلارنىڭمۇ يامراتقانلىقىمۇ دەرىزىدىن كۆرۈنۈپ تۇردى، يىغىلغانلار قوروقنىڭ سىرتىدىكى باغلارنىڭ تۈۋىدە بىر نەرسە ھەققىدە قىزىق سۆزلىشىپ بوياقلار بىلەن بويالغان پلاكاتلارنى ھەم چاقىرىقلارنى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك قارماپ تۇرۇشتى، ھەممىسىنىڭ دەيدىغىنى بىر، ئوچۇقتىن-ئوچۇق قورقۇتۇپ ئۈركۈتتى، «بورك ساڭا ساۋاب يوق!»، «يالغان ئىلىمنى ياراتقان شەيتاننى ياتقان يېرىدە جايلايمىز!»، «پروفېسسورنىڭ چېكىسىگە كاسساندرا تامغىسىنى بېسىش كېرەك!»، «ئىنسانىي ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان ئادەم ئۆزى دەپسەندە بولىدۇ!»، « ئىلىمنىڭ تېرورزىمچىسىغا چىداشقا سەۋر قىلمايمىز!»، «بورك-شەيتاننىڭ شاپىلىقى!»، «فىلوفېي بىلەن بوركنى بىر تۈۋرۈككە باغلايمىز!» يەنە باشقا، باشقىلار....
    دىققىتى بىر يەردە بولمىغان بورك ئويغىنىۋەردى بۇلار كىملەر، بۇ كىشىلەر؟ نېمە ئۈچۈن، نېمە سەۋەبتىن بۇلار بۇ يەرگە يوپۇرۇلۇپ كىرىپ كېلىشتى؟ بۇرۇن بىلىشمىسە، كۆرۈشمىسە بىر - بىرىنىڭ بۇ دۇنيادا بار- يوق ئىكەنلىكىدىن خەۋەرلىرى بولمىسا، ئەمدى مۇنداق قىلىپ مەزگىل پەيتى كېلىپ ئۇچرىشىۋاتىدۇ، ئەمدى ئۇلار قانداقتۇر بىر ۋەقە بولۇشىنى كۆتۈرۈشۈپ، كوچىدا چۇقان - سۈرەن قىلىشىپ، قارا، ئاق، ئەرلەر، ئاياللار، ياشلار ھەم قېرىلار، بەزىلىرىدە ياڭراتقۇلار، بەزىلىرىدە فوتو ئاپپارات ۋە تېلېكامىرالار بار، كۆپچىلىكى قولفونلۇق، ئۇلار ئاللىقانداق بىر كىشىلەر بىلەن قىزغىن سۆزلەشمەكتە، بۇ كۈچلەر بورك بۇرۇن ماي بوياق ياكى باشقا سىزما رەسىملەرنىڭ تاختاي-رەختلىرىدە، تىياتىرخانىلارنىڭ سەھنىلىرىدە ھەم كىنو سيۇژىتلاردا تەسۋىرلەنگەنلەرنى كۆرۈپ، تارىخىي ئىزدىنىشلاردىن، نەزەرىيىۋى ماقالىلاردىن ئوقۇپ يۈرۈپ، ئۇنىڭ مۇئەللىپلىرى قەھرىلەنگەن كىشىلەر توپىنى سۈرەتلەپ يېزىپ، ئۇنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشلىرىنى مۆلچەرلەپ بولغۇسىزلىقىنى، سەۋەبى نېمىدە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشتە ھەرىكەت قىلغان ھېلىقى كۈچلەر دەل شۇلار ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش شۇنچىلىك تاڭ قالارلىق خىيالغا كەلمەس ئىش ئىدى.
    ئەمدى مانا، بايىقى قەھرىلەنگەن توپ بولۇپ شەكىللەنگەن بىرنېمىلەر بۇ يەردە تۇرۇشىدۇ، ئۇلار ئۆينى ئايلاندۇرۇپ توسۇۋالغان توسمىغا تەرەپكە قادىلىپ قاراپ تۇرۇشماقتا، دەرىزىدىن ئۆڭ - چىرايلىرى كۆرۈنۈپ تۇرۇشماقتا، بۇلار نېمىلەرنى خالايدىكىن؟ خالايدىغانلىرى نېمە بولۇشىى كۈتۈپ تۇرۇشماقتا، ئۇلارنىڭ قوللىرى كۆزگە كۆرۈنمەس مەشئەل يېقىش كېچىسىنىڭ كۈچ ئۇلاپ يۈتكۈزۈش ئوتىنى يېقىشتا، ئۇلارنىڭ پۇتلىرى رىم قوزغىلاڭلىرىنىڭ قانغا بويالغان تاشلىرىغا ئۇرۇنماقتا، ئۈستى تەرەپلەردە ئوغىسىنى تۆكۈشكە ھەرىكەت قىلغان بۇلدۇقلاپ قاينىغان ياۋايى ھەرىلەرنىڭ ئۈنى ئاڭلانماقتا، بۇ ئۇلارنىڭ گۇناھىمۇ ياكى باشلىرىغا چۈشكەن قارا ئاپەتمۇ ياكى قانداقتۇر بىر زۇلۇم قارا كۈچ ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن بۇ يەرگە ھەيدەپ كەلدىمۇ؟ نېمە قىلىش كېرەك؟ تۈنۈگۈن يېقىندىلا ھېسابلاپ كۆرسە ئۆزى بىلەن كەتكەن داھىيلارنى كۆرگەندە شادلانغانلىقلىرىنى ھەم بېرىلگەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ مەيدانلاردا يۈز مىڭلىغان ھەلقۇملاردىن چىققان ئاۋاز بىلەن يەر - سۇنى بۇزۇپ لەرزىگە كەلتۈرۈشكەن ئۇلارنىڭ قولىنىڭ شىلتىلىشى بىلەن غەربكىمۇ، شەرققىمۇ، شىمالغىمۇ، جەنۇبقىمۇ تېزدىن قان كېچىپ تالاپ، قاۋاپ يۈرگەن ئىتتەك يۇلقۇنۇپ ئېتىلغانلارغا نېمە دەرسەنكىن تاڭ، تۈنۈگۈن، يېقىندىلا ئىشتىنىغا سىيىۋەتكۈدەك دەرىجىدە ياخشى كۆرگەن ئادىمىنى كۆزنىڭ قىيقى بىلەن بولسىمۇ بىر قارىۋېلىش ھەم شۇ زامات ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ دۇنياغا ئاتلىنىۋېرىش ئۈچۈن ئېيتىلغانلارنىڭ، دارغا ئېسىلغانلارنىڭ، قىتئەسىنىڭ ئۈستىدىن قارا قۇيۇن بولۇپ ئۇچۇپ كېتىش ئۈچۈن ستالىننىڭ تاۋۇتى ئالدىدا بىر-بىرىنى دەسسەپ-چەيلىشىپ ئۆلتۈرۈشكەنلەرگە نېمە ئېيتماقچى سەن، كېچىلا تۈنۈگۈنكى تېھراننى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىپ، يەر-سۇنى بۇزغان چۇقان - سۈرەن بىلەن تاش بارانغا قېلىپ ئۆلۈمدىن قاچقان ئىراننىڭ داھىيسى ئۇچۇپ چىقىپ كېلىۋاتقان ئايروپىلاننى ئاز يەردىن ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش-قونۇش جاھازىلىرىدىن قارماپ بۇزۇپ ئالغانلارغا نېمىلەرمۇ دېيەلەيدىغانسەن؟ ئەقلىدىن ئاداشقان، قەھرىلەنگەن كىشىلەر توپى ئۇچۇش مەيدانىدا، دالىلىرىدا يەنە دالالارغا يۈگۈردى، ئاسماندا بارغانسېرى ئېگىزلەپ كېتىۋاتقان ئايروپىلاننىڭ ئوتى ئۆچۈپ يېنىپ كېتىۋاتاتتى، ئادەملەرنىڭ يۇلۇشقا مادارى يەتمىگەن يۇلتۇزلار ئاسماندا جىمىرلاپ تۇرۇشتى، ئۆكۈنچى ئىچىدە قالغان ھېلىقىلار كۆيۈپ پىشىپ، يەرنى تېپچەكلەپ ھېلىقى ئايروپىلاننى تېزدىن قايتا قوندۇرۇپ بېرىشنى ئاللادىن يېلىنىپ، سورىنىپ تۇرۇشتى، ئەمدى شۇ قەھرىلەنگەن توپ بۇ يەردە، ئۇنىڭ ئۆينىڭ ئالدىدا يېڭى بىر ئىش چىقىرىشنى، بىرەر ۋەقە بولۇشنى كۈتۈپ تۇرماقتا.
    ئۇ دەرىزىدىن قاراپ تۇردى، يېنىدا جېسسى ئۇلارنىڭ پاراڭلىرى نېمە ئۈچۈندۇر ھاۋاسىز بوشلۇقتا لەيلەپ يۈرگەندەك بىلىندى.
    مەنبە: چىنگىز ئايتماتوۋنىڭ (يۈسۈف ئىگەمبەردى تەرجىمە قىلغان) «كاسساندرا تامغىسى» ناملىق رومانى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.