ناركوز دورىسى ۋە ئوپراتسىيە پىچىقى(جىبران خېلىل جىبران)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-11 02:37:48

ناركوز دورىسى ۋە ئوپراتسىيە پىچىقى جىبران خېلىل جىبران ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى - ئۇ تەلۋىلىكتە ئۇچىغا چىققان رادىكال . - ئۇ ياش بوغۇنلارنىڭ ئەخلاقىنى پايخان قىلىش قەستىدە ئەسەر يازىدىغان ب...



    ناركوز دورىسى ۋە ئوپراتسىيە پىچىقى

     جىبران خېلىل جىبران

    ھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى

     

     

    - ئۇ تەلۋىلىكتە ئۇچىغا چىققان رادىكال .

     

    - ئۇ ياش بوغۇنلارنىڭ ئەخلاقىنى پايخان قىلىش قەستىدە ئەسەر يازىدىغان بىر خىيالپەرەس .

     

    - نىكاھ قەسرىدە تۇرۇۋاتقان ئەر - ئاياللار جىبراننىڭ نىكاھ ھەققىدىكى قاراشلىرىغا چىنپۈتىدىكەن ، ئائىلىسىنىڭ تۈۋرۈكى غۇلايدۇ ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىجىللىق ئىمارىتى كۇمپەيكۇم بولىدۇ ، پۈتۈن جاھان بەئەينى دوزاخقا ئايلىنىپ ، ئاۋام ئەرۋاھ ئورنىغا چۈشۈپ قالىدۇ .

     

    - ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ گۈزەللىكىگە قاراپ ئەس - ھوشۇڭلارنى يوقىتىپ قويماڭلار ! ئۇنى ئىنسانىيەتنىڭ كۈشەندىسى دەپ بىلىڭلار!

     

    - ئۇ بىر ئانارخىست ، ئۇ بىر ئاسىي مۇرتەد . ئى قۇت تېغىدىكى خالايىق ، ئۇنىڭ تەلىماتلىرىنى كۆزدىن يوقىتىڭلار ، ئەسەرلىرىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىڭلاركى ، ئۇنىڭ يازمىلىرى روھىڭلارنى كىرلەشتۈرۈپ قويمىسۇن !

     

    - مەن ئۇنىڭ «سۇنغان قانات» دېگەن نەسىرىنى ئوقۇدۇم ، بىلدىمكى ئۇ لوق گۆش ئارىسىغا سېلىنغان زەھەر ئىكەن .

     

    خالايىق مەن ھەققىدە ئەنە شۇنداق تەلقىنلەردە بولىدۇ . ئۇلارنىڭ ئېيىتقانلىرىنىڭ ھېچ خاتاسى يوق ، مەن دېمىسىمۇ تەلۋىلىكتە ئۇچىغا چىققان بىر رادىكالمەن . ۋۇجۇدۇمدىكى گۇمراھلىق خاھىشى تىكلەش خاھىشىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ . كىشىلەرنىڭ نەرسىگە چوقۇنۇپ كېتىشلىرىگە ئىچ - ئىچىمدىن بىزارلىقىم تۇتىدۇ ، كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا نائىل بولالماي تالادا بويۇن قىسىپ قالغان نەرسىلەرنى كۆرسەم سۆيۈنۈپ كېتىمەن . ئىنسانلارنىڭ ۋۇجۇدىغا يامراپ كەتكەن ئەنئەنە ، ئادەت ۋە ئېتىقادلىرىنى يىلتىزىدىن قۇمۇرۇپ تاشلاشقا قۇربىتىم يەتسە ئىدى ، بىر مىنۇتمۇ تەخىر قىلماس ئىدىم . گاھىلار ئەسەرلىرىمنى «لوق گۆش ئارىسىغا سېلىنغان زەھەر» دەپ تەرىپلىشىپتۇ ، شۇ سۆزلىرى بىلەن چۈمپەردە كەينىگە يوشۇرۇنغان ھەقىقەتنى ئاشكارا قىپتۇ . مەن لوق گۆش ئارىسىغا زەھەر سېلىپ قويدۇملا ئەمەس ، بەلكى ئاشۇ لوق گۆشنىڭ ئارىسىدىكى زەھەرنى سىقىپ چىقىرىپ ، ئۇنى سۈزۈك ئەينەك جامغا قۇيدۇم . . . . .

     

    ئۆز روھلىرىنى قارىتىپ قويۇپ مەندىن ئەپۇ تەلەپ قىلىشىۋاتقان ، مېنى «قارا بۇلۇتلار قوينىدا كېزىپ يۈرىدىغان خىيالپەرەس» دەپ تەرىپلىشىۋاتقان كىشىلەر سۈزۈك جامدا كۆزنى قاماشتۇرۇپ يالتىراپ تۇرغان ئاشۇ نەرسىدىن كۆزىنى ئۈزەلمەي قېلىشىدۇ ، بۇرۇن «زەھەرلىك» دەپ قارىغان بۇ ئۇسسۇزلۇقتىن ۋاز كېچىدۇ . چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاشقازانلىرى بۇزۇلغان ، ئۇنى ھەزىم قىلالىغۇدەك مادار ئۇلاردا يوق .

     

    بەلكىم بۇ گەپلىرىم قۇلاقلىرىڭلارغا مۇشت ئۇرغاندەك قوپال ئاڭلانغاندۇ ، لاۋزا تۇيۇلغاندۇ . لېكىن ، لاۋزىلىققا قوپاللىق قوشۇلسا ئاسىيلىققا سىيلىقلىق قوشۇلغىنىدىن ياخشىراق ئەمەسمۇ ؟ لاۋزىلىق ئارقىلىق ھېچبولمىغاندا ئۆز - ئۆزىنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ ، لېكىن ئاسىيلىق باشقىلار ئۈچۈن پىچىلغان توننى ئۇچىسىغا ئارتىۋېلىش بولماي نېمە .

     

    شەرقلىكلەر ھەسەلگە ئامراق كېلىدۇ ، ئۇلار ئۈچۈن ھەسەلدىن ئۆزگە مەززىلىك تائام يوق . ئۇلار ھەسەلنى زىيادە كۆپ يەۋەتكەچكە ئۆزلىرىمۇ ھەسەلگە - ئوتنى كۆرسە ئېرىيدىغان ، مۇزنى كۆرسە قاتىدىغان شىرنىگە ئايلىنىپ كەتكەن .

     

    شەرقلىكلەر شائىرلارنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ، شاھىنشاھلىرى ، ھۆكۈمدارلىرى ۋە باش ئېپىسكوپلىرى ئۈچۈن كۈجىگە ئايلاندۇرۇشنى ئىستەيدۇ . شەرق ئاسمىنىنى ئىسرىقدان ۋە قەبرىستانلىقتىن كۆتۈرۈلگەن ئىس - تۈتەكلەر قاپلىغان ، لېكىن ئۇلار قانائەتتىن تېخىچە يىراق . زامانىمىزدا شېئىرىي بالاغەتتە مۇتەنەببىي بىلەن بەيگىگە چۈشەلەيدىغان قەسىدە شائىرلىرى بار ، خەنساغا① ئوخشاش ئازاب تۇيغۇسىغا ئىگە شائىرلار بار ، شېئىرىي لاتاپەتتە شافىدىن ھارىدىن② ھالقىپ كەتكەن مۆتىۋەر شائىرلارمۇ بار .

     

    شەرقلىكلەر ئالىملىرىغا بۇرۇن ئۆتكەن ئابا - ئەجداتلىرىنىڭ تارىخىنى ، ئىز - خارابىلىرىنى ، ئۆرپ - ئادەت ، ئەنئەنىلىرىنى ، كالامپاي تىلىنى ، مۇرەككەپ سۆزلۈكلىرىنى ، ئۆزلىرىنىڭ تايىنى يوق سىتىلىستىكىسىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن كۈن ۋە تۈنلىرىنى خورىتىش تەلىپىنى قويىدۇ .

     

    شەرقلىكلەر مۇتەپەككۇرلىرىدىن بېدىرباي ③ ، ئىبىن رۇشىد ④ ، ئېفرام سارىيانى ⑤ ۋە جون دەمەشىق ⑥ نىڭ گەپلىرىنى قۇلاق تۈۋىدە قايتا زاھىر قىلىشنى ؛ ئەسەرلىرىدە ئاقماس تەنبىھلەر ، قوپال نەسىھەتلەر ۋە ئاشۇ نەسىھەتلىرىدە قوللىنىلغان ھېكمەت ۋە ئايەتلەرنىڭ چېگرىسىدىن ھالقىپ كەتمەسلىكنى تەلەپ قىلىدۇ . كىمىكى شۇ ئايەتلەر بويىچە ئىش كۆرىدىكەن ، شۇنىڭ ھاياتى قارا كۆلەڭگىلەر ئاستىدا ياشايدىغان ئاجىز ئوت - چۆپلەرگە ، روھلىرى ئەپيۇن ئارىلاشتۇرۇلغان ئىللىق سۇغا ئوخشاپ قالىدۇ .

     

    قىسقىسى ، ئۆزلىرىنىڭ ئاللىقاچان قولدىن بېرىپ قويغان سەھىنىلىرىدە ياشاۋاتقان شەرقلىكلەر پاسسىپ ، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان نەرسىلەرگە ئامراق ، ئاكتىپ ، بىغۇبار ، ئۆزلىرىنى غىدىقلاپ شېرىن چۈش قوينىدىكى سۈت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىدىغان پرىنسىپ ۋە تەلىملەردىن بىزار .

     

    شەرق كېسەل كۆرپىلىرىنىڭ تېنىنى تۈرلۈك تۈمەن كېسەل چىرمىدى ، ۋابا سالجىدەك چاپلاشتى ، ئۇزۇن يىل كېسەل ئاسارىتى دەستىدە تەنلىرى ئاغرىق ئازابىغىمۇ كۆنۈپ قالدى ، ساقايماس مەرەز كېسەل ، ئاغرىق - سىلاق ئۇلارنىڭ نەزەرىدە تۇغما ئارتۇقچىلىق سانالدى ، ھەتتا ئۇنى سۆيۈملۈك قۇسۇر ئورنىدا كۆرۈپ ، ئالىيجاناب روھ بىلەن ساغلام تەندە كەم بولسا بولمايدىغان ئارتۇقچىلىق دەپ بىلدى ؛ مەگەركى ، كىمدە شۇنداق نۇقسان بولمايدىكەن ، شۇ كىشى تۇغما تالانتى ۋە مۇكەممەل غايىسىدىن مەھرۇم بولغان مەجرۇھلار قاتارىغا چىقىرىۋېتىلدى .

     

    شەرقتە نېمە تولا تىۋىپ تولا ، ئۇلار ھەدېسە كېسەل كارىۋىتى ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇپ بىمارغا دېئاگنوز قويىدۇ . ئۇلار بىمارنىڭ كېسەل ئازابىغا بىردەملىك مەلھەم بولالايدىغان ناركوز دورىسىلا كېسىپ بېرەلەيدۇ ، كېسەلنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتالايدۇ ، لېكىن كېسەلنى يىلتىزىدىن يوقىتالمايدۇ .

     

    روھنى ناركوزلاش دورىلىرىنىڭ تۈرى جىق ، شەكلى خىلمۇ خىل . كېسەل ئۆزئارا يۇققانغا ئوخشاش ، بىر خىل ناركوز دورىسى يەنە بىر خىل ناركوز دورىسىنى پەيدا قىلدى . شەرقلىكلەرنىڭ تېنىدە ھەر قېتىم يېڭى بىر خىل كېسەل ئاسارىتى كۆرۈلگەن ھامان تېۋىپلار يېڭىچە بىر خىل ناركوز دورىسىنى ئىختىرا قىلىشقا ئارانلا تۇرىدۇ .

     

    ئاشۇنداق ناركوز دورىلىرىنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ . بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب شۇكى ، بىمارلار مەشھۇر تەقدىر - قىسمەت نەزەرىيىسى پەلسەپىسىگە باش ئېگىدۇ . ئۇنىڭدىن بۆلەك ، دوختۇرلارنىڭ كۆڭلىدىمۇ ئەندىشە بولغاچقا ، پايدا قىلىدۇ دېگەن دورىسىنىڭ بىمارنىڭ تېنىنى ئاغرىتىپ قويۇشىدىن قورقىدۇ .

     

    شەرقلىق تېۋىپلارنىڭ ئائىلە كېسلى ، دۆلەت كېسىلى ۋە دىنىي كېسەللەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان ناركوز دورىسى ، تىنچلاندۇرۇش دورىسى توغرىسىدىكى بىر نەچچە مىسالنى سۆزلەپ بېرەي .

     

    تۈرلۈك ئوبيېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلى ئېرى ئايالىدىن بىزار بولدى ، ئايالنىڭمۇ ئەردىن كۆڭلى قالدى . شۇ ۋەجىدىن ئۆيدە ئۇرۇش - تالاش قۇرۇمىدى ، ئەر - ئايالنىڭ كۆڭلى بىر - بىرىدىن سوۋۇپ كەتتى . بىر سوتكا ئۆتە - ئۆتمەي ئەر تەرەپنىڭ تۇغقانلىرى ئايال تەرەپنىڭ تۇغقانلىرىنى ئىزدەپ بېرىپ جىق خىزمەت ئىشلىدى ، ياغلىما گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈپ نىكاھ قەسرىگە ئاللىقاچان دەز كەتكەن ئەر - ئايالنى يەنە ئۆي تۇتقۇزۇپ قويدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئايال تەرەپنى چاقىرتىپ كېلىپ قىزنى ئۇياتقا قالدۇرىدىغان ، لېكىن قەلبىدىن قايىل قىلالمايدىغان تەنبىھ - نەسىھەتلەرنى توقۇپ چىقىپ ، قىزنىڭ ھېسسىياتىنى گاڭگىرىتىپ قويدى . ئاندىن ئەر تەرەپنى چاقىرتىپ كېلىپ ، كۆڭۈلنى يۇمشىتالايدىغان ، لېكىن ئىرادىسىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغان چىرايلىق گەپ - سۆزلەر ، ئىبرەتلىك ھېكمەتلەر بىلەن ئەرنىڭ كاللىسىنى بىخۇدلاشتۇردى . شۇنداق قىلىپ ، روھىي جەھەتتىن بىر - بىرىدىن مېھرى كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن بۇ بىر جۈپ ئەر - خوتۇن ۋاقتىنچە يارىشىپ قالدى ؛ يۈرىكىدىن كېلىۋاتقان تىۋىشلارغا قۇلاق سالماي قايتىدىن جەم بولدى . لېكىن بۇمۇ ئۇزۇنغا بارمىدى ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنڭ سەۋەب قىلغان ناركوز دورىسى كۈچىدىن قالدى ، ئەر تەرەپنىڭ يەنە بىزارلىقى تۇتتى ، ئايال تەرەپمۇ ھەسرەت - نادامەت چۈمپەردىسىنى قايرىپ تاشلىدى . لېكىن ، ئۇلارنى تۇنجى رەت ياراشتۇرۇپ قويغان كىشىلەر يەنە كارامىتىنى ئىشقا سالدى ؛ ناركوز دورىسى يەپ كۆنۈپ قالغانلارمۇ يەنە بىر جام ئىچىشىنى رەت قىلمىدى .

     

    كىشىلەر زالىم ھۆكۈمەت ۋە كونا تۈزۈمگە قارشى قوپتى ، گۈللىنىش ۋە ئازاتلىقنى مەقسەت قىلغان بىر ئىسلاھات جەمئىيىتىنى تەشكىللىدى . ئۇلار دادىللىق بىلەن نۇتۇقلارنى سۆزلىدى ، قايناپ - تېشىۋاتقان ھېسسىياتلىرىنى قەغەزلەرگە پۈتۈشتى ، جەمئىيىتىنىڭ نىزام ۋە پروگراممىلىرىنى ئېلان قىلىشتى ، ۋەكىللەرنى ، ئۆمەكلەرنى ئەۋەتىشتى . ئارىدىن بىر - ئىككى ئاي ئۆتە - ئۆتمەي ، ھۆكۈمەتنىڭ شۇ جەمئىيەتنىڭ كاتتىباشلىرىنى تۇتۇپ قامىغانلىقىنى ياكى ئۇلارغا مەنسەپتىن بىرەرنى تۇتقۇزغانلىقىنى ئاڭلىدۇق . ئىسلاھات جەمئىيىتى توغرىسىدىكى پاراڭلارمۇ شۇندىن ئېتىبارەن جىمىپ قالدى . چۈنكى ، جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرى ھەممىگە ئايان بوپ كەتكەن ناركوز دورىسىدىن ئىستېمال قىلغاچقا ، جىمىپ قالغان ، تەسلىم بولغانىدى .

     

    بىر توپ كىشى دىنىي داھىيغا قارشى قوپتى ، بەزى تۈپ مەسىلىلەرنى باھانە قىلىپ ، داھىينى تەنقىد قىلدى ، تۆھپىلىرىنى ئىنكار قىلدى ، قىلمىش - ئەتمىشلىرىدىن سەسكىنىشتى . ئۇلار داھىيغا ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتكە يېقىن ، خىيالىيلىق ۋە خۇراپىيلىقتىن خالىي تەلىماتلارغا ئەگەشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تەھدىت سالدى . ئارىدىن ھېچقانچە ئۆتمىدى ، دۆلەت ئەركانلىرىنىڭ چوپان بىلەن قوي پادىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنى تۈگەتكەنلىكىنى ، ناركوز دورىلىرىنىڭ سىرلىق كارامىتىدىن پايدىلىنىپ داھىينىڭ ئىززەت - ھۈرمىتىنى قايتا تىكلىگەنلىكىنى ، ئاسىي - مۇرتەدلەرنىڭ قەلب قەسرىدە دىنىي داھىينىڭ بۈيۈك سىيماسىنى يېڭىباشتىن تىكلىگەنلىكىنى ئۇقتۇق .

     

    تېنى زەئىپلىكتىن نىمجان ھالغا چۈشكەن ئېزىلگۈچى ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە قۇدرەتلىك زۇلۇمكارنىڭ چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمىدىن دادلىدى . قوشنىسى ئۇنىڭغا : «دادلىمىغىن ! قارشى تۇرغۇچىلارغا كۆزىنى ئويۇش جازاسى بېرىلىدۇ» دېدى .

     

    مۇناخنىڭ سەمىمىيىتى ۋە ساداقىتىدىن گۇمانلانغان بىر يېزىلىق كىشىگە ھەمراھى ئېيىتتى :

    - بولدى قىلغىن ! «موللامنىڭ دېگىنىنى قىل ، قىلغىنىنى قىلما» دېگەننى ئاڭلىمىغانمىدىڭ ؟!

    بەسىرە ۋە كۇفە ئېقىمىنىڭ تىل ھەققىدىكى بايانلىرىنى ئۆلۈك ھالدا يادلاۋاتقان تالىپلىرىغا ئۇستازى دېدى :

    - يالقاۋ ، ئىش خوشياقمايدىغان لىڭتاسما كىشىلەر ئۆزلىرىگە گۇناھتىنمۇ يىرگىنىچلىك باھانىلەرنى تېپىشماقتا .

     

    قىزچاق مومىسىنىڭ ئادىتىگە كۆنمىدى ، ئانىسى دېدىكى :

    - قىز ھەرقانچە قىلغىنى بىلەنمۇ ئانىسىدىن ئەۋزەل بولالمايدۇ ؛ مەن بېسىپ ئۆتكەن يوللارنى سەنمۇ ھازىر مېڭىۋاتىسەن .

     

    دىندىكى قوشۇمچە بۇيۇمنىڭ مەنىسىنى سورىغان بىر يىگىتكە باستېر مۇنداق دېدى :

    - كىمىكى شەيئىلەرنى ئېتىقادىي نەزەردە كۆزەتمەيدىكەن ، شۇ بۇ دۇنيادا ئىس - تۈتەك بىلەن تۇماندىن بۆلەكنى كۆرەلمەيدۇ .

     

    ئەنە شۇ تەرزدە كۈنلەر بىر - بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتۈۋەردى . شەرقلىكلەر كېسەل چىللايدىغان يۇمشاق تۆشەكلىرىدە سۈت ئۇيقۇسىنى داۋام ئېتىۋەردى ؛ بۈرگىلەرنىڭ چېقىشىدىن بىرەر مىنۇت ئويغىنىپ كەتتى - يۇ ، تۈگىمەس ئۇيقۇغا يەنە غەرق بولدى ؛ تومۇرلىرىدا ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان ناركوز دورىسىنىڭ پەپىلەشلىرىگە بۆلۈنگەن بۇ شېرىن ئۇيقۇ ئەنە شۇنداق قىلىپ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس بوپ قالدى . ئارىدىن بىرسى بۇ غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ ئۇخلاۋاتقانلارنى بار ئاۋازى بىلەن چاقىردى ، ھويلا - ئاراملىرى ، ئىبادەتخانىلىرى ، قازىخانىلىرى شاۋقۇن - سۈرەن بىلەن تولغاندىلا ئاندىن ئۇلار ئۇيقۇدىن ئېغىرلاشقان كۆزلىرىنى تەستە ئېچىشتى ، تازا بىر ئەسنىۋەتكەندىن كېيىن دېيىشتى :

     

    - قايسى بىئەدەپ چوشقىنىڭ قىلغان ئىشى بۇ ! يا ئۆزى ئۇخلىمىغان ، يا كىشىنى ئۇخلاتمىغان ! - ئۇلار كۆزلىرىنى يەنە يۇمۇشتى - دە ، روھىغا مۇنۇلارنى پىچىرلىدى ، - خۇداغا ئىشەنمەيدىغان بۇ مۇرتەد شۇ تاپتا ياش بوغۇنلارنىڭ ئەخلاقىي قورغانلىرىنى پايخان قىلىۋاتىدۇ ، ئابا - ئەجداتلىرىمىز ئۆز قولى بىلەن بىنا قىلغان ئىمارەتلەرنى كۇمپەيكۇم قىلىپ ، ئادىمىيلىككە زەھەرلىك ئوق ياغدۇرۇۋاتىدۇ .

     

    ئۆز - ئۆزۈمدىن : «مەن ناركوز دورىسى ۋە تىنىچلاندۇرۇش دورىسى ئىچىشنى رەت قىلىدىغان ئاسىي ئويغاقمۇ - ئەمەسمۇ» دەپ تالاي قېتىملاپ سورىدىم . روھىم ماڭا مۈجمەل گەپلەر بىلەن جاۋاب بەردى . كىشىلەرنىڭ ئىسمىمنى قارغاشقانلىقلىرىنى ، تەشەببۇسلىرىمدىن سەسكەنگەنلىكلىرىنى ئاڭلىغىنىمدىلا ئاندىن ئۆزۈمنىڭ ھەقىقىي بىر ئويغاق ئىنسان ئىكەنلىكىمگە ئىشەندىم ، ئۆزۈمنىڭ شېرىن خىياللار قوينىغا ئەسىر بوپ كەتمەي ، تەنھا كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى بىر ئەزا بولۇشنى ئىستەۋاتقانلىقىمنى بىلدىم . ھايات ئۇلارنى ئازغان - تىكەن بىلەن گۈل - چىمەنلەر تەڭ ئۆسكەن ، چىلبۆرىلەر بىلەن كۈي - غەزەللەرگە ئاشىق بۇلبۇللار تەڭ ماكان ئەيلىگەن چىغىر يوللاردا ئەگەشتۈرۈپ كېتىۋاتاتتى .

     

    ئويغاقلىق بىر خىل پەزىلەت سانىلىدىكەن ، ئۇنداقتا ئۆزۈمنى ئويغاق كۆرسىتىۋېلىشتىن ئۇيىلىمەن . لېكىن ئۇ نەزەرىمدە پەزىلەت ئەمەس ، بەلكى تەنھالىقنى ئىستەۋاتقان كىشىنىڭ كۆز ئالدىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولىدىغان ئاجايىپ بىر خىل رېئاللىق ؛ ئۇلار كۆرۈنمەس بىر يىپقا باغلىنىپ ، ئۇنىڭ ئاشۇ داغدۇغىلىق مەنىسىگە ئەسىر بولۇشقىنىچە بىئىختىيار ھالدا ئاشۇ غايىبانە يىپقا ئەگىشىپ ماڭماقتا .

     

    چىن تۇيغۇلىرىنى ئاشكارىلاشتىن ئۇيۇلۇش مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇچىغا چىققان ساختىپەزلىك ، لېكىن شەرقلىكلەرنىڭ نەزەرىدە ئۇ «تەربىيە كۆرگەنلىك» .

     

    كەلگۈسىدە ئەدىبلەر ، مۇتەپەككۇرلار مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ ، تېرىككىنىدىن مۇنداق دېيشىدۇ :

    - ئۇ تۇرمۇشنى قاراڭغۇدا تۇرۇۋېلىپ كۆزىتىدىغان بىر رادىكال . ئۇ ئارىمىزدىلا بولىدىكەن ، بىزنىڭ ھالىمىزغا ئېچىنىپ ھەسرەت چېكىدۇ ، ئاھ ئۇرىدۇ ، ياش تۆكىدۇ . ئۇنىڭ كۆزىگە قاراڭغۇ زۇلمەتتىن بۆلەك ھېچنەرسە كۆرۈنمەيدۇ .

    مەن ئاشۇ ئەدىبلەرگە ، مۇتەپەككۇرلارغا مۇنداق دەيمەن :

    - ئەي شەرق ، مەن سەن ئۈچۈن ياش تۆكىمەن . چۈنكى ، جىنازا ئالدىدا تۇرۇپمۇ ئۇسسۇل ئويناش ئۆتۈپ كەتكەن تەلۋىلىك .

     

    ئەي شەرقلىكلەر ، مەن سىلەر ئۈچۈن ياش تۆكىمەن . چۈنكى كېسەل ئاسارىتىدە قىينىلىۋاتقان كىشىنىڭ ئالدىدا ئويۇن - كۈلكە قىلىش نادانلىقنىڭ ئۈستىگە نادانلىق .

     

    ئەشۇ سۆيۈملۈك ئېلىم ئۈچۈن نادامەت چېكىمەن ، چۈنكى كۆزىدىن ئايرىلغان بىر ئەمانىڭ ئالدىدا غەزەل توۋلاش ئۆتۈپ كەتكەن بىغەرەزلىك .

     

    مەن ئۇچىغا چىققان بىر رادىكال ، چۈنكى ھەقىقەتنى ئاشكارىلايدىغان مۆتىدىل ئېقىمدىكىلەر پەقەت ھەقىقەتنىڭ يېرىمىنىلا ئوتتۇرىغا چىقىرالايدۇ ، قالغان يېرىمىنى تېررورلۇقنىڭ چۈمپەردىسى كەينىگە يوشۇرۇپ قويۇپ كىشىلەرنى ساراسىمگە سالىدۇ ، ۋەھىمىگە چۈشۈرىدۇ .

     

    چىرىگەن جەسەتلەرنى كۆرۈپ ئىچ - ئىچىمدىن سەسكىنىپ كەتتىم ، ئىختىيارسىز ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كەلدى ، قەلبىمنى ئەنسىزلىك تۇمانلىرى ئىگىلەپ ھېچ بىر تاقىتىم قالمىدى . سول يېنىغا بىر ئىستاكان مۇزدەك ئۇسسۇزلۇق ، ئوڭ يېنىغا بىر لىگەن تاتلىق تۇرۇم قويۇلغان چىرىگەن بىر جەسەت بىلەن روبرو ئولتۇرۇشقا تاقىتىم يوق .

     

    ناۋادا بىراۋلار مېنىڭ ھەسرەت - نادامەتلىرىمنى شاد كۈلكىگە ، سەسكىنىشلىرىمىزنى ھېسىداشلىققا ، رادىكاللىقىمنى مۇلايىملىققا ئايلاندۇرۇشنى ئىستىمەك بولىدىكەن ، ئۇنداقتا كۆز ئالدىمدا ئادىل ھۆكۈمدار ، ئوتتۇرىدا لىللا تۇرىدىغان بىر قانۇنچى ھازىر قىلسۇن ، ئۆزى دېگەن ئەمىر - مەرۇپلار بويىچە ئىش كۆرىدىغان بىر يولباشچى ھازىر قىلسۇن ، شۇنداقلا ئاياللىرىغا ئۆزلىرىنىڭ نەزەرى بىلەن قارايدىغان ئەرلەرنى ھازىر قىلسۇن .

     

    مەگەركىم ، كىمىكى مېنى ئۇسسۇلغا چۈشۈرمەك بولىدىكەن ، دېپىمنىڭ تاراڭلاشلىرىغا ، نېيىمنىڭ كۈيلىرىگە قۇلاق سالسۇن ؛ مېنى قەبرىلەر ئارىسىغا تاشلاپ قويماي ، تويى بولغان يىگىتنىڭ ئۆيىگە باشلىسۇن .

     

    ئىزاھات :

    ① خەنسا (557 ؟ - 664) – قەدىمكى دەۋردىكى مەشھۇر شائىرە .

    ② شافىدىن ھارى (1277 – 1349) قەدىمكى ئەرەب شائىرى .

    ③ بېدىرباي – ئەرەبلەرنىڭ مەشھۇر ئەسىرى «كەلىلە ۋە دېمىنە» دە تىلغا ئېلىنىدىغان ھىندى پەيلاسوپى .

    ④ ئىبىن رۇشىد (1126 - 1198) قەدىمكى ئەرەب پەيلاسوپى ، تەبىئىي پەن ئالىمى ، مەشھۇر تېۋىپ ، فىقھىشۇناس .

    ⑤ ئېفرام سارىيانى (306 - 373) پراۋسلاۋىيە دىنى پوپى .

    ⑥ جون دەمەشىق (تەخمىنەن 675 – 749 - يىللار) قەدىمكى ئەرەب دىنشۇناسى ، پېداگوگى .

     

    خەنزۇچە «جىبران كلاسسىك نەسىرلىرىدىن جەۋھەرلەر»ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.