شەكىل ئۆزگىرىش خاتىرسى(فرانز كافكا)

يوللىغۇچى : Aptapperes يوللىغان ۋاقىت : 2008-08-30 17:49:00

شەكىل ئۆزگىرىش خاتىرسى(فرانز كافكا) «شەكىل ئۆزگىرىش خاتىرسى» نىڭ قىسقىچە مەزمۇنى( فرانز كافكا ) «شەكىل ئۆزگىرىش خاتىرسى» ئاۋىستىرىيەدىكى يەھۇدى ئائىلىسىدەتۇغۇلغان مودىرنىزىم يازغۇچىسىفرانز كافكا...

    شەكىل ئۆزگىرىش خاتىرسى(فرانز كافكا)

        «شەكىل ئۆزگىرىش خاتىرسى» نىڭ قىسقىچە مەزمۇنى( فرانز كافكا )

          «شەكىل ئۆزگىرىش خاتىرسى»  ئاۋىستىرىيەدىكى يەھۇدى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان مودىرنىزىم يازغۇچىسى  فرانز كافكا نىڭ داڭلىق، شۇنداقلا ۋەكىللىك خاراكتىرلىك ئەسىرى) ئەسەر ھەجىم جەھەتتىن ئورتىھال يېزىلغان بىر پوۋېستقا ئوخشاپ كېتىدۇ.

         گرېگورى بىر شىركەتنىڭ خىزمەتچىسى بۇلۇپ، ئۇ خىزمەتكە سادىق، جاپاغا چىدايدىغان، مەسئۇلىيەتچان ئادەم. بىر كۈنى ئەتىگەندە ئۇ ئويغىنىپ، تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ چوڭ بىر قوڭغۇزغا ئايلىنىپ قالغانلىغىنى بايقايدۇ. ئۇنىڭ دۈمبە پوستى خۇددى پولات ساۋۇتقا ئوخشاش قاتتىق بۇلۇپ، قوڭۇرەڭ قورسىقى نۇرغۇنلىغان ياي شەكىللىك يىرىك قاسراقلارغا بۆلۈنگەن، ئىنچىكە پۇتلىرى ئۇنىڭ كۆز ئالدىداتىپىرلاپ تۇرىدۇ. ئۇ چوقۇم سائەت بەشتىكى پويىزغا چۈشۈپ مال سېتىشقا بېرىش كېرەك ئىدى. لېكىن ئۇ سائەتنىڭ ئاللىقاچان ئالتە يېرىم بولغانلىغىنى كۆرىدۇ. كېيىنكى نۆۋەتلىك پويىز سائەت يەتتىدە ماڭاتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۈلگىرەلمەيدىغانلىغىنى ھېس قىلىپ قاتتىق تىت-تىت بولىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ دادىسى، ئانىسى ۋە سىڭلىسى ئىشىكنى چېكىپ ئۇنى ئىشقا مېڭىشقا چاقىرىدۇ. بىر ئازدىن كېيىن ئۇ شىركەتنىڭ كاتىپ مۇدىرى كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ئالاقزادە بولىدۇ. ئۇ بىتاقەتلىك ئىچىدە پۈتۈن كۈچى بىلەن يۇمىلاپ، كارۋاتتىن توككىدە يەرگە چۈشىدۇ. كاتىپ مۇدىرنىڭ ياندىكى ئۆيدە تۇرۇپ :«ئۇ يەردە بىر نەرسە چۈشۈپ كەتتى » دىگىنىنى ئاڭلايدۇ. ئارقىدىنلا ئۇ ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ گىرىگورىنى مەسئۇلىيەتسىز دەپ تىللايدۇ ھەمدە: « دىرىكتور بۈگۈن ئەتىگەن ماڭا سېنىڭ ئىشقا بارماسلىقىڭدىكى سەۋەپنىڭ نىمە ئىكەنلىكى توغرىسىدا باشقىچىرەك بىر گەپنى قىلدى-- ئۇ يېقىندا ساڭا پقلاشقا بەرگەن پۇلنى تىلغا ئالدى» دەيدۇ. گىرگورى دىرىكتورنىڭ ئۆزىنى خىيانەت قىلدى دەپ گۇمانلانغانلىغىدىن ھەم بىئارام بولىدۇ ھەم ئازاپلىندۇ. ئۇ ئۆزىنى ئاقلاي دىسىمۇ گەپ قىلالمايدۇ. ئۇ پالاكەت تېنىنى ئاستا -ئاستا يۆتكەپ، ئىشىك يېنىغا بېرىپ، ئاغزى بىلەن ئىشىكنىڭ تۇتقۇچىنى بۇرايدۇ. ئىشىك ئېچىلىشى بىلەنلا كاتىپ مۇدىر قورقىنىدىن ۋارقىرغىنىچە ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ كېتىدۇ.  ئانىسى ھوشىدىن كېتىپ يەرگە يىقىلدۇ، دادىسى خۇددى ئۇنى ئۇرۇپ يەنە ئۆيگە كىرگۈزۋېتىدىغاندەك ئەلپازدا مۇشتلىرىنى چى تۈگىدۇ، ئارقىدىنلا يىغلاشقا باشلايدۇ. گرېگورى قوڭغۇزغا ئايلىنىپ قالغاندىن كېيىن، دەسلەپتە سىڭلىسى ئۇنىڭغا ھەركۈنى يىمەكلىك ئەكىرىپ بېرىدۇ، ئۆيىنى تازلايدۇ.

            ئەسلىدە گرېگورى بۇئائىلىنى باقاتتى، ئەمدى ئۇ ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىدىن غەمگە پاتىدۇ. ئۇ دائىم ياندىكى ئۆيدە بۇلىۋاتقان گەپ-سۆزلەرگە قۇلاق سالىدۇ. ھەرقېتىم تاماق ۋاقتىدا ئۆيدىكىلەر بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىش توغىرلىق مەسلىھەتلىشىدۇ، ھەتتا باشقا چاغلاردىمۇ بۇ ئىشنى مۇلاھىزە قىلىدۇ. گرېگورى قوڭغۇزغا ئايلىنىپ قالغاندىن كېيىن، بۇ ئائىلىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى كۈندىن-كۈنگە يامانلىشىدۇ. ئۇنىڭ دادىسى ئاللىقاچان پېنسىيىگە چىققان ئىدى. ئەمدىلىكتە ئۇ ئۇششاق -چۈششەك ئىشلارنى قىلىپ پۇل تېپىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئانىسىنىڭ زىققا كىسىلى ئېغىر بولسىمۇ، لېكىن ئۇمۇ ئامالسىز يىڭنە ئىشلىرىنى قىلىدۇ.17 ياشلىق سىڭلىسى پىركازچىك بۇلۇپ ئىشلەيدۇ. بر كۈنى ئانىسى بىلەن سىڭلىسى ئۇنىڭ ئۆيىدىكى جاھازىلارنى يۆتكىمەكچى بولغاندا ئانىسى ئۇنى يەنە كۆرۈپ قېلىپ «ئاھ خۇدا » دەپلا ھوشىدىن كېتىدۇ.گرېگورى ئانىسىغا خەۋپ يېتىشتىن قورقۇپ، سىڭلىسىغا ئەگىشىپ ياندىكى ئۆيگە چىقىۋالىدۇ. ئۇ قايغۇ-ھەسرەت ۋە ئۆزىنى ئەيىپلەش تۈپەيلىدىن قىينىلىپ تام-تورۇسلاردا قالايمىقان ئۆمىلەشكە باشلايدۇ، بىردەمدىن كېيىن دادىسى قايتىپ كېلىپ ئۇنىڭ ئۆزئۆيىدىن قېچىپ چىققانلىغىنى كۆرۈپ، گرېگورىنى غەزەپ بىلەن قوغلايدۇ. ھەمدە ئۇنىڭغا قارىتىپ ئالما ئاتىدۇ، بىر ئالما ئۇنىڭ دۈمبىسىگە كىرىپ تېشىپ كىرىپ كېتىدۇ، گرېگورى ئازاپ ئىچىدە تىركىشىپ يۈرۈپ ئاخىرى ئۆز ئۆيىگە قېچىپ كىرىپ مىدىرلىيالماي يېتىپ قالىدۇ. ئۇ يارىلانغاندىن كېيىن كۈندىن -كۈنگە ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ. سىڭلىسى ئۇنىڭغا قارىمايدۇ، ئۇنىڭ ئۆيى ئەخلاتخانىغا ئايلىندۇ، ئۇنىڭ ئائىلسىدىكىلەر ئازراق كىرىم قىلىش ئۈچۈن بىر ئېغىز ئۆيىنى ئۈچ خېرىدارغا ئىجارىگە بېرىدۇ. بىر كۈنى كەچتە سىڭلىسى خېرىدارلارغا ئىسكىرىپكا چېلىپ بېرىۋاتقاندا گرېگورى مۇزىكىدىن تەسىرلىنىپ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا بۇئۆيگە كىرىپ قالىدۇ، خېرىدارلار بۇمەخلۇقنى كۆرۈپ، ئالاقزادە بۇلۇشۇپ ئۆينى قايتۇرۋېتىپ كېتىپ قالىدۇ. سىڭلىسى ئاچچىقلانغان ھالدا سەن ئۆيىمىزنىڭ بەخىتسىزلىكى دەپ ئۇنى ئۆيىگە كىرگۈزۈپ ئىشىكنى تاقىۋېتىدۇ، شۇ كۈنى گرېگورى يېرىم كېچىدە جىمجىت ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئەتىسى ئۇنىڭ ئائىلسىدىكىلەر ئېغىر يۈكتىن قۇتۇلغاندەك ئازادە كەيپىياتتا شەھەر سىرتىغا سەيلىگە چىقىدۇ.


          بۇ ھېكايىدە بىمەنىلىك، سىموۋۇل ۋە رىئاللىق بىرىكىپ كەتكەن، خام خىيالدىن پەيدا بولغان مۇزدەك رېئاللىق ئىجاد قىلىنغان. ئادەمنىڭ قوڭغۇزغا ئايلىنىپ قېلىشىدەك بىمەنە ھادىسە ئەدىبىياتتا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرغا چىققان. كافكا مانا مۇشۇنداق ھازىرقى زامان ئەپسانىسىنى ياراتقان. ئۇ ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئىنتايىن ئاجىز، بىمەنە ۋە ئېنىقسىز تەقدىرىنى مۇشۇنداق بىر ئۇسۇل ئارقىلىق ئەڭ يۈكسەك دەرىجىگە كۆتۈرۈپ ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغان ھەم ئادەمنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ئاجايىپ ئۈنۈم ياراتقان. بۇ ئەسەردىكى ئادەمنىڭ قوڭغۇزغا ئايلىنىپ قېلىشى ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرسىدىكى، ئادەم بىلەن جەمىيەت ئوتتۇرسىدىكى، ئادەم بىلەن دۇنيا ئوتتۇرسىدىكى ، ئادەم بىلەن خۇدا ئوتتۇرسىدىكى ۋە ئادەمنىڭ ئۆزى بىلەن ئۆزى ئوتتۇرسىدىكى چوڭقۇر ياتلىشىشىقا سىموۋۇل قىلىنغان. ۋاھالەنكى مۇشۇنداق بىر بىمەنە ۋەقەلىك ناھايىتى ئوبىكتىپ بولغان تەسۋىر، چىن تەپسىلات ۋە سوغۇققان تىل ئارقىلىق يايان قىلىنىپ ، بىمەنىلىك، سىموۋۇل ۋە رىئاللىق بىرىكىپ كەتكەن، رىئاللىقتىن ھالقىغان ھادىسە بىلەن رىئال كۆرىنىشلەر بىرىكىپ كەتكەن ھالدا مودىرنىزىمنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلغان ، شۇنداقلا كىلاسسىك ئەدەبى شەكىلگە جەڭ ئېلان قىلىنغان، كىشىلەر ئارىسىدىكى رەھىمسىزلىك مەسخىرە قىلىنغان داڭلىق ئەسەر بولۇپ قالغان.

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 9:35:14]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.