​كاسساندرا تامغىسى (10)

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-26 19:23:49

- ئېيتقىنىڭنى ئاڭلاۋاتقاندا دېگەنلىرىڭ ماڭا توغرا سېزىلىدۇ، جېسسى، بىراق گېپىڭنى ئاڭلاۋاتقان ۋاقىتتىلا، چۈنكى ھېلىقى تۇرغانلار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى كۈتۈشمەيدۇ، بۇلار بۈگۈن دەررۇ چىقىرىلىشى كېرەك،


    كاسساندرا تامغىسى (10)
     
    چىنگىز ئايتماتوۋ (قىرغىزىستان)
    (رومان)
    يۈسۈف ئىگەمبەردى تەرجىمىسى
    قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى تىل فاكۇلتېتى
     
    تۆتىنچى بۆلۈم (7)
     
    -بۇنىڭدىنمۇ يامان بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.
    -ئويۇمچە، ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىشىم كېرەك، بېرىش كېرەك.
    -بۇ نېمە دېگىنىڭ، روبېرت، كاللاڭ جايىدىمۇ؟
    -كاللام جايىدا، مېنى ئۇلار مۆكۈۋالدى دەپ چۈشىنىشمىسۇن، قوزغىلاڭ ئىرسىي چېكىنىشنى توختىتىپ قويمىسۇن، ئەكسىچە، زورلۇق قايتا قىيامەت قايىمنىڭ بولۇشىنى تېزلىتەرىنى چۈشىنىشسۇن دەۋاتىمەن، كاسساندرا تامغىسى بولسا بىرگە تاشلانغان تەقدىرنىڭ قارا تېشى ئىكەنلىكىنى ئېيتقۇم كېلىدۇ، ئۇلارغا كاسساندرا ھامىلىلىرى بىلدۈرگەن ھەر بىر بەلگە ھەممىمىزگە تەئەللۇق، ئەگەر بىز شۇنى چۈشەنسەك، ئامال تېپىلىدۇ، ئۈمىد پەيدا بولىدۇ، ئالدىدا نېمە بارلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئارقىغا بۇرۇلۇپ قاراش كېرەك.
    -  ئەھمىيىتى يوق، بىراق كىشىلەردىن  بۇرۇن ئويلانغىن، روبېرت بورك، سەن بۇنى كىمگە ئېيتىپ چۈشەندۈرۈۋاتىسەن، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى لېكسىيە ئەمەس، گېپىڭنى كىم ئاڭلايدۇ؟ بۇ يەرگە سۆزۈڭنى ئاڭلىغىلى كەلگىنى يوق!
      - باشقا چارەم يوق.
    -بۇ نېمە دېگىنىڭ؟ ئۆزۈڭ ئېيتمىدىڭمۇ ھازىر ئەنتونى كائىنات بىلەن مۇناسىۋەت قىلىدۇ، فىلوفېي بىلەن كۆرۈشىسەن، ئۇندىن كېيىن ئىككىڭلار ھەممىنى سۆزلىشىسىلەر، كېچىدە بولسا فىلوفېي ئىككىڭلار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزسەڭلارمۇ قىيىن مەسىلە توغرۇلۇق ئۆز كۆز قارىشىڭلارنى ئوتتۇرىغا سالىسىلەر، ئاندىن كېيىن كىشىلەر ئاخىرى سىلەرنىڭ ئۇلارغا يامانلىق قىلمىغانلىقىڭلارنى چۈشىنىدۇ دەپ ئويلايمەن.
    - ئېيتقىنىڭنى ئاڭلاۋاتقاندا دېگەنلىرىڭ ماڭا توغرا سېزىلىدۇ، جېسسى، بىراق گېپىڭنى ئاڭلاۋاتقان ۋاقىتتىلا، چۈنكى ھېلىقى تۇرغانلار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى كۈتۈشمەيدۇ، بۇلار بۈگۈن دەررۇ چىقىرىلىشى كېرەك، بۇلارنىڭ قوللىرى قىچىشىپ ئاران تۇرۇشماقتا، ئۆزۈڭ قاراپ باققىن، كۆردۈڭمۇ بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرسى ئېقىپ كېلىۋاتىدۇ، كىشىلەر قانچىلىك كۆپەيگەنسېرى بۇلارنىڭ قېنى شۇنچىلىك قىزىپ بارىدۇ، ھېلى كەچ بولسا ئۆزۈم شەخسەن چىقىپ ئۇلار بىلەن ئوچۇق سۆزلىشىشىم كېرەك.
    -  چۆچۈپلا تۇرۇۋاتىمەن، روبېرت، ئۆزۈڭنى تەۋەككۈلغا سالمىساڭچۇ.
    -  تەۋەككۇلغا سالمىسام قانداق بولىدۇ؟ ئۇلارغا فىلوفېينىڭ باياناتى ھەققىدە ئويۇمنى ئېيتىمەن.
    -  سەن ئۇنى ماقالەڭدە ئېيتمىدىڭمۇ؟
    -  ئۇ ئاز ياكى پۈتۈنلەي يوق بىر نېمە، ئاۋۇ كىشىلەر ماقالە ئوقۇشمايدۇ.
    -  روبېرت، قارىساڭ، ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى، سۈرىتىڭنى كۆيدۈرۈشىۋاتىدۇ!  
    -سۈرىتىمنى؟ مەن كىم، سىياسىي رەھبەر، بىلىمەن؟
    -  قارا، فوتو سۈرىتىڭنىڭ چوڭايتىلغان كۆچۈرۈلمىسى ئىكەن.
    -  نېمە دېمەكچىسەن؟ قەغەزنى كۆيدۈرۈپ قىلىۋاتقانلىرى ئۆكۈنەرلىك.
    -  ساقچى دېگەنلەر نەدە؟
    -  ساقچىلارنىڭ بۇ يەردە ھاجىتى بار؟ ساقچى كەلگەن، ئاۋۇ كىرىش ئېغىزىدا ئۈچى تۇرمامدۇ؟ سەن ئۇلارنى بايقىمىدىڭمۇ؟
    - بار بولغىنى ئۈچۈنمۇ؟ نېمە ئۈچۈن جىم تۇرىدۇ؟
    -  ئۇلار نېمە قىلسا بولاتتى؟كىمدۇر بىراۋنىڭ يەنە بىراۋنىڭ پورتېرىتىنى كۆيدۈرگەننى ياخشى كۆرىدىغاندۇ، بولغىنى شۇ.
    -  مۇنداق ئەھۋالنى تېلېۋىزوردىن نەچچە رەت كۆرگەن ئىدىم، ئەمدى نەق ئۆزىنى كۆرۈۋاتىمەن، قاچاندۇر بىر قېتىمقى ھىندىستاندىكىدەك ۋەقەنىڭ ئۆزىلا ھاي، ئەنتونى كەلسە ئىكەن تېز، ئۇلار نېمىشقا ھازىرغىچە يوق، يا؟
    -بىلمەيمەن، بۇنداق چاغدا سىياقلانغۇچىلارمۇ بار بولىدۇ، سەنمۇ بىلىسەن.
    -ئىككەيلەن جىمىپ قېلىشتى، ئۆرە تۇرۇشنىمۇ، ئولتۇرۇشنىمۇ، سۆزلەشنىمۇ، سۆزلىمەسلىكنىمۇ خالاشمىدى.
    -ئاڭغىچە قەھرىلەنگەن كىشىلەر دۈپۈرلىشىپ، قوزغالدى- دە، كوماندا بېرىلگەندەك: «بورك جازالانسۇن! بورك جازالانسۇن!» دەپ بىرلا ئاۋاز بىلەن قىيقىراپ قېلىشتى.
    غەزەپ - نەپرەتلىك قىقاس - چۇقان ئەۋج ئالدى، چىداش قىيىن بولۇشقا باشلىدى، ھېلىقى غەزەپلىك كىشىلەر روبېرت بوركنىڭ چىقىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلدى، نەدىن كەلگىنى نامەلۇم چېكىلىرى بويالغان ئاياللار پەيدا بولدى، ئۇلار «مۇنبەر» گېزىتىنىڭ يېڭى سانىنى پۇلاڭلىتىشىپ چۇقان بىلەن كىرىپ كېلىشتى، «بورك خائىن»، باشقا بىر توپتىكىلەر «ئوردوكنىڭ سۆزى ھەق! ئوردوكنىڭ سۆزى ھەق!» دەپ ۋاقىراشتى.
    ۋەزىيەت قىيىنلاشتى، قەھرىلەنگەن كىشىلەر پېتىراشقا باشلىدى، ساقچىلار ياردەم بېرىشەلمىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرسى توپنىڭ ئارىسىدىن زورىغا سۇغۇرۇلۇپ چىقتى- دە، ماشىنىدىن قانداقتۇر بىر يەرگە تېلېفون بېرىشكە باشلىدى، ئۇنىڭ تۇرقىدىن ياردەم سوراۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى.
    قەھرىلەنگەن ئەسەبىيلەشكەن شايكىلار يولنى سەلدەك قاپلاپ ئۆينى كۆزلەپ ماڭدى، كۆپچىلىكنىڭ قىسىمىدىن ئۇرۇندۇقلار پارە - پارە قىلىنىپ ئورمانغا پۈركەنگەن يولدىكى چىراغلار يەرگە غۇلاپ چۈشتى، كانايلىرى يىرتىلغۇدەك قىيقىرىشىپ ئادەم چىدىغۇسىز، چۇقان- سۈرەن كۆتۈرۈلدى، ئېرىنىڭ چاپان كىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ جېسسى قورقۇپ، چۆچۈپ كەتتى.
    -  نەگە بارىسەن؟ سىرتقا چىقما!
      بورك جېسسىنى نېرى ئىتتىردى، شۇ دەقىقىدىن باشلاپ ئۇنىڭ دەررۇ قاراڭغۇلىشىشقا باشلىغان كۆزلىرىدە دۇنيا ئۇنىڭ بۇرۇنقى قوبۇل قىلىشنىڭ چېكىدىن قانداقتۇر باشقا ياققا ئېغىپ كەتتى، ئىككەيلەننىڭ كۆز نۇرلىرى ئۇچراشتى، ۋۇجۇدى خۇش كەيپ تۇردى، يايرىدى بىراق نەدىكى بىر يىراق تەرەپتە يۈرگەن ھالەتتە ئىدى.
    -مېنى تۇتما، تەقدرىمگە يېزىلغاننى كۆرۈشۈم كېرەك،- دېدى، جېسسىنىڭ چارىسىزلىقتىن چىرايى تاتىرىشقا باشلىدى.
    - ئۆلۈمگە قاراپ كېتىۋاتىسەن!
    -ئامال قانچە،- بورك مۈرىسىنى كۆتۈرۈپ قويدى، بەرىبىر بېرىشىم كېرەك.   
    -ئۇ نېمە ئۈچۈندۇر كىيىم ئىلغۇچتىن قالپىقىنى ئالدى- دە، سىرتقا كۈچلۈك قەدەم تاشلىدى، سىرتقا چىقتى، شۇ زامات ئۇنى ئىسسىق بىر سېزىم قاپلاپ، ئۇنى تاقەتسىز كۈتۈپ، تىرىكلا يېلىنجاپ تۇرغان كىشىلەر توپىنىڭ دولقۇنى ئۇردى، ئۇ كۆرۈنۈشى بىلەنلا بىراقلا پەيدا بولغان چۇقان - قىيقىرىقتىن ھاۋا تەۋرەندى، لوزۇنكىلار بىلەن پلاكاتلار دەررۇ شاراق - شۇرۇق قىلىپ ھەرىكەتكە كەلدى، ھەر بىر ئۆز پلاكاتلىرىنى بوركنىڭ كۆزىگە سانجىپ كۆرسىتىشكە  تەييارلاندى، بورك ئالدىدا تۇرغانلارنىڭ ھەممىسىگە بىر باشتىن قاراپ لېكىن بىرەرسىنىڭمۇ چىراينى پەرق ئېتەلمەي ھېلىقى ئۆزىنىڭ شەخسەن ئۆزى كۆرۈشۈش نىيىتىدە كۈلۈمسىرەپ ئىشىكنىڭ ئالدىدا تۇردى، ئالدىن كېيىن قالپىقىنى شاپپىدە كىيدى- دە، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتا ئادەتتىكى ھالىتىگە كەلدى، كەڭ پىشانە، يورۇق يۈز، سەل جۈدەڭگۈ، چوڭقۇر قوي كۆزلۈك ، ئېڭىكى ھەم بوينى رۇس، مەھكەم، ئاق چاچ. مەزمۇت قەددى –قامىتى بولدى- دە، شۇقالدى، ئۇ ھازىر يەنەبىر قېتىم فرانكفورتلۇق مۇخبىرلار ئېيتقاندەك بەھەيۋەت، ئېگىز تاغنىڭ ئۆزىلا بولدى.
    بىر تىنىقتىن كېيىن ھودۇققىنىدىن گاڭگىرىغان ئاۋازى بىلەن بورك بىر نەچچە ئېغىز سۆز قىلىشقا ئۈلگۈردى.  
    -  كاسساندرا ھامىلىلىرى، ئۇمۇ سەۋەنلىكىمىز ھەم گۇناھىمىز، ئۇنىڭ ئالدىدا جاۋابكار بولۇشىمىز كېرەك!
    بىر ئايال ئاڭا مۈشۈكتەك ئېتىلدى.
    -  سەن مانا ماۋۇنى كۆردۈڭمۇ؟ دەپ داغ چۈشكەن چېكىسىنى كۆرسەتتى.
      بۇ تامغىنى ماڭا ھېلىقى كائىناتتىكى شەيتان بېسىپ ئولتۇرىدۇ، مانا ئوقۇ! شەيتاننىڭ ناخشىسىنى، شەيتان بىللە ئوقۇشۇپ بېرىشىدۇ،- دېدى- دە، كېلەچەكشۇناسنى ئۇنىڭ ئۆز ماقالىسى بېسىلغان گېزىت بىلەن يۈزىگە شاقىلدىتىپ ئۇرۇشقا باشلىدى، گېزىت تىتىلىپ كەتتى، قالپاق بېشىدىن ئىرغىدى- دە، دەررۇ دەسسەپ چەيلەشلەردە قالدى، ئايال بولسا تېخىمۇ كۈچەپ قىيقىراۋەردى، بەلكىم ئۆيدە شۇنداق ۋارقىراپ، جارقىراپ كۆنگەن نەرسە بولسا كېرەك.
    - بۇنىڭ يازمىكەشلىكىنى قارا، سېنى يازدۇرىمەن! ھېلىقى كائىناتقىچە يېتىمەن! ھېلىقى فىلوفېي دېگەن شەيتاننى مۇنداق قىلىپ ئۆلتۈرىمەن.
    -  ئۇر، ئۇنى، ئۇر!- دەپ ۋارقىراشتى، ئايالنىڭ زورۇقۇشى بىلەن قانلىرى قىزىشقان ئەتراپتىكىلەر- بۇياققا تارت ئۇنى، بۇياققا سۆرە! - دەپ ۋارقىراشتى. ئارقىدا تۇرغانلار ئۇندىن كېيىن بوركنى كۆزلەپ مۇشتلىرىنى تۈگگەن پېتىچە جۆنەشتى. ئاڭا ئونلىغان قوللار ياماشتى، ئاندىن كېيىن روبېرت بورك ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پومىداقلىنىپ كەتتى، جېسسى تۈرتۈلۈپ قالدى، ئۇنىڭ يالۋۇرغىنىمۇ، كۆز ياشلىرىغىمۇ ھېچكىم پىسەنت قىلمىدى.
    مانا مۇشۇنداق ياۋايى مەنزىرىنى سۈرەتكە ئېلىشقا ھەرىكەت قىلىشقان تېلېۋىزىيە خادىملىرىنىڭ توپىمۇ دۇمبالاندى، ئاپپاراتلىرىمۇ دەسسەپ پايمال قىلىندى، قانداقتۇر بىر چارە قىلىشقا تەرەددۇتلانغان بىر نەچچە ساقچىلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئايلانمىدىكى پاتپاراقچىلىقتىن يامان ئەھۋالغا دۇچار بولدى، روبېرت بوركنى بولسا بىر ياققا، نەدە ئىكەنلىكى نامەلۇم، بىراق بىر ياققا سۆرەپ بېرىشتى، ئۇنىڭ ھەلقۇمىدىن، چېچىدىن تارتىشىپ ئۇياق - بۇياققا سۆرەپ يۈزىنى تونۇغۇسىز قىلىپ قانغا بوياپ، ھەر بىرى ئۆز تەرىپىگە سۆرەپ كەتتى، قەھرىلەنگەن ھېلىقى كىشىلەر ئۆزىنى ئۆزى دەل شۇنىڭ ئۆزىدە ئەدەتكۈزدى، مانا شۇ قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ ئەۋجىگە چىققاندا ھەددىدىن ئاشقان بىر توپ كىشى كېلەچەكشۇناسنىڭ كەڭرى بېغىغا، شۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنىڭ قېشىغا كېلىشتى، ئۇدۇل شۇ يەردە دۇنياۋى روھنىڭ مەخپىي تىلسىملىرىنى ئاچماقچى بولۇپ قۇمغا قانداقتۇر بىر تېپىشماقلىق تۈگۈنلەرنى سىزىپ چەگكەن ئەمەسمىدى؟ مانا دەل شۇ يەردە بولار ئىش بولدى، كىمدۇر بىرسى نەدىندۇر تاپقان تۆمۈر تاياق بىلەن بوركنى، چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ باشتىن ئاياغقىچە ئۇرۇۋەردى، بورك قاتتىق ۋارقىراپ سالدى- دە، ئىككى قولى بىلەن بېشىنى بېسىپ ھۇشىدىن كەتتى، ئۇنىڭ قانغا بويىلىپ تاياق يەپ ياتقىنىغا قارىماي يەنە بەزىلىرى ئۇنى تېپىۋاتاتتى.
    ئاڭغىچە لۈكچەكلەر توپىدا قانداقتۇر بىر يېڭى ھەرىكەت پەيدا بولدى، قانداقتۇر بىر كۈچلۈك ئادەملەر بوركنى كۆزلەپ ئۇمتۇلۇشۇپ يولدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى تۇشمۇ - تۇشتىن ئىرغىتىپ تۈرتۈپ كېلىۋاتاتتى، بۇ كائىنات بىلەن مۇناسىۋەتلەشمەكچى بولۇشقان ئەنتونى يۇنگېر ۋە ئۇنىڭ يولداشلىرى ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىلىشىشىنىڭ ئەمدى بۇ يەردە قىلچىمۇ كېرىكى يوق بولغان ئىدى.ئۇلار ئۆلگۈچە تېپىك يەپ ياتقان بورك تەرەپكە تېزلا يېتىپ كېلىشتى.
    -  بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟ بۇ كىمنىڭ قولىدىن كەلگەن ئىش،- ئەنتونى يۇنگېر قولىغا تەگكەنلىكى ئادەمنىڭ ھەممىسىنى -ھەممىڭلار جىنايەتچى ئىكەنسىلەر، ئادەم ئۆلتۈرگۈچىلەر، قانخورلار!-دېدى
    كۆكتىن ساقچىنىڭ تىك ئۇچارى تۆۋەنلەۋاتاتتى، تىك ئۇچارنىڭ قۇلاقنى پاڭ قىلغۇدەك ئاۋازى يەردىكى قىيقىرىقىنى ئاڭلاتقۇزمىدى، قاتتىق شامال كۆتۈرۈلدى، بۇ ئاۋازسىز فىلىمدىكى مەنزىرىنى ئەسلىتەتتى، ئۈن چىقماستىن ھەيۋەتلىك بىر توپ تىك ئۇچار قوندى، ئۇندىن كېيىن كالتەكلەرنى تۇتۇشۇپ ساقچىلار سەكرەپ چۈشۈشكە باشلىدى، ھېلىقى غەزەپلەنگەن كىشىلەر شۇندىلا ھەرىكەتلىرىنى يىغىشىپ ھەر تەرەپكە چاچراپ قېچىۋەردى، كۆپچىلىكى تاللا بازار تەرەپكە، ماشىنلىرىغا بەدەر قېچىپ كېتىشتى، خېلى بىر قىسىملىرى ھاپىلا-شاپىلا ماشىنلىرىنى بۇرىشىپ بىردەمدىلا كۆزدىن غايىپ بولۇشتى، بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئىنسى - جىن قالمىدى.
    ئەنتونى يۇنگېر ئىككى ياردەمچىسى بىلەن روبېرت بوركنىڭ يەنچىلگەن تېنىنى كۆتۈرۈپ، يەنە بىرى ھۇشىدىن كېتىپ مۈدۈرۈپ چايقىلىپ كېلىۋاتقان جېسسىنى قولتۇقىدىن يۆلەپ كېلىۋاتاتتى.
    ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساقچىلار بىلەن بىرگە تىك ئۇچارغا چىقىشتى، ئۇندىن كېيىن يۇنگېرنىڭ ياردەمچىلىرى قايتىدىن يەرگە چۈشۈپ كائىنات بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش ئاپپاراتلىرى بىلەن جابدۇلغان ئۆز ماشىنىلىرىدا ئولتۇرۇشتى. تىك ئۇچار ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى، تىك ئۇچار ئۆيدىن تىك يۇقىرىغا كۆتۈرۈلۈپ چىقتى، ئەتراپ جىمجىت بولۇشقا باشلىدى.
    شۇ ئەتراپتا ھېچقانداق بىر جاندار قالمىغان. ئىشىك - دەرىزە، پەنجىرىلەر پاچاقلانغان. ئورۇندۇقلار ھەر تەرەپكە ئىرغىتىلغان. چىراغلىق تۈۋرۈكلەر بۇزۇلغان. قومۇرۇلۇپ تاشلانغان ھەم ئېلىشمان ئادەملەرتەرىپىدىن كېلەچەكشۇناسنىڭ كەڭرى بېغى پېتىقلىنىپ مالىماتاڭ قىلىنغان.ئۆينىڭ ئەتراپىدا قىمىر قىلىدىغان جاندار، چارپايەلەرمۇ يوق، پەقەت قالغىنى تاش تالقان بولغان كەڭرى تالا ئىدى.
    بىر مىنۇتتىن كېيىن تىك ئۇچار ئايروپىلان گولف توپ مەيدانلىرىنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈشكە باشلىدى. روبېرت بورك قاچاندۇر بىر چاغدا شۇ يەرگە بېرىپ تۇرۇشنى ياقتۇراتتى. تۈنۈگۈن يېقىندىلا شۇ غۇۋا مۆلدەرلەپ تۇرغان يېشىل ساسلىق چۈشىگە كىرىپ، مەرھۇم دوستى ماكس فرايد ئۇنى چۈشىدە گولف توپ مەيدانلىرىغا چاقىرغان ئىدى.
    تىك ئۇچار ئايروپىلان دوختۇرخانىسىغا قاراپ ئۇچتى.  
    ئەنتونى روبېرت بوركنىڭ ئۈستىگە ئېڭىشتى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇچىسىدىكى كۆڭلىكىنى يېشىپ ئېلىپ بېشىنى تاڭدى. بۇ قان توختىتىشنىڭ چارىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ روبېرت بوركنىڭ كۆڭلەك بىلەن ئورالغان بېشىنى تىزىغا قويۇپ تىرىكلىكنىڭ نىشانى بارمۇ – يوقمۇ؟ دەپ سەپ سېلىشقا ھەرىكەتلەندى، بىرەر مۆجىزە پەيدا بولۇشقا ئۈمىدلەندى، قايسى بىر كۆز چىمچىقىدا كېلەچەكشۇناسنىڭ ئۆڭ - سۆلىگە جان كىرگەندەك قىلىپ كۆزىنىڭ قاپاقلىرى بىلىنەر - بىلىنمەس مىدىرلىدى، يۇنگېر بۇنى  بايقاپ قالدى. ئىككەيلەننىڭ كۆزلىرى ئۇچرىشىپ قالدى. بورك يۇنگېرنى بەلكىم تونىدى. ئۇلار ئۆز ئۆمۈرلىرىدە تۇنجى رەت يۈز كۆرۈشتى ھە شۇ زاماتلا خوشلاشتى. بىردىنلا، مەڭگۈلۈك، روبېرت بوركنىڭ بېشى شىلىق قىلىپلا چۈشتى.
    يۇنگېر ھۆڭرەپ يىغلاپ تاشلىدى. جېسسى جانسىز ياتقان ئېرىغا نېمە ئىش بولغانلىقىنى چۈشەنمەي گاڭگىراپلا قارىدى. ساقچىلار باشلىرىنى ئۈنسىز چايقىشىپ قايغۇرغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى. تىك ئۇچار دوختۇرخانا ئۈستىدىن تۆۋەنلەشكە باشلىدى. بىراق كەچ بولۇپ قالغان ئىدى.
       شۇ چاغدا ئوكياندا قاتتىق دولقۇن باشلاندى، مېتېروئولوگىيە خىزمەتچىلىرى كومپيۇتېرلىق قاناللار بويىچە ئاتلانتىك ئوكياننىڭ جىيىكىدىكى قاتتىق دولقۇن ھەققىدە خەۋەرنى تېزلا تاراتتى. ئاتلانتىك ئوكيان بوشلۇقى ئۈستىدىن ئۇچۇۋاتقان ئايروپىلانلار قاتتىق سىلكىندى، ئايروپىلاننىڭ رەھبەرلىرى يولۇچىلارنىڭ بەلۋاغلىرىنى چىڭ باغلىشىنى، ئورۇنلىرىدىن تۇرماسلىقىنى سورىنىپ ئۇچۇشنىڭ مۇرەككەپلىكى ھەققىدە يەردىكى خىزمەتچىلەرگە رادار بىلەن خەۋەر قىلىشىۋاتاتتى، ئايروپىلان مۇلازىملىرى كۈلۈمسىرەش بىلەن يولۇچىلارغا مۇئامىلە قىلىشقا باشلىغىنى بىلەن پايدىسى بولمىدى. ئاتلانتىك ئوكياننىڭ قەھرى ئېشىپ باردى.
    كىتلار ئالەمنىڭ رادارلىرىغا ئوخشاش، ئادەتتىكىدەك ئۆزلىرىنىڭ سەزگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ۋۇجۇدىغا تۇيغىنىنىڭ ھەممىسىنى، ئالەم سادالىرىنى ئۆزلىرىگە سىڭدۈرۈۋاتاتتى. شۇنداق قىلىپ، كىتلار تۇرنىدەك سەپ تارتىپ ئوكياننى شىنە قاققاندەك يېرىپ ئۈزۈپ كېتىشىۋاتاتتى. ئوكيان ئۇلارنىڭ بۇ تەرتىپىنى بۇزۇشقا، قايتىدىن ئارقىغا بۇراشقا ھەرىكەتلەندى. بىراق، ئۇلار تاغدەك دولقۇنغا بەزىدە كۆمۈلۈپ قېلىشىپ بەزىدە قايتىدىن لەيلەپ چىقىپ ئۇندىن كېيىن قايتا كۆمۈلۈپ، جىمىكى كۈچ - قۇۋۋىتى بىلەن ئۈزۈپ كېتىۋېرىشتى.
    ئۇلارغا بۇنچىلىك مەدەت بېرىپ، مۇنداق ئەگىشىپ بېرىۋاتقان كۈچ قايسى؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن يەنە قەيەرگە ئۈزۈپ كېتىشىۋاتىدۇ؟
    موسكۋا. قىزىل مەيداندا كېچىنىڭ بىر گۇگۇم ۋاقتى. ھۇقۇش ئۇچۇپ چىقىدىغان مەھەل كېلىۋاتىدۇ، ھۇقۇش ھازىر سپاسكىي مۇنارىسىنىڭ سائىتىنىڭ ئالدىدا مۈگدەپ ئولتۇرىدۇ، تۆۋەنگە ئۇچۇپ چۈشىدىغان پۇرسەتنى كۈتمەكتە. بۈگۈن غەيرىي بىر خەۋپلىك دۇنيادا بىر ماجرا بار. ھۇقۇش ئۇنى سەزمەكتە،... بىر ماجرا بار.   
    ئالدىراش ئېلان قىلىنغان «كائىنات-يەر» دېگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى شۇ كۈنى بەلگىلەنگەن سائەتتە بولدى ھەم بارلىق ئاساسلىق قاناللاردىن بېرىلدى.
    بىراق، ئاڭغىچىلىك تېلېۋىزىيە شىركەتلىرى «ئەفىر ئالدىدىكى بوران - چاپقۇن» غا قاۋىلىپ قېلىشتى. كېلەچەكشۇناس روبېرت بوركنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە خەۋەر ئاڭلانغان زامات دۇنيانىڭ يەنە بىر تەرىپىدىن تېلېفونلار تېنىمسىز جىرىڭلاپ كېلىپ سورامچىلاش كۈچەيدى. ئايرىم ئەزەلدىن بولۇپ كۆرۈنمىگەندەك مۇنداق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۈچۈن تېلېۋىزىيىلىك تارقىتىشنى پىلانلاشتۇرۇپ قويۇشقان ھەر قايسى مەملىكەتلەرنىڭ،ھەرقايسى تىلدىكى تېلېۋىزىيە شىركەتلىرىدىن كۆپ تېلېفون كېلىشتى. بۇ تراگېدىيىنىڭ نەتىجىسى نېمە بولىدۇ؟ فىلوفېي بىلەن تېلېۋىزىيە مۇناسىۋىتى قىلىشقا مۇمكىنلىك بولارمۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن كىم سۆھبەت قىلىدۇ؟ ئەمدى دەپ بېقىڭلارچۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بولۇشنى كۈتۈش كېرەكمۇ ياكى كېرەك ئەمەسمۇ؟ دېيىشىپ ھەممەيلەننىڭ تېزدىن بىلگۈسى كەلدى.
    يەر بولسا ئادەتلەنگەن ئايلىنىپ چۆرگىلەش قېلىپىدىن ئازماي ئۆز ئوقىدا ئايلىنىۋەردى.مۆلچەردىكى ۋاقىت سائىتى يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى. ھەممەيلەن تاقەتسىزلىنىپ كۈتۈپ تۇرۇشتى.
    بىر چاغلاردا تېلېۋىزورنىڭ ئېكرانىدىن كۆپچىلىكنى كۈتتۈرگەن يېزىقلار كۈرۈندى. ئارقىدىن دىكتور ئايال چىقىپ روبېرت بوركنىڭ ئۆلۈمىگە دۇنيادا بولۇۋاتقان ئىنكاس ھەققىدە ھەم شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋى مەلۇمات دېتاللىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرى ھەققىدە كۆرۈرمەنلەرگە بىلدۈرۈپ قويۇشى تېلېۋىزىيىلىك كۆرسىتىشلەرنىڭ ۋەزىپىسى دەپ ھېسابلانغانلارنى ئېلان قىلدى.
    چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ بەكمۇ بىر تەرەپلىمە بولغانلىقىنى ئېيتماي كېتىشكە بولمايدۇ. ئۇلار بايىقى ئېيتىلىپ يۈرگەنگە ھەمقايغۇ بولۇش، كۆڭۈل ئېيتىشىش... قاتارلىق ئومۇمىي سۆزلەردىن باشلاندى. ئاندىن كېيىن دىكتور ئايال ئۆز كۆز قارىشىدىن بايقىلىپ تۇرغان قىممەتلىك تەبەسسۇمىنى ئاران يوشۇرۇپ رەسىملىك چۈشەندۈرۈشنى ، فىلوفېي كاسساندرا تۆرەلمىلىرى ھەققىدىكى ئاقلىغۇچىنى، دىكتور ئايالنىڭ ئېيتىشىدا، روبېرت بوركنىڭ «لىنچ سوتى» غا دۇچار بولغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان سوراپ ئېنىقلاشنىڭ نەتىجىسىنى ئالدىراپ  تىنەپ كۆرسەتتى. «نەتىجىسى ناچار ھەم مۇشۇ ۋاقىتتىلا ھەيران قالارلىق، ئۆزۈڭلار كۆرۈڭلارچۇ، ھۆرمەتلىك كۆرۈرمەنلەر!» دېگەن بىر - بىرىدىن دانىمۇ - دانە ،ئايرىلىپ تۇرسۇن ئۈچۈن تۈرلۈك رەڭگە بويالغان كىچىك مومىلارغا ئوخشاش رەڭلىك جەدۋەللەردىن كۆرۈنۈپ تۇردى. سوئالغا جاۋاب بەرگەنلەرنىڭ 11 پىرسەنتى قەھىرلىك ياۋايى توپنىڭ جىنايەتكارانە ئىشىنى ئەيىپلىشىپ ئۇ ۋەقەدىن جامائەتنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىن بۇزۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشكەن ئىكەن. ھەمدە جاۋاب بەرگۈچىلەرنىڭ قالغان، ئازراق بۆلىكى ۋەقەگە پۈتۈنلەي سەل قارىغانلىقىنى بىلدۈرۈشۈپتۇ.
    ئۇندىن كېيىن تېلېۋىزىيە كۆرۈرمەنلىرىگە شۇ كۈنكى ئاممىنىڭ كوچىغا چىقىشلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تەھلىللىرىنى خۇلاسىلەپ كۆرسىتىشتى. ئۇ دۆلەتلەردىن، شەھەرلەردىن، رايونلاردىن يەنە ئادەم جەمئىيەت ھەم باشقا توپلارنىڭ شۇ ۋەقەگە قاتناشقانلارنىڭ ئۇزۇن تىزىملىكى ئىدى، بۇندىن بەتتەرى بولسا پۈتكۈل دۇنيا دېيەرلىك، خەلقنىڭ بارلىق قاتلاملىرى ھېلىقىدەك ياكى بۇنداق شەكىلدە كائىنات كاھىنىنىڭ كاسساندرا دېغىنى تېپىش ئۈچۈن يەرگە تاپقۇر نۇرلارنى چېچىشقا قارشى نارازلىق تۇغدۇرغانلىقى ئېنىق بولۇپ تۇردى، مۇنداق بولغاندا كىشىلەرنىڭ ئوي - خىيالىدا، يۈرۈش - تۇرۇشلىرىدا مىللەتچىلىك ئامىللىرىنىڭ كۆپ تەسىر قىلغانلىقى كۆزگە چېلىقىدۇ.  
    بىراق ھەممىدىن يامىنى ھە پسىلەردە بولۇپتۇ، بەلكىم بۇ قاچاندۇر بىر چاغدىكى كاسساندرا تۆرەلمىسى تۇغۇلۇشقا مەجبۇر بولغان، ئەمدى مۇنداق قىلىپ يورۇن دۇنياغا يامان كۆرگەنلىكلىرىنىڭ يەرلىرىدە ۋايساپ يۈرگەن، ئۇندىن قالسا مۇنداق قىلىپ قوزغىلاڭ بىلەن پۈتكەن، چۈشىنىپ سەزمىگەن جاۋابىدۇر، ئۇنداق بولمىسا بۇنداق ئادەمنىڭ رايىنى ئۇچۇرىدىغان ئىشلارنى بۇ كۆزەتكۈچىلەر ھەم قوشۇمچە ياردەمگە كېلىشكەن ساقچىلار بىلەن بولغان جېدەل - ماجرانى نېمە دەپ چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. ئىككى تەرەپ بىر - بىرىگە روبىرو چىقىشمىدىمۇ؟ بىر تەرەپنىڭ باشلىرىدا دۇبۇلغا، قوللىرىدا تاياق ھەم قالقان، ئىككىنچى تەرەپنىڭ قولىدا ھېچ نەرسىسى يوق، بىراق كۆكرەكلىرىدە ئۆچمەس ئۆچ، ئىزا. جاندىن كەچكەنلىكنىڭ قەھرى. ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ۋە ھەر قايسى شەھەرلەردىكى گۇندىپايلار قوزغىلىڭىنىڭ قانداق تاشقى سەۋەبى بولمىسۇن، بالا-قازانىڭ ھەممىسى قىلغان جىنايەتلىرى ئۈچۈن جازا مۆھلىتىنى ئۆتەۋاتقانلار تەرىپىدىن ناھايىتى يامان دەرىجىدە قوبۇل قىلىنغان ئاپەتلىك كاسساندرانىڭ بەلگىسىدە ئىدى.
    شۇ كۈننىڭ ھەتتا خېلى ئېغىر جاڭجاللىرىنى مۇخبىر-ژۇرنالىستلار خەۋەر قىلىشتى، مىسالى، دېڭىزچىلار نارازىلىق  بىلدۈرۈشۈپ دېڭىزغا چىقىشتىن باش تارتىشقان، قايسى بىر پورتتىن ئېنىقلانغان تەپسىلىي خەۋەرشۇكى، ئىلگىرى تاشلاپ كەتكەن كەڭ - كۇشادە ئۆيلەرگە ئوخشاپ قالغان ھالدا كىمىلەر جىيەكتە تۇرۇشماقتا.
    ئۇندىن قالسا ھەممىسىنىڭ تىلىكى-كائىناتلىق چېقىمچى فىلوفېينى راكېتا بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈش! ئۇنىڭ ئوربېتىلىق ئىستانسىسى بولغان تاپقۇر نۇرلارنىڭ چەشمىسىنى يوق قىلىش.
    سەييارىنىڭ ئۇدۇلمۇ - ئۇدۇل تەرىپىدىن ئېلىنغان شۇنىڭغا ئوخشىغان ۋەقەلەرگە تېلېۋىزىيىلىك كەسپىي ئوبزور قىلغاندىن كېيىنلا ئاخىرى ئېكراندىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى باشلىناي دەپ تۇرغان زال كۆرۈندى. زالدا ئەلنىڭ مىغ - مىغ ئىكەنلىكى دەررۇ كۆزگە كۆرۈندى. كىشىلەر تاملارغا يۆلىنىپ تۇرۇشتى. قىستاڭچىلىق يەردە ئولتۇرۇشتى. ئولتۇرغانلارنىڭ كۆزى سەھنىدە ئوربېتىدىن فىلوفېي كۆرۈنۈپ تۇرغان چەكسىز نۇقسانسىز لايىقلاشتۇرۇلۇپ ياسالغان چوڭ ئېكراندا بولدى.ئۇ زالنىڭ يان تەرىپىگە كەلتۈرۈلۈپ، سەھنىنىڭ يان باغرىغا قويۇلغان ئىدى، سەھنىدىكى شىرەنىڭ يېنىدا ئىككەيلەن: ئەنتونى يۇنگېر بىلەن تېلېۋىزىيە ئۇچۇرلىرىنى سىنغا ئالغۇچى كەڭرى يەلكىلىك ئۇئولتىر شېرمەت ئولتۇرۇشتى. ھەر بىرىنىڭ ئالدىدا مىكروفونلارنىڭ تۈگۈنچىكى. زالدىكىلەرنىڭ ھە ممىسى قاتتىق دولقۇنلىنىپ تۇرۇشقان، ئولتۇرغانلارنىڭ ئۆڭۈپ، تاتارغان يۈزلىرىدىن خەۋپسىرەش، مۆلدۈرلەپ تۇرۇۋاتقان كۆزلىرىدىن، سۇزۇلغان بويۇنلىرىدىن بايقىلىدۇ، جاللاتنىڭ ئۆزىنى دەل يالتايماي تارتىپ ئېلىشقا ئۈلگۈرۈشكەن ئۇستا فوتوگرافلارنىڭ ئاپپاراتلىرىنى قارماپ تۇتۇشقان قوللىرى بىلىنەر - بىلىنمەس تىترەپ ئالدىدا شارىلداپ ئاققان سۇدىن كېچىشتىن قورقۇپ، جىيەكتە توپلىشىۋالغان ئۆچكىلەردەك بولۇپ تۇرۇشماقتا.ئادەتتە سۆزلەپ كۆنگەن ئادىتىگە قاشقا باش، ئۇ ئولىۋېر شېرمەتنىڭ كەسپىي ئادىتىنى ئىشقا سېلىپ ھىجىيىشى، سىلىق- سىپايىلىكى، تەخسىكەشلىكى ئانچە يارىشىپ كەتمىدى، ئۇنىڭ نۇقسانسىز ياسانغىنى، گاڭگۇڭ، باتۇرلۇقى بۇ قېتىم غەيرىي كۆرۈندى، ۋەزىيەتكە لايىق كەلمىدى، ئەنتونى يۇنگېر تەتۈرىچە ،ناھايىتى خىيالچان ئولتۇردى، ئۇنىڭ قايغۇدىن ھەسرەتلىنىپ ئولتۇرغىنى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق بولغاندەك ۋە ئايىماي تىرىشىش بىلەنلا ھەممە ئەركىنى يىغىپ چىداپ ئولتۇردى. چۈنكى، مىليۇنلىغان كۆرۈرمەنلەر ئالدىدا كائىنات كاھىنى فىلوفېي بىلەن سۆھبەت قۇرۇشقا قاتنىشىشى ھەمدە ئۇۋەقەنىڭ ئورنىغا روبېرت بوركنى ئالماشتۇرۇشى كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ كۈنى كېچىدە دۇبلىنىدىن رەپىقىسى كەتتى، ئەتىسى ئىككەيلەن ئۇچۇپ كېلىشمەكچى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى سەۋەبىدىن ئۇلارنى ئايروپورتتىن كۈتۈۋېلىشقا ئۆلگۈرمەي كۆڭلى يېرىم، ياڭاق گۆشلىرى تۈگۈلۈپ، چىشلىرىنى چىشلەپ ئولتۇردى، ئۇنىڭ ئۆز ئالدىدىلا قازا قىلغان روبېرت بوركنىڭ تاللاۋالغان يولىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ئۇ يا تۇرۇشلۇق بەرسۇن ياكى كوچىنىڭ ھەم ئۆزلىرى كۆرسىتىپ قويغان سەۋدايىلاشقان كىشىلەرنىڭ توپى سىرتتىن كۆز سېلىپ يۇنگېرنىڭمۇ بورك كۆرگەننى كۆرۈپ قېلىشىنىڭ ئەجەپ ئەمەسلىكى ھەققىدە سۆزلىشىپ تۇرۇشقان ئىدى. ئوردوكنىڭ گوروھىدىكى تۈنۈگۈنكى يولداشلارنىڭ مەسخىرىلىك كۈلۈمسىرەشلىرى ۋە ھەيران قالغاندەك دولىسىنى قوۋۇشتۇرۇشلىرى ئالدىدا «ئۆلسۈن!» دېگەندەك تەقدىرنىڭ ئۇنى ۋەقەلەرنىڭ تەۋەككۇلچىلىقىغا چىقىرىپ تاشلىغانلىقىنى ئەنتونى چۈشىنىپ تۇردى.
    ئاڭغىچە توپلانغان كۆپچىلىكنىڭ چىدامچانلىقى يېتەر چېكىگە يەتتى، ھەممەيلەن ھەل قىلغۇچ پەيتنى يەنى فىلوفېينىڭ تېلېۋىزىيە ئېكرانىغا چىقىشىنى كۈتۈپ قېلىشتى. شۇنداق قىلىپ، سىياسىي تەھىلچىلەردىن كىمدۇر بىرسى ئېيتقاندەك ئۇنى قامالغا ئېلىپ ئۆچەكىشىشنىڭ دۇنياۋى ئوتىنى تۈرتۈپ كىرگۈزۈشمەكچى. ھەممىسى شۇنداق بولىدىغاندەكلا كۆرۈنۈپ قالدى. پارتلاشقا يېقىنلىشىشتا ھەر بىر سىكۇنتنى تەتۈرىچە سانىغاندەك، كۈتكەن ۋاقىت يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى.
    كۈندۈز دوختۇرخانىدا روبېرت بوركنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە يەكۈن چىقىرىغاندا كۆز يېشىنى ئاران توختىتىپ جېسسى مۇنداق دېگەن ئىدى.
    -  ئەنتونى يۇنگېر، ئەگەر سېنى روبېرت بوركنىڭ تەقدىرى كۈتسە، ئۇنداقتا دەيدىغان سۆزۈم يوق، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقەت ھەممىدىن ئەلا ئىدى، ئۇ شۇنىڭ كۈنىگە يەتتى. بىراق، ئۆزۈڭ ھەققىدە ئويلان، سەن ياش، ئىقبالىڭ ئالدىڭدا. روبېرتنىڭ ئارقىدىن ئۆمرۈڭنى تەۋەككۇلغا سېلىشىڭنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟
    سۆزنى ئۇزارتىپ سۆزلەش بۇ چاغدا ئېغىر كېلەتتى، ئەنتونى قىسقىغىنا جاۋاب قايتۇردى:
      -ئېيتقىنىڭىزنى چۈشىنىمەن، جېسسى .بىراق، مەنمۇ روبېرت بورك تەمتىرىمىگەن نەرسىدىن تەمتىرىمەس ئىدىم.
    ئۇلار ئاغرىقخانىنىڭ دەھلىزىدە دەرىزىنىڭ يېنىدا ئاغرىق-سىلاقلار بىلەن دوختۇرلاردىن خالىي تۇرۇشتى. سېخىي قۇياش نۇرى ئەينەكتىن ئۆتۈپ دەھلىزىگە تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئاسمانمۇ ئەينەكتىن قارىغاندا نۇر چۈشۈرۈپ جىمىمەكتە. ھېلىقى ئىش يۈز بەرگەن ئاۋۇ تەرەپتە كېلىندون دەرەخلىرى ئۆز ساپاقلىرىدا دىرىلداپ تىترەپ سارغايماقتا. كېلەچەكشۇناسنىڭ تۇل قالغان ئايالى جۇدالىقتىن مۈكچىيىپ دۇنيا كۆزىگە كۆرۈنمەي قالدى.ئۇ شۇ پەيتتە نېمە سەۋەبتىندۇر يار بېشىدا قاۋىغان ئىگىسىز لالما ئىتنى ئەسكە سالاتتى. جېسسى بىرەر ئىش قىلىشنىڭ چارىسىنى بىلمىدى. كۆز يېشى توختىماي ئېقىۋەردى. ئۇندىن كېيىن بەلكىم ئۆزىنى ئەپلەپ تەسەللىي تاپقۇزۇش ئۈچۈن ئۆز خىيالدىكىلەرنى ئۈن چىقىرىپ غۇدىراۋەردى.
    -  روبېرت دائىما، مۇھەببەت - بۇ ئىككى دەريانىڭ قوشۇلۇپ ئېقىشى،- دەيتتى، مەن كۈلەتتىم، پاساھەتلىك سۆزلەرنى بەكمۇ ياخشى كۆرىسەن- ھە، بوب(بوب-«بورك» دېگەن ئىسىمنىڭ ئەركىلەتمە شەكلى.) ئەمدى ئىشىنىپ ئولتۇردۇم مانا، ئەمدى دەريايىم يوق. توختىدى. سۈيى تارتىلدى، ئۇ بولسا دەريائىدى ،ئەمدى مەن بولسام جىيەككە سۈزۈلۈپ قېلىۋەردىم.   
    ئۇندىن كېيىن ئۇ تېخىمۇ كۈچەپ سىرلىق سۆزلىدى.
    - ئۇھ شور پىشانە كىتلەر، ۋىئولوۋېچېلدا كۈي ئورۇنلاۋاتقاندا سىلەرنى ئەمدى كىم ئەسلەيدۇ؟
    ئېيتىلغان سۆزلەرگە ئەنتونى بەكمۇ ھەيران قالدى، بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ دەپ ھەتتا سورىغۇسىمۇ كەلدى.بىراق سورىمىدى. جۇدالىقتىن ئېيتىلىۋاتسا كېرەك، دەپ ئويلىدى.
    ئۇندىن كېيىن خوشلىشىشقا توغرا كەلدى. ئەنتونى تېلېۋىزىيىلىك مۇناسىۋەتكە تەييارلىنىشى كېرەك ئىدى، ۋاقىت بەكمۇ ئاز قالغان ئىدى. جېسسى چىكاكودىن كېلىدىغان قىزى بىلەن كۈيئوغلىنى كۈتۈپ ئاغرىقخانىدا قالدى.
    شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تاڭ ئاتقۇچە خوشلاشتى، ئەنتونىنىڭ بىر يەردىن يولى بولدى. ئۇ ئاغرىقخانىدىن دۇبلىنگە تېلېفون بېرىپ سەپەرگە چىقىۋاتقان كەتتى بىلەن سۆزلىشىشكە ئۈلگۈردى. دەلدەڭشىشكە باشلىدى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ كېلىشى بىلەن ئۇلارنى قونالغۇغا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە غەم قىلىش كېرەك ئىدى.
    شۇنداق قىلىپ، بەرىبىر ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قالدى. مۇنداق بولارىنى كىم مۆلچەرلەپتۇ. زامان بىلەن ماكاننى تېشىپ ئۆتۈپ بىر - بىرىگە ئۇدۇللاپ ئۇچقان مېتېئورنتلارلا شۇنداق دەل سوقۇلۇشى مۇمكىن.
    كەتتى بىلەن سۆزلىشىشمۇ ئاسان بولمىدى. كەتتى ئۇنىڭ تېلېفون بېرىشىنى كۈتۈۋاتقان يەنە ئۇنىڭ ئېنىق ئاۋازى كۆز نەزەرىگە بەخت-سائادەتنىڭ ئۆزىنى ئېسىگە قايتا سالدى. ئاڭا كەتتىنىڭ ھەممە تەقى - تۇرقى ، كىرپىكلىرىنىڭ بىر - بىرىگە تېگىشكىنىمۇ، نەپەس ئالغىنىمۇ، باسقان- تۇرغىنىمۇ بەخت ھېسابلىناتتى. دەلىللەشمۇ، راسلىنىشىمۇ تەلەپ قىلىنمىغان بەخت بولاتتى.
    - ئەنىم ئىككىمىز يېرىم سائەتتىن كېيىن يولغا چىقىمىز، سېنىڭچە قانداق؟ ئەنتونى، كۈتۈپ تۇرامسەن؟  ھوي ئەنتونى، بۇ سەنمۇ!- دەپ قۇۋانىپ كەتتى،- سېنى قاچان تېلېفون بېرەر دەپ خېلى كۈتمىدىممۇ، تروبكىدىن سېزىلگەن تونۇش نەپەستىن ئۇ ئىسسىپ چىقتى.
    -كەچۈر، كەتتى تىنچىم خېلى بەك بۇزۇلدى، تېلېفون كەلگەنگە ئۈلگۈرمەي قالامدىمەن،-دەپ قورقتۇم.
    - ئۇنىڭ ھېچنەرسىسى يوق، يېقىندا كۆرۈشەرمىز، مۇنداقلا ئۈنۈڭنى ئۇققۇم كەلگەن.
    - ھە دېمەمسەن، بىر زۆرۈر ئىش چىقىپ قالدى، ھازىر چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇشقا ۋاقىت يوق، ھەممىنى كېيىن ئېيتىپ بېرىمەن، سەن نامىمدا ئاناڭدىن كەچۈرۈم سوراپ قوي، تىلەككە قارشى سىلەرنى ئايروپورتتىن كۈتۈۋالالماي قالدىم، تاكسىغا ئولتۇرۇڭلار، ئۇندىن كېيىن....
      -نېمە بولدى ئەنتونى؟ شۇنچە ئېغىر بىرەر ئىش بولدىمۇ؟
    -  ھەئە، ناھايىتى ئېغىر، دەپ كەلسەك،.. ئۇزۇن سۆزنى قىسقىلا ئېيتاي، بۈگۈن كېچىدە مەن، ۋاپات بولغان روبېرت بوركنىڭ ئورنىغا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىشىم كېرەك.
      -قانداقچە؟ ئۇنى قەھىرلەنگەن نامايىشچىلار ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى، دەپ رادىئودىن ئاڭلاتمىدىمۇ، لېكىن ئۇ يەردە نېمە لازىمىڭ بار؟
    -  چۈشەنسەڭ، شۇ فىلوفېي بىلەن كائىناتلىق مۇناۋسىۋەتنىڭ تەشكىللىگۈچىسى مەن.  
    -  فىلوفېي بىلەنمۇ؟ ھېلىقى فىلوفېي بىلەنمۇ؟
    تشۇنداق ئەنتونى بىلەن روبېرت بورك بىرگە چىقىپ سۆزلىمەكچى.
      -ھېچنەرسە چۈشەنمىدىم، ئەنتونى! ھېچنەرسە!
    - كېيىن ئېيتىپ بېرىمەن، ۋەزىيەتكە يارىشا فىلوفېي بىلەن ئەمدى سۆھبەتلىشىشىم كېرەك بولدى، مەن كېيىن ئاپام ئىككىڭلارغا چۈشەندۈرۈپ بېرىمەن. بىراق، باشقا چارە يوق... كەتتى ئۈنىنى تۆۋەنلىتىپ چىقىرىپ قالدى. تېلېفوننىڭ تروبكىسىنى قولى بىلەن دالدىلاپ ئالغانلىقىنى ئەنتونى چۈشەندى.
    -  يارايسەن، ئەنتونى، كېيىن ئېيتىپ بېرەرسەن، ھازىرچە ئاپامغا ھېچنەرسە ئېيتماي قوياي، كائىناتنىڭ نەدىكى بىر سارىڭى پۈتكۈل دۇنياغا قالايمىقانچىلىق سالدى، دەپ ئۇنىڭ تىنچى بەكمۇ بۇزۇلدى، نارازى بولدى، مېنىڭمۇ قۇۋانغىنىم يوق.  
      - ئىككىڭلارنى ئوخشاش دەپ چۈشىنىمەن،-دېدى ئەنتونى، بىراق سورىدىغىنىم كەتتى، ئاپاڭ قۇرۇق، بىكارلا تىنچسىزلانمىسۇن، ئېيت، كېيىن ھەممىنى ئالدىرىماي ئېيتىپ بېرىمەن. سېنى كۈتىمەن كەتتى. سېنى سۆيىمەن. ئايروپورتتىن تاكسىغا ئولتۇر- دە، تېز كەل، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى تۈگىشى بىلەن تېلېفون بېرىمەن، ئاندىن كېيىن ئۇچرىشىمىز. باشقىسىغا تۇتۇلۇپ قالما، ئايروپلانغا كېچىكىپ قالمىغىن، كۆرۈشكۈچە ئامان بول، سېنى سۆيىمەن.  
    -  كۆرۈشكىچە ئامان بول، ئەنتونى، كۆرۈشكىچە... ھەممە ئىشنىڭ ياخشى بولۇشىنى خالايمەن، دائىم يېنىڭدىمەن.
    -  مەنمۇ كۈتىمەن.
    كەتتى ئانىسى ئىككەيلەن ئولتۇرغان ئىرلاندىيىدىن ئۇچۇپ چىققان ئايروپىلان ئاتلانتىكنىڭ ساھىلىغا يېقىنلاپ قالغان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ قالدى.بۇچاغدا ئەنتونى يۇنگېر سەھنىدە ئولتۇرۇپ بولغان ئىدى، زالدا بولسا بۇ چاغدا كائىنات مۇناسىۋىتىنىڭ باشلىنار مەھەلىگە ساناقلىق سىكۇنتلار قالغان ئىدى. شۇنداق قىلىپ، پۈتكۈل ئادەمزاتىنى دەۋرەتكەن فىلوفېي دېگەن نېمە ئەل ئالدىغا چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بارلىق گۇناھى ئۈچۈن جاۋاب بېرىدۇ. بارلىق گۇناھى ئۈچۈن جازالىنىدۇ.
    شۇ كۈنى ئەنتونى يۇنگېرنىڭ بېشىغا «مۇنداق ئاپەت تاسادىپىي ئائىلىمىزنىڭ بېشىغا چۈشسە كاسساندرا تامغىسى كەتتىنىڭ ماڭلىيىدا پەيدا بولسا قانداق قىلارمىز؟ ئۇنداقتا نېمىمۇ قىلارمىز؟ چۈنكى ئۇ كاسساندرا ئادەم تاللاپ يۈرمەيدۇ، ھەممىنى تۈگەشتۈرىدۇ، ھېچكىممۇ ئۆزىنىڭ ئىرسىي تىپىدىكى ھاياتقا بولغان بالا-قازانىڭ يوشۇرۇنۇپ ياتقانلىقىدىن قۇتۇلۇپ كېتىمەن دەپ ئېيتالمايدۇ» دېگەن ئوي بىر نەچچە رەت كەلدى.
    زالدىكىلەرنىڭ كائىنات بىلەن ئالاقە قىلىشىنى تاقەتسىز كۈتۈپ ئولتۇرغىنىغا قارىماي سىگىنال ئاڭلىنىپ ئېكران يورۇق بولغاندا كۆپچىلىكى تەخىرسىزلىكتىن چۆچۈپ كېتىشتى، زال تىمتاس بولۇپ قالدى، رىياسەتچى ھاپىلا - شاپىلا كىشىلەرگە قايرىلدى.
      ئەمىسە، بىز ئۆزىنى كائىنات كاھىنى فىلوفېي مەن دەپ ئاتىغان ئوربېتىلىق ئىستانسىدىكى زىيالىي، بىئولوگنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى يەتكۈزۈشكە باشلايمىز، ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغان پاكىتنى يەنە فىلوفېينىڭ رىم پاپاسىغا مۇراجىئەت قىلغىنىنىڭ غەيرىي ئىش ئىكەنلىكىنى ھەم ئۇندىن كېيىن ئۆتكەن قايغۇلۇق ۋەقەلەرنى قايتلاپ ئولتۇرمايمەن، ھازىر بولسا دىققەت قىلىپ قويۇڭلار!
    ئېكراندىن بىر نەچچە رەت ئەفىر مۇنارىنىڭ ئۆچۈپ يانغان دولقۇنىدا گاژىلدىغان مۈجىمەللىك بىر نەرسىنىڭ قارىسى پەيدا بولدى. ئۇندىن كېيىن كۆرۈنۈش ئېنىقلاشتى- دە، ئېكراندىن ھەممىگە نەۋاخ مەلۇم، بىراق تېلېۋىزور كۆرۈرمەنلىرىنىڭ ئالدىغا بىرىنچى قېتىم كۆزمۇ كۆز چىقىپ تۇرغان ئادەمنىڭ يۈزى كۆرۈندى. ئۇندىن كېيىن دەل شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىمۇ مۇشۇ ۋاققىچە ھېچكىم ئېغىز ئېچىپ گەپ قىلمىغان ۋاقىتتا ئورۇنلىرىدىن سەكرەپلا تۇرۇشقان فوتوگرافلار فىلوفېينىڭ تەقى - تۇرقىنى ئېكراندىن سۈرەتكە تارتىشىپ ئىشقا كىرىشتى.
    رىياسەتچى ئۇئولتېر شېرمەت چاراسلىغان نۇرلاردىن كۆزىنى توسۇپ تۇرغان بولسىمۇ نارازلىقىنى بىلدۈرۈشكە ئامالسىز قالدى.   
      - كۆزىمىزنى ئۇيالدۇرۇپ چاراس - چۇرۇس چاقنىغان نۇرلارنى توختىتىڭلار! بىز ئىشنى باشلايمىز.
    چاراقلاپ يېنىۋاتقان نۇرلار ئازىيىشقا باشلىغاندا فىلوفېينىڭ يۈزى چوڭىيىپ كائىناتتىن بىر جانلىقنىڭ ئۆڭى يېقىنلاپ كەلدى. بۇ ئادەمنى گاڭگىراتقان ۋاقىت ئىدى. ھە ياكى ئۇلۇغ پەيغەمبەر ياكى چوڭ ساراڭ، ياكى بىر ھەددىدىن ئاشقان شەيتان ئىكەنلىكى نامەلۇم نېمە شۇ ئەمەسمۇ! مانا توپىلاڭ بىلەن ئاپەتلەرنىڭ گۇناھكارى! مانا تاپقۇر نۇرلار بىلەن كائىناتتىن ئاياللارنى نۇرلاندۇرغان! مانا كاسساندرانىڭ بەلگىسى ھەققىدە بالايى قازالىق ئىلىمنىڭ بەرپاچىسى!
    ئۆڭ-سۆلىگە قارىغاندا فىلوفېينىڭ ئەللىكتىن ئەمدىلا ئاشقاندەك تەرى بار. جۈدەنگۈ، ئاق سارغۇچ چېچى سەل دوك كەلگەن دولىسىغىچە يەتكەن. ساقىلىنى ئاق ئارىلىغان كىشى ئىكەن. ئۇ ئېكراندىن زالدىكىلەرگە قولىدىكى ھاسا تايىقى ھەم بوغچىسى بار. ھازىرلا بولسا سىگنال، ئۇچۇر يېتىدىغان يېرىگە توغرا بېرىۋاتامدۇ، ياقمۇ؟ دەپ شۇنى بىلىش ئۈچۈن توختاپ قالغاندەك توساتتىن يولدىن يولۇققان يوچۇن يولۇچىدەك قارىدى، كەچمۇ كىرىۋاتىدۇ، ئۈلگۈرەرمەنمۇ دېگەن قىياستا، كۆز قارىشىدا خاۋاتىرلىنىش ھەم سالاپەت بار، ئەنتونى يۇنگېر مۆلچەر بىلەن ئۇنى شۇنداق ئويلىغان ئىدى، ھازىر بولسا ئويىنىڭ دەل كەلگەنلىكىگە ئىچ - ئىچىدىن سۆيۈنۈپ ئولتۇرماقتا. كائىناتىي كاھىن ئۆزىنىڭ چىركاۋنىڭ كونا سۈرەتلىرىگە ئوخشىغان تەقى-تۇرقىغا قارىماي، ئوربېتىلىق ئىستانسىنىڭ ئىچكى بېزىلىشىگە تولۇق باب كېلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئولتۇرۇشىدىن ئىشىنەرلىك ھەم جەبدەسلىك چىقىپ تۇراتتى. بەلكىم بۇنداق بولۇشىغا ئۇنىڭ يەردىن ناھايىتىمۇ يىراقتا ئىكەنلىكى ھەم تىكەندەك يالغۇز قېلىپ پۈتكۈل قان - تەرىنى بېغىشلىغان ئىشى سەۋەب بولغاندۇر. تېرەن يۈز قورۇقلىرى، سالپايغان قاپىقى، ئۆتكۈر كۆزلىرىنى تارتىپ ئالغۇچى ۋە قايغۇلۇق بىر نەرسە يوشۇرۇنۇپ تۇراتتى.
    يەتكۈزۈلۈشنىڭ باشلىنىشىدا ئەنتونى يۇنگېر ئىنگىلىزچىنى قانچىلىك بىلىدىغاندۇر؟ دەپمۇ خاتىرجەمسىزلەندى. چۈنكى، ئادەم كۆپ چاغدا چەتئەل تىلىدا بىمالال يازغىنى بىلەن ئەلنىڭ ئالدىدا ناھايىتى ئەركىن، ئالاھىدە سۆزلىيەلمەسلىكى مۇمكىن. بىراق، فىلوفېينىڭ دەسلەپكى سۆزىدىن كېيىنلا ئەنتونىنىڭ خىيالى تىنچىدى. بىر ئاز چاندۇرۇپ سۆزلىشى بولمىسا، تېگى-تەكتى رۇس بولغان كائىناتتىكى كاھىن ئىنگىلىزچىنى قەدىمكىدەك سۆزلەيدىكەن.
    ئۇئولتېر شېرمەت ياسالما ئوچۇق-يورۇقلۇق، ئالاھىدە پەرق بىلەن، ھەتتا خوشامەتچىلىك بىلەن:    
    -سالامەتسىزمۇ، فىلوفېي، قېرىندىشىم! كەچۈرۈڭ، سىزگە شۇنداق مۇراجىئەت قىلساق توغرا بولامدىكىن؟- دېگەندىن باشلاپ سۆھبەت باشلىنىپ كەتتى.
    -شۇنداق، بولىدۇ،- دېدى كائىنات كاھىنى،- خالىغاننىڭ ھەممىسىگە مەن قېرىنداش.
    - ئەگەردە ئاغا - ئىنى بولۇشنى خالىمىغانلار بولسىچۇ؟-  دەپ يۈز - خاتىرىسىز سۆزلىدى، ئولتېر شېرمەت.
    -ئۇ ھەر كىمنىڭ ئۆز ئەركى، خاپىلىق يوق. بىراق، ئاشۇ مېنى خالىمىغانلار ئۈچۈنمۇ كۆڭلۈمدە ئۆزۈمنى  قېرىنداش ھېسابلايمەن.
    -نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك ئىشەنچىلىك ئېيتىسىز؟ شۇسەۋەبدىن سىز بىزنىڭ ۋاپاسىز دۇنيادىن يۇقىرى تۇرغانمۇ؟
    -ماڭا قانداق مۇئامىلە قىلىشمىسۇن، ھەر بىر بەندىنىڭ قايغۇ - شادلىقىغا ئورتاق بولۇش ئادەمىي بۇرچۇم.
    -بوپتۇ دەيلى، مەيلى ،ياخشى، بىراق ئۇچقاشقىنىمىزنى مۇشۇ ئەھۋالدىكى ئۆز ئارا كۆڭۈل چۈشەندۈرۈشتىن باشلىمايلى،- دەپ تاشلىدى ئۇ ئولتېر- بۇندىن ئېغىرى، ئۇندىن باشقا ئۆزىڭىز چۈشىنىپ تۇرغاندۇرسىز، قورقۇنچلۇق ئىشلار بار! يەنە سىز بىلەن، فىلوفېي قېرىندىشىم، مۇنداقچە ئېيتقاندا سىزنىڭ ئوبېتىلىق ئىستانسىنىڭ تۇرالغۇ سۇپىسىدىكى ئىش - ھەرىكەتلىرىڭىز بىلەن بىۋاستە، تۈزدىن - تۈز ئالاقىدە، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىمىزغا كېلىپ ئولتۇرغانلارنىڭ كېلىش سەۋەبىمۇ شۇ، ئەمدى، سۆھبەتنى باشلاشتىن بۇرۇن سىزگە ئولتۇرغانلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي، زالدا ئاخباراتچىلىقىنىڭ مۇھىم ئىش، مۇھىم ئادەملىرىنى بىۋاستە، تۈز تېلېۋىزىيىلىك يەتكۈزۈش بولۇۋاتىدۇ، مەن رىياسەتچى، نام - شەرىپىم ئۇ ئولتېر شېرمەت. يېنىمدىكى ئەنتونى يۇنگېر. بۇ ئەنتونى يۇنگېر بۈگۈن تاڭ سەھەر بىلەن ئاممىۋى نارازىلىق بىلدۈرۈشنىڭ نەتىجىسىدە قازا قىلغان كېلەچەكشۇناس روبېرت بوركنىڭ ئورنىغا تېلېۋىزىيىلىك ئالاقە قىلىشقا قاتناشماقتا، كەچۈرۈڭ، بولغاننى بولغانچە ئېيتىشقا توغرا كەلدى. شۇ قايغۇلۇق ۋەقەنىڭ سەۋەبچىسى سىز بولۇپ تۇرۇۋاتىسىز، قىسقىسى، ئەنتونى يۇنگېر ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ ئوي - پىكىرىنى ئېيتىدۇ.
    -  رەھمەت، ئۇئولتېر شېرمەت، مەن ئەنتونى يۇنگېرنى بىلىمەن، فىلوفېي ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ كۆز قىرىنى ئەنتونى يۇنگېر تەرەپكە تاشلىدى، -مەن ئەنتونى يۇنگېرنى سايلام ئالدىدىكى نامايىشتىن كېيىن بىلگەن ئىدىم، تېلېۋىزوردىكى خەۋەرنى كۆرگەنمەن، سۆزىڭىزنى بايقىماستىنلا بۆلۈپ ۋە ئۆچۈرۈۋەتكەندىن كېيىن ئېيتىشقا تېگىشلىكىنى ئېيتاي، مەن مۇشۇ پەيتتە، مۇشۇ ئۇچرىشىشنى كۈتكەن ئىدىم، ماڭا يەنە تېخى سىز ئەسكە سېلىپ كەتكەن ئىش ھەققىدە، ئەقىلنى ھەم ۋۇجۇدىنى كۆيدۈرگەن ئوتنىڭ يېلىنىنىڭ كائىناتتىكى ماڭا قانداق يېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئېيتىشقا مۇمكىنىيەت بەرسىڭىز، ئەلۋەتتە، ئۇ ئوتنى مەن تۇتاشتۇردۇم، ئەلۋەتتە، بۇ چىنلىق.بىراق، مەن ئوت ئۇچقۇنلىرىنى ئۇلغايتىش، ئوتنى تېخىمۇ كۆيدۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، ئادەملەرنىڭ ۋۇجۇدىنى يورۇق قىلاي دېگەن ئوي بىلەن كۆتۈرۈپ چىققان ئىدىم، ئىش ئويلىغان يەردىن چىقمىدى، قايتىدىن جىمىكى نەرسە قاراڭغۇ تۈنگە ئايلاندى، ئۈمىدمۇ بولمىدى دەپ قورقىمەن، بەلكىم مەن مۇشۇ ياشقا كېلىپ يۇۋاشلىق بىلەن، دەرھەقىقەت، يۇۋاشلىق- چىنلىق ۋە سەلتەنەتنى قۇرىدۇ دەپ ئۈمىدلەنگەن ئىدىم، يېڭىلىشىپتىمەن، ئىنسان ۋۇجۇدىنى يورۇق قىلغاننىڭ ئورنىغا توپىلاڭ قوزغاپ، نارازىلىق تۇغدۇرغان ئىكەنمەن، ئۇنىڭ ھەممىسىنى تېلېۋىزىيە ئېكرانىدىن كۆرۈپ تۇردۇم، بۈگۈن نيۇبېرىدە بولغان ۋەقەنىمۇ كۆردۈم، روبېرت بورك بىلەن تېلېۋىزىيە ئارقىلىق ئۇچرىشىشنى كۈتكەن ئىدىم، ئۇ ھەقتە كىشىلەر خەۋەر قىلىشقان، ئۇ كىشى بىلەن سۆزلىشىشكە جان دىلىمدىن خۇشتار ئىدىم، بىراق، ئادەمنى ئۆز ئۆيىنىڭ يېنىدىن يىرتقۇچلاردەك تالاپ كېتىشكەنلىكلىرىنى كۆردۈم، خۇددى رۇسلار ئېيتقاندەك بىئەقىل ھەم ئاياۋسىز توپىلاڭنى كۆردۈم. ئۇمۇ گۇناھىم، كائىناتتا يۈرۈپ ماڭا خۇدانىڭ سۆزىنى ئەۋەتكەن پىكىردىشىمنىڭ ئۆلۈمىنىڭ بىۋاستە سەۋەبچىسى بولدۇم، ئالدىڭلاردا چۆكۈلۈپ كەچۈرۈم سورايمەن، ئادەملەر! بىراق، ئەمدى كەچۈرۈشنىڭمۇ كېرىكى يوق بولۇپ قالدى، باشقىلار ئۆلتۈرگەن روبېرت بوركنى ئۆز جېنىمدىن كەچكەندىمۇ تېرىلدۈرۈلمەيمەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن جېنىمنى قۇربان قىلىشقا تەييار ئىدىم، ئەگەر....
    سوئاللىرىڭلارغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن يەنە بىر نەرسىنى ئېيتقۇم كېلىۋاتىدۇ، بەلكىم زالدىكىلەرنىڭ ھەممە سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشقا ئۈلگۈرمەسمەن، ئالدىنئالا كەچۈرۈم سورايمەن، مەن ئۇ دۇنياغا كېتىدىغان كىشى، ياشايدىغانلار سىلەر، ھايات دېمەك-جاۋابنى ئۆزى تېپىش دېمەكتۇر، مېنى چۈشىنىڭلار، يەنە قولۇڭلاردىن كەلسە، كەچۈرۈڭلار، خوشلىشىش ئالدىدا بىر سۆزۈمنى ئېيتاي دېگەن ئىدىم، ئۆز كەشپىياتلىرىمنى، نام - ئابروي ئۈچۈن، مەنمەنلىك ئۈچۈن ھەم ئۆزۈمگە ئوخشىغان بەندىلەردىن ئۆزۈمنى ئالاھىدە ئورۇنغاقويۇش ئۈچۈن ئومۇمغا يېيىپ ئولتۇرغىنىم يوق. بۇ كەشپىياتلار نامەلۇم قېلىۋېرىشى بىلەن دۇنيا بۇنىڭغىچىلىك بولغان ۋاقىتتىكىدەكلا ھېچنەرسىدىن خەۋەرسىز باياشادچىلىقتا ئۆتۈۋېرىشى مۇمكىن. بىراق، دائىما تەرەققىي قىلىپ  يالجىپ تۇرغۇچى، تونۇپ بىلىش ئارقىلىق دۇنياغا كۆزىمىز ئېچىلىش ئۈچۈن بىز مەڭگۈلۈكنىڭ مەناسى ھەم ماھىيىتى سۈپىتىدە يارىتىلغان ئەمەسمىزمۇ؟ ئۇنىڭسىز يورۇق دۇنيانىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن نە پايدا؟ ئەگەر مەڭگۈلۈك ئېھتىياجىمىز بولمىسا ھەم ئۇنى پەملەپ چۈشەنمىسەك ئۆزىمىزگە كېرەك بولغاننى ئۆز ئاجىزلىقىمىزدىن ھەم خارلىقىمىزدىن، ھەقىقەتتىن، ئۆز بۇرچىمىزدىن قېچىپ تۇرساق، ئۇنداقتا ھېلىقى مەڭگۈلۈكنىڭ بولغانلىقىدىن نە پايدا!؟ بىز ئەقىل - ھۇشى بار جانلارنىڭ ئورۇن، مەۋقەسىنى تۆۋەنلىتىپ تۇرۇۋاتمامدۇق؟ ئۇندىن قالسا خۇدامۇ يوق، ماتېرىيەمۇ يوق ئەمەسمۇ؟! ئەگەر بىز تەرەققىياتنىڭ يولىنى بىر مەلۇمات دەپ ھېسابلىساق ئۇنداقتا مەڭگۈلۈكنىڭ ماھىيتىغا ئەگىشىپ يېڭى، ھەممىنى تۈگەل ئۆز ئىچىگە ئالغان مەلۇماتنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېقىمىدا ئەمەسمۇ؟ ئاڭنىڭ چەكسىزلىكى  تونۇپ بىلىشنىڭ چەكسىزلىكىدە. بىراق، بۇيەردىكى ئۆزىمىزنى تونۇپ بىلىشتىن قېچىپ تۇرۇشىمىز، دەل ئېيتقاندا، چىنلىقنى بىلىشتىن قېچىشىمىز ئەمەسمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن بىز شۇنچىلىك زارىقىپ كۈتكەن مەڭگۈلۈكتىن قېچىۋاتمامدۇق؟
    ئېنىق كونكرېت ئەھۋاللار بويىچە ئابستراكت ئوي- تەپەككۇر يۈرگۈرتكەنلىكىم ئۈچۈن ئولتۇرغانلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن. بىراق، بۈگۈن بىز روبېرت بوركنى ئۆلتۈرگەندە ئۇنىڭ بىلەن قوشۇپ مەڭگۈلۈك ماھىيەتنىڭ بىر بۆلۈكىنى قوشۇپ ئۆلتۈردۇق، مېنى كەچۈرۈڭلار، مەن...
    -قويۇپ تۇرۇڭ، قويۇپ تۇرۇڭ، فىلوفېي قېرىندىشىم ،-دەپ ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى، ئۆزىنى ئاران تۇتۇۋالغان ئۇئولتېر شېرمەت، ئەلۋەتتە، بۈيۈك ماتېرىيە ھەققىدە تەپەككۇر قىلىش ياخشى، مەڭگۈلۈكنىڭ پەلسەپىسى ناھايىتى قىزىقسىنارلىق. بىراق سىز ئادەمنىڭ تۇغۇلۇشىنىڭ مەخپىي سىرلىرىغا ئارىلىشىپ تۇرۇۋاتمامسىز؟، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ماڭلىيىدا كاسساندرا بەلگىسىنىڭ پەيدا قىلغۇچىسى بولغان سىزنىڭ كائىناتىي تەجرىبىلىرىڭىز ھەققىدە گەپ قىلىۋاتىمەن، مەنپەئىتىمىزگە پۈتۈنلەي يول بېرىلگۈسىز قوشۇن تەشكىللەۋاتىسىز، ھەمدە بۇنىڭغا، ئېسىڭىزگە سېلىپ قويۇشقا رۇخسەت قىلىڭ، ماقۇل بولۇشقا يەردە پەقەت ئازغىنا ئادەم تەييار! ئېسىڭىزگە سالاي! يەردە، بىز گۇناھقا پاتقان يەردە. ئۇندىن سىز ھەممەيلەننىڭ، قەھرىلەنگەن ئەلنىڭ قولى يەتمەس كائىنات بوشلۇقىدا تۇرۇۋېلىپ تەپەككۇر بەرمەڭ، ئەلنىڭ قەھرىنىڭ ئۆزى ئوبدان بىر ئادالەت، پوزىتسىيەمنى ئېچىپ قويغانلىقىم ئۈچۈن كەچۈرۈپ قويارسىز، بىراق ھازىر رىياسەتچىدەك سىپايىلىق قىلىدىغان چاغ ئەمەس. شۇڭا، مەن ئىش- ھەرىكىتىڭىزگە نارازىلىق بىلدۈرمەي تۇرالمايمەن، مەيلى قانداقلا ياخشى نىيەتتە بولماڭ، ئۆز ئىلمىي كەشپىياتلىرىڭىزنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن گەپ قىلاتتىم، ئۆزىڭىز قانائەت ھاسىل قىلىش ئۈچۈن سەييارىمىزنىڭ خەلقىگە توپىلاڭ ،قالايمىقانچىلىق سېلىشقا سىزگە كىم يول بەردى؟ قانداق كۈچ تۈرتكە بولدى؟! ئۇندىن قالسا ئۆزىڭىز، رۇس مىللىتىنىڭ دىنىي داھىيلىرى، روھانىيلىرى ئېيتىشى بويىچە، مەيلى ئۆزىڭىزگەئۆزىڭىزئات قويغان كۈندىمۇ، كاھىن بولۇۋالسىڭىز ،شۇنىڭ ھەممىسى تەكەببۇرلۇق ئەمەسمۇ؟سىز خۇدانىڭ قۇدرىتىگە شەڭ كەلتۈرۈۋاتمامسىز؟! مۇقەددەس كىتابدا: «نەسىل قالدۇرۇڭلار ھەم كۆپىيىۋېلىڭلار» دەپ يېزىلغان ئەمەسمۇ؟ دەل شۇنداق يېزىلغان، سىزبولسىڭىز ھېچكىمنىڭ نەزەرگە ئېلىنمايدىغان نەرسىنى تەكشۈرمەكچىسىز، تۇغۇلۇشنىڭ مەخپىي سىرىنى دوزاخنىڭ كۈچلىرىگە قۇربانلىق قىلغان ئەمەسمۇسىز؟ كۆز قارىشىمدا بۇ دەل شۇئىشنىڭ ئۆزى! ئوردوك ئەپەندى بۇ ھەقتە سىياسەتۋاز كەبى سۆز قىلغان بولسا مەن مىليونلىغان ئەلنىڭ تەپەككۇرىنى ھۆرمەتلىگەن ئاخباراتچى قاتارىدا سۆز قىلىمەن.
    مۇشۇ يەردە، زالدا قىقاس - چۇقان باشلاندى. بۇ بىر ھەيران قالارلىق، ئەقىلگە سىغماس مەنزىرە ئىدى. ئاخباراتچىلار، ئۇلارنىڭ ئالدىدا كائىناتتىن بېرىلىۋاتقان تېلېۋىزىيە ئېكرانىدىكى سۈرەت ئەمەس.  بەلكى سەھنىدە فىلوفېينىڭ ئۆزى تۇرغاندەك كۆرۈنۈپ ئورۇنلىرىدىن ئىرغىپ تۇرۇشۇپ، مىكروفونلارغا يۇلقۇنۇپ بېرىشىپ قوللىرىنى شىلتىپ تۇرۇشۇۋاتاتتى، فىلوفېي بولسا سەۋر قىلىشقا ھەرىكەتلىنىپ،ئويناقلىغان كۆزلىرى بىلەن ئاچچىقتىن لەۋلىرىنى چىشلەپ بولغۇلۇقنى ئېكراندىن كۆرۈپ ئاڭلاپ تۇردى.
    قايغۇدىن ئۇنىڭ ئۆڭى بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكى بايقالدى.بۇنداق يىغىلىشنىڭ ئەمدى نامايىشتىن پەرقى يوق ئىدى. مىكروفونغا قولى يەتكەن ھەر بىر ئاخباراتچى نام - شەرىپىنى، گېزىتنى، ئاگېنىتلىقىنى ئېيتقان زامات دەررۇ كائىناتتىكى كاھىننى جاۋابقا تارتىشقا تەلەپ قىلىشىۋاتاتتى، بۇنداق پەلسەپىگە يول نەدە، كۈندىلىك ھايات ھەممىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟ فىلوفېينى ئېغىز ئاچقۇزۇشمىدى.ئۇنىڭ ئەھۋالى يامان بولغاندەك كۆرۈندى. ئۇ توساتتىن ئېكراندىن يوق بولۇپ كەتتى. زالدا غەليان باشلاندى. ئېكران بوش قالدى.
    -نەگە كەتتىڭىز؟ سىزگە نېمە بولدى؟-  دەپ قىيقىرىدى ئۇئولتېر شېرمەت.
    ئاڭغىچە ئۇ قايتا كۆرۈندى، قولىدا ئالەمكارنىڭ ئالەم كىيىمى.
    زالدىكى قىقاس - چۇقان بىر پەس تىنچىپ قالدى، بۇ نېمە قىلغىنى، دېيىشىپ ھەممىسى ھەيرانلىقتا قاراشتى، فىلوفېي ئۈن چىقارماستىن ئالەم كىيىمىنى كىيىشكە باشلىدى، ئەنتونى يۇنگېر شۇ ئارىلىقتىن پايدىلاندى، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ زالغا قايرىلدى.
    -مەن   مۇشۇ تېلېۋىزىيىلىك ئالاقىنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدىم، شۇڭا ئولتۇرغانلاردىن ماڭا قۇلاق سېلىپ قويۇشنى سورىنىمەن، مۇشۇ ئىش ھەققىدە ئۆز بۇرچۇم ۋە ھوقۇقۇممۇ بار، باشقىلاردىن بۇرۇن ئۇئولتېر شېرمەتنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىشنى ماڭا بېرىشنى سورىنىمەن، سىز دەيدىغىنىڭىزنى دەڭ.
    ئۇ ئولتېر شېرمەت ھەمدە تۇرغانلارنىڭ تىلىكىكە قارشى بۇ مۇخبىرلارنىڭ تېز ئۇچرىشىشىغا كۆپ ئوخشىماي قالدى، ئاخبارات ئېلان قىلىش دېگەن سوئال-جاۋاب بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ، ھازىرغىچە بىرەرمۇ تېگىشلىك سوئال سورالمىدى، ئەقىل ئىشلىتىشنىڭ ئورنىدا ئاچچىق سۆزلەر ئېيتىلىۋاتىدۇ، مەن كۆپلىگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىغا قاتناشقان، بىراق مۇنداق خىلدىكىنى كۆرگەن ئەمەسمەن، ھەتتا يېقىندا ئىرانىڭ چەت يېرىدە ئۇرۇش - جېدەل چىقىپ كەتكەندىمۇ ھەر قانداق سوئاللار سورىلىپ، ھەر قانداق پوزىتسىيىلەر بىلدۈرۈلگەن ئىدى. ھازىر بولسا بەزىبىركىشىلەر خوردا ئاۋازىنى بولۇشىغا قويۇۋەتكەندەك قىيقىرىشىپ ئۇندىن كېيىن شەرتسىز رەۋىشتە ھەممىسى بىر ئېغىزدىن بىر ھۆكۈمگە قول قويۇشقا تەييار.
    -  كەچۈرۈڭ، ئەنتونى يۇنگېر-ئۇئولتېر شېرمەت چىدىماي قالدى، ئۇنداق بولسا نېمە ئۈچۈن سىز ئاڭلارمەنلەرگە، ئاڭلارمەنگىلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنياغا ئۆز ئويىڭىزنى تېڭىشقا ئۇرۇنىسىز؟ مەزكۇر ۋاقىتتا نېمە ئۈچۈن دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇچرىشىشنىڭ باشقا ئىشتىراكچىلىرىنى ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈش ھوقۇقىدىن ئايرىۋېتىسىز؟!
    -  مۆھتىرەم ئۇئولتېر شېرمەت، چۈشىنىمەن،ھازىر ۋەزىيەت شۇنداق، تېلېۋىزىيىدىن خەلق ئاممىسىغا ئۆزىڭىزنىڭ بېرىلگەنلىكىڭىزنى كۆرگۈزۈپ،جامائەتچىلىكنىڭ مەنپەئىتىنى تاماشادەك كۆرۈگەن پەيتتە سىياسىي قەدىر - قىممەتكە ئېرىشسىڭىز بولىدۇ، راستمۇ؟ بىراق ئۇنىڭدىن چىنلىق ئېنىقلىنىشقا باشلىنىدۇ، ۋەزىيەت باشقا، شۇڭا مەن كېچىكتىم، سىياسەتتىن ۋە ئۇنىڭ ئازغۇرلۇقىدىن باش تارتىشنى ئۆتۈنىمەن، شۇنداق، بىزياخشى كۆرگەن سىياسەتتىن. مەيلى ئۇ سىياسەت قانداق شەكىلدە بولمىسۇن، ئەگەر بۇ قولىمىزدىن كەلسە ئوڭاي بولىدۇ. سىياسەتسىز قىيىن مەسىلىلەرنىڭ نېگىزىگە يېقىنلىيالمايمىز. ھەقىقەتكە يېتىش  باتۇرلۇقنى ھەم ئەمەلىيەتنى تەلەپ قىلىدۇ.
      - ھەقىقىتىڭىز بىلەن باتۇرلۇقىڭىز نېمىدە؟-  دەپ ۋاقىراپ قالدى زالدىن بىراۋ.
    ئۇئولتېر شېرمەت قانائەتلەنگەندەك باش لىڭشىتىپ تەكەببۇرانە كۈلۈمسىرىدى. زال ئىچى جىمىپ، جىمجىت بولۇپ قالدى.
    -  باتۇرلۇق ھەققىدە،-دېدى ئەنتونى يۇنگېر سۆزىنى كۈچەيتىپ سۆزلەپ، ئۇنىڭ مەندە قانچىلىك ئىكەنلىكىنى باشقىلار ئېيتىپ بېرەر، ئەمدى بولسا ئىشقا ئۆتەيلى، مانا ئالدىمىزدا ئېكراندا بۈيۈك ئىلمىي كەشپىيات ياراتقان ،ھەتتا مەنمۇ تارىختا بولۇپ كۆرۈنمىگەن دېسەممۇ بولىدىغان ئادەم ئولتۇرىدۇ. ئۇ بىزگە ياقامدۇ، ياقمامدۇ؟ بۇ باشقا مەسىلە، بۇ ئىلىم – پەن. قېرىندىشىم فىلوفېي ماڭا ھەم مۇقەددەس ئاتىنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن تەكىتلەنگەن كاسساندرا تۆرەلمىسىنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنىڭ ئەھمىيىتىگە كۆزىمىزنى ئېچىپ قاراشقا ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۈگۈن ئالا توپىلاڭچىلارنىڭ قولىدا قازا قىلغان يەنە بىر كۆزگە كۆرۈنگەن زاماندىشىمىز كېلەچەكشۇناس روبېرت بورك فىلوفېينىڭ كەشپىياتىنى ئادەمزاتى روھىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىدىكى يېڭى قەدىمى دەپ باھالىدى. ئۇ مەتبۇئات يۈزىدە يېزىپ ئېلان قىلدى. ئۇ ئۇنىڭ ئاخىرقى نۇتقى، ۋەسىيىتى بولۇپ قالدى.مەن ئۆزۈم يالغۇز ئالاھىدە بىرباھالاشقا يەكۈن چىقىرىشقا ئۇمتۇلمايمەن. بىراق ئېيتاي دېگىنىم: كۈندىلىك مەنپەئەتلىرىمىزنى كۆزلەپلا كاسساندرا تۆرەلمىلىرىنىڭ مەسىلىلىرىگە سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك. سۆز مانا مۇشۇ نىڭدا، ھەمدە ئۆزىمىزگە يەنە چۈشىنىشلىك سەۋەبلەر بىلەن فىلوفېي مۇقەددەس ئاتىنىڭ ئۆزىگە سوئال قويايلى، كىشىلەرگە تونۇش بولغان كاسساندرا تۆرەلمىلىرىنىڭ ئالدىدا ئەمدى ئادەم نېمە قىلىشى كېرەك؟
    -  يۇنگېر ئەپەندى،- دېگەن ئايالنىڭ ئۈنى ئاڭلاندى، كەچۈرۈڭ، بۇ سوئالىڭىز بەكمۇ ئۆكتەملىك ئەمەسمۇ؟ كىمنىڭ ئالدىدا، تۆرەلمىلەرنىڭ ئالدىدىمۇ؟ تېگىشلىك سوئاللارنىڭ سورىلىشىنى خالىغان ئىدىڭىز، ئۇنداق بولسا مەتبۇئاتتىكى بېسىلغان مەكتۇب ئۈچۈن ئەقلىدىن ئاجراپ گاڭگىراشقا، چارىسى تۈگەشكە سىلەر قاپساۋاتقان مىليونلىغان ئوقۇرمەنلەر ۋە تېلېۋىزىيە كۆرۈرمەنلىرى ئۈچۈن ئوچۇق ھەم تۈز جاۋاب بېرىڭچۇ، سىلەردىن ھېچكىم، بىرىمۇ سوراپ قويمىسا نېمىشقا سىلەر، فىلوفېي ئىككىڭلار، جامائەتچىلىككە ھېلىقى ئاپەتلىك قىيىن مەسىلىنى شۇنچىلىك جان تالىشىپ تېڭىۋېرىسىلەر؟
    -  گەپ شۇ، سوراۋاتقىڭىزدا، خانىم، بىراۋلا ئەمەس، سانسىز جان ئىگىلىرى سورىشىۋاتىدۇ، تۆرەلمىلەر نىداسى بىلەن بىزگە مۇراجىئەت قىلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ قۇلاق قېتىپ زېھىن سېلىپ ھەم يالۋۇرۇپ سورىشىۋاتىدۇ. لېكىن، بىز بولساق جاۋاب قىلىشتىن قېچىپ قورققاقلىق قىلىۋاتىمىز، ئۇندىن قالسا، بۇ شور پىشانە تۆرەلمىلەردىن قۇتۇلۇش ناھايىتى ئوڭاي، بۇنىڭ ئۆزىلا ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئالداش، يەنە ئۇلار ئۈچۈن ھەممىمىز، مانا مەن بىلەن سىزمۇ، خانىم، بۇرۇنقى ئابا - ئەجدادلىرىمىزمۇ گۇناھكار، ھەممىمىزگە مۇراجىئەت قىلىشقان بۇ نىدالارنى تەكرارلايمەن. ئۇلارغا قۇلاق سېلىشقا، گۇناھلارنى ئاجرىتىپ تونۇشقا، تەپەككۇر يۈرگۈزۈشكە مۇھتاجمىز، بۈيۈك فىلوفېي مانا شۇنى ئىشقا ئاشۇردى، مەن ئۇنىڭ كۆز ئالدىمىزدا تىكىلىپ ئېكراندىن بىزگە قاراپ ئولتۇرغىنىدا، ئۇنىڭ بۈيۈكلۈكى ھەققىدە ئوچۇقلا ئېيتىپ قويۇشقا مەجبۇر بولۇپ ئولتۇرۇۋاتىمەن، مەندە باشقا چارە يوق، شۇنداق، ئۇ بۈيۈك، دانىشمەن ئادەم، مانا سىز مېنى ھەم سىز ئېيتقاندەك، ئاپەتلىك قىيىن مەسىلىنى جامائەتچىلىككە تاڭغاندا بىزنى نېمىنىڭ تۈرتۈپ تۇرغانلىقى ھەققىدە چۈشەندۈرۈپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلىۋاتىسىز. ئالايلى، ئېينىشتېيىن نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى بىراۋنىڭ زورلىشى بىلەن ئوتتۇرىغا قويدىمۇ؟ فىلوفېي شۇ ئېينىشتېيىنگە ئوخشايدىغان زىيالىي، ئۇ داھىي، ئۇ تەجرىبىلەر بىلەن كەشپىيات، ئىختىرالارنىڭ ساھىبى، ئۇنىڭ قىلغىنى ئەقىلنىڭ ئىشى، مەن شۇنداق چۈشىنىمەن، تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدىن قۇياشنىڭ بالقىپ چىقىشىغا ھېچكىم توسالغۇ بولالمىغاندەك ئىش بولۇپ، كەشپىياتقىمۇ توسالغۇلۇق قىلىش مۇمكىن ئەمەس، بىز ئادەملەر، جامائەتچىلىك مۇئامىلىمىزنى ئىزاھلاپ ئېلىشىمىز كېرەك، گەپ مانا مۇشۇ ھەقتە... بىز ئۆز - ئۆزىمىزگە ئېيتىشىمىز كېرەك، ئادەمزاتى بۇندىن باشقا، ئۆزگىچە ھاياتنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيىسىگە مۇھتاج.
    شۇ ۋاقىتتا ئۇئولتېر شېرمەت ئالدىدىكى شىرە ئۈستىدە تۇرغان تېلېفون تروبكىسىنى شاپپىدە كۆتۈرۈپ ئالدى- دە، كىمدۇر بىراۋغا قىسقا تىلىكىنى بىلدۈردى.
    -  باش ئاپپارات، سىز تەييارمۇ؟- ئۇندىن كېيىن تروپكىنى تۇتقان ھالەتتە ئەنتونى يۇنگېرگە ئۇدۇل قايرىلدى.
    -  فىلوفېي ئىككىڭلارنىڭ نۇتۇق سەنئىتىڭلارغا خەلقئارالىق جامائەتچىلىكنىڭ جاۋابىنى ئۇققىڭىز بارمۇ؟ ئىشەنگۈڭىز كېلەمدۇ؟
    - نېمىنى دەۋاتىسىز؟
    -  بىزنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىمىزنىڭ تەسىرىنى.
    دۇنيانىڭ ھەممە بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىكى شەھەرلەرنىڭ مەيدانلىرىدا كۆرسىتىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتماقچى مەن، دەررۇ تەرجىمە قىلىنىپ بېرىلىۋاتىدۇ، قېنى؟ سەييارىمىزدە نېمە بولۇۋاتقان ئىكەن، كاھىن فىلوفېي بىلەن ئۇنىڭ ياقلىغۇچىلىرىنىڭ خىيالىغا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ جاۋابى قانداق ئىكەن، مۇشۇ يەردە ئولتۇرغانلارنىڭ بارى بىرگە قاراپ كۆرەلەيدۇ، يەنە سەمىڭلارغا سالاي،- دۇنيانىڭ يەر - يەرلىرى، بىر سۇتكىنىڭ ھەر قانداق ۋاقتى ھەر خىل تىللار، قېنى، دىققەت ئاغدۇرۇڭلار!- دەپ تېلېفون تروپكىسىدىن بۇيرۇق بەردى:
    - مەركىزىي كۆرۈنۈشنى قوشۇڭلار، قېنى، باشقىلاردىن بۇرۇن بىزگە تىيەنئەنمىن مەيدانىغا بېرىڭلار، خەلقى ھەممىدىن كۆپ مەملىكەتنىڭ مەركىزىدە، بېيجىڭدا نېمە بولدى ئىكەن؟ كۆرىلى.
    سەينانىڭ ئوتتۇرىسىدا يالتىرىغان چوڭ ئېكراندىن ئۇدۇل كۆرۈنۈشتە يولباشچىنىڭ بوز رەڭلىك جوڭسەنفۇسى بىلەن تارتىلغان ماۋزېدۇڭنىڭ ھەممىگە تونۇش بولۇپ كەتكەن پورتېرتى قادالغان، تىيەنئەنمېننىڭ كىشىلەر بۇقۇلداپ قاينىغاندەك مەيدانى كۆرۈندى، ماۋزېدۇڭنىڭ سۈرىتى ئالدىدا مەيداندىكى ئادەمنىڭ رايىنى ئۇچۇرىدىغان پەيتتە مىغ ـ مىغ كىشىلەر گۈرگىرەپ، بۇژغۇنى كۆككە ئوخچۇپ تۇرغان ئادەم ئوكيانىنى ئەسلىتىدۇ، جۇڭگولۇقلار خۇددى ئوت ـ چېقىن چاقناپ كېتىدىغاندەك، چۇقان سېلىشىپ، قىيقىراپ ھۆكۈرەشمەكتە ئىدى، بۇنداق مەنزىرىنىڭ ستودېنتلاردولقۇنى باستۇرۇلغان1989ـ يىلىلا بولغانلىقىنى باش ئاپپارات خەۋەر قىلدى.  
    ـ تىيەنئەنمىن مەيدانىدىن بىر ئېغىزدىن چىققاندەكلا چىققان قىيقىراقنى ئاڭلاڭلار!ـ دەپ سۆزىنى ئۇلىدى. باش ئاپپارات ئۇ مۇنداق دېدى:     
    ـ فىلوفېيگە ئۆلۈم! سوتسىيالىزمنىڭ دۈشمىنى راكېتا بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈلسۇن!.
    زالدىكىلەرنىڭ غۇدۇرۇشۇۋاتقاندا بۇلارنى ئېكراندىنمۇ بايقىغان فىلوفېي مىكروفوننىڭ يېنىدا تىنىق ئالماي قېتىپ قالغان ئەنتونى يۇنگېرگە، بۇيرۇق بېرىۋاتقان ئۇئولتېر شېرمەتكە قاراپ تۇردى:
    -ـ ئەمدى  موسكۋاغا، قىزىل مەيدانغا دىققەت ئاغدۇرۇڭلار!
    قىزىل مەيداندىمۇ شۇ خىل كۆرۈنۈش تاڭدىكى بىلىنەر - بىلىنمەس ھەر قايسى يەردە يېقىلغان گۈلخان، توپ-توپ كىشىلەرنىڭ ۋارقىراشلىرى: «ئۆزىگە - ئۆزى ئات قويغان فىلوفېيگە ئۆلۈم! باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈلسۈن!» ئۇندىن كېيىن شۇ قېنى قىزىغان، كۈۋەجەپ دولقۇنلاۋاتقان توپنىڭ ئۈستىدىن ئېكراندىن بىر نەچچە رەت قارىسىنى كۆرسەتكەن، ئولتۇرغانلارنىڭ ئىختىيارسىز دىقىتى تارتىلغان ھۇقۇشقا ئوخشاش كېچىلىك ئۇچارلىق - تىنارلىقنىڭ كۆرۈنگىنى ھەيران قالارلىق ئىش بولدى، ھېلىقى قاناتلىق مەخلۇق، كۆزگە كۆرۈنمەس يىپ بىلەن باغلاپ قويغاندەك، بەزىدە قەبرىستاننىڭ، بەزىدە كرېمىل ئۈستىدىن ئۇندىن كېيىن قىيقىراپ، ھۆكۈرگەن ياۋايىلاشقان كىشىلەر توپىنىڭ ئۈستىدىن بىلىنەر - بىلىنمەس سەكراتقا چۈشۈپ، سىلكىنىپ ئۇچۇپ يۈردى.
    ئۇ ئولتېر شېرمەت دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدىن-بېرلىن، ۋارشاۋا، مونرېئال، رىئو دىژانېيراۋدىن ئۈزۈندە ئېلىپ كۆرسىتىشكە دەممۇ دەم كوماندا بېرىپ تۇردى، شۇنىڭدەكلا ھەممە يەردە بايىقىدەكلا قىيقىرىق بىلەن ۋارقىراق ئاڭلىنىپ بايىقى «فىلوفېيگە ئۆلۈم!»، «خۇمپەرنى راكېتا بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈش كېرەك!» دېگەن ھۆكۈم چىقىپ تۇردى.
      ـ يېتىدۇ! ماڭا قۇلاق سېلىپ قويۇڭلار! دېگەن سول ياقتىكى ئېكراندىن فىلوفېينىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
    ـ قۇلاق سىزدە، باغرىم فىلوفېي،- دەپ لىپىلدىدى يەنىمۇ بەك خورازدەك بويۇنداپ، لايىقىدا سىپايىلەشكەن ئۇئولتېر شېرمەت،- دېموكراتىيىنىڭ شۇنداق نەرسە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇپ نېمە دېمەكچىسىز؟  ئۇ گېدىيىپ قەددىنى تۈزىدى، ئايپاڭ بېشى كۆككە تاقاشقاندەك كۆرۈندى.
    -بۇنىڭغىچىلىك نېمە دېگەن بولسام يەنە شۇنى دەيمەن،- دېدى فىلوفېي، شۇنداقلا ھەممىگە قايىل بولغىنى، ھەممىدىن ۋاز كەچكەنلىكى ئۇنىڭ چىرايىدىن ئېنىق كۆرۈندى، سىزگە مەن رازى، ئۇ ئولتېر شېرمەت، مەن ئۈچۈن دۇنيانىڭ تۇش-تۇشىدىن تەپسىلىي خەۋەر ئۇيۇشتۇرغانلىقىڭىزغا مۇشۇنىڭدىن كېيىن كۆڭلىدە خۇدۈك قېلىشى مۇمكىن ئەمەس، ھەممە ئىش تولۇن ئايدىنمۇ ئوپئوچۇق، ھەيران قالدىم، ۋەزىپەم ئادەمزاتىنىڭ قەلبىنى ۋەيران قىلىشتىن قۇتۇلۇپ كېتىش مۇمكىنچىلىكىگە، ھەتتا تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى باشقۇچىغا ئۆتۈش مۇمكىنچىلىكىگە بۇراش ئىدى، ئۇنىڭ يولى بىرلا، يەنى كاسساندرا تۆرەلمىلىرىنىڭ قىيامەت قايىملىقىنىڭ بەلگىلىرىگە قۇلاق سېلىش ھەم ئومۇمىي جەھەتتىن جامائەتنى ۋە جامائەت ئىچىدىكى بىزنىڭ ھەر بىرىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش زۆرۈرىيىتى ھەققىدە يەكۈن چىقىرىش، نەتىجەـ سوڭۇچىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر، ھەرىكەتلىرىم زايا كەتتى، قاڭقىر قاقشاشلىرىمنى زامانداشلىرىم، تاپتاقىر تەتۈر قوبۇل قىلىشتى، بوينۇمغا ئېلىپ ئېتىراپ قىلىمەن، مەن يېڭىلدىم. ئەمدى گەپ تامام .ئەمدى يەكۈن چىقىرىشنىڭ مەزگىلى كەلدى.
    -ـ باغرىم فىلوفېي، مانا ئەمدى سىز نەق ھالدىكى ئەھۋالنى چۈشەندىڭىز، گەپ مانا مۇشۇ ھەقتە: ئەمدى ئەلنى، جامائەتچىلىكنى تىنچىتىش كېرەك، شۇنداق ئەمەسمۇ؟-ـ دېدى ئۇ ئولتېر شېرمەت ئاقىللىشىپ.
    -ـ توغرا، دېمەك شۇنداق،- دەپ باش لىڭىشتتى فىلوفېي روبېرت بوركنى ئۆلۈمگە دۇچار قىلغان، كۆرۈلۈپ باقمىغان نارازىچىلىقنىڭ گۇناھكارى بولغاندىن كېيىن خۇدا ئالدىدىمۇ، ئەل ئالدىدىمۇ جاۋابكار مەن، مانا ئەمدى مەزگىلى، قول بىلەن قىلغاننى بويۇن بىلەن تارتىدىغان مەزگىل كەلدى، مېنىڭ شادلانغىنىم، تەقدىرىم ھەل بولۇش سائىتىدە مېنىڭ ئومۇمىي خەلق ئالدىدا بولغانلىقىم ھەم ئۇلارنىڭ مېنىڭ ئېيتقانلىرىمنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەنلىكى.
    ـ باغرىم فىلوفېي،- دەپ قوشۇق سالدى بايىقى ھالەتتىكى ئۇئولتېر شېرمەت، ئۆزىنى پۈتكۈل دۇنيانىڭ كۆرۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە ھەر بىر سۆزنىڭ ئالتۇنغا ئەرزىيدىغانلىقىنى چۈشىنىپ،- فىلوفېي باغرىم،- دېدى ئۇ قايتىدىن،- سىزدىن ھېچقانداق پائالىيەت قىلىشنى تەلەپ قىلمايمىز، ئاممىنىڭ قېنى قىزىپ تۇرغىنى راست، بىراق ئۇلارنى شۇنىڭغا مەجبۇرلىدىڭىز....6
    ـ توغرا، توغرا، ئۇنى چۈشىنىپ تۇردۇم،- دەپ جاۋاب قاتتى فىلوفېي ئىللىق سۆزىڭىز ئۈچۈن رەھمەت. بىراق مەن قىلغان ئىش ئالدىن ئويلانماي قىلغان ئىشلارنىڭ بىرى ئەمەس، ئۇ ئىشىم ئۈچۈن جاۋابكارلىق بېرىشىم كېرەك، ئەگەر ئىختىرا-كەشپىياتىمنى، مەپكۇرەمنى يەريۈزىدىكىلەرنىڭ ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ ئۆزىنى - ئۆزى يېڭىچە تونۇپ بىلىش قاتارىدا قارىشىنى ياكى مەقسىتىمگە يېتەرىمنى، ۋەيران بولۇپ يېڭىلىپ ئۆز كەشپىياتىمنىڭ قۇربانى بولارىمنى، ئۇنىڭ ئاسارىتى ئالدىدا قېلىپ ئۆلەرىمنى بىلمەيمەن، باشقىچە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى، ئۆزۈمنىڭ بېشىمنى نېمىگە تىققانلىقىنى بىلىمەن، ئاخىرقى سۆزۈم ماناشۇ، ئادەملەرگە قانداقتۇر بىر شۇملۇق قىلاي دېگەن خىيالدىن يىراق. مەن، بىراق ئىش يۈزىدە ھەممە باشقىچە بولۇپ چىقتى. ياخشى ئويۇم يامانلىققا ئايلاندى. ئەمدى، ئۇنىڭ ئالدىدا ھەممىمىز ھالسىز، بىراق كەشپىياتىمنىڭ ئۆزىدىن، كاسساندرا تۆرەلمىلىرىنىڭ غەلىتە ھادىسىسىدىن، ئۇلارنىڭ قىيامەت قايىم بولىدىغانلىق خەۋىرىدىن تىنىپ  باش تارتمايمەن، قىيامەت قايىمنىڭ كېلىشى ئۆزىمىزدە ھارام تۆشلۈك يېيىلغاندا، ئويلىغان ئويىمىز بىلەن قىلغان پائالىيەتلىرىمىزدە ئىكەنلىكىنى ھەم ئۇلار بوھرانغا يېقىنلاپ قالغان ئادەمزاتىنىڭ ئىرسىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كىشىلەر بىلىشى كېرەك، ئۇنىڭسىز ھەممىدىن كېچىكىمىز....
    زال ئىچى قىقاس-چۇقان بولدى، نارازى ئاۋازلار ئاڭلاندى، ئولتۇرغانلارنىڭ بىرسى مىكروفونغا ئاچچىقلىنىپ ۋارقىراشقا باشلىدى:
    -ـ قورقۇتۇشىڭىزنى توختىتىڭ! جامائەتنى قورقۇتۇشنى دەررۇ توختىتىشنى تەلەپ قىلىمەن! ئوچۇقلا ئېلان قىلىپ قوياي، بىز ئادەمزاتىغا كائىناتتىن زومىگەرلىك قىلىشنى كۆزلىگەن شەيتاننى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز، توغرا، بۇرۇنقى ھاكىممۇتلەقلەرنىڭ بىرىمۇ بۇنداق زومىگەرلىك قىلىشنى ئويلاپمۇ بېقىشقان ئەمەس، لېكىن، بۇ فىلوفېي بولسا كائىناتتا تۇرۇۋېلىپ قورقۇتۇش، ئۈركۈتۈش ئارقىلىق دۇنياۋى ھۆكۈمران بولۇشقا ئۇمتۇلماقتا. فىلوفېي ھازىر ئەلنىڭ قەھرىدىن يىراقتا، ئۇ شۇنىڭغا ئىشىنىۋېلىپ ئادەمزاتىنى ئۆز خاھىشىچە قوداڭشىتىۋاتىدۇ.  
    ئەنتونى يۇنگېر چىدىماي قېلىپ، ئۇمۇ مىكروفوننى يۇلۇپ ئالدى.
    -ـ ئەپەندى ، نام ـ شەرىپىڭىزنى بىلمەيدىكەنمەن، مىكروفوندا ۋارقىراپ سۆزلەشتىن بۇرۇن، ھېچ بولمىغاندا كىملىكىمىزنى زالدىكىلەرگە ئېيتىپ قويۇشىڭىز كېرەك.
      -ئاتىلىپ كېلىۋاتقان ئىسمىم سىمىت، جون سىمىت.  
    -ـ ئەمىسە مۇنداق، جون سىمىت! مەلۇم مەقسىتىڭىزنىڭ بارلىقىدىنمۇ ياكى بىلمىگەنلىكىڭىزدىنمۇ؟ بىلمدىم.بىراق،ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بۇرمىلاۋاتىسىز. ئەركىڭىز بىلەن ھوقۇقىڭىزنى ھېچكىم بۇزۇۋاتقىنى يوق. ئۆزىڭىز خالىغاندەك ياشاۋېرىڭ، بىراق كەشپىيات قىلغان، ئادەمزات تارىخىدا بۈيۈك كەشپىيات ياراتقان زىيالىي سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگە ئارامسىزلىق چۈشۈپ قالىدىكەن دەپ ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئىزدىنىشلىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى جامائەتتىن يوشۇرۇپ قالالمايدۇ، يەنە بىزنىڭمۇ يوشۇرۇشىمىز لازىم ئەمەس، فىلوفېينى ھەقىقەتتىن تېيىشقا، ئۆزىگە قارشى چىقىشقا مەجبۇرلۇشقا بولىدۇ. بىراق، فاكىت دېگەن فاكىت. كاسساندرا تۆرەلمىلىرى بار ھەم مەۋجۇد بولۇۋېرىدۇ. بۇندىن سىرت، كاسساندرانىڭ بەلگىسى ئۆزىمىزنى تىز پۈككۈزۈۋاتقان ھاراملىق ھەققىدە بىلدۈرگىنى بىلدۈرگەن. شۇڭلاشقا، ئۆزىمىزنى ئالدىماسلىقىمىز كېرەك، بولغان ئىشنى ئۆزىمىزدىن يوشۇرماسلىقىمىز كېرەك. تەتۈرىچە، بىز، قانداق دېسەم ئېنىقراق بولاركىن؟ ئوققا كۆكرەك تۇتۇپ بېرىشىمىز كېرەك.        
    -ـ ھەي، ھەي، مۇشۇنداق دېيىشكە قانداق ئاغزىڭىز باردى؟ ئوققا كۆكرەك تۇتۇش؟!-دەپ، ئوقنى كىمنىڭ كۆكرىكى بىلەن توسىماقچى سىز؟ ئاياللارنىڭ كۆكرىكى بىلەن توسىماقچىمۇ سىز، ئاياللارنىڭ كۆكرىكى بىلەنمۇ؟!- دەپ زالنى قاپلىغان بىر ئايالنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. سىزنىمۇ ئەركەك دەيدىكەن- ھە! ئەرلەر ھوقۇقدارلىقى تەرەپدارىنىڭ شۇ يەردىمۇ ئۆزىنى كۆرسەتكۈسى بار! مەن ئوققا كۆكرىكىمنى تۇتمايمەن! پىشانەمگە ھېلىقى ئىپلاس ۋە رەسۋا كاسساندرانىڭ بەلگىسىنىڭ چىقىشىنى خالىمايمەن!
    -ـ كەچۈرۈڭ!- ئېكراندىن فىلوفېينىڭ ئۈنى ئاڭلاندى،- كەچۈرۈڭ، خۇدا بار، سۆزىڭىزنى بۆلەي دېگەن ئويۇم يوق ئىدى. بىراق، كاسساندرانىڭ بەلگىسى ئىپلاسلىقلا ئەمەس، ئۇياتمۇ ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ قويۇشۇم كېرەك. پۈتۈنلەي ئۇنداق ئەمەس، مەن ھېلىھەم چۈشەندۈرىمەن. ئۇ بوغۇندىن - بوغۇنغا يىغىلىۋېرىپ ئۆزىمىزدە يىغىلىپ قالغان يامانلىق، ھارامتۆشلۈك ھەققىدە ئەسكەرتىش بېرىۋاتقان كاسساندرا تۆرەلمىسىنىڭ رېئاكسىيىسى - جاۋابى، ئاخىرى قىيامەت ئۆزىمىزدە يوشۇرۇنۇپ ياتىدۇ، بۇ تامغا بىزگە مانا شۇنى بىلدۈرىدۇ. سىزلەردىن سورىدىغىنىم، ئاخىرقى سۇتكىلاردا ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ھەم كۆرگەنلىرىمنىڭ بارلىقى ئۆز  كەشپىياتىم!! قەرەلىدىن، چېكىدىن بۇرۇنلا يارىتىلغانلىقىنى، ئۇنى زامانداشلىرىمنىڭ چۈشىنەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇرىدۇ، مانا شۇ سەۋەبتىن مەن يوق بولۇشنى، بۇ ھاياتتىن ۋاز كېچىشنى، ھېچكىمگە يامانلىق تىلىمەي كېتىۋېرىشنى خېلى ئۇزۇن جەرياندىن كېيىن قارار قىلدىم، بىر ياخشى يېرى، بۇنى كائىناتتا، ھېچكىم ماڭا توسالغۇ بولماي تۇرغان ئەھۋالدا قىلىمەن، مانا شۇ ئاخىرقى مىنۇتلاردا سۆزۈمنى ئاڭلاپ، مېنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ياكى مەن ھەققىدە كېيىنچىرەك بىلگۈچىلەرنىڭ ئالدىدا بېشىمنى ئېگىپ، كەچۈرۈم سورايمەن، ياخشى نىيەت بىلەن قىلغانلىرىم سىزلەرنى جاپا چەكتۈرۈپ قويدى، ئەمدى مېنىڭمۇ سەپىرىم قېرىدى، مەن ھازىر ئوچۇق كائىناتقا چىقىمەن- دە، ھايات مۇساپەمنى ئاياغلاشتۇرىمەن، تەقدىر شۇ، بۇ قەدەمدە تەييار بېشىمغا دۇبۇلغا كىيىشىملا قالدى، بىراق ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن پۇشكىننىڭ: « ئېسىت، بۇلۇتنىڭ ئۈستىدىكى پەرىشتىلەر قەسىرلىرىگە خۇداغا قوشنا بولۇپ يوشۇرۇنسام.» دېگەن مىسرالىرىنىڭ پىشانەمگە پۈتۈلگىنىدەك ئۆسۈپ يېتىلگەن ئۆزۈممۇ يەتسەم دەپ ئارزۇ قىلغان يەردىكى ھەم ئۆزۈمنىڭ كائىناتتىكى پاناھگاھىمنى تاشلاپ كېتىشتىن بۇرۇن، مۇشۇ ئاخىرقى قەدىمىنى تاشلاش ئالدىدا، مېنى ئاڭلاپ ھەم كۆرۈپ ئولتۇرغانلارغا ئېيتارىم شۇكى-تاپقۇر نۇرلار بىلەن سەييارىمىزنى نۇرلاندۇرغۇچى بارلىق جابدۇق يوق قىلىندى، بارلىق ھېسابلاشلار ۋە ئىشلەپ چىققان سان - سىفىرلار، يازمىشلار، كاسساندرا تامغىسىنىڭ غەيرىي ھادىسىسىنى ئېچىشقا مۇناسىۋەتلىك بولغاننىڭ بارلىقى يوق قىلىندى. شۇلارنىڭ جىمىسى يوق بولىدۇ، مەن بىلەن قوشۇلۇپ كېتىدۇ، بۇندىن سىرت، ھېچقاچان، ھېچنەرسە بولمىغاندەك، جىمىنى ئۇنتۇڭلار- دە، بىخىرامان ياشاۋېرىڭلار، بەلكىم قانداقتۇر بىر ۋاقىتتا ئادەمزاتى ئەقىل - ئويى بىلەن بۇلارغا يەنەمۇراجىئەت قىلار. بىراق، ئۇنداق ئىشلار بىزدىن كېيىن بولماقچى، ئۇ كېلەچەكنىڭ ئىشى، ھازىرچە ھەممىسى قايتىدىن ئۆز ئورنىغا كېلىدۇ، ھېچقانداق ئىز قالمايدۇ، ئەگەر مەندىن كېيىن ئوربېتىلىق ئىستانسىنى كىمدۇر بىراۋ تىنىتىپ قارىسا كۆزىگە چېلىقارلىق يالغۇز نەرسەـــ دەل بۇ ئۆز ئۆمرۈم ھەققىدە يازغانلىرىم، تەقدىر ھەققىدە، مەزگىل ھەققىدە ماڭا كاسساندرا تۆرەلمىلىرىنىڭ قانداق قىلىپ ھەم نېمە ئۈچۈن زاھىر بولغانلىقى ھەققىدە ،كائىناتتىكى كاھىننىڭ ئەسلىملىرى ئۆزۈمنىڭ كېيىنكىلەرگە قالدۇرغان يالغۇز نەرسەم شۇ، ئەگەر كۆڭلۈڭگە مۇۋاپىق كەلسە، ئوغلۇم ئەنتونى يۇنگېر، ئۇ يازمىشلارنى ساڭا مىراسقا قالدۇرىمەن، ۋەسىيىتىم بولسۇن، قىممەتلىك ئەنتونى، سېنى ئوغلۇم دېگىنىم ئۈچۈن كەچۈرۈپ قوي، بىراق بۇ قەلبىمنىڭ ئەركى، يەنە سېنى ئەل ئالدىدا ئوغلۇم دەپ ئاتاشقا مەجبۇر قىلغان تەقدىرگە رازىمەن، تەقدىر ئىكەن، ئەۋلادسىز قالدىم، شۇنداق بولۇپ ئاخىرقى سىكۇنتلاردا روھانىي ئوغلۇم ئەنتونى يۇنگېرىم بار دەپ ئويلىيالىدىم.  
    زالدىكىلەر قىمىر قىلماي قالدى، ئۇندىن كېيىن قايتىدىن فىلوفېينىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
    - ـ مېنى كەچۈرۈڭلار، خالايىق! خوشلىشىۋاتقاندا ھەممىنى ئېيتالمايمەن. بىراق، كېتەر ۋاقىتتا بىر نەرسىنى ئېيتماي تۇرالمايمەن، مېنى ئۆزىگە - ئۆزى ئات قويغان كاھىن، ئۆز ئېتىنى ئۆزى فىلوفېي دەپ چاقىرغان دېگەنلەرمۇ بولدى، ئۇنىسى راست، كاھىن قىلىپ ھېچكىم چېچىمنى قىرقىغان ئەمەس. بىراق، بۇ ئىشنىڭ ئەھمىيىتى چېركاۋنىڭ قائىدە-رەسىملىرىدىكىدەك ئەمەس، ئەھمىيىتى بولسا، مەپكۇرەگە ئىشەنگەنلىكىنىڭ كۈچىدە، مانا شۇ جەھەتتىن مېنى توغرا چۈشەنسەڭلار ئىكەن دەيمەن.
    -قەرەلى كەلدى، سىلەر بىلەن خوشلىشاي، سەييارە بىلەن خوشلىشاي، مەن سەييارىمىزنى ئېكرانلارنىڭ بىرىدىن تولۇقى بىلەن كۆرۈپ تۇرىمەن، باشقا ئېكراندا سەييارىمىز ئۈجۈر - بۈجۈرگىسىگىچە ئالقانغا سالغاندەك دانە، چوڭايتىلىپ كۆرسىتىلگەن ئايرىم دالدىرمىلەر باغۇ-بوستان، چۆپ - ئۆسۈملۈكلەر، تاشلار، يەنە ھېلىقىدەك قانداقتۇر بىر تاڭ قالارلىق، ھازىرچە ئانچە چۈشۈنىكسىز، قانداقتۇر ئەقىلگە سىغماس كۆرۈنۈش، ئەگەر ئوربېتىلىق كۆرۈنۈشتىكى كۆرۈنۈۋاتقاننى يەرگە ئېلىپ بېرىشكە تېخنىكىلىق جەھەتتىن مۇمكىنچىلىك بولسا ئۇنى ئۆزۈڭلار كۆرۈڭلار، ئەنە، مېنىڭ ئوڭ تەرىپىمدىكى ئاتلانتىك ئوكيان! قاراڭلار، تاغدەك دولقۇنلار جىيەككە سېلىپ ئۇرۇلماقتا، ئاندىن ئاۋۇنى كۆرۈۋاتامسىلەر، نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى؟! سىلەر كىتلارنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتامسىلەر؟! ئاۋۇ، ئالاھىدە بىر ئۈيۈر! ئۇلار تاغدەك بولۇپ ئوكياندىن ئۈزۈپ چىقىشتى، ئەنە، قاراڭلار، ئاھ شۇملۇق، ئاھ، پالاكەت، كىتلار شىددەت بىلەن بېرىپ ئۆز تېنىنى ساھىلغا ئۇرماقتا، قاراڭلار، بۇ نېمىدېگەن ئاجايىپ بىر مۆجىزە؟!- ھە! بۇلار جېنىدىن كەچكەن كىتلار! ئۇلارغا نېمە بولدى؟ نېمە ئۈچۈن ساھىلغا ئۆزىنى تاشلاپ ياتىدۇ؟! ئۇلارنىڭ  جېنىدىن كېچىشكە نېمە سەۋەب بولدى؟ بۇ قىلغىنى نېمىسى؟ بۇ كىتلەربىلەن بىزنىڭ ئاخىرقى نىيىتىمىزنىڭ بىر - بىرىگە دەل كېلىپ تۇرغىنىدۇر؟ سائىتى-قەرەلىگە! كىتلارنىڭ ئۆلۈمگە جان قىيغانلىق سەۋەبىنى مەن چۈشىنىشكە باشلىغاندەك قىلدىم، بۇ ھادىسىنىڭ ماھىيىتىگەتېرەن كىرەلمىگەنلىكىمنىڭ ئۆزى روشەن بولدى، ھاياتنىڭ بۇ مۆجىزىۋى سىرىنى بىلىش ئۈچۈن ئەمدى ۋاقىت يوق، روبېرت بوركمۇ مۇشۇنىڭ ئۆزى، ئۇنىڭ ماقالىسىنى ئوقۇپ چىقىپ، تەپەككۇرىنىڭ تېرەنلىكىنى چۈشىنىشكە باشلىغان ئىدىم، بىراق يېزىلغانلارغا ئېيتىلمىغان يەنە بىر نەرسە قېتىلىپ تۇرىدۇ، مەن بىر-بىرىمىزگە ياردەمدە بولۇپ ئۆز ئارا كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلايمىز، ئۇندىن كېيىن بىزگە روھنى يېڭىچە چۈشىنىش زاھىر بولىدۇ، دەپ كۈتكەن ئىدىم، بىراق ئۈلگۈرمەي قالدۇق، تەقدىر بۇيرۇماپتۇ، كىتلارمۇ شۇنداق بولدى، ئەگەر ئۇلارنىڭ تىلى بولسا ئىدى، بىر قانچىلىغان نەرسىنى بىلگەن بولار ئىدۇق، مەن قارمىلىپ قالدىم، مەن ئۇلارنىڭ  نالەشلىك ئۈنىنى ئۇققاندەك بولۇۋاتىمەن، كىلار مېنى ئۆزلىرى بىلەن بىرگە چاقىرماقتا، مەنمۇ ئۇلارنىڭ ئارقىدىن كەتتىم، مەنمۇ شۇ خىل تېنىنى ساھىلغا تاشلاپ، جېنىدىن كەچكەن كىتنىڭ ئۆزى، ئاخىرىقىسى روبېرت بوركقا مۇراجىئەتىم، مەن ئالدىڭدا ئەيىپلىك، مەن كىتلار بىلەن قوشۇلۇپ ساڭا جۆنىدىم، قوشۇۋېلىڭلار!
    ئۇندىن كېيىنكى كۆز ئالدىدا بولۇۋاتقانلار كۆرگۈچىلەرنى ھەيران قالدۇردى، فىلوفېي پۈتكۈل دۇنيانىڭ، شۇ ۋاقىتتىكى تېلېۋىزىيە ئېكرانلىرىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغانلارنىڭ جىمىسىنىڭ ئالدىدا ھايات بىلەن خوشلاشتى، كاھىننىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى ئۇنىڭ ئۆز ئەينەن ،قايتمايدىغانلىقىنى راستلاپ تۇردى، ئادەمنىڭ ئۆز جېنىدىن ئۆزى قىيىپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا گۇۋاھ بولۇپ ئولتۇرۇشقانلارنىڭ جىمىسى بىلىپ تۇردى، فىلوفېينى ئويلىغان ئويىدىن تارتىشقا، ئۆلۈم بوسۇغىسىدىن ئۇنى قايتىشقا چاقىرىشقا ھېچكىمنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق ئىدى.
    زال تىمتاس بولدى- دە، ھېچكىم ئورنىدىن قوزغالمىدى، ھېچكىم لام - مىم دېمىدى، ھەممەيلەننىڭ كۆزى كائىناتىي كاھىننىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۆز چىمىلداشلىرى ئۆتۈۋاتقان ئېكرانغا قادالدى، ئۆلۈم ئەركىنلىكى ھېچنەرسە بىلەن ئورۇننى تولدۇرۋالغۇسىز، ھېچنەرسە بىلەن ئۆلچىگۈسىز روھنىڭ مۆجىزىسى، بىر تراگېدىيىسى ئىكەنغۇ،- دەپ ئويلىدى، توساتتىن ئەنتونى يۇنگېر، ئاڭغىچە فىلوفېي بېشىغا ئېغىر كائىناتىي دۇبۇلغىنى كىيدى، ئۇنىڭ خىزمەت كىيىمىنىڭ ياقا تۈگمىلىرىنى ئېيتىۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، مانا شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ ئۇنىڭ ئۆڭى غۇۋا - شىرە بولۇپ قالدى، ھەممە تەييار بولدى، ئەمدى ئالەم كېمىسىدىن سىرتقا چىقىشلا قالدى، فىلوفېي قايرىلىپ قارىدى، بەلكىم بىر نەرسەنى ئېيتقان بولۇشى مۇمكىن، بىراق سۆزى ئاڭلانمىدى، خوشلىشىش ئۈچۈن قولىنى پۇلاڭلاتتى- دە، ئوچۇق ئالەمگە ئۆزىنى تاشلاش ئۈچۈن قاپقاققا قاراپ قەدەم شىلتىدى، قاپقاقنىڭ قانىتى يېنىك ئېچىلدى- دە، فىلوفېي بوشلۇققا قەدەم تاشلىدى.  
    ئۇ يۇلتۇزلار ئارىسىدىكى چەكسىزلىككە قەدەم تاشلىدى، ئۈستىمۇ، ئاستىمۇ سول تەرىپىمۇ، ئوڭ تەرىپىمۇ، گورزېنتىمۇ، پايانىمۇ،چەن- ئۆلچىمىمۇ بولمىغان چەكسىزلىككە تاشلاندى.
    ئۇ لەيلەپ قالدى، ئۇندىن كېيىن ئالەم كېمىسىدىن يىراقلاپ، تەرەپسىز لەيلەپ كېتىۋاتاتتى، ئۇ سالماقسىزلىقتا لەيلەۋېرىپ بىر مەھەلدە كۆرۈنمەي قالدى.
    ساھىلغا ئۆزىنى تاشلىغان كىتلار، كۆزلىرى چانىقىدىن چىقىپ، سۈيى تېيىز ساھىلىدا جان تالىشىپ قىينىلىپ ئۆلۈپ يېتىشتى، ئوتتا پۇچلانغان تاغدەك تېنى قارىيىپ، ئۇلارنىڭ گەۋدىلىرى ھەر ياندا ياتتى.
    يەر شارى بولسا ئادەتتىكىدەك قۇياشنى ئايلىنىۋەردى.
    ئەتىسى سەھەر بىلەن پۈتكۈل دۇنيانىڭ گېزىتلىرىنىڭ جىمىسى بىرىنچى بەتلىرىدە «ئالەم بوشلۇقىدا بىرىنچى قېتىم ئادەم ئۆز جېنىدىن قىيدى!»، «كائىنات كاھىنى فىلوفېي ئادەمزاتنى كاسساندرا تامغىسىنىڭ ئېغىر سىنىقىدىن قۇتقازدى!»، «جېنى جەننەتتە بولسۇن!» دېيىشىپ بىر ئېغىزدىن جار سېلىپ چىقىشتى، شۇنىڭغا ئوخشىغان كۈچلۈك، تەسىرلىك كەيپىياتتىكى يەنە باشقا كۆپلىگەن بايانلار گېزىتلاردىن، تېلېۋىزىيە ئېكرانلىرىدىن ھەم رادىئو قاناللىرىدىن جار سېلىندى.  
    «مۇنبەر»دە ئەنتونى يۇنگېرنىڭ نامىدا تېزلا بىر نەچچە قۇرلار ئېلان قىلىندى: « ئاتىلىرىم فىلوفېي بىلەن روبېرت بورك»، «چىغىر يول، ئىز سېلىپ كېتىشتى، مەن شۇ چىغىر يول ۋە ئىزنى بويلاپ ئۇلاردىنمۇ يىراققا كېتىمەن».
    بىراق تەبەسسۇم بىلەن مەسخىرىلىك، يىغىرىنى تاتىلىغان قىيقىرىقلارمۇ بولدى: «ئۆزىگە - ئۆزى ئات قويغان كاھىننىڭ ئېتىنى كۆككە كۆتۈرۈپ ماختاش تەلەپ قىلىنمايدۇ، ئۇنىڭ ئاللىبۇرۇن قورسىقى يوغىناپ ھامىلىدار بولۇپ، كائىناتتا!».
    يەنە باشقا تاڭ قالدۇرارلىق يېڭىلىقلارنىڭ ئارىسىدا، بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ نەچچە رەت ئېلان قىلىنغان، سىرلىق بايانات كېزىپ يۈردى: «ئاتلانتىك ئوكياننىڭ غەربىي ساھىلىدا كىتلارنىڭ چوڭ توپى ئوكياندىن قۇرۇقلۇققا ئۆزىنى تاشلىدى، جانۋارلارنىڭ بارى ئۆلدى».
    يەنە بىر تاڭ قالارلىقى، روسىيىنىڭ گېزىتلىرىدىن ئېلىنىپ بىمەنە خەۋەر بولۇپ مۇنداق بىر يازمىش ئېلان قىلىندى، «تۈنۈگۈن كېچە قىزىل مەيداندا نامەلۇم بىراۋ قەبرىگاھقا قاناتلىق ھايۋاننىڭ تاپى يەنى ھۇقۇشنى تاشلاپ كەتكەن، تەكشۈرۈلگەندە ئىچىدە پارتلاتقۇچ يوق بولۇپ چىقتى».
    ئىككى كۈندىن كېيىن روبېرت بوركنىڭ مېيىتى يەرلىكىگە قويۇلدى، قەبرىستان جىمجىت، كۈز، قۇياش ئوپئوچۇق، خوشلىشىش زىيارىتى ۋاقتىدا ئەنتونى يۇنگېر ئاسمانغا كۆز يۈگۈرتتى- دە، ئويلاپ قالدى: ئىككەيلەن تەڭ ھەقىقەت يولىغا چۈشۈپ، ماڭلايلىرىغا پۈتۈلگەن جاينى ئىگىلەشتى، بىرى:  
      كائىنات بوشلۇقىدىن، چەكسىزلىكنىڭ ئېقىمىدىن، ئىككىچىسى يەر يۈزىدىن، مەڭگۈلۈكنىڭ قۇچىقىدىن جاي تېپىشتى.
    ھەقىقەتمۇ ئۇلار بىلەن.....
    « ئۆمۈر سەپىرىم قېرىدى، پانىيلىق شارابىنى ئىچەرىمگە ساناقلىقلا ۋاقىت قالدى، كومپيۇتېردە ۋىدالىق مەكتۇبۇمنى يېزىپ ئۈلگۈرۈشكە ئالدىراۋاتىمەن، مانا قىزىق، ھاياتىمدا بۇ ئويغا كەلگەنلىكىمنى قارا، مەن ھازىر يەردە يورۇق كۈن ئاستا-ئاستا قاراڭغۇلىشىپ تۈنگە ئايلىنىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن، ئۇندىن كېيىن ئۇ قايتا يورۇق بولۇپ، يېڭى كۈنگە ئايلىنىدۇ، مانا بۇ مەڭگۈلۈكنىڭ كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرغان ئېقىمى مانا بۇ مەزگىلنىڭ كۆز ئالدىدىكى چەكسىزلىكى، بىراق ئوربېتىدىن قاراپ تۇرغان سۇبيېكت ئۈچۈن چەك قويۇلدى.
    ئالەم ماسىشتابىدا ئادەم ئۆمرى چىۋىننىڭ ئۆمرى، بىراق ئادەمگە ئەقىل - ھۇش بېرىلگەن،يەنە ئادەمنىڭ ئۆمرىمۇ ئۇزارتىلغان شۇ، بىراق تەتۈرىچە بولدى، ئەقىل -ھۇش ئۆمۈرنى كەسكىن قىسقارتىۋاتىدۇ، كۈننىڭ تۈن بىلەن ئالمىشىشنىڭ مەخپىي سىرىغا مەن قانچە رەت دىققەت قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمگە - ئۆزۈم ئاخىرقى چېكىتنى قويۇشنى ئويلىغان ئەمەسمەن، چۈنكى ھۆكۈم كۈنۈم ، مەندەك بەندىنىڭ بىۋاپا ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى كەلدى، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆمرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق نەرسىگە ئوخشاش، ھۆكۈم كۈنۈم بىللە كېتىدۇ، ھۆكۈم كۈنۈمنى ئۆزۈمگە ئۆزۈم بەلگىلىدىم، قايغۇلۇق ئارتۇقچىلىقىممۇ، يانماس خاتالىقىممۇ شۇنداق.
    شۇ ھايات سەپەرىمنى يېزىپ پۈتتۈرۈش  بىلەن ئەگەر مۇمكىنچىلىك بولسا، كائىناتىي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا چىقىمەن، ئۇندىن كېيىن ھاياتلىق بىلەن خوشلىشىمەن، ئۆز جېنىمدىن ئۆزۈم ۋاز كېچىشىم كېرەك، ئۆزۈمگە چىقارغان ھۆكۈمۈم شۇنداق، مەن جامائەتنىڭ ئادەتكە ئايلانغان ئاڭ - سېزىمنى ۋەيران قىلدىم، مىليۇنلىغان ئادەملەرگە ئۆچ كۆرۈنىدىغان بولدۇم، مەن روبېرت بوركنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبچىسى، مەن تۇيۇق يولغا قاۋالدىم، يوق بولۇشۇم، ھاياتتىن قول ئۈزۈشۈم كېرەك، باشقا يول يوق!.
    كىشىلەر سەكراتتا ئادەمگە نەپەس يېتىشمەي قالىدۇ، دەپ قويۇشىدۇ، شۇنداق  بولسىمۇ، ئېيتار سۆزۈمنى ئېيتىۋالاي، يەردىكىلەرنىڭ جىمىسىنىڭ قارغىشىغا قالغان ئادەمنىڭ ئۇنى ئۆچ كۆرىدىغان دۇنيانىڭ نېمە بولۇشى بىلەن نېمە كارى؟ ماڭا دېمەكنىڭ ھەممىسى يىلان سىيپىغاندەك دۇنيا ئېلىپ كەتسۇن دېسەم بولاتتىغۇ! بىراق، ئۆز-ئۆزۈمگە ئۆلۈم تەييارلانغان ۋاقىتتىمۇ ئۆزۈمنىڭ چۆچىگەنلىكىمنى يوشۇرالمايمەن، ئادەملەر قانداق قىلار ئىكەن؟ كاسساندرا تامغىسى بىلەن بولغان ۋەقە كېلەچەكتە ئادەملەرنىڭ ئەقلى بىلەن ۋۇجۇدىغا قانداق تەسىر بېرەر ئىكەن؟ ئۇندىن قالسا ھەرقانداق بولغان كۈندىمۇ قارغىشقا قالغانلىقى بىلەن يەنىلاھەقىقەت بولۇشتىن قالمايدۇ- دە، بۈگۈن چەتكە قېقىلغان قىيىن مەسىلە ئەتە قايتا لەيلەپ چىقىدۇ، ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەس.
    ھۆكۈم كۈنۈم كەلدى، ئۇ كەلمەي قويمايتتى، ماڭا چېكىنىش يولى يوق، مەن سىلەرگە، ئادەملەر! ئۆزۈمنىڭ جان سىرىمنى قالدۇرۇۋاتىمەن، ئۇندىن كېيىن سىلەر ئۆزىنى كېيىن كائىناتتىكى كاھىن دەپ ئاتىۋالغان مېنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنى، نەدە تۇغۇلغانلىقىمنى قانداق ياشىغانلىقىمنى، نېمە ئىش قىلغانلىقىمنى، بالايى ئاپەتلىك كاسساندرا تامغىسىنىڭ سىرىنىڭ ماڭا قانداق ئېچىلغانلىقىنىڭ تىلسىمىنى بىلىسىلەر....
    خوشلىشىۋېتىپ يەنە ئېيتاي، ئەڭ كۈتۈلمىگەن ئويلار يەنە خىياللار ماڭا ئالەمدە يۈرگىنىمدە كەلدى، ئۇنى نېمە دەپ چۈشەندۈرۈشۈمنى بىلمەيمەن، كائىناتتىن بۇلۇت ئارىسىدىكى يەرگە قارىغانسېرى خۇشاللىنىپ ئويلىنىمەن، ئۇھ خۇدا، يەر شارى نېمىدېگەن كارامەت يارالغان! ئەدناسى كۈنمۇ كىشىلەر ياشىغان يەرنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن يارالغان بولسا كېرەك، بولمىسا شۇنىڭ بارىنىڭ ماھىيىتى قايسى؟ دۇنيا ئادەمگە كېرەك، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ مەۋجۇت، شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەم ئۇنى تۇيۇپ سېزىدۇ، تۇيۇپ سەزگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ بار، بولمىسا مانا بۇ سامان يولىنىڭ نېمە كېرىكى، نېمە؟ بىراق ئاشۇ پانىيلىقنىڭ ھەممىسىگە ئادەم ئۆزى ئەرزىمدۇ؟ مانا مۇشۇ ئەقىل يەتمەس دۇنيانىڭ تۈزۈلۈشىگە؟ مانا ئادەمنىڭ تىلسىمى!
    ۋاقتىم پۈتتى،ناھايىتى ئاز قالدى،بىر ئازدىن كېيىن ئىستانسىدىن ئۆزۈمنى تاشلايمەن،سەكرەيمەن، يەردىن يىراق، ناھايىتى يىراق، شۇنىڭ بىلەن ئۈنۈم ئۆچىدۇ، مېنى كەچۈرۈپ قويۇڭلار.
    فىلوفېي»
    كائىناتىي كاھىننىڭ بۇرۇنقى ياشىغان جايىغا ئەرشكارلارنىڭ گۇرۇپپىسى كەلگەن دەسلەپكى كۈنىلا فىلوفېينىڭ مەكتۇپى بىلەن جان سىرىنىڭ تېكىستى رۇس تىلىدا يەرگە ئىبەرتىلدى، ئالەم كېمىسىنىڭ كوماندىرىنىڭ تېزلا بەرگەن بايانىدا شەخسىي كومپيۇتېرنىڭ ئىچىدە فىلوفېي قالدۇرغان ۋەسىيەت ساقلانغانلىقى، ئۇ ئالەملىك ئىستانسىنىڭ كەلگۈچى شەخسىي كومپيۇتېردا ساقلانغان ئۇنىڭ جان سىرىنى ئەنتونى يۇنگېرگە بېرىپ قويۇشنى سورىغانلىقى ئېيتىلىدۇ، «ئەنتونى يۇنگېر يازغانلىرىمنى خالىغانچە پايدىلىنىشقا ھەقلىق».
    تېكىست: «سەن بىلەن ھەم سەندىن كېيىنكى كەچۈرمىشلىرىم» دەپ تەقرىب قويۇلغان، ئۇندىن باشقا تۆۋەندىكىلەر يېزىلغان:
    «ئالەمدىكى ئوربېتىلىق ئىستانسىغا دۇچار بولىمەن دەپ بۇرۇن ھېچقاچان ئويلىمىغان ئىدىم، ئاڭا مېنى ئىلىم - پەن يولى ئېلىپ كەلدى، بىراق ، ئالەمگە يالاڭلا ئىلمىي مۇدىئا بىلەن جۆنىمىگەنلىكىمنى، ئۆزىنى - ئۆزى يەر يۈزىدىن قوغلانغاندىن كېيىن ئۆزىنى - ئۆزى كائىنات كاھىنى دەپ ئاتىغان قوغلاندى ئىكەنلىكىمنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، ئىلگىرى سىياسىي ياكى قانداقتۇر بىر سەۋەبلەر بىلەن چەت دۆلەتتىن ماكانىغا، سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا كېلىشتىن باش تارتىشقان، شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا يىرىك مەملىكەتنىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى چىققان ئادەملەر ئۆزلىرىنى «قايتماس» لار دەپ ئاتاپ قويۇشاتتى، شۇلاردەك مەنمۇ ئۆزۈمنى «يالتايماس» دەپ ئاتاپ قويسام بولغۇدەك.
    بىراق، يوق، ئۇ سۆز بۇ يەرگە توغرا كەلمەيدۇ، مەن سۈرگۈن قىلىنغۇچىمۇ، داجىغاقمۇ ئەمەس، بۇ بولسا چۈشەندۈرۈلۈشى مۇرەككەپ بولغان كىشىلەردىن قېچىش، كائىنات ئارقىلىق كىشىلەردىن بېكىنىش، روھنىڭ كائىنات بىلەن بىر گەۋدىلىشىشىنىڭ ناھايىتى ئەپسىز ئاڭلانغانلىقىغا قارىماي، مەن مۇشۇنداق قىلىپ قويار ئىدىم، بىراق كائىناتتا ئۆتكەن ئۆمرۈم پۈتكۈل ھاياتىمنىڭ مەنتىقىي خۇلاسىسى، تەرەققىياتىمنىڭ ئەڭ ئالىي ھەم ئاخىرقى نوقتىسى بولدى، بۇ ئۆز زۆرۈرلۈكى ئالدىنئالا بەلگىلەگلىك تەقدىر بولسا كېرەك، شۇنداق بولارىغا مۇمكىن ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش قىيىن.بىراق، يورۇق دۇنيادا نېمىلەر بولمايدۇ، نېمە ئىشلار يۈز بەرمەيدۇ.
    تەقدىرىمنىڭ باغلىنىشى كىشىلەرنىڭكىدەك ئەمەس، باشقىچە بولدى، شۇ سەۋەبتىن ئۆمۈر بويى تۆرىلىشىمنىڭ، تېخىمۇ ئېنىق ئېيتقاندا، تۇغۇلغانلىقىمنىڭ سىرىنى ئېيتىشتىن قېچىپ ئۆمۈر بويى ئۇنى ئارقىمۇ - ئارقا يامانلىققا تۈرتۈشكە ھەرىكەتلىنىپ كېلىۋاتىمەن.
    بوۋاق ۋاقتىمدا يوتقانغا ئوراپ تۇرۇپ بالىلار باغچىسىنىڭ ئىچكى بوسۇغىسىغا، ئۇدۇل كىرگەندىكى يېرىگە تاشلاپ كېتىپتۇ، مېنىڭ تەگاتىمنىڭ كرىلېتسوۋ(كرىلېتسوۋ-دېگەن تەگات، رۇس تىلىدا بوسۇغا، دەھلىز دېگەن مەنانى بىلدۈرگۈچى سۆزدىن كەلگەن.ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلغۇچىدىن)بولۇپ قالغانلىقىمۇ دەل شۇنىڭدا، بۇ تەگات بالىلار باغچىسىدا قويۇلغان، ئېتىمنى ئاندرېي قويۇشۇپتۇ-دە، ئاتامنىڭ ئېتىنىمۇ شۇ سۆزدىن ياساپ ئاندرىيېۋىچ دەپ ئاتىشىپتۇ. كرىلېتسوۋ ئاندىرىي ئاندىرىيېۋىچ دېگەن نامنىڭ ئۆزى بۇ بىر پاجىئە، ماڭا كېيىن باشقىلارنىڭ ئېيتقانلىرىغا قارىغاندا 1942-يىلىنىڭ ئايىغىدا قىشنىڭ قاراڭغۇ تېڭىدا بولغان ئىكەن، ئۇ تاڭ ئېسىمدەبار، خىرە - شىرە يادىمدا ئەلۋەتتە، بۇنىڭغا ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ، شۇنداق بولسىمۇ، ئامال قانچە؟ بولغان ئىشلارنى ئۆز ئەينى ئېيتىۋاتىمەن، ئاپام ماڭغاندا چىققان قارنىڭ غىچىرلىغان ئاۋازى ئېسىمدە.شۇ قىشنىڭ سەھەرىدە ئۇنىڭ ئالدىراش كېلىۋاتقانلىقىمۇ ئېسىمدە. ئۇ مېنى كۆكرىكىگە مەھكەم بېسىپ ئىككى تەرىپىگە ئالاڭ - بۇلۇڭ قاراپ، دۈگدىيىپ ماڭغان ئىدى، ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ دۈپۈلدەپ قاتتىق سوققانلىقى ئاڭلىنىپ تۇرغان. ئۇ قاتتىق ھاسىراپ قۇلىقىمغا بىر نېمىلەرنى شىۋىرلاپ، يىغىنى ھەم كۆز يېشىنى توختىشىشقا ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتاتتى، بالىلار باغچىسىنىڭ بوسۇغىسىغا مېنى تاشلاپ قويماقچى بولۇپ كېلىۋاتقان چاغدا مەن يۆگەك- كۆرپەمنىڭ ئوچۇق يېرىدىن ئۇنىڭ ئۆڭىنى، قار يېپىشقان كىرپىكلىرى بىلەن كۆزلىرىنى، بوزارغان ئاسماننى، لەپىلدەپ چۈشۈۋاتقان قارنى كۆرگەن ئىدىم، قار ئوڭ- تەتۈر ئايلىنىپ بولۇشىغا يېغىۋاتاتتى، بەلكىم ئاپام ماڭا شۇ چاغدا «سەن يىغلا، كىشىلەر تېز بايقىسۇن» دەپ شىۋىرلىغاندۇر؟
    ئاپام مېنى بوسۇغىغا قويغاندا ئۇنىڭ بۇ ئىشىنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى دەررۇ چۈشەنگىنىم يوق، سوغۇقتىن ئۈششۈدۈم، ئۇ قايتىپ كېلىپ، مېنى باغرىغا بېسىپ ئالىدۇ، دەپ كۈتتۈم، بىراق ئاپام دەرەخلىككە يوشۇرۇنۇپ، چەتتە قار كۈرتۈكىدە تۇردى، كەلمىدى، شۇنىدىن كېيىن يىغلاپ كەتتىم، قاتتىق يىغلاپ كەتتىم، ئۇنىڭغىچە ئىشىك ئېچىلدى-دە، كىمدۇر بىراۋ كېلىپ مېنى قولىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ ئېلىپ كەتتى.
    كۈرتۈك، يەنى قار دۆۋىسى دېگىنىم. كېيىن باشقىلاردىن تىكەندەك يالغۇزلۇقتا ئاڭلىغانى سۆزۈم شۇ بولدى، «ئاپامنىڭ ئىزىنى قار كۈرتۈكىدىن كۆردۇق،- بولدى، باشقا ھېچقاچان، ھېچقاچانقى يەردە ئىز قالغانلىقى كۆرۈنمىدى...».
    ھازىر مەن كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەلەيمەن، بىر ياققا تاشلاپ قويغان بالىسى ۋارقىراپ ياتسا كەلمەي، دەرەخلەرنىڭ دالدىسىدا قانداقمۇ چىداپ تۇرغاندۇ؟ دائىما بىر چۈش كۆرىمەن، قېلىن قار كۈرتۈكىنى يېرىپ ئۇنىڭ ئىزىغا قارايمەن، ئىزى قويۇق ئورمانغا كىرىدۇ، قورقىمەن، سوغۇق قارغا پاتىمەن، كېيىن: «ئاپا! ئاپا!» دەپ قىيقىراشقا باشلايمەن- دە، ئويغىنىپ كېتىمەن.
    بىراق شۇ بالايى - ئاپەتلىك تاڭدا مېنى شۇنداق بالايى - ئاپەتلىك  تاشلاندى قىلىشقا ئانامنى نېمە مەجبۇرلىغان ئىكەن؟ ئېسىت، بىلسەمچۇ؟ دادام كىم ئىكەن؟ ئانام دادامنى ئۆزىلا بىلىدىغاندۇ بەلكىم، مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كۆپ سوئاللار ماڭا جاۋابسىز، ئۆمۈرلۈك تېپىشماق بولۇپ قالدى، بالىلار باغچىسىدا بۇ ئەھۋالدا ماڭا ھېچكىم نەزەر تاشلاپ قويغاندەكمۇ قىلمايتتى، گاھىدا ئۆز سىرىمنى كىمدۇر بىراۋ بىلەن بۆلۈشكۈم كەلگەن بىلەن ئۇنداق قىلىشقا ئۇنچىلىك خۇشتار ئەمەس ئىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە، شۇ قار يىغىپ تۇرغان قىشقى تاڭدا ئانام مېنى باغرىغا بېسىپ كۆتۈرۈپ ماڭغاندىن باشقا ئەسلىگۈدەك ھېچنەرسە يوق.ئۇندىن قالسا، بىر ئىشنى يادىمدا قالدۇرۇپ قالغانلىقىمغا ھېچكىممۇ ئىشەنمەيتتى.
    بىراق، ئېيتقانلىرىمغا قىلچىمۇ ئىشەنمىگەنلىكىنى بىلدۈرمەي ئاڭلىغۇسى كەلگەن يورۇق دۇنيادا تىكەندەك يالغۇز ئايال ۋالېرىيا ۋالېنتىنوۋنا بار ئىدى، خىزمەتداشلىرى ئۇنى ۋاۋا دېيىشەتتى، بىزمۇ شۇنداق ئاتىشاتتۇق، بالىلار ۋاۋا، ۋاۋا ئاچا دەيتتۇق، يەنە شۇنداق ئۆزىدە قانداقتۇر بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىنلىق، ئىللىقلىق بار ئىدى، ئۇندىن كېيىن ئەلۋەتتە، ۋاۋا ئاچا ھەممىمىزنىڭ سۆيۈملۈك تەربىيىچىمىز ئىدى.
    بالىلار ئۆيىمىز رۇزا شەھىرىنىڭ چەت ياقىسىدا، مالىيۋكا يېزىسىنىڭ يېنىدا، ئۇ يەر مۆلچەر بىلەن موسكۋادىن يۈز چاقىرىمچە نېرى، بىزنىڭ 751 - نومۇرلۇق بالىلار باغچىسى، مەيدان، ئوچاستىكا يېتىم بالىلارغا باشپاناھ بولغان بولۇپ موسكۋا شەھەر ئەتراپىدىن گېرمان ئەسكەرلىرى چېكىنىپ كېتىشى بىلەن شەكىللەنگەن ئىكەن، شۇ چاغدا ۋاۋا بولسا ئورمان - توقاينىڭ ئىچىدە، قوشنا جايلاشقان كومپوزىتورلارنىڭ ئۆيىدە ئىشلەيتتى، بۇ ھەقىقەتەندە سوۋېتلەر ئىتتىپاقىلىق كومپوزىتورلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقارغۇچى جاي ئىدى، بۇ يەردە، خەزىنىدەك بايلىق بار جايدا، ھەر بىرى يەككە بىر قورۇدا ياشىغان ،ھەر قايسى رايونلاردىن ھەم جۇمھۇرىيەتلەردىن كېلىشكەن كومپوزىتورلار يۈز يىلغا يارايدىغان مۇزىكىلارنى  يارالغاندىن تارتىپ پەقەتلا ئۇلۇغلاردىن ئۇلۇغ بولغان يول باشچى ۋە ئەللەرنىڭ ئاتىسى يولداش ستالىننى مەدھىيلىگەن سەلتەنەتلىك مەدھىيە خورلىرى بىلەن دىنىي مەدھىيە ناخشىلىرى كەبى مەدھىيىلەرنى يېزىشقان، بۇ يەرگە گاھىدا ئۆتۈكچىنىڭ ئوغلىدىن 20 - ئەسىرنىڭ ھۆكۈمدارىغا ئايلانغان بۇ ئادەمگە بېغىشلانغان ئەسەرلەرنى ئاڭلاپ، تەنقىدىي پىكىر بېرىش ئۈچۈن پارتىيىنىڭ ئالىي ئەربابلىرى كېلىشكەن، گاھىدا بۇ يەردە ھەربىي ناخشا-ئۇسسۇللار كۆرسىتىلەتتى، ئاڭا بىزمۇ، بالىلار باغچىسىدىكىلەرمۇ كېلەتتۇق، ۋاۋا ئاچا ئىجادىيەت ئۆيىنىڭ باشلىقى ئىدى، بىراق ئۇ ئۆزىمۇ ئادەتتىكى پىيانىنوچى ئەمەس ئىدى، شۇ سەۋەبتىن ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇ بالىلار باغچىمىزغا مۇزىكا يېتەكچىسى بولۇپ كەلگەن ئىكەن.  
    1941-يىلنىڭ كۈزىدىن 1942-يىلنىڭ يېزىغىچە روزادا يەنە ئۇنىڭ چەت ياقىلىرىدا گېرمانلارنىڭ تانكىلىق ئەسكەرلىرى تۇرغان، ئۇ ۋەقەلەرگە، ئەلۋەتتە ھېچقانداق چېتىشلىقىم يوق ئىدى، بىراق تۇغۇلغان ۋاقتىم بىلەن تاشلاندىلىق تەقدىرىمنىڭ ئوتتۇرىسىدا، كۆرۈنۈشتە، قانداقتۇر بىر مۇناسىۋەت باردەك قىلاتتى. نېمىلا بولمىسۇن ۋاۋا ئاچا بۇ ھەقتە ئويلانغان، ھەم مەن بىلەن سۆزلەشكەندە، جان - جىگىرىمىزنى تۆكۈپ قالغان چېغىمىزدا، شۇنى قىيتىپ ئېيتىپ قوياتتى، ئۇ ئۆزىمۇ يېرىم يىلغىچە گېرمانلارنىڭ تاجاۋۇزىدا قالغان، ھەممە ئىش ئېسىمدە ئىكەن، ئۇ مېنى نوتىغا ئۆگىتىپ، مۇزىكا بۆلۈمىدە ئىككىمىز قالغان چاغلاردا، پارىڭىمىز مۇزىكىلىق ساۋاتتىن چىقىپ كېتەر ئىدى.  
    ۋاۋا، ۋاۋا! كۆز ئالدىمدا بايقالماي قېرىۋاتقان جان - دىلىم، يېقىنىم، مېنى ئۆز باغرىدىن چىققان بالىدىنمۇ ئارتۇق كۆرگەن شۇنداق كىشىنىڭ ئانام بولۇپ قالغىنى نېمىسى! ھەممىدىن قىزىقى، ھېچقاچان يېنىمدا ئانام بولغان ئەمەس، لېكىن ۋاۋانىڭمۇ بالىسى بولغان ئەمەس، ئۇنىڭ يېتىم - يېسىرلەرگە ئامراق بولۇپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبى تەنھالىقىدىن بولدىمىكىن؟!
    -ئاندرېيۇشا،-دېدى ئۇ ماڭا، ئەلۋەتتە تاشلاندۇق بولۇپ قالغانلىقىڭغا ھەسرەت چېكىسەن، سېنى چۈشىنىمەن، ئارمان قىلماي تۇرالمايسەن، بىراق ئۇندىن باشقا چارىمۇ يوق، ئۇندىن كۆرە،ئۆزۈڭگە سىرتتىن كۆز يۈگۈرتۈپ باققىن، شۇنىڭدىلا باشقا نەرسىنى كۆرىسەن، ئەگەر يېڭىلىشمىسەم، ئاندرىيۇشا، خۇدا ساڭا چوڭ ئىقتىدار بەرگەن، سۆزۈم ھەق، مۇشۇ ئېيتقىنىمنى قاچاندۇر بىر ئەسلەرسەن، ئەقلىڭ پاك، بەكمۇ ئىقتىدارلىق بالىسەن، مانا بۇ مۇزىكىنى مىسال ئالايلى، سەن پۇختا مۇزىكانت بولۇپ چىقىشىڭ مۇمكىن، بىراق كىم بولۇشۇڭنى ئۆزۈڭ ھەل قىل، مۇزىكا ئۆزۈڭ ئۈچۈن، لېكىن ئەلگە باشقا ئىشىڭ بىلەن خىزمەت قىلىشىڭ مۇمكىن، مانا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئوقۇشۇڭنى داۋاملاشتۇرساڭ، ئۇ چاغدا ھاياتىڭ ئۆز قولۇڭدا بولىدۇ، ئۇندىن كېيىن مۇشۇ ئىقتىدارىڭ  بىلەن ئاندرىيۇشا، ئاق يولۇڭ ئېچىلىدۇ، ساڭا ھېچنەرسە توسالغۇ بولالمايدۇ، شۇنداق، ساڭا ئاناڭ ھەققىدە ھېچنەرسە نامەلۇم دەيلى، بىراق ئاناڭنىڭ كىم ئىكەنلىكىمۇ پۈتۈنلەي نامەلۇم ئەمەسمۇ، يەنە بالىسىدىن ۋاز كېچىپ، يىتىپ كېتىشكە ئاناڭغا نېمە تۈرتكە بولغان، ئۇنى نېمە مەجبۇرلىدى؟ ئېيتىش ئۈچۈن ھەر قانداق ئىش بولۇپ كەتكەن كۈنلەردىمۇ ، ئويۇمچە، ئاڭا گۇناھ ئارتماسلىقىڭ كېرەك، ياق، ئانىنى ئۆچ كۆرىدىغان پەرزەنتمۇ بولمايدۇ، سەن خاپىلىما، بىراق مەن ئاڭا رازى بولۇشۇڭ كېرەك دېمەكچى، شۇنداق! سەن تاڭ قالما، بىراق ئۆزۈڭ ئويلاپ كۆرگىن، ئاندرىيۇشا، ئوقۇشقا، بىلىم ئېلىشقاھىرىسمەن بولۇشتەك ئىقتىدارىڭ ئاناڭدىن، ئاتاڭ بىلەن ئاناڭدىن، سەن بۇ ئىقتىدارنى ئەجدادىڭدىن، بولۇپمۇ ئاناڭدىن ، ئاناڭ ئارقىلىق ئالدىڭ، سېنى تاشلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ بېشىدىن نېمىلەرنىڭ كەچكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ، بىراق ئۇ شۇنداق قىسمەتلەرگە دۇچار بولغاندىن كېيىن، دېمەك، ئۇنىڭ باشقا چارىسى قالغان ئەمەس، بۇنداق قىلىش، دېمەك، سېنى ئامان ساقلاپ قېلىشنىڭ بىردىنبىر مۇمكىنچىلىكى بولسا كېرەك، نېمە ئۈچۈنلۈكىنى ئېيتالمايمەن، بىلمەيمەن، ھېچكىم بىلمەيدۇ، بىراق ئاناڭنىڭ باشقا ئامالى قالمىغانلىقىغا سېنى شۇنداق قىلىپلا ئامان ساقلاپ قېلىشى بولغانلىقىغا ئىشىنىمەن، شۇنداق قىلىپ ئۇ زور تەۋەككۇلچىلىققا پېتىنغان، بىراق مانا، ئامان - ئېسەن يۈرۈۋاتىسەنغۇ، باشقىنى بىلمەيمەن، بىراق بالىلار باغچىسى دېگەن بىزنىڭ مەملىكەتتە قۇرۇق گەپ ئەمەس، ئۆزۈڭدىنلا بايقىساڭ بولىدۇ، يەنە بولسا بۇ تېخى ئاناڭدىن، ئاناڭ ئارقىلىق، ئۆڭ - چىرايىڭ، بوي تۇرقۇڭ، سۇمباتىڭمۇ، خۇداغا شۈكۈر! ساڭا كۆپ نەرسە ئاناڭدىن يارىتىلىغان...، دېمەك، ئاناڭدىن كەلگەن، ساڭا مەسلىھەتىم، ئاناڭنى باشقا بىرەرمۇ چارىسى قالمىغان ئىكەن دەپ يۈر، چوڭ بولۇپ ئەر بولغىنىڭدا تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى چۈشىنىسەن.
    يىللار ئۆتكەنسېرى ۋاۋانىڭ ئوچۇق تەھلىل قىلىشقا بولمايدىغان، قانداقتۇر بىر ئالاھىدە ئەھۋالنى تەكىتلەپ سۆزلىگەنلىكىنى چۈشەندىم، ئۇنىڭ ئۆز پەمىگە قانچىلىك ئىشەنگەنلىكىنى ئېيتىش قىيىن. بىر قانچە يىلدىن كېيىن، مەن موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ يۈرگەن چاغدا، ۋاۋا مەڭگۈلۈك كۆز يۇمدى، شۇنداق قىلىپ ۋاۋانىڭ توساتتىن تىلغا ئالغان بىر سۆزى، ھېچقانداق، يا ئېنىقلىغۇچى، يا چەتكە قاققۇچى پاكىتى يوق مۆلچەر بىلەن ئېسىمدە مەڭگۈ قېلىۋەردى.
    مەن توققۇزىنچى سىنىپتا ئوقۇپ يۈرگەندە، يېنىمىزدىكى ماليېۋكا دېگەن يېزىدابىر چوڭ ئاپەت روي بەردى، بىر ئايال ئون يەتتىگە كىرىپ قالغان قىزى بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشتى.
    ئانىسى ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى، ئەگىشىپ قىزىمۇ شۇنداق قىلدى، ئۇلار پەقەت شۇ ئىككىلا جانلىق ئائىلە ئىدى، ئانىسى كومپوزىتورلارنىڭ ئىجادىيەت ئۆيىنى يۇيۇپ تازىلىغۇچى، قىزى مەكتەپتە ئوقۇپ، ئۆسۈپ بوي تارتىپ كېلىۋاتقان ئىدى، بىراق ئايال قىزىنى گېرمان ئەسكەرلىرى ئەتراپدىن چېكىنىپ يېرىم يىلدىن كېيىن تۇغقانلىقىنى ھەممەيلەن بىلىشەتتى، يەنە ئۇ ئايال ئۆز قىزىنى گېرمان سولداتىدىن، مۇنداقچە ئېيتقاندا، باسقۇنچىدىن، تاجاۋۇزچىدىن، فاشىستتىن يەنە باشقا شۇنىڭغا ئوخشاشلاردىن تۇغقانلىقى ھېچكىمگە يوشۇرۇن ئەمەس ئىدى، قوشنىلىرى ئۇ ئايالنى كۈن ئالالماس قىلىپ قويغان، مەكتەپتە قىزنىڭ ئاڭلىمىغان بىرەرمۇ مەسخىرە-مازاقلىرى يوق ئىدى، بۇ قايغۇلۇق ۋەقەدىن ئۆزىنى يوقاتقان ۋاۋا شۇ كۈنى بىر قىزىقسىنارلىق سۆزلەپ سالدى، بەلكىم ئۇ گەپلەرگە ئۆزىمۇ پىسەنت بەرمىگەندەك قىلاتتى، بىراق ئۇنىڭ سۆزلىرى كۆڭلۈمگە شاپپىدەبىر نەرسىنى  كەلدۈردى- دە مەڭگۈ ساقلىنىپ قېلىۋەردى، مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئۆچمىدى، ناتالىيا،- دېدى ئۇ تەربىيىچىلەرنىڭ بىرىگە، نېمىدېگەن شۇملۇق! شۇنچىلىكمۇ رەھىمسىز ئۆلۈم بولامدۇ، ئانىسىمۇ، قىزىمۇ ئۆزلىرىنى ئۆزى ئۆلتۈرۈۋېلىش... نېمە شۇملۇق بۇ؟... ئادەمنى شۇنداق ئەھۋالغا يەتكۈزگەنلىرىگە قارىمايسىلەرمۇ! بۇلارنىڭ گۇناھى نېمە؟! شۇنداق! ئۇرۇش دېگەن ئۇرۇش، ئۇنىڭ ئۆز ھېسابى بار، ئۇرۇشتا قان ئاقىدۇ، كىشىلەر ئۆلىدۇ، بىراق شۇنچىلىك رەھىمسىزلىككە، زوراۋانلىققا، خورلاشقا، غەزەپلىنىشكە بولارمۇ؟! مەيلى ! بولار ئىش بولۇپتۇ، شور پىشانە ئاجىزە گېرماندىن تۇغۇپ قويۇپتۇ، بولارى  بولۇپتۇ- دە، ئۇنىڭ نېمىسىگە كىشىلەر مۇنچىلىك قەست قىلىپ قويۇشتى، نېمىدېگەن ياۋايىلىق؟! ئۇ قىزنىڭ گۇناھى نېمە؟ ئۇندىن قالسا ھېچكىم ئاتا - ئانىسىنى ئالدىن تاللىۋالالمايدۇ، خۇدا كىمنى بەخش ئەتسە شۇ ئاتا - ئانا بولىدۇ، ئۇلار نە گۇناھى ئۈچۈن ئېسىلىۋېلىشتى؟! نېمە، ئانىسى ئەپلەپ - سەپلەپ بالىسىنى ئەل قاتارى بولسۇن ئۈچۈن بىراۋنىڭ ئىشىكى ئالدىغا بالىسىنى تاشلاپ قويۇپ ئۆزى بولسا «ئىنس - جىنىسنى بىلدۈرمەي، يەر يۇتۇپ كەتكەندەك كۆزدىن غايىپ بولۇپ تىرىكلا ئۆلسە ياخشى بولاتتىمۇ؟».
    شۇندىن بېرى مەھەلى كەلگەندە تۇخۇمدىن چېكىلىپ چىققان چۆجىدەك بولۇپ كۆڭلۈمگە بىر ئوي غىللىتتىدە كېچەتتى، ھە بەلكىم، ئاتاممۇ دەل شۇنداق ئادەم بولسىچۇ، ئۇندىن كېيىن ئانام بېچارىنىڭ بوۋاقنى  ئىشىكنىڭ ئىچىگە تاشلاپ قويۇپ، ئۆزى مەڭگۈ، قايتا كەلمەس بولۇپ كۆزدىن غايىپ بولۇشتىن باشقا چارىسى قالمىغان بولسىچۇ؟
    مۇنداق ئىشنىڭ قانداق شەرتتە، قانداق قىلىپ، قانداق مۇمكىنچىلىكتە روي بېرىشىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلدىم، ھەر خىل ئويلارنى ئويلىدىم، ھەر ياڭزا تۈگۈنلەرنى يەشتىم، شۇلاردىن ھاڭغىرقاي پايانسىزلىقنى، تەنھالىقنى،رەھىمسىزلىقنى سەزدىم، مۇنداق ئەھۋال پەقەت سۇلىرى چالقىغان دېڭىزدا كېمىنىڭ سىرتىدا قالغان ئادەم ئۈچۈن سادىر بولۇشى مۇمكىن.
    بىرەركىمنىڭ قىيقىرغىنىغا، چاقىرغىنىغا قارىماي قارىسىنى يوقاتتى، ئەتراپىدا بىرەر جاندارمۇ يوق، دولقۇنلار، دېڭىزلار، ساھىلمۇ يوق. بىراق ،ئۇنى بۇ دېڭىزغا كىمدۇر بىراۋ تاشلاپ كەتتى- دە؟! كىم؟
    شۇ سوئالغا جاۋاب ئالغۇم، بىلگۈم كەلدى، بۇنى نېمە ئۈچۈن بىلگۈم كەلدى، ئۇنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار بولار؟ چۈشەنمەيمەن، راست ئۇ ماڭا نېمىمۇ ئاتا قىلار؟ ھېچنەرسە، بىراق شۇنچىلىك بىلگۈم كەلدى، ئەگەر ھەقىقەتەندىمۇ گېرمان سولداتى ئاتام بولسا، ئۇ كېيىن نېمە بولدىكىن؟ ئۇندىن كېيىن بېشىمغا توساتتىن بىمەنە - ساندىراق ئويلار كەلدى، نېمە ئۈچۈن ئۇ ئاتام بولۇشى كېرەك ئىدى؟ كىم ئۇنى سورىدى؟ مېنى تۆرەلدۈرۈپ قويۇپ، ئاندىن يىتۈپ كېتىش ئۈچۈن «پۈتكۈل ياۋرۇپانى بېسىپ ئۆتۈپ كەل!» دەپ ئۇنى كىم چاقىردى؟ بەرھەق، ئۆزۈمنىڭ تېگى - تەكتىڭنى بىلگۈڭ كېلىدۇ، بىراق بىلەلمەيسەن، ئويلىنىۋېرىسەن، تۇغقان ئانامنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى بىلگۈم كېلىدۇ، بەرھەق، شۇ گېرمان سولداتنىڭ، ئاتامنىڭ تەقدىرى نېمە بولدىكىن؟ تىرىك قالغانمىدۇ، يا قۇربان بولغانمىدۇ ۋە بەلكىم تىرىك، ساق سالامەت، گېرمانىيىنىڭ بىر يېرىدە بۇ يورۇق دۇنيادا 1942 - يىلى بالىلار باغچىسىنىڭ بوسۇغىسىغا تاشلاپ قويۇلغان ئوغلى بار ئىكەنلىكىدىن خەۋەرسىز يۈرگەندۇ، مانا شۇ ئوغلى مەندۇرمەن، ئۇنىڭ بولسا كارى يوق، توساتتىن مۆجىزىۋى سېزىپ كېلىپ قالسىچۇ؟! مانا كەلدىم، ئوغلۇم نەدە؟ دېسە، شۇنىڭ بىلەن نېمە بولماقچى ئىدى؟ بىراق بۇ قۇرۇق خىيالنىڭ كېرىكى نېمە؟ ھەممە ئىش شۇنداق بولغان كۈندىمۇ ئاڭا، ئۇ گېرمانغا بىر تۈكۈرۈك سىياقىدا ئۇنتۇلغان شۇ ۋەقەنىڭ نېمە كېرىكى بار، ئۇ نېمە ئۈچۈن ئازاب چېكەر؟
    مانا شۇنىڭغا ئوخشىغان ئەپسىز، ئەقىلگە سىغمىغان ئويلار كاللامدىن چىقىپ كەتكىنى يوق، ئۇنىڭغا ئۇلىنىپلا ئويغا نېمىلەر كەلمىسۇن، ئادەم تەقدىرلىرىنىڭ ئاچال يوللىرىدا سۆزسىزلا ئۇرۇش ھەمىشە يۈز بەرگەن، شۇنداق بولۇپ ئاتا - ئانىلىرى تۇرمۇشنىڭ ھاڭلىرىغا چۈشۈپ كېتىپ يوقالغان، ئۇرۇشتا ئانا قورسىقىدا تۆرەلگەن بالىلارنىڭ تراگېدىيىسى كېلىپ چىققان، ئۇلارنى كوھىقاپنىڭ ئىزغىرىن شامىلىدىن باشقا يېتىرقاشنىڭ، چەتلەشنىڭ، ئۆچ كۆرۈشنىڭ بىر ئۇچى سوقۇپ تۇرىدۇ، ئۇندىن كېيىن شۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈمدە مەندىن پەرقلىنىپ، بارلىق «نورمال تۇغۇلغانلارغا، دۇنياغا ئىچ - ئىچىمدىن قارشى پەرقلىنىپ تۇرۇش سېزىمى پەيدا بولىدۇ، ئۇلارغا، يورۇق دۇنياغا ياخشى يول بىلەن كەلگەنلەرگە ئېنىق ئارتۇقچىلىقىمنى دەلىللىگۈم كېلىدىغان بولدى، جامائەت غەيرىي ئىنسان ئىكەنلىكىمنى كۆرسە، داھىيلىقىمنى كۆرسە يەنە مېنىڭ دانىشمەنلىكىمنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولسا دەپ ئويلايتتىم، كۈچكە كۈچ بىلەن، يامانلىققا يامانلىق بىلەن جاۋاب بېرىشكە دائىما تەييار تۇرغۇم كەلدى».
    تۇرمۇش يولىغا شۇنداق ئوي - سانا بىلەن چىققان ئىدىم، مەن بۇ دۇنيادا تىكەندەك يالغۇز، يەككە-يىگانە ئىكەنلىكىمنى ئېسىمدىن بىراقلا چىقىرىۋەتكۈچى ئەمەسمەن، ئاتاممۇ، ئاناممۇ، ئاغا - ئىنىممۇ، ئاچا-سىڭلىممۇ، يەڭگەممۇ، جىيەنىممۇ، ئانىسىنىڭ ئاكىسى ياكى ئۇكىسى دېگەندەكلەرمۇ، ھېچكىمىم يوق ئىدى، مەن ئاسماندىن چۈشۈپ قالغاندەك جان ئىدىم، بەلكىم ماڭا دەل شۇ شىپا بولىدىغاندەك ئوخشايدۇ، بەرھەق، مەن مۆجىزىدەك ئىلمىي مەقسەتكە يەتتىم، مەن ئۆزۈمنى جان دىلىم بىلەن ئىلىمگە ئاتىدىم، شۇنىڭ ئۆزى تاللىۋالغان نىشانىمدا ئۇلۇغ كەشپىيات يارىتىشقا جۆر بولۇشقا مۇمكىنلىك بەردى، بەرھەق، بۇ راست! ئىلىم - پەنگە خىزمەت قىلدىم، لېكىن ئىلىم - پەن ماڭا، داڭقىمغا، مەغرۇرلىنىشىمغا، ئەھۋالىمغا، جېنىمنىڭ باياشادلىقىغا خىزمەت قىلدى....
    شۇلارنىڭ جىمىسى كېلىپ، مېنى كائىناتقا، ئىستانسىغا ئېلىپ چىقتى، مۇشۇ تەقدىرگە دۇچار قىلدى، ئۇندىن كېيىن ئۆز - ئۆزۈمنى كائىنات كاھىنى دەپ ئاتىۋالدىم، بۇ ئامالسىزلىقىمنىڭ ئاشقان چېكى بولدى، ماڭا يەردىن جان تېپىلمايدۇ، مەن بۇنى چۈشەندىم.
    ئاخىرىدا، تەقدىرنىڭ ماڭا ياشاپ ئۆتكەن ئۆمرۈمنى، باشتىن كەچۈرگەنلىرىمنى ئوچۇق يازغۇدەك ئاز ئۇچرايدىغان مۇمكىنچىلىك بەرگەنلىكىنى يەنە مېنى كائىناتقا قاچۇرغانمۇ شۇ ئىكەنلىكىنى مەن مۇشۇ يەردىن، كائىناتتىن چۈشەندىم، شۇندىلا ئۆزۈمگە:«سەن روي بەرگەننىڭ ھەممىسىنى سەۋر بىلەن چۈشىنىشكە، بارلىق ئىشلارنى ئۆزۈڭگە ۋە باشقىلارغا ئېيتىپ بېرىشكە قەرزدار سەن» دېدىم، جان سىرىمنىڭ ماھىيىتى شۇنىڭدا، شۇڭا،ئۆزۈڭنى ئايىماسلىقىم كېرەك، جىمىنى، بولغاننى بولغاندەك تۈگەل ئېيتىش كېرەك.
    ئەيتاۋۇر ،بۇ ۋەقەلەرنىڭ بارلىق بولار ۋەبولماستىن ، ئانامنىڭ بوينىغا پۈتۈلۈشۈمنىڭ ھەم ئادەمنىڭ يورۇق دۇنياغا كېلىشىنىڭ، مەخپىي تەتقىق قىلىشىنىڭ پېيىدە يۈرگەن مىدىتسىنا ئىنستىتۇتىدىكى دەرسخانا مۇنازىرىسىدىن باشلاندى دېسەم بولغۇدەك. جان يېرىمگە تەگكەن بۇ تېمىنى كۈندىلىك تۇرمۇشۇمدا ھېچكىم بىلەن ھېچقانداق سۆزلەشمىسەممۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەپچۆرەمدە مۇنداق سۆزلەرنىڭ قوزغالماي تۇرغانلىقىنىمۇ تەكىتلىگۈم كېلىدۇ، شۇنداق بولسىمۇ قىزىقسىنىشىمنى ئاڭ - سېزىمىمنىڭ تېگى - تەكتىدە ساقلانغان «مەن بىر تاشلاندۇق» دېگەن ساقايماس يارا قوزغىغان بولسا كېرەك.  
    ئۆزۈم بىلەن ئىشلىگەنلەر ئۈچۈن ھەممىدىن بۇرۇن ئىلمىي يېتەكچى سۈپىتىدە، مۇرەككەپ رەھبەر، ئالىي ھوقۇقتىكىلەرنىڭ قوللىشىغا ئىگە قەدىر - قىممەتلىك ئادەم سۈپىتىدە ئەتىۋارلىق بولسام كېرەك دەپ ئويلايمەن، يوشۇرغانغا نە پايدا، ئادەم بالىسىنىڭ قارغىش تەگكەن بەندىچىلىكىگە يات ئەمەستۇرمەن، ئابرويپەرەستلىككە، يەنە مەنسەپخورلۇقىمۇ يات ئەمەستۇرمەن، مەن ھەمىشە ئۆزۈمدىنمۇ، ئۆزگىدىنمۇ بەكرەك كۆزگە كۆرۈنۈشكە، ئۆزۈمنىڭ قەدر - قىممىتىمنى مەھكەملەشكە ھەرىكەت قىلىمەن، ئارقامدىن: « تۇغما تالانتلىق كىشىمىز» دەپ شىۋىرلىشىپ قالغاندا، ئۇ دېگەن « باش دېرىكتورىمىز» دېگەننى بىلدۈرمەيدىغان،بەلكى ئۇ « باش تۇغما دىكتاتورىمىز» دېگەن ئىبارىسى ئىدى، دەيتتىم ئىچىمدە، مەن ئاڭا قىلچىلىكمۇ ئوڭايسىزلانغۇچى ئەمەسمەن، تەتۈرىسىچە، بۇنى چۈشەندۈرۈش قىيىن، بىراق ھۆكۈمرانلىقىنى قارشىلىق قىلغاننىڭ ئەدىبىنى بېرىش ئۈچۈن چاڭقاپ كۆزلەش - ھەقىقەتەندىمۇ ئادەم بالىسىنىڭ ئەقىل يەتمەس تېپىشماقلىرىنىڭ بىرى، يەنە مەن ھۆكۈم يۈرگۈزۈشنى ئۈمىد قىلغۇچى، مەن مەدھىي- تەرىپنى تەلەپ قىلغۇچىمەن، ئۆزۈمنىڭ «يېپىق» تەجرىبىخانامنىڭ خىزمەتكارلىرىدىن، كېيىن دېرىكتور بولغانلاردىن ،كېيىنكى ئىنستىتۇتنىڭ خىزمەتكارلىرىدىن غىڭ قىلماي باش ئېگىشنى تەلەپ قىلىمەن، تالانت ھەم تەرتىپلىك  كادىرلارنى تاللاشتا تۇتقان پىرىنسىپىم مۇشۇ.
    مانا شۇنىڭدىن بېرى، مەن تەجرىبە سايمانلىرىغا ئوخشاش، بىئولوگىيىدە يېڭى، كۈتۈلمىگەن نىشاننىڭ تايماس باشلامچىسى سۈپىتىدە كۆڭۈلنىڭ قات - قېتىدا بولۇۋاتقان شۇ مەزگىلدە، ئىلىم ساھەسىدىلا نامىم چىقماستىن، تەشكىلاتچى، يېتەكچى سۈپىتىدە قەدىر - قىممەتكە ئىگە بولۇپ قالغان ئىدىم، بەرھەق يولۇم مەنسەپكە كەڭتاشا ئېچىلدى، كېيىن بايقىسام ئۇ قىزىققان مەمۇرىي تارماق ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ياردىمىسىز بولۇپتۇ. بىراق، ئۇ ئالاھىدە سۆز بولغۇچى نەرسە، مەن بولسام، مۇۋەپپەقىيەتكە تولغان جېنىم بىلەن، ئىلىم ساھەسىنىڭ ئۈستىدىن، كۈچىنى توپلىۋېلىپ ئالدى - ئارقىغا قارىماي ئۇچۇۋاتقان ھەسەل ھەرىسىدىن بەتەر ئۇچۇپ بېرىۋاتاتتىم، بۇرۇن ھېچكىمنىڭ ئەقلىگە كەلمىگەن ئويلارنىڭ يېتەكلىشى بىلەن، بۇ تەرەپتىن مەڭگۈلۈكنىڭ تېخنولوگىيىسىنىڭ بەرپاچىسىنى، ياراتقان ئىگەمنىڭ ئۆزىنىمۇ چەتكە قېقىپ تاشلاشقا تەييار تۇرغان مەن ئارقا - ئارقىدىن بىر كەشپىياتتىن ئىككىنچى بىر كەشپىياتقا ئۇچۇپ باراتتىم، ئۇندىن قالسا، مەيلى ئىلمىي تەجرىبە سايمانلىرىنىڭ چېكىدە بولسىمۇ، ياراتقان ئىگەمنىڭ يورۇق دۇنياسىغا كىمنىڭ تۇغۇلۇشىنى، ئۇلارنىڭ نەسلىدىن نېمە يارىتارىمنى، ئۇلار ئۇنى  خالامدۇ،خالىمامدۇ ؟ ئاڭا قارىماي ئەگەر بىلگۈڭلار كەلسە، يالغۇز ئۆزۈم ھەل قىلىمەن.
    ھازىر ئەمدى ئۆزۈمگە: مەنمەنچىلىكىڭمۇ شۇنىڭدىن! دەپ ئېيتقانلىقىم تاڭ قالارلىق ئەمەس، ئېيتىپ  ئېيتماي نېمە بوپتۇ، راستىنلا ئادەمنىڭ ھامىلىدار بولۇشىنى ھەم تۆرىلىشىنى باشقۇرۇشنى بىلگەنلىكىمگە ئەقلى - ھۇشۇمنى ئالدۇرۇپ قويغان ئىكەنمەن.
    سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش يولى بىلەن يوشۇرۇن تۆرەلگەن ئادەملەرنى يارىتىش ھەققىدە ئوي بىرىنچى قېتىم مال - چارۋىلارنى سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇشقا سېلىشتۇرمىلىق كېلىپ چىققان، زوئولوگىيىلىك تېخنىكا بۇ ھەمىشە دەلزەرب مەسىلە بولۇپ كەلگەن، ئادەم ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئىگىلىك مەنپەئەتلىرىگە لايىق ھالدا مال - چارۋىلارنىڭ ئەۋلادىنى ئۆزگەرتكەن.
    ئۇندىن قالسا پەنشۇناسلىق مەقسىتىدىلا ئەمەس، باشقۇرۇش ئۈچۈن، تېخىمۇ ئېنىق ئېيتقاندا، ئادەمنىڭ تۆرىلىشىنى ئاپتوماتىك كۇنۇپكىلىق باشقۇرۇش ئۈچۈن ئادەمنى سۈنئىي يول بىلەن ئاپىرىدە قىلىش مەسىلىسىگە كىرىشىش بىلەن تەجرىبىچىلىك، بىئولوگىيە بۇندىن قانچە ئۇزاپ يىراققا كەتتى!
    بەرھەق، ئىلىم-پەننىڭ قاراڭغۇ قىسىلچىقىدىن شىددەت بىلەن ئۇچۇپ چىققانلىقىمنى، قانداقچە بولۇپ كەتكەنلىكىنى مەن ھازىر پەملەشكە ھەرىكەتلىنىمەن، ئىلىم بولسا ئۆزىنىڭ يەككە ئەھمىيىتىدىن باشقىنىڭ جىمىسىگە سەل قاراشتۇر. بىراق بۇ ئەدەب-ئەخلاقنىڭ چېكىدىن يىراق چىققان، ئادەم بالىسى ئۈچۈن قورقۇنچلۇق ئىشقا ئالدى - ئارقامغا قارىماي كىرىشىپ كەتكەنلىكىمنى مەن ئۇنداق ئويلىغان ئەمەسمەن، مەن ئۈچۈن، ئۇ ۋاقىتتىكى ياش زىيالىي ئۈچۈن، يەككە - يىگانە ئۆلچەم - مىزان، ئىلمىي جەھەتتىن ئارتۇقچىلىقلار بار ئىدى، شۇنداق قىلىپ ئىلىمنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ماڭىچىلىك بىرمۇ ئادەم قەدەم تاشلاشقا پېتىنمىغان ياققا، بارلىق دىنلار، دىنلار ئۈچۈن مەنئىي قىلىنغان ساھەگە قەدەم تاشلىدىم، بوسۇغىغا يېتىپ، خۇدا ئالدىدا تەزىم قىلىشنىڭ ئورنىغا تەكەببۇرلۇق بىلەن خۇدانىڭ دەرۋازىسىنى تەپتىم.....
    مانا،بۇ خۇدۇڭنى بىلمەي كىرىشىپ كەتكەن تەرىپىڭ! ئۇندىن كېيىن كۈنلەرنىڭ بىرىدە تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پارتكومىغا چاقىرىپ، ناھايىتى سىلىق - سىپايە، ياخشى نىيەت بىلەن ھەتتاكى ئارقا-ئارقىدىن ھالى قالمىغۇدەك كەچۈرۈم سوراش بىلەن ساڭا ئەمگەكلىرىڭنىڭ پىنھان دەپ ھېسابلىنارىنى، قەدر-قىممەتلىرىڭ ھەققىدىكى ماتېرىياللارنىڭ مەتبۇئاتلاردا، چەتئەلنىڭ مەتبۇئاتلىرىدا ئۇندىن كۆپ، ئوچۇق ئېلان قىلىنماسلىقى تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان شۇئەھۋالدىمۇ بۇنىڭغا كۆڭۈلشىمىدىڭ، لېكىن بۇ ئەمەلىيەتتە تانابىڭنى تارتىشنىڭ دەسلەپكىسى ئەمەسمىدى! كېلەچەكتىكى بۇيرۇتمىچىلار سەندىن ئۆزلىرىگە كېرەكلىك ئىجراچىنى تەييارلاۋاتقان، سەن ئۈچۈن بولسا باشقىسى ئەھمىيەتلىك ئىدى، «ئالدىدىكى ئىشنى ئاتقۇرۇش، ئىلىمنى ئالدىغا ئىلگىرىلىتىش»، راستىنى ئېيتقاندا، سەن بىئولوگىيىلىك سەزگۈرلۈك، سەگەك ئەقىل، قايتا - قايتا پەملەش، سەن جىمىدىن يۇقىرى قويغان ئوقۇمۇشلۇقنىڭ سۈپەتلىرى مانا مۇشۇلار، مانا شۇ ئاپەتلىك يوللاردا شۇنچىلىك قۇدرەت بىلەن كۈچ - قۇۋۋەت سەرپ قىلىشقا سېنى نېمە تۈرتتى، سەن ئۆز رولۇڭنى ئاقلىغۇچى سەۋەب-باھانە ئىزدىمىدىڭ ھەم ئالدى - ئارقاڭغىمۇ قارىغۇڭ كەلمىدى، ھەممىدىن بۇرۇن تاشلاندۇق بالا ھېچكىمنى ئالدىغا سالمىغان، يۈزيىلنىڭ تالانتى بولۇشقا مۇناسىپ كەلگەنلىكىڭنى كىم بىلىپتۇ؟ بالاغا قالغۇر ئىلمىي، قىيىن مەسىلىگە باشچىلاپ كىرىپ كېتىپ، سەن ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ كەينى تەرىپىدە قالغىنىڭنى ئۆزۈڭ بايقىمىغان، ئادەملەرنىڭ، ئۆز ۋەزىيەتلىرىنىڭ ياراتقۇچىلىرى بىلەن تۇتقۇنلىرىنىڭ مەڭگۈ تارتىپ كېلىۋاتقان ئازاب - ئوقۇبەتلىرىگە تەلمۈرۈپ قاراپ ئۇ ئىشلار ئۈچۈن ئەمگەك سەرپ قىلمىدىڭ، ئەسىرلەر بويى ھايات ماھىيىتىنى ئىزدەش ئۈچۈن ھالاك بولۇپ كېلىۋاتقانلارغا سەن سەل قارىدىڭ، ھەمدە بۈيۈك پەيلاسوپ لوسېۋنىڭ، سېنىڭ ماكاندىشىڭنىڭ، سېنىڭ زاماندىشىڭنىڭ ئادەمزات تارىخىدىكى ئىلىم-پەننىڭ رولى ھەققىدە تەپەككۇر قىلىۋاتقان، ئاتايىن سەن ئۈچۈن دەلزەرب مەسىلە سۈپىتىدە پەيدا بولغان تەپەككۇرىنى سەن ئۆزۈڭدىن نېرى يەرگەتۈرتۈپ قويدۇڭ، لوسېۋ ئۇنداق قىلغىنى بىلەن، جەمئىيەتنىڭ يەنە مەدەنىيەت- ئۇيغارىيەتنىڭ چەكسىز جەريانى ھەققىدە يېڭى ياۋرۇپالىقلارنىڭ تەلىماتلىرىدا نىگىلىزمغا قارىتا يەنە مۇنداق يېزىلغان: «ياۋرۇپالىقلار ئەنئەنىگە لايىق، بىرلا دەۋردە ئۆزىدىن يېڭى ئۆزى مەزمۇنغا ئىگە بولمىغان. ئۇندىن كېيىن، ئۇمۇ كېيىنكى دەۋر ئۈچۈن.دېمەك، بارلىق كېلەچەكتىكى دەۋر ئۈچۈن قىغ بىلەن مۇنبەت يەربولغان، مۇددىئا بولسا ھەمىشە يەنە قەتئىي رەۋىشتە بارغانسېرى باشقا چەكسىز زامانغا سۈرۈلگەن. ئۈزلۈكسىزرەۋشتە يېڭىلىقلارنى بەرپا قىلغۇچىلارنى ئاقلاپ يۈرۈشكەن»، لوسېفنىڭ بۇ تېرەن تەپەككۇرىنى سەن ئۆز پاناھگاھىڭنىڭ ئەركىن - ئازادىلىكىنى تېخىمۇ غەمسىز قىلىشقا، پەقەت ئۆز مەسئۇلىيىتىڭنى كېيىنكى بوغۇنلارغا يۈكلەشكە ئۇمتۇلۇشۇڭغا يارىشا ھەل قىلدىڭ. ۋەزىپەڭ  «ئىلىمنى ئىلگىرى سۈرۈش»، كەشپىياتلارنى يارىتىش . ئۇلارنىڭ نەتىجىسىنى بولسا باشقىلار ھەل قىلسۇن دەپ ئىشەندۈردۈڭ ئۆزۈڭنى. ئىشىڭ  سۈنئىي نەسىللەندۈرۈش جەھەتتە ئۇرۇغ ئۆستۈرۈش، ھەمدە سۈنئىي يول بىلەن يارىتىلغان ئادەملەر نېمە بولسا شۇ بولسۇن، ساڭا لازىمى يوق.
    ھازىرقى كۈندىلىك تۇرمۇشتا: «ئۇ سىزنىڭ قىيىن مەسىلىڭىز» دېگەن ئەدەبسىزلەر سۆزى ئاشكارە بولغان تاراپ كەتتى. لېكىن، سەن ئاشۇ پىرىنسىپنى قارمىغۇچى، بوينىغا سۈنئىي ھامىلە چۈشكەنلەرنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئۆزۈڭنىڭ قارشى پىكىردىكىلىرىڭگە: بۇ شۇلارنىڭ ئۆز ئىشى، ئۇلارنىڭ يەككە، قىيىن مەسىلىلىرىنى ئۆزلىرىگە قالدۇرۇش كېرەك، دەپ جاۋاب بېرىسەن، ئىجتىمائىي ئەھۋاللارنىڭ مەۋقەسىدىن ئالغاندا، باشقىلار بىلەن بىردەك شەرتتە تۇغۇلغان ئۇلارنىڭ، ئاڭقۇرتقا ھامىلىدار بولغانلارنىڭ ئالدىدا، باشقىلاردەكلا ئۆزلىرى ھەققىدە ئۆزلىرى ئويلاش كېرەكلىكى تاشلىنىپ تۇرغان بولسىمۇ بۇلارنىڭ بارلىقىنىڭ ئىلىمگە ھېچقانداق لازىمى يوق، دەپ ھېسابلىدىڭ، سۈنئىي بالا تۇغدۇرۇشنىڭ تېخنىكىسىدىن تاشقىرى تۇرغانلارنىڭ مەرتىۋىسى تىنچىڭنى ئالىدىغاندەك،بېئارام قىلىدىغاندەك ئەمەس.
    بەرھەق، سەن ئاشۇنداق، بەلكىم ئۆزۈڭنىڭ ئىلمىي ئىشلىرىڭدە سەن ھەقىقەتەندىمۇ دۇنياۋى كەشپىياتلارنى يارىتىشقا، يەنە ئىلىمنىڭ ئۇندىن كېيىنكى تەرەققىي قىلىشىغا خوجا بولۇپ ئالدىن بىلەرلىك بىلەن بىشارەت بېرىشكە مۇۋەپپەق بولغان تالانت ئىگىسى بولغاندۇرسەن. بىراق، جىمىكى ئىشلىرىڭغا ھېلىقى تاشلاندۇق بالا بىشارىتىنى كۆرسىتىپ تۇردى، سەن ئۇنى ئېتىراپ قىلمايسەن، بىراق قاچاندۇر بىر چاغدا بوسۇغىغا تاشلانغان تاشلاندۇق بالا بولماسلىقىمنى بىلدۈرمەن، دەپ قەرەلىدىن بۇرۇن ئالدىئالا باغدارمالاشتۇرۇلغان ئادەملەرنىڭ تۇغۇلۇشىغا ھۆكۈم يۈرگۈزگەن دەپ پۈتكۈل دۇنيانى دەلىللەشكە ھەمىشە بۆلۈنۈپ تۇرىسەن، تەجرىبىخاناڭدا شۇ تەقدىرلەرنى ھەل قىلدىڭ، سەن باشقا ھېچكىم پېتىنمىغان ھەم بىلمىگەن نەرسىلەرنى ياراتتىڭ، ئۆز ئويۇڭ ھەم خىزمەت پىلانىڭ بويىچە قولدا قۇرۇلمالاشتۇرۇلغان ئادەملەرنى ياساپ چىقاردىڭ، سەن ئادەملەرگە يۈرگۈزۈلگەن كۆزگە كۆرۈنمەس ھۆكۈمرانلىقىڭدا دەۋر سۈردۈڭ، ئەقلىڭدىن ئاداشتىڭ!
    ئۇندىن كېيىن ئىككى ئىشنىڭ بىرسى دەپ سەن پۈتكۈل دۇنيا جۇغراپىيىۋى سىياسىتىنىڭ ماسىشتابىدا بېشىڭدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان ھەم يېتىشكەن نەرسىدىن 20 - ئەسىرنىڭ باشلانمىسىدا، مۇقەددىمىسىدە سېزىشتىن، ھېسسىي بىلىشتىن ئۆزۈمگە ئاقلىنىش تاپتىڭ، ئۇندىن قالسا ئىسسىقلىق يادروسىنىڭ كەشپىياتلىرىنىڭ جىددىي ۋاقىتلىرىدا كوھىقاپ ئالدىدا ھېچكىم ئىلىمنىڭ چېپىپ كېتىۋاتقان ئېتىنى تىزگىنىدىن توختاتقان ئەمەس، شۇ ساھەدە ھەرىكەتلەنگەن ئوقۇمۇشلۇقلارنىڭ ھېچكىمى قايتا ئارقىغا قايرىلغان ئەمەس، قۇرۇقدالغان، تىرىكچىلىكتە غايەت زور قورقۇنچ ئېلىپ كېلىۋاتقان دۇنيانىڭ ئەجەلگە قالغان نېگىزلىرىگە قاپسالماسلىقى ئۈچۈن ئۆزىگە - ئۆزى قارشى چىققان ئەمەس. ئىلىم - پەن ئىستراتېگىيىلىك مەقسەتلىرىگە ئەگىشىپ ئىسىمسىز قالغان، بىراق مەزگىل ئۆتكەنسېرى ئاتوم بومبىلىرىنىڭ ئاتىسى دەپ ئېلان قىلىنغان، ھاياتنىڭ ئاخىرىغا يېقىنلاپ كېلىۋاتقانسېرى نامەلۇم قالمىغايتىم دەپ شۇنچكى كۆپرەك رىيازەت چەككەن ئادەملەرنى پۈتكۈل دۇنياۋى شان - شەرەپكە نائىل قىلىپ، كەشپىياتلارنىڭ قالتىس مۇكەممەللىكى ۋە ھەرىكەتلىرىنىڭ جىنايەتكارلىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېرەن قىلماي تەڭ سالماقلىقىنى ساقلاپ كەلدى، ئۇندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىلىم - پېنى ئالغا بېسىۋەردى، چۈنكى، زىيالىي -ئوقۇمۇشلۇقلار ئۈچۈن ئاتومنىڭ ئۈجۈر - بۈجۈرى ۋە چوڭقۇرلۇقىغا شۇڭغۇش ئەھمىيەتلىك ھېسابلىنىدۇ، ھېچنەرسىگە ئىككىلەنمەي، يەنە ھېچنەرسىگە قارىماي، ئادەم بالىسىنڭ ئاجىزلىقىغا قارىماي، ئۇلارغا ئالەمگە يېتىيدىغان كۈچ - قۇۋۋەتكە ئىگە بولۇشقا مۇمكىنچىلىك بەرگۈچى شۇ ئەزرائىلنىڭ كۈچىگە تېزدىن ئىگە بولۇش ئەھمىيەتلىك ئىدى، ھەمدە بۇ ئىلمىي مەپكۇرەلەرگە قارىغۇلارچە چوقۇنۇشتىن كېلىپ چىققان ئۆلۈم ۋەھىمىسىگە كەلسەك، يادروشۇناسلارنىڭ كەشپىياتلىرىنىڭ يۈز بەرمەي بولمايدىغان نەتىجىلىرىگە كەلسەك، ئۇنىڭدا بۇ ئازاب - ئوقۇبەتلەر كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ زىممىسىگە قالىدۇ، ئاتىلارنىڭ جىن ئۇرغاندەك كەشپىياتلىرى ئۈچۈن شۇلار ئازاب چېكىدۇ، نېمە قىلىش كېرەك، ئۆزىگە لازىم بولغىنى ئۈچۈن بۇندىن باشقا ماتېرىيالنى قانداقچە شەكىلگە ئۆزگەرتىش كېرەك، ئۇنى مانا ئاشۇلار ئويلىنىپ، ئاشۇلار ھەل قىلىدۇ، ھازىرغىچە ھەممە ئۆز جايىدا، سەن شۇنىڭدىن ئۈمىدلەنگەنسەن.
    توۋا، ئادەمنىڭ ئالدىدا خۇدا ھېچقانداق جاۋاب بەرمەي تۇرغاندەك قىلاتتى، ئۆزۈڭنىڭ مۆجىزانە تەتقىقاتلىرىنىڭ نەتىجىسى ئۈچۈن جاۋاب بەرمەسلىكىگە سەن چىڭ ئىشىنىسەن، شۇنداق قىلىپ ئۆزۈڭنىڭ ئالىي بۇرچۇڭغا بولغان مەسىھلىك ئىشەنچىڭنى قوزغاشقا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ، سېنى ھېچنەرسە ھولۇقتۇرۇپ ئالالمايدۇ.
    بەرھەق، سەن ئاشۇ ئالاھىدە كۆزدىن پىنھان ھالدا ئىلىم دۇنياسىدا پارلىغان يۇلتۇز ئىدىڭ، ئايالىڭ يېۋگېنىيە كۈنلەرنىڭ بىرىدە سەندىن قارا زۇكامدىن قاچقاندەك قېچىپ، ئوبلاستلىق تىياتىرخانىنى قىدىرىپ يۈرگەندىن كېيىنمۇ ئاڭا تىياتېرخانىلاردىن قايغۇلۇق قېرىغان ئاياللارنىڭ رولىنى ئېلىش تەگسە تېگىپ، تەگمىسە يوق بولدى، ئۇ سەن بىلەن يۈرۈپ كۆرگەنلىرىنىڭ يەنە بېشىدىن كەچكەنلىرىنىڭ ھەممىسى سەۋەبىدىن، كېيىن توساتتىن بەكمۇ تېز قېرىپ كەتتى، شۇنداق قىلىپ ئايالىڭ قېچىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ سەن ھۇشۇڭغا كەلمىدىڭ، چۆچىمىدىڭ، ئۇدۇلغا كۆز يۈگۈرتۈپ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن چاپمىدىڭ، ھەممىدىن مۇھىمى ئايالىڭنىڭ كۆز ئالدىدا شۇنچىلىك ۋەھىملىك كۆرۈنگەن ئىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆزۈڭ بىلەن كۆرۈشكە ھەرىكەتلەنمىدىڭ، يېۋگېنىيە تەتقىقاتلىرىڭنىڭ ئەھمىيىتىنى دەررۇ بىلەلمىدى. تەجرىبىلىرىڭنىڭ ماھىيىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى دەررۇ پەرقلەندۈرەلمىدى. ئۇ ئىلمىي قىزىقىشتىن يىراق ئىدى، ئۇ باشقا ساھەدە يەنى سەنئەت ساھەسىدە ياشاۋاتاتتى. بىراق، يەنىلا ساڭا يېقىن ئىدى. سەن بىلەن كۆپ يىللاردىن بېرى بىرگە ياشىدى. كۆرگەن، باققىنىڭنىڭ سېنىڭلا يالغۇز ئىشىڭ ئىكەنلىكىگە ئۇ چىدىدى. كېيىن ئۇ ئىشلارنى ئويلاپ سەن قاتتىق ئۆكۈندۈڭ. چۈنكى، ئۆزۈڭگە نورمال ئايالدا بولماس يىرگىنچنى تۇغدۇرۇپ، ئائىلىنىڭ بەخت -سائادىتىنى، قىزىققىنىڭنى چۈشەندىڭ، ئاشۇلارنىڭ بارى سېنى توختاتقان ئەمەس. سەن ئىلىم-پەنگە باشچىلاپ كىرىپ كېتىپ باشقىلارنىڭ، ھەممىدىن بۇرۇن مېنى سۆيگەن ئايالنىڭ سېزىملىرى ۋە ئويلىرى بىلەن ھېسابلاشماي قويغىنىم توغرىمۇ؟، دەپ ئويلىنىپمۇ قويغان ئەمەسسەن، تەتقىقاتىڭنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى يىللار ئۆتۈپ نېمىگە كەلگىنىڭنى ۋە كۆزلىگەن مەقسىتىڭنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇ ئالدىڭدا تىز پۈكۈپ يىغلىدى، ھەممىنى تاشلاپ موسكۋادىن يىراق بىر ياققا، يىراق شەرققە كېتىپ ياشايلى، دەپ يېلىنىپ يالۋۇردى، ئۇ ياقتىمۇ ئىلىم مەركەزلىرىدىمۇ ئىش قىلغىلى بولىدۇ، ئۇ ياقتىمۇ پروفېسسور بىلەن تەڭ ئونۋاندىكىلەرمۇ موسكۋادىكىدىن يامان ھەق ئالمايدۇ، ئۇ ياقتىكى تىياتىرلىك مۇھىتتىن ئۆزىمۇ ئورۇن تېپىۋالاتتىم، يېڭى تۇرمۇش باشلايلى، بالا باقىلى دەپ زارلىدى، بىراق سەن ئايالىڭنىڭ ئېيتقانلىرىغا كۆنگەن ئەمەس، ئۆزۈڭ ئېيتقاندەك ، تەجرىبىلىرىڭنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ يۇمشاق باشلىقى، قورققانلىقى، ئۇنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرى ساڭا تەسىر قىلمىدى، سەن ساڭا ئىشىنىپ بېرىلگەن ئىشنى تاشلىغۇك كەلمىدى، كېيىن قانچىلىك ئۆكۈنگۈنۈڭ بىلەن، بارمىقىڭنى قانچىلىك چىشلىگىنىڭ بىلەن كېچىكتىڭ، تۇرمۇش بىر ئورۇندا تۇرمايدۇ ھەم ئارقىغا قايرىلمايدۇ.
    مەنبە: چىنگىز ئايتماتوۋنىڭ (يۈسۈف ئىگەمبەردى تەرجىمە قىلغان) «كاسساندرا تامغىسى» ناملىق رومانى
     ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.