ئويغانمىغان ئەخلاق ـ پەزىلەت

يوللىغۇچى : yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-24 00:37:00

ئەنگلىيىدە ئوقۇۋاتقان ئامېرىكىلىق بىر يىگىت مەكتەپكە بېرىش ئۈچۈن مېتروغا چىقتى. ۋاگون ئادەم بىلەن تولغان، ئولتۇرغۇدەك بوش ئورۇنمۇ كۆرۈنمەيتتى. ئۇ بىر بوش ئورۇننى كۆرۈپ، بېرىپ ئولتۇراي دېيى...

        ئەنگلىيىدە ئوقۇۋاتقان ئامېرىكىلىق بىر يىگىت مەكتەپكە بېرىش ئۈچۈن مېتروغا چىقتى. ۋاگون ئادەم بىلەن تولغان، ئولتۇرغۇدەك بوش ئورۇنمۇ كۆرۈنمەيتتى. ئۇ بىر بوش ئورۇننى كۆرۈپ، بېرىپ ئولتۇراي دېيىشىگە، يېنىدىكى ئورۇندىكى كېلىشكەن، سېمىز ئەنگلىيىلىك ئايال قۇچىقىدىكى ئىتىنى دەررۇ بۇ ئورۇنغا قويدى.
    ئىت يومشاق ئورۇندۇقتا كۆزىنى يېرىم يۇمۇپ ياتاتتى، ئۇنىڭ ئېگىسىمۇ يېنىدا مۈگدەپ ئولتۇردى.
    ئامېرىكىلىق يىگىت ئىت ئولتۇرغان ئورۇننى ئەدەپ بىلەن كۆرسىتىپ دېدى:-خانىم، بۇ يەردە ئولتۇراي دېۋىدىم.
    سېمىز ئايال گەپ قىلماي، گېلىنى قىرىپ قويۇپ، بېشىنى دېرىزە تەرەپكە بۇرىۋالدى.
    نېمە قىلىشىنى بىلمەي قالغان بۇ يىگىت يەنە بوش ئاۋازدا: خانىم، ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم. بۇ يەردە ئولتۇرسام بولامدۇ؟  دېدى. ئايال يەنە گەپ قىلماي ئولتۇردى.
     -:خانىم، ئىتىڭىزنى ئېلىۋالغان بولسىڭىز،:- يىگىت ئۈچىنچى قېتىم گەپ قىلغاندىمۇ، ئىتنىڭ ئىگىسى ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي، مەغرۇر ئولتۇرىۋەردى. يىگىت ئاچچىقىدا دېرىزىنى ئېچىپ، ئىتنى كۆتۈرگىنىچە سىرتقا تاشلىۋېتىپ، بوش ئورۇندا ئولتۇردى. ئايال يېنىدا بەخىرامان ئولتۇرغان يىگىتكە قاتتىق چىرقىرىغىنىچە چەكچىيىپ قارىدى.
        ۋاگون ئىچى بىردىنلا تىمتاسلىققا چۆمدى. بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان ئەنگلىيىلىك بىر مويسىپىت جىمجىتلىقنى بۇزدى: ماڭا قاراڭ، يىگىت، سىلەر ئامېرىكىلىقلار  ئەنگلىيىدە دائىم خاتالىق سادىر قىلىپ تۇرىسىلەر. ئالايلۇق، ماشىنىلارنىڭ مېڭىش يۆنىلىشىنى ئاڭقىرالماي قالىسىلەر، تاماق يېگەندە ۋىلكا بىلەن پىچاقنى تەڭ تۇتۇۋالىسىلەر، بىنا نومۇرلىرىنىڭ تەرتىپىنى ئالماشتۇرۇپ ئوقۇۋالىسىلەر. بۈگۈن سىزمۇ خاتالىق ئۆتكۈزدىڭىز، ھېچقانداق ئىش ئۇقمايدىغان ئىتنى دېرىزىدىن تاشلىۋەتكۈچە، يېنىڭىزدا ئولتۇرغان بۇ سېمىز ئايالنى تاشلىۋەتسىڭىز بولماسمىدى؟
        دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر يەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى ۋە قائىدە - يوسۇنلىرى ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن مەدەنىيلىك ۋە دوستانە مېھرىبانلىق مۇھەببىتى ئىنسانلارنىڭ ئورتاق گۈزەل ئەخلاقىدۇر.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق