بورىس گودونوۋ(پۇشكىن)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-11 20:54:47

بورىس گودونوۋ ئالېكساندىر سېرگېيىۋىچ پۇشكىن (روسىيە) بورىس گودونوۋرۇسىيەنىڭ مەشھۇر تىل ئۇستىسى، رۇس ئەدەبىياتىنىڭ ئاتىسى دەپ نام ئالغان پۇشكىننىڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ بولۇپ، رۇسى...

    بورىس گودونوۋ
      ئالېكساندىر سېرگېيىۋىچ پۇشكىن (روسىيە)

        بورىس گودونوۋ رۇسىيەنىڭ مەشھۇر تىل ئۇستىسى، رۇس ئەدەبىياتىنىڭ ئاتىسى دەپ نام ئالغان پۇشكىننىڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ بولۇپ، رۇسىيە ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئەمەلى بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلىكنى ئۆزىگە خام ماتېرىيال قىلغان، داڭلىق تارىخى رومان ھىسبلىنىدۇ. روماننىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:


       1898 ـ يىلى ئىۋان گروزىنىينىڭ ئوغلى ـ چار پادىشاھ فىدور دۇنيادىن ئۆتىدۇ. ئۇ ئۆلۈش ئالدىدا ئۆزىنىڭ ۋارىسىنى بەلگىلىمىگەچكە، پادىشاھ ئورنىغا چىقىدىغان  ئادەم بولماي قالىدۇ. فىدرونىڭ ئوغلى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنىسى دىمىترىي كىچىك چېغىدا، يەنى 1591 ـ يىلىلا يىراقتىكى ئۇگلىچ شەھىرىدە باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن ئېپىسكوپ خانىش ئىرىنانى تەختكە ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ. ئىرىنا ئۇنىمايدۇ ھەمدە چېچىنى چۈشۈرۈپ مۇناخ بولۇپ، مۇناستىرغا كىرىپ كېتىدۇ. پادىشاھ فىدورنىڭ خوتۇنىنىڭ تاغىسى بورىس گودونوۋ پەم پاراسەەتلىك ئادەم بولۇپ، ئۇ فىدور ھايات ۋاقتىدىلا باشقا ئاقسۆڭەكلەرنى يېڭىپ، ھۆكۈمەت ۋە دىنىي ھوقۇقنى قولغا كىرگۈزۋالغانىدى. خانىش تەختكە چىقىشنى رەت قىلغاندىن كېيىن ئېپىسكوپ ئاقسۆڭەكەلر پارلامىنتىغا ۋەكالىتەن گودونوۋنى تەختكە چىقىشقا تەكلىپ قىلىدۇ، ھوقۇقنى ئاللىبۇرۇنلا قولغا كىرگۈزۈۋالغان گودونوۋ قەستەن رەت قىلغان بولۇۋالدىۇ شۇنىڭ بىلەن پارلامېنت پۇقرالارنى نامايىشقا ئۇيۇشتۇرۇپ ئۇنى تەكلىپ قىلىشنى قارار قىلىدۇ ھەم خانىشنىڭ گودونوۋقا پادىشاھلىق تاجىنى كىيگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.

       گودونوۋ پادىشاھلىق تەختىگە چىققاندىن كېيىن داۋاملىق پومېشچىكلارنى يۆلەش سىياسىتىنى يۈرگۈزىدۇ روسىيىدىكى يانچىلىق تۈزۈمى كۈندىن ـ كۈنىگە ئېغىرلىشىدۇ، پۇقرالار ئازابتا قالىدۇ. خەلقنىڭ غەزىپى پەلەككە يېتىۇد. دىمترىيىنى گودونوۋ ئۆلتۈرۈۋەتكەنىكەن دېگەن سۆزلەر تارقىلىدۇ: بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان گودونوۋنىڭ يۈرىكىگە خەنجەر سانجىلغاندەك بولىدۇ، پۇقرالارنىڭ تىل ـ ئاھانەتلىرى ئۇنىڭ قۇلىقىغا مۇشت ئۇرغاندەك ئاڭلىنىدۇ، كۆزىگە دائىم ئاقغان بويالغان دىمتىرىي كۆرۈنگەندەك بولىدۇ. روسىيىگە تاجاۋۇز قىلىش كويىدا يۈرگەن پولشا پادىشاھى سۇدىن قۇتۇلدۇرۋېلىنغان، ئۆزىنى «دىمىتىرىي» دەپ ئاتىغان بىرەيلەننى باھانە قىلىپ، موسكۋاغا ھۇجۇم قوزغايدۇ. ئۆزىنى «دىمتىرىي» دەپ ئاتىۋالغۇچى ئەسلىدە موسكۋادىكى چۇتوپ مۇناستىرىنىڭ راھىبى بولۇپ، ئۇ مۇناستىرىدىكى زېرىكىشلىك تۇرمۇشتىن بىزار بولۇپ يۈرگەن چاغلاردا تارىخچى پىمىننىڭ بورىس گودونوۋنىڭ دىمتىرىينى ئۆتلۈرۈشكە قاتانشقانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىسىنى ئاڭلاپ قالىدۇ ـ دە،  بىر چوڭ پىلاننى تۈزۈپ چقىپ، پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرۇپ موسكۋانىڭ پادىشاھى بولماقچى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇناستىردىن قېچىپ چىقىپ ئوكرائىناغا بارىدۇ ۋە ئۇ يەردە ئات مىنىشنى، قىلىچۋازلىق قىلىشنى مەشق قىلىدۇ. ئاندىن لىتۋا ۋە پولشالارغا بېرىپ ئۆزىنى دىمتىرىي دەپ يۈرىدۇ، ئۇ چەت ئەللەرنىڭ كۈچى بىلەن پادىشاھلىق ئورنىغا چىقىشنى مەقسەت قىلىدۇ. پولشا پادىشاھلىقىغا ساداقەتمەن بولۇپ كېلىۋاتقان ساپورنىڭ ياساۋول بېگى مىنوشېك ئۆزىنىڭ سىياسىي مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن برى تەرەپتىن يالغان دىمتىرىينى راست دىمىترىي دەپ پولشا پادىشاھغا تونۇشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن قىزى مالىنانى دىمتىرىيىگە بەرمەكچى بولىدۇ. ئۇ ئەگەردە دىمتىرىي پادىشاھلىق ئورنىغا چىقسا، قىزىم خانىش بولىدۇ. دەپ ئويلايدۇ. مىنوشېك قىزى مالىنانىڭ گۈزەل ھۆسن ـ جامالى بىلەن دىمتىرىينى مەپتۇن قىلىۋالىدۇ. يالغان دىمتىرىي مۇھەببەتنىڭ كۈچى بىلەن مالىناغا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئېيتىدۇ. خانىش بولۇشقا ئالدىراپ تۇرغان مالىنامۇ ئۇنى تېزدىن ئەسكەر باشلاپ موسكۋاغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۈندەيدۇ.

       گودونوۋ يالغان دىمىرىينىڭ پەيدا بولغانلىقىنى ئاڭلاپ غەم ـ ئەندىشىدە قالىدۇ، ھەتتا تەمتىرەپ  تۇتقان ـ قويغىنىنى بىلمەيدۇ. يالغان دىمتىرىي پولشا قوشۇنلىرىنىڭ يردىمى بىلەن روسىيە تۇپرىقىغا قەدەم قويىدۇ. ئەمما تۇنجى قېتىملىق جەڭدىلا مەغلۇپ بولىدۇ. گودونوۋنىڭ قوشۇنلىرى گەرچە كۈچۈك بولسىمۇ، خەلقنىڭ ئىشەنچىسىدىن قالغاچقا خەلق ئارىسىدا تارقاپ يۈرگەن «شاھزادىنىڭ پادىشاھلىقنى قولغا ئېلىشى» توغرىسىدىكى سۆز ـ چۆچەكلەرنى باسالمايدۇ. 1605 ـ يىلى گودونوۋ تاسادىپىي ئۆلۈپ كېتىدۇ. تەختكە ئۇنىڭ ئوغلى فىدور چىقىدۇ. ياش پادىشاھنىڭ ۋەزىرلىرى يالغان دىمتىرىينىڭ تەھدىت سېلىشى ۋە ئالداشلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ياش پادىشاھقا ئاسىيلىق قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يالغان پادىشاھ موسكۋاغا غەلبىلىك ھالدا كىرىپ كېلىدۇ. موسكۋا ئاھالىسى موسكۋاغا ھۇجۇم قىلغۇچى ئىۋان گروزنىيىنىڭ ئوغلى دىمتىرىي ئىكەن دېگەن گەپنى ئاڭلاپ «ھەقىقىي شاھزادە»نى قارشى ئېلىشقا چىقىرىشىدۇ. ئۇلار «ياشىسۇن دادىمىز دىمتىرىي!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ، توپ ـ توپ بولۇشۇپ كىرىمل سارىيىغا كېلىشىدۇ ھمدە بورىس گودونوۋنىڭ پۈتۈن جەمەتىنى يوق قىلىۋەتمەكچى بولىدۇ. ئۇلار كىرىمل سارىيىغا كەلگەندە خانىش مارىيا گودونوۋ بىلەن ياش پادىشاھ فىدورنىڭ ئاللىقاچان ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ئەمما ئۇلار «زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالدى» دېگەن جاكارنى ئاڭلاپ بىرخىل قورقۇنچلۇق سۈكۈت ئىچىدە قالىدۇ.

         دىلشات سۇلتان تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.