بوۋاي بىلەن دېڭىز ھەققىدە (ھېمىڭۋاي)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-27 11:36:00

بوۋاي بىلەن دېڭىز نىڭ قىسقىچە مەزمۇنى(ھېمىڭۋاي) ھىمىڭۋاي كۆپ مەھسۇلاتلىق يازغۇچى، كۆپلىگەن رومان، ھېكايىلەرنى يازغان، ئەمما ئۇنى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتۈرگىنى «بوۋاي بىلەن دېڭىز»دې...

    بوۋاي بىلەن دېڭىز نىڭ قىسقىچە مەزمۇنى (ھېمىڭۋاي)

    ھىمىڭۋاي كۆپ مەھسۇلاتلىق يازغۇچى، كۆپلىگەن رومان، ھېكايىلەرنى يازغان، ئەمما ئۇنى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتۈرگىنى «بوۋاي بىلەن دېڭىز»دېگەن 60بەتلىك كىچىك ھەجىمدىكى 160بەتلىك كىچىك رومان.
      روماندا ئۇ كۇبالىق پېشقەدەم بېلىقچى سانتياكونىڭ دېڭىزدا ئۈچ كېچە ـ كۈندۈز بېلىق تۇتقان كەچۈرمىشى يېزىلغان. سانتياكو ياش چېغىدىلا قابىل دېڭىزچى بولۇپ، يېڭىلگەنلىكىگە تەن بەرمەيدىغان روھقا ئېگە ئىدى. ئۇ باشقىلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۈچ سىنىشىدۇ، بىر كېچە ـ كۈندۈز تىركىشىش ئارقىلىق قارشى تەرەپنى ئاخىرى يېڭىپ چىقىدۇ، شۇڭا جاھانغا پۇر كەتكەن «غالىب»بولىدۇ. قېرىپ قالغان تەقدىردىمۇ، توپ مەيدانىدا چېپىپ يۈرەلەيدىغان قورغان توپ چولپىنى قېرى دىماگىئوغا يەنىلا چوقۇنىدۇ، يەنىلا پەخىرلەنگۈدەك بېلىق تۇتۇش ھۈنىرىنى ساقلاپ قالىدۇ.
       رومان باشلانغان چاغدا، قېرى سانتياكونىڭ تەلىيى ئوڭدىن كەلمەيۋاتقان»ئىدى. ئۇ ئۇدا 84 كۈنگىچە بىر تالمۇ بېلىق تۇتالمايدۇ. شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا ئىشەنچى ۋە ئۈمىدىنى يوقاتمايدۇ، 85 ـ كۈنى تاڭ يورۇشتىن بۇرۇنلا يولغا چىقىدۇ. بۇ قېتىم ئۇ يىراق دېڭىزغا ئۈزۈپ بارىدۇ، چۈشكە يېقىنلاشقاندا ئۇنىڭ كېمىسىدىنمۇ ئۇزۇن كەلگەن يوغان بىر مالىن بېلىقى قارماققا ئىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇمۇ ھايات ـ ماماتلىق ماھارەت كۆرسىتىش سورۇنىغا چۈشۈپ قالىدۇ. قارماققا ئىلىنىپ قالغان يوغان بېلىق كىچىككىنە كېمىنى سۆرىگىنىچە يىراق دېڭىزغا قاراپ ئاستا ئۈزىدۇ، قېرى سانتياكو ئۆزىنىڭ تەجرىبىسى ۋە ئەقىل پاراسىتىنى ئىشلىتىدۇ ھەمدە پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، خىلمۇخىل ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسىىنى ئىشلىتىدۇ، ئىككى كېچە ـ كۈندۈز لەيلەپ يۈرۈش ئارقىلىق، ئادەم بىلەن بېلىق ئوتتۇرىسىدىكى جەڭدە ئاخىر غەلبە قىلىپ، ھېلىقى يوغان بېلىقنى ئۆلتۈرىدۇ. لېكىن، ئۇ چارچاپ ھالىدىن كەتكەنىچە يوغان بېلىقنى سۆرەپ قايتىپ كېلىۋاتقاندا، ئۇنى يېڭى بالايىئاپەت كۈتۈپ تۇرغان بولىدۇ. ئاۋال بىر، كېيىن ئىككى، ئاخىرى توپ ـ توپ ئاكۇلا يېتىپ كېلىپ ھېلىقى ئۈلۈك بېلىقنى خامتالاش قىلىدۇ. ھالسىراپ ھالىدىن كەتكەن سانتىياكو مىڭبىر مۇشەققەتتە قولغا چۈشۈرگەن ئولجىسىنى قوغداش ئۈچۈن ئاكۇلا بىلەن ئېلىشىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ ئاۋۋال چاڭگاك ئىشلىتىدۇ، چاڭگاكنى يوقىتىپ قويغاندىن كېيىن پىچاق ئىشلىتىدۇ، پىچاق سۇنۇپ كەتكەندىن كېيىن يەنە كېمە پالىقىنى ئىشلىتىدۇ، ئاخىرى ھەتتا رولنى چۇۋۇپ قورال قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى ئېلىششتا ئۇ يەنە بىرقانچە ۋەھشىي ئاكۇلانى ئۆلتۈرىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ مالىن بېلىقىنىمۇ ئاكۇلالار تالاپ قۇپقۇرۇق جازا قىلىپ قويىدۇ. روماننىڭ ئاخىرىدا، قېرى سانتياكو جەسۇرلۇق بىلەن بۇ بېلىق جازىسىنى قىرغاققا ئېلىپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ ۋەيرانە كەپىسىگە كىرىپ قاتتىق ئۇيقۇغا كېتىدۇ، ئۇخلاپ چۈشىدە شىرنى كۆرىدۇ.
       بۇ مەغلۇبىيەتكە ئالاقىدار ھېكايە، ئەمما ھېكايىدىكى بوۋاي سانتياكو مەغلۇبىيەت ئىچىدىن قەھرىمان. سانتياكونىڭ پېشانىسىگە تۇغۇلۇشىدىنلا خىلمۇخىل ئېلىشىشلار پۈتۈلگەندەك تۇرىدۇ: ئۇ دېڭىز ھاياتىدىكى ئېلىشىشنى قاتتىق ياخشى كۆرىدۇ، قول ئېلىشىپ، كۈچ سىنىشىشتا ئۇتۇپ چىقىدۇ، قورغان توپ مەيدانىدىكى ئېلىشىشتىن ھۇزۇرلىنىدۇ... كىشىلىك ھاياتتىكى ھەر خىل ئېلىشىشلاردا غەلبىنى قوغلىشىدۇ، ئەمما مەغلۇبىيەتتىنمۇ خالىي بولالمايدۇ، لېكىن دەل ئاشۇ مەغلۇبىيەتتە ئۇنىڭ تىز پۈكمەيدىغان خاراكتېرى نامايەن بولىدۇ. روماندا سانتياكونىڭ مۈشكۈل ئەھۋالدا ئۆز ـ ئۆزىگە دېگەن ئىككى يەردىكى سۆزى كۆرگەن ھامان ئەستىن چىقىپ كەتمەيدۇ. ئۇ ھېلىقى يوغان مالىن بېلىقى بىلەن تىركەشكەندە ئۆز ـ ئۆزىگە : «ئازاپ بىر ئەزىمەت ئۈچۈن ئېيتقاندا ھېچنېمە ئەمەس»دەيدۇ، ئاكۇلالار ئۇنىڭغا قورشاپ ھۇجۇم قىلغاندا، ئۆز ـ ئۆزىگە: «ئەمما، ئادەم تۇغۇلىشىدىنلا مەغلۇب بولمايدۇ، سەن ئۇنى يوقىتىۋېتەلىشىڭ مۈمكىن، لېكىن مەغلۇب قىلالمايسەن» دەپ ۋاقىرايدۇ، بۇ ھاياجانلىنارلىق سۆزلەر ئىرادە ۋە غەيرەت توغرىسىدىكى خىتابنامە، شۇنداقلا سانتياكونىڭ ھايات ئەقىدىسى. ئۇ بىر قەيسەر ئەزىمەتنىڭ ئىگىلمەس ـ سۇنماس ئىچكى دۇنياسىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن، شۇنداقلا نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرنى ھاياتقا يۈزلىنىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشقا رىغبەتلەندۈرگەن.
          ھېمىڭۋاي «بوۋاي بىلەن دېڭىز» ھەققىدە سۆزلىگەندە: «بۇ كىتابتا بىر ئادەمنىڭ ئىقتىدارىنىڭ قانچىلىك دەرىجىگە يېتەلەيدىغانلىقى، ئادەمنىڭ روھىي دۇنياسىنىڭ ئىززەت ـ ھۆرمىتى تەسۋىرلەنگەن»دېگەن. شۇنداق، مەڭگۈلۈك تەبىئەتنىڭ كۈچ ـ قۇدرىتى ئالدىدا ئادەم دېگەن كىچىككىنىلا بىر ئىش، ئۇ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشى مۈمكىن، ئەمما ئادەم مەغلۇبىيەت ئالدىدا تەمكىن تۇرالايدىغان، ئۆزىنى يوقىتىپ قويمايدىغان، كىشىلىك قەدر ـ قىممىتىنى ساقلىيالايدىغان ئېگىلمەس ـ سۇنماس ئىرادىگە ئىگە بولسىلا، بۈيۈك ئادەم، «يېڭىلمەس ئادەم»بولالايدۇ، ئۇنىڭ روھىيىتى يېڭىلمەيدۇ، روھىي دۇنياسى ئۆلمەيدۇ.ھېمىڭۋاي ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدىكى ئىجادىيىتىدە بىر قاتار ئەزىمەتلەر ئوبرازىنى ياراتقان. ئۇلار ياكى فاشىزمغا قارشى جەڭچى، ياكى بوكسچى، ياكى كالا بىلەن ئېلىشقۇچى، ئەمما ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە، يەنى ھەممىسى شان ـ شەرەپكە، قەتئىيەت بىلەن چىدامغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، جاپا ـ مۇشەقققەتلىك تۇرمۇشتا ئۇلارنىڭ ھەممىسى يوقاتقىلى بولمايدىغان قەيسەر ئەزىمەتلەر. ئۇلار ئادەتتە «ھېمىڭۋايچە قەھرىمانلار»دەپ ئاتىلىدۇ.
    سانتياكو شەك ـ شۈبھىسىزلا «ھېمىڭۋايچە قەھرىمانلار» ئىچىدىكى كارامەت ياخشىلىرىنىڭ بىرى.

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 10:11:37]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.