ئەدەبىيات ئۆلدىمۇ؟(ھىللىس مىللىر)

يوللىغۇچى : AQURUK يوللىغان ۋاقىت : 2007-12-03 13:33:00

ئەدەبىيات توغرىسىدىكى نۇرغۇن چۈشەنچىلىرىمىزنىڭ 19- ئەسىردىكى روس ئەدەبىياتى نەزەرىيىسى ئاساسىغا ئورنىتىلغانلىقى، دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ 20- ئەسىردىكى نەزىيىۋى نەتىجىلىرىنىڭ تۈرلۈك ئامىللار سەۋە...

       ئەدەبىيات توغرىسىدىكى نۇرغۇن چۈشەنچىلىرىمىزنىڭ 19- ئەسىردىكى روس ئەدەبىياتى نەزەرىيىسى ئاساسىغا ئورنىتىلغانلىقى، دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ 20- ئەسىردىكى نەزىيىۋى نەتىجىلىرىنىڭ تۈرلۈك ئامىللار سەۋەبىدىن تونۇشتۇرۇلمىغانلىقى ياكى ئاز تونۇشتۇرۇلغانلىقى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن ئەدەبىيات توغرىسىدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرگە بولغان چۈشەنچىمىز يەنىلا بىكىنمە ھالەتتە تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. دوستلىرىمىزنىڭ ئەدەبىيات توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرىگە ئازراق پايدىسى بولارمىكىن، دېگەن ئۈمىدتە ھىللىس مىللىرنىڭ 2001- يىلى يازغان «ئەدەبىيات ئۆلدىمۇ» ناملىق كىتابىنىڭ بەزى مەزمۇنلىرىنى دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇپ بېقىشنى لايىق تاپتىم.
    ئالدى بىلەن بۇ كىتابنىڭ مۇندەرىجىسىنى دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنىمەن:

    كىتاب ئىسمى: ئەدەبىيات ئۆلدىمۇ
    ئاپتورى: ھىللىس مىللىر

    ئاپتورنىڭ تەرجىمھالى:
       ھىللىس مىللىر 1928- يىلى تۇغۇلغان، خارۋارد ئۇنىۋېرستىتىنىڭ دوكتورى. ئامېرىكىدىكى مەشھۇر ئەدەبىي تەنقىدچى، ياۋروپا- ئامېرىكا ئەدەبىياتى ۋە سىلىشتۇرما ئەدەبىيات تەتقىقاتىدىكى نوپوزلۇق شەخىس، يەشمە قۇرۇلمىزم تەنقىدچىلىكىنىڭ مۇھىم ۋەكىلى، خوپكىنىس ئۇنىۋېرسىتېتى، يالى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان، ھازىر ئىۋاندا شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنگلىز تىلى ھەم سىلىشتۇرما ئەدەبىيات فاكولتىتى ۋە تەتقىد نەزەرىيىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ نوپوزلۇق پروفېسسورى. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «نەزەرىيىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى»، «پىروزا ۋە تەكرارلىق»، «ئۇ» قاتارلىقلار بار.

    ئېشىپ قالىدىغىنىڭ ھەممىسى ئەدەبىيات.
    ـــ ۋېرلىن
    مۇندەرىجە:
    1- باب ئەدەبىيات دېگەن نېمە؟
    خەيرى خوش ئەدەبىيات؟
    نېمە ئەدەبىياتنى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇرىدۇ؟
    مەتبەئە دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشى
    خوش، ئەدەبىيات دېگەن نېمە؟
    ئەدەبىيات يېزىقنىڭ مەلۇم خىل قوللىنىلىشدىن ئىبارەت
    ئەدەبىيات ئەلمانىيىچە سېھرىگەرلىكتۇر
    2- باب ئەدەبىيات مەۋھۇم رېئاللىق
    «كۈنجۈت ئىشىكنى ئاچ»
    نېمە ئۈچۈن ئەدەبىيات سىھرى كۈچكە ئىگە بولىدۇ؟
    تۇنجى جۈملە روھنى چىللاشقا ئوخشايدۇ
    ئەدەبىياتنىڭ ناتونۇشلۇقى
    ئەدەبىيات تىلنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدۇر
    ئەدەبىيات ئۆزىنىڭ مەخپىيىتىنى قوغدايدۇ
    ئەدەبىيات سىتىلىىستىكىلىق تىل ئىشلىتىدۇ
    ئەدەبىيات كەشىپ قىلىشمۇ ياكى بايقاشمۇ؟
    3- باب ئەدەبىياتنىڭ مەخپىيىتى
    ئەدەبىيات ئەلمانىيىچە چۈشتۇر
    دوستويىۋىسكىنىڭ «پۈتۈنلەي يېڭى دۇنيا» سى
    تروللوپنىڭ خەتەرلىك ئادىتى
    ھىنرى جامىسنىڭ ئادىمىزات ئاياغ باسمىغان قارلىق دالىسى
    بىنجامىننىڭ ساپ تىلى
    پروست: بىمەنىچىلىكتىن ئىبارەت ئەدەبىيات
    بىلانشۇتنىڭ دېڭىز ئالۋاستىسى ناخشىسى
    دىرىددا: ئەدەبىيات تامامەن ئۇدىن ئىبارەت
    سۈپەتسىز قوشۇن

    4- باب نېمە ئۈچۈن ئەدەبىياتنى ئوقۇيمىز
    مەۋھۇم رېئاللىق سىزگە پايدىلىق
    «ئىنجىل» ئەدەبىيات ئەمەس
    ئەپلاتوننىڭ ئىپوس دىكلىماتسىيىچىلىرىنى كەمسىتىشى
    ئەپلاتون شېئىردىن نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا قورقىدۇ؟
    ئارستوتىلنىڭ شېئىر ئۈچۈن مۇنازىرىگە چۈشۈشى
    ئارستوتىل تېخى ھايات
    ئەدەبىيات باشقىچە تۈستىكى ئاپتوبېئوگرافىيىدۇر
    ئاپتور ئالدامچىدۇر
    ئەدەبىيات تىل ھەرىكىتىدىن ئىبارەت
    5- باب ئەدەبىياتنى قانداق ئوقۇغۇلۇق
    تەلىم بەرگۈچىلەرنىڭ ئوقۇشى كۈچنى خورىتىدۇ
    ئوقۇش «غالجىرلىق» دۇر
    ياخشى ئوقۇش ئاستا- ئاستا ئوقۇشتۇر
    ئوقۇشتىكى لوگىكىسىزلىق
    نېمە ئۈچۈن مەن «شېۋىتسارىيىدىكى روبىنسون ئائىلىسى» نى قىزغىن سۆيىمەن
    «ئىزىلەڭگۈلۈك» بىلەن «شېۋىتسارىيىدىكى روبىنسون ئائىلىسى» نى ئوقۇش
    6- باب قانداق سىلىشتۇرۇپ ئوقۇغۇلۇق
    «شېۋىتسارىيىدىكى روبىنسون ئائىلىسى» نىڭ ئالدى- كەينى
    «بەخت» شىۋىنىزمچە تەنقىدتىن ئىبارەت
    ئەدەبىيات ۋە ئىدىيە تارىخى
    «شېۋىتسارىيىدىكى روبىنسون ئائىلىسى» نىڭ سىھرى كۈچى
    روبىنسونچە ئۇسلوپتىكى كىتاب ۋە جاھانگىرلىك
    ئەلىس مەجمۇئەسى: «شېۋىتسارىيىدىكى روبىنسون ئائىلىسى» نىڭ قۇرۇلما چۈشەندۈرۈلىشىدىن ئىبارەت.

    ئەڭ ئاخىرقى مەدھىيە ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن ئوقۇش



    تۆۋەندىكىسى كىتابنىڭ 1- بابىنىڭ بىر قىسمى

    ئەدەبىيات دېگەن نېمە
    ئارغتۇغ تەرجىمىسى

    خەيرى خوش، ئەدەبىيات؟

        ئەدەبىيات ئاخىرلىشىدۇ، ئەدەبىياتنىڭ مەھشەر كۈنى يېتىپ كېلىدۇ، بۇ چاغ ئوخشاش بولمىغان مىدىيەلەر ئۆزىنىڭ ئەدەبىياتىغا ئىگە بولىدىغان دەۋردۇر. ئەدەبىيات مەھشەر كۈنىگە دۇچ كەلسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئەبەدىيلىك، دۇنياۋىدۇر. ئۇ بارلىق تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ۋە تېخنىكا ئۆزگىرىشلىرىگە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. ئەدەبىيات ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئورۇندىكى پۈتكۈل ئىنسانىيەت كۇلتۇرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ، بۈگۈنگى كۈندىكى «ئەدەبىيات» ھەققىدىكى بارلىق كەسكىن قايتا ئويلىنىشلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئىككى ئۆزئارا زىددىيەتلىك ھۆكۈمنى ئالدىنقى شەرت قىلىشى لازىم.
    بۇ خىل زىددىيەتلىك ھالەت قانداق كېلىپ چىققان؟ ئەدەبىياتنىڭ تارىخى بار. مەن دەۋاتقان «ئەدەبىيات» بىز غەربتىكى تۈرلۈك تىللاردا ئىشلىتىدىغان literature (ئىنگلىزتىلى ياكى فرانسوز تىلىدا)، letteratura (ئىتالىيان تىلىدا)، literatura (ئىسپان تىلىدا)، Literatur (گىرمان تىلىدا) دېگەن سۆزلەرنى كۆرسىتىدۇ. ياك دىرىددا «ئۆلۈم: توقۇلما ۋە شاھىد» دا «ئەدەبىيات» دېگەن سۆز لاتىن تىلىنى مەنبە قىلغان، ئۇ ئۆزىنىڭ رىم ـــــ خرىستىيان دىنى ــــ ياۋروپا مەنبەسىدىن ئايرىلالمايدۇ، دەپ كۆرسەتكەنىدى. ھازىرقى زامان مەنىسدىكى ئەدەبىيات غەربىي ياۋروپادا پەيدا بولغان بولۇپ، ئەڭ بۇرۇن بولغاندىمۇ 17- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى باشلانغان. يەنى ئەينى چاغدا بۇ سۆز ئۆزىنىڭ ھازىرقى زامان مەنسىگە ئىگە بولمىغان. ئوكىسفورت ئىنىگلىز تىلى سۆزلۈكى (牛津英语词典) گە ئاساسلانغاندا، «ئەدەبىيات» نىڭ تۇنجى قېتىم ھازىرقى زامان مەنىسىدە ئىشلىتىلىشى تېخى يېقىنقى ئىش ئىكەن. ھەتتا سەيمىل جونسوننىڭ «خەتلىك» (字典، 1755- يىلى) ىدىن كېيىنمۇ «ئەدەبىيات» شېئىر، بېسىلىپ كىتاب شەكلىگە كەلتۈرۈلگەن درامما ۋە پېروزىدىن باشقا يەنە ئەسلىمە، تارىخنامە، خەت- چەكلەر توپلىمى، ئىلمىي ماقالە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەپ قارالغان. ئەدەبىياتنىڭ پەقەت شېئىرىيەت، درامما، پېروزا بىلەنلا چەكلىنىشى تېخىمۇ يېقىنقى ئىشتۇر. جونسوننىڭ ئەدەبىيات ھەققىدىكى ئىنىقلىمىسىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈنلەي ۋاقتى ئۆتتى. ئۇ ئەدەبىيات «يېزىق ياكى كىتابلارنى پىششىق بىلىش، كەسكىن ياكى ئىنسانپەرۋەر ئىلىم، ئەدەبىيات كۇلتۇرى» دۇر، دېگەنىدى. «ئوكىسفورت ئىنگلىزچە خەتلىكى» (牛津英语字典) دە 1880- يىلىغا مەنسۇپ «ئۇ ئەدەبىياتى تولىمۇ ئاز ئادەم» دېگەن بىر مىسال كۆرسىتىلگەن. پەقەت «ئوكىسفورت ئىنگلىزچە سۆزلۈكى» (牛津英语词典) نىڭ 3- ماددىسىغا كەلگەندىلا بىز تۆۋەندىكىدەك ئىنىقلىمىغا ئىگە بولالايمىز:
    پۈتكۈل ئەدەبى ئىجادىيەتنى كۆرسىتىدۇ؛ مەلۇم بىر دۆلەت، مەلۇم بىر مەزگىل ياكى پۈتۈن دۇنيادا روياپقا چىققان پۈتكۈل يېزىقچىلىقتۇر. بۈگۈنكى كۈندە يەنە چەكلىك مەنىدە ئىشلىتىلىپ، شەكىل گۈزەللىكى ياكى ھىسسىيات ئۈنۈمى نۇقتىسىدىن تېخىمۇ بەكرەك مۇتالىئە قىلىنىدىغان ماقالىلەرنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.
    ئوكىسفورت ئىنگلىزچە سۆزلۈكىدە تىلغا ئېلىنغان بۇ ئېنىقلىما «ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىدە ئىنتايىن كېچىكىپ پەيدا بولغان». ئۇنىڭ پەيدا بولۇشىنى 18- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بىكىتىشكە بولىدۇ. ئەڭ بولمىغاندىمۇ ئەنگلىيىدە ئۇ يوسىپ ۋالتون (1722 ــــ 1800) بىلەن توماس ۋالتون (1728 ـــ 1790) نىڭ خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك. ئىدمونىد گوس 1915- 1916- يىلىدىكى «رومانتىزىمنىڭ ئىككى ئاساسچىسى: يوسىپ ۋە توماس ۋالتونلار» ناملىق ماقالىسىدە ئۇلار ئەدەبىياتقا ئۇنىڭ ھازىرقى زاماندىكى ئىنىقلىمىسىنى بەردى، دېگەنىدى. يېڭى مىدىيەلەرنىڭ پەيدىنپەي مەتبەئە كىتابلىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل مەنىدىكى ئەدەبىيات ھازىر ئاخىرلىشاي دەپ قالدى.

            نېمە ئەدەبىياتنى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇرىدۇ؟

    غەربنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئەدەبىياتنى جەزمەن كۇلتۇر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قىلىدىغىنى نېمە؟ غەرب ئەدەبىياتى مەتبەئە كىتابلىرى ھەم باشقا مەتبەئە شەكىللىرى (مەسىلەن، گېزىت، ژۇرنال، تۈرلۈك مەتبۇئات) دەۋرىگە مەنسۇپ. غەرب پەيدىنپەي ھەممە ئادەم دېگۈدەك ساۋاتلىق بولغان ۋەزىيەتنى ئىشقا ئاشۇردى. ئەدەبىيات بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كەڭ كۆلەمدىكى ساۋاتلىقلار بولمىسا ئەدەبىيات بولمايدۇ. ئەدەبىيات يەنە 17- ئەسىردىن كېيىن غەرب دېموكراتىك تۈزۈمىنىڭ پەيدىنپەي مەيدانغا كېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. دېموكراتىيە تۈزۈمى سايلام ھوقوقى، قانۇنلۇق ھۆكۈمەت، مۇنتىزىم ئەدلىيە سىستېمىسى، ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق ۋە پۇقرالىق ئەركىنلىكى قاتارلىقلاردىن دېرەك بېرەتتى. بۇ دېموكراتىك ئەللەر بىرقەدەر ئومۇميۈزلۈك بولغان مائارىپنى ئاستا- ئاستا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلقىنى نەشر ئەپكارلىرى ۋە نەشر قىلىنغان يېڭى كىتابلارغا ئىرىشىش ھوقوقىغا ئىگە قىلدى.
    ئەلۋەتتە، بۇ ئەركىنلىك ئۈزۈل- كېسىل ئەمەس. بۈگۈنكى كۈندىكى ئەڭ دېموكراتىك دۆلەتتىمۇ تۈرلۈك شەكىلدىكى تەكشۈرۈشلەر مەتبەئە ماشىنىلىرىنىڭ كۈچىنى چەكلىمەكتە. مەتبەئە ماشىنىسىغا ئوخشاش ھوقوقنىڭ سىنىپىي ئايرىمىسىنى بۇزۇپ تاشلىغان يەنە بىر تېخنىكا يوق. مەتبەئە ماشىنىسى فىرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابى، ئامېرىكا ئىنقىلابىدەك بۇنداق دېموكراتىك ئىنقىلابلارنى مومكىنچىلىككە ئايلاندۇردى. بۈگۈنكى كۈندە ئىنتىرنىت تورى موشۇ خىل ئىقتىدارنى ئادا قىلماقتا. ئىلگىرىكى ئىنقىلابلارغا نىسبەتەن مەتبەئە ئارقىلىق مەخپىي مەلۇمات ، تەشۋىقات، ھۆرلۈك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسەرلەرنى تارقىتىشنىڭ مۇھىملىقى بەجايىكى ئېلخەت، ئىنتىرنىت تورى، يانفۇن، لەپتوپ (قول كومپىيۇتېرى) نىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بارلىق ئىنقىلابلاردا مۇھىم بولىدىغىنىغا ئوخشايىتتى. ئەلۋەتتە، بۇ ئىككىخىل ئالاقە تۈزۈلمىسى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كۈچلۈك ئېكىسپىلاتتاتسىيە قىلىش قۇرالىدۇر.
    ھازىرقى زامان دېموكراتىيىسىنىڭ باش كۆتۈرۈشى ھازىرقى زامان مىللى دۆلەتلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىن دېرەك بەردى. ھەرقايسى ئەل پۇقرالىرى ئىچىدە ھازىرقى زامان مىللى دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى مىللەت، تىلدىكى بىرلىككە ئىلھام بەردى. ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ئاممىباب ئەدەبىيات ئىدى. ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغىنى لاتىن تىلىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان تىل سۈپىتىدە پەيدىنپەي يوقىلىشى بولدى. مىللىي دۆلەتلەرگە ئەگىشىپ مىللىي ئەدەبىيات ئۇقۇمى، يەنى مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ تىلى ياكى ئاممىباب تىلدا يېزىلغان ئەدەبىيات پەيدا بولدى. بۇ خىل كۆز قاراش بۇ خىل نۇقتىئىينەزەر مەكتەپلەر ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئەدەبىيات تەتقىقاتىدا كۈچلۈك نامايەن بولدى، ئۇ تۈزۈملەشتۈرۈپ ئايرىۋەتكەن فىرانسوز تىلى فاكولتېتى، گىرمان تىلى فاكولتېتى، ئىنگلىز تىلى فاكولتېتى، سىلاۋىيان تىلى فاكولتېتى، ئىتالىيان تىلى فاكولتېتى، ئىسپان تىلى فاكولتېتلىرى غاچ- غۇچ يوقالمايدۇ، يەنە قايتا بىرىكىدۇ، نۆۋەتتە بۇنىڭغا نىسبەتەن غايەت زور توسالغۇ مەۋجۇت بولماقتا.
    غەرب ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى نۇقتىئىينەزىرىنىڭ تىكلىنشى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ھازىرقى زامان تەتقىقات خاراكتېرىدىكى ئالى مەكتەپلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەنمۇ بولدى. ئادەتتە ئەڭ دەسلەپكى ھازىرقى زامان ئالى مەكتىپى ۋىليام ۋون خۇمبولدىت پىلانلىغان لايىھەنىڭ يېتەكچىلىكىدە قۇرۇلغان بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدۇر. ھازىرقى زامان تەتقىقات خاراكتېرلىك ئالىي مەكتەپلىرى ئىككى ياقىلىما بۇرچنى ئۈستىگە ئالغان، بىرىنچىسى «بىلىم» يەنى بارلىق ھەقىقەتلەر توغرىسىدىكى ئىزدىنىش؛ ئىككىنچىسى، «مائارىپ» بولۇپ، بىر دۆلەتنىڭ ئېتىكىسىغا ئۇيغۇن ھالدا مەزكۇر دۆلەتىنىڭ پۇقرالىرى (ئەڭ دەسلەپتە ئاساسەن ئەر پۇقرالار) نى تەربىيىلەش ئىدى. ھازىرقى زامان ئەدەبىيات قارىشى تەتقىقات خاراكتېرلىك ئالى مەكتەپلەر ھەم ئالى مەكتەپلەرگە تەييارلىق قىلىدىغان تۆۋەن دەرىجىلىك مەكتەپ مائارىپى تەرىپىدىن يارىتىلغان دېسەك بۇ بەكىم مۇبالىغە بولۇپ كېتەر. نېمىلا بولسۇن، گېزىت، ژۇرنال ھەم نائاكادىمىيە تەنقىدچىلىرى ۋە ئوبزور خادىملىرىمۇ كۈچىنى بىغىشلىغان، مەسىلەن، ئامېرىكىلىق جونسون، كولىرىج. ئالىي مەكتەپلەر تەربىيىلەپ چىققان يازغۇچىلار بىزنىڭ ئەدەبىيات قارىشىمىزغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. مەسىلەن، گىرمانىيىلىك ئاكا- ئۇكا شىلەيگىرلار ھەم گىرمانىيە رومانتېزىم ئېقىمىدىكى بارلىق تەنقىدچىلەر ۋە پەيلاسوپلار. ئەنگلىيىنى مىسالغا ئالساق، ئوكىسفورت ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ۋودىسۋورزنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ، ئۇنىڭ «لېرىك شېئىرلارغا مۇقەددىمە» سى نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرگە شېئىر ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش يوللىرىنى تەبىرلەپ بەردى. ۋىكتورىيە دەۋرىدە ئوكىسفورتتا تەربىيىلەنگەن ئارنولىد ئەنگلىيە- ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ئەدەبىيات تەتقىقاتىنى تۈزۈملەشتۈرۈشنىڭ ئاساسچىسى. بۈگۈنكى كۈندىكى كونسېرۋاتىزم چەمبىرىكى ئىچىدە يەنىلا ئارنولىدنىڭ ئىدىيىسى ھۆكۈم سۈرمەكتە.
    ئارنولىد گىرمانىيىلىكلەرنىڭ «ياردىمى» دە «تەربىيىلەش» مەسئۇلىيىتىنى پەلسەپىدىن ئەدەبىياتنىڭ زىممىسىگە يۈكلىدى. ئارنولىدنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، ئەدەبىيات پۇقرالارغا «دۇنيادىكى بىلىنگەن ۋە مۇلاھىزىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ ياخشى نەرسىلەر» نى بىلدۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق پۇقرالارنى يارىتاتتى. ئارنولىدقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ «ئەڭ ياخشى نەرسىلەر» ھومىر، «ئىنجىل» دىن تارتىپ گىيوتى، ۋودىسۋورزغىچە بولغان غەرب كىلاسسىك ئەسەرلىرىنىڭ ئىچىدە ئىدى. مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر يەنىلا مەكتەپ مۇئەللىملىرىنىڭ ئېغىزىدىن تۇنجى قېتىم ئەدەبىيات دەپ بىرنەرسىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلايىتتى.
    ئالى مەكتەپلەر ئىزچىل تەتقىقات خاراكتېرلىك كۇتۇبخانا ۋە نادىر نۇسقىلارنى ساقلاپ قېلىشقا تايىنىپ، كىتاب، گېزىت- ژۇرنال، قوليازمىلارنى يىغىپ، ئەدەبىياتنى ساقلاش، كاتولوگ تۈزۈش، قوغداش، تەقرىز، بايان قىلىشقا مەسئۇل بولغان. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «بىلىم بۇرچى» دا («مائارىپ» بۇرچىدا ئەمەس) ئەدەبىياتنىڭ مۇناسىپ ئورنى بولدى. مەن 20- ئەسىرنىڭ 50-، 60- يىللىرى جون خوپكىنىس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاندا، ئەدەبىيات فاكولتېتىدا بۇنداق ئىككى ياقىلىما بۇرچ بۇرۇنقىدەكلا ئىدى، بۈگۈنكى كۈندىمۇ يوقىلىپ كەتكىنى يوق.
    ھازىرقى زامان دېموكراتىك تۈزۈمى ئاستىدا ئەدەبىياتنى مومكىنچىلىككە ئايلاندۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىك ئېھتىمال سۆز ئەركىنلىكى، جۈملىدىن سۆزلەش، يېزىش، نەشر قىلىش كەبى بارلىق ئەركىنلىكلەر بولسا كېرەك. سۆز ئەركنىلىكى ھەربىر ئادەمنىڭ ھەممە نەرسىدىن گۇمانلىنىشىغا، ھەممە نەرسىنى تەنقىتلىشىگە رۇخسەت قىلىدى. ئۇ ھەتتا ئادەملەرنى سۆز ئەركىنلىكى ھوقوقىنى تەنقىتلەشكە ھوقوقلۇق قىلدى. خۇددى دىرىددا كۆرسەتكەندەك، غەرب مەنىسىدىكى ئەدەبىيات سۆزلەشتىكى بارلىق ھوقۇقلارغا تاياندى ھەم ئۆزىنىڭ ئىش ھەرىكىتىگە مەسئۇل بولماسلىق ھوقوقىغىمۇ تاياندى. بۇ قانداق گەپ؟ ئەدەبىيات تەسەۋۋۇر ساھەسىگە مەنسۇپ، ئەدەبى ئەسەرلەردىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئوموملاشتۇرۇپ تەجرىبىچانلىق، قىياستىن ئىبارەت بولۇپ، كۆرسىتىپ بېرىش ياكى ئورۇنلاش فونكىسىيىسى بولمايدۇ، دېيىشكە بولىدۇ. دوستويىۋىسكى قاتىللارنى قوللىغۇچى ئەمەس، ئۇ «جىنايەت ۋە جازا» دا قاتىلغا مەدھىيە ئوقۇماقچىمۇ ئەمەس. ئۇ بىر توقۇلما ئەسەر ئىجاد قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭدا قاتىلنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى قىياس قىلىپ باقماقچى بولغان. ھازىرقى زاماندىكى نۇرغۇن رازۋىدكا ھېكايىلىرىنىڭ بېشىدا كونىراپ قالغان مۇنداق بىر ئادەت سۆزى بار: «دۇنيادا بار ھەم دۇنيادا يوق ھەقىقىي شەخىسلەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان جايلار تاسادىپىي توغرا كېلىپ قېلىشتۇر». بۇ بىلدۈرگۈ (ھەمىشە ساختا بولىدۇ) قانۇن تالاش- تارتىشىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈنلا دېيىلمىگەن، ئۇ يەنە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماسلىق ئەركىنلىكىنىمۇ نامايەن قىلىدۇ، بۇ ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى ئەدەبىياتنىڭ بىر ئاساسىي ئالاھىدىلىكى.
    ھازىرقى زامان غەرب ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئالاھىدىلىكى بەجايىكى سۆز ئەركىنلىكىگە رەددىيە بېرىشكە ئوخشايدۇ. دىموكراتىك تۈزۈمدىكى سۆز ئەركىنلىكى بارلىق ئادەملەرنىڭ ھەرقانداق گەپ قىلىشىغا رۇخسەت قىلسىمۇ، بۇ ئەركىنلىك ئىزچىل رەۋىشتە تۈرلۈك شەكىللەردىكى ئېغىر چەكلىمىلەرگە ئۇچراپ كەلدى. مەتبەئە ئەدەبىياتى دەۋرىدە، يازغۇچىلار ئەمەلىيەتتە ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئىپادىلەنگەن ئىدىيىگە مەسئۇل بولۇشقا مەجبۇرلىنپلا قالماي، بۇ ئەسەرلەر پەيدا قىلىدىغان (ياكى باشقىلار تەرىپىدىن پەيدا قىلدى دەپ قارىلىدىغان) سىياسى ياكى ئىجتىمائى تەسىرگىمۇ مەسئۇل بولىدۇ. سىكوت (sir Walter scott) نىڭ ھېكايىلىرى ۋە سىتوۋ خانىمنىڭ «تام تاغىنىڭ كەپىسى» ئوخشىمىغان شەكىللەر ئارقىلىق ئامېرىكا ئىچكى ئۇرۇشىنى پەيدا قىلدى، ئالدىنقىسى ئۆزىنى جەنۇب مۆتىۋەرلىرى ئىچىدىكى رادىكال، ۋاقتى ئۆتكەن رادىكال مۆتىۋەرلىك ئىدىيىسى بىلەن سۇغاردى، كېيىنكىسى كىشىلەرنىڭ قۇللۇق تۈزۈمنى يوقىتىشىغا ئوچۇق- ئاشكارا ئىلھام بەردى، دەپ قارىلىدۇ. بۇ كۆزقاراشلارمۇ يالغان. «تام تاغىنىڭ كەپىسى» نىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى ماۋ زېدوڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىتابلارنىڭ بىرى ئىكەن. ھەتتا بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىرەر يازغۇچىنىڭ مەلۇم بىر ئەسىرىدە دېيىلگىنى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەس بىرەر تەسەۋۋۇر قىلغۇچى شەخىسنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغان كۆز قاراشلىرىنى ئېلان قىلىشى بولسىمۇ، بۇنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقىدىن ئۆزۈمنى قاچۇرىمەن، دېيەلمەيدۇ.
    ھازىرقى زامان غەرب ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا، مەتبەئە كۇلتۇرىنىڭ تەرەققىياتى ياكى ھازىرقى زامان دېموكراتىك تۈزۈمىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە ئوخشاش مۇھىم بولغىنى ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى «ئۆزلۈك» نىڭ ئىختىرا قىلىنىشىدۇر. ئادەتتە بۇ دىكارت ياكى لوكنىڭ سەۋەبىدىن بولغان، دەپ قارىلىدۇ. دىكارتنىڭ «پىكىر قىلىۋاتىمەن، شۇڭا مەۋجۇتمەن» ىدىن لوكنىڭ «ئىنسانلارنى چۈشىنىش ھەققىدە» سىنىڭ 2- جىلىد27- بابىدىكى كىملىك، ئاڭ، ئۆزلۈكنىڭ ئىختىرا قىلىنىشىغىچە، فىشىتنىڭ ھەممىدىن ئەلا «مەن» ىگىچە، ھېگىلنىڭ (گېگىل) مۇتلەق روھىغىچە، نىتچېنىڭ ئۆزلۈك ھوقۇق ئىرادىسىنىڭ سوبىكتىدىن ئىبارەتىگىچە، فىرىئودنىڭ ئۆز بىر بۆلۈك ئۆزلۈكتىن ئىبارەتىگىچە، خوسرىلنىڭ ھادىسىشۇناسلىق ئۆزلۈكىگىچە، ھايدىگگىرنىڭ «ئۆزدىكى مەۋجۇتلۇق» (ئۇ دىكارتنىڭ ئۆزلۈكىگە قارىمۇقارشى دېيىلسىمۇ، يەنىلا بىر خىل باشقا تۈسكە كىرىۋالغان سوبيېكتلىقتىن ئىبارەت) غىچە، ئاۋستىن قاتارلىقلارنىڭ تىل ھەرىكىتى نەزەرىيىسىدىكى ئورۇنلىغۇچى تىل (performative utterance، مەسىلەن، «مەن كاپالەت بېرىمەنكى»، «مەن باغلىشىمەنكى» دېگەندەك) نىڭ سوبيېكتىدىن ئىبارەت بولغان مەنىگىچە، يەشمە قۇرۇلمىزم ئىدىيىسى ياكى كېيىنكى زامانىۋى ئىدىيىلەردىكى سوبيېكت (چىقىرىپ تاشلىنىدىغان نەرسە ئەمەس بەلكى شۈبھىلىنىدىغان بىر مەسىلە) قىچە بولغان ئەدەبىياتنىڭ پۈتكۈل گۈللىنىش مەزگىلىنىڭ ھەممىسى ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق ئۆزلۈك نۇقتىئىينەزىرىگە تايىنىپ، ئۆزلۈكنى ئۆزىنى بىلىشنىڭ، مەسئۇل بولۇشنىڭ سوبيېكتى دەپ قارىدى. ھازىرقى زاماندىكى ئۆزلۈك ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەردە يارىتىلغان ھەممە نېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئۆزىنىڭ سۆزى، تەسەۋۋۇرىغا جاۋابكار بولسا بولىدۇ.
    بىزنىڭ ئەنئەنىۋى مەنىدىكى ئەدەبىياتىمىز يەنە بىر خىل يېڭى ئاپتۇر قارىشى ۋە ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى نۇقتىئىينەزىرىگە بېقىنىدۇ. بۇ ھازىرقى زاماندىكى نەشر ھوقۇقى قانۇنلىرىدا قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرۈشكە مۇيەسسەر بولدى. بەلكى ئەدەبىياتنىڭ بارلىق مۇھىم شەكىللىرى ۋە ماھارەتلىرىنىڭ ھەممىسى يېڭى ئۆزلۈك ئۇقۇمىنى ئىشلەتتى. ئەڭ دەسلەپكى بىرىنچى شەخس پىروزىسى، مەسىلەن «روبىنسوننىڭ سەرگەردانلىق خاتىرىسى» 17- ئەسىردىكى پېروتىستانت دىنى تەۋبە ئەسەرلىرى تىپىنىڭ بىۋاسىتە قەلبىدىكىنى زاھىر قىلىش ئۇسۇلىنى قوللاندى. 18- ئەسىردىكى خەت- چەكچە پروزىچىلىق خەت- چەكلەر بىلەن سوبيېكتىپلىقنى زاھىر قىلدى. رومانتىزملىق شېئىرىيەت بىر لېرك ھېسسىياتنىڭ «مەن» ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. 19- ئەسىر پېروزىسى مۇرەككەپ ئۈچىنچى شەخىس بايان شەكلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ چىقتى. بۇ شەكىل ئىككى سوبيېكتىپلىقنىڭ ۋاسىتىلىق گەپلىرى (بىرى بايان قىلغۇچىنىڭ، بىرى پىرسىناژنىڭ) ئارقىلىق بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ياقىلىمىلىق زاھىر قىلىش ئېلىپ باردى. 20- ئەسىر پېروزىسى بىۋاسىتە سۆز ئىشلىتىش ئارقىلىق توقۇلما شەخسلەرنىڭ «ئاڭ ئېقىمى» نى نامايەن قىلدى. «ئۇلىسىس» نىڭ ئاخىرىدىكى مىرى بىرومنىڭ مونولوگى دەل بۇنىڭ تىپىك مىسالى.

         مەتبەئە دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشى

        ئەدەبىياتنى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇرىدىغان بۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ كۆپ قىسمى بۈگۈنكى كۈندە تىز سۈرئەتلىك بۇرۇلۇشنى باشتىن كۆچۈردى ياكى شۈبھىلىنىشكە بەرداشلىق بەردى. كىشىلەر ھازىر ئۆزلۈكنىڭ بىردەكلىكىلىكى ۋە ئۇزۇنغا سوزۇلۇشچانلىقىنى ئانچە ئىنىق جەزملەشتۈرۈپ كەتمەيدىغان، يازغۇچىنىڭ نوپوزى ئارقىلىق ئەسەلەرگە چۈشەنچە بەرگىلى بولىدىغانلىقىنىمۇ ئانچە مۇئەييەنلەشتۈرۈپ كەتمەيدىغان بولۇپ قالدى. فوكۇنىڭ «ئاپتور دېگەن نېمە؟» سى ھەم رولان بارسېزنىڭ «ئاپتور ئۆلدى» سى ھەممىسى ئەدەبىي ئەسەرلەر بىلەن ئۇنىڭ ئاپتورى ئوتتۇرىسىدىكى ئەزەلدىن مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان مۇناسىۋەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى. (كونا كۆز قاراشلار بويىچە، ئاپتور بىر بىرلىككە كەلگەن ئۆزلۈك، يەنى ھەقىقى شېكىسپىر ياكى ۋولف ئىدى) ئەدەبىياتنىڭ ئۆزىمۇ «ئۆزلۈك» نىڭ پارچىلىنشىنى ئىلگىرى سۈردى.
    ئىقتىساد، سىياسىي، تېخنىكىنىڭ يەر شارىلىشىش قۇدرىتى نۇرغۇن جەھەتلەردىن مىللىي دۆلەتلەرنىڭ بىر- بىرىدىن ئايرىلىشى، ئىچكى بىردەكلىكى ۋە مۇكەممەللىكىنى ئاجىزلاشتۇرماقتا. بۈگۈنكى كۈندە مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەتلەر كۆپ تىللىق، كۆپ مىللەتلىك. ھازىرقى دۆلەتلەر ئىچكى قىسمى بۆلۈنگەن دەپ قارىلىدۇ، چېگرىلىرىدىن ئۆتۈشمۇ ئاسان. بۈگۈنكى كۈندىكى ئامېرىكا ئەدەبىياتى ئىسپانچە، خەنزۇچە، ئامېرىكىدىكى يەرلىك ئىندىئانچە، ئىدىشچە، فىرانسۇزچە قاتارلىقلاردا يېزىلغان ئەسەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنە بۇ توپ ئىچىدىكى ئىنگلىز تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلەرنىمۇ، مەسىلەن ئامېرىكا نىگىر ئەدەبىياتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جۇڭگو 60 نەچچە خىل ئاز سانلىق مىللەتنىڭ تىل ۋە كۇلتۇرىنى ئېتىراپ قىلدى. ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى جەنۇبى ئافرىقىدا 11 خىل ھۆكۈمەت تىلى بار، ئۇنىڭ ئىچىدە ئىنگلىز تىلى بىلەن داچ (گوللانىد) تىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، قالغان توققۇزى ئافرىقا تىلى. ئىچكى قىسىمدىكى بۆلۈنۈشنى ھېس قىلىش ئەدەبىيات تەتقىقاتىنى مىللىي ئەدەبىياتقا ئاساسەن تۈزۈملەشتۈرۈش ئۇسۇلى (ھەربىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتى ئۆزىنىڭ ئەدەبىيات تارىخىغا ئىگە بولۇپ، ھەممىسى يىگانە بىرلا خىل تىلدا يېزىلغان دەپ قاراش) نى ئاخىرلاشتۇرماقتا. 20- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى قورقۇنچلىق ۋەقەلەر (ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە يەھۇدىيلارغا قارىتىلغان قەتلىئام) بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز ھەم غەرب ئەدەبىياتىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. بىلانشوت قاتارلىقلار ھەتتا يەھۇدىي قەتلىئامىدىن كېيىن ئەسلى ئەدەبىياتنىڭ ئاللىقاچان مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس بولۇپ قالغانلىقىنى قايىل قىلارلىق كۆرسىتىپ بەردى.
    ئۇنىڭدىن باشقا تېخنىكا ئىنقىلابى ھەم ئۇنىڭغا ئۇلىشىپلا پەيدا بولغان يېڭى مىدىيەلەرنىڭ تەرەققىياتى ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى ئەدەبىياتنى تەدرىجى ئۆلتۈردى. ھەممىمىز بۇ مىدىيەلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمىز، ئۇلار رادىئو، كىنو، تېلېۋىزۇر، سىنئالغۇ ھەم ئىنتىرنىت تورى، ناھايىتى تىز ئومۇملىشىشى زۆرۈر بولغان سىمسىز سىنئالغۇ قاتارلىقلاردۇر.
    مەن يېقىندا جۇڭگودىكى بىر مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتىم، يىغىندا ئامېرىكىنىڭ ئەدەبىيات ئالىملىرى ۋە جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى يىغىلغانىدى. شۇ قېتىمقى يىغىنغا بۈگۈنكى كۈندىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر، ئەڭ تەسىرى بار جۇڭگو يازغۇچىلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغانىدى، رۇشەنكى، ئۇلار رومانلىرى ياكى ھېكايىلىرى تۈرلۈك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىغا ئۆزگەرتىلگەن يازغۇچىلار ئىدى. ئۆتكەن 10 يىلدا، جۇڭگونىڭ ئەڭ مۇھىم شېئىر نەشر قىلىدىغان ژۇرنىلىنىڭ تىراژى 700 مىڭدىن 30 مىڭغا چۈشۈپ قاپتۇ، 10 نەچچە خىل تەسىرى كۈچلۈك يېڭى شېئىرىيەت ژۇرنىلى مەيدانغا چىقىپ، بۇ قاتمال ۋەزىيەتنى ياخشىلاپ كۆپ مەنبەلىشىشنىڭ ساغلام بەلگىسى بولۇپ قاپتۇ. بىراق، يېڭى مىدىيەلەرگە كۆچۈش شەك- شۈبھىسىزدۇر.

        مەلۇم بىر مىللى دۆلەتنىڭ پۇقراسى ياخشى پۇقراغا ئايلىنىشتا غايە ،ئاڭ فورمىسى، ھەرىكەت شەكىللىرى، ھۆكۈم شەكىللىرىنى ئۆگىنەتتى، مەتبەئە ئەدەبىياتى ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر مۇھىم يول بولۇپ قالغانىدى. ھازىر دۇنيادا ياخشى بولسۇن، يامان بولسۇن بۇنداق رولنى ئوينايدىغىنى رادىئو، كېنو، تېلىۋزور، سىنئالغۇ لىنتىسى، DVD، ئىنتىرنىت تورىغا ئۆزگەردى. بۇ بۈگۈنكى كۈندە ئەدەبىيات فاكولتېتلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ياردەمگە تەستە ئىرىشىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر. جەمئىيەت ئالى مەكتەپلەرنى پۇقرالارنى ئىتىكا بىلەن سۇغىرىدىغان مۇھىم ئورۇن سۈپىتىدە كېرەك قىلمايدىغان بولدى. بۇ خىزمەتنى ئىلگىرى ئىنىستىتۇتلار، ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى گۇمانتار پەنلەر فاكولتىتلىرى (ئاساسلىقى ئەدەبىيات تەتقىقاتى ئارقىلىق) قىلاتتى. ھازىر ئۇ بارغانسىرى تىلىۋېزور، رادىئودىكى گەپ- سۆزلەر، كىنولار تەرىپىدىن قىلىنىدىغان بولدى. كىشىلەرنىڭ بىر تەرەپتىن دىككىنىس، ھىنرى جامېس، تونى مۇررىسۇننىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ بىر تەرەپتىن تىلىۋىزۇر ياكى سىنئالغۇ لىنتىلىرىدىكى كىنولارنى كۆرۈشى بەزىلەر ئۆزىنى بۇ ئىككىسىنى بىرلا ۋاقىتتا قىلالايمەن، دېگەن بولسىمۇ، مۇمكىن ئەمەس. پاكىتلار كىشىلەرنىڭ ۋاقتىنى بارغانسىرى تىلىۋىزۇر كۆرۈش ۋە تورغا چىقىشقا سەرپ قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. يېقىندا ئوستىن، دىككىنىس، تروللوپ، جامىسلارنىڭ ئەسەرلىرىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن كىنولارنى كۆرگەنلەر بۇ ئەسەرلەرنى ئوقۇغانلاردىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن بولۇشى ئېھتىمال. بەزى ئەھۋالدا (مەن بۇ خىل ئەھۋالنىڭ نۇرمال ياكى نۇرمال ئەمەسلىكىنى بىلمىسەممۇ) كىشىلەرنىڭ كىتاب كۆرۈشى ئۇلارنىڭ ئالدى بىلەن تىلىۋىزۇدا ئۆزگەرگىنىنى كۆرۈش بولۇۋاتىدۇ. مەتبەئە كىتابلىرى خېلى ۋاقىتقىچە ئۆزىنىڭ كۇلتۇر كۈچىنى ساقلاپ قالسىمۇ، ئۇنىڭ ھۆكۈمىرانلىق دەۋرى مۇقەررەر ھالدا ئاخىرلاشماقتا. يېڭى مىدىيەلەر بارغانسىرى ئۇنىڭ ئورنىنى ئالماقتا. بۇ دۇنيانىڭ مەھشەر كۈنى ئەمەس يېڭى مىدىيەلەر ھۆكۈمرانلىقىدىكى يېڭى دۇنيانىڭ باشلىنىشىدۇر.
    ئەدەبىياتنىڭ يوقىلىشىدىكى ئەڭ رۇشەن بەلگىلەرنىڭ بىرى پۈتۇن دۇنيادىكى ئەدەبىيات فاكولتىتلىرىنىڭ ياش ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ زور كۆلەمدە ئەدبىيات تەتقىقاتىدىن ئايرىلىپ، نەزەرىيە، كۇلتۇر تەتقىقاتى، كېيىنكى مۇستەملىكە تەتقىقاتى، مىدىيە تەتقىقاتى (كىنو، تىلىۋىزۇر قاتارلىقلار)، ئاممىۋى كۇلتۇر تەتقىقاتى، ئاياللار تەتقىقاتى، قارا تەنلىكلەر تەتقىقاتى قاتارلىقلارغا بۇرۇلۇشىدۇر. ئۇلارنىڭ يېزىقچىلىق، ئوقۇتۇش شەكىللىرى ئادەتتە ئىجتىمائى پەنلەرگە يېقىن بولسىمۇ، ئەنئەنىۋى مەنىدىن ئېيتقاندا گۇمانتار پەنلەرگە يېقىنلاشمايدۇ. ئۇلار يېزىقچىلىق ۋە ئوقۇتۇشتا ھەمىشە ئەدەبىياتنى چەتلەشتۈرۈپ قويىدۇ ياكى ئەدەبىياتنى كەمسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇنلىرى كونىچە ئەدەبىيات تارىخى ھەم كىلاسسىك تىكىسلەرنى ئىنچىكە ئوقۇش بىلەن مەشىقلەندۈرۈلسىمۇ، ئەھۋال يەنىلا شۇنداق بولىدۇ.

        بۇ ياشلار ھەرگىزمۇ ئەخمەق ئەمەس، شۇنداقلا ھېچنەرسىنى بىلمەيدىغان ياۋايىلارمۇ ئەمەس. ئۇلار ئەدەبىياتنى يوقىتىشتا بىر قارارغا كەلمىگەن ھەم ئەدەبىيات تەتقىقاتىنى يوقىتىپ قويغۇسىمۇ يوق. ئۇلار ئادەتتە ئالدىنقىلاردىنمۇ بەكرەك كۆزىتىپ، شامالنىڭ يۆنىلىشىگە قاراپ ئىش تۇتىدۇ. ئۇلار كىنو ياكى مودا كۇلتۇرلارغا ئىنتايىن چوڭقۇر، ماختاشقا ئەرزىگۈدەك قىزىقىدۇ، قىسمەن ئەھۋالدا بۇ نەرسىلەر زور دەرىجىدە ئۇلارنى يارىتىدۇ. ئۇلاردا يەنە بىر خىل ئالدىن كۆرۈش سېزىمى، يەنى ئەنئەنىۋى ئەدەبىيات تەتقىقاتىنىڭ جەمئىيەت ۋە ئالى مەكتەپ دائىرىلىرى تەرىپىدىن ۋاقتى ئۆتتى، دەپ جاكارلىنىدىغانلىقىنى ئالدىن كۆرۈش سېزىمى بار. بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ يېزىق شەكىلدە كۆپلەپ مەيدانغا چىقالماسلىقى ئېھتىمال. ئالىي مەكتەپنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ئۇنچىۋالا شۇم پىشانە ئەمەس. ئۇ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك شەكىللەرنى پەيدا قىلىپ، «تېجەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق يولغا قويۇش» ياكى «قىسقارتىش» نامىدا ياردەم توپلايدۇ. ئامېرىكا ئالى مەكتەپلىرىدىكى كلاسسىك تىللار ۋە ئىنىگلىز تىلى فاكولتىتلىرىدىن باشقا ھازىرقى زامان تىلى فاكولتىتلىرى كۆرگۈلۈكىنى ئەڭ ئالدى بىلەن كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ئالى مەكتەبلەردە ئۇلار ئالىقاچان يوقالدى (ئەڭ دەسلەپكىسى قوشۇۋېتىش شەكلىدە). ئامىرىكىنىڭ ئىنگلىز تىلى فاكولتىتلىرى ئەگەر يەنىلا ئەخمەقلىق قىلىپ، داۋاملىق كلاسسىك ئەنگلىيە ئەدەبىياتىنى ئاساس قىلىپ دەرس ئۆتۈپ، ئۆزلىرى ئۆتىدىغان مەزكۇر دۆلەت تىلىدىكى ئەسەرلەگە خاتا قاراشتا بولسا، قىسقارتىشتىن ئامان قالسىمۇ، بۇنداق ئىنگلىز تىلى فاكولتىتلىرى ناھايىتى تىزلا باشقا فاكولتىتلارغا ئوخشاش كۈلپەتلىك تەقدىرگە دۇچار بولىدۇ.
    ھەتتا ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئىقتىدارى (ئالى مەكتەپ كۇتۇبخانىلىرى ئارقىلىق ساقلىنىدىغان ھەرقايسى دەۋر، ھەرقايسى تىللاردىكى ئەدەبىيات ھەم ئىككىنچى قول ماتېرىياللار) ھازىر رەقەملەشتۈرۈلگەن سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرىغا تىز سۈرئەتتە ئورۇن بەرمەكتە. ھەرقانداق بىر ئادەم كومپىيۇتېرى، مودېمى بولسىلا مۇلازىمىتىر ئارقىلىق تورغا چىقىپ، بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئامبىرىنىڭ نۇرغۇنلىرىدىن پايدىلىنالايدۇ. نۇرغۇن تور بىكەتلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئەدەبى ئەسەرلەرنى توردا ھەقسىز كۆرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭ مىسالى «ئۇچار كېمە ئاۋازى» (the voic of the Shuttle) بولۇپ، چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى سان باربارا مەكتەپ رايونىدىكى ئالان لىيۇ ھەم ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى قامدىماقتا ( http://vos.ucbs.edu ).
         جون خوپكىنىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «مىيۇز قۇرۇلۇشى» (Project muse) كىشىلەرگە نۇرغۇن قەرەللىك ژۇرناللارنى ئوقۇتالايدۇ (http//muse.jhu.edu/jornals/index_text.html).
    تەتقىقات خاراكتىرلىك كۇتۇبخانىلارنىڭ ھازىر ۋاقتى ئۆتتى. ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى «ۋىللىئام بىلاك ئارخىپلىرى تور بىكىتى» (william Blake Archiv website, http//blakearchiv.org/ ) دۇر. ئۇ ئېۋىس (morris eaves)، ئەسك (Robert Essick) ۋە ۋىسكوم (joseph Viscomi) تەرىپىدىن ئېچىلغان. كىم، قەيەردە بولسۇن كومپىيوتىرى ئارقىلىق تورغا چىقالىسىلا بىلاكنىڭ «جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ تويى» (The Marrige of Heaven and Hell) نىڭ ئاساسلىق نەشرلىرىنى ھەم ئۇنىڭ باشقا ئالدىن بىلىشكە ئائىت كىتابلىرىنى (مەن ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرىنى مىسالغا ئالسام، مېئانې شىتاتىنىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى بىر يىگانە ئارالدا بىر يىلنىڭ خېلى كۆپ ۋاقتىنى ئۆتكۈزەتتىم، يەنى بۇ جايدا كىتاب يازاتتىم) كۆرەلەيدۇ. بۇ «قىستۇرما رەسىملىك كىتاب» نىڭ ئەسلى نۇسقىسى ئەنگلىيە- ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن تەتقىقات خاراكتېرلىك كۇتۇبخانىلارغا تارقالغان بولۇپ، ئىلگىرى پەقەت بىلاك مۇتەخەسسىلىرى، پۇل كۆتۈرۈپ ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرلا كۆرەلەيىتتى. تەتقىقات خاراكتېرلىك كۇتۇبخانىلار بۇ كىتابلار ۋە قول يازمىلارنىڭ ئەسلىي نۇسقىسىنى ياخشى ئاسرىشى كېرەك ئىدى، ئۇلار بارا- بارا بۇ ماتېرىياللارنى كۆرۈشنىڭ ياخشى يولى بولماي قالدى.
    كومپيوتېر ئىكرانىدا ئەدەبىيات بۇ خىل يېڭى مىدىيە تەرىپىدىن سىرلىق رەۋىشتە ئۆزگەرتىۋىتىلدى. ئۇ باشقىچە بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى. يېڭى ئىزدەش ۋە كونترۇل قىلىش شەكىللىرى، ھەربىر پارچە ئەسەر ۋە توردىكى سان- ساناقسىز باشقا ئوبراز ئۈسكۈنىلىرنىڭ ھەممىسى ئەدەبىياتنى ئۆزگەرتىۋەتتى. بۇ ئوبرازلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىر يىراق- يېقىنلىق قاتلىمىدا بولدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دەرھال كۆز ئالدىغا ئەكەلگىلى بولىدىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خۇددى تولىمۇ يىراقتا تۇرغاندەك غەيرى، ناتونۇش بولۇپ قالدى. توردىكى بارلىق تور بىكەتلىرىدە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەممە نەرسە ئورتاق ھالدا نابوشلۇق ئىچىدىكى بوشلۇققا قويۇلدى، بىز ئۇنى «تور بوشلۇقى» (cyberspace) دەپ ئاتايمىز. كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلىش بىلەن كىتابنى بىر بەت، بىر بەتتىن ئۆرۈپ ئوقۇش ئاسمان- زېمىن پەرقلىنىدىغان جىسمانى ھەرىكەتتۇر. مەن ئىكراندا ئەسەر ئوقۇشنى ئەستايىدىل سىناق قىلىپ، ھىنرى جامىسنىڭ «مۇقەددەس بۇلاق» (The Sacred Fount) ىنى ئوقۇپ باققانىدىم. ئۇ چاغدا مېنىڭ قۇلۇمدا ئۇ ئەسەرنىڭ مەتبەئە نۇسقىسى يوق بولسىمۇ، توردىكى نۇسقىسىنى تېپىۋالغانىدىم. مەن ئۇنداق ئوقۇشنىڭ ئىنتايىن تەس ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. بۇ شەك- شۈبھىسىزكى، مېنىڭ جىسمانىي ئادىتىمنىڭ مەتبەئە كىتابلىرى دەۋرىدە ئەبەدىيلىك بەلگىلىنىپ بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى.

    (گۇاڭشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2007- يىل 5- ئايدا نەشر قىلغان «ئەدەبىيات ئۆلدىمۇ» ناملىق كىتابتىن)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.