خاددوننىڭ «ئىنسانشۇناسلىق تارىخى» ناملىق كىتابى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-21 22:24:56

ھازىرقى زامان ئىنسانشۇناسلىق ئىلمىگە ئاساس سالغان ئەسەرخاددوننىڭ « ئىنسانشۇناسلىق تارىخى » ناملىق كىتابى ئالفرېد كورت خاددون (1885-1940) ئەنگىلىيىلىك، ھازىرقى زامان ئىنسانشۇناسلىق ئىلمىگە ئاساس ...

    ھازىرقى زامان ئىنسانشۇناسلىق ئىلمىگە ئاساس سالغان ئەسەر
    خاددوننىڭ « ئىنسانشۇناسلىق تارىخى » ناملىق كىتابى


       ئالفرېد كورت خاددون (1885-1940) ئەنگىلىيىلىك، ھازىرقى زامان ئىنسانشۇناسلىق ئىلمىگە ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى.
       خاددون ئۇزۇن مۇددەت ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇ ھازىرقى زامان ئىنسانشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشتىكى بەزى ئاساسىي تېخنىكىلارنى، بولۇپمۇ شەجەرىشۇناسلىقنى قوللىنىشتىن ئىبارەت تەتقىقات ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. خاددوننىڭ خىزمىتى ئىنسانشۇناسلىقنىڭ تەجرىبە پەنلىرى ئارىسىدىكى ئورنىنى تىكلەپ بەردى، دېيىشكە بولىدۇ. 1883- يىلى خاددون كامبېرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدا بەدەن ئىنسانشۇناسلىقى دەرسىنى ئۆتىدۇ؛ 1909- يىلىدىن 1929- يىلىغىچە خاددون ئىرقشۇناسلىق ئالىي لېكتورى بولىدۇ.
       خاددوننىڭ ئۆز تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئاساس قىلىپ يازغان كۆپ ساندىكى ئىلمىي ئەسەرلىرىمۇ ناھايىتى زور تەسىر كۈچىگە ئىگە. خاددون دېڭىز – ئوكيان بىئولوگىيىسىگە دائىر بىر قاتار ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان، بۇلاردىن 1887- يىلى ئېلان قىلىنغان « تۆرەلمىشۇناسلىق تەتقىقاتى مۇقەددىمىسى » ئۇنىڭ تۇنجى ئەسىرىدۇر. 1910- يىلى تاماملانغان « ئىنسانشۇناسلىق تارىخى » خاددوننىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنىڭ بىرى. بۇ ئەسەردە ئىنسانشۇناسلىقنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ئەھۋالى سىستېمىلىق ھالدا بايان قىلىنىپ، ئىنسانشۇناسلىقنى تەتقىق قىلىشتىكى ئاساسلىق يىپ ئۇچى بىلەن تەمىن ئېتىلگەن، ئۇنىڭ ئىنسانشۇناسلىقنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن تۆھپىسى ناھايىتى زور، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئەنگىلىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا داڭلىق
    خاددوننىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن « سەنئەتنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى»، « مىللەتلەرنىڭ كۆچۈشى »، « بىز ياۋروپالىقلار » ( جامىس خوكسلې بىلەن بىرلكتە يازغان ) قاتارلىقلار بار.
    « ئىنسانشۇناسلىق تارىخى » دا ئىنسانشۇناسلىق تەرەققىياتىنىڭ ئۈچ باسقۇچى تەپسىلىي بايان قىلىنغان: بىرىنچى باسقۇچتا كۆپ مىقداردا تارىخى پاكىتلار توپلانغان ھەمدە بۇ پاكىتلار توغرىسىدا پەرەز، تەسەۋۋۇرلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان؛ ئىككىنچى باسقۇچتا بۇ پاكىتلار ۋە پەرەز، تەسەۋۋۇرلار تەرتىپكە سېلىنغان؛ ئۈچىنچى باسقۇچتا ھەر قايسى دەۋرلەردىكى تارىخى پاكىتلار باغلىنىشچانلىققا ئىگە بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلاندۇرۇلغان. خاددون بۇ ئەسىرىدە ئىنسانشۇناسلىق ئىلمىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ئەھۋالىنى سىستېمىلىق ھالدا بايان قىلىپ، ئىنسانشۇناسلىقنى تەتقىق قىلىشنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىن ئەتكەن. ئۇنىڭ ئىنسانشۇناسلىقنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن تۆھپىسى ناھايىتى زور.
    ئاپتور مۇنداق قارايدۇ: ئىنسانشۇناسلىق شۈبھىسىزكى، ئادەمنى تەتقىق قىلمايدۇ. ئادەمنىڭ ئېڭى كەيپىيات، ھېسسىيات، ھەۋەس، قىزىقىش، قاتارلىق روھىي ھالەتلەرنى، شۇنىڭدەك ئىدىيە، ئىرادە، غايە، ئېتىقاد، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەھمىيەتلىك مەدەنىيەت دۇنياسى تەرىپىدىن ئېرىشىلگەن. باشقىچە ئېيتقاندا، مەدەنىيەت دۇنياسى ئادەمنىڭ روھىي مېخانىزمىدا بەرپا قىلىنغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەمنى تەتقىق قىلىشتا مەدەنىيەتنى تەتقىق قىلماي بولمايدۇ، ئادەم بىلەن مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلماي بولمايدۇ. شۇنداق قىلىپ ئىنسانشۇناسلىقنىڭ بەدەن ئىنسانشۇناسلىقى ۋە مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقىدىن ئىبارەت ئىككى تارمىقى بارلىققا كەلدى:
    ئالدىنقىسى ئىنسانلارنىڭ بىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى، بەدەن تۈزۈلۈشى، شۇنىڭدەك ئوخشاش بولمىغان ئىرقلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى، تارقىلىشى، تەدرىجىي ئۆزگىرىشى، شەكىللىنىشى قاتارلىق تەبىئىي جەريانىنى تەتقىق قىلىدۇ؛ كېيىنكىسى بولسا ئىنسانلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان تارىخى باسقۇچتىكى مەدەنىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئادەمنىڭ روھىي ھالىتىنى بەرپا قىلىش، خاراكتېرىنى يارىتىش، ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىش قاتارلىق مەدەنىيەت جەريانىنى تەتقىق قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقىنىڭ تەتقىقات دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت تۈسىنى ئالغان پائالىيەت ساھەلىرىنىڭ ھەممىسىلا ئۇنىڭ تەتقىق قىلىش دائىرىسىگە كېرىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ مىللەتشۇناسلىق، ئۆرپ – ئادەمشۇناسلىق، ئېتنوگرافىيە، ئارخېئولوگىيە ھەمدە ئەپسانىشۇناسلىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىنسانشۇناسلىقنىڭ باشقا پەنلەر بىلەن ئۆز – ئارا سىڭىشىشى نەتىجىسىدە يەنە نۇرغۇن تارماق پەنلەر شەكىللەندى، قانۇن ئىنسانشۇناسلىقى، پەلسەپە ئىنسانشۇناسلىقى، مائارىپ ئىنسانشۇناسلىقى، تىل ئىنسانشۇناسلىقى، ۋاھاكازالار.
    مەدەنىيەت بۆلۈۋېتىشكە بولمايدىغان ئىجتىمائىي بىر پۈتۈنلۈك ھالىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، پەقەت مەدەنىيەتنى بىر ئىجتىمائىي سىستېما سۈپىتىدە تەتقىق قىلغاندىلا، ئاندىن ئۇنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي قۇرۇلمىلاردىكى ئورنى ۋە رولىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مۇشۇ ئاساستا خاددون مۇنداق دەپ قارىغان: دەسلەپكى ئىنسانشۇناسلىق بىر دۆۋە قالايمىقان پاكىتلار ياكى پەرەزلەردىن ئىبارەت بولۇپ، تارىخشۇناسلار، تەۋەككۈلچىلەر، دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ يادىكارلىقى، ئەستايىدىللىق دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغان ئىشتىن سىرتقى بىلىم ئەھلىلىرى بىلەن تونۇشۇشنى ياقتۇرىدىغان ساھەدىن ئىبارەت بولغان. قالايمىقانچىلىق ئىچىدىن تەرتپلىكلىك بارلىققا كېلىپ، مۇشۇ ئاساستا نۇرغۇنلىغان ئىمارەتلەر بىنا قىلىندى، ئەمما ئۇلار مەزمۇت ۋە مۇكەممەل بولماي قالدى. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلار پۇختا تۈزۈلۈشكە ئىگە، تۇتاش ھەم بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئورۇن بوشاتتى. مانا بۇ ئىنسانشۇناسلىقنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئۈچ باسقۇچىدىن ئىبارەت.
    ئاپتور ئالدى بىلەن ئەڭ دەسلەپتە قالايمىقان پاكىتلار دۆۋىلىرى ئۈستىدە قۇرۇلۇش ئېلىپ بارغان بەزى كىشىلەرنى تىلغا ئالغان، ئۇلار: قەدىمكى گرېتسىيىلىك پەيلاسوپ ئارىستوتېل، بېلگىيىلىك ئاناتومىيە ئالىمى ۋېزالىئۇس، ئەنگىلىيىلىك تىسون ۋە پرىچارد، شۋېتسىيىلىك لىننې، فرانسىيىلىك بۇففون، گېرمانىيىلىك بلۇمېنباخ. مۇشۇ كىشىلەر بۇ پەننىڭ ئاساسىنى سالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئىنسانشۇناسلىقنىڭ ھەقىقىي ئۇل ئاساسىنى سالغۇچىسى، دەپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلاردىن كېيىن، سانى كۆپ ۋە تېخىمۇ مەخسۇسلاشقان ئىنسانشۇناسلىق خىزمەتچىلىرى بارلىققا كەلدى. ئاپتور ئۇلارنى تۇتاش كەتكەن يىللار تەرتىپى بۇيىچە ئەمەس،بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى شۇغۇللىئىۋاتقان ئىنسانشۇناسلىقنىڭ تارماق پەنلىرى بۇيىچە ئوخشاش بولمىغان تېما ئاستىدا بايان قىلغان. ئاپتور خۇكسلېينىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: « بىر ئوبدان مەھەلدە ئارتۇقچىلىق – كەمچىلك ۋە ئۈستۈنلۈك ھوقۇقى مەسىلىسى ئۈستىدە تالاش – تارتىش قىلىپ ئولتۇرۇش ئاۋارىچىلىكى كۆپ بىر ئىش. » مەن پەقەت ئۆز ئەسەرلىرى ئارقىلىق مۇشۇ پەننىڭ تارىخى تەرەققىياتىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقانلار ۋە بۇ پەننى كارامەت ياخشى چۈشەندۈرۈپ بەگەنلەرنىلا تىلغا ئالىمەن، دېگەن.
    مەزكۇر كىتابتا نەزەرىيە تەتقىقاتچىلىرىغا كۆپرەك دىققەت قىلىنىپ، ئەمەلىي تەكشۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىلىدىغانلارغا سەل قارالغان. ئەمما مەزكۇر كىتابنىڭ ھەجمىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مۇشۇنداق قىلماي بولمايتتى. ئاپتور مۇنداق دەيدۇ: بىز ئورماننىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكىنى بايان قىلماقچى بولغىنىمىزدا ئورماننى تەشكىل قىلغان ھەر بىر تۈپ دەرەخنى تەسۋىرلەپ ئولتۇرۇشىمىز مۇمكىن ئەمەس، ئايرىم ئوبيېكتلارغا قارىتىلغان تەپسىلىي تەتقىقات مەيلى قانچىلىك قىممىتى بۆلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئومۇمىي خۇلاسە بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈشى زۆرۈر، ئومۇمىي خۇلاسە بولسا ئاساسلىقى نەزەرىيە تەتقىقاتى ئارقىلىق چىقىرىلىدۇ. بىر تەتقىقاتچى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان جايدىن ئايرىلىپ، كىتاب يېزىپ ئۇ ھەقتىكى خۇلاسىسىنى مۇھاكىمە قىلىشقا كېرىشكەندە ئۇ ھەمىشە ئۆزىنىڭ باشقا ئادەتلەر ۋە ئېتىقادلارغا دىققەت قىلماي قالغانلىقىنى بايقايدۇ. باشقا جايلاردىمۇ ئۇچراتقان بۇ خىل ئادەتلەر ۋە ئېتىقادلارغا ئۇ يا ئېتىبارسىز قارىغان، يا ئۇلارنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويغان بولىدۇ. بۇنىڭ ئەمەلىيەت ئىكەنلىكى ئاللىقاچان ئىسپاتلانغان. ئاپتور مۇنداق دەيدۇ: جاپا – مۇشەققەتتىن باش تارتماي كۆپ مىقداردىكى ئىنسانشۇناسلىققا دائىر ئەسەرلەر، ساياھەت خاتىرىلىرى، قەدىمكى ۋە ھازىرقى زاماندىكى تارىخ ئەسەرلىرىدىن دەلىل – ئىسپاتلارنى يېغىش ھەمدە ئۇلارنى باغلىنىشقا ئىگە ھەر خىل پەرەزلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلىش، مانا بۇ كۇتۇپخانىلاردا ئولتۇرۇپ ئومۇمىي خۇلاسە چىقىرىدىغان ئالىملارنىڭ ئەڭ مۇھىم رولىنىڭ بىرىدۇر. ئىنسانشۇناسلىق ئىلمىنىڭ چېتىلىدىغان دائىرىسىنىڭ كەڭ بۆلىشى ھەمدە ئۇنىڭ باشقا پەنلەر بىلەن بولغان چېگرىسىنىڭ مۈجمەل بۆلىشى ئۇلارغا ئېنىقلىما بېرىش ۋە ئۇلارنى تۈرگە ئايرىشنى ئىنتايىن قىيىن بىر ئىشقا ئايلاندۇرۇپ قويغان. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندىمۇ ئالىملارنىڭ ئۆزلىرى تەتقىق قىلىۋاتقان ئوبيېكتلار توغرىسىدىكى ئوخشاش بولمىغان تارماق پەنلەردىكى ئاتالغۇلار ۋە دائىرە بەلگىلەش ھەققىدىكى پىكىرلىرى بىرلىككە كەلگىنى يوق، لېكىن بۇلار ھەر ھالدا پەقەت ئاكادېمىيىلىرىدىكى تالاش – تارتىشلاردىنلا ئىبارەت بولماقتا. چۈنكى تەتقىقات خىزمىتى تارماق پەنلەرنىڭ چېگرىسىغا پەرۋا قىلماستىن، داۋاملىق ئالغا قاراپ راۋاجلانماقتا. ئاپتور مۇنداق قارايدۇ: ھېقىقى رەۋىشتە بۇ خىل « مەخسۇس ئاتالغۇلارنىڭ توغرا ئىپادىلەنمەسلىكتىن ئەندىشە قىلىدىغان ئادەملەر » كاتالوگشۇناسلار ۋە كۇتۇپخانا باشقۇرغۇچى خادىملىرىدىن ئىبارەت، ئۇلار ھەمىشە كارتىنى قايسى مۇندەرىجە ساندۇقىغا سېلىشنى ياكى كىتابنى قايسى جاۋەنگە قويۇشنى ئاڭقىرالماي قالىدۇ.
    تارماق پەنلەرنىڭ دائىرىسىنى ئايرىشقا ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئاپتور مەزكۇر كىتابىدا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك تەخمىنىي تەرتىپ فورمىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ تەرتىپنىڭ ئاساسىي لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا ئىنسانشۇناسلىق دەرسى ئۆتكۈچىلەر ۋە ئۆگەنگۈچىلەرگە قوللانما بولسۇن ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان تۈرگە ئايرىش جەدۋىلىدىن ئىبارەت:
    بىرىنچى، بەدەن ئىنسانشۇناسلىقى ( ئىنسانلارنىڭ جۇغراپىيىلىك تارقىلىش ئىلمىي، بەزى يازغۇچىلارنىڭ نەزىرىدىكى ئىنسانشۇناسلىق ).
    (1) زوئولوگىيىلىك ( ئىنسان زوماتولوگىيىسى، جۈملىدىن باش سۆڭىكى ئىلمى قاتارلىق ) __ ئاناتومىيىلىك ۋە فىزىئولوگىيىلىك تەتقىقات، جۈملىدىن ئادەمسىمان مايمۇننى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتتىكى ئورنىنى دەلىل – ئىسپاتلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
    (2) پالېئوبىئولوگىيىلىك __ تاشقاتمىلار ۋە يېرىم تاشقا ئايلانغان يادىكارلىقلار، شۇنىڭدەك گېئولوگىيىلىك دەلىل – ئىسپاتلار ئارقىلىق ئىنسانلار تارىخىنىڭ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
    (3) بىئولوگىيىلىك ۋە پىسخولوگىيىلىك __ بەدەن فونكىتسىيىسى بىلەن روھىي جەريانلارنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىدۇ.
    (4) ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىقى __ ئىنسانلارنىڭ ھەر خىل ئىرقلىرى ۋە كەنجى تۈر جەمەتلىرىنى ئۆز – ئارا پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان خىلمۇ – خىل فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكلەرنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىدۇ. فىزىئولوگىيىلىك ۋە پىسخولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن ئىرقلارنى تۈرگە ئايرىيدۇ، ھەر خىل ئىرقلارنىڭ جۇغراپىيىلىك تارقىلىشىنى، مۇھىتنىڭ ئۇلارنىڭ بەدەن شەكلىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تەتقىق قىلىدۇ.
    ئىككىنچى، مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى ( بەزى يازغۇچىلارنىڭ نەزىرىدىكى ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىقى ).
    (1) ئارخېئولوگىيىلىك __ ئىنسانلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردىكى قول ھۈنەر قالدۇق بۇيۇملىرى ئارقىلىق ئىنسانلار تارىخىنىڭ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى،رەت تەرتىپى، داۋاملىشىشى، دەسلەپكى مەزگىللەردىكى مەدەنىيەت شەرت – شارائىتىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلار ئارىسىدىكى قالدۇقلىرى ( ئېتنوگرافىيىسى ) نى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
    (2) تېخنىكا جەھەتتە __ سەنئەت بىلەن قول ھۈنەرنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مەنبەسى، تەرەققىياتى ھەمدە جۇغراپىيىلىك تارقىلىشىنى تەتقىق قىلىدۇ.
    (3) سوتسىئولوگىيلىك __ ئىجتىمائىي ھادىسىلەر بىلەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىدۇ. توغۇلۇش، مائارىپ، نىكاھ، ئۆلۈم ئۇزىتىش ئۆرپ – ئادەتلىرى، شۇنىڭدەك تەشكىلىي سىستېمىسى، جەمئىيەت بىلەن دىننىڭ مۇناسىۋىتى، ھۆكۈمەت، قانۇن، ئەخلاق قارىشى، جادۇگەرلىك، دىن قارىشى ۋە ئەمەلىيىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدۇ.

    ئاپتورنىڭ قارىشىچە، 19- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا « ئىنسانشۇناسلىق » دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى بەكمۇ ئېنىق ئەمەس ئىكەن. ئۇ 1822- يىلى نەشر قىلىنغان « ئەنگىلىيە ئېنسىكلوپېدىيىسى » دىن تۆۋەندىكىدەك چۈشەندۈرۈشنى تاپقان: « ئىلاھىيەتشۇناسلارنىڭ نەزىرىدە، ئىنسانشۇناسلىق ئىلھامى بار يازغۇچىلارنىڭ خۇدانى مەدھىيىلەشتىكى بىر خىل ئۇسۇلىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار ئادەم بەدىنىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىنى ۋە ئادەمنىڭ ھېسسىياتىنى خۇدا ياراتقان، دەپ قارايدۇ ». ئىنسانشۇناس توپىناردنىڭ 1876- يىلى ئېلان قىلغان « ئىنسانشۇناسلىق » ناملىق ئەسىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان تەبىرى مۇنداق: « ئىنسانشۇناسلىق تەبىئەت تارىخىنىڭ تارمىقى، ئىنسانلار ۋە ئىنسانلار ئىرقلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىمدىن ئىبارەت ». تېخىمۇ ئاددىي ۋە ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ئىنسانشۇناسلىقنى « ئادەم توغرىسىدىكى پەن » دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ، ئۇ چوڭ ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى قىسمى تەبىئىي ئادەمنى تەتقىق قىلىدۇ، ئىككىنچى قىسمى ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتىنى، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا،ئىجتىمائىي ئادەمنى تەتقىق قىلىدۇ. ئەنگىلىيىدە « ئىنسانشۇناسلىق » دېگەن ئاتالغۇ بىلەن بىر پۈتۈن تارماق پەن يېغىنچاقلىنىدۇ، ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدا بولسا بۇ ئاتالغۇ بىز « بەدەن ئىنسانشۇناسلىقى »، « ئىنسانلارنىڭ جۇغراپىيىلىك تارقىلىش ئىلمى »، ياكى « ئىنسانىيەت بەدەن ئىلمى » دەپ ئاتايدىغان تارماق پەنلەرنى ئىپادىلەشتە قوللىنىلىدۇ.
    ئاپتورنىڭ قىزىقىشنى قوزغىغان « ئىنسانشۇناسلىق » نىڭ بىرىنچى تارمىقى ئىنسانىيەت بەدەن ئىلمىدىن ئىبارەت. ئۇ مەخسۇس ئىنسانلارنىڭ بەدەن مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدۇ، ئارخېئولوگىيە ( تارىختىن ئاۋۋالقى ئىنسانشۇناسلىق ) 19- ئەسىرگە كەلگەندە تەرەققىي قىلىپ بىر پەنگە ئايلاندى. ھالبۇكى، ئىنسانىيەت مەدەنىيەتشۇناسلىقى ( مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقىمۇ دېيىلىدۇ. ) توغرىسىدىكى ئىلمىي تەتقىقات ئاران يېرىم ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە. سېلىشتۇرما سوتسىئولوگىيە ۋە جادۇرگەرلىك، دىن توغرىسىدىكى ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىدىغان مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقىنىڭ ھەر قايسى تارماق پەنلىرى بەزىدە مىللەتشۇناسلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن دائىرە ۋە ئۇنىڭ بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان تېمىلاردا ماقالە يازغان ئالىملار ھەمىشە ئوخشاش بىر ئەسىرىدە مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى توغرىسىدا ياكى مىللەتشۇناسلىق، ئارخېئولوگىيە، تېخنولوگىيە ۋە تىلشۇناسلىق جەھەتلەردىكى ئادەتتىكىچە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر بۇ پەننى تارىخ نوقتىسىئىدىن تەتقىق قىلغاندا ئىنچىكە تۈرگە ئايرىشتا چىڭ تۇرالماي قالىدۇ. ئاپتور مۇنداق دەيدۇ: ئادەم توغرىسىدىكى پەن دەسلىپىدە پەقەت بىر خىل زوئولوگىيىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئالدى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغىنى ھەمدە تەتقىقات ئوبيېكتى بولغىنى ئادەم بەدىنىنىڭ تۈزۈلۈشىدىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن دەسلەپكى مەزگىللەردىكى تۈرگە ئايرىشلارنىڭ ھەممىسى ئادەمنىڭ بەدەن ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلغان.
    ئاپتور مۇنداق دەپ قارايدۇ: ئىنسانشۇناسلىقنىڭ بىر تارمىقى ھېسابلىنىدىغان تىلشۇناسلىقنى نۇرغۇن نوقتىلاردىن چۈشىنىشكە بولىدۇ. تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى تەرەپدارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تىل بىر خىل ئۆلچەش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت. تىل ئارقىلىق ئىنسانلارنى ئادەمسىمان مايمۇنلاردىن پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ، بەدەن ئىنسانشۇناسلىقى ئالىملىرى زور قىزىقىش ئىچىدە تىل سىستېمىسى بىلەن تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ تۈزۈلۈشىنى بىرلەشتۈرۈپ مۇلاھىزە يۈرگۈزىدۇ؛ مىللەتشۇناسلىق ئالىملىرىنىڭ تىلنى تەتقىق قىلىشتىكى مەقسىتى بولسا، ئالاقىدار دەلىل – ئىسپاتلارنى تېپىپ چىقىپ، بۇ ئارقىلىق مىللەتلەر ئارىسىدا قۇدا – باجىلىق مۇناسىۋەت ۋە ئىجتىمائىي باغلىنىش بار – يوقلۇقنى ئىسپاتلاپ چىقىش، ياكى تىلنى بىر خىل ئۆلچەش ئۇسۇلى قىلىپ، بۇ ئارقىلىق مەلۇم بىر مىللەتنىڭ يەتكەن مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئۆلچەش ياكى ئۇلارنىڭ مىجەز – خاراكتېرى ۋە پسىخىكىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتىن ئىبارەت.

    ئاپتور مۇنداق دەپ قارايدۇ: بەدەن ئىنسانشۇناسلىقى ئاساسلىقى، ئاناتومىيىدە بايقالغان خىلمۇ خىل ئىنچىكە ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق بۇ ئاساسى تېمىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئەمما كېيىن ئىرق ئاناتومىيىسىنىڭ ئۆلچىمى توغرىسىدا ھېچقانچە ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقتىن، كىشىلەر ئىرق بىلەن ئۇرۇق ( جەمەت ) ئوتتۇرىسىدىكى ئاناتومىيە جەھەتتىكى بەدەن خاراكتېرلىك پەرقلەرنى قانداق قىلىپ مۇۋاپىق تەسۋىرلەش ياكى قېلىپلاشتۇرۇشنى تېخى بايقىمىغانىدى. مەشىق قىلىپ ئادەتلەنگەن ئالىملار ئىزچىل ھالدا ئىنسانلارنىڭ بەدەن تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلماقتا. ئەكسىچە، مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن ئىنسانلارنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىش بولسا گۇمانتار پەن ئالىملىرىنىڭ خىزمىتى ھېسابلىنىدۇ.
    ئۇلار ئاساسىي تېمىنى ھەر قايسى جەھەتلەردىن تەتقىق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ساھەدە تەجرىبىسى كەمچىل بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ھۆججەت ماتېرىياللارنى دەلىل – ئىسپات قىلىشقا تايىنىشقا مەجبۇر بولغانلىقتىن، نوپۇزلۇقلارغا ھەمىشە تەنقىدىي پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلالمايدۇ. سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلى ئىنتايىن قىممەتلىك نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا ھەمىشە بىپەرۋالىق قىلىنىدىغانلىقتىن، تەتقىقاتچىلار خاتالىق سادىر قىلىشتىن ساقلىنىپ بولالمايدۇ. بىئولوگىيىلىك ئاتالغۇلارنى قوللىنىپ، ماس ھالدىكى شەيئىلەردىن خۇلاسە چىقرىشتا ھەمىشە خاتالىق يۈز بېرىدۇ، چۈنكى ھەر خىل ئۆرپ – ئادەتلەر ياكى ئېتىقادلار ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىق پەقەتلا يۈزەكىدۇر. بىر ئالاھىدە بەلگىلەنگەن رايوندا ياكى ئوخشاش ئىرقتىكى ئىنسانلار ئارىسىدا سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشنىڭ قىممىتىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا قارىتا سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ.ئاپتور مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ، ھازىرقى چاغدا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقىنى چەكلىك رايونلارغا قارىتا چوڭقۇرلاپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت، مۇشۇنداق قانات يايدۇرۇلغان تەتقىقاتنىڭ ھەممىدىن ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقى ئاللىقاچان ئىسپاتلاندى. گەرچە بىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ نۇرغۇن شەكىللىرى توغرىسىدا كۆپلىگەن بىلىملەرگە ئىگە بولساقمۇ، لېكىن شۇنى بايقىدۇقكى، پەقەت قىسمەن ئەھۋالدىلا بىلىم ئۇلارنى تولۇق ۋە ئېنىق ھالدا چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، شۇ ماتېرىياللارنىڭ مەشىق قىلدۇرۇلمىغان كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن يېغىلغانلىقىدا. باشقىچە ئېيتقاندا، تولۇق ھەم قاتتىق مەشىق قىلمىغان ئالىملار مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقىغا خوجا بولۇپ تۇرماقتا. بۇ خىل ئەھۋال ئىنتايىن ئېغىر. خاددون يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقىنىڭ ئىستىقبالىغا قارىتا ئېھتىياتلىق ئەندىشىسىنى بىلدۈرگەن.
    يۇقىرىدىكى مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئاپتور مۇنداق دەپ قارىغان: ئىنسانلارنىڭ ئۇلۇغ باشلامچىلىرى ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتىغا ئاساس سېلىپ بېرىپ، قالايمىقانچىلىق ئىچىدىن باش – ئايىغىنى تېپىپ چىقتى ھەمدە كەلگۈسىدىكى تەتقىقات خىزمىتى ئۈچۈن مۇھىم نۇقتىلارنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئىنسانشۇناسلىق بىر خىل پەنگە ئايلىنالايدۇ، تەتقىقات خىزمىتىنى مۇئەييەن يىپ ئۇچى بۇيىچە ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. مەسىلىلەر قاتتىق دەۋر تەرتىپى ئۇسۇلى بىلەن ئەمەس، بەلكى مۇشۇ تېزىس ۋە تەپسىلاتلار بۇيىچە تەتقىق قىلىنسا، ئۇ ھالدا تېخىمۇ قۇلايلىق بولىدۇ.
    كىتابتا داڭلىق ئىنسانشۇناسلىق ئاپتورلىرىدىن 2000 دىن كۆپرەكىگە باھا بېرىپ ئۆتۈلگەن ھەمدە ئىنسانشۇناسلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى نۇرغۇن داڭلىق تەتقىقاتچىلار قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغان. مەسىلەن، ئارستوتىل، ۋىزالىئوس، تىسون، پرىچارد، لىننېي، بۇففون ۋە بائۇمېنباخ قاتارلىقلار. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانشۇناسلىقنىڭ ھېقىقى ئاساس سالغۇچىلىرى بولۇپ، بۇ پەن ئۈچۈن ئاساس تىكلەپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كىتابتا يەنە كېيىنكى مەزگىللەردىكى نۇرغۇن ئىنسانشۇناسلىق مۇتەخەسسىسلىرىمۇ تونۇشتۇرۇلغان. بۇنىڭدىن باشقا، مەزكۇر كىتابقا بەلگىلىك سەھىپە ئاجرىتىپ ئىنسانشۇناسلىق توغرىسىدىكى نۇرغۇن ئۆلمەس ئەسەرلەر تونۇشتۇرۇلغان ھەمدە ئىنسانشۇناسلىق توغرىسىدىكى ئوخشاش بولمىغان نۇقتىئىنەزەرلەر ۋە كۆز قاراشلارغا دائىر نۇرغۇن ئەمەلىي مىساللار كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزى نوقتىئىينەزەر ۋە كۆز قاراشلار ئىنسانشۇناسلىقنىڭ تارىخى تەرەققىياتىغا قارىتا غايەت زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلا ئىنتايىن زور پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
    ئەركىن نۇر، ئابدۇۋاھىت قاسىم تەرجىمە قىلغان: « دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 كىتاب »، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2007- يىل 5- ئاي 1- نەشرى، 676-682 بەتلەردىن ئېلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.