ماڭا ئۈچ كۈن يورۇقلۇق بولغىنىدا(ھېلېن كېللېر)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-03-29 02:26:00

ماڭا ئۈچ كۈن يورۇقلۇق بولغىنىدا ھېلېن كېللېر ئىنگلىزچىدىن ھەكىمە ئەرشىدىن تەرجىمىسى بىر كىشىنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالدىغان بەزى ھېكايىلەرنى ئوقۇغىنىمىزدا ۋە ئۇنىڭدىكى ياش قەھرىماننىڭ ھاياتىن...

    ماڭا ئۈچ كۈن يورۇقلۇق بولغىنىدا

     ھېلېن كېللېر 

    ئىنگلىزچىدىن ھەكىمە ئەرشىدىن تەرجىمىسى

        بىر كىشىنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالدىغان بەزى ھېكايىلەرنى ئوقۇغىنىمىزدا ۋە ئۇنىڭدىكى ياش قەھرىماننىڭ ھاياتىنىڭ ئۇزۇنغا بارمايدىغانلىقىنى، ئاخىرقى ئۆمرىمۇ ناھايىتى قىسقا بولۇپ، كۆپ بولسا بىر يىلدىن، ئاز بولسا بىر سوتكىدىن ئاشمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغىنىمدا، ئۆلۈپ گىرداۋىغا يېتىپ قالغان بۇ كىشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈن سائىتىنى قانداق ئۆتكۈزدىغانلىقىنى بىلگىمىز كېلىدۇ. مېنىڭ بۇ يەردە دەۋاتقىنىم، ئەلۋەتتە. ئەركىنلىگى قاتتىق تەنقىت ئاستىدا ئېلىنىپ ئۆلۈمگە مەھكۈم قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان مەھبۇس ئەمەس، بەلكى ئۆز تەقدىرىنى بىمالال تاللىۋالالايدىغان كىشلەردۇر. بۇ خىل ھىكايىلەر بىزنى، ئاشۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا ئۆزىمى قانداق قىلغان بولاتتۇق؟ ئۆلۈم ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلەردە مىڭىمىزنى قايسى ۋەقالەر، قانداق سەرگۈزەشتىلەر ۋە نىمە ئوي ــ پىكىرلەر چىرمىۋالغان بولاتتى؟ ئۆتكەن ئىشلار توغۇرسىدىكى ئەسلىمىلىرىمىزدىن يەنە قانداق خوشاللىنىش ياكى پۇشمان قىلىش ھىسسىياتىدا بولغان بولاتتۇق؟ دىگەندەك مەسىللەر توغۇرسىدا ئويلاندۇرىدۇ. بەزىدە مەن، ئەگەر ئىنسان ئۆزىنىڭ ھەر بىر كۈنىنى خۇددى ئۆمۇرنىڭ ئاخىرقى بىر كۈنىدەك ئۆكۈزسە، بۇ بەلكىم ھاياتلىقنىڭ بىر خىل ئالى نىزامى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، دەپ ئويلايمەن. مۇنداق پوزىتسىيە ھاياتنىڭ قەدىر ــ قىممىتىنى تېخىمۇ روشەن گەۋدىلەندۈرىدۇ، بىزنى، ھەربىر كۈنىمىزنى ئەقلىمىز ۋە غەيرەت ـ شىجائەت، يغكسەك قەدىر ـ قىممەت بىلەن ئۆتكۈزۈشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ. ۋاھالەنكى، بىز ئادەتتە، كۈنلەرنىڭ ۋە ئايلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يىللارنىڭ كىرىپ كېلىشىدەك ۋاقتىنىڭ توختىماي ئاستا ئوغرىلىقچە كېتىپ قېلىشى ئالدىدا بۇ خىل ئىرادىمىزنى يوقىتىپ قويىمىز. دەرۋەقە، شۇنداق ئادەملەرمۇ باركى، ئۇلار ھاياتىنى راھەت ‏- پاراغەت قوغلىشىپ، يەپ - ئىچىش ۋە ئويۇن ‏- تاماشا بىلەن ئۆتكۈزۈشنىلا ئارزۇ قىلىدۇ. لېكىن مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشلەر ئاخىرقىكۈنلىرىنىڭ يېقىنلىشىشى بىلەن تېخىمۇ ئەستايىدىللىق ۋە سەمىمىلىككە يۈزلىنىدۇ. كۆپلىگەن يولداشلىرىمىز ھاياتىنى ئادەتتىكىچە ئىش دەپ قاراپ، ئۇنى قەدىرلىمەيدۇ. گەرچە ھەممىمىز ھامان بىر كۈنى ئۆلۇپ كېتىدىغانلىغىمىزنى بىلسەكمۇ، بىراق بۇ كۈنى ناھايىتى يىراق ۋە ئۇزۇندا كېلىدۇ، ئۇنىڭ چىكى ئېنىق ئەمەس، دەپ قارايمىز. بىز، سالامەتلىگىمىز ناھايىتى ياخشى، كۈچ ‏- قۇۋۋەتكە تولۇپ تۇرغان چاغلىرىمىزدا ئۆلۈمنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپمۇ قويمايمىز ياكى ئۇنى ئىنتايىن كەم ئويلايمىز. بۈگۈن ئۆتسە ئەتە، بۇ يىل ئۆتسە كېلەر يىل بار دەپ، بىزگە ئۆلۈمنى ئېلىپ كېلىدىغان ۋاقىت سائەتنىڭ چېكىنى زادى كۆرەلمەيمىز. ئەلۋەتتە ھاماقەتسىزلەرچە ئۇششاق - چۈششەك، مەنسىز ئىشلار بىلەن بەنىت بولىمىز ـ دە، ئۆز ھاياتىمىزغا بەكمۇ ئېتىۋارسىز قاراۋاتقانلىقىمىزنى، ئۇنىڭغا تولىمۇ سوغاق مۇئامىلە قىلۋاتقانلىقىمىزنى ھەرگىز سەزمەيمىز. مېنىڭچە، بىز بارلىق ئەقىل - پاراسىتىمىز ۋە پۈتۈن ئەزالىرىمىزنى تولۇق ئىشقا سالغان ۋاقتىمىزدا، ئاندىن بۇرۇنقى ھاياتىمىزغا ئېتىۋارسىز قارىغانلىغىمىزنى ۋە ئۇنىڭغا سوغاق مۇئامىلىدە بولغانلىغىمىزنى ھېس قىلىمىز. پەقەت گاس ئادەملا ئۆزىنىڭ ئاڭلاش سەزگۈسىنى قەدىرلەيدۇ، پەقەت ئەما كىشلەرلا يورۇقلۇقنىڭ ئىنسانلارغا بېرىدىغان سانسىز بەخىت - سائادىتىنى چوڭقۇر چۈشىنەلەيدۇ. بولۇپمۇ ياشلىق دەۋردە كۆز - قۇلىغىدىن ئايرىلغان ئادەملەرنىڭ بۇنىڭغا نىسپەتەن تەسىراتى ھەممىدىن چوڭقۇر بولىدۇ. لېكىن كۆرۈش، ئاڭلاش ئەزالىرى ھىچقانداق زىيان - زەغمەتكە ئۇچىراپ باقمىغان كىشلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ بۇ تۇغما قابىليەتلىرىدىن كۆپىنچە ھاللاردا تولۇق پايدىلانمايدۇ. ئۇلار كۆزلىرىگە قادىلىپ تۇرغان نەرسىلەرگىمۇ ئانچە سەپسېلىپ كەتمەيدۇ. قۇلىغىغا كىرىپ تۇرغان ئاۋازلارغىمۇ ئانچە دىققەت قىلمايدۇ، كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىغا نىسبەتەن قىلچە پەرۋاسىز يۈرىدۇ. ئۇلارغا ئۇ نەرسىلەرگە قىزىقىش، ئۇنى سۆيۈش ھىسسىياتى كەم بولىدۇ. دۇنيادا نۇرغۇن ئىشلار ھامان شۇنداق بولدىكى: كەم نەرسىلەر ۋە يوق نەرسىلەر ئالاھىدە قەدىرلىنىدۇ. ئادەم پەقەت كېسەل بولۇپ قالغاندىلا ئاندىن ساغلاملىقنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ئىكەنلىگىنى چۈشىنىدۇ. مەن داۋاملىق شۇنداق ئويلايمەن ، ئەگەر ھەربىر كىشى ئەمدىلا ياشلىق دەۋرگە قەدەم تاشلىغاندا، مەلۇم مەزگىل تۇرمۇشنىڭ ئېغىر كۈلپەتلىرىنى باشتىن ئۆتكۈسە ياكى بىر نەچچە كۈن قارغۇ بۇلۇپ قالسا ۋە ياكى بىر قانچە كۈن گاس بۇلۇپ قالسا، بەلكىم ئۇنىڭ چوقۇم پايدىسى بۇلۇشى مۇمكىن. قاراڭغۇ كىشلەرگە يورۇقلۇقنى، جىمجىتلىق كىشلەرگە مۇزىكا ئاڭلىنىدىغان چاغدىكى خوشاللىقنى تېخىمۇ قەدىرلەشنى ئۈگىتىدۇ. مەن دائىم كۆزى ساق دوسلىرىمدىن ئۇلارنىڭ نىمىلەرنى كۆرگەنلىكىنى سورايمەن. يېقىندا، ناھايىتى سىرداش بىر دوستۇم مېنى يوقلاپ كەلدى. ئۇ بىر ئورمانلىقنى خېلى ئۇزۇن سەيلە قىلىپ ئەمدىلا قايتىشى ئىكەن. مەن ئۇنىڭ نىمىلەرنى كۆرگەنلىكىنى سورىسام ئۇ «ئالاھىدە بىر نەرسىلەرنى كۆرمىدىم»دەپ جاۋاپ بەردى. مۇبادا مەن مۇنداق جاۋاللارغا بۇرۇنلا ئادەتلىنىپ كەتمىگەن بولسام، ئۇ چاغدا، شۇنىڭغا چۇقۇم ئىشەنگەن بولاتتىمكى، كۆزى ساق كىشلەر ھىچ نەرسىنى بايقىمايدىكەن ، بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ئەجەپلەندۈرىدۇ. مەن ئۆز - ئۆزەمگە شۇنداق سوئال قويدۇم : ئورمانلىقتا بىر سائەت سەيلە قىلىپ، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان بىرەر نەرسىنى ئۇچۇراتماسلىقى مۇمكىنمۇ؟ گەرچە مەن قارغۇ بولساممۇ، ئۇنى - بۇنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق بىلگەن نۇرغۇنلىغان نەرسە ماڭا قىزقارلىق تۇيۇلىدۇ. مەن ھەۋەس بىلەن قولۇمنى ئۇزارتىپ سىلاشتۇرغىنىمدا، دەرەخ يوپۇرماقلىرىنىڭ تولىمۇ رەتلىك ھالدىكى جۈپلۈك ماسلىشىشىنى، قېيىن دەرىخى پوستىسىنىڭ بەكمۇ سىللىق ئىكەنلىگىنى، قارىغاي پوستىسىنىڭ قوپال ۋە مۇدۇر - چوقۇر ئىكەنلىگىنى ھىس قىلىمەن. باھار مەزگىللىرىدە دەل - دەرەخلەرنىڭ شاخلىرىنى سىلاشتۇرىمەن، ھېرىمەنلىك بىلەن تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئاخىر ئۇيقىدىن ئويغانغانلىقىنى دەسلەپكى بىشارىتى بولغان يۇمران بىغلارنى ئىزدەيمەن . تۇتۇش، سىلاپ بېقىش ئارقىلىق، گۈل بەرگىلىرىنىڭ سىللىق نەپىسلىگى بىلەن ئادەمنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلدىغانلىقىنى ھېس قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن تەبىئەت دۇنياسىنىڭ كىشلەرگە ئىۇددى خۇشخۇي قىزلاردەك تەبەسسۇم چىرايىنى ئاچىدىغانلىقىنى چۈشىنىمەن . بەزىدە دەرەخ شاخلىرىنى ئاستىغىنا تۇتۇپ باقىمەن. ئامىتىم كېلىپ قالسا، شاخلارنىڭ ئۇچىغا قۇنۇۋىلىپ قۇشلارنىڭ خوشال مىدىرلاشلىرىنى سېزىۋالىمەن. يەنە بەزىدە سالقىن ئېرىق سۇلىرىنىڭ بارماقلىرىم ئارىسىدىن ئېقىپ ئۆتىۋاتقىنىنى بىلىمەن. مانا بۇلار مېنى نەقەدەر خوشاللاندۇرۇدۇۋە ھاياجانغا سالىدۇ ــ ھە! قويۇق قارغاي يوپۇرماقلىرى ۋە دېڭىز بۇلۇتلىرىغا ئوخشاش ياپ - يېشىل چىمەنلىكلەر مەن ئۈچۈن پارىسلارنىڭ قىممەت باھالىق گىلەملىرىدىنمۇ ئارتۇقتۇر. مېنىڭ نەزىرىمدە ، بىر يىلنىڭ تۆت پەسىلىدىكى ھەرخىل گۈزەل مەنزىرلەر گويا كىشنى تەسىرلەندۇردىغان تۈگمەس تىياتىردۇ. ئۇنىڭ ھەربىر پەردىلىرى بىر بىرىگە ئۇلىشىپ، بارماقلىرىمنىڭ ئۈچى ئارقىلىق ئاستا ئۆتۈپ بارىدۇ. يۈرىكىم ھەر دائىم ئۈنلۈك چۇقان سالىدۇ، جاھاندىكى ھەممە مەۋجۇداتلارنى كۆرۈشنى ئۈمىت قىلىدۇ. پەقەت تۇتۇش، سىلاش ئارقىلىق شۇنچە كۆپ خوشاللىقلاردىن بەھرىمەن بولغان يەردە، كۆرۈش سەزگۈسى بەخش ئېتىدىغان رەڭمۇ - رەڭ مەنزىرلەرنىڭ سانىنى تەسسەۋۇر قىلىش مۇمكىن بولاتتىمۇ؟ ساق ئادەملەرنىڭ ھەممىسىدە بىر جۈپ روشەن كۆز بولسىمۇ ۋە بىپايان تەبىئەت دۇنياسىنىڭ تۈرلۈك - تۈمەن، رەڭگا ‏- رەڭ مەنزىرلىرى ئۇلارغا قۇچاق ئېچىپ تۇرسىمۇ ، ئەپسۇسكى، ئۇلار ھىچ بىر يېڭىلىق يوق دەپ قارايدۇ. بار نەرسىلەرنى قەدىرلىمەسلىك ، يوق نەرسىلەرگە ھەۋەس قىلىش ، ئېھتىمال، ئىنسانلاردىكى بىر خىل ئادەت بولسا كېرەك، ئەپسۇسكى. بۇ يۇرۇق دۇنيادا ئىنسانلارغا تەبىئى ئاتا قىلىنغان بىر جۈپ كۆز بەزى كىشلەرنىڭ نەزىرىدە تۇرمۇشنى بېىتقۇچى ياخشى بىر ۋاستا ئەمەس، ئەكىسچە پەقەت بىر خىل قولايلىق شارائىت، دەپ قارىلىشى كىشىنى تولىمۇ ئۆكۈندۈردۇ. ئاھ، مۇبادا ماڭا يورۇقلۇق ئاتا قىلىنغان بولسا، مېنىڭ، دۇنيادا كۆپ نەرسىلەرنى كۆرۈۋېلىشىم ئۈچۈن كۆزۈم پەقەت ئۈچ كۈنلا ئېچىلغان بولسا!

     «ئىنگلىز تىلى دۇنياسى» ژورنىلىنىڭ 1983 ‏- يىلى 1 ـ سانىدىن تەرجىمە قىلىنغان. ئۇيغۇرچە دۇنيا ئەدەبىياتنىڭ 1984-يىللىق3-سانىدىن ئېلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق