ئاجايىپ چۈش

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-03 20:52:39

ئاجايىپ چۈشباسا(ھىندىستان) ۋاھاپ ئابدۇرېھىم تەرجىمىسى توپاقلار دۆلىتى دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇرايدۇ. مۇنەججخملەر بۇ دۆلەت ۋە پادىشاھ يۇتتىن ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ، پادىشاھىمىز موجىتتو پادىشاھى...

    ئاجايىپ چۈش
    باسا(ھىندىستان)

    ۋاھاپ ئابدۇرېھىم تەرجىمىسى


         توپاقلار دۆلىتى دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇرايدۇ. مۇنەججخملەر بۇ دۆلەت ۋە پادىشاھ يۇتتىن ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ، پادىشاھىمىز موجىتتو پادىشاھىنىڭ سىڭلىسى لوتۇس مەلىكىنى ئۆز ئەمرىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ ھۆكۈم قىلىشىدۇ. بىراق پادىشاھ يۇتتىن خانىشى شەنىسنى بەكمۇ ياخشى كۆرگەچكە كىچىك خوتۇن ئېلىشقا كۆڭلى بارمايدۇ. باش ۋەزىر بىر ھىيلە ئىشلىتىپ قەستەن ئوت ئاپىتى پەيدا قىلىدۇ، ئاندىن: «خانىش كۆيۈپ ئۆلدى، باش ۋەزىرمۇ خانىشنى قۇتۇلدۇرىمەن دەپ كۆيۈپ كەتتى» دەپ پىتنە تارقىتىدۇ.  ئارقىدىنلا ئۇ براخما دەرۋىشلىرىدەك ياسىنىپ، خانىش شەنىسنى ئېلىپ موجىتتو دۆلىتىگە بېرىپ لوتۇس مەلىكىگە شەنىسنى بۇ مېنىڭ سىڭلىم، ئۇنىڭ ئېرى چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن، بىر مەزگىل مەلىكىنىڭ قېشىدا تۇرۇپ تۇرسا دەيدۇ. مەلىكە لوتۇس ئۇنى قېشىدا ئېپقالىدۇ.
       بىر كۈنى مەلىكە لوتۇس بىلەن شەنىس گۈلزارلىقتا توپ ئوينايدۇ. خانىش شەنىس ئوردىدىكىلەرنىڭ ئاغزىدىن مەلىكە لوتۇس پادىشاھ يۇتتىنغا تېگىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىدۇ دېگەن گەپنى ئاڭلاپ قالىدۇ. دەل مۇشۇ پەيىتتە مەلىكە لوتۇسنىڭ ئىنىكئانىسى ئۇنىڭغا: خانىش شەنىس بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئۆزىنى پەقەت باسالماي قالىدۇ. لېكىن ئۇ ئىنىكئانىسىدىن پادىشاھنىڭ بۇ قېتىم دۆلەت ئىشى بىلەن بۇ يەرگە كەلگەنلىكىنى، توي ئىشىنى بولسا موجىتتو پادىشاھى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئاندىن كۆڭلى سەل ئارام تاپقاندەك بولىدۇ، پادىشاھ يۇتتىن بىلەن مەلىكە لوتۇسنىڭ توي مۇراسىمى بولۇۋاتقاندا خانىش شەنىس باغدا ئۆزى يالغۇز ئازابلىنىپ ئولتۇرىدۇ. كېنىزەكلەر خانىشنىڭ پەرمانى بويىچە شەنىسكە مەلىكە لوتۇسنىڭ تويى ئۈچۈن بىر دەستە گۈل تىزىپ بېرىشنى ئېيتىدۇ. شەنىس تەقدىرنىڭ بەكمۇ رەھىمسىزلىكىنى ھېس قىلىپ، دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ گۈل تىزىدۇ. ئاندىن ئىنتايىن مەيۈس ھالدا ئۆز ھۇجرىسىغا كىرىپ كېتىدۇ.
       خانىش شەنىس مەلىكە لوتۇسقا ھەمراھ بولۇپ باغ سەيلىسى قىلىدۇ، پاراڭلىشىش جەريانىدا، ئۇ پادىشاھ يۇتتىننىڭ دائىم ئۇنى ئەسلەپ تۇرغانلىقىنى بىلىدۇ. بىر كۈنى پادىشاھ يۇتتىن ۋەزىر ـ ۋۇزرالىرى بىلەن باغقا كىرىپ قالدىۇ. شەنىس ئەركەكلەرنى كۆرسە بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن مەلىكە لوتۇس بىلەن باراڭنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. ئۇلار باراڭنىڭ ئاقىسىدا تۇرۇپ، پادىشاھنىڭ ۋەزىرلىرى بىلەن قىلىشقان گېپىنى ئاڭلاپ قالىدۇ. ۋەزىر پادىشاھتىن خانىشنى بەكرەك ياخشى ئۆركدىغانلىقىنى سورىغاندا، پادىشاھ بىر دەم تۇرۇۋېلىپ، ئاندىن بۇرۇنقى خانىشنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدىغانلىغىنى ئېتراپ قىلىدۇ. باراڭنىڭ ئارقىسىدا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان شەنىس ئىچ ـ ئىچىدىن خوشال بولۇپ: «شۈكۈر، شۈكۈر، مېنىڭ ئازابلانغان يۈرۈكۈم ئەمدى ئارام تاپتى»دەيدۇ. بىر كېنىزەك شۇئان مەلىكە لوتۇسقا: «پادىشاھ ئەجەپمۇ يۈز ـ خاتىرە قىلمىدى» دەيدۇ. مەلىكە لوتۇس كېنىزەكنى ئەيىبلەپ: « سەن نېمىنى بىلىسەن، قوي بۇ گېپىڭنى! پادىشاھىمنىڭ ھازىرمۇ كونا خانىشىنى ئەسلەپ تۇرۇشى ھەقىقىي يۈز ـ خاتىر قىلغانلىقى»دەيدۇ. شەنىس دەرھال مەلىكە لوتۇسنىڭ گېپىگە جاۋابەن: « قەدىرلىك سىڭلىم، سىز ھەقىقەتەن خان قىزىغا مۇناسىپ گەپ قىلدىڭىز»دەيدۇ. باراڭنىڭ سىترىدا پادىشاھ يۈرتتىن ۋەزىر ـ ۋۇزرالىرى بىلەن گېپىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. پادىشاھ يۈتتىن مەرھۇم خانىشىنى ئەسلەپ كۆزلىرى ياشلىنىدۇ. مۇلازىملار پادىشاھنىڭ يۈز ـ كۆزىنى يۇيۇشى ئۈچۈن دەرھال سۇ ئېلىپ كېلىشكە ماڭىدۇ. بۇ چاغدا شەنىس ئاستا قايتىپ، مەلىكە لوتۇسنىڭ ئۆزى يالغۇز پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈشىنى ئېيتىدۇ. پادىشاھ يۇتتىن مەلىكە لوتۇسنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلماسلىق ئۈچۈن كۆزۈمگە گۈل توزانلىرى كىرىپ كەتتى دەپ گەپ ياسايدۇ.
       بىر كۈنى مەلىكە لوتۇسنىڭ تۇيۇقسىز بېشى ئاغرىپ قالىدۇ. كېنىزەك پادىشاھ يۇتتىن بىلەن شەنىسكە ئايرىم ـ ئايرىم ئۇقتۇرىدۇ. پادىشاھ مەلىكىنىڭ خانىسىغا بىرىنچى بولۇپ كېلىدۇ. قارىسا مەلىكە يوق. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەلىكىنى ساقلاپ كارىۋاتتا يېتىپ كۆزى ئۇيقۇغا كېتىدۇ. بىر ئازدىن كېيىن شەنىس كىرىپ كېلىدۇ. ئۇ مەلىكىنىڭ كۆزى ئۇيقۇغا بارغان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ كارىۋاتنىڭ يېنىدا كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ. ھايال ئۆتمەي ئۇمۇ ئۆزىنى كارىۋاتقا تاشلايدۇ. ئەمدى يېتىپ تۇرىشىغا پادىشاھ يۇتتىن چۈشەكەپ«ئاھ، شەنىس»دەپ توۋلايدۇ. شەنىس دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ « ھوي، بۇ مەلىكە ئەمەس، پادىشاھىم ئىكەنغۇ! ئۇ مېنى كۆرۈپ قالغانمىدۇ؟ كۆرۈپ قالغان بولسا، ۋەزىر ئەزەمنىڭ ئۇلۇغ قوسىمى بىكارغا كەتمەمدۇ» دەپ ۋەھىمىگە چۈشىدۇ ئۇ پادىشاھنىڭ چۈشەكىگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، سەل تۇرۇۋېلىپ، پادىشاھ يۇتتىننىڭ چۈشىدە سورىغان سوئالىغا جاۋاپ بېرىدۇ. ئۇ ئەمدى ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىشىغا ، پادىشاھ ئويغىنىپ قېلىپ: «توختىغىن شەنىس، توختىغىن!» دەپ ۋاقىرايدۇ. بۇ ئاۋازنى ئاڭلىغان ۋەزىر دەرھال كىرىپ كېلىدۇ. پادىشاھ يۇتتىن ئۇنىڭغا: «سىزگە بىر خۇش خەۋەر يەتكۈزەي، شەنىس تېخى ھايات ئىكەنغۇ» دەيدۇ. ۋەزىر: ھەزرەت ئالىيلىرى، سىلى ئۇنى چۈشلىرىدە كۆرگەن ئوخشايلا، دەيدۇ. پادىشاھ يۇتتىن بۇ گەپكە بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمەي مۇنداق دەيدۇ : «ئەگەر بۇ چۈش بولىدىغان بولسا، مەن مەڭگۈ ئويغانمىغان بولسام قانداق ياخشى بولاتتى. ئۇنداق بولماي خىيالىي بىر تەسەۋۋۇر بولىدىغان بولسا، بۇ خخل خىيالىي تەسەۋۋۇرنىڭ مەڭگۈ يوقىلىپ كەتمەسلىكىنى ئارزۇ قىلىمەن» شۇ ئارىدا ئىككى مۇلازىم كىرىپ، زېمىنىمىزنى قايتۇرۇۋېلىش ئۇرۇشى باشلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ، دەپ خەۋەر قىلىدۇ. پادىشاھ دەرھال ئالدىنقى سەپكە ئايلىنىدۇ.
       موجىتتو دۆلىتىنىڭ ياردىمى بىلەن پادىشاھ يۇتتىن دۈشمەن ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ، ئۆز زېمىنىنى قايتۇرۇۋالىدۇ. پايتەختكە قايتىپ كېلىپ بۇ غەلبىنى تەبرىكلىشىدۇ. پادىشاھ يۇتتىن شەنىسنىڭ ياخشى كۆرىدىغان سازىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزىنى باسالماي قالىدۇ، يۈرىكى قاتتىق ئازابلىنىدۇ. شۇ كۈنلەردە شەنىسنىڭ ئاتا ـ ئانىسى بىر ئادەمدىن پادىشاھ يۇتتىن بىلەن شەنىسنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بىر پارچە رەسىمنى ئەۋەتىپ بېرىدۇ. مەلىكە لوتۇس بۇ رەسىمنى كۆرگەندىن كېيىن بەكمۇ ھەيران قالىدۇ. ئۇ پادىشاھقا شەنىس تېخى ھايات، دەيدۇ. دەل مۇشۇ چاغدا براخمان دەرۋىشلىرىدەك ياسىنىۋالغان ۋەزىر ئەزەم يېتىپ كېلىدۇ. ئىش ئاشكارىلىنىپ، پۈتۈن ئەل شاد ـ خوراملىققا چۆمىدۇ.

    [abduhelil تەستىقلىدى . 2010-8-4 0:41:27]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.