ھېكمەتنامە - بالتاسار گراسىئەن (ئىسپانىيە)

يوللىغۇچى : yultuzay يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-19 19:25:47

ھېكمەتنامە بالتاسار گراسىئەن (ئىسپانىيە)ئالىمجان ئازات تەرجىمىسى بالتاسار گراسىئەن (BaltasarGracian) ئىسپانىيە گۈللەپ ياشناۋاتقان 17- ئەسىردە، ئىسپانىيىدە ياشاپ ئۆتكەن دانىشمەن بولۇپ، ئۇ كىشىلەرگە جاھ...

    ھېكمەتنامە

    بالتاسار گراسىئەن (ئىسپانىيە)
    ئالىمجان ئازات تەرجىمىسى

     

          بالتاسار گراسىئەن (BaltasarGracian)  ئىسپانىيە گۈللەپ ياشناۋاتقان 17- ئەسىردە، ئىسپانىيىدە ياشاپ ئۆتكەن دانىشمەن بولۇپ، ئۇ كىشىلەرگە جاھاندارچىلىقنىڭ ئەقلىي ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغان. ئۇنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىنىڭ ئاساسىي تېمىسىنى «ئەقىلنى ئەخلاق ۋە مەنىۋىيەتتىكى سەزگۈرلۈك ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش» دېگەن نۇقتىغا مۇجەسسەملەشتۈرۈش مۇمكىن.
        گراسىئەننىڭ تۇنجى كىتابى «قەھرىمان» 1637 - يىلى قەدىناس دوستى ئىسپانىيىلىك ئاقسۆڭەك راستانوسالنىڭ مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن  نەشر قىلىنىپ  تارقىتىلغان بولۇپ، گراسىئەنمۇ ئاشۇ كىتابى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان. بۇ ئەسەر ماكياۋېللىنىڭ «ھۆكۈمدارلار دەستۇرى» (بۇ كىتاب شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان) ناملىق كىتابىغا قارىتا يېزىلغان. ئۇ كېيىن يەنە «دانالىق يولى»، «ئەقىل - پاراسەت دەستۇرى» (بۇ كىتابمۇ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان) ۋە «ھېكمەتنامە» ناملىق ئەسەرلەرنى يېزىپ چىققان. ھەجۋىي تەمسىل ۋە كىنايە ئۇسلۇبىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ھەر خىل دىئالوگ شەكىللىرى ئىشلىتىلگەن. «ئەقىل - پاراسەت دەستۇرى»نى كىشىلەرنى تىرىشچانلىققا ئۈندەيدىغان بىر سەنئەت دەپ تەرىپلىسەك، ئۇنداقتا «ھېكمەتنامە» گراسىئەننىڭ بىزگە قالدۇرغان جاھاندارچىلىق سەنئىتى توغرىسىدىكى بىر بۈيۈك ئەسىرىدۇر. ئۇ، بۇ كىتابتا كىشىلەرگە بۇ دۇنيادا قانداق قىلغاندا غالىب  ئورۇندا تۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن.
    «ھېكمەتنامە»گە گراسىئەننىڭ بارلىق ئەسەرلىرىنىڭ جەۋھىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، كەسكىن رىقابەت دۇنياسىدا پۇت دەسسەپ تۇرۇشنىڭ چارىلىرى قايىل قىلارلىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئاپتور غالىبلىققا ئېرىشىشنىڭ ئۇسۇلىنى تەرغىپ قىلىشتا ئۆز دەۋرىدىكى ئىدىيىۋى چەكلىمىلىكلەر ۋە شەخسىيەتچىلىك ئىدىيىسىنى چىقىش قىلىشتىن ساقلىنالمىسىمۇ، ئوتتۇرىغا قويغان چارە - تەدبىرلەر رەڭۋازلىق، ھىيلىلەر كاتېگورىيىسىگە تەۋە بولسىمۇ، ئوقۇرمەنلەر پەقەت تەنقىدىي مۇئامىلە بىلەن شاكىلىنى ئىلغاپ مېغىزىنى قوبۇل قىلسىلا ئاپتورنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش، كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى مۇرەككەپلىكلەرنى، كەسكىن زىددىيەتلەرنى تەھلىل قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتىكى مۇلاھىزە، تەۋسىيەلىرىدىن بەلگىلىك ئىجابىي  نەپكە ئېرىشەلەيدۇ. بىز پات ئارىدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىدىغان مەزكۇر كىتابتىن ئېلىنغان قىسمەن پارچىلارنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇشنى لايىق تاپتۇق.

     

                 ئالاھىدە پەزىلەتنى يېتىلدۈر

     

         زور ئۇلۇغۋارلىق كىچىك - كىچىك ئۇلۇغۋارلىقتىن ھاسىل بولىدۇ، ئۇلۇغۋار پەزىلەت ئۇلۇغۋار ئادەملەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.
    ئەقىل - ئىدراك «ئۇلۇغۋار»لىقنىڭ مەنبەسى. ئۇلۇغۋار كىشىلەر ئادەتتە زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، پاراسەتلىك كېلىدۇ.
    ئادەم ماددىي دۇنيانىڭ جەۋھىرى، ئەقىل - ئىدراك بولسا ئادەملەر ئارىسىغا يوشۇرۇنغان خىسلەتلىك گۆھەردۇر.
    تۇغما تالانت چوڭقۇر ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ۋە كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان مۇۋاپىق زوقلىنىش ئىقتىدارى بىلەن بىرلەشسە، ئادەمنى يۈكسەكلىككە كۆتۈرىدۇ.
    ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى دانالىق بابىدىكى شاھانە تەخت، ئەقلىي قابىلىيەت بولسا پەم - پاراسەتنىڭ تۈپ مەنبەسىدۇر. بىراۋنىڭ ئالىيجاناب ياكى ئالىيجاناب ئەمەسلىكىنى، يېتەكچى ياكى ئەگەشكۈچى بولالايدىغانلىقىنى دەڭسەشتە ئۇنىڭ زوقلىنىش ئىقتىدارىغا قاراش كېرەك.
    باتۇرلۇق، چەبدەسلىك، سەزگۈرلۈك ھەمدە ئەقىل - پاراسەت خۇددى قۇياش نۇرى ياكى چاقماقتەك كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇرىدۇ. باھادىر ئاتالغانلار ئىچىدە ئەقلىي كامالەتكە يېتەلمىگەنلەر يوق.
    ئىنكاسىڭ تېز بولسا ھوسۇلۇڭ مول بولىدۇ؛ ئىرادەڭ ئاجىز بولسا بالايىئاپەتكە دۇچار بولىسەن. ئەقىل - ئىدراك «ئۇلۇغلۇق»نىڭ قانىتىدۇر، نۇرغۇن كىشىلەر ئاشۇ قاناتتىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولغاچقا، توپا - توزانلار ئارىسىدىنمۇ نۇرانە بوشلۇققا ئۇچۇپ چىقالىغان.
    تۈركىيە سۇلتانى بىر قېتىم پۇقرالارغا يارلىقنى شەخسەن ئۆزى ئوقۇپ بەرمەكچى بولۇپ بالكونغا چىقىپتۇ. ئۇ ئاممىۋى مەيدان تەرەپكە ئەمەس، بەلكى ئادەملەر لىققىدە توپلىشىپ تۇرغان باغچا تەرەپكە قارىتىپ سېلىنغان بالكون ئىكەن. سۇلتان يارلىقنى ئەمدى ئوقۇپ تۇرۇشىغا، ئېھتىياتسىزلىقتىن قولىدىكى يارلىق قەغىزى ئۇچۇپ بېرىپ بىر دەرەخكە ئىلىشىپ قاپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئوردا ئەمىرلىرى شامالدەك تېز ھەرىكەتكە كەپتۇ. خۇشامەت مېۋىسىگە ئەڭ بالدۇر ئېرىشىش ئۈچۈن بىر - بىرى بىلەن بەس تالىشىپ، بىر دانە شوتىدىن قىستىلىشىپ پەسكە چۈشمەكچى بوپتۇ. پەقەت بىرلا ئادەم  كاللىسى ھەممىدىن سەزگۈر كەلگىنى  قۇپقۇرۇق تۇرغان باشقا بىر ئارىلىقتىن چۈشۈپ، دەرەخنىڭ يېنىغا بىرىنچى بولۇپ يېتىپ بېرىپتۇ. ئۇ يارلىقنى  ئېلىپ بالكونغا يېنىپ چىققاندا، باشقىلار تېخىچە ھېلىقى شوتىدىن چۈشۈپ بولالمىغانىكەن. سۇلتان ئۇنىڭ چېۋەرلىكىگە چىن كۆڭلىدىن قايىل بولۇپ، ئۇنى ئوردىدا مۇھىم مەنسەپكە تەيىنلەپتۇ. مەنىۋىيەت زېمىن تەۋەلىكىگە ئىگە بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سەلتەنىتى خان - پادىشاھلارنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ، سەن ئۆزۈڭدىكى ھەرقانداق بىر تەبىئىي تالانتنى ئەقىل - ئىدراك بىلەن بىرلەشتۈرەلىسەڭلا، شان - شۆھرىتىڭنى زىيادە قىلالايسەن. ئەقىل - پاراسەت كاللاڭدا چوڭقۇر يىلتىز تارتسا، تېخىمۇ يۈكسەك پەللىگە ئۆرلىيەلەيسەن.
    سۇلتان - پادىشاھلارنىڭ ئادەتتىكى سۆز - ئىبارىلىرىدىنمۇ ئەقىل - پاراسەتنىڭ نۇرى چاقناپ تۇرىدۇ. تارىختا ئۆتكەن تاجدارلارنىڭ مال - دۇنيالىرى ئاللىبۇرۇن تالان - تاراجغا ئۇچراپ تۈگىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تەۋسىيىلىك بايانلىرى مەڭگۈ خورىماس بايلىق سۈپىتىدە تا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە.
    تىل ۋە يېزىق گاھى چاغلاردا شەمشەرنىمۇ باش ئەگدۈرەلەيدۇ، نۇرغۇن دانىشمەنلەر ھەيۋەتلىك قوشۇنغا ئەمەس، بەلكى ئاقىلانە تىلغا تايىنىپ غەلىبە قازانغان.
    ئاقىللارنىڭ ئاقىلى سانىلىشقا مۇناسىپ بىر پادىشاھ ئۆزى ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق مەشھۇر سوراقتا  ئىككى ئايالنىڭ بىر بالىنى تالىشىش دەۋاسىدا دانالارچە ھۆكۈم چىقىرىپ مەڭگۈلۈك شان - شەرەپكە نائىل بولغان (ئۇ نۆكەرلىرىگە بالىنى ئىككى پارچە قىلىۋېتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئىككى ئايالنىڭ ئىنكاسىغا دىققەت قىلغان). شۇڭا دەيمىزكى، ھەققانىيەتمۇ ئەقىل - پاراسەتكە تايانغىنىدىلا، ئاندىن ئۆز قۇدرىتىنى نامايان قىلالايدۇ.
    بىر يەھۇدىي ئۆسۈمىگە بىر ئۇنسىيەئۇنسىيە  ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى، بىر قاداقنىڭ ئون ئالتىدىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ.گۆشنى شىلىۋېلىش شەرتى بىلەن بىر خرىستىئانغا پۇل قەرز بېرىپ تۇرغانىكەن. ئۆسۈمىنى ئالىدىغان چاغدا ئىككىسى تۈركىيە سۇلتانىنىڭ  ھۇزۇرىغا بېرىپتۇ. يەھۇدىي خرىستىئاننىڭ گۆشىنى شىلىۋېلىش پىكرىدە چىڭ تۇرۇۋالغانىكەن، ئۇلۇغ سۇلتان نۆكەرلىرىگە بىر تارازا ئەكەلدۈرۈپتۇ ھەمدە ھېلىقى يەھۇدىيغا «ئۇنداقتا شىلىۋالغان گۆشۈڭ بىر ئۇنسىيىدىن ئاز ياكى كۆپ بولۇپ قالمىسۇن، بولمىسا كاللاڭنى ئالىمەن» دەپتۇ. ئۇ ھالقىلىق پەيتتە ئەنە شۇنداق ئاقىلانە تەدبىر ئىشلىتىش ئارقىلىق خرىستىئاننى غەمدىن خالاس قىلىپ، پاراسەت بابىدا مۆجىزە ياراتقانىكەن.
    زېرەكلىك ۋە چەبدەسلىك مۈشكۈلات ئىچىدىكى قۇتقۇزغۇچى ئەۋلىيادۇر، سىرلىق سېفنىكسسېفنىكس  شىر تەنلىك، ئادەم يۈزلۈك غەلىتە مەخلۇق، يولۇچىلارنى تېپىشماق تېپىشقا مەجبۇرلايدۇ، تاپالمىغانلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ.تىلسىم ئوردىدىكى ئالتۇن يىپ دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى شۇنىڭ تەمسىلىدۇر.
    بەزىلەر ئەقىل - پاراسەتنى خۇددى مال - دۇنيانى بۇزۇپ - چاچقاندەك ئىسراپ قىلىۋېتىدۇ، ۋەھشىي مەخلۇققا يولۇقۇپ قالسا قورققىنىدىن چاشقاندەك تۈگۈلۈۋالىدۇ، ئۇششاق جانىۋارلارنى تۇتۇۋالغاندا بولسا ئۆزلىرىنى بۈركۈتتەك ھېس قىلىپ كېتىدۇ. ئۇلاردا بارى پەقەتلا زەھەرخەندىلىك ۋە مەسخىرىۋازلىق، ناۋادا شەپقەتسىز ئەقىل - پاراسەتنى قان بىلەن يۇغۇرۇلغان دېسەك، زەھەرخەندە ئەقىل - پاراسەتنى ئوغا بىلەن يۇغۇرۇلغان دېيىش جايىزدۇر. بۇ خىلدىكى ئەقىل - پاراسەتتە تەبىئىي قانۇنىيەتلەر ئۆزئارا ئارىلىشىپ كېتىدۇ ۋە بۇزۇلىدۇ، قۇرۇق ھەيۋىگە تايىنىدىغان بۇنداق «ئەقىل - پاراسەت» ھامان مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ، ئاۋامنىڭ لەنىتىگە مەھكۇم بولىدۇ. ئۇ ئەمەلىيەتتە نىزا - غەليانغا سەۋەب بولىدىغان نەيرەڭۋازلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
    شۇڭا، ئەقىل - پاراسەتنى دەسلىپىدە تەبىئىي تاللانتقا مايىللاشتۇرۇش، ئاندىن ئۇنى ياخشى سۈپەتلەر بىلەن مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تەبىئىيلىك سەل - پەل بېزەلسە تېخىمۇ ئۇزلىشىدۇ، بۇنداق ئۇزلىشىش بەزىدە باشقىلاردىن ئۆرنەك ئېلىش، بەزىدە كۆپرەك كۆزىتىپ ئانالىز قىلىش  ئارقىلىقلا قولغا كېلىدۇ.
    پاراسەتلىك كىشىلەر باشقىلارنىڭ دانا سۆز - ھەرىكەتلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ، ئۇنى تېخىمۇ بىخلاندۇرالايدۇ. زېرەكلىك بۇ بىخلاردىن چىرايلىق غۇنچىلەرنى ئېچىلدۇرىدۇ ھەمدە ئۇنى ئەقلىي ھوسۇلغا ئايلاندۇرىدۇ.

     

        ھەمىشە قىزىقچىلىق قىلىۋەرمە

     

          ئەقىل - پاراسەت كەسكىن ئىشلاردا ئىپادىلىنىدۇ ھەمدە ئادەتتىكى چېۋەرلىكتىنمۇ بەكرەك كىشىنى زوقلاندۇرىدۇ. قىزىقچىلىق قىلىشقا ئامراق كىشىلەر ئادەتتە كەسكىن ئىشلارنى ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ. شۇڭا ئۇنداق كىشىلەر سۈرلۈك بولۇۋالسىمۇ باشقىلار بەرىبىر ئىشەنمەيدۇ، ئۇلارنىڭ قىزىقچىلىقىنى يالغانچىلىق، كەسكىنلىكىنى چاقچاق دەپلا چۈشىنىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى ھەرقانچە نامايان قىلغىنى بىلەنمۇ باشقىلارنى ئىشەندۈرەلمەيدۇ، دېمەك، ئۇلاردا ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى بولغان تەقدىردىمۇ بەرىبىر ئۇنىڭ رولى بولمايدۇ. كۆرگەنلا يەردە قىزىقچىلىق قىلىۋەرمە، باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭگە بولغان قىزغىنلىقىنى يوقىتىپ قويىسەن، نۇرغۇن كىشىلەر «چېۋەر»لىكى بىلەن داڭق چىقىرىدۇ - يۇ، «دانا»لىق شۆھرىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. قىزىقچىلىقنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغان ۋاقتى قىسقا بولىدۇ، ئۇزاق مۇددەت ئۆز ئەۋزەللىكىنى ساقلاپ قالالايدىغىنى يەنىلا سۈرلۈك سالاپەتتۇر.

    باشقىلار ساڭا مەڭگۈ ئېھتىياجلىق بولۇپ تۇرسۇن

    بىر - بىرىگە تايىنىش مۇناسىۋىتىدە سېنىڭ ئېرىشىدىغىنىڭ ھەرگىزمۇ رەھمەت - ھەشقاللا بولۇۋەرمەيدۇ، ئۇسسۇزلۇقى قانغان ئادەم قۇدۇقنى تاشلاپ كېتىپ قالىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇدۇقنىڭ ئەمدى كېرىكى يوق. ئۆزئارا تايىنىش مۇناسىۋىتى يوقالغان ھامان قىزغىن مۇئامىلە ۋە رەھمەت - ھەشقاللىمۇ، كېيىنچە ھۆرمەت - ئېھتىراممۇ يوقايدۇ. تەجرىبە - ساۋاقلار شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، قارشى تەرەپنى ھامان ئۈمىدلەندۈرۈپ تۇر، ئەمما تولۇق رازى قىلىۋەتمە. ئۇ ساڭا جان - جېنىدىن سادىق ئادەم بولغان تەقدىردىمۇ، ساڭا يەنىلا مەڭگۈ ھاجىتى چۈشۈپ تۇرسۇن.
    بۈيۈك فرانسىيە پادىشاھى لۇئىس Ⅺ(3841—1423LouisⅪ) يۇلتۇزلارغا قاراپ كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى پەرەز قىلىشقا بەكمۇ ھەۋەس قىلىدىكەن. ئۇنىڭ ئوردىسىدا دەل ئاشۇنداق بىر پالچىسى بار بولۇپ، لۇئىس بۇ پالچىغا  قەۋەتلا قول قويىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بۇ پالچى ئوردىدىكى بىر ئېسىلزادە خانىمنىڭ سەككىز كۈن ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىپتۇ. سەككىز كۈن توشاي دېگەن چاغدا، لۇئىس چۆچۈپ قاپتۇ ھەمدە «ناۋادا ئېسىلزادە ئايال پالچىنىڭ سۇيىقەستى بىلەن ئەمەس، بەلكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىپ قالسا، بۇ پالچىنىڭ ھەقىقەتەن ئالدىن كۆرەر ئادەم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ قويىدۇ - دە، ماڭا نىسبەتەن بىر تەھدىت بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا قانداق بولسۇن، بۇ پالچىنى كۆزدىن يوقاتقىنىم تۈزۈك» دەپ ئويلاپتۇ.
    بىر كۈنى كەچتە ئۇ پالچىنى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى قەسىرىگە چاقىرتىپتۇ، پالچى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، ئۇ ئوردا مەھرەملىرىگە: «مەن بەلگە بەرگەن ھامان پالچىنى دەرھال تۇتۇپ، دېرىزىدىن پەسكە تاشلىۋېتىڭلار» دەپ چېكىلەپتۇ.
    ھايال ئۆتمەي پالچى يېتىپ كەپتۇ، لۇئىس ئوردا مەھرەملىرىگە بەلگە بېرىشتىن ئاۋۋال، ئۇنىڭدىن مۇنداق بىر سوئالنى سوراپ باقماقچى بوپتۇ:
     سەن يۇلتۇزلارغا قاراپ پال ئاچالايمەن ھەم باشقىلارنىڭ تەقدىرىنى ئالدىن بىلەلەيمەن دەيسەن، ئەمىسە دەپ باقە، ئۆزۈڭنىڭ تەقدىرى قانداق بولىدۇ، سەن قانچە ئۇزۇن ياشىيالايسەن؟
    پالچى ئۇنىڭغا:
     ئالىيلىرى ۋاپات بولۇشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن ئۆلىمەن، دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئوردا مەھرەملىرىگە بەلگە بەرمەپتۇ. پالچى ئۆز ھاياتىنى ئەنە شۇنداق قوغداپ قاپتۇ. يەنە كېلىپ، كېيىنكى كۈنلەردە لۇئىس Ⅺ ئۇنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاسراپلا قالماستىن، ئۇنى يەنە ئالىي مەئىشەتلەردىن بەھرىمەن قىپتۇ، داڭدار ھەكىملەرنى ئۇنىڭ سالامەتلىكىدىن خەۋەر ئېلىشقا بۇيرۇپتۇ. نەتىجىدە، پالچى لۇئىس Ⅺ دىن نەچچە يىل ئارتۇق ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۆز بېشارىتىنى ئەمەلىي پاكىت بىلەن ئىنكار قىلىۋېتىپتۇ.
    باشقىلارنى ئۆزۈڭگە بېقىندۇرۇشنىڭ چارىسى كۆپ، ئۇلارنى ئۆزۈڭدە بالا - قازا ۋە ھالاكەت ئېلىپ كېلەلەيدىغان سېھرىي كۈچ بارلىقىغا ئىشەندۈرۈش ئارقىلىق يۈرەكئالدى قىلىۋېتىشتىن باشقا، يەنە نۇرغۇن ئۇسۇللار ئارقىلىقمۇ ئۇلارنى ئۆزۈڭگە بېقىندۇرالايسەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىمى، سەندە باشقىلارنى بېسىپ چۈشىدىغان تالانت ۋە ئىجادچانلىق قابىلىيىتى بولۇشى كېرەك.
    سەندە مىكىلانچىلودەك ئالاھىدە قابىلىيەت بولمىسىمۇ بولۇۋېرىدۇ، لېكىن باشقىلارنى بېسىپ چۈشكۈدەك بىرەر ئىقتىدارنى چوقۇم ھازىرلىشىڭ كېرەك. سەن شۇنداق بىر ھالەتنى يارىتىشىڭ كېرەككى، سەن باشقا بىر رەھبەرنى تاپالىغىنىڭ بىلەن، سېنىڭ رەھبىرىڭ سەندەك ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە ئىككىنچى بىر ئادەمنى تاپالمايدىغان بولسۇن، رېئال تۇرمۇشتا، سەن ئەگەر باشقىلار تايانغۇدەك ئادەم بولمىساڭ، ئامال قىلىپ ئۆزۈڭنى ئاشۇنداق مۇھىم ئادەم قاتارىدا كۆرسەت. مول بىلىم ۋە ئىقتىدارغا ئىگىدەك سىياققا كىرىۋالساڭ، سېنىڭ ئۈستۈڭدىكىلەرنى «بۇ بىز ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئادەم ئىكەن» دېگەن تەسىراتقا كەلتۈرەلەيسەن. بىراق ئۇنداق رەڭۋازلىق قىلغاندىن ھەقىقىي ئىقتىدارغا تايانغان كۆپ ئەۋزەل، سەن يەنىلا باشقىلارنى بېسىپ چۈشىدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈر، شۇندىلا ھەممە ئىشلار سېنىڭ ئالىقىنىڭدا بولىدۇ.

     

                        مەقسەت ۋە ۋاسىتە

     

         ئىنسانلار ئارىسىدا بىمەنە ۋە قالايمىقان ئىشلار دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، مەقسەتنى ۋاسىتە، ۋاسىتىنى مەقسەت قىلىۋېلىش دەل ئاشۇنداق بىمەنە ئىشلار جۈملىسىدىندۇر. بەزىلەر ۋاقىتلىق نەرسىلەرنى ئۇزاققا سوزۇۋېتىدۇ، ئازراقلا دەم ئېلىۋالسا بولىدىغان يەردە ئۇھ تارتىپ ئولتۇرۇپ كېتىدۇ؛ ئاخىرلىشىدىغان جايدىن قوزغىلىپ، قوزغىلىدىغان جايدا توختاپ قالىدۇ. بەزى ئاقىل ۋە ئالدىن كۆرەر ئادەملەر جاپا - مۇشەققەت ئىچىدىن ئانچە - مۇنچە خۇشاللىق ئىزدەپ تېپىش ئارقىلىق ئۆز نېرۋىسىنى تىنچلاندۇرىدۇ، بارلىق ئازاب - ئوقۇبەتلەردىن تىنچ - ئامان ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھالبۇكى ئىنسانچىلىقتىكى خاتالىق ۋە بىمەنىلىكلەرمۇ دەل شۇنىڭدا ئىپادىلىنىپ قالىدۇ. ئادەمنىڭ ياۋايى تەبىئىتى قوزغالغان چاغدا ھەرقانداق ھايۋاندىن بەتتەر بولۇپ كېتىدۇ، ئادەملىك تەبىئىتىنى يوقىتىپ، ئۆز خۇشاللىقىنى مەقسەت، ئۆز ھاياتىنى ئاشۇ مەقسەتكە يېتىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالىدۇ. بەزىلەر ياشاش ئۈچۈن قورساق توقلىماستىن، بەلكى قورساق توقلاش ئۈچۈن ياشايدۇ، خىزمەت ئۈچۈن دەم ئالاي دەپ ئويلىماستىن، بەلكى ئىشتىن قېچىپ ئوڭدىسىغا يېتىۋالىدۇ. بەزىلەر بولسا كۈن بويى ئەيش - ئىشرەتتىن باش كۆتۈرمەيدۇ؛ قارىغۇلارچە كىتاب ئوقۇيدۇ، ئويلىماي سۆزلەۋېتىدۇ، تۇرمۇشىدا شەخسىي ھۇزۇرنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدۇ. شۇڭا ئادەملەردىكى ئاشۇ شەخسىي ھۇزۇر بارلىق رەزىللىكنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەبكار بولىدۇ، كىچىككىنە خۇشاللىق خام خىيالدىن ھۇزۇرلىنىش تۇيغۇسى ۋە كەيپىياتتىكى تۇراقسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ نەتىجىدە، ئادەم تەلۋىلىشىپ ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەيدۇ، ئۆز - ئۆزىنى بەربات قىلىدۇ.

     

            ھاماقەت بولۇۋېلىپ نەپكە ئېرىشىشنى بىل

         بىراۋنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئۆزۈڭ خالىغانچە كەمسىتمە ياكى ئەيىبلىمە، بۇ بىر كەچۈرگۈسىز چوڭ ئىش، لېكىن مۇشۇ قائىدىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالىساڭ، ھەر خىل ئۇستاتلىقلارنىڭ ئىشىكى ساڭا داغدام ئېچىلىدۇ. سەن ئاڭسىز رەۋىشتە باشقىلارنى ئۆزۈڭدىن ئەنسىرىمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قوي، ئۇلار ئۆزلىرىنى سەندىن ئەقىللىق ھېس قىلسۇن، ھەتتا سېنى خېلىلا تۆۋەن كۆرسۇن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا ساڭا بولغان گۇمانىي قاراش پۈتۈنلەي يوقاپ، سېنىڭ نېمە ئويلاۋاتقىنىڭ ۋە نېمە ئىش قىلىۋاتقىنىڭ بىلەن چاتىقى بولمايدۇ.
    چوشقا سىياقىغا كىرىۋېلىش ئارقىلىق يولۋاستەك تەكەببۇر، ئىشەنچىسى كۈچلۈك ئادەملەرنىڭ كۆزىنى غەلەت قىلالىساڭ، ئاجايىپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيسەن، ئۇلار سېنى قانچىكى ئەرزىمەس ۋە ئىشەنچلىك دەپ ئويلىغانسېرى، سېنىڭ ۋەزىيەتنى بۇراش پۇرسىتىڭ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. ئۆز - ئۆزىنى گالۋاڭ قىياپەتتە كۆرسىتىش  ئۆز - ئۆزىنى نىقابلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىدۇر؛ سەن قارىماققا ياۋاش ھەم دۆت چوشقىدەك كۆرۈنسەڭ، ھېچكىم سېنى يوشۇرۇن قارا نىيىتى بار دەپ ئويلىمايدۇ. رىم ئىمپېراتورى بولۇشتىن ئىلگىرىكى كروۋدى، كېيىن لۇئى ⅩⅢ دەپ ئاتالغان فرانسىيە شاھزادىسى ئەينى چاغدا ئوردىدىكىلەر ئۆزىدىن «ھوقۇق تارتىۋېلىش غەرىزى بار» دەپ گۇمانلانغاندا دەل يۇقىرىقى تەدبىرنى قوللانغان، گالۋاڭ قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ھوقۇقدارلارنىڭ دىققىتىنى بۇرىۋەتكەن، پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەن چاغدا كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىپ، باشقىلار تەييارلىقسىز تۇرغان پەيتتىن پايدىلىنىپ رەقىبلىرىنى مەغلۇپ قىلغان.
    ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئەخمەقلىق تونىغا ئورىلىۋالغىلى بولىدۇ. لېكىن ئۇ مۇشۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. پەزىلەت ۋە پىكىر چوڭقۇرلۇقى شۆھرەت تارازىسىدا ئەقلىي قابىلىيەت بىلەن تەڭ سالماقنى ئىگىلەپ تۇرىدۇ؛ كىشىلەر ئۆزلىرىنى سەندىنمۇ چوڭقۇر پىكىرلىك دەپ ھېس قىلسا، ساڭا بولغان مۇداپىئە ھالىتىنى بوشاشتۇرۇپ قويىدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، باشقىلار ئۆزىنى مەڭگۈ سەندىن ئەقىللىق ھەم چوڭقۇر پىكىرلىك دەپ ھېس قىلسا، سېنى يېنىغا تارتىدۇ، چۈنكى سەن بار يەردە ئۇلار ئۆزلىرىنى تېخىمۇ قالتىس ھېسابلايدۇ، سەن ئۇلارنىڭ يېنىدا قانچە ئۇزۇن تۇرساڭ، ئۇلارنى چۈشىنىش ھەم كونترول قىلىش پۇرسىتىڭ شۇنچە زور بولىدۇ.
    ھەقىقىي ئەقلىي قابىلىيىتىڭنى نامايان قىلساڭ، كۆپىنچە ھاللاردا كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەي قالىسەن؛ شۇڭا ئۆزۈڭنى مەڭگۈ يوشۇرۇپ ئۆتەلەيدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈشۈڭ كېرەك. ناۋادا كىشىلەر ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىختىيارسىز بايقاپ قالسا  سېنىڭ ئەمەلىيەتتىكىدىنمۇ كۆپ ئەقىللىق ئىكەنلىكىڭنى بىلىپ قالسا ساڭا تېخىمۇ قايىل بولىدۇ، چۈنكى سەن ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئېھتىياتچان، ئۆزىنى كۆز - كۆز قىلمايدىغان ئەھلى دانا ھېسابلىنىسەن. ئەلۋەتتە، بەك گالۋاڭ قىياپەتكە كىرىۋالساڭمۇ بولمايدۇ. گېزى كەلگەندە ئەپچىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزۈڭنىڭ ئەتراپىدىكى رىقابەتچىلەردىن چېچەن ئىكەنلىكىڭنى باشلىقىڭغا بىلدۈرۈپ قوي، بەزى چاغلاردا بولسا ئۆزۈڭنىڭ ئەقىللىق ئىكەنلىكىڭنى مەلۇم دەرىجىدە يوشۇرۇپ قال.
    خالتىلىق چاشقان ئۆلگەن قىياپەتكە كىرىۋالسا، ئۇنىڭ بەتبەشىرە قىياپىتىنى كۆرگەن گۆشخور ھايۋانلارنىڭ تولىسى چېقىلماي ئۆتۈپ كېتىدۇ. تۇرقى سەت، كالامپاي بۇ جانىۋارنىڭ  ئەمەلىيەتتە ھىيلە ئىشلىتىۋاتقىنىنى ئۇلار قانداقمۇ خىيالىغا كەلتۈرەلىسۇن؟
    ھاماقەت بولۇۋېلىپ نەپكە ئېرىشىشنى بىلىشىڭ كېرەك. ئەقىللىق كىشىلەر دائىم مۇشۇ كوزېردىن پايدىلىنىدۇ. ئۇلار ھەرقانچە ئەقىللىق بولسىمۇ، ئۆزىنى نادان قىياپەتتە كۆرسىتىدۇ. نادان بولۇپ قالما، شۇنداقلا نادان قىياپەتكە كىرىۋېلىشقىمۇ ماھىر بول، باشقىلارنىڭ نەزىرىدە كارامەت ئەقىللىق ھەم دانا بولۇپ كېتىش ئانچە ياخشى ئىش ئەمەس. گالۋاڭ قىياپەتكە كىرىۋالغانلارنىڭ ھەممىسىلا گالۋاڭ بولۇپ كەتمەيدۇ، باشقىلار مېنى قوبۇل قىلسۇن دېسەڭ، ئەڭ ئېسىل چارە شۇكى، ھاماقەت بولۇۋال.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.