«ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن » رومانىنى ئوقۇغاندىن كېيىن

يوللىغۇچى : ershidin يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-14 10:12:14

«ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن » رومانىنى ئوقۇغاندىن كېيىننەچچە يىلنىڭ ئالدىدا دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە يازغۇچى چىڭگىز ئاتماتوفنىڭ «چىڭگىزخاننىڭ ئاق بۇلىتى» ناملىق ئەسىرىنى ئوقۇغان ئىدى...

     
                   «ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن » رومانىنى ئوقۇغاندىن كېيىن  
     
    نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە يازغۇچى چىڭگىز ئاتماتوفنىڭ «چىڭگىزخاننىڭ ئاق بۇلىتى» ناملىق ئەسىرىنى ئوقۇغان ئىدىم . بۇ ئاپتورنىڭ «ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن » رومانىنىڭ تولۇقلىسى ئىكەن . بۇ ئەسەرنى ئوقۇماستىن بورۇنمۇ مەندە «ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن » رومانىنى ئوقۇشتەك كۈچلۇك بىر ئارزۇ قەلبىمدە يېلىنجاپ تۇراتتى . «چىڭگىزخاننىڭ ئاق بۇلىتى» بۇ روماننى ئوقۇش ئارزۇيۇمنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتكەندى . ئەپسۇس روماننى زادىلا تاپالمىدىم .ھالا2009-يىلى ئەتىياز كۈنلىرىدە ئۈرۈمچى خەلقارا كىتاپخانىسىدا بۇ روماننىڭ قايتا نەشرىنى ئۈچرۇتۇپ گۆھەر تېپىۋالغاندەك خوشال بولۇپ كەتتىم . چوڭقۇر خىيال ۋە ئاجايىپ ھېس – تۇيغۇلار ئىچىدە روماننى ئوقۇپ تۈگەتتىم . مەن ئوبزورچىمۇ ، تەنقىتچىمۇ ئەمەس ، شۇڭا مەن ئويلىغانلىرىمنى ئاددىلا دەپ باقماقچىمەن . 
    ئەسەردە ئوبرازلىق تەپەككۇر بېلەن فانتازىيە ، رىۋايەت بېلەن رېئاللىق ئۆز ئارا گېرەلىشىپ كىشىنى ئاجايىپ دۇنياغا باشلايدېكەن . ئەسەردېكى پېرسۇناجلار يېدىكەي ، قازانقاپ ، ئەبۇتالىپ قۇتتىبايېف قاتارلىقلار بولۇپ ئەسەر قازانقاپنىڭ ئۆلىمى بېلەن باشلىنىپ دەپىنە قىلىنغۇچە بولغان بىر كۇن ئىچىدىكى ئشلارنى تۇتقا قېلىپ ، ئاپتۇر سىزنى بىردە يىراق ئۆتمۇشدىكى رىۋايەت دۇنياسىغا باشلىسا ، بىردە كۆز ئالدىڭىزدىكى دۇنيانى سۆرەتلەيدۇ . بىردە سىزنى سارى ئۈزەك دالاسىدا سەيلە قىلدۇرسا بىردە «ئورمانتۆش» پىلانىتىدا سەيلە قىلدۇرىدۇ . ئاجايىپ گۈزەل رىۋايەتلەر سىزنىڭ روھى دۇنيايىڭىزغا بوسۇپ كىرىدۇ . . . 
    ئەسەردىكى نايمان ئانا ھەققىدىكى رىۋايەت ، ئاساسلىق پېرسۇناجلاردىن يېدىكەي ، قازانقاپ ، ئابۇتالىپ ، زەرىپە قاتارلىقلار كاللامدا ئەگىپ يۈرىدۇ . . . 
    مەن بۇ يەردە ئەسەر تەرجىمانلىرى نۇرمەھەممەت دولەتى بېلەن ھەلىمە مۇھەممەتنىڭ ئەسەرگە يازغان كىرىش سۆزىنىڭ ئاساسلىق يەرلىرىنى قىستۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن . 
    ئۇلار مۇنداق دەپ يازىدۇ :  
    «ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن » رومانىدا ھەقىقەتەن فانتازىيە يېپىنچا قىلىنىپ ، تارىخى رىۋايەت سۈپىتىدە نايمان ئانا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ماڭقۇرۇت يولئامان پاجىئەسى ، ھازىرقى زامان ۋەقەلىرى سۈپىتىدە ئەبۇتالىپ قۇتتىبايىف پاجىئەسى ، كەلگۈسى زامان ۋەقەلىرى سۈپىتىدە سوۋېت – ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ پاجىئەسى تەسۋىرلىنىدۇ . شۇنىڭ بېلەن بىللە ، بۇ ئۈچ پاجىئەگە يانداشتۇرۇپ ، ئىنسانپەرۋەرلىك ، ئىنسانى ئەدەپ – ئەخلاق مەسىللىرى چوڭقۇر يورۇتۇپ بېرىلىدۇ . يازغۇچىنىڭ كۈزىتىش دائىرسى پايانسىز سارى ئۈزەك چولىگە جايلاشقان يەتتە – سەككىز ئائىلىلىك كىچىك بىر تومۈريول بېكىتىدىكى ناھايىتى ئاددى تۇرمۇشتىن تاكى سامان يولى پىلانىتىسى سېستىمىسىدىكى «ئورمانتۆش» پىلانىتىسىدىكى غايىۋى ، مەدەنى جەمىيەتنىڭ يۈكسەك مەدەنى تۇرمۇشىغىچە بولغان كەڭلىككە يېتىپ بارىدۇ، بۇ ئۈچ پاجىئە روماننىڭ يادروسى بولۇپ ، ھەممىدىن مۇھىمى نايمان ئانا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ماڭقۇرۇت يولئامان پاجىئەسىدۇر .  
    1. نايمان ئانا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ماڭقۇرۇت يولئامان پاجىئەسى : قەدىمقى زاماندا جۇرجان (رۇرەن) تاجاۋۇزچىلىرى باياشات ، كاتتا يايلاق بولغان سارى ئۆزەكنى بېسىۋالغاندىن كېيىن ، ئەسىرلەرنى ئىنسانىيەت قىلىپىدىن چىققان ئىنتايىن ۋەھشىيانە ئۇسۇللار بېلەن قىينىغان ، بىر قىسمىنى قۇل قىلىپ باشقىلارغا ساتسا ، بىر قىسىم ياش، قاۋۇل ئەسىرلەرنىڭ چېچېنى ئۇستۇرا بېلەن پاك – پاكىز قىرىپ چۈشۈرۈپ ، يېڭى سويۇلغان ، ھورى چىقىپ مىلىچلاپ تۇرغان توگىنىڭ تازا قېلىن بويۇن تېرىسىنى -«شىرى» نى بېشىغا كەپلەپ كىيدۇرۇپ ، پۇت قولىنى باغلاپ ، بېشىنى يەرگە تەگمەيدىغان قىلىپ قوۋۇق سېلىپ ، جان تالىشىپ قىينالغاندا ، توۋلىغان ئۈنىمۇ ئاڭلانمىسۇن دەپ خىلۋەت بىر يەرگە ئەكىلىپ تاشلىغان ، مۇشۇ تەرىقىدە تۆت – بەش كۈن سۇمۇ ، ئاشمۇ بەرمەي ئاپتاپقا قاقلىغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ تولىسى ئازاپقا چىدىماي ئۆلۈپ كېتىدىكەن ، بەش ئالتىسىدىن ئاران بىر – ئىككىسىلا تىرىك قالىدىكەن . ئاچلىقتىن ، ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلسىغۇ بىر نۆرى ، ھەممىدىن يامىنى ، تۆەىنىڭ تېرىسى ئىسسقتا قۇرۇپ ، باشنى ئامبۇردا قىسقاندەك قىسىپ ، مېڭىنى سىقىپ چىقارغاندەك ئازاپلايدىكەن ، ئۇنى ئاز دېگەندەك ، ئىككى كۈندىن كېيىن تىكەندەك قارا چاچلار ئۆسۈپ شىرىگە يېتىدىكەندە ، ئۇنى تېشىپ چىقالماي ئارقىغا يېنىپ يۇمشاق باشنىڭ ئىچىگە قاراپ سانجىلىپ ئۆسىدىكەن . بۇنىڭ قىينىشى شىرىنىڭ قورۇلۇپ ئامبۇردەك قىسقىنىدىنمۇ بەتتەر بولىدىكەن . بەشىنچى كۈنى جورجانلار كېلىپ ، ئۆلمىگەنلەرنىڭ پۇت – قولىنى يېشىپ ، سۇ ۋە ئاش بېرىپ ھالىغا كەلتۈرىدىكەن ، بىراق ئەمدى ئۇ ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىگى، ئەل – يۇرتنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ، ئىسمىنىڭ نىمە ئىكەنلىكى ، ئاتا – ئانىسى كىم ، قەيەردە ئىكەنلىكى ، ئۆزىنىڭ قانداق چوڭ بولغانلىقى پۈتۈنلەي ئېسىدە قالمىغان ، قىسقىسى ئۆزىنىڭ ئادەم ئىكەنلىكى ئىسىدە قالمىغان بىر مەخلۇق بولۇپ قالىدىكەنكى ، خۇددى ئىتقا ئوخشاش ، ئۆزىنىڭ «شىرى» كىيدۈرگەن خوجايىنىنىڭلا گېپىنى ئاڭلاپ ، باشقىلار بېلەن زادىلا ئالاقە قىلمايدىكەن ، ئۇنىڭ قۇرساق تۇيغۇزۇشتىن بۆلەك ئوي – خىيالى بولمايدىكەن ، خوجايىننىڭ ھەر قانداق بۇيرۇقىنى قارغۇلارچە ، سەمىمى – ساداقەتلىك بىلەن دېگىنىدەك بەجا كەلتۇرىدىكەن . مانا بۇنداقلار ماڭقۇرۇت دەپ ئاتىلىدىكەن . مۇشۇنداق ماڭقۇرۇت قېلىۋېتىلگەن بىر يىگىتنىڭ ئانىسى ئوغلىنى قۇتۇلدۇرىمەن دەپ سارى ئۆزەك دالاسىدا زار – زار يىغلاپ ئاخىر ئىزدەپ تېپىپ : «مەن سېنىڭ ئاناڭغۇ ، تونىمىدىڭمۇ ، مەن سېنىڭ ئاناڭ بولىمەن ، ئاتاڭنىڭ ئىسمى دۆنەنباي» دەپ يۈرەكنى تىترىتىدىغان سۆزلەرنى ئېيتىپ ، ئوغلىنىڭ ئەقىل ھۇشىنى ئويغىتىپ ئۆزىنى ۋە ئېلىنى يادىغا كەلتۈرىدىغان ھالەتكە كەلتۈرمەكچى بولىدۇ .، لېكىن ئۇنىڭ ئوغلى ھىچ نەرسە بېلەن ئىشى يوق قاراپلا تۇرىدۇ ، ئانىسىنى تونىمايدۇ ، ئەكسىچە يېڭى خوجايىننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۆزىنىڭ ئانىسىنى ئوقيا بېلەن خۇددى قۇشقاچنى ئاتقاندەك ئېتىپ تاشلايدۇ .مېھرىبان ئانا ئۆلىدۇ ، لېكىن ئۇنىڭ ئاق ياغلىقى بىر قۇش بولۇپ كۆتۈرۈلۈپ : «ئويلاپ كۆرگىن ، سەن كىمسەن ؟ ئېتىڭ نىمە ؟ سېنىڭ ئاتاڭ دۆنەنباي ! دۆنەنباي ! دۆنەنباي !  » دەپ پىغان بىلەن توۋلاپ ، سايراپ ئۇچۇپ كېتىدۇ . نايمان ئانىنىڭ زامانداشلىرى ئۇرۇق – ئەۋلادىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭمۇ ئۇرۇق – ئەۋلادىنىڭ ئۆزىنى ۋە ئۆز تارىخنى ، ئاتا بوۋىلىرىنى ئۇنتۇپ قالماي ئەسلەپ تۇرىشى ئۈچۈن ، ئاشۇ نايمان ئانا دەپىنە قىلىنغان يەرنى «ئانا بېيىت» - «ئانا قەبرىستانلىقى » دەپ ئاتايدۇ .    
    2. ئابۇتالىپ قۇتتىبايېۋ پاجىئەسى : ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشى باشلىنىش بېلەنلا ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە ئاتلانغان ئابۇتالىپ قۇتتىبايېۋ قاتتىق جەڭ ئۈستىدە يارىدار بولۇپ بەخىتكە قارشى نېمىسلارغا ئەسىرگە چۈشۈپ قالىدۇ . لېكىن ۋەتەنپەرۋەر جەڭچى ئابۇتالىپ بىر ئامال قىلىپ نېمىس فاشىستلىرىنىڭ قاراۋۇلىنى ئۆلتۈۋېتىپ قېچىپ قۇتۇلىدۇ-دە ، ئۆزلىكىدىن سابىق يوگۇسلاۋېيە پارتىزانلىرىغا قوشۇلۇپ ، يەنە فاشىسىتلىرىغا قارشى نۇرغۇن جەڭلەردە ئاجايىپ زور قەھرىمانلىقلارنى كۆرسىتىدۇ . ئۇرۇش قەلىبىسىدىن كېيىن ئابۇتالىپ ۋەتەنگە قايتىپ ، ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىش ۋە داۋاملىق جەڭ قىلىش مەسلىسىنى ئېنىق تاپشۇرىدۇ .سابىق يوگۇسلاۋىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھەربى دائىرلىرىمۇ ئابۇتالىپنىڭ قەھرىمانلىقىنى ناھايىتى ياخشى باھالاپ گۇۋاھلىق بېرىدۇ .بۇ ، ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا كۆپ تەكشۇرۇشلەر ئارقىلىق ئاللىقاچان ھەل بولۇپ كەتكەن مەسىلە بولسىمۇ ، لېكىن 1948-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بېلەن سابىق يوگۇسلاۋېيە ئوتتۇرسىدا سىياسى ئىختىلاپ تۇغۇلغاندا ، خەلىقنىڭ بەخىتسىزلىگى ئۈستىگە بەخىت ئىزلەيدىغان ، خەلىقنىڭ يەلكىسىگە دەسسەپ تۇرۇپ شان – شەرەپكە ئىگە بولىدىغان ، مۇستەقىل پىكىر قىلماي خوجايىنىنىڭلا يوليورىقىنى ئىجرا قىلىدىغان «يېڭى ماڭقۇرۇت» لارنىڭ چىقىمچىلىقى ئارقىسىدا ، ۋەتەنپەرۋەر ، قەھرىمان يىگىت ئابۇتالىپ بىردىنلا يەنە «خائىن» ، «ئىشپىيون» دەپ قارىلىنىپ تۇتقۇن قىلىنىدۇ ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئۆلۈپ كېتىدۇ . ئايالى ۋە بالىلىرىمۇ پەقەت ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ بەخىتسىزلىككە ئۇچراپ قاتتىق خارلىققا قالىدۇ . 
    3. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى – ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى پاجىئەسى : سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى – ئامېرىكا دۆلەتلىرى ئالەم سىرىنى ئېچىش مەقسىدىدە ، ئالەم ئوربىتىسىدىكى ئۆزلىرىنىڭ بىرلەشمە ئالەم ئىستانسىدا تۇرۇپ ئىشلەشكە تەڭ ھوقوقلۇق ئىككى نەپەر ئۇچقۇچىنى چىقىرىدۇ . بۇ ئىككى ئۇچقۇچى چەكسىز ئالەمدىكى ئىستانسىدا ، ئۇشتۇمتۇت يات پىلانىتتىن بېرىلگەن سىگنالنى قوبۇل قىلىدۇ . ئەسلىدە سامان يولى پىلانىتى سېستىمىسىدا «ئورمانتۆش» دېگەن بىر پىلانىتا بولۇپ ، ئۇ پىلانىتتىكىلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىلغار پەن تېخنىكا كۈچىگە تايىنىپ ئالەمدىكى باشقا پىلانىتلاردىمۇ ھاياتلىقنىڭ بار يوقلىقىنى ئىزدەيدۇ-دە ، يەر شارىدىكى ئىنسانلار تەرىپىدىن ئالەم ئوربىتىسىدا بىر ئىستانسا قۇرۇلغانلىقىنى بىلىپ قېلىپ ، بۇ ئىستانسىدىكەر بېلەن ئالاقىشىش مەقسىدىدە شۇلارنىڭ چاستوتىسىغا توغىرلاپ سىگنال بەرگەندى . بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان بۇ ئىككى پىلانىتنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىر – بىرىنىڭ سىگنالىنى قوبول قىلىپ ئالاقە ئورنىتىدۇ . «ئورمانتۆش» لۈكلەرنىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن ، سابىق سوۋېت – ئامېرىكا ئۇچقۇچىلىرى ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن چەكسىز خوشاللىققا تولۇپ ، نىمە بولسا بولسۇن دەپ ئاشۇ يات پىلانىتىغا ساياھەتكە بېرىش قارارىغا كېلىدۇ-دە ، يات پىلانىتىدىكى ئەھۋالنى تەپسىلى ئۇققاندىن كېيىن ، ئاندىن بىراقلا يەر سارىغا مەلۇمات بەرمەيمىزمۇ دەپ ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ھۆكىمىتىدىن يوليورۇق سورىماي ، رۇخسەت ئالمايلا ، ئۆز ئىستانسىدا بۇ ئەھۋالدىن تەپسىلى خاتىرە قالدۇرۇپ قويۇپ ،«ئورمانتۆش» لەرنىڭ تېزلىكى نور تېزلىكىدىنمۇ تېز ، ئىنتايىن زامانىۋى بولغان «ئالەم كېمىسى» گە چىقىپ «ئورمانتۆش» كە كېتىدۇ . سابىق سوۋېت – ئامىرىكا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ نەزىرىدە «ئورمانتۆش جەمىيىتى» ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتە يەر شارىدىكىگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە مەدەنىيەتلىك ، ئەخلاق مىزانى يەر شارىدىكىدىن نەچچە ھەسسە يوقۇرى بىر جەمىيەت ئىدى . يەنە كېلىپ تەپەككۈرى ناھايىتى يوقۇرى سەۋىيەگە يەتكەن ، ئۇرۇش ، ھاكىمىيەت ، پۇل دېگەننى بىلمەيدىغان ، يامان نىيەت ، بوزەك قىلىش دېگەننى بىلمەيدىغان «ئورمانتۆش» لۈكلەر يەر شارىدىكى ئىنسانلار  بېلەن باردى كەلدى – قىلىشنى ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ، ھەمكارلىشىشنى قىزغىن خالايدېكەن . لېكىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى – ئامېرىكا ھۆكىمەتلىرى ئۆز دولىتىنىڭلا مەنپەئەتىنى ،  «ئورمانتۆش» لۈكلەرنىڭ بېسىپ كىرىپ ئۆزلىرىنى يەپ كەتمەسلىگىنى نەزەردە تۇتۇپ ، ئاشۇ يۈكسەك مەدەنىيەتلىك «ئورمانتۆش» پىلانىتىسى جەمىيىتىتىنىڭ يېڭى ئەخلاقى بىزگە يېتىپ كەلسە ، ھازىرقى ئىنسانلارنىڭ پىكىر – تونىشىنى ئۆزگەرتىپ ، ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئەخلاق مىزانى ، مەدەنىيەت ۋارىسلىقى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ دەپ قاراپ ، ئالەمدە بىزنىڭ يەر شارىمىزدىن نەچچە ھەسسە مەدەنىيەتلىك ئىنسانلار توپى جايلاشقان بىر پىلانىتا بارلىقىنى يەر شارىدىكى ئىنسانلارغا بىلدۈرمەسلىك قارارىغا كېلىدۇ ۋە ئالەم ئىستتانسىنىڭ ئوربىتىسىنى ئۆزگرتىۋېتىپ ، ھېلىقى ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ قايتىپ كېلىش يولىنى بىر يوللا بوغۇپ ، ئۇلارنى ئىككىنچى قايتىپ كېلەلمەيدىغان قىلىۋېتىش بىلەنلا قالماستىن ، يەنە «ئورمانتۆش» پىلانىتىسىدىكىلەرنىڭمۇ يەر شارىغا كىرىپ كېلىشىدىن قورقۇپ ، مۇداپىئە يۈزسىدىن يەر شارىنىڭ ئەتراپىغا ھالقا شەكلىدە زىچ راكىتا ئورۇنلاشتۇرىۋېتىدۇ ... 
    .... 
    روماندا بۇ ئۈچ  پاجىئە ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن . قارىماققا ئۇلار بىر- بىرىگە مۇناسىۋەتسىزدەك كۆرىنسىمۇ يەنىلا بىرلا مەركىزى ئىديەنى ئىلگىرى سۈرۈشكە خىزمەت قىلغان . ئۆز نەپسىنى دەپ ھەرقانداق يامان ئىشلارنى قىلىشتىن يانمايدىغان« يېڭى ماڭقۇرۇت»لار قاتتىق قامچىلانغان . يېدىكەي ، قازانقاپقا ئوخشاش ئۆزلىرىنىڭ ئەجدات ۋە ئەۋلادى ئالدىدا ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلغان ئالىجاناپ كىشىلەر مەدھىلەنگەن . كىرىش سۆزنىڭ ئاخىرىدا تەرجىمانلار مۇنداق دەپ يازىدۇ : 
    «ئالەم چەكسىز ،ھاياتلىق ئۈزۈلمەيدۇ ؛ تارىخ ئۈزۈلمەيدۇ ؛ بىزنىڭ ئالىجاناپ ئىشلىرىمىزنى نەۋرە – چەۋرىلىرىمىز ، ئۇرۇق – ئەۋلادىمىز توختىماي داۋاملاشتۇرۇپ بارىدۇ ، جەمىيەت ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىپ بارىدۇ ، ئاخىر يۈكسەك مەدەنىيەت دەرىجىسىگە يېتىدۇ . بىراق ، ئادەمنىڭ ئۆمرى چەكلىك ، ئۇ چەكلىك ئۆمرىدە ياشىشى كېرەك ، ئۆزىنىڭ ياشاش شەرت - شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ بېرىشى كېرەك . ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدىكى مۇھەببەت ھەممىدىن ئۇلۇغ ، ھەممىدىن يۈكسەك ، خۇددى ئاپتۇر ئۆزى ئىيتقاندەك ، ئىلىم – پەن تەرەققى قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندە ، ئادەمدىكى سەمىمىلىك ياشاشنىڭ ئەڭ ئالى مەقسىدىگە ئايلىنىدۇ .» 
    ئەسەرنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ئەسەر تىلى ئىنتايىن يېنىك بولۇپ كىشىنى بىزار قىلىدىغان ئۇزۇن قوشما جۈملىلەر ئۇچرىمايدۇ . ئاجايىپ روھى ھالەت تەسۋىرلىرى كىشىنى چوڭقۇر تەپەككۈر دۇنياسىغا باشلايدۇ . . . 
    دوسلارنىڭ روماننى ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن . 
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.