ھونلار كالىندارى

يوللىغۇچى : guljennet يوللىغان ۋاقىت : 2011-10-29 11:50:17

ھونلار كالىندارىمەن ئۇشبۇ يازما ئۈچۈن ئىزدىنىش جەريانىدا،«ھونلار كالىندارى»دىگەن بىر ئىنگىلىزچە تور بېتىنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم.ھونلار تارىخىدىن ئانچە خەۋىرى يوق ئوقۇرمەنلەرنىڭ پايدىلىنىشى ...


    ھونلار كالىندارى

     

     

    مەن ئۇشبۇ يازما ئۈچۈن ئىزدىنىش جەريانىدا،«ھونلار كالىندارى»دىگەن بىر ئىنگىلىزچە تور بېتىنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم.ھونلار تارىخىدىن ئانچە خەۋىرى يوق ئوقۇرمەنلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن مەن بۇ يەردە ئاشۇ تور بېتىدىكى ئۇچۇرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويدۇم.

    مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 200-يىلى:باتۇر تەڭرىقۇت ھونلارنى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باجكال كۆلى ۋە شەرقىي-جەنۇبىي موڭغۇلىيە رايونلىرىدا بىرلەشتۈرۈپ،ئۇلان باتۇرنىڭ قېشىدىكى لوڭچەڭنى ئۆزىنىڭ پايتەختى قىلدى.

    مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 176-يىلى: ھونلار شەرقىي جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلدى.

    مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 140-يىلى:خەن پادىشاھى خەن ۋۇدى ھونلارغا قارشى ھۇجۇم باشلىدى.

    مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 121-يىلى:جۇڭگو ھونلارنى يەڭدى.

    مىلادىيىدىن بۇرۇنقى51-يىلى:ھونلار ئىككى توپقا بۆلۈنۈپ،ئۇلارنىڭ شەرقىي توپى جۇڭگونىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتتى.

    مىلادىيىدىن بۇرۇنقى50-يىلى:غەربىي ھونلار توپى ۋولگاغىچە كىڭەيدى.

    مىلادىيىدىن كىيىنكى48-يىلى:ھون پادىشاھلىقى خەنلەر تەرىپىدىن يېڭىلىپ،تارقىلىپ كەتتى.

    337-يىلى:رىم پادىشاھسى كونستانتىن ۋاپات بۇلۇپ،رىم ئىمپىراتورلىقى شەرقىي كونستانتىنوپول ۋە غەربىي رىم ئىمپىراتۇرلىقىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتتى.

    350-يىلى:ھونلار شەرقىي-جەنۇبىي ياۋروپاغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى.

    376-يىلى:ئۇلدىننىڭ رەھبەرلىكىدە،ھونلار قارا دېڭىز ۋە دانۇبېگە يىتىپ كىلىپ،شەرقىي گوسنى بېسىۋالدى.

    395-يىلى:ھونلار ئەرمېنىيەگە ھۇجۇم قىلدى.

    408-يىلى:ئۇلدىننىڭ قوشۇنلىرى دانۇبې دەرياسىنى كىسىپ ئۆتتى،ئەمما رىم تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى.

    408-يىلى:ھونلار رىم جەمەتىگە تەۋە ئېيتىيۇسنى تۇتۇۋالدى.

    412-يىلى:ھونلارنىڭ لىدېرى دوناتۇس رىملىقلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ،ئۇنىڭ ئورنىغا چاراتو چىقتى،ھەمدە ئۇ پۈتۈن غەربىي ھونلارنى بىرلىككە كەلتۈردى.

    425-يىلى:بىر قېتىملىق سىياسىي كىرزىس جەريانىدا،ھونلار رىملىق گېنىرال ئېيتىيۇس تەرىپىدىن ئىتالىيىدە ئۇرۇش قىلىشقا ياللاندى.

    430-يىلى:ھونلارنىڭ لىدېرى رۇگىدا شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى بىر تىنچلىق كىلىشىمى تۈزدى.رۇگىدا ئۇلارغا تىنچلىق بىرىپ،ئۇنىڭ ئورنىغا يىللىق مائاشقا ئېرىشتى.

    433-يىلى:رۇگىدا غەربىي رىم ئىمپېرىيىسى بىلەن پاننونىئا ھونلارغا بېرىش ئۇنىڭ ئورنىغا ھونلار غەربىي رىم ئېمپېرىيىسىگە ھەربىي جەھەتتىن ياردەم بىرىش كېلىشىمى تۈزدى.

    433-يىلى:ئېيتىيۇس غەربىي رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ ئەمەلىي ھۆكۈمدارى بولدى.

    434-يىلى:رۇگىدا ۋاپات بۇلۇپ،ئۇنىڭ ئورنىغا ئاتتىلا بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسى بلەدا چىقتى.ئۇ چاغدا ئاتتىلا ئېيتىيۇسنىڭ دوستى ئىدى.

    435-يىلى:ئېيتىيۇس ھونلارنى ياللاپ،ۋاندالىسلار ۋە فىرانكىسلار بىلەن ئۇرۇش قىلدى.ئېيتىيۇس بىلەن ھونلار بېرگاندىلىقلارنى ۋەيران قىلدى.

    439-يىلى:ئاتتىلا ئېيتىيۇسقا ياردەم بەردى.

    441-يىلى:ھونلار شەرقىي رىمنىڭ دانىۇبې دەرياسىدىكى چەت ياقا جايلىرىغا ھۇجۇم قىلدى.

    441-يىلى:ھونلار شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسى بىلەن بىر تىنچلىق كىلىشىمى تۈزدى.

    445-يىلى:ئۆزىنىڭ ئىنىسىنى ئۆلتۈرۋىتىپ،ئاتتىلا ھونلارنىڭ بىردىنبىر لىدېرىغا ئايلاندى.ئۇ چاغدا ھونلار ۋېنگىرىيەنى مەركەز قىلغان ئىدى.

    447-يىلى:ھونلار بىلەن ۋالامېرنىڭ گوسلىرى بالقان رايونلىرىدا شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىگە ھۇجۇم قىلىپ،كونستانتىنوپۇلغا يىتىپ باردى.

    449-يىلى:ئاتتىلا شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسى بىلەن بىر يېڭى كېلىشىم تۈزدى.

    450-يىلى:شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ يېڭى پادىشاھى مارشىيان ھون-رىم كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلدى.

    451-يىلى:ھونلار پاننونىيادىن گائۇلغا سەپەر قىلىپ بېرىپ،گائۇلغا ھۇجۇم قىلدى،بىراق ئىيتىيۇس بىلەن ۋىسگوسلار ھونلارنى مەغلۇپ قىلدى.

    452-يىلى:ھونلار ئالپىسنى كىسىپ ئۆتتى،بىراق ئاپەتكە ئۇچىراپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ئىتالىيىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ۋاز كەچتى،ئاتتىلا پاپالىيو بىلەن تىنچلىق ئورناتتى.

    453-يىلى:ئاتتىلا ۋاپات بولدى.

    454-يىلى:گوسلار ھونلارنى پاننونىيادىن قوغلاپ چىقاردى.

    454-يىلى:ئېيتىيۇس ئۆزىنىڭ پادىشاھى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.

    461-يىلى:ھونلار پارىژنى قورشىۋالدى.

    469-يىلى:ھونلارنىڭ پادىشاھى دەنگىزىك ۋاپات بولدى،شۇنىڭدىن كىيىن ھونلار زاۋال تاپتى.

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.