كاسساندرا تامغىسى (6)

يوللىغۇچى : guzal110 يوللىغان ۋاقىت : 2014-02-19 19:09:13

جېسسى قەھۋە ئېلىپ كەلدى، پاراڭ قايتىدىن بۇرۇنقى نۇقتىغا يۆتكەلدى، كۆرسە، روبېرت بوركنىڭ ئەمگەكلىرىنى ھۆرمەتلىگۈچىلەرنىڭ بىرىمەن، دەپ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ پرزېدىنتلىققا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەر گورۇھىدىن ئەنتونى يۇنگېر دېگەن تېلېفون بېرىپتۇ،

     
     
    كاسساندرا تامغىسى (6)
     
    چىنگىز ئايتماتوۋ (قىرغىزىستان)
    (رومان)
    يۈسۈف ئىگەمبەردى تەرجىمىسى
    قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى تىل فاكۇلتېتى
     
    تۆتىنچى بۆلۈم (3)
     
    جېسسى قەھۋە ئېلىپ كەلدى، پاراڭ قايتىدىن بۇرۇنقى نۇقتىغا يۆتكەلدى، كۆرسە، روبېرت بوركنىڭ ئەمگەكلىرىنى ھۆرمەتلىگۈچىلەرنىڭ بىرىمەن، دەپ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ پرزېدىنتلىققا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەر گورۇھىدىن ئەنتونى يۇنگېر دېگەن تېلېفون بېرىپتۇ، بوركقا ئۇنىۋېرسىتېتىغا تېلېفون بېرىشكە ھەرىكەت قىلغان ئىكەن، بىراق تاپالماي قاپتۇ، ھەمدە چۈشتىن كېيىن يەنە تېلېفون بېرىشنى ئېيتىپ قويۇشنى سوراپتۇ، جېسسى بەلكىم بورك ئۆزى تېلېفون بېرەر دېسە، يۇنگېر: «مېنى تاپماق قىيىن، تاپىنىم يەرگە تەگمەي يۈگۈرۈپ قالايمىقانچىلىققا پاتقان كۈنۈم بۇ، ئوردوك سايلامچىلار بىلەن يولۇقۇشىدۇ، ئۇندىن كېيىن چوڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى..، ئىش قىلىپ چۈشەك كۆپ، بىراق بورك ئەپەندى بىلەن سۆزسىز سۆزلىشىشىم كېرەك، سۆزلىشىشنى كۆپتىن بېرى ئۈمىد قىلىپ يۈرىمەن، ھازىر سەۋەب تېپىلىپ يۈرىدۇ، سورىنىمەن، ئېيتىپ قويسىڭىز، مەندە مەلۇمات ۋە سوئاللار بار تېلېفون بېرىشىم ناھايىتى زۆرۈر» دەپتۇ .
    جېسسى مەشىققە جۆنەپ كەتكەندىن كېيىن كۆپ ئۆتمەي تېلېفون جىرىڭلىدى، بۇ قېتىم ئەنتونى يۇنگېر تېلېفون بەرگەن بولۇشى مۇمكىن .
    - بورك ئەپەندى،-سىز ئىككەيلەننىڭ فىلوفېي دېگەن ئورتاق دوستىمىز بار، يەنە ھەم بىز ئىككىمىزنىڭ تونۇشلۇقىمىزمۇ بار، تىلەككە قارشى ھازىرچە تېلېفوندىلا ئۇچرىشىش شۇنىڭ شاراپىتى بىلەن بولۇۋاتىدۇ، دېسەم قانداق دەيسىز؟
    -ئۇ دېگىنىڭىز راست، ئاۋۇ كائىناتنىڭ كاھىنى ئەمدى تۇرمۇشىمىزنىڭ كۆپ قىسىمىنى ئېنىقلاپ بېرىدۇ .
    -سۆز دەل شۇ ھەقتە، بورك ئەپەندى ئۇندىن باشقا ئۇ ھەتتا بىزگە قارىغاندا سىزگە بەكرەك بىلىنەرلىكرەك، ئەمدىكى قىيىن مەسىلە، ۋەقە قايسى نىشانغا قاراپ راۋاج تاپىدۇ، رۇسلار ئېيتقاندەك تارىخنىڭ ئوق ياغىچى قاياققا بۇرۇلىدۇ، مانا مۇشۇنىڭدا سىزنى بىلىۋالسۇن، دەپ ماختىنىپ ئېيتىپ قوياي، مەن رۇسچە راۋان، توغرا سۆزلەيمەن، ئوقۇش ھاياتىمنى موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئۆتكۈزگەن، مەن بۇ جەھەتتىن سىزگە پايدام تەگسە خۇشال بولىمەن .
    ئۇھ، ماۋۇ كىشىڭىز پۇختا ئىكەن،-دېدى روبېرت بورك ھەيران قېلىپ، ئىچىدىن ئانتونى يۇنگېرنىڭ ئولىۋىر ئوردوكتەك ئىشەنچلىك ۋە يېقىملىق ئىكەنلىكىنى بايقاپ «ئوبدانلا ساغلام ئادەم ئىكەن! -دەپ ئويلاپ قالدى، ئۇ زاتنىڭ يېشى قانچىلاردا ئىكەن؟» گورباچېۋنىڭ ۋاقتىدا مەنمۇ ھەتتا روسىيىدە بولغان .
    - دەپ گەپنى روسلار تەرەپكە ئۇلاپ سۆزلەپ كەتتى، ئۇ، موسكۋا، لېنىنگراد، كىيېۋ، ئېيتڭچۇ ئەنتونى، سىز قانچە ياشتا؟ شۇنداقلا بىلىپ قوياي دەپ سوراۋاتىمەن .
    -ئۇھ، جان دىلىم بىلەن! سالماق كۆرۈنۈش ئۈچۈن ئوتتۇزدا مەن، بىراق ماڭا ھەممىباپلىق، كامالەت كېرەك .
    –ياشتا مەن، دەپ جاۋاب قاتتى ئۇ، ئەقىل توختىتىشقا ۋاقىت يەتتى، مەيلى نېمە دېگەن بىلەن موسكۋا ماڭا ھەممە نەرسىنى ئاتا قىلدى، موسكۋا ھاياتنىڭ ۋە بىلىمنىڭ باشقا بىرقۇتۇبى، بىراق ك. گ. ب دە خىزمەت قىلمىدىم. ئەمدى بولسىمۇ ئەسكەرتىپ قوياي !
    ئامېرىكىدا ئېغىزدىن چۈشمەيدىغان بۇ چاقچاققا ئىككەيلەن تەڭ كۈلۈپ كېتىشتى .
    -كەچۈرۈڭ ئەنتونى، ياش جەھەتتىن ئوغلۇمدەك ئىكەنسىز، مەن پەقەت قىزىقىپلا سوراپ قويدۇم، ۋەزىنلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشتا سۆھبەتداشنىڭ ياش قۇرامىنى بىلىش ئەھمىيەتلىك ئىش .
    -مېنىڭ ئويۇممۇ شۇ، سىز ھەققىدىكى تەپسىلاتنىڭ ھەممىسىنى بىلىمەن، كىتابلىرىڭىزنى ئوقۇغان، يېقىنقى ۋاقىتتا «بەغايەت قەسىرنىڭ توققۇز قوۋۇقى» ناملىق ئەسىرىڭىزنى ناھايىتى زور ئىخلاس بىلەن ئوقۇپ چىقتىم .
    - توغرا، ئۇ بىر قېتىملىق كېلەچەكشۇناسلىق ھەققىدىكى دۇنياۋى مەپكۇرەلەرنى سىنتېزلاش ھەرىكىتى بولدى، رەھمەت مەن بەكمۇ رازى، دەپ ئىپادە بىلدۈردى بورك .
    -ھە، مەن ئۆزۈممۇ ئاكادېمىيىلىك مەۋقەدىن ئېيتقاندا، ئۆز ئورنىنى قوغدىغان بەندە،-دېدى ئەنتونى يۇلتۇزدەك كۈلۈمسىرەپ،-بىلمىدىم كالىنىڭ بۆرىكىدەك پارچە-پارچە قىلغان، قول يەتكۈزمىگەن نەرسەم قالغان ئەمەس، پەلسەپىدىن يۇلتۇزشۇناسلىققىچە قول ئۇزاتتىم، قاچاندۇر بىر ۋاقىتتا كائىنات ھەققىدە تەسەۋۋۇر قىلغان ئىدىم، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىشلىرى بىلەنمۇ، مۇخبىرلىق ئىشى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان ۋاقتىم بولغان، ئولىۋېر ئوردوك بىلەن شۇنداق تونۇشقان ئىدىم، ئۇ ئاۋامچىلىققا تايىنىدۇ، ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمۇ شۇ ساھەدە ئىپادىلىنىدۇ، ھازىر سايلام ئالدىدىكى رىقابەتتە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش كېرەك، ھېلىقىدەك بىزنىڭ ھالىمىزنى قويماي تۇرغان ئەھۋالمۇ دەل شۇنىڭدىن، مەن ئۇنىڭ كوماندىسىغا ئاممىۋى مەلۇمات باغلاشتۇرۇش ئىشىنى ئىشلەيمەن، مانا بۈگۈن مىسالى، ئۈچ سائەتتىن كېيىن« ئالفا بېيسبول» دېگەن تەنتەربىيە زالىدا سايلامچىلار بىلەن ئۇچرىشىش بار، ئادەم كۆپ، بىۋاستە تېلېۋىزىيىلىك ئۇلاپ كۆرسىتىش ئورۇنلاشتۇرۇشى بار. ئاندىن كېيىن كەچرەك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بىر نەچچە قانال بويىچە كۆرسىتىلىدۇ، مەن شۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىزگە مۇنداقلا ئېيتىۋاتقىنىم يوق، بورك ئەپەندى، بەلكىم بىزنىڭ، باشقىچە ئېيتقاندا ئوردوكنىڭ نېمىسى دۇرۇس، نېمىسى يالغان، قاراپ كۆرەيلى سىزگە قىزىق بولۇپ يۈرمىسۇن كەچۈرۈڭ، سىزنىڭ ۋاقتىڭىز مەن كوتۇلداۋېرىپ ۋاقتىڭىزنى ئالمىغاندىمەن؟
    - يوقسۇ، يوقسۇ، قۇلاق سەندە ئەنتونى .
    –شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان سىزنى بىلىۋالسۇن دەپ ئاتايىن دېگىنىم بۇ، ئەتە يىگىرمە ئەتراپىدا ئادەم، ياردەمچىلەر، تېخنىك خادىملار ھەم باشقىلار ئوردوكنىڭ ئىشخانىسىغا يىغىلىمىز، شۇ چاغدا ئۇتېزلا كائىناتتىكى كاھىننىڭ مۇراجىئىتى ھەققىدە سىزبىلەن تېلېفوندائۇزاققىچە سۆزلەشكىنىنى ئېيتتى .
    -شۇنداق سۆزلەشكەن ئىدۇق،-دېدى روبېرت بورك.
    -ھازىر پۇتى بىلەن مېڭىپ، بۇرنى بىلەن تىنىۋاتقاننىڭ ھەممىسى سۆز قىلىۋاتقان ۋەقە ھەققىدە ئوردوكنىڭ سىز بىلەن كېڭەشكەنلىكى ياخشى بولۇپتۇ، ئۇ نام-شەرپى بارغانسېرى مەلۇم بولۇۋاتقان سىياسەتچى، بىراق پەيغەمبەرلىكتىن يىراق، ئۇندىن باشقا، ئەنتونى، ساداغاڭ كېتەي،-دەپ بورك ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلدى، ماڭا مۇراجىئەت قىلىشقا ئوردوكقا سېنىڭ مەسلىھەت بەرگىنىڭنى بىلىمەن، بىراق مەنمۇ پەيغەمبەرلىكتىن يىراق، سەن مېنى بىر زاماندا ئۆزى ئېلىشىپ قېلىشقا باشلىغان ئادەم دەپ ئويلىدىڭمۇ؟ شۇ خىل رەۋىشتە يۈز بېرىۋاتقانلارنىڭ چۈشىنىشى ئۈچۈن مەيلى كىمگە بولسا مۇراجىئەت قىلىشقا ئۆزۈم تەييارمەن، سەن بولساڭ مەندەك بىر شۇ ئىشلارنىڭ بىلەرمەنلىرىدىنمۇ بەتتەر تېلېفون بېرىپ تۇرۇۋاتىسەن، مەن ئۆز ئويۇمنىڭ دەتالاشسىز ئىكەنلىكىگە كېپىل بولالمايمەن، مانا مۇشۇنى ئەسكە ئېلىش كېرەك !
    -شۇنداق بولغانغا مەن خۇشھال،-ئېيتقان سۆزى مېنى تاڭ قالدۇردى، ئەنتونى يۇنگېر ئۇنىڭ ئۇندىن بېرىلگەنلىكى سېزىلىپ تۇردى .
    - سەن نېمىگە خۇشاللىنىسەن؟
    -ئۆز ئىچكى تۇيغۇمنىڭ مېنى ئالدىمىغىنىغا،« ئۆز يۇرتتىن پەيغەمبەر چىقمايدۇ» دەپ قويۇشىدۇ ئەمەسمۇ؟ شۇنداق بولسىمۇ مەن يەنىلابىر ھېسابتا ئىشىنىۋاتىمەن، پرزېدېنتلىق تەختكە ئۇمتۇلغان سىياسەتچى، كېڭەشچى مۇتەپەككۇر دەل سىز ئىدىڭىز، ئوردوك بۈگۈن نۇتۇق سۆزلەيدۇ،
    مەيدانغا پەۋەس تولغان سايلامچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكچى، گەپ
    ئۇنىڭ ئىجتىمائىيەتتىكى ئوي-پىكىرنىڭ خۇرجىنىنى قولىغا تەگكۈزۈپ ئالالامدۇ-يوق، ئەگەر قولىغا چۈشۈرەلىسە خورجىنىنى دولىسىغا ئېسىپ كۆتۈرۈپ كېتەلەمدۇ، ئۇنداقلا ئەمەس، گەپ كۆز قارىشىڭلارنىڭ ئاممىغا تارىغانلىقىدا بولۇپ تۇرمامدۇ، مەن بۇنى ئولىۋېر ئوردوك سەھەر بىزگە ئېيتقاندىن كېيىن ئېيتىۋاتىمەن .
    -ئۇ نېمە دېگەن ئىدى؟
    -ئىش قىلىپ چۈشەنگەنىدىم، بەرگەن باھايىڭىزغا تايىنىپ ھېلىقى فىلوفېينىڭ كەشپىياتىنىڭ جەمئىيەتنىڭ بارلىق قاتلاملىرىدىكى، دۇنيانىڭ پۈتكۈل دۆلەتلىرىدىكى ھەر بىر ئادەم، ھەتتا ھېسابلاشماي قويمايدىغان رېئاللىققىمۇ ئىزاھلىما بېرىدىغان ھالىتى بار. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ مېنىڭ ئويۇمچە شۇنداق؟ ئوردوك مۆلچەر بىلەن شۇنداق دېدى .
    -بولغان ئىشلارنى يۈز بەرگەن پېتى ئەسلەپ قويۇش بۇ بىر خىل ياخشى ئىش، بۇ دەسلەپتكى تايانچ! ئۇندىن باشقا نېمە ئىش قىلىش كېرەك؟ كاسساندرا ھامىلىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئۇلىنىپ تۇرغان ھادىسىنى نېمىمۇ قىلارمىز، ئىجتىمائىي، تارىخىي، پسىخولوگىيىۋى جەھەتتىن ئالغاندا بۇ يەردە سوئال تالاي .
    -ئېيتقىنىڭىزدا شەك يوق، بورك ئەپەندى،-دەپ، ئەنتونى يەنە باشقا بىر نەرسە ئېيتاي،
    ئۇ ئۆز چۈشەنچىنى بىلدۈرەي دېۋىدى، بىراق بورك سۆزىنى يەنە ئۇلاپ گەپ قىلدى .
    -ۋۇجۇدۇم شۇ ۋەقەنىڭ تەسىرىدە، ھەتتا ئۆزۈمگىمۇ تۈنۈگۈنكىدىنمۇ باشقىچە ھالغا كىرىپ ھاياتنىڭ ماھىيىتىنى قايتىدىن ئويلىنىپ چىقىش كېرەكتەك سېزىلدى .
    -فىلوفېينىڭ باياناتى ئادەم تەقدىرىگە بولغان بۇرۇنقى كۆز قارىشىمىزنى يوققا چىقىرىدىغاندەك تۇرىدۇ، بىز بۇرۇن بوينىمىزغا ئېلىشنى خالىمىغان چىنلىق مانا بۈگۈن مۇشۇيول بىلەن چىقىپ كېلىۋاتىدۇ، ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش مەدەنىيەت-ئۇيغارىيەت بىلەن بىرگە يۈرگۈچى تەرس-تەتۈر كۆرۈنۈشلەرنى ئۇلار ئۆزلىرى يوققا چىقىرىدۇ، دەپ ئويلىسا بولاتتى، »تارشا شېشىق چۈشمىسە دەرەخنىڭ كېسىلگىلى بىلىنمەيدۇ «رۇسلاردا شۇنداق ماقال بار .
    -شۇنداق، بۇ كەڭرى تارالغان ماقال، ستالىن، مىسال ئۈچۈن، ئاممىۋى باستۇرۇپ جازالاشنىڭ تارشا-شېشىقلىرىنى شۇنداق كەسكەن، سۆزىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ، قۇلىقىم سىزدە .
    -ئۇندىن كېيىن ،شۇ نېمە دېمەكچى ئىدىم، تارىخنىڭ پۈتكۈل تەرەققىياتىدا بوغۇندىن-بوغۇنغا ئادەملەر بىر-بىرىنى ۋە ئۆزلىرى ياشىغان دۇنيانى سىستېمىلىق تۈردە تېتىپ كەلگەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن تەرەققىيات يولىدا كۆپ نەرسىدىن مەھرۇم قالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات يولىدا ئىگە بولۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنى قايتا كەلمەس قىلىپ قويغانلىقىنى فىلوفېينىڭ باياناتى كۆرسەتتى، كۆرسەتكەندىمۇ رەھىمسىزلىك بىلەن كۆرسەتتى، مانا مۇنداق مىسال بىلەن ئالايلىچۇ، ئەلمىساقتىن بېرى تۈگىمىگەن ئۇرۇشلار، ئۇ ئۇرۇشلارنىڭ ئىچىدىن داڭقىغا تېتىيدىغان دېگەنلىرىمۇ، ھېلىقى ئىنقىلابلار، قوزغىلاڭلار، كۆتۈرۈلۈشلەر، ھۆكۈمرانلارنىڭ جىنايەتلىرى، تاجاۋۇزچىلىقى، ئىلمىي نىشانلار بىلەن ھەر خىل ئىدىئولوگىيىلەرنىڭ قىياسلىرى مانا شۇلارنىڭ بارلىقى بىرىكىپ كېلىپ ئادەمنىڭ ھاياتىنى، تەقدىرلىرىنى دائىم تالقانلاپ، بويسۇندۇرۇپ، خەلقلەرنى ھەمىشە بىر-بىرىگە بىلەپ، سوقۇشتۇرۇپ ئادەملەرنى ئاچكۆز قىلىپ كەلگەنلىكىنىڭ ھەممىسى فىلوفېي ئېچىپ تاشلىغان كاسساندرا ھامىلىلىرىنىڭ ئۈنسىز ئىتىرازلىرىدىن كۆرۈنمەي تۇرمامدۇ؟ ئۇلارنىڭ سانى كۈنسايىن كۆپىيىپ بېرىۋاتمامدۇ! ئۇلارنىڭ ياشاشتىن باش تارتقىنى ئاخىر زاماننىڭ يۈز بېرىشى ئەمەسمۇ؟ ئەمدى مانا قاراپ باقايلى، كور تىرىكچىلىكىڭ بىلەن ئايىغىغىچە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشەنمىگەن قىيامەت قايىم ھەققىدىمۇ ئالدىمىزدا كېلىدىغان چىنلىق بولۇۋاتىدۇ ئەمەسمۇ؟ مانا مۇشۇلار ھەققىدە كېچە باشلاپ قويغان ماقالەمگە يېزىپ كىرگۈزۈۋېتەي، دەپ ئويلاۋاتىمەن، ئولىۋېر ئوردوك ئەلۋەتتە، فىلوفېينىڭ باياناتىغا يەنە ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس يەككە كۆز قارىشى بولار، بىراق مەيلى قانداقلا بولغان بىر ئەھۋالدىمۇ ئۇ، ھەتتا ئۇنىڭ گورۇھىنىڭمۇ .
    -ھەممىڭلار بىزنىڭ قانداق مۇرەككەپ ماتېرىيالغا دۇچ كەلگەنلىكىمىزنى چۈشىنىشىڭلار كېرەك، تۈنۈگۈن مەن ئوردوكقا مۆلچەر بىلەن شۇنى ئېيتقان ئىدىم .
    -مەن سىزنى بۈگۈنمۇ تېلېفودا ئۇزاق پاراڭغا بەنت قىلغىنىمغا ئۆكىنىمەن، بىراق ئىچىمدە سۆيۈنۈۋاتىمەن، مەن بىلىشكە تېگىشلىكىنى بىلىۋالدىم. ئەلۋەتتە، ئويىڭىزغا قوشۇلىمەن، فىلوفېينىڭ نەزەرىيىسىدىمۇ كۆپ مەسىلە بار، ئۇلار ھەقتە ئويلىنىدىغان پۇرسەت تېخى ئالدىمىزدا، بىراق نېمىلا بولمىسۇن بېشىمىزنى قاتۇردى، بىرەرمۇ ئادەمنى قالدۇرماي يەر يۈزىدە» بەندەمەن« دېگەننىڭ ھەممىسىدىن ئىنساپ دەپ مانا مۇشۇنى دە! دېسە بولىدۇ، فىلوفېي ئالەمنىڭ ئاچقۇچىنى بىر بۇراپ قويدى! ئەگەر بىز، كەچۈرۈڭ ئۆتكەن زاماننىڭ بارلىقى ئۈچۈن قىيىنچىلىق تارتىدىغان بولساق،-ھېلىھەم ئىشنىڭ يولى شۇنىڭغا كېتىۋاتىدۇ،-ئۆزىڭىز ئېيتقاندەك ئاچكۆز ئادەملەرنىڭ باشقىچە ئېيتقاندا بىزنىڭ، ھەممىمىزنىڭ، بىزنىڭ زامانىمىزغىچە ياشىغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قولى بىلەن قىلغىنىغا، يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن گۇناھقا پاتىدىغان بولساق، ئۇنى ئۆزىمىزدىن باشقا يەنە كىمدىن كۆرىمىز، كىمگە بېرىپ دادلىنىمىز؟! يامانلىقنىڭ يوق بولماسلىقى، ئۇنى كىم قىلسا قىلغان ئادەم بىلەن بىرگە يوقالماسلىقى، ھەمدە ۋاقىت سائىتى كەلگەنگىچە ئىرىسىيەتنىڭ ساقلانمىسىنىڭ بىر يېرىدە تىنىپ يېتىۋېرىشى مەلۇم بولدى، ئۇندىن باشقا كىملەردۇر بىرسى بۇنىڭ ئۈچۈن شامۇ سەھەر ھاياتلىقتىن باش تارتىش بىلەن بەدەل تۆلىشى كېرەك ئىكەن-دە؟  !
    -شۇنداق، شۇنداق بولۇۋاتىدۇ، ئەنتونىي،گەپ ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە. كۆپ ئويلانمىغانلىقىمىزدا، ئۇلارنى قەتئىي بىر تۇتامدا قارماش بىلەن يامانلىقنىڭ مۇتلەق كۈچ ئىكەنلىكىنى، يامانلىقنىڭ بىزنىڭ تۈپكى ۋەزىپىمىزنى ھەمىشە ئۆلتۈرۈپ تۇرۇشىنى، بىزنىڭ ئالەمنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىۋاتقان بايلىق مەنبەلىرىمىزنى ئۆلتۈرۈپ تىرىكچىلىكنىڭ باشقا يوللىرىنى تونۇش ئۈچۈن ئەقلىگە مۇمكىنلىك بەرمىگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئادەم سۈپەت جەھەتتىن ھازىرقىغا ئوخشىمىغان ھالەتتە بولىدىغانلىقىمىزنى ئويلىمىغانلىقىمىزدا .
    -بورك ئەپەندى، تەن قۇرۇلمىمىزدىن ھازىر قانداق بولساق شۇ تەن-بويىمىزدىن قېلىش بىلەن بىرگە ئادەملەر باشقا سۈپەتتىكى ئىقتىدارغا ئىگە بولالارمۇ، يۈرۈش-تۇرۇشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان جاندارلار بولۇپ قالارمۇ، بۇنى قانداق ئويلايسىز؟
    -پۈتۈنلەي مۇمكىن، چۈنكى بىز ئۆز كىندىكىمىزنى ئۆزىمىز كېسىپ قالمىدۇقمۇ؟ ئالەمدىكى بىردىن بىر پەقەتلا ئەقىل ئاتا قىلىنغان جانلىق بىز بولدۇق، ھېچبىر مەخلۇق بىزدەك مۆلچەرلەنگەن ئەمەس، بىزدە روھانىي تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ باشقا تىپى، پرىنسىپاللىق جەھەتتىن باشقا تەرەققىيات بولۇشى مۇمكىنمۇ، بۇ ھەقتە ئويلىنىش، دەتالاش، بەس-مۇنازىرە قىلىش كېرەك، پەقەت ئادەملەردىنلا بىرەر نەرسىنى تونۇپ بىلىشكە بولمايدۇ، بىز ئىلىم ۋە تېخنىكىدىن باشقا نېمىگە يېتىشەيلى ياكى يېتىشمەيلى بىز ھەمىشە، تىلەككە قارشى بىر-بىرىمىزنى يېگەن يىرتقۇچ ھايۋاندەك مەخلۇق بولۇپ قېلىۋاتىمىز .
    -ئۆكۈنچلۈك، بۇھالىتىمىزناھايىتى ئۆكۈنەرلىك،دېمەك، كائىناتتىكى كاھىن بىزنى ئىرسىي قىلمىشنىڭ ئۈستىدن قارمىغان ئىكەن؟! بىراق بۇ قانچىلىك ئەخمىقانە ئىش بولسىمۇ بىز ھازىر ھالىتىمىزدىن باشقىچە بولۇشىمىز مۇمكىن ئىدى، دېگەن ئوي مېنى بىر تەرەپتىن نومۇسقا قويىدۇ، بورك ئەپەندى، بۇنىڭدا بىزنى شەھۋانىي سېرىغ كويغا سېلىپ كەتكۈچى ئادەتتىكى مەپكۇرەۋى ناخشا يوقمۇ؟
    -ئۇنداقتا، ئورمان-توقايمۇ بولۇشى مۇمكىن بولسا قانداق مۇراجىئەت قىلىسىز؟
    -بىرلا نەرسىنى، ئۆزىمىزدە يېڭى ئەقىل-ئەسنىڭ ئورمان-توقىيىنى ئۆستۈرۈشنى .
    -بۇنى قانداق چۈشەنسەك بولىدۇ؟
    -بۇنى قانداق چۈشەنسەك بولىدۇ؟ ناھايىتىمۇ بىر كۈلكىلىك، ھەجىۋى مۇخبىر ئىكەنسەن! فىلوفېينىڭ باياناتلىرىدىن كەلسە، بۇ: كاسساندرا ھامىلىلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا قۇلاق سېلىش، كاسساندرانىڭ ھەر بىر بەلگە-مەلۇماتلىرىنى ئەسكەرتىش سۈپىتىدە قوبۇل قىلىش كېرەك، دېگەننى بىلدۈرىدۇ، يورۇق دۇنياغا تۆرىلىشنىڭ ۋەھىمىسىنىڭ بىزنىڭ ئىچىمىزدە يېتىلىشكە باشلىغان تارىخىنىڭ ئايىغىنى شۇنداقلا ئۈزۈپ توختىتىشقا بولىدۇ، ئىرسىي پاجىئە يېقىنلاپ
    كېلىۋاتىدۇ، دېگەن ئاڭ-سېزىم ھەر بىر ئادەمگە يەنە پۈتكۈل ئادەمزاتتا» مۇنبەر «گە بېغىشلاپ يازغان ماقالەمدبولۇشى زۆرۈر، مەن دەل شۇ ھەقتە شۇلارنى يېزىۋەتتىم، كەچۈرۈپ قوي .
    -ئەنتونى، تېلېفوندا ھەممىنى ئېيتىش مۇمكىن ئەمەس، قىسقارتىپ ئېيتقاندا، ئادەمزاتىنىڭ ئەۋلادلار ئالدىدىكى جاۋابكارلىقى ھازىرقى يېڭى تۈسكە ئىگە بولۇۋاتىدۇ، بەلكىم بۇ تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئۇلاندىسىدۇر. تۈنۈگۈن مەن ئوردوكقا مۆلچەر بىلەن مانا شۇنى ئېيتتىم، ئۇمۇ ئويغا پاتتى .
    -شۇنداق.
    -شۇنداق ئەپەندى، بۇ قېتىم بىزنىڭ ئوردوكقا ئىككى ھەسسە قىيىن بولغۇدەك، چۈنكى، مۇنداق ۋەزىيەت ئۇنىڭ سىياسىي رەڭۋازلىقلىرىغا كىرمەيدۇ، ئوردوكقا ئوخشىغان سىياسەتچىلەرنى داۋراڭچى سىياسەتۋاز دەپ قويىمەن، ئوردوك دۈشمىنى ئالدىدا تۇرغاندا ئىشەنچلىك ھەرىكەت قىلىدۇ.
    مانا شۇنىڭدا ئۇ ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ، بۇنداق ئىشلار خەلقنىڭ كۆزىگە كۆرۈلگەن ھالدا، كۆپچىلىك ئالدىدا بولۇشى كېرەك، تار دائىرىدە ئۇ» زۆرۈرىي دۈشمەن «دېگەن ئاتالغۇنى قوللىنىپ قويىدۇ، مانا مۇشۇنداق بولغاندا ئۇ ئالدىغا كىشى سالمايدۇ، ئۇ بۇ يەردە بولسا، قارىمامسىز، نەدىكى بىر مەۋھۇملۇق !
    -پەقەت ئۇنداقلا ئەمەس، ئەنتونى، بۇنداق مەۋھۇملۇق كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ۋاقىتتا كونكرېتلىققا ئايلىنىپمۇ قالىدۇ، ئايلانغاندىمۇ ناھايىتى قاتلاڭ تۈستىكى كونكرېتلىققا ئايلىنىپ قالىدۇ، چۈنكى بۇ ئادەملەرنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇۋاتىدۇ .
    - شۇنداق، ئەلۋەتتە، پەقەتلا ئوردوكنىڭ پسىخولوگىيىسىنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى بىلگۈم كېلىدۇ، بىراق ،بۇ ھەتتا ئۇنىڭ سىياسىي ھاياتىنىڭ شەكلى، بىراق بۇنىڭ جىمىسى گەپ ئارىسىدىكى نەرسە، گېپىم تۈگىدى، بورك ئەپەندى كەچۈرەرسىز، سىز بىلەن قىلسام سۆز تۈگەيدىغاندەك ئەمەس، ماڭا قايتا تېلېفون بېرىشكە رۇخسەت بەرمەڭ، جېنىڭىزغا ئارام بەرمەيمەن .
    -يارايسىز، يارايسىز، ئەنتونى، زۆرۈر بولۇپ قالسا سۆزلىشىشكە نېمىشقا رۇخسەت بولمايدىكەن .
    -ياخشى قېلىڭ، بورك ئەپەندى، توساتتىن بۇ بىر ئىشنى كۆرگىڭىز كېلىپ قالسا يىغىلىش، نامايىش
    » ئالفا بېيىسبول» دا ئالتىدىن  سەككىزگىچە، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى »شېراتون« مېھمانخانىسىدا توققۇزدىن ئونغىچە .
    -رەھمەت، ئۇنتۇپ قالمايمەن ....
    كۈمۈشتەك جىرىڭلاپ تۇرغان تازا ھاۋا، خىلمۇ خىل يەلكەنلىك كېمىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا تاۋۇشسىز غۇلاپ ياتقىنى، شەھەر چېتىدىكى ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرىنىڭ ئۈستىدىن خوشلاشقاندەك ئايلانغان ئۇچارلىقلارنىڭ قايتىپ كېتىۋاتقان توپى، كۈزنىڭ شۇ كۈنىنى سۈرەتلىگۈچىنىڭ رىتىم تاختىسىدا مەڭگۈلۈك قالىدىغاندەك ئادەمنى يالۋۇرغۇزىدۇ... قايسى بىر قېتىم ئارىدىن ئويناپ يۈرۈشكەن بالىلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى ئاڭلىنىپ  تۇرماقتا، شۇ ئوچۇق كۈن جان-جانىۋارلارنىڭ ھەممىسىگە تىن-ئاسايىشلىق ئېلىپ كېلىدۇ، جان تىنچلىقنى تارتۇق قىلىدۇ، ئۆز تىرىكچىلىكىگە نەزەر تاشلاتقۇزىدۇ .
    ئاشۇ خۇدا بەرگەن كارامەتلىك كۈن ئۆز نۆۋىتى بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ، يەنە ئۇنىڭ بۇ ئېقىمغا ھېچنەرسە كاشىلا بولالمايدىغاندەك تۇيۇلغان ئىدى، بىراق، ھېلىھەم كۆزگە كۆرۈنمىگەن، ھېلىھەم يېتىپ كېلىۋاتقان ھەمدە ئۆزى ھەققىدە باشقىلارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن، پىنھان رەۋىشتە قۇۋۋەت يىغىشقا باشلىغان بىر ۋەقە ئاستىرتتىن يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئادەملەر بىر يەرگە يىغىلىشى كېرەك ئىدى. ناھايىتى كۆپ ساندىكى كىشىلەر يىغىلىپ، بولۇشىغا دېمى ئىسسىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىغا زىچ، ھەمدە مەھكەم توپلىنىشى كېرەك ئىدى .
    روبېرت بورك سائىتىگە قاراپ قويۇۋاتاتتى ۋە ئوردوكنىڭ سايلامچىلار بىلەن ئالدىدا بولىدىغان ئۇچرىشىشىنى شۇنچىلىك بىر ھاياجانلىنىش بىلەن پرزېدىنتلىق كرېسلوسىغا يېتىش ئۈچۈن بورك ئۆزى نۇتۇق سۆزلەيدىغاندەك، گېزىتچىلار ئېيتقاندەك ئۆتۈۋاتقان ۋاقىتتا قولغا ئېلىپ كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسى بىلەن قوللىشىغا ئىگە بولۇشىنى مەقسەت قىلغاندەك بولۇپ تۇرغانلىقىنى بايقىدى، نېمە ئۈچۈن؟ قانداق سەۋەب بىلەن بۇنچە ئىچ سىقىلىپ تۇرغانلىقىنى بوركنىڭ ئۆزىمۇ چۈشەنمىدى، بار بولغىنى سايلام ئالدىدىكى ئىجتىمائىي پائالىيەتنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىدىكى ئادەتتىكى ئىش-كۈشلەرنىڭ بىرى، ئالاھىدە ھېچنەرسىسى يوق، ئۇندىن قالسا دېيىشكە تېگىشكىلى بۇ ھەقتە ئويلاپ كۆرۈشنىڭ كېرىكى بارمىدى؟ قاتارىدىكى ۋەقەگە بۇنچە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ، ئاڭا ھېچ بىر زۆرۈرىيىتى يوق نەرسە ئۈچۈن بۇنچە سىقىنىشنىڭ كېرىكى بارمۇ زادى؟ ساراڭلىققۇ بۇ! ۋىجدانلىق بولۇپ چىقىپ كېلىۋاتقانلىقىنى قارا .
    بىراق، ئۇ ئۆزىگە قانچىلىك تەسەللىي بەرمىسۇن ئوي-پىكرى ئورنىغا كەلمىدى، ئۇ جېنىنى قويىدىغان جاي تاپالمىدى، ئۇنىڭ سىرتقا چىققۇسى، كەڭرى باغلارغا بارغۇسى كېلىۋەردى، ئادەتتە يىراققا بارماي ئۇيان-بۇيان مېڭىپ ياكى بولمىسا قۇمغا سىرلىق بەلگىلەرنى قىلىپ ئوچۇق دەرىزە ئارقىلىق ئۈنقويغۇدىن چىققان مۇزىكىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلايتتى، ئۇ ھازىرمۇ ئاڭلاۋاتاتتى. بىتخوۋىننىڭ سىمفونىيىسىدىن، ئۇنىڭ ئالەمىي كامالىتىدىن ۋە كۈچ-قۇدرىتىدىن ئۇ كۆڭۈلنى خۇش قىلىدىغان ئاسايىشلىقىنى ئىزلىگۈچى مۇزىكا كۆپ قېتىم ئاڭلىتىلىۋاتقاندەك، ئۇنى ئالاقىزادە قىلىشقا، باشقا دۇنياغا، باشقا ئوي-پىكىرلەرگە، كۈتۈلمىگەن ئويلار بىلەن خىياللارغا ئېلىپ كېتىشىگە ئىشىنەتتى. چۈنكى، ئۇ يەردە تالاي رەت شۇنداق قىلىپ ئۆزى بىلەن ئۆزىلا بولاتتى، مۇزىكا بۇ كۈننىڭ قۇۋۋىتىنىڭ سانسىز تارىلىپ تارقىلىشىنىڭ بىرى، ئۇ كائىناتنىڭ تۈپۈر-تۈپۈرىدىن چىقىدۇ، لېكىن كومپوزىتور بولسا راداردەك، مۇزىكىنى كائىناتتىن ئاڭلايدۇ، ئۇنى فورمىغا سالىدۇ، تەڭكەش قىلىدۇ، كونسېرت ئاڭلانغادەك قىلىدۇ، دەپ تەپەككۇر قىلغاننى ياخشى كۆرىدۇ، باشقىچە ئېيتقاندا، مۇزىكا بۇ ئالەمدىكى ماكان بىلەن زاماننىڭ ئاۋازغا ئايلىنىشى، ئەلۋەتتە، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ» ئىختىرا «لىرىنى ھېچكىمگە تىنىپ باققان ئەمەس، ئېيتسا كىشىلەر ئاڭا كۈلۈشىدۇ، ھەتتا ئايالى جېسسىمۇ بىلمەيدۇ، ئۇنىڭ يەنە تېخى بىر نەزەرىيىسى بولۇپ، ئۇ نەزەرىيىنىمۇ ھېچكىمگە ئېيتمىدى، بىراق بەزىدە ئۇ نەزەرىيىسى توغرۇلۇق بىراۋلارغا سىر ئاچقۇسىمۇ كېلىدۇ، مۇزىكا دەپ ئويلىنىدۇ، ئۇ گاھىدا ئادەملەرگە ئۆز ئۆمرىنىڭ تراگېدىيىلىك، ناھايىتىمۇ قىسقىلىقىنى، كەملىكى تولۇقلاش ئۈچۈن بېرىلگەن نەرسە. ئادەم مۇزىكا ئاڭلاۋاتقاندا، مۇزىكىغا بېرىلىپ كەتكەندە ئۇ ئادەمدىن تاشقىرى كاتېگورىيىگە ئۆتىدۇ، مەڭگۈلۈك ئېقىمغا قوشۇلىدۇ، ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆمرى ئۇزىرىدۇ، ئەبەدىيلىك بىلەن ئۇچراشقاندا، بەلكىم، ئونلىغان يىللارغا، يۈزلىگەن يىللارغا ئۇندىن تېخىمۇ ئۇزاق يىللارغا ئۇزىرىدۇ، ھە، بەلكىم ئۇنىڭ تەبئىيىتى ھېچقاچان ئېچىلمايمۇ قالىدۇ .
    بۇ قېتىم مۇزىكىنى بۇنداق قوبۇل قىلىشقا مەلۇم بىر ئوڭايچىلىق، مەلۇم بىر خىل كەيپىيات، دۇئا قىلىش ئالدىدىكىدەك، دېڭىزغا سەپەرگە چىقار ئالدىدىكىدەك كەيپىيات كېرەك ئىكەنلىكىنى بورك چۈشەندى، ئاڭا بۈگۈن دەل ئاشۇلار يەتمەي تۇرىدۇ، شۇنداق قىلىپ مۇزىكىمۇ ياردەم بېرەلمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە جېسسىنىڭ بىر ئىشقا كۆڭلى بارمىدى، ئىش تۈگەپ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىگە قايتىپ ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يوللارغا ھەرىكەت بىلەن جۆنىشىپ، توسالغۇلار كۆپىيىپ تۇرغان چاغ ئىدى، بورك ھەتتا ئۆيدە قاۋىلىپ قالغاندكە بولدى، ئىش يۈرۈشمىدى، شۇنداق قىلىپ تېز پۈتتۈرەي دېگەن نەرسىگە قولى بارمىدى» مۇنبەر«، تەھرىراتىدىكىلەرنىڭ ئۇ ۋەدە قىلغان ماقالىنى ئىمكان بولسا تېزرەك تاپشۇرۇۋالغۇسى كەلدى. ئۇ بولسا گېزىت بەتلىرىدە كۈچلۈك تەسىرىنى چۈشۈرۈپ قويماي، كېچىكتۈرمەي ئېلىش كېرەكلىكىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ئۆزىنى كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا مەجبۇرلاپ ئولتۇرغۇزمىدى، ئانچىكىم بولسا يەنە تېخى تۈن نىسبىدە ئىشلەيمەن، گېزىتتىكىلەرنى ئۇياتتا قالدۇرماي دەپ ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، توختىماستىن ئۆزىنى يەنە ھەرىكەتلەندۈردى، ئۆتكەننى يېزىۋالاي، جان سەكراتقا چۈشتى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە قەغەزگە پۇختا تېكىست چۈشىدۇ، دەپ ئىچ-ئىچىدىن خۇشال بولدى، ئۇ بۇنى ئۆزىدىن سېزىپ تۇردى، تېكىست ئۇنىڭ كاللىسىدا يامغۇر-يېشىندىن كېيىنكى چۆپتەك ئۆسۈپ چىقتى، مەزمۇننىڭ ئۆزى قەغەزگە ئۆزلۈكىدىن چۈشۈشنى ئۆتۈنۈپ تۇردى .
    ئۇ كۈتۈشكە تېگىشلىك بولمىغان، ئاڭا بىھاجەت بولغان، نەرسىنى زارىقىپ كۈتۈپ ئىش قىلمىدى، بۇ شەھەرنىڭ خەلق ئەڭ زىچ ياشىغان ۋاقتىدا كىشىلەر سىقىلىپ تۇرغان مەلۇم تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام ئالدىدىكى زور نامايىش، نېمىگدۇر ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدا پىشايۋاندا، چىملىقلاردا ئۇنىڭ ئېرەم بېغىدا ئۆتكەندەك سېزىلدى، ئۇنىڭ ئۆيىنى زور بىر توپ كىشىلەر قورشاپ ئېلىپ، دېمىنى سىقىپ تۇرۇۋاتقاندەك قىلاتتى، ئۇ ئۆزىنى ئۆزى خىيال سارىڭى دەپ تىللىدى، بولمىسا قانداق قىلىپ كۆز ئالدىغا كەلتۈرسۇن؟
    ئۇ بىردەم ئۆيگە كىرىپ، بىر دەم قايتىدىن سىرتقا چىقىپ ئۇيان-بۇيان مېڭىۋەردى، سائىتىگە قارايدۇ، يېقىملىق مۇزىكا قۇلىقىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ، تېلېفوننىڭ خېلىغىچە تىنماي جىرىڭلىغىنىغا قارىماي جاۋاب بەرمىدى، مېھمانخانا ئۆيىدىكى چوڭ تېلېۋىزورغا يېقىنلىمىدى، ئالدىنئالا ئۇنى قويغۇسى كەلمىدى، بۇ ۋاقىتتا سانسىز قاناللاردا نېمە بېرىلىۋاتقانلىقىغا قارىماي تۇرۇپلا ئېيتسا بولىدۇ، بايىقى، تېلېۋىرىيىدىكى توپىلاڭغا جېسسىمۇ قارمالدى، ئۇ جېنىنى قويارغا جاي تاپالماي قالدى، ئۇ ئويىنى بىر يەرگە يىغالمىدى، بىراق تېخىمۇ ئېغىرئويلارمۇ كېلىپ قېلىپ تۇردى، مىسالى، ئۇنىۋېرسىتېتتا، ئۇلار ئەمەس» مۇنبەر« نىڭ مۇخبىرلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتە، نېمە ئۈچۈندۇر كائىنات كاھىنى فىلوفېينىڭ مۇراجىئىتىنى، پەقەت رىم پاپاسىغا بېغىشلانغىنى يوق دەپ ئويلاپ قالدى، ئۇ ھەقىقەتەندىمۇ بۇنىڭ بىلەن رىم پاپاسى ناھايىتى مۇرەككەپ ئەھۋاللاردا قالغانلىقىنى ئوڭاي چۈشەنسە بولىدۇ-دە، نېمە قىلىش كېرەك؟ مۇنداق ئادەتتىن تاشقىرى، ھەتتا ئاقىۋىتى جېدەللىك بولۇپ قالغۇچى، نەدىكى بىر ئۆزىنى كاھىن، دەپ ئاتىغان نېمىنىڭ مۇراجىئىتىگە نەشىر-ئەپكارلار ئارقىلىق جاۋاب بېرىش كېرەكمۇ ياكى ئۇنداق ئەمەسمۇ، ھەمدە جاۋاب بېرىش كېرەك بولسا نېمە دەپ جاۋاب بېرىش كېرەك؟ !
    كاسساندرا ھامىلىلىرىنىڭ قىيىن مەسىلىسى ھەممە يەردىكى مۇھاپىزەتچىلەر بىلەن بەس-مۇنازىرىلەرنىڭ نۇقتىسى بولغاندا، ھەر قانداق، بىر قانداق دىنلاردا بولۇپ كۆرۈلمىگەن، داۋالغۇشنىڭ باشلىنىشىنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكىنى روبېرت بورك كۆز ئالدىغا ئېنىق دانىمۇ دانە كەلتۈردى، فىلوفېينىڭ بايانىتىنىڭ يولىدا تۇرغان قورقۇنچلۇق ئىشلارنىڭ بىرى شۇ ئىدى .
    خۇدا بىلەن قول يەتمەس بىرىكىشنى، چاڭقىغان ئادەم روھىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۇمتۇلۇشىنىڭ ئازابىنىمۇ، ئەسلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان دىنلارنىڭ شۇنداقلا دەرىجىدە ئۆز بىلىنگىنى بار، خۇدا خۇداسى بىلەن ئۇندىن قالسا، خۇدا ھەممەيلەنگە ئورتاق، بىراق ئۆزىنىڭكى ئۆزدەك، ئۆزگىنىڭكى ھامىنى ئۆزگىنىڭكى، ئۆز بىلەن ئۆزگە ئۆز ئارا سىغىشمايدىغان نەرسىلەر، ھەر قانداق دىنلارنىڭ چىنلىققا ئىگە بولۇشىدىكى ئۆز بەھرىمەنلىكلىرىنىڭ ئېنىقلىنارىدا خالىسلىقتىن تېيىشچانلىقى قۇرۇپ نۇمۇسچانلىقى، ئۆزۈمچىلىكىمۇ مانا مۇشۇنىڭدىن، بۇ نېگىزدىن داھىيلارنىڭ دۇنياۋى قۇرۇلمىلىرىدا قارىمۇ-قارشى تۇرۇشنى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە، دىنغا ئىشەنگەن ئاممىنىڭ بىر بىرىدىن چەتنىشىنى، ئۆز ئارا چۈشىنەلمەسلىكىنى پەيدا قىلىدۇ، شۇ سەۋەبتىن فىلوفېينىڭ باياناتىنىڭ قانداق ئەھۋالدا بولمىسۇن ياكى كائىنات كاھىنىنىڭ قارغىشىغا تارتىپ يەنە شۇنىڭ بىلەن سىياسىي كاپىتال يىغىپ ياكى كاسساندرا تامغىسىنىڭ ئاشكارلىنىشىنى ئۆز تەلىماتىغا ئوڭايلاشتۇرۇپ شۇنىڭ ئۆزى بىلەن تەسىر دائىرىسىنىڭ چوقۇنغۇچىلىرىنى كېڭەيتىش ۋە دىنغا ئىشەنگەنلەرگە تەسىرىنى يۇقتۇرۇش ئۈچۈن ھەر بىر دىنلارغا بەلگىلىك بىلەر كۈچلەر تېپىلىدۇ، دەپ ئويلىدى، روبېرت بورك، دەسلىپىدە بىرەرسىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇپ ئۇنىڭغا ئۇلىنىپلا ھەر قايسى دۆلەتلەردە قىدىرىپ يۈرگەندىكى ھەر قانداق خەلقئارالىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرىدا قىينىلىپ ئويلىنىپ، ئويلىغانلىرىنى تېزدىن تېز ئېيتىشقا ئۈلگۈرەلمەي يۈرگەندىكى خىياللار ئۇنىڭ ئويىغا قايتىدىن كەچتى. ئەگەر يەر يۈزىدىكى ھەر بىر كىشىنىڭ بارلىق دىننى قوبۇل قىلىشىغا ئەركى بولسا، ئەگەر كىشى ھەممە يەردە ھېچ نەرسە بىلەن كۈچلۈك قائىدىلەنمىگەن بولسا، ئەگەر كىشى ئەلۋەتتە خۇداغا ئىشەنسە، ئۇنىڭغا بارلىق مەۋجۇد دىنلار ئوخشاش ئۆلچەمدە يەنى ئوخشاش بولسا، ئاڭا «ھالەت، ۋەزىيەت» دېگەندەكلەر بىلەن تەئەللۇق بولغۇچى ھوقۇق بېرىلگەن بولسا، ئۇ باشقا بارلىق دىننى تونۇمىغان قايسى بىر ئايرىم دىنىي تەشكىلات ياكى جەمئىيەتنىڭ ياكى دىنىي مەزھەبنىڭ ياقلىغۇچىسى بولماستىن دۇنياۋى دىنلارنىڭ قۇرۇلتايلىرىنىڭ ئەزاسى بولالىسا يەنە ئۇ ئۆزىنى خىرىستىيان، مۇسۇلمان، ھىندى دىنى مۇخلىسى دەپ سايلىيالىسا ھەم ھېچقانداق باھانە-سەۋەبسىز تونۇلغان بولسا ،يەنە شۇ قاتاردىكى دىنلارغا ۋە ئېتىقادلارغا ئۇنىڭ مۇھەببىتى ۋە ھۆرمىتى بولسا،ئۇنىڭ شۇ چوقۇنغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنى تونىسا يەنە ئۇنىڭ مەپكۇرەلىرى بىلەن نۇرمىلىرىنى، مەزھەپچىلىكى بىلەنلا ئەمەس ھەممە دىنىي ئىدىيىلىرى بىلەن نورمىلىنىپ ئەركىن قوبۇللانسا نېمە بولماقچى؟ ئايرىم ئىنساننىڭ تۇرمۇشى قانداق ئازابقا چۈشمەكچى، بۇ ئادەم تەقدىرى قانداق قىسمەتتە بولماقچى، دېگەن ئويلار ئىدى، ئۇنداقتا ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا دىنىي مىجەزدىكى يوشۇرۇن ۋە ئوچۇق توسالغۇلار بولمايدۇ، بۇ ناھايىتى چوڭ شەھەرلەردىكى ھەم كىشىلەر زىچ ياشىغان دۆلەتلەردىكى كۆپ دىننى، ئۆزى ئېتىقاد قىلغان، ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جامە ۋە قەۋملەر ئۈچۈن ئېنىق ناھايىتى مەلۇم، بەلكىم ئىشنىڭ مۇنداق ئەھۋالى ئادەم ھاياتىنىڭ يۈكىنى خېلىلا يەڭگىللىتىپ تۇرمۇشىنى رىتىمغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن، بەلكىم بارلىق دىنلار ئۆز ئالدىغا ھەم بىر بىرى بىلەن زىددىيەتتە بولۇشماي، بەلكى رىجەلىشىپ كىشىگە تۇشمۇ-تۇشتىن چىقىدىغان شۇنداق بىر تارىخىي دەۋر كەلگەندۇر؟ شۇنداقتا 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ئادەم بۇرۇنقى بوغۇنلاردىن پەرقلىنىپ، بارلىق دىنلار مېنىڭكى، مەن بارلىق دىنلارغا چوقۇنىمەن، مەن بارلىق دىنلارنىڭ ئىخلاسمەنلىرىنىڭ ئىبادەتخانىلىرىغا كىرىپ تېۋېنىشىغا ھەقلىقمەن، بارلىق ئىبادەتخانىلارغا مەن يات ئەمەس، زىيارەتچى دەپ ئېيتىشقا ھەقلىق بولدۇق، مەن خىرىستىئان بولۇپ تۇغۇلغان، چوقۇندۇرۇلغان، قۇرئان كەرىمنىڭ سۈرىلىرى بىلەن كۆمۈلىمەن، بۈگۈن مەن پراۋسلاۋىيانلار بىلەن پراۋسلاۋىيان دىنى مۇخلىسى بولىمەن، تۈنۈگۈن، مەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا مۇسۇلمان ئىدىم، ياپونىيىدە بۇدداغا تايىنىمەن، شىۋىتسىيىدە لىيوۋتىرنىڭ تىزىسلىرىنى قايتلايمەن... خۇداغا بولغان ئېتىقاددىكى مەن ھېچكىمگە يات ئەمەسمەن، يەنە بىزنى ياراتقان ئىگەمگە ئامدەمنىڭ بارلىق تىللىرىدا ھەم دىئالېكت-شېۋىلىرىدە ئىلتىجا قىلغان دۇئالىرىمنىڭ ھېچقايسىسى ماڭا يات ئەمەس، بارلىقىمىزنى بىردەك تىڭشىغان، سادىر قىلغان ئىشلىرىمىزىدىن بىردەك ئازاب چەككەن ھەم ئەقىل-پاراسىتىمىزگە ياخشى ئىشلىرىمىزگە يارىشا بارلىقىمىز ئۈچۈن ئالەمنىڭ ئىشىكىنى بىرەك كەڭرى ئاچقان، ياراتقان ئىگەمگە مەن يات ئەمەسمەن ....
    دىن ئومۇمىيلىق، ئۇ ھەتتا بىر دىندىكى خۇدانىڭ مەپكۇرەسىنى سۇلغۇن قىلىپ كەمسۇندۇرمايدۇ، ئۇنىڭ تەتۈرىچە، ئاڭا ھەممىباب، ئوچۇق دىنامىكىلىق سۈپەت بېرىدۇ، ھەممىدىن ئەھمىيەتلىكى ناھايىتى ئوبدان نەزىرىيەنىلا ئەمەس، بەلكى دىننىڭ دەسلەپكى ماھىيەتلىك ئويۇن قاتارىدىكى ۋاجىپ ئىشلاردىكى ئاساسىنى، دىننىڭ ئادەمنى سۆيۈپ قەدىرلىگۈچى نېگىزىنى ئېچىشتۇر .
    بۇ ھەممىدىن بۇرۇن ئادەمنى تاڭ قالدۇرغۇچى ۋەبەلكىم ناھايىتى بىمەنە سەپسەتە كەبى مەپكۈرە ئىكەنلىكىنى، ئۇ ئىشقا ئاشمىسۇن بۇ ھەقتە ئۆز ئالدىغا ئىچ-ئىچىدىن ئويلىنىشقىمۇ بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا ئوخشىغان دۇنياۋى مىقيادىكى ئوينى ئېيتىشقا دىنغا ناھايىتى بەك بېرىلگەنلەرنىڭ ئار-نومۇسىغا، تىرىكلىك ئوڭايلىقىغا شەك كەلتۈرۈش ئۈچۈن بۇنداق مەپكۇرەنىڭ ئادەمنى دەسمايە قىلىپ سالىدىغانلىقىنى ئەسكە ئالىدۇ، ناھايىتى ساق، ناھايىتى پاك بولۇش كېرەكلىكىنى ئەلۋەتتە بورك چۈشىنىدۇ، دەل شۇ سەۋەبتىن كېلەچەكشۇناس بورك كۆڭلىنىڭ قات-قېتىغا ئورنىغان ئويلىرىنى ئاشكارىلىماي غايىۋانە دىنىي دۇنياۋىلىق جىددىيلىكنى چىنلىقنىڭ ئۆزى قاتارىدا، ئادەملەرنىڭ ھەم دىنلارنىڭ يېڭى روھانىي مۇناسىۋىتىنىڭ ناھايىتى زۆرۈر مودېلى قاتارىدا ئۆزىدىن-ئۆزى تەيىن بولۇپ تۇرغاندىمۇ، ئېيتىشقا ئاغزىنى شۈمەيلەپ كېلىپ گېپىنى يەنىلا يۈتۈۋەتكەن، بۇ خۇدانى ئىزدىگۈچى، باشقىلارنىڭ » ئاغزى «غا ئۇمتۇلغان، رىقابەتچى مۇخلىسلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە ھەرىكەتلىرى ئەمەس، بەلكىم بىرلەشكەن قەدىمى ئىدى .
    يەككە، كۆپ ئېتىقادچىلىق مەپكۇرەسىنىڭ، مۇرتلۇق روھانىيەتنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى، قانداق چۇقان-سۈرەن كۆتۈرۈلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ شورلۇق پىشانىسىغا قانداق تاشلارنىڭ، چالمىلارنىڭ ئېتىلىدىغانلىقىنى، قانداق گۇناھلار، قانداق ئەيىپ ئارتىلىدىغانلىقىنى، قانداق دۇنياۋى بىدئەتچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىدىغانلىقىنى ئۇ ياخشى چۈشىنىدۇ. ئەگەر مەنسەبپەرەستلىك بىلەن مەنپەئەتپەرەستلىك ئادەم تەبىئىتىگە دەسلىپىدىلا تەئەللۇق بولغان بولسا يەنە تېخى ئادەمنىىڭ بىئولوگىيىلىك سۈپىتىگە يېقىنلاپ تۇرسا بۇنداق ھەرىكەتلەرنىڭ بولۇپ تۇرغانلىقىدىن شەك كەلتۈرمەسلىك كېرەك. شۇنداقتىمۇ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ پەيغەمبىرى ئۈچۈن ئىزاھ بولغان، باشقا دىنلارنىڭ سەل قارىشى بىلەن قوللاشقا ئىگە بولغان، مۇسۇلمانلار ئىمامى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان شور پىشانە سالىمان رەشىدنىڭ تەقدىرى ئۇنىڭكىگە قارىغاندا، خېلى بەكلا يەڭگىل ھېسابلانسا بولغۇدەك، مەيلى قانداق بولمىسۇن سالىمان رەشىد ھازىرچە پاناھلىنىدىغان چاشقان تۆشۈكىنى بولسىمۇ تاپتى. ئەگەر دىنغا پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلگەنلەرنىڭ كۆپ دىندارلىققا قېلىشىنى ياقىلىغان ئادەمنىڭ ئۇنداق مۇمكىنچىلىكىنىڭمۇ بولماي قېلىشى تولۇق مۇمكىن، ئاشۇنداق دەرغەزەپلىك دىن مۇخلىسلىرى تەرىپىدىن بارلىق يەردىن قوغلاپ سۈرەپ قىلىنغان يەنە بارلىق يەردىن ھەيدەلگەن ئۇ كاپىرغا يەر يۈزىنىڭ شورلۇق بېشىنى تىقىۋالىدىغان ئورۇن تېپىلماسمۇ؟ ئۇ پاناھ ئالىدىغان يەر ھېچقاچان، ھېچ يەردە بولماسمۇ؟ «مۇنداق ئەھۋالدا ساڭا كائىناتقا، فىلوفېيگە قېچىشلا قالىدۇ، دەپ ئۆز-ئۆزىدىن شىلدىڭلاپ، ئويغا پاتتى روبېرت بورك، توساتتىن ئۇنىڭ بېشىدا بىر ئوي يالت قىلىپ چاقناپ قالدى. ئۇندىن قالسا تەقدىر فىلوفېينى قول يەتكۈزەلمەس بۈيۈكلۈكتىن ئادەملەرگە ئاتنىڭ قاشقىسىدەك كۆرۈنگەن چىنلىقنى ئېيتىش بېرىش ئۈچۈن كائىناتىي ئوربېتاغا چىقارغاندۇر؟» مانا مۇشۇنداق ئويلار بىلەن ھالاك بولۇپ يېتىپ، بورك ئاز يەردىن سايلام ئالدىدىكى ئۇچرىشىشنىڭ ئۇلاپ كۆرسىتىلىشىنىڭ باشلىنىشىنى ئۆتكۈزۈۋېتىشكە تاسلا قالدى. سائىتىگە قارىسا ئالتە بولۇپ قاپتۇ، ئۇ مېھمانخانا ئۆيىدىكى تېلېۋىزورغا قاراپ ماڭدى. دەل ۋاقتىدا تېلېۋىزورنى ئېچىپتۇ، رىياسەتچى تېلېۋىزور كۆرۈرمەنلىرىنى» ئالفا بېيسبول «تەنتەربىيە زالىدىن پرزېدېنتلىققا ئۆز ئالدىنچە نامزات بولغان ئولىۋېر ئوردوكنىڭ سايلامچىلار بىلەن يولۇقۇشىنى بىۋاستە ئۇلاپ كۆرسىتىشنى كۆرۈشكە ئېكرانغا چاقىرىدى .
    ئاڭغىچە تەنتەربىيە زالىدىن كىشىلەر يايلاقتا يىلقا ئۈيۈرلىرىدەك كۆرۈندى. مىغ- مىغ ئادەمنىڭ سانى يوق، ئەفىر مۇنارىدىن ھەرىنىڭ غۇڭ -غۇڭ ئاۋازىدەك بوش ئاۋاز ئاڭلاندى، بوركنىڭ كۆز ئالدىدىن ئادەم يۈزلىرى، ئۇلارنىڭ قانداق ئولتۇرغانلىرى، مىڭلىغان ھەر خىل تۈستىكى ئادەملەر بىر-بىرلەپ ئۆتۈۋاتاتتى، ئۇچرىشىش بولىدىغان يەردىن كېلەچەكتىكى پرىزدېنتلىق نامزاتىنىڭ گورۇھىدىكىلەرنىڭ راۋۇرۇس ئىشلىگەنلىكىنى بىلىشىپ تۇردى، تەنتەربىيە زالىنىڭ قۇببىسى ئالدىدا ئوردوكنىڭ كۈلۈمسىرىگەن پورتىرتى تارتىلغان زور ھاۋا شارى بوشلۇققا بالقىپ تۇرغان ئىدى، ھەر قايسى يەردە: «ئۇ پۇقرالارنىڭ تەلىپىنى بىلىدۇ!»، «ئوردوك ئەتىكى پرزېدېنت!»، «ئوردوك يېڭى ئېكولوگىيىلىك مەسىلە ھەققىدە ئىلتىماس قىلىدۇ!» ،» ئىشسىزلار ئوردوكقا ئىشىنىدۇ!»، »ئاياللار
    باراۋەرلىكىنى تەلەپ قىلىدىغان خانىم-قىزلارئىمتىياز تەلەپ قىلىشماقتا!» دېگەندەك لەۋھە، »ئاۋازىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ئوردوكىمىزغا بېرەيلى!» شۇئارلار، تەشۋىقات ۋاراقلىرى، ئوپېراتورلار، پلاكاتلارنى تېخىمۇ ئېگىز كۆرسىتىشىپ، چېۋەر ئىشلىشىپتۇ. 
     
    مەنبە: چىنگىز ئايتماتوۋنىڭ (يۈسۈف ئىگەمبەردى تەرجىمە قىلغان) «كاسساندرا تامغىسى» ناملىق رومانى
     
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.