قانۇن دەرۋازىسى ئالدىدا(كافكا)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-04-30 16:31:00

قانۇن دەرۋازىسى ئالدىدا فرانس كافكا(ئاۋسترىيە) قانۇن دەرۋازىسى ئالدىدا بىر مۇھاپىزەتچى تۇراتتى. بىر كۈنى سەھرالىق بىر كىشى كېلىپ، مۇھاپىزەتچىنىڭ ئۆزىنى قانۇن دەرۋازىسىدىن كىرگۈزۈۋېتىشنى ئۆتۈ...

    قانۇن دەرۋازىسى ئالدىدا

    فرانس كافكا(ئاۋسترىيە)

         قانۇن دەرۋازىسى ئالدىدا بىر مۇھاپىزەتچى تۇراتتى. بىر كۈنى سەھرالىق بىر كىشى كېلىپ، مۇھاپىزەتچىنىڭ ئۆزىنى قانۇن دەرۋازىسىدىن كىرگۈزۈۋېتىشنى ئۆتۈندى. مۇھاپىزەتچى ئۇنى ھازىر كىرگۈزۈۋېتەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. سەھرالىق ئازراق ئويلىنىۋىلىپ يەنە سورىدى:

     ـ بىردەم ساقلىسام كىرگىلى بولامدۇ؟

     ـ بولۇپ قالار، ـ جاۋاپ بەردى مۇھاپىزەتچى، ـ لېكىن ھازىر مۇمكىن ئەمەس.

    قانۇن دەرۋازىسى دائىم ئوچۇق تۇراتتى. سەھرالىق سەل ئېڭىشىپ، دەرۋازىنىڭ ئىچىگە قارىدى.
    بۇنى بايقاپ قالغان مۇھاپىزەتچى قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى:
    ـ بەكمۇ كىرگىڭىز بولسا ، گېپىمگە پەرۋا قىلماي كىرىپ بېقىڭ. لېكىن ئېسىڭىزدە بولسۇن، مەن ئاچچىقىم يامان ئادەم ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆۋەن دەرىجىلىك مۇھاپىزەتچى. بىر زالدىن يەنە بىر زالغا ئۆتكىلى بولىدىغان ئىشىكلەرنىڭ ھەممىسىدە مۇھاپىزەتچى بار، يەنە كېلىپ ئۇلار بىر ـ بىرىدىن ئاچچىقى يامان ئادەملەر. ئۈچىنچى زالنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى مۇھاپىزەتچىنى ئېيتسام، ھەتتا مەنمۇ ئۇ ئادەمنىڭ يۈزىگە توغرا قارىيالمايمەن. سەھرالىق مۇنچىۋالا مۈشكۈلچىلىككە دۇچ كېلىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۇرۇپ باقمىغانىدى. «خەقلەر قانۇننىڭ دەرۋازىسىدىن ھەممە ئادەم كىرەلەيدۇ، دېيىشىۋىدىغۇ» دەپ ئويلاپ قالدى ئۇ.  شۇنداقتىمۇ ئۇچىسىغا جۇۋا كىيىۋالغان مۇھاپىزەتچىگە ئۇنىڭ يوغان ۋە ئۇچلۇق بۇرنىغا، تاتارلارنىڭكىدەك ئۇزۇن ۋە قويۇق قارا ساقىلىغا ئىنچىكىلەپ سەپسېلىپ، يەنە بىردەم ساقلاشنى، مۇھاپىزەتچى كىرىشكە رۇخسەت قىلغاندا ئاندىن كىرىشنى ئەۋزەل كۆردى.
        مۇھاپىزەتچى سەھرالىققا ئورۇندۇقتىن بىرنى بېرىپ، ئۇنى دەرۋازىنىڭ بىر چېتىدە ئولتۇرغۇزۇپ قويدى. سەھرالىق ئولتۇرغان يېرىدە ئولتۇرىۋەردى. كۈنلەر ئارقا - ئارقىدىن ئۆتىۋەردى، يىللارمۇ ئۆتۈپ كەتتى. شۇ ئارىلىقلاردا سەھرالىق تالاي قېتىم كىرىپ كېتىشكە ئۇرۇنۇپ باقتى، ھېلىدىن ھېلى كىرگۈزۈۋېتىشنى ئىلتىماس قىلىۋېرىپ، مۇھاپىزەتچىنىمۇ زېرىكتۈردى. مۇھاپىزەتچىمۇ تۇرۇپ ـ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ئۇنى ـ بۇنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇنىڭ يۇرتىنى ۋە باشقا ئەھۋالىنىمۇ سوراپ قوياتتى. مۇھاپىزەتچىنىڭ سورىغانلىرى كاتتا كىشىلەر ئۈچۈن ئانچىكىم بىر ئىشلار ئىدى. ئارقىدىنلا مۇھاپىزەتچى سەھرالىققا ئۇنى دەرۋازىدىن كىرگۈزۈۋېتەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قوياتتى.
        سەھرالىق سەپەرگە ئاتلىنىپ بۇ يەرگە كەلگۈچە خېلى جىق نەرسە ئالغاچ كەلگەنىدى، مانا ئەمدى ئۇ نەرسىلىرىمۇ تۈگەپ قالدى. مۇھاپىزەتچىگە ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن، ھەر قانچە كۆپ نەرسە سەرپ قىلسىمۇ ئەرزىيدۇ ـ دە، مۇھاپىزەتچى ئۇ سۇنغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئالاتتى، لېكىن ئۇنىڭغا: « بۇ سوۋغاتلىرىڭىزنى ئېلىشىمدىكى مەقسەت، سىزنىڭ بىرەر ئەدەبسىزلىك قىلىپ قويغاندىمەنمۇ دەپ ئويلاپ قالماسلىقىڭىز ئۈچۈنلا» دەيتتى.
         كۆپ يىلللاردىن بۇيان، سەھرالىق ھېلىقى مۇھاپىزەتچىنى داۋاملىق دېگۈدەك كۆزۈتۈپ كەلدى. باشقا مۇھاپىزەتچىلەرنى ئۇ پۈتۈنلەي ئېسىدىن كۆتۈرۈۋەتتى. ئۇنىڭغا مانا مۇشۇ بىرىنچى مۇھاپىزەتچى قانۇن سارىيىغا كىرىشتىكى بىردىنبىر توسالغۇدەكلا بىلىنەتتى. تازا پەيتىنى تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئۆزىنى قاغايتتى، دەسلەپكى يىللاردىغۇ قىلچە تەپ تارتماستىن ۋارقىراپ جارقىراپ تىللا ۋەردى. كېيىنچە قېرىلىق يېتىپ، ئۆزىلا ئاڭلىغۇدەك ئاۋازدا بوش غۇدۇراپ قويىدىغان بولۇپ قالدى. ھەتتا بارا ـ بارا ئۆزگىرىپ ئۇششاق بالىلاردەك قىلىقلارنى قىلدىغان بۇلۇۋالدى.
        ئۇ مۇھاپىزەتچىنى ئۇزۇن يىل كۈزىتىپ ئۇنىڭ پەلتوسىنىڭ ياقىسىدا بۈرگىلەرنىڭ يۇرگەنلىگىنى كۆرۈپ قالدى، ئاخىر ئاشۇ بۈرگىلەردىن مۇھاپىزەتچىنىڭ قارارىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىشنى سورىدى. ئاخىر بېرىپ، ئۇنىڭ كۆزلىرى خىرەلەشتى، لېكىن ئۇ ئەتراپنى راستىتىنلا قاراڭغۇلۇق باسقانلىقىنى، ياكى ئۆز كۆزىنىڭ ئۆزىنى ئالداۋاتقانلىقىنى ئۇقالمىدى. لېكىن، مانا شۇ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە، بىر يورۇقلۇقنى ـ قانۇن دەرۋازىسىدىن چىقىۋاتقان ئۆچمەس يورۇقلۇقنى ئېنىق كۆردى. بۇ چاغدا ئەمدى ئۇنىڭ ئۆمرىمۇ ئاخىرلىشىپ قالغانىدى. ئاخىرقى پەيتتە، ئۇ ئاشۇ جەريانىدىكى پۈتكۈل تەجرىبىسىنى بىراقلا مېڭىسىگە يىغىپ ، شۇ چاققىچە مۇھاپىزەتچىدىن سوراپ باقمىغان بىر سوئالغا يىغىنچاقلىدى. ئۇ قولىنى پۇلاڭلىتىپ مۇھاپىزەتچىنى چاقىردى، ئۇنىڭ گەۋدىسى ئاستا ـ ئاستا قېتىشىپ ، ئورنىدىن تۇرالماس بولۇپ قالغانىدى. مۇھاپىزەتچى نائىلاج ئۇ تەرەپكە ئېڭىشتى.

     ـ ئىش مۇشۇ ھالەتكە يەتكەندە، يەنە نېمىلەرنى بىلگىڭىز كېلىۋاتىدۇ؟ـ دەپ سورىدى مۇھاپىزەتچى، ـ سىز شۇكرى قىلىشنى بىلمەيدىغان ئادەمكەنسىز.

    ـ ھەممىلا ئادەم قانۇنغا ئىنتىلىدۇ، شۇنداققۇ؟ ـ دىدى سەھرالىق ـ ئەمسە شۇنچە يىلدىن بۇيان، نېمە ئۈچۈن مەندىن بېلەك ھېچكىم بۇ دەرۋازىدىن كىرىشنى ئۆتۈنۈپ باقمىدى؟ مۇھاپىزەتچى سەھرالىقنىڭ ئەجىلى توشقانلىقىنى بايقىدى، ئۇ سەھرالىقنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ئاستا ـ ئاستا يوقىتىپ بېرىۋاتقان قۇلاقلىرىغا ئېنىقراق ئاڭلىتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا قاراپ ئاۋازىنىڭ بارىچە ۋاقىرىدى:

     ـ بۇ دەرۋازىدىن ھەر قانداق ئادەمنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئۇ پەقەت سىز ئۈچۈنلا قويۇلغان دەرۋازا ئىدى، ئەمدى ئۇنى تاقىۋەتسەممۇ بولىۋېرىدۇ.

     (خەنزۇچە «چەت ئەل ھېكايىلىرىدىن تاللانمىلار»ژۇرنىلىنىڭ 1986 ـ يىلى 7 ـ ساندىن)

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 1:48:10]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.