دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-17 14:14:31

ئوگ ماندىنو بولسا ھازىرىقى دەۋىرىدىكى ئۆز-ئۆزىگە ياردەم بىرىش ساھەسىدىكى كىتابلىرى ئەڭ بازارلىق بولۇۋاتقان ،ھىس-تۇيغۇ ۋە ئىلھاملارغا باي يازغۇچى،ئۇنىڭ جەمئىي 14 كىتابى نەشىرىدىن چىققان بولۇپ...

    ئوگ ماندىنو بولسا ھازىرىقى دەۋىرىدىكى ئۆز-ئۆزىگە ياردەم بىرىش ساھەسىدىكى كىتابلىرى ئەڭ بازارلىق بولۇۋاتقان ،ھىس-تۇيغۇ ۋە ئىلھاملارغا باي يازغۇچى،ئۇنىڭ جەمئىي 14 كىتابى نەشىرىدىن چىققان بولۇپ،سىتىلىش مىقتارى ئاللىقاچان 30 مىليۇن پارچىدىن ئىشىپ ،18 خىل تىغا تەرجىمە قىلىندى.
    مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن ھەر قايسى كەسىپتىكى كىشلەر ئوگ ماندىنونى ئورتاق مەدىھلەپ: «ئۇ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەتتى،بىز ئۇنىڭ كىتابىدىن ئاجايىپ سىھرى كۈچكە ئىرىشتۇق» دېگەن.
    ئۇنىڭ ئەقىل پاراسەتكە،گۈزەل ھىس-تۇيغۇلارغا ۋە مېھرى-مۇھەببەتكە تولغان ئەسەرلىرىدىن: «دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۆجىزە» ، «دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى» ، «دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۇۋاپىقىيەت» قاتارلىقلار بار.
    بۈگۈن، مەن يىڭى تۇرمۇشۇمنى باشلايمەن.
    بۈگۈن، مەن مەغلۇبىيەتنىڭ جاراھەتلىرى بىلەن تولغان قاداقتىن قۇتۇلىمەن.
    بۈگۈن مەن بۇ دۇنياغا باشقىدىن تۆرىلىمەن،مەن ئۈزۈمزارلىقتا تۇغۇلىمەن، باغدىكى ئۈزۈملەرگە ھەرقانداق ئادەم ئېغىز تېگەلەيدۇ.
    بۈگۈن، مەن ئەڭ ئېگىز، ئەڭ باراقسان تەكتىن ئەقىل-پاراسەتنىڭ مېۋىسىنى ئۈزىمەن، بۇ ئۈزۈم تەكلىرىنى نەچچە ئەۋلاد ئەقىلدارلار تىككەن.
    بۈگۈن، مەن شىرنىلىك ئۈزۈمگە ئېغىز ئۈزۈمگە ئىغىز تىگىمەن. يەنە ھەربىرتال مۇۋەپپەقىيەت ئۇرۇقلىرىنى يۇتۇۋېتىمەن، يېڭى ھاياتلىق يۈرىكىمدە بىخ سۈرسۇن.
    مەن تاللىغان يولدا ياخشى پۇرسەتلەر كۆپ، يەنە ئاچچىقى - چۈچۈكىمۇ بار. مەغلۇبىيەتنىڭ ھەمراھلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، بىر يەرگە يىغىدىغان بولساڭ، ئېھرامدىنمۇ ئېگىز بولۇپ كېتىدۇ.
    لېكىن، مەن ئۇلاردەك مەغلۇپ بولمايمەن، چۈنكى مېنىڭ قولۇمدا يول كۆرسەتكۈچ قىبلىنامە بار، دولقۇنلۇق دېڭىزلاردىن ئامان-ئېسەن ئۆتۈپ، ئارزۇيۇمدىكى قىرغاققا يېتەلەيمەن.
    مېنىڭ كۈرەشلىرىمدىن ئەمدى مەغلۇبىيەت كۆرۈنمەيدۇ. مەغلۇبىيەت ۋە ئازاب دېگەنلەر ئەمدى مېنىڭ تۇرمۇشۇمدىن يوقىلىدۇ. مەغلۇبىيەت بىلەن مەن ئوت بىلەن سۇدەك كېلىشەلمەيمىز. ئۇلارنى ئىلگىرىكىدەك قوبۇل قىلالمايمەن، مەن ئەقىل - پاراسەتنىڭ يول باشلىشى بىلەن مەغلۇبىيەتنىڭ كۆلەڭگۈسىدىن قۇتۇلۇپ چىقىمەن. مول ، ساغلام، خۇشاللىق بېغىغا قەدەم قويىمەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئىلگىرىكى ئارزۇ- ئارمانلىرىمدىن ئېشىپ چۈشتى.
    ئەڭ ئاساسلىق سەككىز بابىنى ئوقۇپ بېقىڭ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.