پادىچىنىڭ قىزى (ۋىليام سارويان)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-02 19:25:00

پادىچىنىڭ قىزى ۋىليام سارويان (ئامىرىكا) مېنىڭ چوڭ ئانام، ئاللا ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن، ھەمىشە ھەر قانداق ئادەم ئەمگەكچان بولۇشى لازىم، دەيدۇ. بايا تاماق يەپ ئولتۇرغان چېغىمىزدىمۇ ماڭا: ـ بىرەر...

    پادىچىنىڭ قىزى

     ۋىليام سارويان (ئامىرىكا)

    مېنىڭ چوڭ ئانام، ئاللا ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن، ھەمىشە ھەر قانداق ئادەم ئەمگەكچان بولۇشى لازىم، دەيدۇ. بايا تاماق يەپ ئولتۇرغان چېغىمىزدىمۇ ماڭا: ـ بىرەر ھۈنەر ئۈگەن، ئادەملەرگە ئەسقاتىدىغان سەرەمجان ياسا، مەيلى لايدىن، ياغاچتىن بولسۇن، مېتالدىن، رەختىن بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ. ياش چېغىڭدا بىرەر ھۈنەرلىك بولمىساڭ بولمايدۇ. نىمە ياسىيالايسەن؟ بىرەر ئاددى جوزا، ئورۇندۇق ياكى بىرەر ئاددى تەخسە، بىرەر چەينەك ياسىيالامسەن؟ بىرەر پارچە گېلەم توقۇيالامسەم؟ زادى نىمە قىلىلايسەن؟ ـ دىدى. چوڭ ئانام ماڭا ھومىيىپ، يەنە شۇنداق دىدى. ـ خەۋىرىم بار، ئاڭلىسام يازغۇچىمىشسەن. خەير، شۇنداقمۇ بول، لېكىن ئەتىدىن ـ كەچكىچە تاماكا چېكىۋېرىپ، ئۆينى ئىسقا تولدۇرىسەن، جانغا ئەسقاتىدىغان، تۇتسا قولغا چىقىدىغان، قارىسا كۆزگە كۆرۈندىغان بىرەر ئىشنى ئۈگەنسەڭ بولاتتى. شۇ گەپلەردىن كېيىن، چوڭ ئانام مۇنداق بىر ھىكايىنى سۆزلەپ بەردى: ـ بۇرۇنقى زاماندا، ئىران شاھىنىڭ بىر ئوغلى بار ئىكەن، ئۇ بىر پادىچىنىڭ قىزىغا ئاشىق بولۇپ قاپتۇ، ئاتىسىنىڭ ئالدىغا كىرىپ: «شاھ ئاتا، بىر پادىچىنىڭ قىزىغا كۆڭلۈم چۈشۈپ قالدى، شۇنى ئەمىرىمگە ئالغۇم بار» دەپتۇ، شاھ، « مەن بولسام شاھ، سەن بولساڭ مېنىڭ ئوغلۇم، ماڭا قازا يەتكەندىن كېيىن شاھلىق ساڭا قالىدۇ، پادىچىنىڭ قىزىنى خۇتۇنلۇققا ئالساڭ يارىشامدۇ؟» دەپتۇ، شاھزادە: « مەن ئۇنىڭ ئوتىدا كۈيىۋاتىمەن، ئۇنىڭ خانىش بۇلۇشىغا رازىمەن» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. شاھ تەقدىر ـ ئىرادە شۇنداق بولسا كېرەك دەپ، ھىلىقى قىزغا «شاھنىڭ ئوغلى سىزنى يارىتىپ قاپتۇ، خۇتۇنلۇققا ئالماقچى» دەپ ئەلچى ئەۋەتىپتۇ. پادىچىنىڭ قىزى ئەلچىگە: «قولىدىن نىمە ئىش كېلىدىكەن؟» دەپتۇ، ئەلچى:«ئۇ بولسا شاھزادە، ئىش قىلمايدۇ» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. قىز:«ئۇ بىرەر ئىشنى ئۈگەنسە ئاندىن تېگەي» دەپتۇ. ئەلچى قايتىپ كېتىپ، قىزنىڭ سۆزلىرىنى شاھقا ئېيتىپتۇ. شاھ ئوغلىغا: «ئۇ قىز سېنى ئاۋال بىرەر ھۈنەر ئۆگەنسۇن دەپتۇ، ئەمدى يەنە ئۇنى ئالغىڭ بارمۇ؟ » دەپتۇ. شاھزادە: «ئالغىم بار، بورا توقۇشنى ئۆگىنەي» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەرخىل نۇسخىلىق راڭگا ـ رەڭ گۈللۈك بورا توقۇشنى ئۆگىنىشكە كىرىشىپتۇ. ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ناھايىتى چىرايلىق بورا توقۇپ پۈتتۈرۈپتۇ. ئەلچى بۇ بورىنى ئېلىپ قىزنىڭ ئالدىغا بېرىپ: «مانا بۇ بورىنى شاھزادە توقۇغان» دەپتۇ، قىز بورىنى كۆرگەندىن كېيىن ئەلچى بىلەن بىللە ئوردىغا بېرىپ، شاھزادىنىڭ ئەمرىەە ئۆتۈپتۇ، كۈنلەرنىڭ بىردە، شاھزادە باغدات شەھەرىدە كوچا سەيلىسى قىلىپ كېتىۋېتىپ، ناھايىتى ياسىداق، ئازادە بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىغا بېرىپ قاپتۇ ـ دە، ئىچكىرى كىرىپ، بىر جوزىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ قاراقچىلار ۋە قاتىللار ئاچقان ئاشخانا ئىكەنلىگىنى نەدىن بىلسۇن. ئۇلار شاھزادىنى تۇتۇۋېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ گۇندىسىغا سولاپ قۇيۇپتۇ. ئۇ گۇندىغا شەھەرنىڭ بىرمۇنچە مەشھۇر ئادەملىرىنى سولاپ قويۇشقان ئىكەن. قاراقچىلار ئۇ يەرگە سولانغان سېمىز ئادەملەرنى سويۇپ، ئورۇق ئادەملەرگە يىگىزۇپ. تاماشا كۆردىكەن. شاھزادە ناھايىتى ئورۇق ـ ئاۋاق بولغاچقا، قاراقچىلارمۇ ئۇنىڭ شاھزادە ئىكەنلىگىنى بىلمىگەچكە، دەرھال جان خەۋىپىگە ئۇچىراپتۇ. بىر كۈنى، شاھزادە قاراقچىلارغا: «مەن بورا توقۇشنى بىلىمەن، بورىنى خېلى ئوبدان پۇل قىلغىلى بولىدۇ» دەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شاھزادىگە بىر ئازا قۇمۇش، يىكەن ئەكىرىپ بېرىپتۇ. شاھزادە ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۈچ پارچە بورا توقۇپ، قاراقچىلارغا «مانا بۇ ئۈچ پارچە بورىنى ئوردىغا ئېلىپ بېرىپ، شاھقا سېتىڭلار، ھەر بىرى يۈز تىللاغا يارايدۇ» دەپتۇ. دەرۋەقە، قاراقچىلار بورىنى ئوردىغا يەتكۈزگەن ئىكەن، شاھ بۇ بورىنى ئىز دېرىكى يوقۇلۇپ كەتكەن ئوغلىنىڭ تۇقىغانلىقىنى بايقاپ، كېلىننى چاقىرىپتۇ. پادىچىنىڭ قىزى بورىلارغا ئوبدان كۆز سېلىپ قارىسا، بورىغا چۈشۈرۈلگەن پارىسچە خەتلەر تۇرغىدەك، ئەسلىدە ئۇ نىجاتلىق تەلەپ قىلغان خەت ئىكەن، قىز بۇنى شاھقا ئۇقتۇرۇپتۇ. شاھ نۇرغۇن ئەسكەر ئەۋەتىپ، ھېلىقى قاراقچىلارنى يوقىتىپ، تۇتقۇنلارنىڭ ھەممىسىنى قۇتۇلدۇرۇپتۇ، شاھزادىمۇ ئاتىسىنىڭ ئوردىسىغا ساق ـ سالامەت قايتىپ كېلىپ، خوتۇنى بىلەن دىدار كۈرۈشۈپتۇ. شاھزادە خوتۇنىدىن ناھايىتى مىنەتدار بولۇپ، «قەدىردانىم، سېنىڭ بولغانلىغىڭ ئۈچۈن ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالدىم» دەپتۇ. چوڭ ئانام ھىكايىسىنى سۆزلەپ بولۇپ، مەندىن: «ھەر قانداق ئادەمنىڭ بىرەر ھۈنەرنى بىلگەنلىگنىڭ خاسىيىتىنى چۈشەنگەنسەن؟» دەپ سورىدى. مەن ئۇنىڭغا ئوبدان چۈشەنگەنلىگىمنى، يېتەرلىك پۇل توپلىغاندا بىر ھەرە، بىر بولقا ۋە بىر كۆتەك سېتىۋېلىپ، ئاددى بولسىمۇ بىر دانە ئورۇندۇق ياكى كىتاپ ئىشكاۋى ياساش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىغىمنى ئېيىتتىم.

    توختى باقى تەرجىمى سى

     (گۇاڭجۇ كەچلىك گېزىتى» نىڭ 1984 ت يىل 5 فېۋرال سانىدىن)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق