تۈلكە رېناتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-02-21 11:37:56

«تۈلكە رېنات» قانداق ئەسەر؟ «تۈلكە رېنات» ئوتتۇرا ئەسىردىكى فرانسىيە شەھەر ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر ھەجۋىي داستان. ئۇ 12 ـ ئەسرىنىڭ 70 ـ يىللىرى مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، خەلق ئارىسىدا تارقىلىش جەر...

    «تۈلكە رېنات» قانداق ئەسەر؟

        «تۈلكە رېنات» ئوتتۇرا ئەسىردىكى فرانسىيە شەھەر ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر ھەجۋىي داستان. ئۇ 12 ـ ئەسرىنىڭ 70 ـ يىللىرى مەيدانغا  كەلگەن بولۇپ، خەلق ئارىسىدا تارقىلىش جەريانىدا كۆپ كىشىلەر تەرىپىدىن پىششىقلىنىپ، 12 ـ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە 27 ھېكايە، 30مىڭ مىتادىن كۆپرەك شېئىردىن تەركىب تاپقان داستانغا ئايلانغان.
        «تۈلكە رېنات» ناملىق داستاندىكى ئاساسلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى ھايۋانلارنى ئادەملەرگە تەمسىل قىلىش، ئاللېگوريىلەشتۈرۈش بولۇپ، ھايۋانات دۇنياسى ئارقىلىق ئىنسانلار دۇنياسى دارىتمىلىنىپ ، ئوتتۇرا ئەسىر فېئوداللىق جەمئىيىتىدىكى كىشىلىك مۇناسىۋەت ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. «ھايۋانات پادىشالىقى»دىكى شىر پادىشاھ نوبلوت مۇستەبىت، زالىم، ھاماقەت پادىشاھقا، تۆگە مونسېل پارىخور پاپىغا، ئەركەك بۆرە ئىسرامگراين ۋە ئېيىق بورانلار زالىم، ئاچكۆز ئوردا ئاقسۆڭەكلىرىگە سىمۋول قىلىنغان، توخۇ، توشقان، مۈۈك، قۇشلار رېنات شەھەر خەلقى تەبىقىسى ئالاھىدىلىككىگە ئىگە. ئۇ چېچەن، ھىيلىگەر، شىر ، بۆرە، ئېيىق قاتارلىق يىرتقۇچ ھايۋانلار بىلەن ئېلىششىقا جۈرئەت قىلالايدۇ، يەنە توخۇ، توشقان، مۈشۈك قاتارلىق ئاجىز ھايۋانلارنى بوزەك قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ.
         تۈلكە رېنات شىر، بۆرە، ئېيىقلار بىلەن كۈرەش قىلغاندا، دادىلم سەگەك، قۇۋ، ئۆزگىرىشچان بولۇپ، دۈشمىنىنىڭ كۈتمىگەن يېرىدىن چىقىپ غەلىبە قىلىدۇ. ئەركەك بۆرە ئىسامگراين رېنات ئائىلىسىدىكى بېلىقنى يەۋەلماقچى بولغاندا، رېنات ئاۋۋال ئۇنىڭ دىنغا كىرىشىنى باھانە قىلىپ، قايناقسۇ بىلەن بۆرىنى كۆيدۈرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بكرىنىڭ تۈكلىرى تۆكۈلۈپ، تېرىلىرى كۆيۈپ قىزىرىپ، ئېغىز ـ بۇرنى قان بولىدۇ. تۈلكە تېنات شىر پادىشاھنى ئەخمەق قىلىپ، مۈگدەپ ياتقان شىر پادىشاھنى دەرەخكە باغلاپ قويىدۇ، شىر پادىشاھ قۇتقۇزۇڭلار دەپ ۋاقىرىغاندا، يەنە يالغاندىن ئۇنى قۇتقۇزۇشقا كېلىدۇ. تۈلكە رېنات شىر پادىشاھنىڭ نوپۇزىنى كۆزگە ئىلمايدۇ، شىر پادىشاھنىڭ ئۆزىنىڭ كاللىسىنى ئەكەلگەنلەرگە سۆيۈنچە بېرىش توغرىسىدىكى بۇيرۇققا زادىلا پىسەنت قىلمايدۇ ھەمدە ھىيلە ئىشلىتىپ شىر پادىشاھ ئۆزىنى تۇتۇشقا ئەۋەتكەن ئېيىق بۆرىنىڭ ئاغزى ـ بۇرنىنى قان قىلىۋېتىدۇ. مۈشۈك پېتتىنىڭمۇ كۆزى قاتتىق يارلىنىپ، تۈكلىرى يۇلىنىپ، تېرىلىرى زەخىملىنىدۇ.
       تۈلكە رېنات ئاجىز ھايۋانلارنى رەھىمسىزلىك بىلەن بوزەك قىلىدۇ. تۈلكە رېنات بىلەن ئەركەك مۈشۈك ئىككىسى بىللە بىر پارچە كالباسا تاپىدۇ، ئەمما ئۇنى مۈشۈك يەۋالىدۇ، تۈلكە رېنات ئەخمەق قىلىنغاندىنكېيىن، پۇرسەت ئىزدەپ مۈشۈكنىڭ قۇيرۇقىنى ئۈزۈۋېتىدۇ. خوراز شانتكراي ھىيلە ئىشلىتىپ ئۇنىڭ ئاغزىدىن قېچىپ كەتكەندە، تۈلكە رېنات بۇ نومۇسنى ئاقلاش ئۈچۈن، خورازنىڭ 14بالىسىنى ۋە سىڭلىسى كۆپپېرنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. باشقا ئاجىز ھايۋانلارمۇ ئۇنىڭ بوزەك قىلىشىغا ۋە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدۇ.
        تۈلكە رېنات يەنە جاھاندارچىلق پەلسەپەسىدىن پىششىق خەۋەردار ئىدى. ئۇ چوشقا گدىنباۇدقا ئەسلىي ئۆزىنىڭ خۇدانىڭ قانۇنىغا رىئايە قىلىدىغان ياخشى ئادەم بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما قىلىدىغان ياخشى ئادەم بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغنالىقىنى، ئەمما رېئات تۇرمۇشتا «يالغان سۆزلەرنىڭ پادىشاھ ئوردىسىدا يامراپ كەتكەنلىكىنى، بەك ـ تۆرىلەر، ئېسىلزادە خېنىملار، مىسسئونېرلار، ئەدبىلەرنڭ ھەممىسىنىڭ يالغان ئېيتىدىغانلىقىنى»، شۇڭا «ئۆزىنىڭمۇ يالغناچىلىق ، ئالدامچىلىق قىلغانلىقىنى، بولمىسا، ئۆزىنىڭ زادىلا كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى» ئېيتىدۇ. ئەسەردە پاپا رېتسارلىرىنىڭ ساتقىنلىقى، ئاچكۆزلۈكى مەسخىرە قىلىنغان. تۈلكە رېنات، قوي بېللۇن، شەك بىناردلار ئەھلى سەلب ئارمىيىسىگە قاتنىشىدۇ ۋە دىننى قوغدايمىز، ئادالەت ئۈچۈن جەڭ قىلىمىز ،دېگەننى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ، ئەمما قەلئەدىن چىقىپلا ئۆزلىرىنىڭ ئاجىز قېرىنداشلىرىنى ھەدەپ بۇلايدۇ. تۈلكە رېنات سوتتا سوراققا تارتىلىدۇ، تۆگە پاپىغا ۋاكالىتەن سوتقا قاتنىشىپ، تەپتەرتماي تۈلكە رېنات پۇل تۆلىسىلا گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
          ئەسەردە ھايۋانلار ئارىسىدىكى بۇ كۈرەش كارتىنىلىرى ئارقىلىق ئەينى چاغدىكى جىددىي ئۆزگىرىش دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى تەبىقە ۋە ھارقايسى كۈچلەرنىڭ زىددىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئاجىزلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى بىلەن زورلۇق ـ زۇمبۇلۇق ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلىقى مەدھىيىلەنگەن، شۇنداقلا يەنە كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يەم قىلىش، ئىالىغانچە بۇلاڭ ـ تالاڭ قىلىشتەك رەزىل ھادىسىلەر ئەيىبلىنىپ، ئىلغار ئىدىيە نۇرلىرى چاقنىتىلغان. ئەسەردە ھايۋانلار ئوبرازى ئىنتايىن جانلىق تەسۋىرلىنىپ، ئىنسانلار قەمئىيىتىگە دەل جايىدا، چوڭقۇر دارىتمىلانغان. ئۇنىڭ ھېكايىۋىلىكى، ھەجۋىيلىكى كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇزاقتىن بۇيان ياۋروپادا كەڭ تارقىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ داۋامى، تۈرجىمە نۇسخىلىرى، تەجلىدىي نۇخخىلىرى ئارقا ـ ئارقىدىن مەيدانغا كەلگەن. 18 ـ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا نېمىس شائىرى گيوتى بۇ ھېكايىغا ئاساسلىنىپ «تۈلكە رېنات» ناملىق داستاننى يازغان.

    [hotanboy تەستىقلىدى . 2010-2-25 8:56:20]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تۈلكە رېنات