تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال(جىبران خەلىل جىبران)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-20 08:51:07

تېشى پال-پال، ئىچى غال-غالجىبران خەلىل جىبرانھەزرىتى ئەلى بارات تەرجىمىسى1سالمان ئەپەندىئۇ 56 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ، ئالىپتە كىيىنىدىغان ، بوي - بەستى قاملاشقان ، پۇتىغا يىپ پايپاق كىيىپ ، ...

     تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال
    جىبران خەلىل جىبران
    ھەزرىتى  ئەلى بارات تەرجىمىسى

     


    1


    سالمان ئەپەندى

    ئۇ 56 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ، ئالىپتە كىيىنىدىغان ، بوي - بەستى قاملاشقان ، پۇتىغا يىپ پايپاق كىيىپ ، ساقال - بۇرۇتلىرىنى چىرايلىق ياسىتىپ يۈرىدىغان ، قاچانلا قارىسا ئالىي دەرىجىلىك پاپىرۇس چېكىپ يۈرىدىغان كىشى ئىدى . پاختىدەك يۇمشاق قولىدىن چىرايلىق ھاسىسى چۈشمەيىتتى ، بارمىقىغا ئالماستىن كۆز قويۇلغان ئالتۇن ئۈزۈك سېلىۋالاتتى . ئۇ ھەمىشە كاتتا بايلار بارىدىغان ئالىي مېھمانخانىلاردا غىزالىناتتى . كۈنى كاتتا جايلارنى سەيلە - ساياھەت قىلىش ، ئويۇن - تاماشا بىلەن ئۆتەتتى . سىرىتقا چىقار بولسا ئىككى چىلان تۇرۇق ئات سۆرەيدىغان ھەشەمەتلىك پەيتۇنى تەييار ئىدى .

     

    سالمان ئەپەندىگە دادىسىدىن ھېچقانچە پۇل - پۈچەك مىراس قالمىدى . دادىسى سودا - سېتىق بىلەنمۇ ھەپىلىشىپ باققان ، لېكىن چاپىنى تىزىدىن ئاشماي ئوغلىغا ھېچنېمە قالدۇرالمىغانىدى .

    سالمان ئەپەندى ئۇچىغا چىققان يالقاۋ ، ئىش خوشياقمايدىغان يارىماس كىشى ئىدى ، ئۆزىنى بەك تۆۋەن چاغلايىتتى . بىر قېتىم بىز ئۇنىڭ : «تەن قۇۋۋىتىم ، مىجەز - خۇلقۇم ئىش قىلىشقا باب كەلمەيدۇ . ئەمگەكنىچۇ مىجەزى تۈرگۈن ، بوي - بەستى يوغان كىشىنىڭ قىلغىنى تۈزۈك» دېگىنىنى ئاڭلاپ قالدۇق .

     

    ئەمىسە ، سالمان ئەپەندى زادى قانداق بولۇپ بۇنچە كۆپ مال - دۇنيالىق بولۇپ قالدى ؟ قولىدىكى ئۈنۈمسىز يەرلىرى قانداق بولۇپ ئالتۇن - كۈمۈشكە ئايلاندى ؟

    كۈمۈش يالىتىلغان ئېشەك تېزىكى ئۆمىكىنىڭ مەخپىيەتلىرىنىڭ بىرسى مۇشۇ شۇ . ئەزرائىل بىزگە مۇنداق بىشارەت بەرگەن . بۇنى سىلەرگە سۆزلەپ بېرەيلى :

    سالمان ئەپەندى بەش يىل مۇقەددەم باي ئايال چەشمە بىلەن توي قىلدى . چەشمەنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ئېرى بەيتۇلئەس نۇئمان ھايات چېغىدا مال - دۇنياسى جىق كاتتا زەردار كىشى ئىدى . چەشمە 45 ياشقا كىرگەن ئايال بولۇشىغا قارىماي ، ناز - خۇلقلىرى ، بىر نەرسىگە ئىنتىلىشلىرى 16 - 17 ياشلىق قىزلاردىن قېلىشمايىتتى . شۇ يېشىدىمۇ چاچلىرىنى بوياپ ، قاش - كۆزلىرىگە سۈرمە تارتىپ ، يۈزلىرىگە ئەرنلىك سۈرۈپ ياسىنىپ يۈرەتتى . ئۆزىنى شۇنچە ياساپ يۈرسىمۇ ئېرى سالمان تۈن تەڭ بولمىغۇچە ئۇنىڭغا قارىسىنى كۆرسەتمەيىتتى . ئۇ ئېرى بىلەن ئاندا - ساندا بىللە بولدى دېگەندىمۇ ، ئېرىنىڭ سوغۇق تەلەتى بىلەن قوپاللىقىدىن بۆلەك نەرسىگە ئېرىشەلمەيىتتى . چۈنكى سالمان كۈنبويى خوتۇنىنىڭ بۇرۇنقى ئېرىنىڭ قان - تەر تۆكۈپ تەستە تاپقان پۇللىرىنى سورۇش بىلەن مەشغۇل ئىدى .

     

    2

     

    ئەدىب ئەپەندى

    ئۇ 27 ياشقا كىرگەن يىگىت . ئۇنىڭ خۇدايىم بەرگەن يوغان بۇرۇنى ئىككى كۆزىنىڭ ئارىسىدا چوقچىيىپ تۇرغىنى تۇرغان . قاچانلا قارىسىڭىز ئۇنى يۈز - كۆزى قاسماق ، قوللىرى توڭرا ، تىرناقلىرىنىڭ ئاستىنى قاپقارا كىر باسقان ، ئىگىنلىرى جۇلدۇر - كېپەن ، چاپىنىنىڭ پەشلىرى جۇۋازچىنىڭ تۇڭىدەك مايلىشىپ كەتكەن بىر ھالەتتە كۆرىسىز . ئاۋارە قىياپىتى ، تۆكۈلۈپ تۇرغان ئۈستىبېشى ئۇنىڭ كۆك نامرات ، ئاچ - زىرىن تۇرمۇشىدىن دالالەت بېرىپ تۇرىدۇ . ئۇ شۇ ھالىغا باقماي ، كۈنبويى روھىي دۇنيا ، يېشىلمىگەن مەسىلە ۋە ئىلاھىي تېمىلار ھەققىدە تەپەككۇر قىلىدۇ . . . . . بىز ئۇنىڭ ئەمىن جۈنەيىدنىڭ ① سۆزلىرىدىن نەقىل ئالغانلىقىنى ئاڭلىدۇق . ئۇ مۇنداق دەپتۇ :


    زېھىننى بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئىشقا چاچقىلى بولمايدۇ . يەنى ، ئەسەر يېزىۋاتقان بىر ئەدىبنىڭ ئۆزىنى تۈزەپ يۈرۈشكە نەدە ۋاقتى بولسۇن .


    ئەددىب ئەپەندى ئاغزىغا كەلگەننى بوغۇزىغا يۇتمايدىغان ۋات - ۋات كىشى ئىدى ، لېكىن دېگەنلىرىنىڭ بىرسىنمۇ ئېسىدە تۇتماي ئۇنتۇلۇپ قالاتتى . ئاڭلىساق ، بېيرۇتتىكى بىر مەكتەپتە ئىككى يىل ئوقۇپ ، ناھايىتى مەشھۇر بىر ئۇستازدىن سىتىلىستىكا ، شېئىرىيەت ، ئەدەبىي بالاغەتتىن تەلىم ئاپتۇدەك . لېكىن ، تا ھازىرغىچە ئۇنىڭ بىرەر پارچە ماقالە چاغلىق نەرسە ئېلان قىلغىنىنى ئاڭلىمىدۇق . بۇنىڭغا ئۇنىڭ ئۆزرىسىمۇ ناھايىتى تولا . نېمە دەيدۇ دېمەمسىز ، ئەرەب ئاخباراتچىلىقى سەلتەنىتىنى يوقىتىپتىمىش ، ئوقۇرمىنى نادان خەلق ئۈچۈن بىر نەرسە يېزىش ئەخمەقلىقمىش .

     

    يېقىندىن بۇيان ئەددىب ئەپەندى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قەدىمكى ۋە ھازىرقى زامان پەلسەپىسىنى تەتقىق قىلىشقا تۇتۇندى . بۇنىڭ بىلەنلا قالماي يەنە سوقرات بىلەن نېتىزىغا چوقۇندى ، ئاۋگۇستىننىڭ بايانلىرىدىن ھاياجانغا چۆمدى ، فرانسىيىنىڭ ئىككى بۈيۈك مۇتەپەككۇرى ۋولتاير بىلەن رۇسسۇنىڭ ماقالىلىرىنى زوق - شوق بىلەن ئوقۇدى . بىر تويدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بوپ قالدۇق . كىشىلەر ئۇنى چۆرىدەپ غەزەل - قەسىدىلەرنى ئوقۇدى ، قەدەھ تۇتتى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئېچىلدى ئاغزى ، يۇمۇلدى كۆزى ، شېكىسپىرنىڭ «ھامېلىېت» ناملىق تراگېدىيىسى ھەققىدە ۋاتىلداشقا باشلىدى . يەنە بىر قېتىم بىز ئۇنى بىر داڭلىق شەخسنىڭ مېيىتىنى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان كىشىلەر توپى ئارىسىدا كۆزگە چېلىقتۇردۇق . مېيىت ئۇزاتقۇچى ھازىدارلار چېھرىنى ئېغىر ھەسرەت - نادامەت تۇمانلىرى باسقان بىر ھالەتتە باشلىرىنى يەردىن ئۈزمەي ئېغىر قەدەملىرى بىلەن كېتىپ باراتتى . ئۇنىڭ شۇ ۋات - ۋات ئاغزى ئەبۇ نۇۋاسنىڭ② شاراپ ھەققىدىكى قەسىدىلىرى بىلەن ئىبىن ۋارىدنىڭ روھىي ئاشىقلىق ھەققىدىكى بېيىتلىرى توغرىسىدا قۇرۇق گەپ سېتىشتىن ھېچ توختاي دېمەيىتتى .

     

    ئۇنداقتا ئەددىب ئەپەندىنىڭ ياشاشتىن مەقسىتى نېمە ؟ قەدىمىي كىتاب دۆۋىسى ئارىسىدا كۈنىنى ئۆتكۈزۈش نېچۈن ئۇنىڭغا زۆرۈر بوپ قالدى ؟ ئۇ نىچۈن بىر دۆت ئېشەك بولماي ، پاراسەت ئەھلىنىڭ ، ئىلىم ئاشىنالىرىنىڭ سېپىگە قىسىلىۋالىدۇ ؟

    كۈمۈش يالىتىلغان ئېشەك تېزىكى ئۆمىكىنىڭ مەخپىيەتلىرىنىڭ ئىككىنچىسى مۇشۇ شۇ . ئىبلىسلار شاھى بىزگە مۇنۇلارنى ئاشكار قىلىدۇ . بىز بۇنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەيلى :

    ئۈچ يىل مۇقەددەم ، ئەددىب ئەپەندى مۇتران ئالىيلىرىنىڭ شەرىپىگە بىر داستان پۈتتى ، كېيىن ھەبىبۇل سالۋانجا مۇتراننىڭ ھوزۇرىدا بۇ داستاننى ئوقۇدى . داستان ئوقۇلۇپ تامام بولغاندىن كېيىن ، مۇتران ئەددىبنى ھوزۇرىغا چاقىرتىپ كەلدى ۋە چېھرىگە كۈلكە يۈگۈرتۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭ يەلكىسىنى شاپاللاپ دېدى :

    بالام ، ئاللا سېنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن . سەن قالتىس شائىركەنسەن ، كامالەتكە يەتكەن ئەدىبكەنسەن ! مەن سەندەك كىشىلەردىن ئىپتىخارلىنىمەن ! سېنىڭ شەرقنىڭ بۈيۈك زاتى بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەنلىكىڭگە شەكسىز ئىشەندىم !

    شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ، ئەددىبنىڭ دادىسى ، تاغىسى ۋە ھاممىسى ئۇنىڭغا ئىپتىخارلىق نەزەردە قارايدىغان بولدى ۋە كۆرەڭلىك بىلەن ئۇنىڭغا مۇنۇلارنى ئېيىتتى :

    - مۇتران سېنى كەلگۈسىدە شەرقنىڭ بۈيۈك زاتى بولىدۇ دېمىگەنمىدى .

     

    3


    فارىد بەك

    ئۇ 40 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ، ئۇزۇنتۇرا ، نوگايباش ، ئاغزى كالاچ ، ماڭلىيى تار ، تاقىرباش كىشى ئىدى . يول ماڭغاندا گىدىيىپ ، قاقىرىدەك ئۇزۇن بوينىنى ھېلى ئۇياققا - ھېلى بۇياققا تاشلاپ لىككاڭشىپ ماڭاتتى ، ئۇنىڭ قەدەملىرىنى ئۆزگىچە بىر رېتىمدا ئېلىشلىرى بەئەينى ئۆشنىسىگە يۈك ئارتىلغان تۆگىنىڭ لوكوسلاپ مېڭىشلىرىنى ئەسلىتەتتى . گەپ قىلغاندا ئاۋازىنى جاراڭلىق چىقىرىشقا ، ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇشقا تىرىشاتتى ؛ تونۇمايدىغانلار دۆلەتنىڭ بىرەر مىنىستىرى خەلقىگە موھىم ئىشتىن بىرەرنى قىلىپ بېرىش ئۈچۈن پەرمان چۈشۈرۈۋاتامدۇ نېمە دەپ قالاتتى .

    فارىدبەك ئادەتتە ھېچئىش قىلمايىتتى ، ئاندا - ساندا نەدە خەقلەر توپلاشسا شۇلارنىڭ ئارىسىغا قىسىلىپ كىرىپ جەمەتىنىڭ سەلتەنەتلىك تارىخىدىن سۆز باشلايىتتى ، ئۆز نەسەبىنىڭ ئېسىللىكىنى كۆز - كۆز قىلاتتى . ئۇ ناپالىئون ، ئانتارا ③ غا ئوخشاش بۈيۈك شەخىس ۋە قەھرىمانلارنىڭ ئىش - ئىزلىرى ھەققىدە تەلقىن قىلىشقا ئامراق . ئۇنىڭ يەنە قورال - ياراغقىمۇ ئالاھىدە ھەۋىسى بار ، ئۆزى يىغقان نۇرغۇن ئېسىل بۇيۇملارنى تامغا رەت - رېتى بىلەن قاتىرىسىغا ئېسىۋېتەتتى . لېكىن ئۇنىڭ ھېچقايسىسىنى ئىشلىتىشنى ئۇقمايتتى .

    ئۇنىڭ «تەڭرى ئىنساننى ياراتتى ھەم ئۇنى ئوخشىمىغان دەرىجىلەرگە بۆلدى ، بەزىلىرىنى بەگ - سىپاھ قىلدى ، بەزىلىرىنى مالاي - چاكار قىلدى . تەڭرى ياراتقان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى پۇقرالار چۇلۋۇرى يېشىۋېتىلگەن ئەركىن ئېشەككە ئوخشايدۇ ، ئېگىسى مىنگەندىلا ئاندىن مېڭىشنى باشلايدۇ ؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئاجىزلىرى قەلەمدار ، كۈچلۈكلىرى ئەلەمدار بولىدۇ» دەيدىغان تۇرمۇش مىزانى بار ئىدى .

    فارىدبەكنىڭ ئۆزىگە شۇنچە كېبىر - تەمەننا قويۇپ ، ھېچكىمنى كۆزگە ئىلماسلىقىنىڭ ، ئاغزىدىن قۇرۇق گەپ چۈشمەسلىكىنىڭ ، كۆرەڭلەپ تېرىسىگە پاتماي يۈرۈشىنىڭ سەۋەبى زادى نېمىدۇر؟

    كۈمۈش يالىتىلغان ئېشەك تېزىكى ئۆمىكىنىڭ مەخپىيەتلىرىنىڭ ئۈچىنچىسى مانا بۇ يەردە . پەرىشتىلەر مۇنداق بىشارەت بەرگەن ، بىز ئۇنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەيلى :

    19 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى زامانلىرىدا پادىشاھ بەشىر شىھاب بىر توپ كىشىنى ئەگەشتۈرۈپ لىۋاننىڭ تاغ جىلغىلىرىدا كېتىۋېتىپ ، فارىدبەكنىڭ بوۋىسى مەنسۇرنىڭ تۇرالغۇسى جايلاشقان كەنتكە يېقىن جايدىن ئۆتۈپ قالدى . ئۇ كۈنى ھاۋا بۆلەكچە ئىسسىق بولۇپ ، قوياش زېمىننى گويا ھېلىلا ھاپ قىلىپ يۇتۇۋېتىدىغاندەك دەرىجىدە قىزدۇرۇۋەتكەنىدى . پادىشاھ ئاتتىن چۈشۈپ ئاكابىر - ئەشرەپلىرىگە دېدى :

    - ئاكابىر - ئەشرەپلىرىم ، قېنى كېلىڭلار ، ئاۋۇ دەرەخنىڭ سايىسىدا بىردەم سەگىدىۋالايلى !

    بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان مەنسۇر دېھقانلارنى چاقىرتىپ كېلىپ : «پادىشاھ ئۇلارنىڭ كەنتىنىڭ يېنىغا چۈشكۈن قىپتۇ» دېدى . دېھقانلارلار ئەنجۈر ، ئۈزۈم ، سۈت - پىشلاق ، مەي - شاراپ ، شىرنە - ھەسەللەرنى كۆتۈرۈشۈپ مەنسۇرنىڭ كەينىدىن ھېلىقى دەرەخنىڭ يېنىغا كەلدى . پادىشاھنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئېڭىشىپ شاھنىڭ تون - سەرۇپايلىرىنىڭ پەشلىرىنى ئۆپۈشتى ، ئاندىن قويدىن بىرنى بوغۇزلاپ ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ ۋارقىراشتى :

    - بۇ بىزنىڭ شاھىمىز ، ئاللاھ ئىگەم بۈگۈن بىزنى مۇشۇ كاتتا ئىلتىپاتقا نائىل قىپتۇ .

    مەنسۇرنىڭ شۇ قەدەر مەرد - سېخىيلىقىنى كۆرگەن پادىشاھ چەكسىز مەمنۇن بولدى ۋە شۇئان بىر يۈرۈش تون - سەرۇپاي ئىنئام قىلىپ دېدى :

    - شۇنداق پەرمان قىلىمەنكى ، بۈگۈندىن ئېتىبارەن سەن مۇشۇ كەنتكە ئاقساقال بولدۇڭ ، كەنتىڭدىن ئېلىنىدىغان بۇ يىللىق غەللە - پاراق كەچۈرۈم قىلىندى .

    شۇ كۈنى كېچە پادىشاھ كەتكەندىن كېيىن پۈتۈن كەنت ئەھلى ئاقساقال مەنسۇرنىڭ ھويلىسىغا توپلىنىپ ، ھەممىسى بىر ئېغىزدىن مەنسۇرنى يولباشچىمىز دەپ ئاتاشتى ، ئۇنىڭ بىلەن ھەمنەپەس ، تەقدىرداش بولۇشقا ئەھدۇ - پەيمان قىلىشتى .

     

    ※          ※            ※

     

    كۈمۈش يالىتىلغان تېزەك ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ ئىچى غال - غال ، تېشى پال - پال ، قىلىقلىرىنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ . مەخپىيەتلىكلىرىنىڭ سانى يوق . ھەر كۈنى ۋە تۈنى لەنىتى ئىبلىس بىزگە ئۇلارنىڭ ئەپتى - بەشرىسىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ ، كۈن بىزنى تۈن قوينىغا ئۇزىتىپ قويغۇچە سىلەرگە بۇنى ئاشكار ئېتەيلى . مانا شۇ تاپ يېرىم كېچە پەيتى بولۇپ تۇرۇپتۇ ، كۆز قاپاقلىرىمىز تۈن كېچىلەردە ئۇيقۇدىن بىدار بولۇشتىن ئاللىقاچان بەزدى ، بىزگە ئەمدى كۆزلىرىمىزنى بىردەم بولسىمۇ يۇمۇۋېلىشقا ئىجازەت بېرىڭلار ، چۈش كېلىنچەكلىرى روھلىرىمىزنى تېخىمۇ پاكىزە بىر دۇنياغا باشلاپ بارسا ئەجەپ  ئەمەس .

     ___________________________________________________________

    ئىزاھات :

    ① ئەمىن جۈنەيد : (1756 – 1840 ) – سۈرىيىلىك شائىر .

    ② ئەبۇ نۇۋاس (تەخمىنەن 762 – يىلىدىن 814 - يىلىغىچە) – ئەرەب ئابباسىيلار سۇلالىسى دەۋرىدىكى شائىر . ئۆزى شاراپقا ئامراق بولغاچقا ، ھەمىشە مەي – شاراپ ھەققىدە نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان . شۇڭا ئۇنىڭ «مەي شائىرى» دېگەن نامى بار . ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى ھېسسىيات بەكمۇ ئەركىن ، ئىشلەتكەن تىللىرى ناھايىتى گۈزەل بولۇپ ، ئەنئەنىۋى شېئىرىي شەكىللەرنى بۇزۇپ تاشلاپ ، ئەرەب شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭىچە ماكان ھازىرلاپ بەرگەن . ئۇنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان زامانغا ۋە كېيىنكى زامانغا بولغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ .

    ③ ئانتارا (525 - 616) – قەدىمكى ئەرەب چەۋەندازى .

     

    خەنزۇچە «جىبران كلاسسىك نەسىرلىرىدىن جەۋھەرلەر»ناملىق كىتابتىن

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.