چارە ـ تەدبىر مەنبەسى

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-11 21:18:09

چارە ـ تەدبىر مەنبەسى ئالىجو كارپېنتېر (كۇبا) بۇ روماندىكى باش قەھرىماننىڭ ئىسمى يوق، كىشىلەر تەرىپىدىن «بۇيرۇق چۈشۈرگۈچى» ياكى «1 ـ نومۇرلۇق ئەمەلدار» دەپ ئاتالغىنى ـ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى م...

    چارە ـ تەدبىر مەنبەسى
      ئالىجو كارپېنتېر (كۇبا)

      بۇ روماندىكى باش قەھرىماننىڭ ئىسمى يوق، كىشىلەر تەرىپىدىن «بۇيرۇق چۈشۈرگۈچى» ياكى «1 ـ نومۇرلۇق ئەمەلدار» دەپ ئاتالغىنى ـ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ مۇستەبىت ھۆكۆمرانىدۇر. مۇشۇ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە بۇ «1 ـ نومۇرلۇق ئەمەلدار» ئۇزاق مۇددەتكىچە پارىژدا تۇرۇپ، فرانسىيىنىڭ ماددىي بۇيۇملىرى ۋە مەدەنىيەتىگە باش ئۇرۇپ، پارىژدىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلار بىلەن ئىجتىمائىي ئالاقە قىلىپ، ھەمىشە تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن ئۆز دۆلىتىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى چۆكۈرىدۇ. ئۇ پارىژدا ئاۋات تۇرالغۇ جايغا ۋە سان ـ ساناقسىز مال ـ مۈلۈكككە ئىگە بولۇۋالىدۇ. بىر ئاسما كارىۋاتتىن تاشقىرى، ئۆي جاھازىلىرى پۈتۈنلەي ياۋروپاچە ياسىلىدۇ. ھەتتا سۆزلىگەندىمۇ پۈتۈنلەي فرانسۇزچە سۆزلەيدۇ. ئۇ ھەتتا فرانسۇز تىلىدىكى قوپال سۆزلەرنىمۇ ئۆز دۆلىتىنىڭ تىلىدىن يېقىملىق، دەپ ھېسابلايدۇ. نەچچە ئوكيانلار ئارقىسىدا قالغان يىراقتىكى ۋەتىنىنى كونترول قىلىشتا، پۈتۈنلەي قول ئاستىدىكى بەزى ئىشەنچىلىك ئەمەلدارلارغا تايىنىدۇ. بۇ ئەمەلدارلار دۆلەت ئىچىدە ئۆز بىلگەىنىنى قىلىپ، بىر ـ بىرىنى چەتكە قېقىپ، خەلقنى پاجىئەلىك ئازاب ـ ئوقۇبەتكە گىرىپتار قىلىدۇ. قول ئاستىدىكىلەرنىڭ يىرگىنىشلىك ئىشلىرى بەزىدە ئۇنىڭغا ئاڭلانسىمۇ، ئۇ پەقەت ھۆكۈمرانلىق ئورنۇمنى تۇتۇپ تۇرساملار، خەلقنى قاقتى ـ سوقتى قىلىپ بەدخەجلىك قىلالايمەن، دەپ ھېسابلايدۇ.
      بىر كۈنى ئۇشتۇمتۇت ئۇنى چۆچۈتىدىغان: قول ئاستىدىكى گالۋان يېڭى كوردوۋادا قوراللىق توپىلاڭ قوزغاپ «1 ـ نومۇرلۇق ئەمەلدار» نىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇماقچى، دېگەن بىر خەۋەر كېلىدۇ. بۇنى ئاڭلاپ ئىچى تىتىلداپ، غەزەپكە كەلگەن «بۇيرۇق چۈشۈرگۈچى» دەرھال ئايروپىلان بىلەن ۋەتىنىگە قايتىپ توپىلاڭنى پۈتۈن كۈچى بىلەن باستۇرىدۇ. بۇ قېتىمقى قوراللىق توپىلاڭ يەنىلا ھۆكۈمرانلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى پۇت تېپىشىش دائىرىسىگە كىرگەچكە، تېزدىنلا تىنچىتىلىدۇ. «1 ـ نومۇرلۇق ئەمەلدار» ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تازىلاش ۋە ئۆچ ئېلىش تەدبىرىنى قوللىنىپ، قول ئاستىدىكى تازا ساداقەتمەن ئەمەس، دەپ ھېسابلىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى جازالايدۇ، بەزىلىرىنى ھەتتا كانارغا ئېسىپ ھايۋانلارنى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۈرىدۇ. نۇرغۇنلىغان گۇناھسىز پۇقرالار بىلەنمۇ چېتىشلىقى بولغان بۇ زوراۋانلىقتا ئۆلگەن كىشىنىڭ كۆپلىكى قوللىنىلغان تەدبىرنىڭ ۋەھشىيىلىكى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈۋېتىدۇ. ياۋروپادىكى گېزىت ـ ژورناللار بۇ خىل مىسلىسىز پاجىئەلىك مەنزىرنى ئارقا ـ ئارقىدىن خەۋەر قىلىدۇ ھەتتا رەسىملىرىنىمۇ قوشۇپ چىقىرىدۇ. دۇنيا جامائەتچىلىكى بۇ زوروۋانلىق قىلمىشقا ئارقا ـ ئارقىدىن نارازىلىق بىلدۈرىدۇ. «1 ـ نومۇرلۇق ئەمەلدار» قانداق قىلىشنى بىلمەي قالىدۇ ـ دە، ياۋروپاغا قايتىشقا جۈرئەت قىلالماي، ئۆز دۆلىتىدە قېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
       دۇنيا ئۇرۇشى پارتلايدۇ، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى بۇ دۆلەت ئۇرۇشقا قاتناشمىغان بولسىمۇ، تەلىيى ئوڭدىن كېلىدۇ. چۈنكى چەت ئەل كاپىتالىستلىرى ئۆز كاپىتالىنى ئارقا ـ ئارقىدىن بۇ جايغا پاي قوشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قەھۋەنىڭ باھاسى جىددىي ئۆرلىگەچكە، بۇ دۆلەتتە باشقىچىلا گۈللىنىش مەنزىرىسى بارلىققا كېلىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسىنى خاتا ھالدا دانىشمەن ھۆكۈمرانلىقىمنىڭ نەتىجىسى دەپ ھېسابلىغان «1 ـ نومۇرلۇق ئەمەلدار» ھەر كۈنى كىشىلەردىن ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنى مەدھىيىلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماختاش سادالىرى ئىچىدە بىخۇدلىشىپ ھەممىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئۆزىنى دەرىجىدىن تاشقىرى ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئادەم، دەپ قارايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى مىنىستېرلىكلەرنىڭ مىنىستېرلىرىنى بىر ـ بىرلەپ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، ھەممىسىنى ئۆزى قوشۇمچە ئۈستىگە ئېلىپ، زور ھوقۇقلارنى ئۆزىگىلا مەركەزلەشتۈرۈۋالىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇ ئاغزىغا كەلگەننى سۆزلەپ، پۈتۈن مەملىكەت يېزىلىرىنى تېزدىن شەھەرگە ئايلاندۇرۇپ، دۆلتىنى دۇنيادىكى ئەڭ باي مەملىكەتكە ئايلاندۇرماقچى بولىدۇ.

     ياخشى كۈنلەرنىڭ ئۇزۇنغا بارمايدىغانلىقىنى كىم بىلسۇن ، دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىش بىلەنلا، قەھۋەنىڭ باھاسى تېزدىن تۆۋەنلەپ ئىگلق ئىگىلىكى خاراپلىشىپ، ئاخىر ئومۇمىيۈزلۈك ۋەيران بولۇشقا دۇچ كېلىدۇ. دۇنيادىكى تەرەققىيپەرۋەر ئىدىيە ئېقىمى بۇ دۆلەتكىمۇ ئېقىپ كىرىپ، خەلقنىڭ ئاڭ سەۋىسيىسى تېزلىك بىلەن يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلايدۇ. نەتىجىدە خەلق جەمىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلغۇچى كۈچنىڭ «بۇيرۇق چۈشۈرگۈچى» ۋە ئۇنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىدىن كېلىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ ۋە غەزىپى ئۆرلەپ، بىرى باشلامچىلىق قىلسا مىڭى ئەگەشكۈدەك ھالغا كەلگەن ئامما قوزغىلىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىدۇ.
        گېزىتلەردىمۇ «1 ـ نومۇرلۇق ئەمەلدار» غا زەربە بېرەيلى، دېگەن ماقالىلەر ئېلان قىلىنىدۇ. بەزى ياشلار ئۇنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ. ئىشچىلار كەڭ كۆلەمدە ئىش تاشلايدۇ. قول ئاستىدىكى كىشىلەرمۇ ئارقا ـ ئارقىدىن ئۇنىڭغا قارشى چىقىدۇ. شۇنداق قىلىپ، مەملىكەت بويىچە ياڭرىغان جازا يۈرۈشى ساداسى ئىچىدە ئۇنىڭ تەختى تېزلا گۇمران بولىدۇ. ئۇ تەختى گۇمران بولۇش ھارپىسىدا ئۆزىلا ئايروپىلان بىلەن قېچىپ يەنە پارىژدىكى ھېلىقى ئاۋات جايىغا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ يەردە ئۆز جېنىنى ئاسراپ، تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆزىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى ئۇسلۇبىدىكى ھېلىقى مۈلكى ت ئاسما كارىۋىتىدا ئۇخلاپ ئۆمرىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

       ياقۇپ قۇربان تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.